Issuu on Google+

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ‬ ‫ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﯘﻏﺮﺍ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ‪ :‬ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪Yawuz‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯩﻞ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ۋﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ» ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ« ﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﯗﻡ ۋە ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪﯨﻢ‪ .‬ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﻨﯩﺶ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﯘ‪،‬‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ‪ .‬ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ۋە ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﯟﻯ‬ ‫ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻳﻪﻧﯩﻼ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎھﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﺩﺍﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ۋەھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ ﺑﯘ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ» ﺋﯩﺴﻼﻣﭽﯩﻼﺭ‪ -‬ﭼﻮﻣﺎﻗﭽﯩﻼﺭ« ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ۋە ھﺎﺯﯨﺮ »ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ«‬ ‫ﺩەپ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺵ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯧﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ‬ ‫ۋە‬

‫ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ‬

‫ﺋﯧﻠﯩﭗ‬

‫ﺑﯧﺮﯨﺶ‬

‫ھﻪﺗﺘﺎ‬

‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬

‫ۋەﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋەﺭ‬

‫ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﻤﯘ‬

‫ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ‬

‫ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﺟﯜﺭﺋﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻪﺯﺭﯨﺘﯩﻢ)ﺗﯚۋەﻧﺪە‪ -‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺩەپ ﻳﺎﺯﯨﻤﻪﻥ( ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯘ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﻪﺗﻨﻪپ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎﻣﻤﯘ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺩەﺭﺩﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯ ﺗﺎﺭﺗﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻢ‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻤﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ‪ -‬ﻳﻮﻕ‪ ،‬ﻛﯚﺭﯛپ‬ ‫ﺑﯧﻘﯩﺸﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ‪.‬‬ ‫‪1‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪:‬‬ ‫ﺩﻭﻛﺘﯘﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﯘﻏﺮﺍ‬ ‫‪ -1984‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻧﻘﻪﺭە‪ -‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ‪.‬‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﺪەﻙ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﭼﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﭼﻪﺕ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻱ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﺎﻻﻕ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ۋە ﺧﻪۋەﺭﻟﯩﺸﯩﺶ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻨﻤﯘ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﺑﯘﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ‪ ،‬ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺯﯗﻟﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯚﻟﮕﯜﺩەﻙ ﻗﻮﺭﻗﯘﺗــﯘپ ﺋﯘﻧﻰ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯘﺟﯘﻗﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‬ ‫ھﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﻗﺎﻻﻗﻠﯩﻖ ۋە ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ‪ -‬ﭼﻮﻣﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﻪگ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺩﯨﻨﻨﻰ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﺸﻜﻪ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺳﻮﺩﺍ‬ ‫ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ۋﺍﺳﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ )ﮔﯧﺰﯨﺖ‬ ‫ژﻭﺭﻧﺎﻝ( ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩە ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ‬ ‫ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻳﺎﺵ ﻣﯘﺩەﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ۋە ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯨﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ‪ -‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎۋﺍﺗﻠﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ‪ -‬ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯚﺗﺎڭ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻪگ‪ -‬ﻻۋﻳﻰ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﯛﺵ ﻛﯘﺭﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻧﻪﭘﺮەﺗﻠﯩﻨﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪھﻜﯘﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺖ ﺯﺍﻟﯩﻢ ﺧﻪﻧﺰﯗ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ۋەﻛﯩﻠﻰ‬ ‫ﺩەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ۋە ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺯﺍﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﮔﯚﺭﯛﻛﻪﺵ‪ ،‬ﺟﺎﺯﺍﻧﯩﺨﻮﺭ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﭽﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ۋە ﺋﺎﻧﺪﺍ‪-‬‬ ‫ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪۋﺝ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪2‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯩﭽﺎﺭە ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯧﺰﯨﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﺴﯘﻥ!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ‪ -‬ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯟﺍڭ‪ -‬ﺳﯧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻮﭘﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﺩە‬ ‫ﺗﻮﻗﺴﺎﻧﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﯩﺰ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍھﺎﻝ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﭼﯩﺪﯨﻐﯘﺳﯩﺰ ھﺎﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﻟﯟﺍڭ ﻗﻮﻳﺴﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﭼﻮﻣﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﻥ ﻗﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ »ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ« ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﯟﺍڭ‪-‬‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ‬ ‫ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﺎﺵ ﺗﺎﻟﯩﭗ ۋە ﻣﯘﺩﺩەﺭﯨﺴﻠﻪﺭﺩە ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﯘﭘﻤﯘ ھﻪﺝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺭەﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩە‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ھﻪﺟﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ‪ -‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯘﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ‪ -1913‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ »ﻣﻪﺗﻠﻪﺋﯘﻝ ھﯩﺪﺍﻳﻪﺕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯘﭼﺎ ۋە ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﺎﻱ‪ -‬ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ۋە ﻗﯘﺷﯘﻣﭽﻪ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﻳﯚﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯩﻞ‪-‬‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‪ ،‬ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ۋە ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺧﯘﺳﯘﺳﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ۋە ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫���ﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻮﯕﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﺎﻗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻕ‪ -‬ﻗﺎﺭﯨﻨﻰ ﭘﻪﺭﻕ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ۋە ﻏﻮﻟﺠﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ۋە ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺋﺎﺑﺪﯨﻜﯩﺮﯨﻢ ھﺎﺟﻰ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪە )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻛﯧﯖﻪﺷﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ(‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺟﻪﻟﭗ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﺩەۋﯨﺮﺩە ﮔﯧﻼۋﺧﯘﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎۋﺍﺭە ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﺋﺎھﺎﯕﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺭﯦﺸﯧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺵ‪ ،‬ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺑﺎﺭﺍۋەﺭﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ‬ ‫ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻥ‬ ‫ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻱ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯚﺯ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﻰ ﺩەپ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ‬ ‫‪3‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ۋە ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭ ﭘﺎﭼﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﻯ ﺷﯚﺗﺎڭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻠﻪﺭ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ھﻪﻳﺪەپ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺭھﯘﻡ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺳﯜﻳﯩﻘﻪﺳﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺟﺎھﯩﻠﻠﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺧﺎﻡ ﺧﯩﻴﺎﻝ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺪﻯ‪ .‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﺩﺩەﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ۋە ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭ»ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ﻳﻮﻟﻰ‪ ،‬ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻼﺵ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﭼﯚﭼﻪﻛﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺭﺍﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﺪﯨﻦ ﺩﯨﻨﻰ ﺩەﺭﺱ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺳﻪﻧﻪﺩ )ﺩﯨﭙﻠﻮﻡ( ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺗﯩﯔ‪-‬ﺗﯩﯖﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪ -1930‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯘﭼﺎ‪ ،‬ﻛﻮﺭﻻ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ‪،‬‬ ‫ﭼﯚﭼﻪﻙ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ۋە ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻱ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ‪:‬‬ ‫‪ (1‬ﺗﯩﻨﭻ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺴﻴﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎﺭە ﻳﻮﻕ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺑﯘﻟﯘﺵ‬ ‫ﻻﺯﯨﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﺍ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ )ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ(‪.‬‬ ‫‪ (2‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ ۋە‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺭﻭھﻰ ھﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ‪.‬‬ ‫‪ (3‬ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻨﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼپ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ‪ ،‬ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﺭﺍﺯۋﯦﺪﻛﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪ -1931‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -6‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ‪ ،‬ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻡ ۋە ﺗﯘﺳﯘﻣﻤﻪﺕ ﺋﺎﺧﯘﻧﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺋﻪﺯﺍ‬ ‫ﺗﻮﭘﻼﺵ ۋە ﻣﻪﺧﭙﻰ ﺭەۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﺭﺍۋﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪4‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﺪە ﻛﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻛﯜﭼﻰ ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﻤﻰ‬ ‫ۋە ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﻪڭ ﺗﯜﺭﺩە ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ۋەﺯ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭ‬ ‫ﺗﻮﭘﻼپ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜچ ھﺎﺯﯨﺮﻻﻳﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻳﻪﻛﻪﻥ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺕ ۋە ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﭽﯩﺶ ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻗﯘﻻﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭﯛپ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ‪ 130‬ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻗﻮﺭﺍﻝ ھﺎﺯﯨﺮﻻﺵ ۋە ﻗﻮﺭﺍﻝ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‪ ،‬ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ‪-‬‬ ‫ﺳﻮﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭﭼﻰ ﺩﯗﻛﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯧﻠﯩﭻ ۋە ﻧﻪﻳﺰە ﺳﻮﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ‪ ،‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺗﺎﻍ ۋە ﺋﯜﺟﻤﻪ ﺑﺎﺯﺍﺭ ﻏﻮﺟﺎﻡ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮۋﭼﻰ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ ھﻪﻡ ﺑﯘ ﻣﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ -1931 .‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻼ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺳﻪﺋﯘﺩﻯ ﺋﻪﺭەﺏ ۋە ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ۋە‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﯘﻟﯘپ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ‪ -1932 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -1‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﺋﻮﻳﺒﺎﻍ‬ ‫ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﺪە ﺋﻪﺯﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ھﯘﺟﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ‪ 130‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﻐﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﭼﯩﺪﯗ‪ .‬ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ‪ :‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ۋە ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﺵ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﺭەھﺒﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻳﻼﺵ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻴﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺗﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ ﻣﺎﻗﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻣﻪﺕ ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ‪ ،‬ﺳﺎۋﯗﺕ‬ ‫ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﻰ ۋە ﺩﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻐﺎ‪ ،‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪:‬‬ ‫‪ (1‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺕ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻛﯜﺗﻤﻪﻙ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪5‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫‪ (2‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ )ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻥ ﺋﯘﺩﯗﻝ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪(.‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺭﺍﻣﯩﺰﺍﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟ���ﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ ۋە ھﻪﺩﯨﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ۋەﺯ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﺎھﺎﺕ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪڭ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﺎﺩﺩﻯ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﭼﻮڭ‬ ‫ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﯜچ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮەﻛﻠﻪﺭ ھﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﻮﻕ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ‬ ‫ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯚﺕ‪ -‬ﺑﻪﺵ ﺩﺍﻧﻪ‪ ،‬ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮۋﭼﻰ ﻣﯩﻠﺘﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ‪ 20‬ﮔﻪ ﻗﻪﺩەﺭ‪ ،‬ﻧﻪﻳﺰە ﻗﯧﻠﯩﭻ ۋە‬ ‫ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﻤﻪﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭼﺎچ ﻗﯘﻳﯘپ‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ‬ ‫ﺳﻪﻟﻠﻪ‪ ،‬ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺗﻮﻥ ﻛﯩﻴﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ۋﺍﻗﺘﻰ ‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪ -2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -29‬ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺭ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەﺭﭼﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺑﻪگ ﻛﯧﻠﯩﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ۋە ﻗﻮﺷﻨﺎ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ۋە ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻻﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﺩەﺭھﺎﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ‬ ‫ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪-2‬‬ ‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -24‬ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﺘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺧﻪۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﻟﮕﯜﺭەﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ‬ ‫)ﺋﻮﻳﺒﺎﻍ ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﯩﮕﻪ( ﺋﺎﺭﺍﻥ ‪ 68‬ﻛﯩﺸﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ ﻛﯧﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﺮﺩە‬ ‫ﻳﺎﻣﯘﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻳﺎﻣﯘﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ﺗﯘﺗﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﻼﺭ ﻳﺎﻣﯘﻟﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﻪﻧﺠﺎڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ‪ 12‬ﺳﻰ ﺋﯩﻠﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﭼﺘﻰ‪ .‬ﻗﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﺎﺵ »ﭘﻪﺗﻬﻰ« ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍپ ۋە ﺷﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﺪﯨﻦ ‪ 10‬ﻣﯩﯖﺪەﻙ ﺋﺎﺩەﻡ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻧﯧﻤﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻠﻤﺎﻕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻼ‪ -‬ﺋﺎﻟﻼ ﺩەپ ﺗﻮۋﻻپ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪﯗﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﻛﯧﭽﻪ ﺗﺎڭ ﺋﺎﺗﻘﯘﭼﻪ ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ‬ ‫‪ 1000‬ﺩەﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺯﺍۋﯨﻐﺎ‪ ،‬ﮔﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺷﻘﺎ )ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ھﺎﺟﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ‪(.‬‬ ‫ﻳﻮﻟﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﮔﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‬ ‫‪6‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺩەپ ﭘﯩﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﭘﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻤﺎﻱ ﭼﯚﻟﺪە ﻗﯘﻡ‬ ‫ﺩﯙۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯘپ ﺑﻪﺧﯩﺮﺍﻣﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚپ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺯﺍۋﺍﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﺑﯘﻏﯘﺯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻰ‬ ‫ﺷﻮﺋﺎﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯘﺗﻘﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﺩەﻙ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﭘﺎﻟﺘﺎ‪،‬‬ ‫ﻛﻪﺗﻤﻪﻥ‪ ،‬ﻧﻪﻳﺰە ۋە ﭼﻮﻣﺎﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﯧﺮﯨﭙﯩﺮەﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ‪ 200‬ﺩەﻙ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺳﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻱ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺒﺎﻝ ۋە‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺟﺎﺩﯗﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﯩﺪﯗ ۋە ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﻤﯩﺰ ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ۋەھﺸﯩﻴﻠﻪﺭﭼﻪ ﺟﺎﺩﯨﺪﺍ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﻣﻪﺕ‪ ،‬ﺗﺎﺭﻯ ﺑﻪگ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﻳﺎﻳﻼﻗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺩﺍۋﯨﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩەپ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺗﯩﻨﭽﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﻗﻮﺭﻗﻘﯘﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻗﯘۋۋەﺗﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺋﯜچ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﻮﻙ ۋە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺭﺍﻕ ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮە ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﻪﻧﺘﻪﻥ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍ ﻗﯘﻳﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ )ﺑﯘ ۋەﻛﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺩﺍﺩﺍﻣﻤﯘ ﺑﺎﺭ( ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯘﺵ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ‪»:‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ‪ ،‬ﻗﻮﺭﺍﻝ‪ ،‬ﺋﺎﺕ‪ -‬ﺋﯘﻻﻍ ۋە ﺟﺎﺑﺪﯗﻗﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺵ‪،‬‬ ‫ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﻤﺎﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯚﺯ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ‬ ‫‪7‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﺎﻝ‪ -‬ﻣﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﻏﻪﻧﯩﻴﻤﻪﺕ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻗﯘﺭﺍﻟﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ ﻳﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ھﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ‪ 10‬ﻣﯩﯖﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺧﻪۋﺭﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺷﺎۋۋﯗ ﺷﯘ ﺩەۋﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‪ ،‬ﻳﻪﻛﻪﻥ‪ ،‬ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ۋە ﮔﯘﻣﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺗﯘﻟﯘﻕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﺯﺍۋﺍﺩﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﺑﯩﺘﯩﻠﻼ‬ ‫ﻣﻪۋﻟﯩﯟﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ‪ 2000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﺧﯩﻞ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﺎﺯﺍ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪» .‬ﺋﯚﻟﺴﻪﻙ ﺷﯧﻬﯩﺖ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ﻏﺎﺯﻯ« ﺷﻮﺋﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﻪﺳﺴﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺳﻪﻟﺪەﻙ ﺑﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﻏﻼپ ﺋﺎﻕ ﻟﻪﯕﮕﻪﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩەﺭ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﺗﺎﺭ‪ -‬ﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺵ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﮔﯘﻣﺎ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﻰ‬ ‫‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪ -3‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -26‬ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﮔﯘﻣﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﻗﯘﻣﺮﺍۋﺍﺕ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﺪﻭﺗﻪﻱ‬ ‫ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨ��� ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﻠﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ«‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍپ ۋە ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻬﯧﻜﯩﻢ ھﺎﺟﯩﻢ ۋە ﺋﺎﺗﺎۋﯗﻟﻼ‬ ‫ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪە ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻼ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﯘﻣﺮﺍۋﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ ﭘﻪﺭﯨﺸﺎﻥ ھﺎﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ‬ ‫ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺷﻪھﻪﺭﺩە ﺩەھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻏﺎﻟﺠﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﺵ‪ -‬ﻗﯧﺮﻯ‪ ،‬ﭼﻮڭ‪ -‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﯦﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺑﯘﻻپ‪ -‬ﺗﺎﻻپ ۋە ﺋﻮﺕ ﻗﯘﻳﯘپ ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ ﺋﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﺪﺍ ‪ 450‬ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ۋە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﺭﺍﻱ‪-‬ﺩەﯕﻠﻪﺭ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﻪﺭ ۋەﻳﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﺎﺭﻻﺵ ﺑﯩﺮﻟﻪﯕﺰە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻛﭽﻰ ﺑﺎﺗﺎﺭﯨﻴﻪ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺗﯘﺭﯗپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻣﺮﺍۋﺍﺗﺘﯩﻜﻰ ﻏﻪﻟﺒﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪﻟﻪﻡ ۋە ﺋﺎﺗﺎۋﯗﻟﻼ ﺋﯩﺸﺎﻧﻨﯩﯔ‬ ‫‪8‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪە ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯜﺗﯜﺭﯛپ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﺑﻪﺷﺌﯧﺮﯨﻖ ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﮔﯘﻣﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﻪۋەﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﻗﻮﺭﻗﯘپ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻳﺎﻗﯘپ ﺋﺎﻣﺒﺎﻟﻨﯩﯔ ﻳﻮﻝ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻍ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺯەﺭﺑﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍپ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﮔﯘﻣﺎ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﻰ ﺧﻪۋﯨﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﻧﯘﺭ‬ ‫ﺋﻪھﻤﻪﺩ ۋە ﺳﯘﺑﯩﺴﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪۋﻟﯩﯟﯨﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ‪ 2000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﮔﯘﻣﺎ‪ -‬ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﻪﻛﻪﻥ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯜچ ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﺑﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﻘﺎ ﻗﻪﺩەﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪ -4‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -5‬ﻛﯜﻧﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﻨﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺋﻪﻟﻪﻡ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ »ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ« ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪-2 .‬‬ ‫ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﯩﻠﯩﻚ )ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ( ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ‬ ‫ﭘﻪﺭﻣﺎﻧﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻپ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍﻏﺎ ﺋﯩﻤﯩﺮ ھﻪﺯﺭەﺕ ۋە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ »ﺋﯩﻤﯩﺮ«‬ ‫)ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻥ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻼﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ )ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ( ۋە ﺋﯩﻤﯩﺮ‬ ‫ﺳﺎھﯩﺐ )ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪە ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ھﺎﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯘ‬ ‫ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻛﯜچ ﻳﻮﻟﻠﯩﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻛﯜچ ۋە ﺋﺎﻣﺒﺎﻟﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ -6 .‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -17‬ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﭼﺎﻗﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺯﯨﺒﯩﺮ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ‪ .‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺋﻪﺭﭘﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﻥ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﭘﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﺎۋﯗﺩﯗﻥ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺋﯚﺯ ﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﭘﺘﻰ‪ ،‬ﺑﺎۋﯗﺩﯗﻥ ﺑﻪگ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ‬ ‫‪9‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯘﻻﻳﻠﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘپ »ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻣﻮﻟﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺯﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﻟﻼ‪ -‬ﺋﺎﻟﻼ ﺩەپ ﺗﻮۋﻟﯩﺴﺎ‪» ،‬ﺑﯘﻻﺭ‬ ‫ﻧﯧﻤﻪ ﺩەپ ﺗﻮۋﻻﻳﺪﯗ« ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎۋﯗﺩﯗﻥ ﺑﻪگ »ﻧﺎﻥ‪ -‬ﻧﺎﻥ ﺩەﻳﺪﯗ« ﺩەپ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ »ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ« ﺩەپ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺭﻭﺯﯨﺴﻮﭘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺑﺎﻍ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﻮﭼﺎڭ( ﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﻮﻣﺎﻗﻼپ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻪﻡ )ﺷﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ( ۋﺍﻟﯩﻲ ﺑﯘﻟﯘپ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ۋە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺴﻼﻣﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﺎﺝ ﺗﯜﺯﯛﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺷﺮە )ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ(‪،‬‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺯﺍﻛﺎﺕ )ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﺮﯨﻘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ( ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ‪ ،‬ﺯﯨﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻪﻛﻜﻪ ﺗﻪﺗﯜﺭ ﻣﯩﻨﺪﯛﺭﯛپ ﺳﺎﺯﺍﻳﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺵ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﯜﺯﯨﻨﻰ ﻳﯚﮔﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻳﯜﺯﻯ ﺋﯘﭼﯘﻕ ﺑﺎﺯﺍﺭﻏﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺷﯜﻛﻜﻪ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺯﺍﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺩەﺭەﺧﻜﻪ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﯘﻟﯘﺵ ﺷﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﯘﺷﯘﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯚﻳﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﻴﯩﻢ‪ -‬ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﻮﻛﭽﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩەپ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﻰ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻧﻪﺭﺳﻪ‪ -‬ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ‪ -‬ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﺎﺧﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ‪ -‬ﺋﺎﺭﺍ ﺑﯚﻟﯜﺷﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ‪ ،‬ﻛﯚﻣﯜﺵ ۋە ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎھﺎﻟﯩﻖ‬ ‫ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺩﻭﺗﻪﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﯘﺳﺎﺩﯨﺮە ھﻪﻳﺌﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ھﺎﺟﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻳﯩﻐﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﯩﯔ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﻯ ‪ 10‬ﻣﯩﯔ ﺳﻪﺭ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻛﯜﭼﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﺪﺍ ‪ 1000‬ﺳﻪﺭﻟﻪپ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻣﺎﺋﺎﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻐﯩﻤﯘ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﯟﺍڭ ﺳﯧﻠﯩﻖ ﻳﯩﻐﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫»ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ« ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻕ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ھﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺗﻪﻟﯩﻢ‪ -‬ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻛﯚﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪» ،‬ﺋﯚﻟﺴﻪﻙ ﺷﯧﻬﯩﺖ‪ ،‬ﻗﺎﻟﺴﺎﻕ ﻏﺎﺯﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻮﺋﺎﺭﯨﻐﺎ ﺟﺎﻥ ﺩﯨﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﯘﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺵ‪ -‬ﺑﺎﺷﺘﺎﻗﻠﯩﻖ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻻڭ‪ -‬ﺗﺎﻻڭ ۋە ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺩەﭘﺴﻪﻧﺪە‬ ‫‪10‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯧﻤﺎ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻳﻮﻕ‪ ،‬ھﻪﺭﺧﯩﻞ‪ -‬ھﻪﺭ ﺭەﯕﺪە ﺋﯚﺯﻯ‬ ‫ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻭﭘﭙﺎ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﻳﯚﮔﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩەﺳﻠﻪپ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯘﺭﺋﺎﻧﻨﯩﯔ »ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺋﺎﻟﻼ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ۋە ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﭘﺎﺕ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﻪﺕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺭەﺳﻤﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ھﺎﺟﯩﻢ‬ ‫ﻗﺎﻳﻤﺎﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ﻛﯩﺸﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ھﺎۋﺍ ﺭەڭ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻢ‪ -‬ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺧﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ‬ ‫ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ )ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﯘﻟﭽﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪەﻙ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻞ‪ ،‬ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺳﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺭﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﭼﺎچ ﻗﻮﻳﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺭەﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ‪12‬‬ ‫ﺋﺎﺕ ﺳﻮۋﻏﺎ‪ -‬ﺳﺎﻻﻡ ۋە ﻛﯚپ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ‪ 2000‬ﺩﺍﻧﻪ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ ﻓﺎﻣﯩﺮ‬ ‫ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﻪﺭﻛﻪﺷﺘﺎﻣﻐﺎ ﺭﻭﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﺭﺍﻝ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺭﯨﻤﻪﻥ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە‪ 2000 -‬ﺳﻪﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﺑﯘ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮﭘﻰ ﺑﻪگ ھﺎﺟﻰ ۋە ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ھﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺭﻭﺱ‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ‪ 3000‬ﺳﻪﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺯﺍﻛﺎﻟﻪﺕ ﻗﯘﻳﯘﺵ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﺎﻡ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﭘﯩﻠﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻨﻰ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛۋﺍﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﻕ ﺧﻪﺳﯩﺪە ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﮔﯘﻣﺎ ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺘﯩﻘﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻥ ﺩﻭﺗﻪﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﻮﺳﻜﺎﻣﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭘﻮﺳﻜﺎﻡ ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺳﯘﺑﯩﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﻟﯩﯟﻯ ‪ 2000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ‬ ‫ﻛﻮﻧﯩﺸﻪھﻪﺭﮔﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺳﯘﺑﯩﺘﯘﻟﻼ‬ ‫ﻣﻪۋﻟﯩﯟﻯ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ »ﺷﯧﻬﯩﺖ« ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﻏﻪﺯەپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﺘﺎ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺋﯚﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﭙﯩﻠﻨﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻠﻰ‬ ‫‪11‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺑﯘﻟﯘپ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﯩﺘﺪﺍ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ‪ ،‬ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﺋﻮﻟﺠﯩﻐﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﮔﯘﻣﺎﺷﺘﯩﺴﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺭﯗﻟﯘڭ ‪ 100‬ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﻪﻟﺪﯗﻕ« ﺩەپ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﻤﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﺘﻪ ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەﻙ‬ ‫ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻤﯘ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ھﺎﭘﯩﺰ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ‪ 600‬ﺩەﻙ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ۋە‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻟﻴﯘﺭﯗﻗﺴﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺳﻮﺯﯗﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﺎﺵ ﺋﯩﻤﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘپ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ ۋە ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺭەپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﯛپ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ »ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ« ﺩەپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﺴﯩﺰ ﺗﺎﺷﻼپ ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻣﺎﺭﯗﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ‪ 100‬ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﻮﺳﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﻕ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﭙﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﺎﺯ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜﻥ‪ -‬ﺋﻪﺗﻪ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﺭﻗﻤﺎﯕﻼﺭ« ﺩەپ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻻﻧﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻘﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺭﺷﺎۋﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺪﯗ‪15 .‬‬ ‫ﻛﯜﻥ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻣﺎﺭﯗﻟﯘﯕﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻯ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻻﻳﻠﻰ ﺩەپ ﺋﺎﻕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺭﺍﻝ‪ -‬ﺟﺎﺑﺪﯗﻕ‪ ،‬ﺋﺎﺕ‪ -‬ﺋﯘﻻﻍ ۋە ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫‪12‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﺭﺍﻝ ۋە ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﻨﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﺧﻪۋەﺭ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﺎﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪ -6‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -16‬ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ‬ ‫ﭼﯚﻟﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ‪ 1000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻏﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺳﺎﻕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻗﺎﭼﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ‪ 400‬ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﻮﺭﺷﺎپ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﺋﻪھﻤﻪﺩﺧﺎﻥ ﻟﯜﻳﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤ���ﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ ۋە ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻛﻪﻥ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋە‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﯩﺘﻨﯩﺨﻮﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﺎ‪ -‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﻮﻟﻼپ‪» ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮ ﺗﺎۋﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺋﺎﺷﺘﻪﻙ« ﺩەپ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ‬ ‫ﺩەﻳﺪﯗ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪە ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻛﯜﺭەﺵ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« )ﻣﯘﺟﺎﺩﻳﻠﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﺍﺗﻲ( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ۋە ﻏﺎﻳﻪﺕ ﭼﻮڭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ۋەﻗﻪ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜچ ﺗﻮﭘﻼپ ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯜچ ﺑﯩﺮ‪-‬‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯘپ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺯەﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ۋە ﺯﻭﺭ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ‬ ‫ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ ۋە ﺑﻪﺵ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ھﯧﭻ‬ ‫ﻛﯜﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ«‪.‬‬ ‫‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪ -7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -17‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ۋە ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ‪ 2000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻐﺎ‪»:‬ﺑﯩﺰ ﺳﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺸﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻤﻐﺎ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺭﯨﻤﯩﺰ« ﺩەپ ﺧﻪۋەﺭ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە‬ ‫ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ھﺎﭘﯩﺰﻧﻰ ‪ 500‬ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ﻗﻮﻳﯘپ‬ ‫‪13‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻣﺎﯕﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ۋە ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯚپ‬ ‫ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪» .‬ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻨﻰ‬ ‫ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻛﯜﭼﯜﻡ ﻳﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﺷﻨﻰ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ -‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﺳﺎﻕ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻴﺎﺯ ﺋﯚﺳﺘﯩﯖﻰ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗۋﺍﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪ -7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -22‬ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻻﺭﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ۋە ﺩﯨﻨﯩﻲ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎﯕﻐﺎ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ھﺎﭘﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯜﺭﻛﯩﻠﯩﺸﻠﻪﺭ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪-8 .‬‬ ‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -15‬ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ۋە ﺧﻪۋەﺭﺳﯩﺰ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ۋە ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻻپ‪ -‬ﺗﺎﻻپ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ھﻪﻳﺪەپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎچ‪ -‬ﻳﺎﻟﯩﯖﺎچ ھﺎﻟﺪﺍ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪ -8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -28‬ﻛﯜﻧﻰ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ھﺎﭘﯩﺰ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘۋﯦﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﺴﯩﺰﻻﻧﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ھﺎﭘﯩﺰ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ‬ ‫ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﺎﻥ ﻗﺎﺭﻯ ھﺎﺟﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻨﻰ ﮔﯘﻣﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺯﺍﯕﮕﯘﻳﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺎﻥ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛپ ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻏﻮﻻﻡ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻜﺘﯜﺭﯛپ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﺳﻪ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ھﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯘۋۋﯨﺘﻰ ‪ 3000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻛﯜچ ﺩەپ ﻳﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺧﻪۋەﺭ ﻳﻮﻟﻼپ ﻗﻮﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺩەۋەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﭘﯩﺰ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰ ‪-9‬‬ ‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -1‬ﻛﯜﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻨﯩﯔ ﺯﺍۋﺍ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﻏﻼپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪14‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ھﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻳﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ۋە‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ھﺎﭘﯩﺰ ﺷﯘ ﻗﺎﭼﻘﺎﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺩەﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﺘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ھﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﻏﯩﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗۋﺍﻟﯩﺪﯗ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯛپ ھﺎﭘﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺳﺎۋﯗﺭﺧﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﭘﻮﺳﻜﺎﻣﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ھﺎﭘﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻨﻰ ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﯕﻼپ ﻗﻮﺭﻗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻣﯘ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻧﻪﺯەﺭﺑﻪﻧﺪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﭘﻮﺳﻜﺎﻣﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺭەﺗﻠﻪپ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻳﻪﻛﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﻪﻛﻪﻧﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ -10‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -13‬ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﻳﻪﻛﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﯘپ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﻣﺎﺟﻪﻧﺴﺎڭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ‪،‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ۋە ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﭘﯩﻠﯩﻤﯘﺕ ۋە‬ ‫ﻣﯩﻨﺎﻣﻴﻮﺗﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﻪ ھﻪﺳﺴﻪ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﺪﺩەﺗﻠﯩﻚ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﻳﺴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﯘﻟﯘپ ‪ 400‬ﺩەﻙ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﺎﻣﯘﺕ‬ ‫ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻛﯚﻛﺮﺍۋﺍﺗﻘﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨ���ﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﺩﺍ‬ ‫ﻗﻮﺭﺷﺎۋﺩﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻛﻪ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺳﯧﭙﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻤﯘ ﺑﺎﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧﻰ ﻗﻮﺭﺷﺎۋﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﯗﺵ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭﻏﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ھﺎﭘﯩﺰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﺭﺷﺎۋﻧﻰ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﺎﺭﻣﺎ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪ 17‬ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﻘﺎ ﺗﯘﺗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﺭﺩﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩ )ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ(‬ ‫ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺷﯧﻬﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪23 .‬‬ ‫‪15‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ 4200‬ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚﻟﯩﺪﯗ ۋە ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ھﯧﭻ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﻪﭘﯩﺴﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯘ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻨﻰ‪ -‬ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺐ ۋە ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺩەپ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ﺩەھﺸﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎۋﻏﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺯ ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺕ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺸﻰ )ﻟﻴﻪﻧﺠﺎڭ( ھﺎﺷﯩﻢ‬ ‫ﺷﺎﻣﻪﺭﺩﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ۋە‬ ‫ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺳﺎھﯩﺒﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﻗﻮﺷﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﻠﻪپ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺐ ﺑﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺟﻪﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ‬ ‫ﻛﯧﺴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﺎﺷﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻡ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩﻘﺎﺏ ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻣﻪﻥ »ﺷﺎﻣﻪﻧﺴﯘﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﺗﻮﭘﻼپ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ۋﺍﻗﯩﺖ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯔ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﺳﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺳﯩﺮﻯ ﭘﺎﺵ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ‪ ،‬ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ۋە ﺧﯘﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯﻣﯘ ﻳﯜﺯ‬ ‫ﻛﯚﺭﯨﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎۋﯗﺕ‬ ‫ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ‪ ،‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻏﺎﭘﭙﺎﺭ ھﺎﺟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﺎﺗﻘﯘﺯﯗپ ﻗﯘﻳﯘپ ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺑﻪﮔﻨﻰ ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺳﯩﺠﺎڭ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪ -1934‬ﻳﯩﻞ ‪ -6‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -15‬ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺟﯘﯕﻴﯩﯖﻨﯩﯔ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 8000‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ‬ ‫ﺷﯩﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ۋە ﺭﻭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯەﺭﺑﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﻛﯧﺮﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ ،‬ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﯕﺨﯘﺍڭ ۋە ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﭼﯧﻜﯩﻨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻏﺎﻟﺠﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻥ ۋە ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺟﺎﻥ‬ ‫ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪڭ‪ -‬ﻛﯚﻟﻪﻣﺪە ﺑﯘﻻڭ‪ -‬ﺗﺎﻻڭ ۋە ﻗﻪﺗﻠﯩﺌﺎﻡ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺵ‬ ‫‪16‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﮔﻪ ھﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ‪-6 .‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -23‬ﻛﯜﻧﻰ ﺯﺍۋﺍ‬ ‫ﺳﻮﻗﯘﺷﯩﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﺧﯘﺳﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻪﺯﺭەﺕ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ‪ 300‬ﺩەﻙ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﻪﺭ‬ ‫ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﺗﻮﭘﻼپ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻣﺎﺧﯘﻥ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼپ ﻳﯜﺭﯛپ ﺋﺎﺭﺍﻡ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫‪ -1934‬ﻳﯩﻞ ‪ -7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -26‬ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ‪ 20‬ﺩەﻙ ھﻪﻣﺮﺍھﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ« ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺳﯩﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭ ۋە ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ‬ ‫ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺑﯩﺮ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﯘﻟﯘپ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎﺭﺍﺯﻯ ﺑﯘﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻣﯘ ﻳﯘﺷﯘﺭﯗﻧﭽﻪ ﺑﯘ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ‬ ‫ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺋﯧﻠﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ۋە ﺋﯩﺴﺘﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻏﯘﻻپ ﭼﯜﺷﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﺍﺯ ﺑﯧﻚ ۋە ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩە ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ »ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ« ﻗﯘﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﻐﺎ‬ ‫ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﺑﻪﺯﻯ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﯩﻠﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ۋە‬ ‫ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻡ ‪ -1933‬ﻳﯩﻞ ‪-11‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-12‬‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ »ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ« ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺭەﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺩەپ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺧﻮﺟﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ‪ ،‬ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ ۋە ﭼﻮڭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘپ‬ ‫ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﯘﻧﻰ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ :‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ‬ ‫‪17‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺪﯨﻴﯟﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ���ﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ھﻪﻳﺌﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﻪﺟﻬﯘﻝ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﺑﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬

‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩە‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ۋە ﻛﯜﺷﻜﯜﺭﺗﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻳﻮﻕ‪.‬‬ ‫ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ھﺎﻳﺎﺕ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻘﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻰ ۋە ﺩﯨﻨﻨﯩﻲ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ ۋە ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ‪ 25 -20‬ﻣﯩﯖﺪەﻙ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺑﻴﯩﻜﺘﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ )ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﻨﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﭼﻪ ﺧﻪﺕ ۋە ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ۋە ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻡ‪ -‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﻤﯘ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺝ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍﻣﯘ ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەپ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ۋەﺯﯨﻴﻪﺕ‪ ،‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻚ ۋە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺧﺎﺗﺎ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ »ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ«‪» ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪﺭ« ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻛﺴﯩﻨﭽﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﻮﻧﺎ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‪،‬ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺷﻪﺭﯨﺌﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﯨﻲ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ۋە ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ۋە ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ :‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺸﻰ ۋە ﺋﯩﻤﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ .‬ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ۋە ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ )ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﻻﺭ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻼپ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻨﻜﺎﺱ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﻪﺯەﻥ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ‬ ‫ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ )ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﻬﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﭘﻪﺭﺯ( ۋە ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‬ ‫ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ۋە ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻘﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪18‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻨﻰ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺩﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﯘﻕ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ -‬ﻛﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﺧﻼﻗﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﭘﻮﺳﻜﺎﻣﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە )‪ -1933‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -11‬ﺋﺎﻱ( ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ۋە ﻣﯩﻴﺎﻥ‬ ‫ھﻪﺳﻪﻧﺨﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺳﻮﺭﺍپ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ‬ ‫ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎۋﻏﺎﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻟﯘپ ﻳﻪﻛﻪﻧﺪە ﻳﻪﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻕ‪ -‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﯘﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯜﭼﻪ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ۋە ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﻳﻠﻰ‬ ‫ﻳﯘﺭﺕ ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻙ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﺎھﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎﺷﻜﺎﺭە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺳﯚﺯ‬ ‫ۋەﻗﻪﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﻼ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﻻﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﺋﯜﺯﯛﻣﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ‪ -‬ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ۋە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ‪-‬‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻛﯚﺯ‪ -‬ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﻪﻥ‪:‬‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﻝ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ‪ -‬ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﺩە‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ۋەﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺷﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﺩەپ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎ‪ .‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺶ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺯﯗﻟﯘﻡ ۋە ﺗﻪﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ‬ ‫ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ۋە ﺷﻪﺧﺴﻰ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ۋە ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ھﻪﻡ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﻛﯚﺭﯨﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ﻡ‪ .‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍﻧﯩﯔ »ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ«‪» ،‬ﭼﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ«‬ ‫ﺩەۋﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ۋە ﻗﯘﺗﺮﯨﺘﯩﺸﻰ ﺩەپ ﺑﺎھﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﯩﻠﯩﻚ ﻛﯚﺯ‪ -‬ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻦ‬ ‫‪19‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬ ‫" ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ " ﻧﯩﯔ ‪ -17‬ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ‬

‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬

‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‪-‬ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬

‫ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ‪-‬ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪- 2008‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-01‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-30‬ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ‪---‬ﺟﯩﻨﻪﻥ‬

‫‪20‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


Microsoft Word - xuten_qozghilingi_hqqede_eslime