Issuu on Google+

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ھﯧﻠﯩﻢ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ‪ :‬ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭﺑﯧﺘﯩﺪﻯ‪ niyazdixan‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪ ﻯ‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ۋەﺗﻪﻥ ﺳﯚﻳﻪﺭ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﭙﻪﺭۋەﺭ ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﺠﺎﺭەﺗﻜﻪ ﻣﺎھﯩﺮ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ‪ – 1882‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﯚﺯ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ‪ ،‬ﭼﻮڭ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺋﻪﻗﻠﻰ ﺋﯘﻟﻐﯩﻴﯩﭗ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻗﻮﻟﻘﺎﻧﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘﻏﻼﺷﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ۋﯗﺟﯘﺩﯨﺪﺍ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﭘﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻐﺎﻥ ۋە ﻛﯚﯕﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ – ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻧﺎ‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ھﺎۋﺍﻟﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﺰﯨﺰ ﺋﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯜﻛﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﻨﯩﯔ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯩﺠﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ‪ – 1916 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ۋە ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﻰ ‪ ،‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯ ﭘﯘﻟﻤﯘ ﺗﺎﭘﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﻰ ‪ ،‬ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚپ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﯩﻴﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ‪،‬‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺵ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ‪ .‬ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺳﯩﺪﯨﻖ ‪ ،‬ﺑﺎﻗﻰ ھﺎﺟﯩﻢ ‪ ،‬ﺋﯧﻼﺟﯩﻢ ‪ ،‬ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻗﺎﺭﯨﻢ ‪ ،‬ھﯧﻠﯩﻢ ھﺎﺟﯩﻢ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ‪ ،‬ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ ۋە‬ ‫ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻗﻮﺷﯘﺵ ‪ ،‬ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻨﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﻤﺎﻱ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﯩﯔ ‪50%‬‬ ‫ﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻏﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪ ،‬ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ‪ 50%‬ﻧﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻖ ‪،‬‬ ‫‪1‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ‬ ‫ﺑﺎﻱ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪ -1928‬ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ‪ – 1929 ،‬ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ‪ ،‬ﺑﺎﻗﻰ ھﺎﺟﯩﻢ ‪ ،‬ﺋﯧﻼﺟﯩﻢ ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﯨﻢ ) ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ (‪ ،‬ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ) ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ( ‪ ،‬ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ) ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺭەﺳﻤﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ ۋە ﺩەﺳﻠﻪپ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ » ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪ – 1935‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ‬ ‫ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ‪ ،‬ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﯩﯔ ‪ 50%‬ﻧﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ –‬ ‫ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﻼﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪ . 1‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ » ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ « ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺗﯘﺭﻛﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎۋﺍﻝ‬ ‫ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﻳﺎﻧﺪﺍپ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﺎﺭ ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﻳﯧﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪،‬‬ ‫ﺗﯚﺕ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻻ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﻮﻧﯩﺮﺍپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ‪ ،‬ﻳﯧﯖﯩﻼپ‬ ‫ﺳﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ – 1932‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﺷﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ) ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ( ﻧﻰ‬ ‫ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﺪﯗ ‪ .‬ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺗﭙﻪﺭۋەﺭ ‪ ،‬ﻳﯧﯖﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎھﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﻠﻪﺵ ‪ ،‬ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩﺪە ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ‪ – 1932‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻝ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﻯ ۋە ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ‪ ،‬ﻛﻪڭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻼپ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ‪10‬‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 2 ،‬ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ‪ – 1933‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺩ‬ ‫‪2‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﯜپ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺋﺎﭘﺮﯦﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ‬ ‫– ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﻨﯩﺶ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪەﻙ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﯩﺴﻼھ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ‪ ،‬ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ‬ ‫ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺗﯩﻞ‬ ‫) ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺗﯩﻠﻰ ( ﻣﺎﺗﯩﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ‪ ،‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮ ‪ ،‬ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ‪ ،‬ﻗﻮﻝ ھﯜﻧﻪﺭۋەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ‪،‬‬ ‫ھﯚﺳﻨﯩﺨﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﯨﻨﯩﻲ‬ ‫ﺩەﺭﺱ ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ھﻪﺭ ھﻪﭘﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺩەﻡ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪپ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ ۋە ﺋﯩﺴﻼھ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺩەﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ‪ ،‬ﺗﺎﺟﯩﻚ ‪ ،‬ﺧﯘﻳﺰﯗ ‪ ،‬ﺭﯗﺱ ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺳﺎﻧﻰ ‪ 300‬ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﺎﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺵ – ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻧﺎﻣﻰ » ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺗﺎﻟﻼپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ‪ -1933‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ – 1952‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺯەﻳﻨﻪپ ﻳﺎﻗﯘپ ‪ ،‬ﻧﯩﻐﻤﻪﺗﯘﻟﻼ ‪ ،‬ﻓﺎﺗﯩﺦ ﻳﯘﻧﯘﺱ ‪ ،‬ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﺧﺎﻧﺒﺎﺑﺎ ‪،‬‬ ‫ﺳﯜﻧﻨﻪﺗﯘﻟﻼ ‪ ،‬ﺭﺍﻣﺰﯨﻴﻪ ﺟﯩﻠﻘﯩﺒﺎﻱ ‪ ،‬ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﺎﺭﯗپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺳﺌﯘﺕ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ‪ ،‬ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ‪ ،‬ﺋﺎۋﯗﺕ ﺳﺎﺑﯩﺖ ‪ ،‬ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻗﺎﺩﯨﺮﻯ ‪ ،‬ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ‬ ‫ﺋﻪﻟﻰ ‪ ،‬ﻧﯘﺭەﺧﻤﻪﺕ ‪ ،‬ﻗﯧﻴﯘﻡ ﻗﺎﺳﯩﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﻣﯘﺧﭙﯘﻝ ‪ ،‬ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ‪ ،‬ﻗﺎﺳﯩﻤﺠﺎﻥ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ‪،‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﺠﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ –‬ ‫ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺧﻪﻣﯩﺖ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ‪ ،‬ﺧﻪﻣﯩﺖ ۋەﻛﯩﻠﻰ ‪ ،‬ﺟﻪﻣﯩﻠﻪ‬ ‫‪ ،‬ﻧﻪﺳﺮﯗﻟﻼ ﻗﺎﺭﻯ ﭘﻪﺭھﺎﺗﻰ ‪ ،‬ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ‪ ،‬ﭘﻪﺭﯨﺨﻪﺗﺘﻪ ‪ ،‬ﺭﺍﻣﺰﯨﻴﻪ ‪ ،‬ﺋﯩﻤﯩﻨﺠﺎﻥ ‪ ،‬ﻏﯩﻼﺟﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺋﻪﺑﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﺋﺎﺑﺒﺎﺱ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ھﺎﺟﻰ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺑﺎﺳﯩﺖ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺌﺎﻱ‬ ‫‪3‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫) ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﭽﻰ ( ‪ ،‬ﺗﯘﺭﻏﯘﻧﻘﺎﺭﻯ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەﺭ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺵ – ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﯜﺭەﻙ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻪﺭپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻣﻪﺭﯨﻠﯩﻚ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﯘﺵ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻜﻰ ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ۋەﻛﯩﻠﻰ ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻣﺘﯩﻤﯩﻦ ھﻮﺷﯘﺭ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺳﺎﺗﺘﺎﺭ ﻧﺎﺳﯩﺮﻯ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ ‪ ،‬ﺗﻪﻟﺌﻪﺕ ﻧﺎﺳﯩﺮﻯ ‪،‬‬ ‫ﺗﯘﺭﺳﯘﻧﻤﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﭙﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎھﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﯩﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻰ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪ – 1958 .‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﻪﻳﺪﯨﻨﭙﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪ – 5‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ ‪ ،‬ﻳﻪﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ‪ 22‬ﻣﻮﻏﺎ ‪،‬‬ ‫‪ 33‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 32 ،‬ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ‪ 5000‬ﻛﯘۋﺍﺩﯨﺮﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﻰ ‪ 100‬ﺩﯨﻦ‬ ‫‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﻰ ‪ 1000‬ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ‪ ،‬ﺗﯚﺕ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 2‬ﻗﻮﺭﻏﺎﺱ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺭە ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ » ﻧﯘﺭﯨﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ‪ .‬ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯜﺭەﺩە‬ ‫ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩە ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﻪﻥ – ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺷﻨﺎﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﭘﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ – 1934‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ‪ ،‬ﻛﯜﺭە ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ‬ ‫ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﺩﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ ،‬ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﺗﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﺷﯘﻻﺭ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻳﺌﻪﺕ ﻛﯜﺭەﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺑﺮﻭﻳﻠﯘﻕ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺷﻪﻳﺨﺰﺍﻣﺎﻥ ‪ ،‬ﺧﯘﺩﺍﺑﻪﺭﺩﻯ ﺑﺎﻱ ‪،‬‬ ‫ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻟﻮﺯﯗڭ ‪ ،‬ﺑﻪﻛﺮﻯ ﻏﺎﺯﻯ ‪ ،‬ﻣﺎﻣﯘﺕ ﺷﯜﯕﮕﯜەﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ‪ – 1934‬ﻳﯩﻠﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ۋە ﻛﯜﺭە‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺵ ‪ ،‬ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ ﭘﯜﺧﺘﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﻤﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﻪﭘﻪﺭۋەﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ 60‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﺎﺭۋﺍ ﻛﺎﺭۋﯨﻨﯩﻨﻰ ھﻪﺭﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ھﯘﻟﯩﻐﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫‪4‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺗﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪﯛﺭﺩﻯ ‪ .‬ھﻪﻳﺌﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﻏﺪﯨﻦ ﺗﺎﺵ ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ‬ ‫ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ‬ ‫ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ‪ ،‬ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ ‪،‬‬ ‫ھﻪﻳﺪەﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ‪ ،‬ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ۋە ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ ‪ – 1934 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ – 4‬ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ۋە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﺪﺍ ﺗﻪﯕﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻼپ ‪ – 1935 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻳﺪﺍ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ ﺑﯩﺮﻻ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺩﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺯﺍﻝ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻠﯩﻖ ) ﻛﺎﺭﺩﻭﺭﻟﯘﻕ ( ‪ 3‬ﺗﯩﻦ ‪ 6‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﭼﻮڭ ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺭﯗﺱ ﭘﺎﺳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﭼﻮڭ ﺗﺎﻡ ﻣﻪﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ۋە‬ ‫ﻛﯜﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺯﺍﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺋﻮﺕ ﻗﺎﻻﻧﺴﺎ ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﻳﯧﺮﻯ ﺗﻪڭ‬ ‫ﺋﯩﺴﺴﯩﻴﺘﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﭘﯜﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﻛﯜﺭە ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫‪ ،‬ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎپ ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻛﯜﺭەﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪،‬‬ ‫ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ھﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ۋە ﻛﯜﺭە ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﯜپ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺋﻪۋﻻﺩﻻﺭ ﻗﻪﻟﺒﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ – ﺋﯧﺮﭘﺎﻥ ﻧﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ‬ ‫ﻧﯘﺭﻻﻧﺪﯗﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ – ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ‪ » ،‬ﻧﯘﺭﯨﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ «‬ ‫ﺩەپ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﻰ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ‪ ،‬ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯚﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﺗﯩﻞ ‪ ،‬ھﯧﺴﺎﺏ ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ‪ ،‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ‪ ،‬ﺭەﺳﯩﻢ ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮ ‪،‬‬ ‫ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺱ ﺋﯚﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺩەﻡ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺩەﺳﻠﻪپ ﺗﻮﺧﺘﺎﺧﯘﻥ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ھﺎﺟﯩﻴﻮﻑ ‪ ،‬ھﺎﺟﻰ ﺋﻪﻣﻪﺗﭽﻮﯕﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺭەﭘﯩﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﺳﺎھﯩﭙﺠﺎﻣﺎﻝ ﺧﺎﻧﯩﻢ ‪ ،‬ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯩﻤﯩﻦ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺗﻮﺧﺘﻰ ‪ ،‬ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪،‬‬ ‫‪5‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ھﺎﺟﯩﻴﻮﻑ ‪ ،‬ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﯚﻣﻪﺭﯗﻑ ‪ ،‬ﻗﯘﺭۋﺍﻥ ﺧﺎﻧﯩﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﻰ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻻﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ‬ ‫ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﺎھﯩﺮﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯚﺳﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ » ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺋﻪﺧﻤﻪﺩﻯ ‪ ،‬ﺋﻮﺑﯘﻝ‬ ‫ﻗﺎﺳﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺳﯩﻦ‬ ‫ھﻪﺳﻪﻥ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﻛﻪﺭﯨﻤﻮﻑ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻢ ‪ ،‬ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻗﺎﺳﯩﻢ ‪ ،‬ﺳﺎۋﯗﺕ ﻗﺎﺳﯩﻢ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ 23‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 60 ،‬ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ‪ 700 ،‬ﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﺷﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ‪ 25 ،‬ﻣﻮ ﻳﯧﺮﻯ ‪ 1600‬ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ‪ 350‬ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ » . 3‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ‪ » -‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ‪ – 1936‬ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺩﯙڭ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ) ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ‪ – 22‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ۋە ‪ – 14‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﺭﻧﻰ ( ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺏ‬ ‫ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺯﺍﻝ ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﻰ – ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﺎﺧﺘﺎﻳﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﻯ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻟﯘﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ‪ ،‬ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﻪ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻜﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ‪ ،‬ﺭﻭﺳﭽﻪ ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﺘﺎ ﭘﺎﺷﺎ ﻏﻮﺟﺎﻡ‬ ‫ﻗﻪﻟﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ » ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ‪ – 3‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ‬ ‫ھﻪﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ۋﯦﯟﯨﺴﻜﺎ ﺋﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪ – 8‬ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺗﯩﻴﻰ ) ۋﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ( ﺗﯘﺩﺍﺧﯘﻧﺒﺎﻱ ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﭼﻴﯘ ﺳﯩﻠﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯚﺭە‬ ‫ﺋﯧﺘﻰ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎﻻﺳﻜﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ – ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ‪ 40‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﺎﭘﯩﺰەﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗپ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻟﯧﻨﺘﺎ ﻛﻪﺳﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩﻴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺧﯟﯗﻱ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﻳﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﺎ‬ ‫ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭەﻣﺒﺎﻏﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯜﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺷﻜﯚۋﺭﯛﻛﻜﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﺩەﻙ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ‪ .‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ‬ ‫ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ‪ ،‬ﺗﻮﭘﯩﭽﻰ ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ‬ ‫ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭﻻ ﺋﻮﻗﻮﻻﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫‪6‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫» ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ – ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯩﻞ ‪ ،‬ھﯧﺴﺎﺏ ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﻰ ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ‪ ،‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ‬ ‫‪ ،‬ﺑﻮﺗﺎﻧﯩﻜﺎ ‪ ،‬ﺭەﺳﯩﻢ ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮ ‪ ،‬ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ‪ ،‬ﻗﻮﻝ – ھﯜﻧﻪﺭۋەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩەﺭﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺱ ھﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺕ ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩەﻡ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﻛﻪﭼﻠﯩﻜﻰ ﺳﺎۋﺍﺕ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻟﯩﻖ ﺗﻮﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺳﺎﺯ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ‪ ،‬ﺭەﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺶ ‪ ،‬ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯘﺵ‬ ‫ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﻼﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﺎﺩەڭ ‪ ،‬ﺗﻪﺧﺘﯩﻴﻮﻥ ‪ ،‬ﺗﯧﺮەﻙ ﻣﺎﺯﺍﺭ ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻧﭽﻰ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ ،‬ﭼﺎﭘﭽﺎﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﻨﯘﻕ ‪ ،‬ﻛﺎﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺍ‬ ‫ﺋﯚﺳﺘﻪڭ ‪ ،‬ﻳﯧﯖﯩﺘﺎﻡ ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺘﻮﻗﺎﻱ ‪ ،‬ﺑﯚﻟﯜﻛﻪﻱ ‪ ،‬ﭼﯘﻟﯘﻗﺎﻱ ‪ ،‬ﻣﺎﺯﺍﺭ ‪ ،‬ﺳﯘﭘﺘﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻣﯘ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪ 50 – 40 .‬ﺗﻪﻙ ﺑﺎﻻ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻗﻮﭘﯘپ ﺋﻮﻗﯘﻳﺘﺘﻰ ‪» .‬‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺗﺎﻕ ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻕ ‪ ،‬ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻠﯩﻖ ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﻪﻣﺒﻪﻏﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﻴﯩﻢ‬ ‫ﻛﯧﭽﻪﻛﻠﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻙ‬ ‫ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻻپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻻ ﺧﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ۋە ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﯩﭽﻪ ﺧﯩﻠﻼﻧﺪﻯ ‪ – 1936 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺩﯨﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﯩﺮە‬ ‫ﺧﺎﻧﯩﻢ ) ﺗﺎﺗﺎﺭ ( ‪ – 1937 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺭﺍﺯﯨﻴﻮۋ ‪ – 1939 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ۋە ‪ – 1940‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬ ‫ﺗﺎھﯩﺮ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺭﻭﺯﺍﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ‪ ،‬ھﯧﺰﯨﻢ ﮔﯚھﻪﺭﺑﺎﻗﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﻧﺎﺳﯩﺮﻯ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﯦﻬﯩﻢ ﻳﯜﺳﯜپ ‪ ،‬ھﻪﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﻢ ‪ ،‬ﺷﺎﻛﯘﺭە‬ ‫‪ ،‬ﺳﺎﺭەﺗﺘﻪ ‪ ،‬ﻣﺎﺭﺯﯨﻴﻪ ‪ ،‬ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺳﺎۋﺩﺍﻧﻮپ ﺯﺍھﯩﺮ ‪ ،‬ﺋﻪﻧﯟەﺭﺑﯧﻚ ‪،‬‬ ‫ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺭﺍھﯩﻠﻪﻡ ‪ ،‬ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﻗﯘ – ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﻪﺟﯩﺮ‬ ‫ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛپ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪ 40‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﻮﻟﺒﺎ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ‪،‬‬ ‫ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺳﯩﻤﻰ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ۋە ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯩﺮﻯ ‪ 38‬ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ‬ ‫ﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺟﻪﺋﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺳﺎھﻪﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﯘپ ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺷﺎﻥ – ﺷﻪﺭەپ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ‪ .‬ﺷﯘﻻﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫‪7‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻚ ﺋﻮﻏﻼﻧﻰ ﻛﻪﻧﺠﯩﻴﻮﻑ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﺎھﯩﺮ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﺗﯘﺭﯗپ ﭼﺎۋﺷﻪﻧﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻛﻪﻧﺠﯩﻴﻮﻑ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻞ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﺧﺎﺱ ﭘﻪﻡ – ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﻰ ۋە ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻤﯩﺰ ۋە ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﯘﻗﯘﺭﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ‪ ،‬ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ۋە ﻣﯜﺷﻜﯜﻝ ۋەﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﯩﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ‪ ،‬ﺧﻪۋپ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﻳﻮﻟﯘﻗﯩﺪﯗ ‪ .‬ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ ؟ ﭘﺎﺭﺍﺷﻮﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﯘﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﻳﺎﺧﺸﯩﻤﯘ ؟ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﻣﯘ ؟ ﺋﯘ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺧﻪۋپ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪۋەﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﻳﺪﯗ ‪ .‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﻪﻗﯩﻞ – ﭘﺎﺭﺍﺳﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫‪ ،‬ﻣﺎھﺎﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﭘﻪﺳﺘﻪ ﺋﺎﻳﺪﯗﺭﯗﻡ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯗﭘﯩﻼﻧﻨﻰ ﺋﯘﺳﺘﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗپ ��� ،‬ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﻣﺎﻥ ﺋﯧﺴﻪﻥ ﻗﻮﻧﺪﯗﺭﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﮔﻪﺭﭼﻪ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﯘﺗﻰ ﺯەﺧﻤﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻪﺭﺑﺎﭘﻼﺭ ﺳﺎﻕ ﺳﺎﻻﻣﻪﺕ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺭﻭھﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺧﻪﻟﻖ ﭘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭼﺎۋﺷﻴﻪﻥ ۋە ﺟﻮﯕﮕﻮ ﮔﯧﺰﯨﺖ – ژﻭﺭﻧﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ‪،‬‬ ‫ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ھﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﻛﻪﻧﺠﯩﻴﻮﻑ ﺋﯩﺴﻤﺎﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﺎۋﺷﯩﻴﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫» ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺰ ﺳﯚﻳﯜﻧﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ‪.‬‬ ‫‪ – 1942 ، - 1941‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺗﻮﭘﯩﺪەﯕﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﭼﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ – 1954 ، - 1953‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ 7 ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 12 ،‬ﺷﯩﺘﺎﺕ ‪ 250 ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮ » ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 13‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ ‪– 1956 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ‪ » ،‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 9‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ » ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 22‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪– 1970 .‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﺮﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ ،‬ﺋﺎﭼﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﻖ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺷﯚﺑﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ -1988‬ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ 11 ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 16 ،‬ﺷﯩﺘﺎﺕ ‪،‬‬ ‫‪ 300‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ » ﺟﯩﺮﻏﯩﻼڭ‬ ‫‪8‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮ » ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 29‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ‪ – 1964‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ ﺋﻮﻗﯘپ ‪ ،‬ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪ – 1965‬ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯩﺮﻏﯩﻼﯕﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ – 1979‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ‪ 8‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 20 ،‬ﺷﯩﺘﺎﺕ ‪ 220 ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﯚﺑﻪ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﺯﯨﺮ » ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 14‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫» ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺋﺎۋﯗﺕ ﺳﺎۋﯗﺕ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﻪﺭ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ‪ 30‬ﻣﻮﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ‪ 68‬ﺷﯩﺘﺎﺕ ‪ 18 ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 800 ،‬ﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ‬ ‫‪ ،‬ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ‪ 2600‬ﻛﯟﺍﺩﺭﺍﺕ ﻣﯧﺘﯩﺮ ‪ 37 ،‬ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻡ ‪ ،‬ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ ،‬ﻗﯩﺮﺍﺋﻪﺗﺨﺎﻧﺎ ‪،‬‬ ‫ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺯﺍﻟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﺎﺭﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ھﺎﺯﯨﺮ ‪ 22‬ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻮﻏﺎ‬ ‫ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ 2 ،‬ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ۋە ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯜچ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ‪ 46‬ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ‬ ‫ﺑﯚﻟﯜﻡ ‪ ،‬ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ‪ 26 ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ‪ 60 ،‬ﺷﯩﺘﺎﺕ ‪ 1000 ،‬ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫» ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﺎﻟﻐﯩﺪەﻙ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻥ‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ‪ ،‬ﻳﯘﺭﺕ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ھﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯚﻙ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺋﯩﻤﺎﻣﻰ ھﯧﻠﯩﻢ ھﺎﺟﯩﻢ ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯧﻼﺟﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺭﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪە ‪ 5‬ﻣﻮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﻪﺭ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﯩﻐﺎ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ‪،‬‬ ‫ﺋﻪۋﻻﺩﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺭەﻗﻪﻡ ﺗﻪﺭﺗﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪڭ‬ ‫ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺗﻪڭ ﻗﻮﻟﻼﻧﺴﺎﻕ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺑﻮﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺩﯙڭ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ « ‪ – 1936‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﺸﺘﯜﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺳﺎھﻪﺳﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫‪9‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺭﯗﺳﺘﻪﻡ ‪ ،‬ﻣﺎھﯩﻨﯘﺭ ﻗﺎﺳﯩﻢ ‪،‬‬ ‫ﻏﻮﺟﯩﺨﺎﻥ ھﺎﻛﯩﻤﻮﻑ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻠﯩﺰﺧﺎﻥ ‪ ،‬ھﯜﺳﻪﻧﺠﺎﻥ ﺟﺎﻣﻰ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﺭﻭﺯﻯ ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺳﯧﻴﯩﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ‪30‬‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﺎﺭ ‪ ،‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ‪ ،‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻧﺎھﯩﻴﺴﻰ ‪ ،‬ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ‪ .‬ﺷﻪھﯩﺮﯨﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﺎﺭﯗپ ‪ ،‬ﺑﯘﺭھﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﻏﻮﺟﯩﺒﺎۋﯗﺩﯗﻥ ‪ ،‬ﺯﺍھﯩﺖ ﻣﻮﻟﻼﺧﯘﻥ ۋە‬ ‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯩﺰ ‪.‬‬ ‫‪ . 4‬ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﮕﻪ – ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ) ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﻚ ‪ – 11‬ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ( ﻧﻰ‬ ‫ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ‪ -1920 .‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻛﻪڭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯧﻜﯩﻨﺰﺍﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﻪﻙ ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ‬ ‫ﻛﻮﭼﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻛﯚﺟﯜﻡ ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ » ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ « ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ۋﺍڭ ﻗﺎﺩﯨﺮ ﺑﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ – 2 ، -1‬ﻛﻮﭼﺎ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺯﯨﻤﯩﻦ‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻗﻮﺭﯗ ﺟﺎﻱ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ ) .‬ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋﺍﻗﺘﯩﻨﭽﻪ ﻧﻪﻣﯘﻧﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﻱ ﺋﯩﺠﺎﺭە ﺋﻠﯧﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯨﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ‪ ( .‬ﺋﯘ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎۋﺍﺕ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ » ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﻪ « ﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﺘﻰ ۋە ﺑﯘ ﺋﻮﻳﻨﻰ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼپ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﻳﺪﻏﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﺧﯩﺮﺍﺟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﺎﻟﻐﯘﺩەﻙ ﺑﻮﺵ ﻳﻪﺭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﻠﯩﻖ‬ ‫ﻳﯧﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻣﻮ ﻳﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ – 1935‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ – 1936 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻕ‬ ‫ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ‪ 100‬ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺯﺍﻝ ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯜﭼﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ۋە ﻧﯘﺭﯨﻴﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﻏﻪﺭﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯚﻱ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﭽﯩﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛ���ﻪپ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﭼﻘﺎ » ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﺷﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺑﺎﺷﻼﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪10‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪڭ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ‪ ،‬ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﻼﺭ ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ۋە ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ‬ ‫ﻣﯘﺩﯨﺮﻯ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻗﻰ ھﺎﺟﯩﻢ ‪ ،‬ﺋﯧﻼﺟﯩﻢ ‪ ،‬ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ‪ ،‬ﻣﻪھﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻥ‬ ‫‪ ،‬ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﻼﺭﻣﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﻰ ‪ .‬ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﯨﻢ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻐﺎ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻧﯘﺭﯨﻴﻪ ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﭘﻪﻧﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ‪ ،‬ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩەﺭﺳﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺩەﺭﺱ‬ ‫ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ‪– 1936‬‬ ‫ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ – 1953‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺯﯨﻴﺎ ﻣﯘﺩﯨﺮ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻼ ﺯﺍﻛﯩﺮﻯ ‪ ،‬ﺳﯩﺮﺍﺟﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ‪،‬‬ ‫ﻧﯘﺭﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﻳﯜﺳﯜپ ‪ ،‬ﺋﻪﻟﭙﯩﻴﻪ ) ﺗﺎﺗﺎﺭ ( ‪ ،‬ﻧﯘﺭەﺧﻤﻪﺕ ‪ ،‬ﺭﻭﺯﻯ ﺳﺎﺑﯩﺖ ‪ ،‬ﺳﺎﺑﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺭﻳﻪﻡ ﺧﺎﻧﯩﻢ ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘﭘﺠﺎﻥ ‪ ،‬ﺭﯦﻴﻬﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺩﯨﺮ ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﻣﯩﺖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﭘﻪﺭﯨﺨﻪﺗﺘﻪ ‪ ،‬ۋەﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﺷﺎﻛﯘﺭە ‪ ،‬ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﺭﯗﺷﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ ،‬ﺧﯘﺭﺷﯩﺪەﻡ ‪ ،‬ﭘﺎﺗﯩﻤﻪ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ‪ ،‬ﺧﯧﻠﯩﭽﻪﻡ ﺷﻪﻣﺸﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻠﯩﺰ ﻣﯘﺧﻠﯩﺲ ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻏﻮﺟﺎ ‪ ،‬ﺋﯚﻣﻪﺭﺟﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﯩﺰﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 5‬ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ‪ .‬ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﺴﻰ‬ ‫‪ – 1936‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺋﯘﺩﯗﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﻍ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻐﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﭘﯜﺗﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﺎﻕ ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‬ ‫ﺑﯩﻨﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻝ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺗﻮﺧﺘﺎپ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﯩﺴﻰ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ۋە ﻳﻮﻝ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﯩﮕﻪ ﻣﯘھﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﺕ ﺳﻮﺩﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯚﻟﯜﺷﯜﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﺎﺯﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺭﺍﻏﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﻟﻤﻪﻱ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺒﺎﻱ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺳﺘﺎﻳﯩﺪﯨﻞ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﭘﺎﻳﺪﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ‬ ‫ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﻪﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ‪ .‬ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﻪ ھﻮﻳﻠﯩﺴﯩﻐﺎ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ‬ ‫ﺯﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺑﯚﻟﯜﻣﭽﻪ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ ﻳﺎﺗﺎﻕ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺑﯩﻨﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻻھﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‬ ‫‪11‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻗﻪۋﯨﺘﯩﮕﯩﻤﯘ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻪھﻨﻪ ﺳﻪﻳﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺸﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻳﯧﻐﯩﻦ ‪ ،‬ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ‪ ،‬ﺗﻪﻧﺘﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪە ﻣﯘﺷﯘ ﺳﻪﻳﻨﺎﻧﻰ ﺳﻪھﻨﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ ‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺭﯨﻴﺎﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﺎﺳﺘﯩﻨﻘﻰ ﻗﻪۋەﺗﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‬ ‫ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ‪،‬‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﻳﺎﺗﺎﻕ ‪ ،‬ﺩەﺭﺳﺨﺎﻧﯩﻐﯩﻤﯘ ﺑﯩﻤﺎﻻﻝ ﭼﯩﻘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ‪ ،‬ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﭗ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺵ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎپ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﯩﭽﻪ ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﯧﻜﯩﻤﺒﺎﻱ ‪ ،‬ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻗﺎﺭﯨﻢ ‪ ،‬ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺗﺠﺎﻧﻼﺭ ﻧﯚۋەﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ‪،‬‬ ‫ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺋﯘ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ۋە ﭘﯘﺧﺘﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﯛپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫‪ . 6‬ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﺎﺟﯩﺰﯨﻦ ) ﻗﯧﺮﯨﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ ( – ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ‪ ،‬ﺧﻪﻟﭙﻪﻡ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛﯟﺍﺭ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪپ « ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﺎﺟﯩﺰﯨﻦ ﻗﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﻯ ‪ ،‬ﺋﺎﺟﯩﺰ ‪ ،‬ﻣﯧﻴﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺑﺎﺷﭙﺎﻧﺎھﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻕ ‪ ،‬ﻳﺎﺗﺎﻕ ‪ ،‬ﻛﯩﻴﯩﻢ – ﻛﯧﭽﻪﻙ ‪،‬‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ‪ ،‬ﻳﯘﻳﯘﻧﯘﺵ ‪ ،‬ﺋﯩﺴﺴﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﺎﺟﯩﺰﯨﻨﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺭﯗﻥ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯜﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺎﻧﺎﺗﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋە ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 7‬ﺩﺍﺭﯨﻠﯩﺘﺎﻡ ) ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﺎﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ( – ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯘ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﻧﻰ ﻳﺎﺳﺎپ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ ﭘﺎﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺗﺎ – ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﯧﺘﯩﻢ – ﻳﯧﺴﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﺎﺗﻰ‬ ‫ۋە ﺋﻮﻗﯘﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﻻپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ۋە ﭼﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺨﭽﺎﻣﻼﺷﻘﺎ ﺋﻪﭘﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﺎﺟﯩﺰﯨﻦ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ‬ ‫ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩە ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎۋﯗﺕ ﺳﺎﺑﯩﺖ ‪ ،‬ﻣﯧﻬﻤﺎﻥ ﺳﺎﺑﯩﺖ‬ ‫‪ ،‬ﺑﺎﺭﺍﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ‪.‬‬ ‫‪ . 8‬ﺟﯩﺮﻏﯩﻼڭ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ – ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﯩﺮﻏﯩﻼڭ ﺳﯜﻳﯩﺪە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ‬ ‫‪12‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﯩﻚ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯜﻧﻪﺱ ‪ ،‬ﺗﯧﻜﻪﺱ ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻜﯜﺭە ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺗﺎﺭﺍ ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺍﺋﯚﺳﺘﻪڭ ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺘﻮﻗﺎﻱ ‪،‬‬ ‫ﻛﺎﻥ ‪ ،‬ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺋﺎﻳﺎﻍ ۋە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﯕﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺟﯩﺮﻏﯩﻼڭ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻗﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﻰ ﻣﯘﺯ ﺗﻮﯕﻼپ ‪ ،‬ﮔﯩﺮۋەﻙ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﻡ ‪،‬‬ ‫ھﺎﺭۋﺍ ‪ ،‬ﺋﺎﺕ – ﺋﯘﻻﻏﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ ،‬ﻳﺎﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺳﯘ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ‪ ،‬ﺳﯘﻧﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻝ – ﻣﯜﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ‬ ‫ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯚﻟﯜﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ – 1937 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺟﯩﺮﻏﯩﻼڭ‬ ‫ﺳﯜﻳﯩﮕﻪ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎپ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺋﺎﺯﺍﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﯩﻤﻮﻧﺖ ���ﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫‪ . 9‬ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ – ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﭘﻮﭼﺘﺎ ‪ -‬ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻑ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜپ ‪ ،‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ۋە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯘ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻳﻮﻟﻨﯩﯔ ﻳﯜﺯﻯ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ‪ ،‬ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﯩﺰﻯ ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺩﺍۋﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻻﺗﺘﻰ ‪ ،‬ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﻰ ﭘﻪﺳﻠﻪﺗﺴﻪ‬ ‫ﺳﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺯﯨﮕﻪ ﺩەﺧﻠﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺋﯧﺮﯨﻘﻨﯩﯔ ﺳﯘ ﺋﯧﻘﯩﺶ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯘﭼﯜﻥ ‪ ،‬ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﯘﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ ﺳﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﺭﻟﻪپ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ » ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪ . 10‬ﺳﺎﻱ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ – ‪ – 1936‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﮔﯩﻤﻨﺎﺯﯨﻴﯩﺴﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ) ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ‪ – 8‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ( ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮ ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻥ ﺯﺍۋﯗﺗﻰ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﭘﯩﻠﯩﭽﻰ ﺧﺎڭ ﺳﯜﻳﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﻏﺎ ﻗﯘﻳﯘﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﭼﻮڭ ‪ ،‬ﭘﯘﺧﺘﺎ‬ ‫ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻜﻪ » ﺳﺎﻱ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ « ﺩەپ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 11‬ﻛﯚﻙ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ – ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﺳﯜﻳﺪﯛڭ ‪ ،‬ﻛﯜﺭەﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ‪ ،‬ﻛﯜﺭە ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ‪،‬‬ ‫ﺩﯙﯕﻤﻪھﻪﻟﻠﻪ ۋە ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯧﯖﯩﻴﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻴﺎﺭ ﻛﻪﻧﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﻠﻰ ‪،‬‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‬ ‫ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﯜچ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜچ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫‪13‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺳﺎﻳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺳﺎﻳﻠﯩﻘﻘﯩﻤﯘ ﭼﻮڭ ھﻪﻡ ﭘﯘﺧﺘﺎ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ۋە ﻛﯚﻙ ﺳﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﮔﯜﺯەﻝ ھﯚﺳﯜﻥ ﻗﻮﺷﺘﻰ ‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ‬ ‫ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ » ﻛﯚﻙ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ « ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 12‬ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻱ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ – ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻳﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻱ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺑﺎﻳﺎﻧﺪﺍﻱ‬ ‫ﺳﯧﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﻏﯩﺪەﻙ ھﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻨﻰ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭ ‪ ،‬ﺭﺍۋﺍﻥ ﻗﯩﻠﻐﯘﺩەﻙ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺪﻯ ھﻪﻡ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﺰ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎپ‬ ‫ﭼﯩﻘﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺗﺎﻛﻰ ‪ – 1990‬ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﺪﻯ ‪– 1990 .‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 13‬ﻛﯜﺭە ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻰ ‪ -‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﺭەﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﺍۋﺍﻥ‬ ‫ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﺭەﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻳﺎﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ‬ ‫ﺳﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ھﻪﻡ ﺯەﻱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ ﻛﯜچ‬ ‫ﺑﯧﺮەﻟﯩﮕﯜﺩەﻙ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﺪﻯ‬ ‫ۋە ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺗﺎﺵ ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ‬ ‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ‪ ،‬ﻛﯚﺭﻛﻪﻡ ‪ ،‬ﭘﯘﺧﺘﺎ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﭘﯜﺗﯜپ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜپ ﻟﯧﻨﺘﺎ ﻛﯧﺴﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 14‬ﭘﻪﻥ ﺯﺍۋﯗﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ‪ -‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ‪ – 1937‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻜﯚۋﺭﯛﻛﻨﯩﯔ ﺩەﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺗﻮﻙ‬ ‫ھﻪﺭە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻏﺎچ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﻪﻥ ﺯﺍۋﯗﺗﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﻙ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﻥ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺯﺍۋﯗﺕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺯﺍۋﯗﺕ ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﻏﺎچ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻡ ﺗﯧﺰ ھﻪﻡ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ‪ ،‬ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺯﺍۋﯗﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻐﯩﭽﻪ ﺩﯦﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺯﺍۋﯗﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 15‬ﺗﻪﻟﻜﻪ ﺳﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻪﻟﻜﻪ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﻪﻙ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺳﯘ ﻛﯧﭽﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺳﯘ ﺋﯘﻟﯘﻍ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﻛﯧﺮەﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺧﻪۋﭘﻰ ﺗﯘﻏﯘﻻﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻛﻪﻟﻜﯜﻥ ‪ ،‬ﺳﻪﻝ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺧﻪﺗﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪۋەﻛﻜﯜﻝ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻳﺎﺳﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ‬ ‫‪14‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻮﻝ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺭﻟﻪپ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻴﯧﯩﻦ ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻪﻟﻜﻪ‬ ‫ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﺯﻣﯘﺕ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﺶ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﻳﺎﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺑﯘ‬ ‫ﺗﺎﺷﻴﻮﻟﺪﺍ ﻳﻮﻟﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﺗﯘﺗﯘﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ – 1937 .‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻠﻪﺭ ﭘﯜﺗﯜپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺋﯧﻘﯩﻦ‬ ‫ﺳﯘﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﺘﯩﻠﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻻھﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 16‬ﺟﯩﯔ ﻧﺎھﯩﻴﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪.‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﺭﺗﺎﻻ ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺷﺎڭ ‪ ،‬ﺟﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ ‪ .‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﻰ ﺗﺎﺵ ﻳﻮﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﯩﯔ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯚﻟﯩﻜﻰ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺟﯩﯔ ﻧﺎھﯩﻴﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻰ ھﺎﻟﺴﯩﺰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻮﻝ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ۋە ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺑﻠﻪﻍ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻯ ‪ – 1938 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺟﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻛﯚۋﺭﯛﻛﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺷﯘ‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫‪ . 17‬ﺳﯘ ﺩەﺭۋﺍﺯﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﯩﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺗﻮﭘﯩﺪەﯕﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯚﭘﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﺍ »‬ ‫ﭘﻪﺭەڭ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ « ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺯﯙﺭﯛﺭ ���ﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ – 1940 .‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﻪﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺟﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﺎۋﺍﻝ ﺳﯘ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﺎﻝ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﻏﻪﺭﭘﺘﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﭼﻮڭ ﺯﺍﻟﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺑﻪﺵ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ‪10‬‬ ‫ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﺎﻣﺒﺎﻻﺗﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ‬ ‫‪15‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫) ﺑﻪﻳﺘﯘﻟﻼ ﻣﻪﺩﺭﯨﺲ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ( ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﻰ ﺯﺍﻟﻠﯩﻖ ﺯﺍﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ‪ 18‬ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﻛﯧﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﺎﻟﻨﯩﺴﺖ ﻳﺎﺳﺎپ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻟﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺭۋﺍﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ‪ ،‬ﺑﯩﻤﺎﺭﻻﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﺰﺍ ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻟﻨﯩﺴﺘﺘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺩﺍۋﺍﻟﯩﻨﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯧﻠﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﻭﺭﺍ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﺴﻜﯩﻼﺗﻰ ‪ ،‬ﺩﻭﺭﯨﺨﺎﻧﺎ ‪ ،‬ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﺷﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻡ ﺧﻪﺷﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻻﭘﺎﺳﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺳﺎﻟﻐﯘﺯﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﺎ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻗﺎﻳﺘﺎ – ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﺋﯩﺴﻼھ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻠﯩﻖ ﺷﯩﻨﺨﯘﺍ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﮕﻪ ﻳﯘﻗﯘﺭﻗﯩﺪەﻙ ﭼﻮڭ – ﭼﻮڭ‬ ‫ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ۋە ﺗﯚﺕ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ‬ ‫ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻛﻰ ‪ – 1942‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ – 1942 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﯩﺠﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻗﻮﺭﯗ ﺟﺎﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻱ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﯗ – ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ‪ ،‬ﺗﺎﭘﺎۋﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭘﺎﺭﺍۋﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯘ ‪ – 1942‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﻨﻼ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﻏﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﻮﭼﺎ ﺩﻭﻗﻤﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﺭﯗ – ﺟﺎﻱ ﻳﺎﺳﺎپ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﯘ ﻗﻮﺭﯗﺩﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ‪ – 1944‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ – 4‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻯ ‪ .‬ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ﺑﺎﻱ ۋە » ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ « ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﺎﺧﺎۋﯨﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻯ ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە‬ ‫ﺭﻭﺷﻪﻥ ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ‪ – 10‬ﺳﺎﻥ‬

‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫‪16‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‪-‬ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ‪-‬ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪- 2008‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-2‬ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ‪---‬ﺟﯩﻨﻪﻥ‬

‫‪17‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


Microsoft Word - setiwaldi_bay_we_yardem_shirkiti