Issuu on Google+

‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭﻯ‬ ‫‪-1‬ﺑﯚﻟﯜﻡ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﺧﯩﻠﯟﻩﺕ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﯕﻐﯘ‬ ‫ﻣﻪﺩﺭﯨﺴﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﯘۋﺍ ﻧﯘﺭ ﭼﯜﺷﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﯕﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ‬ ‫ﻗﺎﻳﻨﯩﻤﯩﻐﺎ ﭼﯚﻣﯜپ‪ ،‬ﺑﺎﺗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪڭ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ۋﻩﺗﯩﻨﯩﺪﻩ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﺎڭ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻡ‪.‬ﺋﻰ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 60‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﻩﻡ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﻰ ‪-‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋﻩﺑﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﺑﺎپ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﻣﯘھﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺧﯘﻻﺳﯩﻼﻳﺪﯗ ‪:‬‬ ‫"ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﻩ ﺋﻪڭ ﻳﺎﻣﺎﻥ‬ ‫ﭼﯚﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻡ ھﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻏﻠﯘﻗﺘﯩﻤﯘ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪﻙ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﺎ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ‬ ‫ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ۋﻩ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻜﯚﺯ ۋﻩ ﺗﺎﻣﺎﺧﻮﺭ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ‬ ‫ﺑﻪﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻗﯘۋۋﻩﺗﻠﻪﻳﺪﯗ")‪(1‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﭽﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﯘﭼﻰ ۋﻩ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﯜﭼﻰ ﺯﺑﯩﮕﻨﯧﯟ ﺑﺮﯨﺰﯦﻨﺴﯩﻜﯩﻲ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ "ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎۋﻯ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﻮﭼﻜﯩﻼﺭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺰﻏﺎﻥ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪(2‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ‪-20-19‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻨﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪-‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ‬ ‫ﺯﻩﻧﺠﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺸﻪﻧﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻰ ۋﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪۋﺟﯘﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺯﺍۋﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﯩﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﯜﺭﯨﻠﯩﺶ ﺗﻪھﺪﯨﺪﯨﮕﻪ ﺩﯗچ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﻣﯘﻗﻪﺭﺭﻩﺭ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻡ‬ ‫ﺳﺎۋﺍﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﺵ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ‬ ‫‪1‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺋﺎﺑﺴﺘﺮﺍﻛﯩﺘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯜﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺭﻣﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ ‪.‬‬ ‫‪.1‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ‪-‬ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ‪-19‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪-‬ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ‬ ‫ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬ﭼﯘﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ۋﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﺯﺍﻙ‬ ‫ﺳﻮﻟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﻨﻪپ‪ ،‬ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺮﻩﻙ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﮕﻪ ﻳﻪﺗﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ‬ ‫“ﻛﯧﺴﻪﻝ ﻛﯚﺭﭘﯩﺴﻰ” ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ‪ .‬ﮔﻪﺭﭼﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﻪﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﻰ ۋﻩ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺗﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﻧﯧﺴﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﻣﻪھﺮﯗﻡ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ۋﻩ ﺋﺎﺭﺯﯗ‪-‬ﺋﺎﺭﻣﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯜﻛﻠﯩﮕﻪﻥ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ھﺎﻣﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺩﺍﺩﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﺋﻪﺯﯨﺰﮔﻪ ﺗﻪۋﻩ ﺩﻩپ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ‬ ‫ﭘﯘﻝ ﻗﯘﻳﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﮔﻪﺭﭼﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺯﻩﺭﺑﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‪ -‬ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﯩﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ‪ "،‬ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺳﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ ‪ ،‬ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﻳﻮﻕ"‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ‪-‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ھﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ ﺳﺎۋﺍﺗﺴﯩﺰ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﺪﻩﻙ ﻣﺎھﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺳﯘﻟﻬﯩﮕﻪ ﻣﺎھﯩﺮ ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘھﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ۋﻩ‬ ‫ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺳﯧﻬﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎپ‬ ‫ﺑﺎﻗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﺭﯗﺱ‬ ‫ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭﻏﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ‬ ‫ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﻳﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ‪ ،‬ﺭﯗﺱ‬ ‫ﺭﺍﺯۋﯦﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ –ﺑﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﻗﯘﺭﯗﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ‪ .‬ﺑﻪﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ‬ ‫‪2‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﻩ ﺳﯘﻟﻬﻰ ﺗﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋﻩﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻛﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﺮﺍﺯ ﺋﺎﺩﯨﻠﺮﺍﻕ ﻳﻮﻝ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﻮﻧﯘﺵ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﻳﺪﻯ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ‪-1877‬ﻳﯩﻠﻰ ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎڭ‬ ‫ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺩﺍۋﺍﻧﭽﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﻩ ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ۋﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺘﻪﺭﻩپ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﻟﻪﻛﯩﻦ ﺑﯘﻣﯘ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ)‪.(3‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ‪-1865‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﻰ ۋﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﯘﻻﻕ‬ ‫ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﺪﻯ ۋﻩ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ)‪ (4‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎﯕﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯘۋﻩﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻟﻮﻧﺪﻭﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚۋﻩﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ‪:‬‬ ‫‪-1‬ﺳﻪۋﻩﺏ؛ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺭﯗﺱ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ "ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﺭﯗﺳﻼﺭﻏﯩﻼ ﺗﻪۋﻩ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮﻩﻙ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺴﻪ‪ ،‬ﺑﯘ "ﻛﯜﻥ‬ ‫ﭘﺎﺗﻤﺎﺱ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ" ﻛﺎﺳﭙﯩﻲ ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋﻩ‬ ‫ﻛﺎۋﻛﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻰ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ"‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﮔﯜﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪-2‬ﺳﻪۋﻩﺏ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪-19،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰ ۋﻩ ﻗﺎﻻﻕ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﻮﺩﺍ‪-‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻮﻧﻮﭘﻮﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺑﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ‪،‬‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭگ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﻪﭘﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺑﯘﺭﺟﯘﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺴﻰ‬ ‫‪3‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮﺩﯨﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ)‪.(5‬‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﺪﯨﻨﻼ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮﺩﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻴﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯘ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﺍﺯﻯ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯜﻧﯜﻡ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ھﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﺯﻭﺭ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ‪- 1879‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻟﯩﯟﺍﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺭﯗﺑﻠﻰ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ‬ ‫ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪-1881،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯚﻟﻪﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺭﯗﺑﻠﯩﻴﻐﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺭﯗﺱ‬ ‫ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ۋﻩ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﻩ ﺑﺎﺝ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﻱ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ)‪ .(6‬ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ۋﻩ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺑﻪﺩﻩﻝ‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﺷﻜﻪ ۋﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻧﻮﻣﯘﺳﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫‪-3‬ﺳﻪۋﻩﺏ؛ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ۋﻩ ﺋﯧﻬﺘﯩﻴﺎﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭﮔﻘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﭗ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ۋﻩ ﭼﯧﮕﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﻳﺎۋﺍﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻗﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺧﯘﺩﺍﻳﺎﺭﺧﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﻰ ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﯘﺑﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ ﻛﻮﺋﯘﻓﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﯚﭼﯜﮔﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻛﻮﺋﯘﻓﻤﺎﻥ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﻰ ﻳﺎﻗﯘپ‬ ‫ﺑﻪﮔﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﻩۋﻩﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪ ،‬ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ۋﻩ‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ‬ ‫ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻕ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﻗﯘﻧﭽﻠﯘﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺳﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻻھﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﺎۋﻛﺎﺯ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ)ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪-‬ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ( ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯜپ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ ﻛﻮﺋﯘﻓﻤﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯨﻠﯩﺪﯗ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘ” ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﺪﻯ” ﺩﻩﻳﺪﯗ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﻛﺎﺑﯘﻟﻐﺎ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﻩﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﻘﯘﺭﯗپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ھﻮﻗﯘﻕ‬ ‫‪4‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ۋﻩﺩﻩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﻛﻮﺋﯘﻓﻤﺎﻥ ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻕ ﻗﻮﻝ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻳﯧﯖﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﺎﺗﻮﺭﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪﻣﯩﺮﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ)‪(7‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺧﺎﻟﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﻪگ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪھﻪﻝ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ۋﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ‬ ‫ﺧﻪۋﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ “ﻳﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ” ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻛﻮﺋﯘﻓﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﺩﯨﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ‪).‬ﮔﻪﺭﭼﻪ‬ ‫ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﻩﻟﯩﻠﻠﻪﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ(‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺭﯗﺱ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ۋﻩ‬ ‫ﺭﺍﺯۋﯦﺘﭽﯩﻜﻰ ﺋﺎ‪ .‬ﻥ‪ .‬ﻛﺮﻭﭘﺎﺗﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ) ‪ 40‬ﻣﯩﯔ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ‪ 80‬ﻣﯩﯔ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻥ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪-‬ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ( ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﻳﻪﺗﻤﻪﻱ‪ ،‬ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ‪،‬ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻛﯜﺗﯜپ ﻳﺎﺗﻘﺎﻥ ﺯﻭ‬ ‫ﺯﻭﯕﺘﺎﯕﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﻛﯩﻢ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ؟ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯘﻟﻬﻰ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻤﺎﻱ ‪،‬ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺩﯨﻦ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﯔ ﺷﯩﯖﺸﺎﺩﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ؟‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ‪ 14‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﭙﻪﺭﻩﺱ‪ ،‬ھﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭ ﺯﻭﯕﺘﺎﯕﻨﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ‬ ‫ﺑﻪﮔﻨﻰ ﺯﻩھﻪﺭﻟﯩﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺯﻭ ﺯﻭﯕﺘﺎڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭ���پ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﯚﺭﻟﯜﻙ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪۋﻩﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﻩﻛﻤﯘ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺪﯗ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﺘﻪ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﭙﻪﺭﻩﺱ ۋﻩ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﭙﻪﺭﻩﺱ‬ ‫ﺧﺎﺋﯩﻨﻼﺭﻣﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﯜپ ﺳﻪۋﻩﺑﯩﻨﻰ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﺎﺩﺍۋﻩﺕ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﭙﻪﺭﻩﺳﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻣﻪﻥ‪-‬ﻣﻪﻧﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ۋﻩ ھﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎﻏﻼﺵ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﺎﺩﺍۋﻩﺕ ۋﻩ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﺋﯚﺯ‬ ‫‪5‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺪﺍﺵ ﺭﻩﻗﯩﺒﯩﮕﻪ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﯕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ‬ ‫ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺩﯗﺷﻤﻪﻧﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﺎﻻﻱ‬ ‫ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ‪.‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼﺭ‬ ‫ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺳﻪۋﻩﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪-1877 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺯﻭ ﺯﻭﯕﺘﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﮔﯩﺮﺩﺍۋﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ۋﻩ ﻳﻪﻡ –ﺧﻪﺷﻪﻙ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﺟﺎﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ۋﻩﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺗﯚۋﻩﻧﺪﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺑﻪﺵ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ‪.‬‬ ‫‪-1‬ﺋﺎﻣﯩﻞ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻧﺎﭼﺎﺭ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﯩﭽﯩﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫ھﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻕ ۋﻩ ھﺎﻛﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﺑﯩﺘﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ‬ ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ۋﻩ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻐﺎ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺋﯩﺶ ۋﻩ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﭼﻪﻙ‬ ‫ﻗﻮﻳﺎﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﻪﺯھﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺮﯨﻘﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ‬ ‫ۋﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰ ﺋﯩﺴﺘﯩﻼﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﻼﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭘﻪﻳﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪-‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﻟﺒﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﯘﻥ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻟﯘﻗﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯩﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ۋﻩ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻼﺭ‬ ‫ﺩﻩۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ۋﻩ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪-‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻕ ۋﻩ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ۋﻩ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻱ ﺳﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮ‬ ‫ﺳﯘﺳﻠﯩﺸﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﺎﻻﻳﻰ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﻕ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ۋﻩ ﻗﺎﺭﺍ ﺗﺎﻏﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﻻﺭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍﻟﯩﺮﻯ ۋﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺧﺎﻻﺱ !‬ ‫‪6‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫‪-2‬ﺋﺎﻣﯩﻞ‪ ،‬ﺋﻪﻧﺠﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ)ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭ‪ .‬ﻳﺎﻗﯘﺏ ﺑﻪگ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋﻩ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ھﻮﻗﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ۋﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻳﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﻧﯩﻴﺎﺯ ﺑﻪگ‪ ،‬ھﻮﺷﯘﺭ ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻼ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ۋﻩ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﻪﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﺳﺎﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ)‪ .(8‬ﻛﯘﭼﺎﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍھﯩﺴﻰ‬ ‫ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﺟﺎ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻬﺎﻗﺨﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋﻩ ﻳﻪﺭﻛﻪﻧﺖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﯩﺪﯗﺭ ‪.‬‬ ‫‪-3‬ﺋﺎﻣﯩﻞ‪ ،‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭھﯩﻠﻪﻳﻤﯩﺰ ‪.‬‬ ‫‪-4‬ﺋﺎﻣﯩﻞ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ‪-‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ۋﻩ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ‪ .‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻏﻪﺭﺏ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺗﻮﻻ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﺍ)ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺗﯜﺭﻙ ۋﻩ ﺋﺎﻓﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﺍ( ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﯩﻼ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ۋﻩ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ‪ ،‬ﭘﯩﻜﯩﺮ ۋﻩ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ ‪.‬ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻛﯧﯖﻪﺵ ۋﻩ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﺎﯕﻐﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺎﺷﺎﺕ ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﺎﺳﺘﺎ‪-‬ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎﺭﺍﭘﻠﯩﺸﯩﺸﻘﺎ‪ ،‬ﺑﻪﮔﻠﻪﺭ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ۋﻩ‬ ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘھﺘﺎﺝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺟﺎﻥ ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ۋﻩ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ھﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﯘﺩﺭﻩﺕ ﺗﺎﭘﻘﯘﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪-5‬ﺋﺎﻣﯩﻞ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯘﻟﻬﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋﻩ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯗﺭ‪ .‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺳﯘﻟﻬﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﻣﯧﯖﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺳﻮﻗﯘﺷﯘﺵ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻪگ ﻗﯘﻟﺒﻪگ ۋﻩ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯨﯟﯦﻠﯩﭗ)‪ ،(9‬ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﭘﻪﻳﺪﺍ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎڭ‬ ‫‪7‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﺍپ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻮﺳﻤﺎﻧﻠﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ‪ "،‬ﻳﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ"ﮔﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎ���‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ)‪.(10‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﻛﯜچ –ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﻰ‬ ‫ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻟﯩﺨﻮﯕﺠﺎڭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎڭ ﮔﯘﺭﯗھﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻻﺵ‪-‬ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻟﯩﺨﻮﯕﺠﺎڭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎڭ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ھﺎﻣﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﺘﯩﻦ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﻻﺵ‪-‬ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﺩﻯ؟ ﺑﯘ ﺩﻩﻝ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜچ‪-‬ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜچ‪-‬ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ‬ ‫ﺧﺎﻻﺱ‪ .‬ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ھﯘﺟﯘﻣﺪﯨﻼ ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ‬ ‫ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﯩﻦ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ‬ ‫ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﮔﻪ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ھﻪﻣﺪﻩ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﻠﯩﺶ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ ‪ ،‬ﺧﺎﻟﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺑﯘ "ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻥ"ﺩﺍ ﺋﯘﺗﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﻩﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺵ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺑﺎﺭﺍ‪-‬ﺑﺎﺭﺍ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﺭ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪﮔﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻏﯩﭽﻪ‬ ‫ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮﻩپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ۋﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﻪۋﻩﺏ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺟﺎﻣﯧﺲ ﻣﯩﻠﯩﯟﺍﺭﺩﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﭽﻪ ‪ ،‬ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺯﻭ‬ ‫ﺯﻭﯕﺘﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪-1884‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ‬ ‫ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻕ ﺯﻭ ﺯﻭﯕﺘﺎڭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ھﺎﻛﯩﻤﺒﻪﮔﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻮﻗﯘﻕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﭼﻪﻙ ﻗﻮﻳﯘﻟﺪﻯ)‪.(11‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺯﻭ ﺯﻭﯕﺘﺎڭ‪-‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﻨﺘﺎڭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ۋﻩ ﻗﻮﻏﺪﺍپ‪ ،‬ﺧﯩﺘﺎﻳﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫‪8‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﺸﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪.‬ﺯﻭﺯﻭﯕﺘﺎڭ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻩھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚچ ﺋﯧﻠﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯘﺯﯗﻥ‬ ‫ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺯﻩﺭﺩﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ‪ ،‬ﻗﺎﺗﻤﯘ‪-‬ﻗﺎﺕ ﺯﯗﻟﯘﻡ ۋﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ‪ 50‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﺎﻗﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪-19،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺧﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﺎﭼﺎﻗﻼپ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪڭ ﻣﯘۋﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯩﻨﻰ‬ ‫ﺭﺍﺷﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﺟﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯘﭼﺎﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎﺯﺍﺩ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﯕﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯩﻜﻰ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯘﭼﺎﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﻛﯜچ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ‬ ‫ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺯﯨﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﺘﻰ‪.‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘ ﺑﯘ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ‬ ‫ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ‪ 140‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ۋﻩ‬ ‫ﺗﺎﻛﺎﻣﻤﯘﻟﻠﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﻯ ۋﻩ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪-21‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻗﻪﺩﻩﻡ ﻗﻮﻳﯘﺵ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﯘﺭﺭﻩﻛﻜﻪپ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘپ ﺑﻪگ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘۋﻩﭘﭙﻪﻗﻪﻳﻪﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﻪﺭﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ ﺧﺎﻻﺱ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪،‬‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﻤﺎﺱ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﯟﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺭﯗﺱ‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻰ ﻛﺮﻭﭘﺎﺗﻜﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ‬ ‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻏﺎﻳﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺭﻭھ ﺋﺎﺗﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪-20.‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ “ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ “ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ‪ 19-‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ۋﻩ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻝ‬ ‫‪9‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻪﺗﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ۋﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺭﻭھﻨﯩﯔ ھﺎﻣﯩﺴﻰ ۋﻩ‬ ‫ﻣﯩﺮﺍﺳﺨﻮﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺸﯘﻣﯘﻝ‬ ‫ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ۋﻩ ﻣﯘﺭﻩﻛﻜﻪپ ھﻪﻡ‬ ‫ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭ ﺋﻮﻳﻨﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻮﻳﯘﻧﻼﺭﺩﺍ ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻟﻪ‪ -‬ﭘﻪﺭﻳﺎﺩﻟﯩﺮﻯ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺧﯩﺸﻠﯩﻖ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﯕﻼﻧﻤﯩﺪﻯ‬ ‫ﺧﺎﻻﺱ !‬ ‫‪-2‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ‪-‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ۋﻩ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﺭﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺭﻛﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﻪڭ ﺯﻭﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ ۋﻩ ﺗﺮﺍﮔﯧﺪﯨﻴﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﻟﺒﻠﻪﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚپ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ‪.‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ۋﺍﺭﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ !‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺭﻩﺋﺎﻟﻠﯩﻖ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻡ‪ .‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‪ ،‬ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ۋﻩ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ‪ .‬ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺋﯘﺯﯗ��� ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﻜﯩﺘﭙﯧﺘﯧﺮﺑﯘﺭگ ۋﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ_‪-‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯘﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﺎﺭﭼﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻗﺴﻪﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ۋﺍﺳﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪ .‬ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﺵ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻤﺎﻗﺘﺎ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻧﺎ –ﻳﯧﯖﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ‬ ‫ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ ﻻﺯﯨﻢ؟‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺩﻩۋﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫‪-1917‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻼ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯩﺘﺎﻱ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻣﯘ‪-‬ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ)‪ .(12‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﻪﺗﯩﻤﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺗﻪﺳﯩﺮ‬ ‫‪10‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋﻩﺏ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ‪ ،‬ﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺗﯩﻞ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ– ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‬ ‫ھﺎﻳﺎﺕ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻜﻜﻪ ۋﻩ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩﻩﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﺰ–ﺋﯧﺮﻗﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﮔﻪۋﺩﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﺩﻩﻛﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺕ ﺭﯗﺱ ۋﻩ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘﻧﺌﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﺍ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰ ۋﻩ ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﻧﺎھﻠﯩﻨﯩﺶ ۋﻩ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯜچ ﺗﻮﭘﻼپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺩﻩﺗﻠﻪﻧﺪﻯ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ۋﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻠﯩﻚ ھﻪﻡ ﺑﺎﺯﯨﻠﯩﻖ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪-1759 ،‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭھﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻏﻮﺟﺎ ۋﻩ ﺧﺎﻥ ﻏﻮﺟﺎ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺯھﺎۋﺧﯘﻱ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ ﺗﺎﺟﺎۋﯗﺯﭼﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮ ﻏﻮﺟﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‪،-1847،-1830 ،‬‬ ‫‪ -1881 ،-1877 ،-1856‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ۋﻩﻗﻪﻟﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﻳﯜﺯ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋﻩ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﻧﺎھﻼﻧﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﭼﻮﻗﺎﻥ ۋﻩﻟﯩﺨﺎﻧﻮﭘﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ‪-19‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-20‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮ ﻏﻮﺟﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﻮﻗﺎﻥ‪ ،‬ﺷﻪھﺮﯨﺨﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ‪70‬‬ ‫ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﭼﯜپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪-19.‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-50‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ 15‬ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻛﯚﭼﯜپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺷﻪھﺮﯨﺨﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺳﯘ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﻻﻥ‬ ‫ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ‪ 9‬ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯚﭼﯜپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﻲ ‪ 324‬ﻣﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ)‪ .(12‬ﺑﯘ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ)ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ(ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺷﻪھﺮﯨﺨﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻧﺪﯨﺠﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺳﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ)‪ .(13‬ﺋﺎ‪.‬ﻥ‪ .‬ﻛﺮﻭﭘﺎﺗﻜﯩﻨﻤﯘ‬ ‫‪-19‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-60‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻮﻗﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋﻩﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ‪ 250‬ﻣﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻜﻠﻪﺭ‬ ‫)ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ( ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ )‪ .(14‬ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ ‪.‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ‬ ‫ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ھﻪﻣﻤﻪ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ‬ ‫ﭘﺎﻧﺎھﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻻﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎھﺎﻧﮕﯩﺮ ﻏﻮﺟﺎ‪،‬‬ ‫ﻳﯜﺳﯜپ ﻏﻮﺟﺎ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻏﻮﺟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ‬ ‫‪11‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﺎۋﺍﻧﮕﺎﺭﺕ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﻪڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪڭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﺗﻪۋﻩ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ‪،‬‬ ‫‪-1944‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻤﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ‪ ،‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﻰ‪،‬‬ ‫ھﻪﺭﻩﻣﺒﺎﻍ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﺎﻳﺎﻧﭽﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ)‪ .(15‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﺎ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ۋﻩ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ھﺎﻟﺪﺍ ﺷﯘ‬ ‫ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ۋﻩﺗﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ۋﺍﺳﺘﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﺘﻰ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ۋﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ‪،‬‬ ‫ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ھﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻳﻪﺭﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺭﯗﺳﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﻧﺎھﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﯩﭗ ﭘﺎﻧﺎھﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ‬ ‫ﺑﺎﺗﯘﺭﻯ ﺗﺎﺯﺍﻧﺒﯧﻚ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ﻣﯘھﯩﻢ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﻰ ﺋﻪﻻﺧﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ۋﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺯﺍﻧﺒﯧﻜﻨﻰ ﭼﺎﺭ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻘﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪-1916‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ‪-‬ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘپ‪-‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﺘﻰ‪ .‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻠﻪﻙ ﺳﯘﻟﺘﺎﻧﺎﻳﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ‪ 200‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ‪ 300‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ‬ ‫ﺩﻩﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ )‪ .(16‬ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻗﺎﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ" ﺑﺎﺳﻤﯩﭽﯩﻼﺭ" ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻧﯟﻩﺭ ﭘﺎﺷﺎﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺋﯩﺮﮔﻪﺵ ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺯﺑﯧﻚ‪،‬‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ –ﺗﺎۋﺍﺑﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭘﺎﻧﺎھﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪-1930 .‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺳﻜﯩﺘﺎﻥ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺟﺎﻧﯩﺒﻪﻙ ﻗﺎﺯﻯ‪،‬‬ ‫ﭼﯩﭙﺎﻕ ﻗﺎﺯﻯ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﯜﺳﯜﭘﺠﺎﻥ ۋﻩ ﺳﯧﺘﯩﯟﺍﻟﺪﯨﺠﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ‬ ‫‪12‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻳﯜﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ)‪(17‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯚﺭﻟﯜﻙ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﭘﺎﻧﺎھﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﻰ )ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ﻛﯚپ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ(‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ‬ ‫ۋﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﻡ‬ ‫ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﭼﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ۋﻩ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻥ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻜﻰ‪ ،‬ﻛﻮﻧﺎ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ۋﻩ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﻘﯩﻢ‬ ‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؛‬ ‫‪ -1‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﮕﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺭﯗﺱ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‪ ،‬ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻲ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﺵ‪ ،‬ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ‪.‬‬ ‫‪-2‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‬ ‫ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ۋﻩ ھﯩﻤﺎﻳﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺭﭼﺎﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺗﯘﺗﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﺮﯦﻤﯩﻠﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﺮﻩﻛﻠﯩﻚ‬ ‫ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ‪.‬‬ ‫‪-3‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺑﯧﺮﻧﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯜچ‬ ‫ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﻤﯘ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ‪- 3‬ﻧﯘﻗﺘﺎ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺩﻩۋﺭﯨﺪﯨﻼ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺳﻪﭘﺘﯩﻦ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻧﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭھﯘﻡ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬ ‫ﺳﺎﺩﯨﻘﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ؛ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ۋﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺧﯩﻞ ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻨﻪﺯﻩﺭ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ‪ ،‬ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫‪13‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺪﻯ)‪. (18‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ‪-‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻪﻙ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪-1924،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ ھﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ » ﺷﯩﻨﺠﺎڭ«ﺩﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ۋﻩ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺯﯨﻴﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩپ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺵ«ﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ) ‪(19‬‬ ‫‪.3‬ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ‬ ‫‪-1917‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﺍ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻡ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘﺭ؟ﺋﯘﺋﺎ ‪-‬ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺭﻩﺵ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﻪﺷﺘﻰ‪ .‬ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭ ۋﻩ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﻨﻰ ﻏﻪﻧﯩﻤﻪﺕ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻞ)ۋﻭﻟﮕﺎ(‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺗﺎﻛﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺱ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺑﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ۋﻩ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻤﺎﺋﯩﻞ ﮔﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ۋﻩ‬ ‫ﺟﻪﺩﯨﺪﭼﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ " ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﯩﭽﻪ" ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ‬ ‫ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋﻩ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﻞ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻗﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻖ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ "ﻳﺎﺵ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ" ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ‪-‬ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘﺷﻨﯩﯖﻼ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﺴﻼھﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﻰ ﺑﯘ ھﻮﻗﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﻪﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ھﻪﻗﯩﻘﻰ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ ۋﻩ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻡ ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﺵ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ‪-1917‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-2‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ‬ ‫ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪" ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﯩﺮﻗﻪ"ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ ‪،‬ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ‪-1917‬ﻳﯩﻠﻰ‪ 5-‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﺎﻱ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﺗﺎﺭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﺩﻯ ۋﻩ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪-1920 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯩﺮﯨﻢ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ‬ ‫‪14‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ‪-1944‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼﻧﺪﻯ ﺧﺎﻻﺱ)‪(20‬‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋﻭﻟﮕﺎ) ﺋﯩﺪﯨﻞ(‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻤﯘ‬ ‫ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ھﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻪﺩ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎﺗﺎﺭ‪-‬ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﺕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ‬ ‫ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ "ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ "‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘﺭﺟﯘﺋﺎﺯﯨﻴﻪ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‬ ‫ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ۋﻭ���ﮕﺎ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻳﺪﻯ)‪ .(21‬ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻠﻪﺭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ‪-1920‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫‪-27‬ﻣﺎﻳﺪﺍ ﺗﺎﺗﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﯩﻚ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻪﺯﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯧﭻ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﻪﭼﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﺍﺯﻯ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ﺗﺎﻻﺵ‪-‬ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺩﻯ‪ .‬ﻣﯩﺮﺳﻪﻳﯩﺪ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻏﺎﻟﯩﻴﯧﯟ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ‪ ،‬ﺋﻮﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ‪،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ۋﻩ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪڭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‪ -‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ "ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ"‬ ‫ﻗﯘﺭﯗپ)‪ ،(22‬ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺰﯨﻢ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‪ -‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ‬ ‫ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‬ ‫ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﺳﻨﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﯩﺪﻯ‪-1928 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ‬ ‫ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻏﺎﻟﯩﻴﯧﯟ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺗﺎﺯﯨﻼپ‪،‬‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ‪ ،‬ﺳﯜﺭﮔﯜﻧﮕﻪ ۋﻩ ﺗﯜﺭﻣﯩﮕﻪ ﻣﻪھﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ‬ ‫ﻏﺎﻟﯩﻴﯧﯟ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ "ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻏﻪﻳﺮﻯ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﯘ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﯜﻛﺘﻪﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﻟﯘﻏﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺗﺎﻛﻰ‪-1924‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻤﯘ "ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫‪15‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﻪڭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ‬ ‫ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭ‪-‬ﺑﺎﺷﻘﺮﯨﺖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻞ ۋﻩ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﺋﯘﺳﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ‪ ،‬ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﺸﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﺵ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ‪-1905‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺭﺧﯩﺰﯨﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺩﯦﻜﺎﺑﯩﺮﭼﯩﻼﺭ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‪-‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﺸﯩﺪﻩﻙ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﭽﻜﻰ ۋﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ‬ ‫ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھﻪﻡ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺎﺕ‬ ‫ﻳﺎﻳﺪﯗﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪﻩ " ﻳﺎﺵ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ"‪ " ،‬ﻳﺎﺵ ﺧﯩﯟﻩﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ"ﻧﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪-1917 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-5‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ –ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﺟﻠﯩﺴﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪-1917.‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﺟﻠﯩﺲ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻗﺎﻧﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪" .‬ﻗﻮﻗﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﺴﻰ "ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻣﺮﻯ ﻗﯩﺴﻘﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ‪-1919‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺋﻪۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜچ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﺪﻯ ۋﻩ ﻗﻮﻗﺎﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩﻩھﺸﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ )‪(23‬‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ –ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪-1916 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ‬ ‫ﭘﺎﺭﺗﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻳﯩﻘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ "ﺋﺎﻻﺵ ﺋﻮﺭﺩﺍ"‬ ‫ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺭﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﻮﺭﯨﻨﺒﯘﺭگ‪ ،‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ۋﻩ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ھﻪﺭﻛﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻠﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﺎﺯﺍﻛﻼﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪-1919 ،‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ‬ ‫ﺗﯜﺯﺩﻯ‪ .‬ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﻩ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺭﯗﺱ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﻻﺵ ﺋﻮﺭﺩﯨﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ۋﻩ ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ‪-‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺪﻯ ﺧﺎﻻﺱ)‪(24‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﺎﺭﻩﺯﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺧﯩﯟﻩ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺋﻪﻣﯩﺮﻟﯩﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻣﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪-1919‬ﻳﯩﻠﻰ ۋﻭﻟﮕﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ‬ ‫‪16‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯩﯟﻩ ۋﻩ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺧﺎﺭﻩﺯﻡ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ)‪-1919‬ﻳﯩﻠﻰ(‪،‬‬ ‫ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ) ‪-1920‬ﻳﯩﻠﻰ(ﮔﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﮔﻪﺭﭼﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﺯﻭﺭ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺌﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ۋﻩ‬ ‫ﻛﺎۋﻛﺎﺯﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‪-‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﭽﻜﻰ ھﻪﻡ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻪھﺪﯨﺪﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺧﺎﻟﻰ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﮔﻪﺭﭼﻪ‪ ،‬ﻳﺎﺵ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻘﻼﺭ‬ ‫‪ ،‬ﻳﺎﺵ ﺧﯩﯟﻩﻟﯩﻜﻠﻪﺭ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭۋﻩﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻻۋﺍﺯﯨﻤﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻﺭ ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ "ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎﺭ" ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯘﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺘﺎ‪-‬ﺋﺎﺳﺘﺎ ﻳﯧﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ۋﻩ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﻏﺎﺯﺍﺕ ﺷﯘﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﭘﺎﺭﺗﻼپ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﻪﺯﻯ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭ‪،‬ﻗﯩﺸﻼﻗﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﻛﯜﭼﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻓﺮﯗﻧﺰﯦﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ‪ 200‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺳﺎﻟﺪﻯ ‪.‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ "ﺑﺎﺳﻤﯩﭽﯩﻼﺭ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘ���" ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ۋﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭۋﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯜﻳﯜۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫‪-1919‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﭘﺎﺭﭼﯩﻼپ‪-1924 ،‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺗﺎﻛﻰ‬ ‫‪-1936‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﻮﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﺗﺎﺟﯩﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ‪،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﺳﺘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ "ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ۋﻩ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ "ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﯩﺪﻯ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ" ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ" ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻳﯜﺯﻟﯜﻙ ﭘﺎﻧﺘﯜﺭﻛﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﻪﺭﻛﻪﺕ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﭼﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫‪17‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ھﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ھﺎﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻳﯜﺯﯨﺪﻩ "ﭘﺮﻭﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ"‪“ ،‬ﺋﻪﺯﯨﻠﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ "‬ ‫ﺷﯘﺋﺎﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪،‬‬ ‫ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﺷﻨﻰ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﺎﺗﺴﯩﻴﻮﻧﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺭﯗﮔﺰﯗﻛﺘﺎﻛﻨﯩﯔ “ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ‪-‬ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ “ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﻨﻰ ‪-1921‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ‬ ‫ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﻪﭼﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻟﯧﻨﯩﻦ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪(25‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪-1917،‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ ۋﻩ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﻛﯜﭼﻪﻳﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯩﻘﻴﺎﺳﯩﺪﺍ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻛﯘﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔﺑﯩﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ۋﻩ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ھﻪﻡ ﺧﺎﺭﺍﺑﻼﺷﻘﺎﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ "ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻡ"‪" ،‬ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻠﯩﻖ"‪" ،‬ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ"‪" ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ" ۋﻩ‬ ‫"ﺟﻪﺩﯨﺪﭼﯩﻠﯩﻚ" ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ھﯚﺭﻟﯜﻙ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﺩﻯ ‪.‬ﮔﻪﺭﭼﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‬ ‫ﺋﯘ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺳﻪۋﻩﺏ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺭﻏﯩﺒﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﻣﻪﭘﻜﯘﺭﯨﯟﻯ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ‪ ،‬ﺋﯩﺴﺘﺎﻣﺒﯘﻝ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯘﺩ ﺳﻪﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺷﻪۋﻗﻰ‪ ،‬ﺟﯩﺮﺟﯩﺲ ھﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻛﺎ‪-‬ﺋﯘﻛﺎ ﻣﯘﺳﺎﺑﺎﻳﯧﯟﻻﺭ ھﻪﻡ ﻣﻪﺧﺴﯘﺕ‬ ‫ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺭﺟﯘﺋﺎﺯﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ۋﻩﺗﯩﻨﯩﺪﻩ ﻳﯧﯖﯩﭽﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ‪-‬ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﻮﻳﻐﯩﻨﯩﺶ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯚﻣﻪﺭﺑﺎﻱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎھﯩﻠﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﯕﺰﯦﯖﺸﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨﺴﺘﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ۋﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﺎﯕﻨﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫‪18‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺟﺎھﯩﻠﻼﺭ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺭﻩﺷﺘﯩﻦ ﺋﻪﭘﭽﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﺗﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪﭘﻴﯜﻛﻪﺵ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ھﯩﻠﻪ‪-‬ﻧﻪﻳﺮﻩﯕﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﻳﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ‬ ‫“ﻧﺎﺩﺍﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ“ ‪”،‬ﺩﯙﺗﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ” ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ “ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ” ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪ 17‬ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻧﺎﺩﺍﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﭘﺎﺗﻘﯩﻘﯩﻐﺎ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﭘﺎﺗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻛﯚﺯﻯ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﺎڭ‬ ‫ﺯﯦﯖﺸﯩﯖﻨﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺳﺎﻗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ‪،‬‬ ‫ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺟﺎھﯩﻞ ﺑﺎﻳﻼﺭ ھﻪﻣﺪﻩ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻮﻧﻐﺎ ﺋﻮﺭﯨﻨﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﻧﺎﺩﺍﻥ ﺧﯘﺭﺍﭘﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﻧﺴﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﻤﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻗﺎﺩﯨﺮ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼﻣﺪﻩﻙ ھﻪﻗﯩﻘﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﭙﻪﺭۋﻩﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﻠﺪﻯ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﺎھﯩﻞ‬ ‫ﮔﯘﺭﯗھ ﻳﺎڭ ﺯﯦﯖﺸﯩﯖﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪڭ ﺗﻪﺭﻏﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﻟﻠﯘﻗﻘﺎ ﻣﻪھﻜﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻨﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺕ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎڭ‬ ‫ﺯﯦﯖﺸﯩﯔ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ‪ 17‬ﻳﯩﻞ ﺗﯩﻨﭻ ۋﻩ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻼﻟﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ‪،‬‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ھﺎﻛﯩﻢ ۋﻩ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﭘﯘﻗﺮﺍﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋﻩ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﯩﻐﺎ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﻣﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﺴﯩﺰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻘﺎ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺧﯩﺘﺎﻱ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﻛﻮﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎ‪ ،‬ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺗﻮپ‪-‬ﺗﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﻛﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﺯﯨﻢ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺘﺎﻱ ھﺎﻛﯩﻢ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻧﻬﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻰ ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﻛﯩﻤﻜﻰ‪ ،‬ﺳﻪﻝ ﺋﻮﻳﻐﯘﻧﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻳﯘﺭﺕ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺗﯘﺗﯘپ‪ ،‬ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﻛﺎﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﯘﺯﺍﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-20-10‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭙﭽﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻛﺎﻣﺎﻝ ﺋﯩﻠﻘﯘﻝ ۋﻩ ﺷﯩﯟﯨﺘﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﮔﯘﻧﻨﺎﺭ‬ ‫ﻳﺎﺭﯨﯔ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪-20 ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﭼﺎﺭ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ "ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ –ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ"ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﯩﺴﻰ ھﯜﺳﻪﻳﯩﻦ‬ ‫ﺗﺎﺭﺍﻧﻮپ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺋﯘﻻ���ﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻨﻰ ﻏﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﯟﭼﯩﻼﺭ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯜﺭﻩﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫‪19‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ۋﻩ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﻰ‪-‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺟﯩﺪﯨﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺷﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺗﻪۋﻩﻟﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﻩ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﻰ)‪-1934.(26‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﺑﯘ ﺟﯩﺪﻩﻟﺪﯨﻦ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺍﻧﭽﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻜﯩﺘﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋﻩ ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ ﻳﻮﻝ ۋﻩ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﻗﺎﺭﻣﯘ‪-‬ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻏﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻼ‬ ‫ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﺘﻪﻙ‪ ،‬ﺳﯘﻟﻬﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﯗﺭ‪ .‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﺸﯧﯟﯨﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺯﺑﯧﻚ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺕ ھﻪﻡ ﺋﺎﺯﻩﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻟﻬﯩﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻴﻠﯩﻚ ﺗﻪﺭﻩﭘﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ‬ ‫ﺋﯩﺪﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻘﺎﻥ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﻣﯘ‪-‬ﺑﯩﺮ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ‪-1912‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﯩﺘﯚﻣﯜﺭ ﺧﻪﻟﯩﭙﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺩﻩﻝ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫‪-30‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ‪-40 ،‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯘﺩ‬ ‫ﺳﻪﺑﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ “ﺋﯜچ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪﺭ” ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ‪.‬ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺗﺎﻛﻰ ‪-1949‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ۋﻩ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯘڭﺧﯘﺍﻣﯩﯖﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜچ‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ "ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﭙﻼﺭ" ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫"ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻼﺭ")‪ (27‬ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ھﯧﭻ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻱ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﺑﺪﯗﻝ ﺋﻪﺯﯨﺰﺧﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﻟﻼﺵ ھﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻪھﺮﯨﻤﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻨﺘﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭﻧﻰ ۋﻩ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ‬ ‫‪20‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ۋﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯦﻤﻮﻛﺮﺍﺗﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﯩﺪﻩﻙ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪﻩ‬ ‫ھﻪﻡ ﻣﻪۋﻗﻪﺩﻩ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺭﻩﻗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﯘﺭﺳﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﯜﻟﻜﯩﺴﻰ ﺩﻩپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ ﺟﺎڭ ﺟﯩﺠﻮڭ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﮔﯘﺭﯗھﻨﯩﯔ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮﯨﯟﺍﺗﯩﭙﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﺭﺍﺩﯨﻜﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪(28).‬‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ‪-20،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﻩ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﺯﻭﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ھﻪﻡ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺵ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ۋﻩ ﻏﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ۋﻩ ﺋﯧﻘﯩﻤﻼﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ‬ ‫ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻳﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﻧﺪﻯ ۋﻩ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻏﺎﻳﻪ ھﻪﻡ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻟﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺗﯚﻟﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺧﯘﻻﺳﻪ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻕ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﻳﯧﯖﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﺎﻟﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﭼﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍﻻﺭ‪،‬‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ۋﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ‬ ‫ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻳﻮﻟﯘﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﻣﻤﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ۋﻩ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﻪﺩﯨﺮﻟﻪﺵ ﺭﻭھﯩﻨﯩﯔ‬ ‫‪21‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﻪﻣﭽﯩﻠﻠﯩﻜﻰ ھﯚﺭﻟﯜﻛﻜﻪ ﻣﯘھﺘﺎﺟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ھﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻛﯚپ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺩﻩﻙ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺯﻭﺭ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯜﺭﯨﻜﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋﻩﺗﯩﻨﻰ‪ 19-20-‬ﺋﻪﺳﯩﺮ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﻟﻪﻳﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﭽﻜﯩﻼﺭ ﻛﻪﺑﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻠﯩﺶ ۋﻩ‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﺴﻤﯩﺘﯩﮕﻪ ﺩﯗچ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﻪﺳﺘﻪﻟﻪﻧﺪﻯ !ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ‬ ‫ﭼﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻪﺭﺗﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﭽﯘﻗﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﻩﻙ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﻳﻮﻕ ﺩﯦﺴﻪﻛﻤﯘ‬ ‫ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻤﯩﺴﺎﻕ ﻛﯧﺮﻩﻙ؟ !‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﺩﺍﺋﯩ��� ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ۋﻩﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﭼﺎﻏﻠﯩﺸﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ‪.‬ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪،‬‬ ‫ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﻕ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻙ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻖ ﻛﯜﺗﯜﺵ ۋﻩ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﭘﺴﯩﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺋﯩﺪﯨﻞ‪-‬ﺋﯘﺭﺍﻝ ۋﻩ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‪ 20-‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﻩ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺩﯗچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺗﯩﻞ ۋﻩ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯜچ‬ ‫ﭼﻮڭ ﮔﻪۋﺩﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪.‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﻤﻪﻙ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﻰ ۋﻩ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ‪ ،‬ﺗﯩﻨﭻ ۋﻩ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ‬ ‫ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺧﺎﻻﺱ !‬ ‫ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻧﻪﺯﻩﺭ‪-20-19 ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ‬ ‫ﺋﯩﺰﺗﯩﺮﺍﭘﻼﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻥ‪ ،‬ھﻪﺩﺩﻯ‪-‬ھﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺑﻠﯩﻖ ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻐﻪ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ‪،‬‬ ‫ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ۋﻩ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﻻﻕ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﭼﻪﻛﻜﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺋﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ﺭﻭھﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘۋﻩﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪۋﺍﺭﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺑﻮﺷﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺭﻭھﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯚﺯ ھﯚﺭﻟﯜﻛﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ھﯚﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ‬ ‫‪22‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ‬ ‫ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﻪﻧﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺩﻩﻝ ﺗﯚﻟﻪﺷﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ‪-‬ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻭھﯩﻴﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﺶ ۋﻩ ﺯﻩﺋﯩﭙﻠﯩﺸﯩﺶ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﻨﯩﺶ ۋﻩ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻠﯩﺸﯩﺶ ھﯜﺟﻪﻳﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ھﯧﭻ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻗﯘﺭﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ۋﻩ ﻳﻮﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺕ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ‪.‬‬ ‫‪-2‬ﺑﯚﻟﯜﻡ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ۋﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 60‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-4‬ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﯨﻦ ‪ -11‬ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻐﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ۋﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜچ ﭼﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﯨﻢ ﻳﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﯜﺯﻩﻝ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﻚ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﺘﯩﻐﺎ ﺗﻮﭘﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ " ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ" ﻧﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻣﻪﺧﭙﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺳﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫‪-2‬ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫‪ 60‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻣﺎﻗﺘﺎ‪.‬‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺭﺍﻣﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﺪﻩ ﺋﻪﺷﯘ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﻰ ﻛﻮﻧﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺑﺎﻟﺘﯩﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭ ‪ ،‬ﭘﻮﻟﺸﺎ‪،‬‬ ‫ﻓﯩﻨﻼﻧﺪﯨﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻓﯧﺪﯦﺮﺍﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ھﻪﺗﺘﺎ‬ ‫‪-1939‬ﻳﯩﻠﻰ‪-23 ،‬ﺋﺎۋﻏﯘﺳﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮۋ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺭﯨﺒﺒﯧﻨﺘﺮﻭپ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ " ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﺎﺟﺎۋﯗﺯ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ "ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ھﻪﻡ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﺎﻻﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ ﺗﯜﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭘﻮﻟﺸﺎ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﺩﻩ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪-1940-1939‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﭘﻮﻟﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫‪23‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻛﻮﻟﻠﯧﻜﺘﯩﭗ ﻗﯩﺮﻏﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﻟﺸﺎ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻳﯚﺗﻜﻪپ‪ ،‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﭘﻮﻟﺸﺎ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺯﻩﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﭘﻮﻟﺸﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ۋﻩ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ)‪). 1‬ﺩﯦﻤﻪﻛﻜﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﻗﯧﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ ۋﻩ ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﺘﯩﻦ ﭘﻮﻟﺸﺎ ۋﻩ ﺑﺎﻟﺘﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻗﻪﺩ‬ ‫ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺑﻮﻟﺪﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﻛﯧﻠﻪﭼﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ۋﻩ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ۋﻩ‬ ‫ۋﻩﺗﻪﻧﭙﻪﺭۋﻩﺭﻟﯩﻚ ﺭﻭھﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺷﻜﻪ ۋﻩ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﭘﯘﻗﺮﺍﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘﻣﺎﻳﺪﯗ ۋﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺳﺎۋﺍﻕ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﭼﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﺎﺩﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﭘﻮﻟﺸﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ‪ 65‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﺎﺗﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻛﯚﻣﯜۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﺟﻪﯕﭽﻰ‬ ‫–ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﻩ ﺋﯘ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺩﻩپ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﻩﻙ)‪ ،(2‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﻚ ﺳﯩﺮﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﺳﻮﺭﺍﺵ ۋﻩ ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩﻩپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ‬ ‫ھﻪﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ‪ .‬ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻧﻮﻣﯘﺳﻠﯘﻕ ﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﭘﺮﻩﺗﻠﯩﻨﯩﺶ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯩﭽﺎﺭﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜﭘﻠﯩﻨﯩﺶ ھﻪﻡ ﺋﯩﺒﺮﻩﺕ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺭﻭھﻨﻰ ﻳﯧﺘﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﺍﻟﯩﻐﺎﻧﻼﺭﺩﯗﺭ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﻣﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﭘﯧﭽﻜﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯜﮔﻪﻥ ﺧﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺩﻩۋﯨﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﺧﺎﺱ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭ ۋﻩ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪-19 ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ‪-20 ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ۋﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﺎۋﺭﻭ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠ���ﻚ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ھﺎﻳﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼﺵ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ‪.‬‬ ‫ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭ ۋﻩ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﭘﯩﻜﯩﺮ‬ ‫ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﻛﯚﺭﺩﯛﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪-1944‬ﻳﯩﻠﻰ‪-12 ،‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ‬ ‫‪24‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ" ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺪﯨﻢ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩۋﺭ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻩۋﺭ ﮔﯩﺘﻠﯧﺮ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ‬ ‫‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ھﻪﻣﺪﻩ ﻳﯧﯖﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎۋﻯ‬ ‫ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺶ ھﻪﻡ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻍ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ‬ ‫ۋﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜچ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﻪ ھﻪﻡ‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﯩﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ‬ ‫ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﺭ ۋﻩ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻼﺭ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ؛ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﻮﻡ‬ ‫ﺑﻮﻣﺒﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﺎﺩﺭﻭ ﻗﻮﺭﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﺮﻩﻙ ﺳﻮۋﯦﺘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ)‪.( 3‬‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ھﻪﻡ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭ ۋﻩ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻗﺎﻳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩپ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭼﯧﺮﭼﯩﻠﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﺮﻩﻙ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ‬ ‫ﻓﺎﺷﯩﺰﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ۋﻩ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻳﯧﯖﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻱ‪ ،‬ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ‪ 30 ،‬ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﯘﺟﯘﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﻪھﺪﯨﺪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘۋﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ‪ 150‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗپ‪،‬‬ ‫ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭘﻮﻟﺸﺎﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﺍﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ)‪ .(4‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺘﻰ‬ ‫‪25‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﻪ ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻟﯩﯟﻭﻓﻨﻰ ﭘﻮﻟﺸﺎﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻳﺪﻯ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺗﺎﻻﺵ‪-‬ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ ﭘﻮﻟﺸﺎ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪.‬ﺋﻪﺳﻠﻰ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﭘﻮﻟﺸﺎ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺩﻭﻟﻪﺕ ﺳﯘﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﻛﻪﺭﻩﻙ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‪ 1941-‬ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﻪ ۋﻩ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﺎﺭﭼﯩﻼﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ)‪.( 5‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯘﮔﻮﺳﻼۋﯨﻴﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯜچ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﻣﺎﺭﺷﺎﻝ ﺗﯩﺘﻮﻧﯩﯔ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ) ‪( .6‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺘﻰ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ ۋﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ‪ 20‬ﻣﯩﻠﻴﺎﺭﺕ ﺩﻭﻟﻼﺭ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﭘﯘﻝ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﺳﺘﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ﻛﯜﭼﻰ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﯩﺮﻯ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺍﺧﻮﺩ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ)‪( 8‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﻨﯩﯔ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-25‬ﺋﺎﭘﺮﯦﻠﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﺎﻧﻔﺮﺍﻧﺴﯩﺴﻜﻮ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻛﺮﺍﺋﯩﻨﯩﻴﻪ‪،‬‬ ‫ﺑﯧﻠﻮﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺏ ﺩ ﺕ‬ ‫ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺏ ﺩ ﺕ ﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ)‪.( 9‬‬

‫‪26‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺟﺎڭ‬ ‫ﻛﻪﻳﺸﻰ‪ ،‬ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍھﯩﺴﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺩﯦﮕﻮﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎۋﻯ ﻳﯧﯖﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭗ‬ ‫ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ‪ ،‬ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ ۋﻩ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺩﯗﻧﻴﺎ ۋﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺵ‬ ‫ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺯﺍﺗﻪﻥ ﻓﺎﺷﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪڭ ﺯﻭﺭ ﺑﻪﺩﻩﻝ‬ ‫ﺗﯚﻟﻪپ‪ ،‬ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ ﺋﯜچ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﯜﺷﻜﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺧﺎﻻﺱ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﻤﯘ؟‬

‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺘﻰ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ ۋﻩ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻼﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻏﯘﻟﻐﯘﻟﯩﻼﺭ ﺩﺍۋﺍﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ھﻪﻡ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﺎﻧﺎﻟﯩﺰﻻﺭ ۋﻩ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﺘ��� ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ؛ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ‪-1944‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-12‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ ۋﻩ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﺎﻏﻼپ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺭﯨﻴﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﺎﺭ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻮﺭﺟﻰ ﺗﻮۋﻥ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﭘﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﺟﯧﻤﯧﺲ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﯟﺍﺭﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ؛ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪-1945،‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫‪-8‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﺪﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪،‬‬ ‫‪-1944‬ﻳﯩﻠﻰ‪-12 ،‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ "ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ"ﻣﯘ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﻪۋﻩﺗﺘﻰ ‪.‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﺷﯘ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ)‪.( 10‬‬ ‫‪27‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﯩﭽﻪ‪ "،‬ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ" ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯧﺘﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﺷﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ ‪.‬‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺷﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪﻩ‬ ‫ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪(11).‬‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﻰ ‪-2003‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺋﯩﻴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻥ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﯨﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ؛‬ ‫"ﺑﯧﺘﯩﻢ ﺩﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺑﯩﺰ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯨﻤﯩﺰ؟ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ھﻪﻡ ﺳﻮۋﯦﺖ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ ‪،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﺳﻠﻠﯩﻘﻘﺎ ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫ھﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺰ؟ ﺑﯩﺰ ﺋﻪﺷﯘ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﯗﻕ‪ ،‬ﺋﻪﺷﯘ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯗﻕ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻕ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻼﺭ ﺷﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﯘﺭﺳﺎ‪ ،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﺑﻪﺩﺑﻪﺧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﻯ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﺭﯗﺵ ﺋﯩﻜﻪﻥ"‪.(12).‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩﻩﺳﻠﯩﯟﯨﺪﯨﻼ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ‪ ،‬ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ھﻪﻡ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺕ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ " ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ"ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ‬ ‫ۋﻩ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ‬ ‫ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ )ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ‬ ‫ۋﻩ ﺑﻮﺭﯨﺴﻮپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ( ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ)‪ . (13‬ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﻪۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ‬ ‫ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭۋ ۋﻩ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﻧﻔﺎڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ 1-،‬ۋﻩ ‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻨﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ‬ ‫ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺳﻮۋﯦﺖ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ .(14).‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﻥ ﻙ‬ ‫ۋ ﺩ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﻧﻔﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪28‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﯘﻻﺭ ھﻪﺭ ھﻪﭘﺘﯩﺪﻩ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻮﺗﻮۋ ۋﻩ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ‬ ‫ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻳﻮﻟﻼپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ (15).‬ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ‬ ‫ﺧﻪۋﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ ۋﻩ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮۋﻻﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻡ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋﻩ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩپ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﭘﻮﺯﯨﺘﯩﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻤﯩﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-8‬ﺋﺎﭘﺮﻩﻟﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﻩ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ھﻪﻣﺪﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﺎﻟﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪ ،‬ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﺷﯘﺋﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪڭ ﺋﻪۋﺟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼپ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﻩﻙ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ۋﻩ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ھﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋﻩﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﻩپ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯧﺘﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﯧﺘﯩﻤﮕﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛۋﺍﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯧﺮﻩﻙ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋﻩ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻣﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﻪۋﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ۋﻩ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ‪ -‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﻩ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺧﻪۋﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﺎﭘﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩﻩﺭﯨﺠﻪ ۋﻩ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺪﻩ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻕ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ " ﺋﯩﻠﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ" ﻣﻪﺳﯩﻠﯩ���ﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ‬ ‫‪29‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻧﺎﺋﯘﻝ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ‬ ‫ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﻭﻛﺘﻮﺭ ۋﺍﻟﯧﺮﯨﻲ ﺑﺎﺭﻣﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪپ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﻮﺭﺍﻝ‪ -‬ﻳﺎﺭﺍﻕ‬ ‫ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ۋﻩ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﺯﯨﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ " ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼپ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﻪﻙ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﻣﻪﻳﻨﻪﺕ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ")‪) 16‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ۋﻩ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻپ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺩﺩﺍ ﻳﻮﻕ ‪.‬ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ھﻪﺭﮔﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﻩﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮﻩﻙ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺩﻩﻝ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻘﺘﯘﺭ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ "ﺭﻩﻗﯩﺒﻠﻪﺭ ۋﻩ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺷﻼﺭ "ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ۋﻩ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺑﻪﺩﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ (17) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺭھﯘﻡ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﻰ "ﻳﺎﻟﺘﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﺷﯜﻟﮕﻪﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯘ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﺵ ﻧﺎﺗﻮﻏﺮﺍ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻤﯩﺰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻕ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﻴﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﺭﯨﺪﻯ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪﺍپ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﯘﺗﯘپ ﺑﻪﺭﺩﻯ ﺧﺎﻻﺱ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺎ‬ ‫‪30‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ" ﺩﻩﻳﺪﯗ)‪ (18‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯚﺯ "ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﯩﯔ" ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋﻩ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯨﺸﯩﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺵ‬ ‫ﻛﺎﺗﯩﭙﯩﻠﯩﻖ ۋﻩﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪۋﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﯩﺮ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻨﯩﯔ ﺧﯘﻻﺳﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﻰ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﻮﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ؟‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‬ ‫‪-8‬ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯨﺰﺩﯦﻨﺘﻰ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺷﻜﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺋﯜچ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ‪-11‬ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﺭﻩپ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ "ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ھﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ‪ ،‬ﺩﺍﻟﯩﻴﻪﻧﻨﻰ ﺳﻮﺩﺍ‬ ‫ﭘﻮﺭﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ھﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺵ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻟﯜﺷﯜﻥ ﭘﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﺍﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻟﯩﻖ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ۋﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﻰ‬ ‫ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻳﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ ۋﻩ ﭼﯧﺮﭼﯩﻠﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ‪-1941‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ﺗﺎﺟﺎۋﯗﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻣﯧﯖﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﺍﻟﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻛﺎﻧﺘﻮﻥ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﺎ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﻻﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ‬ ‫‪31‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﯚﭼﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺩﯗﻧﻴﺎ‬ ‫ۋﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺵ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻜﻰ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻼﺭ‬ ‫ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-8‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﺭﻩﺯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺴﯘﻥ‪ ،‬ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺑﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‪ ،‬ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗڭ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳ���ﺭﺩﯨﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﭼﺎﺭ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻏﯩﻨﺎ ﻛﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ‬ ‫ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺭﯗﺱ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﯟﻩﺗﺘﻰ‬ ‫ﺧﺎﻻﺱ !‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﯜﺭﯨﺸﻰ‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﯜﺭﺩﻩ‬ ‫ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺪﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩ ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ "ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ "‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻻﺷﺘﯘﺭﻣﺎﻱ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪﻩ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷﺘﯩﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﻰ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯜﺑﻬﯩﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻧﯘﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﻰ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ‬‫ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯘﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻤﺎﻱ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﺋﯘﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻼ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ۋﻩ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ھﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻏﻪﺭﺏ‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯘ ۋﻩﻗﻪﻧﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﻩپ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ‪،‬‬ ‫ھﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﻘﺎﻥ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻘﻼ "ﺋﯩﻠﻰ ۋﻩﻗﻪﺳﻰ"‬ ‫‪32‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ۋﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ "ﺋﯩﻠﻰ ۋﻩﻗﻪﺳﻰ " ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ‪ ،‬ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋﻩﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﺋﻪﺷﯘ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﺘﯩﻼ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﻪﻡ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﺸﻰ ﺗﻪﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻼ‬ ‫ﭼﻪﻛﻠﻪپ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺟﻪﻧﯘپ ۋﻩ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻏﻪﻳﺮﻯ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﻩﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﺪﻩﻙ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﭘﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘھﯩﺖ ھﻪﻡ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ‬ ‫ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﻮﭘﯘﺱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﻢ ۋﺍﺩﯨﺴﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﻟﺴﺎ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻮﺷﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﺰﺩﯨﻨﻼ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ "ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﻻﺭ ﻗﻮﻝ‬ ‫ﺗﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ ‪".‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﻳﻮﻕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ‪.‬ﺑﯘﻧﯩﮕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﻪۋﻩﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ‪-1937-1933‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ۋﻩ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭﻛﯩﭗ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﻪ‬ ‫‪33‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‪ 90٪‬ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺭﯗﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ‬ ‫ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ھﻪﻡ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ھﻪﻡ ﺭﯗﺱ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﻮﻕ‬ ‫ﺩﯦﻴﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ۋﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﯘھﯩﻢ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻴﻪﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ۋﻩ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﻩھﺒﯩﺮﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻣﯘھﯩﻢ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ‬ ‫ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺗﻪﺭﻛﯩﭙﻠﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘ ﺟﺎﻱ ﺋﻪﺯﻩﻟﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ھﻪﻡ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﺪﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﯩﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻲ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﯘﻏﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ‪-1943‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫"ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ" ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﺪﻩ‪،‬‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪(19).‬‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮۋ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ۋﻩ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﻰ ۋﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ " ﺗﯧﺰ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ھﻪﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ "‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ)‪ ،(20‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ھﯘﺟﯘﻡ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﺎپ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﯩﭽﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋﻩﺏ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ۋﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﭼﻪﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺳﻮۋﻩﺕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ "ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ"ﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻨﻰ ﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺗﯘﺗﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ۋﻩﺟﯩﺪﯨﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺗﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫‪34‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﺵ ﻛﺎﺗﯩﭙﻰ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻨﯩﺴﯩﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ۋﺍﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ‬ ‫ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪( 21).‬‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻻﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺪﻯ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‪ ،‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ‪،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺑﯘ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﻣﺪﻩ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ۋﻩ ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ‬ ‫‪،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ۋﻩ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ۋﻩ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪“ ،‬ﺷﻪﺭﻕ ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ” ۋﻩ “ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﻰ” ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ )‪ .(22‬ﺑﯘ‬ ‫ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﻪ ﺋﯜﻧﺪﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ‬ ‫ھﺎﻟﯩﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﯧﻼﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪-1944-1943 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﯗﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻔﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﯧﺠﯩﺖ ﺭﯗﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺏ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬ ‫ﺭﻩھﯩﻤﻮﻑ‪ ،‬ۋﻩ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﻪﺳﻪﻧﻮپ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻦ ھﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻮﻑ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ)‪(.24‬‬ ‫ﺷﻪﺭﻕ ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘﻰ ﺟﯘﺭﻧﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻰ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬ ‫ﺭﻩﺧﯩﻤﻮپ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ ‪-1944 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-12‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮﺩﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺭﻩﺧﯩﻤﻮپ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﻪﺳﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ‪ ،‬ﺑﻪﺯﻯ ﺋﯧﻨﯩﻘﺴﯩﺰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺭﻩﺧﯩﻤﻮﭘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ھﯩﺪﺍﻳﻪﺗﻮپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻣﯧﺠﯩﺖ ﺭﻭﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ‬ ‫‪35‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭۋﻩﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﯩﺮ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ‬ ‫ﺯﯗﻟﭙﯩﻘﺎﺭﻭﻑ ۋﻩ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﻗﺎھﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﻔﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭ‪ ،‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯘﺭﺱ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ‪-30‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻬﺎﻗﺒﻪگ ﻣﯘﻧﻮﻧﻮپ‪،‬‬ ‫ﺭﺍﺯﺍﻕ ﻣﻪۋﻻﻧﻮپ) ﻣﻪﻣﺘﯩﻠﻰ ﺗﻪۋﭘﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ‪ 300‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎﺩﻩﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﺎﺗﯩﻠﻰ (ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ›ﺑﺎﺗﯘﺭ‹ ‪» ،‬ﺑﯘﻳﮕﻰ«‬ ‫ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﻩﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻙ گ ﺏ ﺳﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪( 25).‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯩﺸﻰ ‪-1943‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻮﺗﻮۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ)‪ .(26‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ۋﻩﺯﯨﭙﯩﻨﻰ ﺯﯦﻤﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﺎ‪ ،‬ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ۋﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﻩﺗﻜﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺗﻮﭘﻼپ ۋﻩ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻲ ﭘﯩﻜﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﻬﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ھﻪﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﺯﻏﺎﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﻪۋﻩﺳﯩﺪﻩ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ھﯧﭻ ﺗﯩﻨﭽﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﻪﺭﺑﯩﻴﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺑﯩﻴﻮﻛﺮﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﻪﺯﯨﭙﻰ ﻗﺎﻳﻨﺎپ ﺗﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯧﯔ‬ ‫ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻝ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ۋﻩ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ھﻮﻗﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯦﮕﯜﺩﻩﻙ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ھﻮﻗﯘﻗﻼﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺩﻩﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫‪36‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﯩﺴﻰ ۋﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮ���ﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎﺯ ھﺎﺟﯩﻢ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻣﯘﺋﺎۋﯨﻦ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﯘﻧﯘﺱ‬ ‫ﺑﻪگ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ‪ ،‬ﺗﺎھﯩﺮﺑﻪگ‪ ،‬ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﻪﺭﯨﭙﺨﺎﻥ‪ ،‬ﺗﯘﯕﮕﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﺎﺷﺎۋۋﯗ ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ‬ ‫ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﺯﯨﺮﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ۋﺍﻟﯩﻴﻠﯩﻖ ھﻪﻡ ھﺎﻛﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ‬ ‫ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ۋﻩﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﻯ ﻣﻪﻧﭽﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ‪ 50‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪-1938-1937 ،‬ﻳﯩﻠﻠﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻱ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼﺭ ۋﻩ‬ ‫ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪-1944-1943 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪڭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﭘﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺯ‪.‬ﺳﺎﺑﯩﺮﻯ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ “ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺕ” ﺭﻭﻣﺎﻧﯩﺪﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎھﯩﺪﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺭھﯘﻡ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ‬ ‫ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ)‪ ،(27‬ﺯﯨﻴﺎ ﺳﻪﻣﻪﺩﻯ )‪(28‬ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻣﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ۋﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﻩ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪﺍ ‪-1944 -1943‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﭘﺎﺭﺗﻼﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ھﺎﺭﭘﯩﺴﯩﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻪۋﺟﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻜﻰ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﯖﺪﺍڭ ﺋﯘﭼﻘﯘﭼﻰ‬ ‫ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻟﯩﺮﻯ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰ‪-‬ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻠﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﺎپ‪-1943،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﯘﺷﯘﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﭘﯩﺘﺎﻥ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﻣﺎﺧﻤﯘﺕ ﭘﺎﺭﻣﺎﺷﯧﻔﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻥ ‪-1943 .‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ‪-1944 ،‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﻠﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ » ﭼﻮﻍ« ‪» ،‬ﻏﯘﻧﭽﻪ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ)‪ .(29‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ » ،‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ « ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﻩﺕ‬ ‫ﺭﺍﺯۋﯦﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﭗ ۋﻩ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﻩﻙ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﯩﭗ ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ‬ ‫ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﻩۋﯗپ ﻣﻪﺧﺴﯘﻡ ‪ ،‬ﺳﺎﻟﯩﻬﺠﺎﻥ ﺑﺎﻱ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻛﻪﺭﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳﻮپ ﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫‪37‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﻩ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻰ ھﺎﻛﯩﻢ‬ ‫ﺟﺎﭘﭙﺎﺭ ﻳﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮپ ۋﻩ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﻮﻻﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻛﯩﺸﻰ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪(30).‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻠﻰ ۋﻩ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ۋﻩ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻧﯩﻠﻘﺎ ۋﻩ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻰ) ﻥ ﻙ ۋ ﺩ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻙ‬ ‫گ ﺏ( ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ۋﻩ ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻧﻜﯟﺩ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪ (31‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﻻھﯩﺪﻩ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ)‪ ،(32‬ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ‪-1‬ۋﻩ ‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪-1‬‬ ‫‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋﻩﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭۋ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩﻩپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺯﯨﭻ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﻮﺩﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯨﺘﭽﯩﻜﻠﯩﺮﻯ‬ ‫)ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﻯ( ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻣﻪﻣﻪﺩﻭﻑ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ‬ ‫ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﯗﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﯟﺍﻥ ﺋﯩﯟﺍﻧﻮۋﯨﭻ‬ ‫ﺋﯩﯟﺍﻧﻮپ ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ( ۋﻩ ﭘﯧﺘﺮ ﺳﺎۋﯨﻦ ) ﺯﺍﻛﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪڭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺭﺍﺯۋﻩﺗﭽﯩﻜﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ‪-1937-1933‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻤﯘ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﻰ ﻣﻪﻣﻪﺩﻭپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﻩپ ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﭘﻘﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺯﺍﻛﯩﺮ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻛﯚﻝ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ » ﺑﺎﺗﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﻣﻪﺳﯘﻝ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﺑﻪگ ﻣﯘﻧﻮﻧﻮپ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﻩ ‪-1937‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﺩﻩ ﻗﯩﺮﻏﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫ﻙ گ ﺏ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ ﺭﺍﺯﺯﺍﻕ ﻣﻪۋﻻﻧﻮپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺯﺍﻛﯩﺮ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ‬ ‫‪38‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ۋﻩ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﭘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﯩﺶ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﯩﻤﯘ ﺯﺍﻛﯩﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪﻩﺭ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ)‪.(32‬‬ ‫ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﭘﻮﺩﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﺳﻮﭘﺎﺧﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭﻏﺎ ﺋﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻱ‪،‬‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﺍ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭘﺎﺭﭼﻪ ‪-‬ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺧﯧﺘﻰ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ‬ ‫ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭﭘﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ‪ (33).‬ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ‬ ‫ﺋﻮﺗﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﻪﺗﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻱ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﻣﻪﺭھﯘﻡ ﺳﻮﭘﺎﺧﯘﻥ ﺋﺎﻛﺎ ‪-90‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﺑﯘ‬ ‫ھﻪﻗﺘﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬ﺷﯘﯕﺎ ﺯﺍﻛﯩﺮﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮﭘﺎﺧﯘﻥ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺴﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺘﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ) ﺯﺍﻛﯩﺮﻧﯩﯔ(ﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ)‪. (34‬‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﻪﻟﻰ ﻣﻪﻣﻪﺩﻭﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﺧﺎﺗﺎﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﺎﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻜﻰ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺳﯧﭙﻰ ۋﻩ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ »ﺋﺎﻕ ﺋﻮﺭﯗﺱ«ﻻﺭ ﺩﻩپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﭘﻮﻟﯩﻨﻮپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻜﻰ‬ ‫ﻟﯧﺴﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﮔﺮﯨﺒﻜﯩﻦ ‪ ،‬ﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﻣﻮﮔﻮﺗﻨﻮپ‪،‬‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪۋﻻﻧﻮپ‪ ،‬ﻧﻮﻏﺎﻳﺒﺎﻳﯧﻒ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩﻩﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ‬ ‫ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭﯨﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻥ ﻙ ۋ ﺩ ﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪،‬ﮔﯩﻨﯩﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ‪ ،‬ﺗﺎﻛﻰ‬ ‫‪-1949‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ‪ ،‬ﺋﺎ‪.‬ﻣﻪﺧﺴﯘﻣﻨﯩﯔ ﺳﯚﺯﻟﻪپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ‪-1945 ،‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ »ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺋﻪۋﻩﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﭽﻪ‪ ،‬ﭘﺎﺭﯨﺴﭽﻪ ﺗﯩﻠﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺩﻩﻡ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﻳﺪﻩﺵ ۋﻩ‬ ‫ﺭﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺭﻩﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ھﻪﻣﺪﻩ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﻜﻪﻥ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﻮﺭﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﻧﯟﻭﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫‪39‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ‬ ‫ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﭘﺎﺵ ﺑﻮﻟﺪﻯ ﺩﻩپ ﺗﯘﺗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺰ ﺩﯦﺮﻩﻛﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﺋﯘ‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻝ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺟﺎﺳﯘﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯚﺯ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﻣﻪﺧﺴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪(36).‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘﻕ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻻﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ۋﻩ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﻪﺭﻗﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺧﻪۋﻩﺭﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺟﺎڭ‬ ‫ﻛﻪﻳﺸﯩﻤﯘ ﺧﻪۋﻩﺭﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﺴﯩﺰ‬ ‫ھﻪﻡ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﯘپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﺎﺳﺴﯩﭗ‬ ‫ھﺎﻻﺗﺘﻪ ﻗﯧﻠﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ‪-6-1945.‬ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﻧﺴﯩﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ‬ ‫"ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﻰ"ﻏﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪،‬‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-8‬ﺋﯩﻴﯘﻥ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‬ ‫"ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ۋﻩ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﻰ‬ ‫ھﻪﻡ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻏﻪﻟﺒﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎۋﺍﺯ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﺍﻟﯩﻴﻪﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺭﻛﯩﻦ ﭘﻮﺭﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻟﻰ ۋﻩ ﻟﯜﺷﯜﻥ ﭘﻮﺭﺗﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ "‬ ‫)‪(39‬ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻗﺎﺭﺍﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ‪ .‬ﺟﺎڭ‬ ‫ﻛﻪﻳﺸﯩﻤﯘ »ﺷﯩﻨﺠﺎڭ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺯﻭﺭ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ۋﺍﺯ ﻛﯧﭽﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ‬ ‫‪40‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬ ‫ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻗﻪﺭﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ– ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ۋﻩ ﺋﯩﻠﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‬

‫‪1944‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-8‬ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯘﻻﺳﺘﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ‬‫ﺑﺎﺭﺍ‪-‬ﺑﺎﺭﺍ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪-10‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻧﯩﻠﻘﺎ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻤﯘ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ‪-7‬ﻧﻮﻳﺎﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻨﯩﯔ ‪-1‬ﺋﻮﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﻪﺵ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺟﻪﯕﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﯘھﯩﻢ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻰ ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫»ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ« ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯜچ ﺋﺎﻱ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﺘﯚﻛﯜﺱ ﺗﺎﺯﯨﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺩﻯ‪ .‬ﺯﻭﺭﺩﯗﻥ ﺳﺎﺑﯩﺮ ‪،‬ﺯﯨﻴﺎ ﺳﻪﻣﯩﺪﻯ‪ .‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻥ ﻗﺎھﺎﺭ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺩﻯ ﺳﺎﻣﺴﺎﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺗﺎﺷﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻜﻰ‪ » ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺳﻪپ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ«‪ » ،‬ﺋﯩﺴﺘﯩﻘﻼﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯜﭼﯜﻥ« ‪» ،‬ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺷﯩﯔﺷﯩﻴﺎﻏﺎ ﻗﺎﺩﺍﺵ«‬ ‫ﺷﯘﺋﺎﺭﻯ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ھﻪﻣﻤﻪ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺏ ﻗﻮﻳﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺘﻰ‪ (40).‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺭﻭھ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯩﺰﺍﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ‪ 18‬ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫‪ 45‬ﻳﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-4‬ﺋﺎﻳﻨﯩﮓ ‪-8‬ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻕ ﭘﺎﺭﺗﯩﺰﺍﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺧﺎﺗﯩﻤﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺘﯩﺰﺍﻣﻠﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻣﻪﺷﯩﻘﻠﻪﺭ‬ ‫ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﻠﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳ���ﻟﯜﻧﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭﻩﺕ ﺋﯜچ ﻓﺮﻭﻧﺘﺘﺎ‬ ‫ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﺪﻯ‪-1945 .‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻴﯘﻥ ﺋﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﯚﻟﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ‪،‬‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﺎﺗﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﺋﺎﻝ‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﻮﻧﻔﯧﺮﯦﻨﺴﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻐﺎ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ۋﻩ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯜچ ﺳﻪپ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯗ؟ ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ‬ ‫‪41‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-6-5‬ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋﻩ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻳﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎﯕﻜﻪﻳﺸﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﺭﻩﺷﻠﻪﺭ ﺋﻪۋﺟﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ‪.‬ﮔﻮﻣﯩﯖﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﭼﯧﺮﭼﯩﻞ ۋﻩ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺘﻨﯩﯔ ﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﺘﯩﺮﯨﺘﺘﯩﻦ ﺧﻪۋﻩﺭ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺧﻪۋﻩﺭﺩﺍﺭ ﺋﻪﻣﻪﺱ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪(41) .‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﺯﻩﭘﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ۋﻩ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ﻳﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ« ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻗﺎﻧﭽﻪ؟ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻐﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﺪﻩ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻱ ﺋﺎﻣﺎﻝ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ‪ 1937-‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻩﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻼﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺳﯚﺭﻩپ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺟﺎﯕﻜﻪﻳﺸﯩﻨﻰ ﺩﻩپ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ‬ ‫ﺑﯘﺯﯗۋﯦﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪ .(42‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯘ ‪-1941‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺘﻪﺭﻩﭘﻠﯩﻚ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪ .(42‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ– ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﺷﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋﻩ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ‬ ‫‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺠﯩﺴﯩﺪﻩ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﮔﯘﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺳﺎﻗﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪-‬ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺪﻯ ۋﻩ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻻﺷﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻱ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﻰ ﺑﻪﺵ ﻳﯩﻞ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﻟﺪﺍپ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﭘﺘﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺗﯘﭘﺮﺍﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛۋﺍﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘﺑﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ –ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻨﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻛﯜﻥ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫‪42‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﺗﯧﺰﺭﺍﻕ‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺑﺎﺷﻼﺷﻘﺎ ﺋﯜﻧﺪﯨﺪﻯ)‪ .(43‬ﺋﯩﻠﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‪،‬‬ ‫»ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯩﺪﺩﯨﻲ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﻳﻪﻧﻰ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫‪-4‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-12‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺭﯗﺯۋﯦﻠﺖ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ۋﻩﺯﯨﭙﻪ‬ ‫ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﺗﺮﯗﻣﯧﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ– ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪-5‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ھﻮﭘﻜﯩﻨﺴﻨﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﻪۋﻩﺗﺘﻰ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ھﻮﭘﻜﻨﺴﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ‪-‬ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﻪﺗﯩﻲ‬ ‫ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﺑﯘﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪-‬ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ)‪ .(45‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ھﻮﭘﻜﯩﻨﺴﻜﻪ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ ﺯﯦﻤﯩﻦ‬ ‫ﺗﻪﻣﻪﺳﻰ ﻳﻮﻗﻠﯘﻗﻰ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻣﺎﻧﺠﯘﺭﯨﻴﻪ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻧﺎﺩﺍ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯖﻼ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﻩﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ)‪ .(46‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ‪ ،‬ھﻮﭘﻜﯩﻨﺴﻜﻪ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ‪-7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﻮﯕﺰﯨﯟﯦﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ‪ .‬ﺗﺮﯗﻣﯧﻦ ﺑﯘ ﺧﻪۋﻩﺭﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ 6-‬ﺋﺎﻳﺪﺍ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﺳﻮڭ ﺯﯨﯟﯦﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜپ‪ ،‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺳﻮڭ ﺯﯨﯟﯦﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺩﺩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪،‬‬ ‫ۋﺍﺷﯩﯖﺘﻮﻥ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺋﻪﮔﻪﺭﺩﻩ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻗﻮﻟﻼﺵ ﭘﻮﺯﯨﺘﺴﯩﻴﯩﺴﯩﺪﻩ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ)‪-6 .(47‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-14‬ﻛﯜﻧﻰ ﺗﺮﯗﻣﯧﻦ ﺳﻮڭ ﺯﯨﯟﯦﻨﮕﻪ‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ھﻮﭘﻜﯩﻨﺴﻜﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋﻩﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗپ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ۋﺍﻗﯩﺘﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗۋﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺟﯩﯔ ۋﻩ ﺷﯩﺨﻮ ھﻪﻡ‬ ‫ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻟﯩﻴﯩﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪۋﺍﺗﺎﺗﺘﻰ ‪-6.‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-15‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺧﻪﺭﻟﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﻨﻰ‬ ‫‪43‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻜﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ‬ ‫ھﻪﻣﺪﻩ ‪-6‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-30‬ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺑﺎﺷﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋﻩﻛﯩﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺪﻩ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜﺯﯛۋﻩﺗﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪-7 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-7‬ﻛﯜﻧﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ﭘﻮﺩﺳﺘﺎﻡ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺗﺮﯗﻣﯧﻨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ –ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ‬ ‫ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﺪﻯ )‪ .(48‬ﺳﻮڭ‬ ‫ﺯﯨﯟﯦﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﻧﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯜﺯﯛﻟﯜپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ ﺳﻮڭ ﺯﯨﯟﯦﻨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ۋﺍﯕﺸﯩﺠﯥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪-8 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‬ ‫‪-7‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ‪-14‬ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﺩﺭﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻚ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺳﻮڭ ﺯﯨﯟﯦﻦ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﺗﯩﻲ ﻟﯧﺴﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻓﺮﻭﻧﺖ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯙﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻨﻨﻰ ۋﻩ‬ ‫‪-7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪-31‬ﻛﯜﻧﻰ ﭼﯚﭼﻪﻛﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻳﯚﻟﯜﻧﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺟﯩﯔ ۋﻩ ﺷﯩﺨﻮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ‬ ‫ﻧﯘﻗﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﺎپ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﯩﯔ ۋﻩ ﺷﯩﺨﻮ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﭘﺴﯩﯟﺍﻟﺪﻯ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺷﯩﺪﺩﻩﺗﻠﯩﻚ ﺗﯜﺱ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ۋﻩﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻣﺎﻳﻮﺭ‬ ‫ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻟﯧﻴﺘﯩﻨﺎﻧﺖ ﻻﻧﻔﺎڭ ﺭﻩﺋﯩﺲ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺠﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻮﺋﺎﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺑﯘﻳﻮﺭﯨﺴﻰ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-6‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ‪ 500‬ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮﻯ‪ 2000 ،‬ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﻩ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ‪ (49).‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ ﻣﻮﻟﻮﺗﻮﭘﻘﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺧﯧﺘﯩﺪﻩ »‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﺰﯨﻞ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﺳﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﻓﯩﺘﺴﯧﺮ ۋﻩ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪۋﻩﺗﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ‬ ‫‪44‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﻟﺪﻯ« ﺩﻩپ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ)‪ .(51‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﺍ ﺋﯧﻐﯩﺮ‪-‬ﻳﯧﻨﯩﻚ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻝ‪-‬ﻳﺎﺭﺍﻗﻼﺭ ۋﻩ ﺋﻮﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﻱ ﺋﯧﻴﯩﺪﺍ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺧﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺟﺎۋﺍﺑﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻗﯩﺪﻩﻙ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ)‪(52‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘﺎ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ‬ ‫ﺟﻪﻟﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻻﺭ ﻛﺎﺑﯩﻨﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﺪﯗﺭﺍﺧﻤﺎﻧﻮپ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺧﺎﻣﭽﻮﺕ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﺷﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎﺳﺘﺎ “ ﺋﻮﺯﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ‪-1946‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻣﭽﻮﺗﯩﻐﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﻠﻴﻮﻥ ﺭﯗﺑﻠﯩﻲ ﭘﯘﻝ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺶ” ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ)‪. (53‬ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﺎھﯩﺪﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﺗﯚﻟﻪﻡ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺮ‪-‬ﻳﯧﻨﯩﻚ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ۋﻩ ﺋﻮﻕ ﺩﻭﺭﯨﻼﺭ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻬﻪﻟﻪﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﯩﻘﺘﺎﺭﺩﺍ ﭼﺎﺭۋﺍ ﻣﺎﻝ‪ ،‬ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ )‪ .(54‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﻪﺭﯨﺒﯩﺮ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ھﻪﻡ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺩﯙﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ھﺎﺳﯩﻞ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﻥ‬ ‫ﻛﯚﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯﻩﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﺷﻨﻰ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺩﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﺗﯧﺰﺭﻩﻙ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﺧﺎﻻﺱ‪.‬‬ ‫ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-9‬ﺋﯩﻴﯘﻝ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋﻩﻛﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ ﺳﯚھﺒﯩﺘﯩﺪﻩ‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪﻩ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ " ﺷﻪﺧﺴﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻳﺎﺭﺍﻕ‬ ‫ﺗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﭼﯧﮕﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ"ﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ)‪،(55‬‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭﻩپ ﻗﻮﻝ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻼ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﻗﯩﻼﻻﻳﺘﺘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺗﺎﻛﻰ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫‪45‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺟﯩﯔ –ﺷﯩﺨﻮ ﻟﯧﻨﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ‬ ‫ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﻮﺯﻏﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻓﺮﻭﻧﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭼﯚﭼﻪﻙ ۋﻩ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﻪﺭﻩﭘﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺳﯜﺭﮔﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ۋﻩ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻧﺴﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺷﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺪﻩ" ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ" ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﺧﻪۋﭘﺴﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯜﺭﯨﺘﯩﻨﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪،‬‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺩﻩپ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﭘﯩﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ‬ ‫ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯚﻛﯜﻟﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﯧﭻ‬ ‫ﺳﻪﺯﻣﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺷﯩﺪﺩﻩﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪۋﺟﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﻩ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽ���ﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﻪﺩﻩﻣﺪﻩ‬ ‫ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻳﯟﻩ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﮔﻪﻥ ﺟﺎڭ ﺟﯧﺸﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﻧﻤﻪﻱ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪڭ ﺑﯩﺌﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‬ ‫ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ “ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ھﺎﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ” ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻣﺎﻧﺎ‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻪﺗﯩﻲ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﻤﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪-8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‪-8‬ﻛﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪-15‬ﻛﯜﻧﯩﮕﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﺎﻱ‪ ،‬ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪-8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﻪﺷﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ۋﺍﻟﯩﻲ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﻩ‪ ،‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻐﺎ ﺳﻮﺯﻏﺎﻧﺴﯩﺮﻯ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ۋﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭘﺎﻳﺪﯨﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪﻻ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﭗ)‪ ،(56‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﺷﻘﺎ ﺭﺍﺯﻯ ﺑﻮﻟﺪﻯ ھﻪﻣﺪﻩ‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-14‬ﺋﺎۋﻏﯘﺳﺖ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ“ ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ”ﻧﻰ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻩپ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪“ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ۋﻩﻗﻪﻟﻪﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ‪-5‬ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺶ ﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﻤﯩﺰ”‬ ‫ﺩﻩپ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﻯ)‪(58‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮﻩﻛﻜﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھﯧﭽﻘﺎﭼﺎﻥ ﺭﻩﺳﻤﻰ‬ ‫‪46‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﺎﺭﺩﻩﻡ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ۋﻩ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﺍ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ “ ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ” ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ ﺟﯩﯔ ۋﻩ ﺷﯩﺨﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺗﺎﻛﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﭗ‪،‬ﺋﯜچ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯩﭽﻪ ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ‪-9‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‪ -6‬ۋﻩ ‪-7‬ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯩﯔ ھﻪﻡ ﺷﯩﺨﻮﻧﻰ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﮕﻪ ﻗﻪﺩﻩﺭ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ‪،‬ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪-11 .‬ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻰ ﻳﯧﯟﺳﯧﻴﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﭗ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ)‪ ،(59‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺭﻩﭘﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺷﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ‪ (60)،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺪﻯ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﻩ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﺴﯩﺰ ﺋﯩﻠﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫»ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ« ﺋﯩﻤﺰﺍﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻤﯘ‬ ‫ﺟﯩﯔ ۋﻩ ﺷﯩﺨﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﻩﻙ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﻰ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﺎپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ھﻪﻣﺪﻩ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﻩ ﺗﺎﺷﻘﻮﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﻪﯕﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺮﯨﺸﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼپ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻧﭽﯩﯟﺍﻻ ﺋﺎﺳﺎﻥ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮﻩﻙ‪ .‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ –ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﻣﺎﻧﺎﺱ ﺩﻩﺭﻳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘپ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺳﯚھﺒﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﯩﺴﺘﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﺎﻟﺘﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺪﻩ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﺵ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ »ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ«ﻧﯩﯖﻤﯘ‬ ‫‪47‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺘﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﺵ ۋﻩﻗﻪﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺑﯩﺘﯩﻢ ۋﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﻛﻰ‪ 1949-‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ‬ ‫ﺳﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺘﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ «‪» ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ«‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺑﻪﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺯﺍﺩ‬ ‫ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋﺩﻩ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﺪﻯ ‪.‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻟﻠﯘﻗﻨﻰ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻪﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺭﻩۋﯨﺸﺘﻪ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻮﻟﺠﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ۋﻩ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﻮﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫‪-2‬ﺩﻭﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭپ ﺗﺎﻛﻰ ‪-1949‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﺯ ﭘﻪﺳﻠﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ –ﺳﯩﻴﺎﺳﻰ ۋﻩﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﺩﻯ‪ (61).‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺧﯘﺩﺩﯨﻲ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﻩ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺳﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭘﻪﻳﺘﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺳﻪﺯﮔﯩﻨﯩﺪﻩﻙ ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯩﺌﯘﺷﺎۋﭼﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ‪-1949‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫‪-8-7‬ﺋﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪﺭﺩﻩ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ‬ ‫ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘ���ﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ‬ ‫ﻗﯘﺩﺭﻩﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩھﺒﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﺸﯩﺴﯩﺰ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ھﻪﻣﺪﻩ ھﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﺎﻱ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﻟﯘﻕ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ » ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ«‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺑﺎﻳﺮﺍﻗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ‪ ،‬ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻛﯜﺗﻜﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺳﯧﻬﺮﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ‬ ‫ﺳﻪﺯﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎﻥ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ‪-1949‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-30‬ﻳﺎﻧﯟﺍﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﻜﻮﻳﺎﻧﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﯜﺭﺩﻩ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ‬ ‫‪48‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗﯕﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﻰ‬ ‫ﺷﯩﺒﻪﻳﭙﻮﻏﺎ ﺋﻪۋﻩﺗﺘﻰ‪-8 .‬ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ‪ 8‬ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﻪﻟﯟﻩﺗﺘﻪ ‪،‬‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﻣﯩﻜﻮﻳﺎﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﺒﻪﻳﭙﻮ ﺯﯨﻴﺎﺭﯨﺘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﯧﺴﺎۋﺍﺕ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ؛‬ ‫» ﻣﺎۋﺯﯨﺪﻭﯕﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬ﺋﯘ ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﻩ ﺋﯘﺭﯛﻣﭽﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ۋﻩ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻼﺭ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺕ‪-‬ﺩﯦﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ‪-1945 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﭼﻮﯕﭽﯩﯖﺪﺍ ﺑﺎﻱ ﭼﻮﯕﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﻼﻧﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺗﺎﻧﻜﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ‬ ‫ﺯﻩﻣﺒﯩﺮﻩﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺩﯦﺪﻯ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﻧﻪﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﻳﻮﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻻﺯﯨﻢ ﺩﻩپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪﺗﯩﻲ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺩﯛﻡ«‪(62).‬‬ ‫ﻣﯩﻜﻮﻳﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ‪-1949‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-4‬ﻓﻪۋﺭﺍﻝ ﻛﯘﻧﻰ ﺷﯩﺒﻪﻳﭙﻮﺩﯨﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻐﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗﯕﻐﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﻩپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ‪.‬‬ ‫» ﻣﻪﻥ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗﯕﻐﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪﻩ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ھﻪﺩﺩﯨﺪﯨﻦ ﺯﯨﻴﺎﺩﻩ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﻻپ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ‪،‬ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﺎۋﺯﯦﺪﻭڭ ﺑﯘ ﺟﺎۋﺍﺑﻘﺎ ﺧﻮﺵ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﺍﻳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ھﯧﭻ ﻛﯩﻤﮕﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ”‪(63).‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻰ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻓﯧﯟﺭﺍﻝ ﺋﯧﻴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﻓﯧﯟﺭﺍﻟﺪﺍ ﺳﺘﺎﻟﯩﻨﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ۋﻩ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﺎﺩﺩﺍ ﺧﻪﻟﻘﺘﯩﻦ ﺧﯘﭘﯩﻴﺎﻧﻪ ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ ‪،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯜﺯﯛﻝ‪-‬ﻛﯧﺴﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗﯕﻐﺎ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺋﺎﻳﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﺮﯦﻤﯩﻞ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﯘپ )‪-‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﺘﯘ؟(ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﺘﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ھﺎﺩﯨﺴﯩﮕﻪ‬ ‫‪49‬‬


‫‪http://bostan.cn‬‬

‫ن ى‬

‫ﺋﯘﭼﺮﯨﺪﻯ ‪.‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﺳﯩﺘﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗڭ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺳﻮۋﯦﺖ‪-‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺍﺭﺍ ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ« ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ‪ 6‬ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎۋﺯﯦﺪﯗڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺳﻪﻳﻔﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﺯﯨﺰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻪﻳﻔﯩﺪﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺩﯦﯖﻠﯩﭽﯜﻥ ۋﻩ‬ ‫‪-1944‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﯖﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻗﻮﻝ ﺗﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ‬ ‫ﺗﯚﺭﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﻛﻮﻧﺴﯘﻝ‬ ‫ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ھﻪﻳﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺭﻩھﺒﻪﺭﻟﯩﻜﯩﺪﻩ ﺩﻩﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻰ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬

‫‪50‬‬


‫ﭼﻮڭ ﺷﺎھﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪﺭ ‪ -‬ﺋﻪڭ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ‬ ‫‪.1‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ‬ ‫‪(2‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ۋە ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ‬ ‫ﻳﯧﻘﯩﻨـﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩـﺴﺘﺎﻥ ﭘﺮﯦﺰﯨـﺪﯦﻨﺖ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩـﺪﺍ ﺳـﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩـﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗـﺪﺍﺵ‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﺮ‬ ‫ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻻﻳﯩﻬﻪ ﺩﻭﻛﻼﺗﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺩﻭﻛﻼﺕ ‪-1947‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-2‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩـﻖ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻛﻮﻡ ﭘﺎﺭﺗﯩﻴﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽـﻰ‬ ‫ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺷﺎﻳﻪﺧﻤﻪﺗﻮۋ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻤﺰﺍﻻﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩـﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺧﺎﺩﯨﻢ ﻥ‪.‬ﺱ‪ .‬ﭘﺎﺗﻮﻟﯩﭽﯧﯟﻗﺎ ﺋﻮﻳﻼﻧﻐﺎﻥ)‪. (1‬‬ ‫ﺩﻭﻛﻼﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗـﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ھﻪﻣـﺪە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻻﻳﯩﻬﯩـﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩـﺪﯨﻦ ﺑـﯘ ﻣﻪﺳـﯩﻠﯩﻨﻰ ھﻪﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩـﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻟـﺪﻯ ﻗﻮﺭﻏـﺎﻥ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺘﯩﻨﯩﯔ ﭘـﺎﻧﻔﯩﻠﻮۋ‪ ،‬ﺋـﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺭﺍﻳـﻮﻧﻠﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﯩـﻠﻪﻙ‪ ،‬ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽـﻰ ﻗـﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ‪ ،‬ﻧـﺎﺭﯨﻨﻘﻮﻝ‪ ،‬ﻛـﯧﮕﻪﻥ ﺭﺍﻳـﻮﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﯘﺷﻰ ‪ ،‬ﭘﺎﻧﻔﯩﻠﻮۋ ﺷـﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ( ﻳﻪﺭﻛﻪﺕ ﺷـﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ( ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩـﺰﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ‪23‬ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ھﻪﻣﺪە ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ‪% 20‬ﻧـﻰ ﺗﻪﺷـﻜﯩﻞ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ‪(2) .‬‬


‫ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻕ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ھـﯚﺟﺠﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻻﻳﯩﻬﻪ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤـﺰﺍ ﻗﻮﻳﯘﺷـﻰ‪،‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﻯ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﺩﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙـﺎﺭﺗﯩﻴﻪ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨــﻲ ﻛــﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩــﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐــﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩــﭗ‪ ،‬ﻛﯧــﻴﯩﻦ ﺋــﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭ ﺯﯨــﭻ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷــﻘﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩــﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷــﯜﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜــﻰ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﯩــﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐــﺎ ﺑﯩﻨــﺎﺋﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻗﯩ���ﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻗﻪﺩەﻣﺪە ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗـﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻻﻳﯩﻬﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧـﺮەﻙ ‪.‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩـﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩـﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ۋە ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼپ ﺷﻪﺭھﻠﻪﻳﺪﯗ‪(3).‬‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽــﻰ ﻧﯘﻗﺘــﺎ ﺳــﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﺎﺯﺍﻗﯩــﺴﺘﺎﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩ ـﺪﯨﻦ ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙــﺎﻗﻰ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩــﯔ‬ ‫ﺳــﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩــﯔ ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐــﺎ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ھــﯚﺭﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷــﯘﺭﯗﺵ‪ ،‬ﺳــﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﻰ‪-‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﺪە ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏـﺎ ﺯەﺭﺑﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ‪:‬‬ ‫"ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨـﻰ‬ ‫ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷــﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺋﯩﻨــﺘﯩﻠﯩﺶ ﻧﺎھــﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠــﯜﻙ ﺗﻪﺭەﻗﻘــﻰ ﻗﯩﻠﻐــﺎﻥ ‪.‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩــﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪﺷﯘ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩــﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳــﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟــﺪﺍ ﻧﯩــﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩــﺸﯩﭗ ﻳﺎﺷــﺎﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺋــﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ‬ ‫ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ‪ ،‬ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺳﻮﺗﺴﯩﻴﺎﻟﯩﺴﺘﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩـﭗ‬ ‫ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩـﺸﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳـﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﭘـﺎﺭﺗﯩﻴﻪ ۋە ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﺎﺩﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻼﻳﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ﺑﯩـﺰﺩە‬ ‫ۋە ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ‬


‫ﺗﻪڭ ﺑﺎﺭﺍۋەﺭﻟﯩﻚ ھﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﻠﻐـﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭﭼﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻼﺭﻧﯩـﯔ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻳﯧﭙﯩﻠﯩـﺸﻰ ﭘﺎﻛﯩـﺖ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﻛﯚﺭﺳـﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪(4) ".‬‬ ‫ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺖ ﻗـﯘﺭﯗپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ‪-1944‬ﻳﯩﻠـﻰ ﺑﺎﺷـﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠـﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗـﺎﻱ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘـﺎﻱ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩـﺮﻯ ھﻪﻡ ﺑﺎﺷـﻘﺎ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋـﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘـﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳـﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜـﻰ‪،‬‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋـﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩـﯔ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻛﺴﯟﺍﻧﯩﯔ "ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﻰ" ھﻪﻡ ﺟﯘﯕﮕـﻮ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﺘﯩﺪە ﻣـﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯧﻜﺮﯨﺘﺎﺭﻯ ﺷﺎﻳﻪﺧﻤﻪﺗﻮۋ ﺋﯩﻤـﺰﺍ ﻗﻮﻳﻐـﺎﻥ ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ‬ ‫ﻻﻳﯩﻬﻪ ﺩﻭﻛﻼﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ۋە ﺋـﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩـﺴﻰ ﺳـﺎﺑﯩﻖ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ ﺋﻪﻳﻨـﻰ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻧﯘﻗﺘـﺎ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ" ‪:‬ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ ﺋﻮﺑﻼﺳـﺖ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤـﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩـﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩـﺴﺎﺩﯨﻲ‬ ‫ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺰﻟﯩﺘﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩـﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘـﺎ ﺑﯘﻧﯩـﯔ‬ ‫ﻣﯘھﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ ﺋـﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺷـﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺋـﯜچ ﻣﯩﻠﻴـﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ‬ ‫ﺋﺎﻣﻤﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺧــﺸﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳــﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏﯩــﺸﻰ ﺷﯜﺑﻬﯩــﺴﯩﺰ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋــﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ‪".‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ۋە ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ ﻧـﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﺋﯩﻠـﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩـﻲ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨـﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩـﺸﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻰ ﺗـﯜپ ﺟﻪھﻪﺗـﺘﯩﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﺍ‪،‬‬


‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩـﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺑﻪﻟﻜـﻰ‪ ،‬ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺧﯘﺳﯘﺳـﯩﻲ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﺍﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻧﻪﺯەﺭ ﺋﻪﮔﻪﺭﺩە ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـﺎ‬ ‫ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﭘﻪﻳـﺪﺍ ﺑﻮﻟـﺴﺎ ۋە‬ ‫ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩـﺴﻰ ﺋﯜﭼـﯜﻥ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗﺷـﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩـﺪ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ ‪-30‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﻪﻥ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ۋە ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴـﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﻪﺧـﺴﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩـﭗ ﺗﺎﭘﻘـﺎﻥ ﻗﻪﺷـﻘﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩـﺴﻼﻡ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜـﻰ ﺋﻪﺯﮔـﯜﭼﻰ ﻣﯩﻠﯩﺘﺎﺭﯨـﺴﺖ ﺷـﯧﯔ ﺷﯩـﺴﻪﻳﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩـﺸﻰ‪ ،‬ﻣﻪﻧﭽﯩـﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ‪،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﯨﺸﯩـﺸﻨﻰ‬ ‫ﺧﺎﻟﯩﻐـﺎﻥ‪ ،‬ﺳـﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻣﻮﯕﻐـﯘﻝ ﺭﻭھـﺎﻧﯩﻲ‪،‬ﻛﯩﻨﻪﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ ‪ ،‬ﺋﻪﻛـﺴﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺳـﺎﺩﯨﻘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻐـﺎﻥ ﻛﻮﻣﻤﯘﻧﯩـﺴﺘﯩﻚ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺳـﯘﺧﺒﺎﺗﻮﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭ ﭘﯩﻜﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-40‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳـﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟـﯘپ‪،‬‬ ‫ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩــﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩــﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺗــﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩــﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﻟﻜﯩــﺪە ﺟﯘﯕﮕــﻮ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨـﺎﺵ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻠﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ۋە ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪە ﺋـﯚﺯ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩـﺸﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ‪-20 .‬ﺋﻪﺳـﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-50‬ﻳﯩﻠﻠﯩـﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ‬ ‫ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻨﯩــﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﻲ ‪،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤــﺎﺋﯩﻲ‪ -‬ﺋﯩﻘﺘﯩــﺴﺎﺩﯨﻲ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩــﻲ‪-‬ﻣﺎﺋﺎﺭﯨــﭗ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴــﺎﺕ‬ ‫ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬


‫‪(2‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‪ ،‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﯨﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴـﺎﻟﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑـﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩـﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﯨﻼ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻘـﺎ‬ ‫ھﻪﻣــﺪە ﻗﯘﺭﯗﻟﻐــﺎﻥ ھﯚﻛــﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩــﯔ ﺗﻪﺳــﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳــﯩﯖﺪﯛﺭﯛﺵ‪ ،‬ﺳــﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪپ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﺘﻪ ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣـﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷـﻘﺎ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩـــﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩـــﺪﻯ‪ .‬ﻣﻮﺳـــﻜﯟﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﯩـــﺴﺘﺎﻥ ‪،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨـ ـﺴﺘﺎﻥ ۋە ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﯩـــﺴﺘﺎﻥ‬ ‫ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ ﺳـﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ۋە ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪" ،‬ﺷـﻪﺭﻕ ھﻪﻗﯩﻘﯩﺘـﻰ" ۋە "‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻕ ﺋﯧﻠﻰ" ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ )‪ .(5‬ﺑﯘ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻘﻘﻪ ﺋﯜﻧﺪەﻳـﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩـﯔ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ھﺎﻟﯩﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺗـﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷـﯩﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩـﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯨـﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩــﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺳﯩﻴﺎﺳــﯩﺘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﻗﻪﺭﯨﻨــﺪﺍﺵ ﺋﻮﺗﺘــﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳــﯩﻴﺎ ﺗــﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﻪ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋـﻮﺯ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋـﯚﺯﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﯟﯨﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪-1944-1943 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭ ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﺩﯨـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺯﯨﻴـﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﯜﭼﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻡ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺭﯗﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻔﻨﯩـﯔ ﺋﯩﻨﯩـﺴﻰ ﺋﺎﺑـﺪﯗﻣﯧﺠﯩﺖ‬ ‫ﺭﯗﺯﯨﺒﺎﻗﯩﻴﯧﻒ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺏ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺭەھﯩﻤﻮﻑ‪ ،‬ۋە ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻗﺎﺩﯨﺮ ھﻪﺳـﻪﻧﻮپ ھﻪﻣـﺪە‬ ‫ﺋﺎﺗــﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩــﺴﻰ ﺋﻪﺭﺷــﯩﺪﯨﻦ ھﯩــﺪﺍﻳﻪﺗﻮﻑ ۋە ﺑﺎﺷــﻘﯩﻼﺭ ﺋﯩــﺪﻯ)‪ .(6‬ﺳــﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩـﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩـﻚ‬ ‫ﺋﯩــﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩــﺸﯩﮕﻪ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩــﻚ ﺗﻪﺳــﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳــﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋﯩــﻨﻘﯩﻼﺏ‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﯜﻣﺠﺎﻥ ﺯﯗﻟﭙﯩﻘـﺎﺭﻭﻑ ۋە ﺗﯘﺭﺳـﯘﻥ ﻗﺎھـﺎﺭﻯ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﻨـﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘـﺎ‬


‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺟﯘﺭﻧﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗـﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩـﻢ ﺋﺎﻟﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﮔﻮﻣﯩﻨـﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ‬ ‫ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ ‪.‬‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ۋە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴـﺴﯩﻖ‬ ‫ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻓﺎﺗﯩﺦ ﺑﺎﺗﯘﺭ‪ ،‬ﺳـﻪﻳﻔﯘﻟﻼﻳﯧﯟ ھﻪﻣـﺪە ﺋﯩﺴـﺴﺎﻗﺒﻪگ‬ ‫ﻣﯘﻧﻮﻧﻮپ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻡ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩـﻖ ﺋﻪﺗـﺮەﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩـﻖ ﮔـﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎﻧﭻ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ‪(7).‬‬ ‫ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﻳﻪﻧﻪ ‪-1943‬ﻳﯩﻠـﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩـﺴﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨـﻲ‬ ‫ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﻴـﺎ ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻮﺗـﻮۋ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩـﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ﻣﻪﺧـﺴﯘﺱ ﺷـﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺭﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﺎ‪ ،‬ﭼﯚﭼﻪﻙ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷـﯧﯔ ﺷﯩـﺴﻪﻱ ۋە ﮔﻮﻣﯩﻨـﺪﺍﯕﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ‬ ‫ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ھﻪﻡ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫"ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ " ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻟﻰ‬ ‫ﺩﺍﺑﺎﺷﯩﻦ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳـﺪﺍﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯩﺨـﺎﻥ ﺗـﯚﺭە‪ ،‬ﺋﺎﺑـﺪﯗﺭەۋﯗپ‬ ‫ﻣﻪﺧــﺴﯘﻡ ‪ ،‬ﺳــﺎﻟﯩﻬﺠﺎﻥ ﺑــﺎﻱ‪ ،‬ﺋﺎﺑــﺪﯗﻛﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺑﺒﺎﺳــﻮۋ‪ ،‬ﺭەھﯩﻤﺠــﺎﻥ ﺳــﺎﺑﯩﺮ ھــﺎﺟﻰ ﻗﺎﺗــﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﺧﺎﻧﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻰ ھـﺎﻛﯩﻢ ﺟﺎﭘﭙـﺎﺭ ﻳـﺎﺭﯗﻟﻼﺑﯧﻜﻮۋ ۋە‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﻮﻻﺕ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻛﯩﺸﻰ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪(9).‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ۋە ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻳﺪﺍ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨﻰ ﻛـﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺶ ھﻪﻣـﺪە ﺋـﯘﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﺷـﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ۋە ﺋﯘﻟﻐـﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼـﯜﻥ ﻧﯩﻠﻘـﺎ ۋە ﻏﯘﻟﺠـﺎ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮﯨﻼ ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺧﻪﻟـﻖ ﻛﻮﻣﯩﺴـﺴﺎﺭﯨﻴﺎﺗﻰ) ﻥ ﻙ ۋ ﺩ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜـﻰ ﻙ گ ﺏ( ﺗﻪﺭﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﯘﺗﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ۋە ﻗﻮﺭﻏﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻥ ﻙ ۋ ﺩ ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ‬


‫ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﻯ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﺍ ﭘﺎﺋـﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﺎﺭﻏـﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐـﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ)‪). 10‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ‬ ‫ﻣﺎﻳﻮﺭ ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭۋ ﺑﻮﻟﯘپ)‪ ،(11‬ﺑـﯘ ﺋـﺎﺩەﻡ ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺋﻪﻟﯩﺨـﺎﻥ ﺗـﯚﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﺳـﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩـﭙﻼ‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ‪-1‬ۋە ‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩـﺪﯨﻐﺎﻥ ‪-1‬‬ ‫‪-2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ‬ ‫ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭۋ ﺋﯘچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺋﯩـﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺗﺎﺭ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋـﯘﻻﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺯﯨـﭻ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﭘﻮﺩﭘﻮﻟﻜﻮۋﻧﯩﻚ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩـﺪﯨﻜﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯨﺘﭽﯩﻜﻠﯩـﺮﻯ )ﺟﺎﺳﯘﺳـﻠﯩﺮﻯ(‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﺕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﻟﻰ ﻣﻪﻣﻪﺩﻭﻑ ) ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮔﺎﺑﯩﺖ ﻣﯘﺯﯨﭙﻮۋ(‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋـﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ﺭﯗﺳـﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩـﯟﺍﻥ ﺋﯩﯟﺍﻧـﻮۋﯨﭻ‬ ‫ﺋﯩﯟﺍﻧﻮۋ ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەﺭ( ۋە ﭘﯧﺘﺮ ﺋﯩﯟﺍﻧﻮۋﯨﭻ ﺳﺎۋﯨﻦ ) ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺯﺍﻛﯩـﺮ‬ ‫ﺗﯚﺭە( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﻛﯩـﺸﻰ ﺋﻪڭ ﺩﺍﯕﻠﯩـﻖ ﺭﺍﺯۋەﺗﭽﯩﻜـﻼﺭ ‪-1937- 1933‬ﻳﯩﻠـﻼﺭﺩﺍ ﺟﻪﻧـﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪) 12).‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻨـﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻐـﺎﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﯘﻧﻰ ﺗﻮﻟـﯘﻕ‬ ‫ﻗﺎﻣﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﺭﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﺑـﯘ ﺋﯩـﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟـﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷـﺘﺎ‬ ‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ‪.‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-9‬ﺋﺎﻳـﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨـﺪﺍڭ ﮔﻪﻧـﺴﯘﺩﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕـﺎﻥ ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ ﻣـﺎ‬ ‫ﺑﯘﻓﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﯕﮕﺎﻥ‪ ،‬ﺳﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ‪-5‬ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﻮﺭﭘﯘﺳــﻨﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩــﻲ ﺋــﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩــﻞ ﺗــﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼــﯜﻥ ﺷــﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻳــﯚﺗﻜﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧــﺪە‪،‬‬ ‫ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭەﺋﯩﺴﻰ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗـﯚﺭە ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ ﻣﺎﺑﯘﻓﺎﯕﻐـﺎ" ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋـﯚﺯﺍﺭﺍ ﺋـﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﺪە ﻣﺎ ﺑﯘﻓﺎﯕﻨﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﺭﯗﻛـﯟﺍﺭﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ" ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺧﯧﺘﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐـﺎ ﭼﯜﺷـﻜﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ‪.‬‬


‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ‪،‬‬ ‫ﺩﺭ‪ .‬ﻣﻪﺳﯘﺩ ﺳﻪﺑﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﻮﺯﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ۋە ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩـﻦ ﺑـﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫"ﺋﯜچ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ"ﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ" ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ " ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯧﺘﯩﻤﯘ )‪ (13‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﻟﯩﺨﺎﻥ‬ ‫ﺗﯚﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺳﻮﭘﺎﺧﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﻘـﺎ‬ ‫ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺧﯧﺘﯩﻤﯘ "‪ -2‬ﺩﻭﻡ" ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺋﻮﺭﮔﯩﻨﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﻳﻮﻟﻼپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪(14) .‬‬ ‫ﺗــﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘــﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤــﯘ‪ ،‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘــﻰ ﻳﯩﻠــﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺷــﻜﺎﺭﯨﻼﻥ' ﻏــﺎﻥ ﻧﻪﻕ ﺋﺎﺭﺧﯩــﭗ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﯩﻠﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋـﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﻨﻰ ھﻪﻣـﺪە ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـﺴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺕ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺑﺎﺷـﻘﺎ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﻣﺪە ﻛﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﺵ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﻗﺎﻣـﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩـﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜ ﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ‪.‬‬ ‫ﻏﯘﻟﺠﯩﺪﺍ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ‪ -1‬ۋە ‪ -2‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭ ﺋﯘچ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻠﯩـﻖ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜـﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛـﯘﺭ‬ ‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ‪-‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴـﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ھﻪﻣـﺪە ﺟﯘﯕﮕـﻮ‬ ‫ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﻣﯩﭽﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩـﻴﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋـﺎﺯﺍﺩ ﺋـﯜچ ۋﯨﻼﻳﻪﺗـﻜﻪ ﺳـﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨـﭗ‪ ،‬ﺋﯘﭼـﯘﺭ‬ ‫ﺗﻮﭘﻠﯩــﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟــﺪﯨﻨﻰ ﺋــﯧﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨــﻰ ﺋﯧﻠﯩــﭗ ﺑﺎﺭﻏــﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐــﺎ ﺋﯩﭽﻜــﻰ ﺋﯩــﺸﻼﺭ‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﭽﯩـﺴﻰ ‪،‬ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺑﺎﺷـﻘﺎﺭﻣﺎ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻟـﻰ‬ ‫ﻣﻪﻣﻪﺩﻭۋ ﻣﻪﺳــﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﯘپ‪ ،‬ﺳــﻮۋﯦﺘﻜﻪ ۋە ﺋﯩﻠــﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐــﺎ ﻗﺎﺭﺷــﻰ ۋە ﻧــﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﻪﻳﭙﯩﻴــﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩــﻚ ﻛﯩــﺸﯩﻠﻪﺭﻻ ﺗﻪﻛ ـﺸﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺟﺎﺯﺍﻻﻧﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳــﺘﻰ ھﻪﺗﺘــﺎ ﺳــﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻤﯘ ﺭﺍﺯۋﯦﺘﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋـﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﻠﻮ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳـﯩﻠﻪﻥ ‪-2‬ﺩﻭﻡ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻘﻰ ﮔﯧﻨﯧـﺮﺍﻝ‬


‫ﺋﯧﮕﻨﺎﺭﻭۋ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ‪-2‬ﺩﻭﻣﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ‪ ،‬ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ﻻﯕﻔﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﺭﯗﻧﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﻏﺎ ﺩﻭﻛـﻼﺕ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐـﺎﻥ ‪.‬ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺳــﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩــﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟــﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ھﻪﺭﺑﯩــﻲ ﺋﻮﻓﯩﺘــﺴﯧﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﯩﺮﺯﯨﮕــﯜﻝ ﻧﺎﺳــﯩﺮﻭۋ‪،‬‬ ‫ﺳــﻪﻳﺪەﺧﻤﻪﺕ ﺋــﯚﻣﻪﺭﻭۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩــﯔ ﺋــﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩــﺘﯩﮕﻪ ﺳــﺎﺩﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩــﻲ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪(15) .‬‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯩﻠﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻳـﺎﻛﻰ ﻣﯘﺳـﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐـﺎﻥ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﭼﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ" ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕـﺮﺍ ﺷـﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪە ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴـﺎﺗﻼﺭ ۋە ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭﻧﯩـﯔ ﺋﻪۋﺟـﻰ ﺋﯧﻠﯩـﺸﻰ ھﻪﻡ‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ۋە ﺋﻪﯕﻠﯩـﻴﻪ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩـﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘـﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﺳﯘﻏﯘﺳﻰ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ‪-‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩـﻴﻪ ﺗﻪﺳـﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﻪﻳـﺪﺍ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻧﯩـﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺗﻪھـﺪﯨﺖ ﺩەپ ﭼﯜﺷـﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯩـﺪﻯ‪ .‬ﺷـﯘﯕﺎ ‪ ،‬ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﻗﻮﺯﻏـﺎﺵ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ ﺑﯧﺮﯨـﺸﯩﻤﯘ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺷـﻪڭ‬ ‫ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﻮﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻰ ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﻟﻜﻪ ھـﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩـﮕﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨـﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺕ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ‪-1943‬ﻳﯩﻠﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﻪ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﯗﺷـﻘﺎ ﺭﯗﺧـﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩـﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧـﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ‪ -‬ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﻳﻮﻝ ﻗﻮﻳﯘﺷﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺷـﯧﯔ‬ ‫ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺘﺘﯩﻦ ﻳﯜﺯ ﺋﯚﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ ﺑـﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐـﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺳـﯩﯖﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﻮﺯ ﺗﻪﺳـﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﯩـﺪﯨﻦ ﺗﯩﻜﻠﯩﯟەﻟﯩـﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳـﯘﺵ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﯩﺪە " ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺵ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ" ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ‬


‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﺯﯨﺘﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘﺷﺘﺎ ﺋـﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺭﻭﻝ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺘﺘﻰ"ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪-1944‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-3‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼﯕﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺘﻰ ﺭﯗﺯۋەﻟﯩﺘﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻣـﺪە‬ ‫"ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋەﻗﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜـﻰ‪ ،‬ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ ﻧـﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻳﯩـﺮﺍﻕ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ"ﻧﻰ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺭﮔﻪﻥ)‪ (16‬ھﻪﺗﺘـﺎ‪،‬‬ ‫‪-1945‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-9‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺟﯩﯔ ۋە ﺷﯩﺨﻮ ﺟﻪڭ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻠـﻰ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻟﯩﻨﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤـﺎﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺳﻪﭘﻠﻪﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕـﻮ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ۋەﻳـﺮﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩـﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐـﺎ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻤﯘ‪ ،‬ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺧﻪﺭﻟـﻰ ۋە‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺑﺎﺵ ﻗﻮﻣﺎﻧـﺪﺍﻧﻰ ۋەﺩﻣﻪﻥ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩـﺸﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ۋەﻛﯩﻞ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯩﯔ ۋە ﺷﯩﺨﻮ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷـﻘﺎ ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷـﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻥ ) ‪ .(17‬ھﻪﺗﺘـﺎ‪،‬‬ ‫‪-1947‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﻳﺘﯩﻚ ﺗﯧﻐﯩﺪﺍ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﯨـﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﯘﻧـﯘﺵ‬ ‫ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪﺭەپ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﻭﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻣﺒﺎﺭﺩﯨﻤﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐـﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﻪﻳﺘﯩﻚ ۋەﻗﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴـﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﻣـﯘﺧﺒﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺩﯨﭙﻠﻮﻣـﺎﺗﯩﻴﻪ ﺧـﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﻳﺘﯩـﻚ ﺗﯧﻐﯩﻐـﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﺗﻪﻛـﺸﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ﺷـﺎﺭﺍﺋﯩﺖ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩـﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ (18 ).‬ﮔﻮﻣﯩﻨـﺪﺍڭ ھﯚﻛـﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﺩﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺑﻪﺳﯩﻢ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﻛﻮﻧـﺴﯘﻟﻰ ﭘﺎﻛﯩـﺴﺘﻮﻥ ‪-1946‬ﻳﯩﻠـﻰ ﺋﯩﻠﯩﻨـﻰ‬ ‫ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﺩە ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐـﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺯەﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪" .‬ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩـﯔ‬


‫ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺧﻪﻧﺠﻪﺭ ﺳﯧﻠﯩـﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ" ‪(19).‬‬ ‫ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﺷﯩﺴﯩﺰﻣﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨﺸﻰ ھﻪﻡ‬ ‫ﺭەﻗﯩﺒﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨـﻰ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺩﯨﻴﺎﺭﯨﻐـﺎ ﺋﯧﻠﯩـﭗ ﻛﯩـﺮﯨﺶ‬ ‫ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩﺴﻰ ھﻪﻗﯩـﻘﻪﺗﻪﻥ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩـﺪە ﻗﺎﺯﺍﻧﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋﯩﻠـﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻐـﺎ ﻳـﺎﺭﺩەﻡ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﻮﺷﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﻨﻰ ﺋﯘﺭﯗﻣﭽﻰ ﺑﻮﺳﯘﻏﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﺘﺎﻟﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﺎﻟﺘﺎ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩــﺴﯩﻨﻰ ﺋــﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯘﺯﻣﻪﺳــﻠﯩﻚ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺋــﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜــﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜــﺎ ۋە ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩــﺰ‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋـﺎﺭﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﺭﺳـﻪﺗﻜﻪﻥ ھﻪﺭﺑﯩـﻲ ﻳـﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻧﻪﻕ ﭘﺎﻛﯩﺘﻘﺎ ﺋﯩـﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷـﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟـﺪﻯ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩـﺴﻰ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﻪۋﺟﯘﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻮڭ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪-40‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﺘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ۋە ﺋﯘﻟــﯘﻍ ﺑﯧﺮﯨﺘــﺎﻧﯩﻴﻪ ھﻪﻡ ﺟﯘﯕﮕــﻮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒــﺎﺭەﺕ ﭼــﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩــﯔ "ﭼــﻮڭ ﺋﻮﻳــﯘﻥ "‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﺎﺧﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﯚﺕ ﭼـﻮڭ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩـﯔ‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﺘﻰ ۋە ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﻰ ﺑﺎﺷـﺘﯩﻦ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳـﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻤﯘ ﺋﻪﺷﯘ " ﭼﻮڭ ﺋﻮﻳﯘﻥ"ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻳﺪﺍﻥ ﻛﯚﺭﯛﻧﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ھﺎﻟﺪﺍ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘـﺎﻥ ﺗﺎﺷـﻘﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩـﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜـﻰ ﺑـﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻟـﯘﻍ ﺑﯩﺮﯨﺘﺎﻧﯩﻴﯩﻨﯩـﯔ ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﺌﯧﮕﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘﺭﯗﺵ ھﻪﻡ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻏﻪﺭﺏ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻗﺎ ﺳﻪﭘﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺳـﯩﯖﯩﭗ‬


‫ﻛﯩﺮﯨـﺸﯩﺪﯨﻦ ﻣـﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﻛـﯚﺭﯛﺵ ۋە ﺋـﯘﻧﻰ ﻗـﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗـﺴﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘـﻰ‪ .‬ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨـﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕـﻮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜـﺎ ﺑﯩـﻠﻪﻥ ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩـﯔ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﯨـﺸﻰ ﺑﻮﻟـﯘپ ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﭘﻮﺯﯨﺘﯩﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺋـﯚﺯ ﺗﻪﺳـﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـﺴﻰ ﺋﺎﺳـﺘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗـﯘپ ‪ ،‬ﺑـﯘ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﺳﺘﻰ ھﻪﻣﺪە ﺭﯗﺳـﯩﻴﻪ ﻣﻪﻳﻠـﻰ ﭼـﺎﺭ ﭘﺎﺩﯨـﺸﺎھ ﺩەۋﺭﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ۋە ﻳﺎﻛﻰ ‪ -20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ‪ 20-30-‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﺎڭ ‪-‬ﺟﯩﻦ ‪ -‬ﺷـﻪڭ ﻗﺎﺗـﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﯘﯕﮕـﻮ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﺎﺭﺳﺘﻠﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﻯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ ‪ ،‬ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯘﺳﺘﯘﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻙ ﺋﯜﭼﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪-40 .‬ﻳﯩﻠـﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨـﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧـﺪﯨﻤﯘ ‪ ،‬ﻣﻮﺳـﻜﯟﺍ‬ ‫ﺋﯩﻠــﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﯩــﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩــﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩــﭗ ﺗــﺎﻛﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩــﺸﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯚﻟﻜﯩــﺪە ﺟﯘﯕﮕــﻮ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩــﺴﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩــﯔ ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩــﺸﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋــﺎﻟﺘﻪ ﻳﯩــﻞ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩــﺪﺍ ﻣــﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ‬ ‫ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ‪(20).‬‬ ‫ﻗﺴﯩﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐـﺎﻥ ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﻣﻪﺳـﯘﺩ ﺳـﻪﺑﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻳﺴﺎ ﻳﯜﺳﯜپ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﻜﯩﻦ ۋە ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘچ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩـﺪە‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﺗﻪﺷـﯟﯨﻘﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷـﯘﻧﯩﯖﺪەﻙ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳــﯩﯟەﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﻪﻧﻪ ﺋــﯚﺯ ﻧﯚۋﯨﺘﯩــﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜــﺎ ﻛﻮﻧ ـﺴﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺳــﻤﺎﻥ ﺑﯩــﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐــﺎﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮﻯ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﯩﻨﻰ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﯩﺌـﺎﺭﺍﻡ ﻗﯩﻠـﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺳـﺌﯘﺩ ﺳـﻪﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋـﯚﻟﻜﻪ‬ ‫ﺭەﺋﯩﺴﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﺎڭ ﻛﻪﻳﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩـﺮ ﺗﻪﺭەﭘـﺘﯩﻦ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺭەھﺒﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨـﻰ ﻗـﻮﻟﻼﺵ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯩﻠـﻰ ﺗﻪﺭەﭘـﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺯەﺭﺑﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﯧـﺮﯨﺶ ﺗﺎﻛﺘﯩﻜﯩـﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ (21).‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗﻟـﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺘﯩـﺪﯨﻦ ﻣﺎﻧـﺎﺱ ﺩەﺭﻳﺎﺳـﻰ ﺑﻮﻳﯩـﺪﺍ ﺋـﯘچ‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﻗﻮﺷـﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﻛﯩـﺸﯩﭗ ﺗـﯘﺭﯗﺵ ۋەﺯﯨﻴﯩﺘﯩﻨـﻰ‬


‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﺩﻯ ‪.‬ﺷﯘﯕﺎ ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﻛﻮﻣﭙﺎﺭﺗﯩﻴﯩﺴﻰ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺟﯘﻣﻬـﯘﺭﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐـﯘﺭ ﺋـﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ‬ ‫ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘ ﺭﺍﻳـﻮﻥ ﺧـﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩـﻚ ﻛـﯜﺭەﺵ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﺯﺍﺩﻟﯩﻖ ھﻪﺭﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨـﺴﻰ ﺑـﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜـﻰ‪ ،‬ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻣﺎﻳﯩﻞ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﺳـﯩﻲ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩـﺴﺎﺩﯨﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﭘﺎﻳـﺪﯨﻠﯩﻖ ھﺎﻟـﺪﺍ‬ ‫ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻗـﺴﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﯩـﺶ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩﻭﻛﻼﺗﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙـﺎﻗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﯩـﺒﻠﯩﮕﻪﻥ " ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩـﻚ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻠﯩـﺮﻯ"‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﺳـﯘﺩ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ ﺑﺎﺷـﻠﯩﻖ "ﺋـﯜچ ﺋﻪﭘﻪﻧـﺪﻯ" ھﻪﻣـﺪە ﺳـﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﺘﺎ ﻗﻮﻟﻼپ‪ ،‬ﻛﯧـﻴﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩـﭗ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩـﺪەﻙ ﻗﯩﻠﻤﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐـﺎﻥ ﺋـﯜچ ۋﯨـﻼﻳﻪﺕ ھﻪﻡ‬ ‫ﺑﺎﺷــﻘﺎ ﺟــﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐــﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭙﻪﺭۋەﺭﻟﯩــﺮﻯ ﻛــﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﻐــﺎﻥ ﺑﻮﻟــﺴﺎ ﻛﯧــﺮەﻙ‪ .‬ﻣﻮﺳــﻜﯟﺍ‬ ‫ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳـﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩـﯔ‬ ‫ﺗﯜپ ﻣﺎھﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﭘﻪﺳـﻪﻳﺘﯩﺶ ھﻪﻣـﺪە ﺳـﻮۋﯦﺘﻜﻪ ﻗﺎﺭﺷـﻰ ﻛـﯜﭼﻠﻪﺭ ﺑﯩـﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﺘﯩﺶ ﺋـﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩـﯔ ﺋـﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻛـﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪...‬‬

‫ﭼﯩﮕﺮﺍ ھﺎﻟﻘﯩﻐﺎﻥ ﺧﯩﻴﺎﻟﻼﺭ!‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮە‬ ‫ﻧﻪﺑﯩﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ‬

‫ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﻪﺗﯭﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺷﯘ ﭼﯧﮕﯩﺮدﯨﻦ ﺋﯚﺗﯩـﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻣﯩﻨـﯘﺗﻼرﻧﻰ ﺗﻪﻗﻘﻪزاﻟﯩـﻖ ﺑﯩـﻠﻪن ﻛﯜﺗـﯜپ ﺟﯩﺪدﯨﻠﯩـﺸﯩﭗ ﻳـﯜرﮔﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻨﯩﯖﯩﺰدە‪،‬ﺋﯘﻻرﻏـﺎ ﺗﻪﺳـﻪﻟﻠﻰ‬ ‫ﺑﻪرﮔﯜﯕﯩﺰ‪،‬ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎق ﻳﻮل ﺗﯩﻠﯩﮕﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ؟ﺋﻪﺷـﯘﻧﺪاق ﮔـﯜزەل ﭘﯘرﺳـﻪﺗﻜﻪ ﺳـﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ؟!‬


‫‪-1990‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-23‬ﻣﺎرت‪ .‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﻘﺎن ﺳﻮۋﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩﻼﻧﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯘﺳـﻜﯩﯟا‬ ‫ﺋﺎﻳﺮودروﻣﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ‪،‬ﺗﺎﻣﻮژﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗـﯜپ ﺳـﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧـﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬ﻣﯘﺳـﻜﯟا ﻛﯧﭽﯩـﺴﻨﯩﯔ ﻧﻪﻣﺨـﯘش‬ ‫ﮬﺎۋاﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﻪﭘﻪس ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﻛﺎﻟﻼﻣﺪا ﭼﺎﻗﻤﺎق ﺗﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪە »ﻳﺎﻟﺖ« ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋـﯚﺗﻜﻪن ﺑﯩﭽـﺎرﯨﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ﺗﻪﻧﮭﺎﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮى ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎرﺳﯩﺰ ﮬﺎﻟﺪا ﺑﻪش ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻳﯩﺮاﻗﺘﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷـﯘ ﺋﺎﻧـﺎ‬ ‫ۋەﺗﻪن ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯘھ ﺗﺎرﺗﯩﺸﻘﺎ ﮬﻪﻣﺪە »ۋەﺗﻪن« دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﺎﺗـﺎﻟﻐﯘ ﮬﻪﻗﻘﯩـﺪە‬ ‫ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻳﯜرﮔﯜزۈﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﺪى‪ .‬ﺋﻮن ﻗﯧﺘﯩﻤﻼپ دۆﻟﻪت ﭼﯧﮕﯩﺮﺳـﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨـﭗ‪-‬ﭼﯩﻘﯩـﭗ ﻳـﯜرۈپ‪،‬‬ ‫ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﻮﻧﯩﺮاپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟـﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺷـﯘ‬ ‫ﺑﯩﭽﺎرﯨﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮى ﮬﻪر ﻗﺎﭼﺎن‪ ،‬ﮬﻪر ﻣﯩﻨﯘت ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﺎي ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫ۋەﺗﻪن دﯨﮕﻪن ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺋﯘ ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻗﻪددەس ۋە ﺋﯘﻟﯘغ؟ ۋەﺗﻪن دﯨﮕﻪن ﺑـﯘ ﺋﯩﺒـﺎرە‬ ‫ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﺰاﮬﺎت ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒـﺎرەﺗﻜﻰ‪ :‬ۋەﺗﻪن ﻛﯩـﺸﻰ ﺗﯘﻏﯘﻟـﯘپ ﺋﯚﺳـﻜﻪن ۋە‬ ‫ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ ﮬﯧﺴﺎﭘﻼﻳﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻧـﺎ ﻳـﯘرت‪ .‬ﻣﯘﻧـﺪاﻗﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧـﺪاق‪،‬‬ ‫ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ زﯦﻤﯩﻦ‪.‬‬ ‫ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﻗﻪدەر ﺋﯘﻟﯘغ‪ ،‬ﻧﻪﻗﻪدەر ﻣﯘﻗﻪددەس ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻳـﺎت ﺋﻪﻟـﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻗﻪدەم ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﮔﻪرﭼﻪ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﻰ ۋەﺗﻪن ﻣﯧﮭﺮى‪ ،‬ۋەﺗﻪن‬ ‫ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ‪ ،‬ۋەﺗﻪن ﺳﺎداﻗﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن ﮬﻪم ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺳﺎداﻗﻪت ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺑﺌﻰ ﺗﯘﻳﻐﯘﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﺪە ﻳﯜرﮔﯩﻨﯩﺪە ۋەﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﻧـﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ‪ ،‬ۋەﺗﻪن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﯩـﯔ‪،‬‬ ‫ۋەﺗﻪن ﻗﻪدرﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗـﻤﻪك ﺗﻪس‪ .‬ۋەﺗﻪﻧـﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩـﭗ ﻳﺎﺷـﯩﻐﺎن ﺋﻪﺷـﯘ‬ ‫ﻣﯘﺳــﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﻛــﯜﻧﻠﯩﺮى ﮬﺎﻳــﺎت ﻟﻪززﯨﺘــﻰ ﮔﻮﻳــﺎ ﺗــﯘزى ﺗﻪﯕــﺸﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺗﺎﺋﺎﻣــﺪەك ﺳــﯩﺰﮔﻪ ﮬــﯘزۇر‬ ‫ﺑﯧﻐﯩـﺸﻠﯩﻴﺎﻟﻤﺎﻳﺪۇ‪ .‬ﭼﺎﯕﻘﯩﻐـﺎن دﯨﻠﻼرﻧـﻰ ﻗﺎﻧﺪۇراﻟﻤﺎﻳـﺪۇ‪ .‬ﮬﺎﻣـﺎن ﺗﯘرﻣﯘﺷـﯘڭ ﻣﯘﮬﺘـﺎﺟﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻛﯚﯕﻠـﯜڭ‬ ‫ﻳﯧﺮﯨﻤﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚﺗﯩﺪۇ ‪.‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﮔﯩﺪﯨﻴﯩﭗ ﻳﯜرۈﺷﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯩﭽﻰ ﺗﺎرﻟﯩﻘﯩﯔ‪ ،‬ﮬﻪﺳﻪت ﻗﯩﻠﻐـﯘڭ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪۇ ‪.‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳـﻤﯩﻨﯩﺪا ﻟﻪﭘﯩﻠـﺪەۋاﺗﻘﺎن ﺑﺎﻳﺮاﻗﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ ﻗـﺎراپ‪ ،‬دۆﻟﻪت ﮔﯧﻤﯩﻨﯩﻨـﻰ ﺋـﺎﯕﻼپ ﻳـﺎش‬ ‫ﺗﯚﻛﻜﯜڭ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪.‬‬


‫‪-1991 ،- 1990‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮى ﺳﻮۋﯨﺖ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﻟﯩـﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨـﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳـﻜﯟاﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﻨﭽﯩﻠﯩـﻖ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻟﻪﻏﻤﻪن‪ ،‬ﻣﺎﻧﺘﯩﻼرﻧﻰ ﻳﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﻧﺎﺧﺸﺎ‪-‬ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋـﺎﯕﻼپ‪،‬‬ ‫ﺋﺎزراق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﻟﻪززﯨﺘﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺳـﻜﯟا ﮬﺎﻳـﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼـﯜن ﻣﻪﻧﯩـﯟى ۋە ﺟﯩـﺴﻤﺎﻧﻰ‬ ‫ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﻪ ﺗﻮﭘﻼش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎت‪-‬ﭘﺎت ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎﻏﺎ ﺑﺎراﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪردە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﻳﯜز ﻣﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺋـﺎرﺗﯘق‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻳﺎۋرۇﭘﺎ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺋﺎرﯨﻼش ﺋﯘﻳﻐﯘرﭼﻪ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﯩﻦ ﻟﻪززەت ﺑﯧﺮەﻟﻪﻳﺘﺘﻰ ‪.‬ﻣﯘﺳـﻜﯟادﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗ���ﻏﺎ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﺋﯘﭼﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎﮬﺎﺳﯩﻤﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﻪرزان ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷـﯘ ﭼـﺎﻏﻼردا‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺪە ﻣﺎﺋﺎش ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷـﯩﻐﺎ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﻣﯘﺳـﻜﯟاﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨـﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﻳﺘـﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻻپ ‪ 250‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﺳﻪۋﯨﻴﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﺘـﻰ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨـﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘـﺎ‬ ‫ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎﮬﺎﺳﻰ ﺋﻪﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪرزان ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﺳﻜﯟاﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑـﯧﻠﻪت‬ ‫ﺑﻪك ﻗﯩــﺲ ﺋﯩــﺪى ‪.‬ﻟــﯧﻜﯩﻦ ﻳﻪﻧﯩــﻼ ﮬﻪر ﺧﯩــﻞ ﭼــﺎرﯨﻠﻪر ﺑﯩــﻠﻪن ﺑــﯧﻠﻪت ﺳــﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺳــﻪﭘﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫داۋاﻣﻼﺷﺘﯘرﯨﯟﯦﺮەﺗﺘﯘق‪ .‬ﺋﺎۋﯨﯫﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑـﻮﻳﭽﻪ ﭼﻪﺗـﯭﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﻛـﺸﯜرۈش ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩـﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻳﯩﺮى ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﭼﺎﻏﻼردا ﮬﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﻣﻪن ﭘﻪﻗﻪت‬ ‫ﺑﯩﺮﻻ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش ﺳﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﻰ ﮬﻪر داﺋﯩﻢ دﯦﮕﯜدەك ﻳﺎﻟﻐﯘز ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯘﭼﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼن ﻛﯜﺗﻜـﯜﭼﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺳـﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﮬﯚرﻣﻪت ﺑﯩﻠﺪۈرﮔﯩﻨﯩﺪە ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩـﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤـﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩـﭗ‬ ‫ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﭙﺎﻗﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘرﯨﻴﻪﺗﻠﯩﺮى‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟـﯘپ‪،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩـﺮ ﻗـﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧـﺘﯩﻢ ﺑـﯘ ﺧﯩـﻞ ﺋﯘﻳﻐـﯘرﭼﻪ ﮬﺎﻳـﺎﺗﺘﯩﻦ ﻟﻪززەﺗﻠﯩـﻨﯩﺶ ﺳـﻪﭘﯩﺮﯨﻤﻨﻰ‬ ‫داۋاﻣﻼﺷﺘﯘردۇم‪ .‬ﺑـﯘرۇن ﻣﻪن ﺑﯩﺮدﯨﻨﺒﯩـﺮ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩـﻚ ﺑﻮﻟـﯘش ﺳـﺎﻻﮬﯩﻴﺘﯩﻢ ﺑﯩـﻠﻪن ﺋـﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﻪﻛـﺸﯜرۈش‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺗﺎر ﺋﯚﭼﺮەﺗﻠﻪر ﭘﺎﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘﻟﯘپ ﺑﯩﺮەر ﻳﯜزﭼﻪ ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩـﻚ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯘﭼﯩـﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧـﺪى‪.‬ﺋـﯘﻻر ﮬﻪر ﻗﺎﻳـﺴﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردﯨـﻦ ﺑﻮﻟـﯘپ‪» ،‬ﻛﺎزاﻛﯩـﺴﺘﺎن«‪،‬‬ ‫»ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ« دﯨﻴﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎن ۋە ﻗﺎزاﻗﻼر ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﻪ ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ۋە ﻓﯩﺮاﻧﺴﯩﻴﻪﻟﯩﻚ ﭘﺎﺳﺎژﯨﺮﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯚت ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘش ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪە ﺳﯚﮬﺒﻪﺗﻠﯩـﺸﯩﭙﻤﯘ‬ ‫ﺋﯜﻟﮕﯜردۈم‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻر ﺑﯘرۇن ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯜﮔـﯜن ﺋﯘﭼـﯘپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘـﺎن ﻣﻪزﻛـﯘر دۆﻟﻪت ۋە‬ ‫ﻣﻪزﻛﯘر دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﺎزاﻗﻼر ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﮬﯧﮭﻘﺎﻧﺪاق ﺳﺎۋاﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳـﻠﯩﻜﯩﻨﻰ »ﻗـﺎزاق«‬


‫دﯨﺴﻪ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪاﺋﻰ ﭼﺎرۋﯨﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪردى‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮدا ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎ‪ ،‬ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﮬﻪﻳـﺮان ﺑﻮﻟـﯘپ‪ ،‬ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺧﻪرﯨﺘﯩﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﯩـﯔ ﻧﻪدە ﻳﺎﺷـﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨـﺸﻤﻨﻰ‬ ‫ﺳﻮرﯨﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﻛﯚرﺳـﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪردﯨـﻢ ۋە ﺋﯘﻳﻐـﯘرﻻر ﺗﻮﻏﯩﺮﺳـﯩﺪا ﺳـﯚزﻟﻪپ ﺑﻪردﯨـﻢ‪ .‬روس ﺗﯩﻠﯩﻨـﻰ ﻳﺎﺧـﺸﻰ‬ ‫ﺳﯚزﻟﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﻳﺎۋرۇﭘﺎﻟﯩﻘﻼر ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎزاﻗﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺷﯩﺮﻛﻪت ﻗﯘرۇش ﺋﯜﭼـﯜن ﻣﺎﯕﻐـﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻻر ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﯩﻤﯘ ﻛﯧﻠﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻛـﺎرﺗﯘﭼﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪردى‪ .‬ﺳـﯧﺮﯨﻖ‬ ‫ﺳﺎﻗﺎﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎق ﻳﯜزﻟﯜك ﻧﯧﻤﯩﺲ ﺧﻪرﯨﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪن ﻛﯚرﺳـﻪﺗﻜﻪن ﻳﻪرﮔﻪ »ﺋﯘﻳﻐـﯘر« دەپ ﻳﯧﺰﯨـﭗ ﻗﻮﻳـﯘپ‬ ‫»ﺋﻪﻣﺪى ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم« دﯨﺪى ﻳﯘﻣﯘرﻟﯘق ﮬﺎﻟﺪا ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﺸﻜﻪك‪ ،‬ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﯘﭼﺘﯘم‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﻳﺮوﭘﯩﻼﻧﻼرﻣﯘ ﺋﻮﺧـﺸﺎﺷﻼ‬ ‫ﭼﻪﺗﯭﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﻐﺎﻧﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺷﯘ ﭼﺎﻏـﺪا ۋەﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﻧﯩـﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ ﭼﯜﺷـﻪﻧﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺋﺎﺗﺎ‪،‬ﺑﯩﺸﻜﻪك‪ ،‬ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ‪ ،‬ﺋﻪﻧﺠﺎن ﺷﻪﮬﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯘرۇن ﭼﯩﺮاﻳﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﯜﻧﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﮬﻪﺳﺮەت ۋە ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەش ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮى ﻳﯧﻐﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯚزﺑﯧﻜﻼر ‪ ،‬ﻗﺎزاق‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم ﻣﺎﻧﺎ‬ ‫ﮬﺎزﯨﺮ ﻣﻪﻳﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘر ﻳﺎﻏﻘﺎن‪ ،‬ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﺮۇرﻟـﯘق ﺟﯘﻻﻟﯩﻨﯩـﭗ ﺗﯘرﻏـﺎن ﺋﯚزﺑﯧـﻚ‪،‬‬ ‫ﻗﺎزاق‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻرﻧﻰ ﻛﯚردۈم‪ .‬روس ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﮬﺎﻛﺎۋۇر‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﻪﻧﭽﻰ ﺗﻪﻟﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﯩﻤـﯘ ﺋﻪﺳـﻪر‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺗﯘﺗﯘﺷـﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛـﯚردۈم‪ .‬ۋەﺗﻪﻧﻨﯩـﯔ ﻧﯩـﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨـﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن رۇﺳﻼر‪ ،‬ﻧﯧﻤﯩﺴﻼر ۋە ﺋـﻮﻛﺮاﺋﯩﻨﻼر ﺗﯜرﻛـﯜم‪-‬ﺗﯜرﻛـﯜﻣﻠﻪپ ﺋـﯚز ﺋﺎﻧـﺎ ۋەﺗﻪﻧﻠﯩـﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼـﯜپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﻮﻳﻠﯘدۇﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﭽﺎرﯨﻠﻪر ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪاق ﭘﺎﺟﯩﯭﻟﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻜﻪ دۇﭼـﺎر‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﯩﻴﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺸﻜﻪك ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﯧﻨﻰ ﺷﻪﮬﻪر ﺋﺎﻳﻼﻧﺪۇرۇپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻗﯧﺮى روس ﺗﺎﻛﺴﻰ ﺷﻮﭘﯘرى‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻛﻮﻟﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ رەۋﯨﺸﺘﻪ ﺳﯚزﻟﻪﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺴﯩﺰ ﺑﺎﻻم‪ -،‬دﯦﺪى ﺋﯘ ﻗﻮﺷﯘﻣﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﯜرۈپ‪- ،‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺳﺴﯩﺰ‪،‬‬‫روس ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘزﯨﯖﯩﺰدﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯚزﺑﯧﻜﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮە؟!‬


‫ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس‪- ،‬دﯦـﺪﯨﻢ ﻣﻪن ﺋﻪدەپ ﺑﯩـﻠﻪن ﺑﻮۋاﻳﻨﯩـﯔ ﭘﻪرﯨﺰﯨﻨـﻰ رەت ﻗﯩﻠﯩـﭗ‪ -‬ﺟﯘﯕﮕـﻮدﯨﻦ‬‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﻪن‪ ،‬ﻣﻮﺳﻜﯟادا ﺋﻮﻗﯘﻳﻤﻪن‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻐﺎ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﯘﮬﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ ﺋﻮﮬﯘ! ﻗﺎﻟﺘﯩﺲ!‪-‬دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜرﺗﯜپ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘرۇﻟﯘپ ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎرﯨﻐـﺎﻧﭽﻪ‪- ،‬‬‫ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰدە‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﭼﯘﻗﯘم ﻗﻪﺷﻘﻪرﻟﯩﻜﺴﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯘﻳﻐﯘر‪ -،‬دﯦﺪﯨﻢ ﺑﻮۋاﻳﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﻣﯧﻨـﻰ ﺑﯩـﺮ‬‫ﻗﺎراﭘﻼ ﺗﯘﻧﯘۋاﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪۋەﺗﻼ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺑﯘ ﻗﯧﺮى رۇس ﻗﻪﺷﻘﻪرﻧﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﻮۋاي ﻣﻪﻣﻨﯘﻧﯩﻴﻪت ﺑﯩﻠﻪن‪:‬‬ ‫ ﺑﯩﺸﻜﻪﻛﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻر ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚپ‪ ،‬ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎراﻣﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر ﺑﯩـﺰ ﺑـﯘ‬‫ﻳﻪردە ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﻰ« ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻳﻪﮬﯘدﯨﻠﯩﺮى« دەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﻤﯩﺰ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻر ﺳﻮدا ﺗﯩﺠﺎرەت ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼردا ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﭼﺎﻗﻘﺎن‪ .‬ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﺋﯘﺳﺘﺎ‪ .‬ﺑﯩﺸﻜﻪك ﺳﻮدﯨﺴﻰ ﺷﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا‪- ،‬دﯦـﺪى ۋە‪-،‬ﻣﻪن‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﻪن‪ .‬دۇﻧﻴﺎدا ﺋﯘﻻر ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﻳﻮق‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻر ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﺧﯧﻠﻰ ﭘﺎراﯕﻼﺷﺘﯘق‪ .‬ﻣﻪن ﺑﻮۋاﻳﺪﯨﻦ‪:‬‬ ‫ روﺳﯩﻴﻪ ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼرﻏﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧـﺪا‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘـﯘرا ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ ﺟﯘﻣﮭﯘرﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨـﺪﯨﻦ روﺳـﻼر‬‫ﺗﯜرﻛﯜﻣﻠﻪپ روﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ﺑﯘ راﺳـﺘﻤﯘ؟‪ -‬دەپ ﺳـﻮرﯨﺪﯨﻢ‪ - ،‬ﺑـﯘ ﺑﯩﭽـﺎرﯨﻠﻪر ﺷـﯘﻧﭽﻪ ﻳﺎﺧـﺸﻰ‬ ‫ﺷﻪﮬﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻧﻪﮔﯩﻤﯘ ﺑﺎرار؟‬ ‫ﻧﻪﮔﻪ ﺑﺎراﺗﺘﻰ؟! ﺋﯘﻟﯘغ روﺳﯩﻴﻪﮔﻪ ﺑﺎرﯨﺪۇ‪-،‬دﯦـﺪى ﺑـﻮۋاي ﺋﯧﻐﯩـﺮ ﺗﯩﻨﯩـﭗ‪ ،‬ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩـﺪﯨﻦ ﺋﻪرزان‬‫ﺑﺎﮬﺎﻟﯩﻖ »ﺑﯧﻠﻮﻣﻮر« ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﭘﺮوﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨـﭗ ﺋﺎﻏﺰﯨﻐـﺎ ﺳـﺎﻟﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﭼﺎﻗﻘـﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩـﻠﻪن ﺑﻮۋاﻳﻨﯩـﯔ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮت ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺋﯜﻟﮕﯜردۈم‪.‬‬ ‫ ﮬﻪي! ﮬﻪي! – دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗـﺎﺗﺘﯩﻖ ﺷـﻮراپ‪- ،‬ﻛﻪﺗـﻤﻪي ﺋﺎﻣـﺎل ﻳـﻮق‪ .‬ﮬـﺎزﯨﺮ‬‫ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﯟاﺗﯩـﺪۇ‪ .‬روﺳـﯩﻴﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩـﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟـﺪﯨﻐﺎ ﺑﺎرﺳـﺎڭ ﻗﺎﺗـﺎر‪-‬ﻗﺎﺗـﺎر‬ ‫ﺋﯚﭼﺮەﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﯨﺴﻪن‪.‬‬


‫ ﺳﯩﺰﭼﯘ؟‪ -‬دەپ ﺳﻮردﯨﻢ ﺑﻮۋاﻳﺪﯨﻦ‪ -،‬ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮراﻳﻤﻪن‪ .‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻧـﺪاق ﺳﻮراﺷـﺘﺎ ﺑﺎﺷـﻘﺎ‬‫ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻢ ﻳﻮق ‪.‬ﻣﯧﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ‪.‬‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﻪن ﺋﻮﻏﻠﯘم‪ ،‬ﻣﻪن ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪرەﭘﺪارﯨﻤﻪن ﺋﻪﮔﻪر ﺋـﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩـﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨـﻰ‬‫ﺋﯚز‪-‬ﺋﺎرا ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪ ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﮬﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼر ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑـﻮﻻر ﺋﯩـﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩـﺸﻜﻪﻛﺘﻪ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐـﺎن‪ ،‬دادام‬ ‫ﻛﺎزاﻛﻼردﯨﻦ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯜچ ﺋﻪۋﻻت ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﺴﻰ ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩـﻚ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎل ﻳﻮق‪ .‬راﺳﺖ ﮔﻪﭘﻨﻰ دﯨﺴﻪم ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﻛﻪﺗﻜﯜم ﻳـﻮق ﺋﯩـﺪى‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ .‬روﺳﯩﻴﻪدە ﮬﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﯘﻏﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎن‪.‬‬ ‫ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﻳﺎﺷـﺎۋﯦﺮﯨﯔ‪ ،‬ﺳـﯩﺰﮔﻪ ﮬـﯧﭽﻜﯩﻢ ﺗﻮﺳـﺎﻟﻐﯘﻟﯘق ﻗﯩﻠﻤﯩـﺴﺎ‪ -،‬دﯦـﺪﯨﻢ ﻣﻪن‬‫ﺟﺎۋاﺑﻪن‪.‬‬ ‫ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺴﯩﮕﻪ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯘق ﻳﻮق دەﻳﺴﯩﺰ؟ ﮬﻪﻣﻤﻪ ﻳﻪردە ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑـﺎر‪ .‬ﻗـﺎراپ ﺗـﯘرۇڭ‪ ،‬ﮬـﺎزﯨﺮﻻ‬‫ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇڭ‪-،‬دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﺋﺎﻟﺪى ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺗﯘﻣﺸﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻤﺎﻻپ‪ .‬دەل ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪا ﻳﻮل ﺑ���ﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﻨﺎش ﺳﺎﻗﭽﯩـﺴﻰ ﺑﯩـﺰﮔﻪ ﻳﯩـﺮاﻗﺘﯩﻨﻼ ﺳـﯩﻨﭽﯩﻼپ ﻧﻪزەر ﺗﺎﺷـﻼپ ﺋـﺎﻻ ﻛـﺎﻟﺘﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻣﺎﺷﻨﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘـﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﻗﯩﺴـﺴﯩﻖ ﻛﯚزﻟـﯜك ﻗﯩﺮﻏﯩـﺰ ﻳﯩﮕﯩﺘـﻰ ﺋﯩـﺪى‪ .‬ﺋـﯘ ﺑﻮۋاﻳﻨﯩـﯔ‬ ‫ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩـﺸﻨﻰ ﺳـﻮرﯨﺪى ‪.‬ﺑـﻮۋاي ﻛﯚرﺳـﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺳـﺎﻗﭽﻰ ﻛـﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪﻏﻪزﻟﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺗﯩﻜﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺋﯩﺰدەﺷﻜﻪ ﺋﯘرۇﻧﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﮔﯘﻣﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﻗﺎراپ‬ ‫ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﮬﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻮۋاﻳﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘرۇپ ﺑﯧﺮﯨـﭗ‪ ،‬ﻣﺎﺷـﻨﯩﻨﻰ ﺑﯩـﺮ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩـﭗ ﭼﯩﻘﺘـﻰ‪-‬دە‪ ،‬ﻏﻪزەپ ۋە‬ ‫ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﺋﺎرﯨﻼش‪:‬‬ ‫ ﻛﻪﭼﯜرۈڭ ﺑﻮۋاي‪ ،‬ﻣﺎﺷﻨﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﻮرى ﻛﻮﻧﯩﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﻗﺎﺗﻨﺎش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨـﺴﻰ ﺑـﻮﻳﭽﻪ ﺳـﯩﺰدﯨﻦ‬‫ﺷﯩﺘﯩﺮاف )ﺟﯧﺮﯨﻤﺎﻧﻪ( ﺋﯧﻠﯩﻨﺪۇ‪-،‬دﯦﺪى‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ﮬﻪﻳﺮان ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮۋاي‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎي‪ ،‬ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ‪:‬‬ ‫ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺷﯩﺘﯩﺮاف ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﻪن ﻛﻮﻣﺎﻧﺪﯨﺮ؟ ﻣﺎﺷـﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ﻛـﻮﻧﯩﺮاپ ﻛﻪﺗـﻜﻪن ﻣـﺎﺗﻮرﯨﻐﯩﻤﯘ؟‪-‬دەپ‬‫ﺳﻮرﯨﺪى‪.‬‬


‫ ﻳﺎق‪ ،‬ﮔﯩﺮاژدان!‪ -‬دەپ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯧﻴﺘﺘﻰ ﺳﺎﻗﭽﻰ‪-،‬ﻣﻮﺗﻮرﯨﯖﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘـﺎن ﻗﯘﻳـﯘق ﺋﯩـﺲ‪-‬‬‫ﺗﯜﺗﻪﻛﻜﻪ ﺷﯩﺘﯩﺮاف ﺗﯚﻟﻪﻳﺴﯩﺰ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻮﺗﻮرﯨﯖﯩﺰ ﮬﻪر ﻗﺎﭼﺎن ﻗﺎﺗﻨﺎش ﮬﺎدﯨﺴﻰ ﭘﻪﻳﺪا ﻗﯩﻠﯩـﺸﻰ ﻣـﯘﻣﻜﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻣﻮﺗﻮرﯨﯖﯩﺰ ﺷﻪﮬﻪر ﻣﯘﮬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﻐﯩﺪى‪ .‬ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳـﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨـﺎش ﻗﺎﺋﯩﺪﯨـﺴﻰ ﺑـﻮﻳﭽﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪس‬ ‫ﻣﯘﮬﯩﺖ ﺋﺎﺳﯩﺮاش ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﻳﭽﻪ ﺷﯩﺘﯩﺮاف ﺗﯚﻟﻪﻳﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺑﻮۋاﻳﻨﯩﯔ ﺗﺎﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﭼﯩﺮاﻳﯩﻐﺎ زەن ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﻮۋاي ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮرﻗﯘﺷـﺘﯩﻨﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﺘﯩﺮەپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪى‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯘ ﺳـﺎﻗﭽﯩﻨﯩﯔ دﯦﮕﯩﻨـﻰ ﺑـﻮﻳﭽﻪ ﺷـﯩﺘﯩﺮاف ﺗﯚﻟﯩـﺪى ۋە ﻳﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻏـﺎ ﻳـﯜرۈپ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﯘق‪ .‬ﺑﻮۋاي ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺋﯜن ﺗﯩﻨﺴﯩﺰ ﻣﺎﯕﺪى‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯘ‪:‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻟﯘق ﺑﺎرﻣﯩﻜﻪن ﺋﻮﻏﻠﯘم؟ ﻛﯚردﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟ ﮬﺎزﯨﺮ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯜك ﺋﯜﻧﺪﯨﺮﯨﯟﯦﺮﯨـﺪۇ‪.‬‬‫ﺑﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻘﻰ ﺷﯩﺘﯩﺮاف ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﻧﭽﯘﻗﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟ دﯨﻤﻪك ﻣﻪن ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەك ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪردە ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت ﺑﻮۋا‪ -،‬دﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐـﺎن‪ - ،‬روﺳـﯩﻴﺪە ﺗﯧﺨﯩﻤـﯘ‬‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﭘﯘل ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺪۇ‪ - ،‬دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رەۋﯨﺸﺘﻪ‪- ،‬ﺑﯩﺰ ﮬﺎزﯨﺮ ۋەﺗﻪﻧﺴﯩﺰ ﮔﯩﺮاژداﻧﻼرﻣﯩـﺰ‪.‬‬‫ﮬﻮﻗﻮﻗﻰ ﻳﻮق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ ‪.‬ۋەﺗﻪن‪-‬ﺋﺎزات‪ ،‬ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪۇر‪ .‬ﻗﯘﻟﻠـﯘق ﺋﻮرﻧﯩﻐـﺎ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎن‪ ،‬ﺧﺎرﻻﻧﻐﺎن ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ‪ .‬روﺳﯩﻴﻪ ﺋﻪﺟﺪادﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪن ﺋﺎﻧﺎ‬ ‫ۋەﺗﻪن‪ .‬ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎم ﺷﯘ ﻳﻪردە ﺑﻮﻻي‪ .‬ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ روﺳﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯘﺧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗـﯜك‬ ‫ﺋﯜﻧﺪۈرۈپ‪ ،‬ﺋﻪﺷﯘ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻ ﻛﺎﻟﺘﻪﻛﺘﯩﻦ ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ ‪.‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻر ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﺪە ﮔﻮﻳـﺎ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﺪﯨﻠﻪردەك ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﻳﻪردە ﻗﯧﻘﯩﻠﯩـﭗ‪ ،‬ﺳـﻮﻗﯘﻟﯘپ ﻳـﯜرەﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﺎﻧـﺎ‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﻧﯚۋەت ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩـﯔ ﭼـﺎﻗﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩـﭗ ﺋـﺎﻻ ﻛـﺎﻟﺘﻪك ﻗﻮﻟـﺪﯨﻦ ﻛﻪﺗﺘـﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣـﺪى‬ ‫ﮬﻪﺳﺴﯩﻠﻪپ ﺷﯩﺘﯩﺮاف ﺗﯚﻟﻪﻳﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺳﯩﺰ ۋەﺗﻪن ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﯩـﺮ ﻳﯜرﮔﯜزﮔﻪﻧـﺪەك ﻗﯩﻠﯩـﺴﯩﺰ‪ - ،‬دﯦـﺪﯨﻢ ﻣﻪن ﺑﻮۋاﻳﻨﯩـﯔ‬‫ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼپ‪.‬‬


‫ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻘﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﻳﯩﮕﯩﺖ‪ - ،‬دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﺋﯩﺮەﻧﺴﯩﺰ ﮬﺎﻟـﺪا‬‫ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘرۇﻟﯘپ ﻗﺎراپ‪ ،‬ﺋﻮڭ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﻳﯧﻨﯩﻚ ﭘﯘﻻﯕﻠﯩﺘﯩﭗ‪-،‬ﻗﯘﺷﻼرﻧﯩﯖﻤﯘ‪ ،‬ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻼرﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﻰ ﺋﯚز‬ ‫ۋەﺗﻪن ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮەر ﺟﺎن‪-‬ﺟﺎﻧﯩﯟارﻧﻰ ﺋﯚزى ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﻣﯘﮬﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺟﺎﻳﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﻳﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﻛـﯚﻧﻪﻟﻤﻪي ﻛـﯧﭽﻪ‪-‬ﻛﯜﻧـﺪۈز ﻧـﺎﻟﻪ ﻗﯩﻠـﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚرﯨﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎن ﮬﺎۋا ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﻰ ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﻣﯘﮬﯩﺘﻐﺎ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮەر ﺋﯜﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻓﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯜﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩـﭗ ﺋﯚﺳـﺘﯜرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟـﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪي‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﻳﯩﻦ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﻰ ﮬﻪر ﻛﯩﻢ ﺋﯚز ۋەﺗﻨﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎﻳﺪۇ ﮬﻪم ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺋﺎزادە ﻳﺎﺷﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺳﻼ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ دﯦﻴﻪﻟﻤﻪﻳﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﻮۋاي »ﺋﯚﮬﯚ‪ ،‬ﺋﯚﮬﯚ« ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﺎﻟﺘﻪ ﻳﯚﺗﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﭘﭙﺎق ﻗﻮل ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﺳـﯜرۈﺗﺘﯩﺪە‬ ‫ﺳﯚزﯨﻨﻰ داۋﻣﻼﺷﺘﯘردى‪:‬‬ ‫ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺎ ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺴﺎﻻم ﺋﯚز ﻗﻪۋﻣﻠﯩﺮﻧﻰ ﻣﯩﺴﯩﺮ ﻓﯩﺮﺋﻪۋﯨﻨﻠﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ‬‫ﺋﺎﺳﺎرﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزات ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﻪۋﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﭼﯚل‪-‬ﺟﻪزﯨﺮﯨﻠﻪردە ‪ 40‬ﻳﯩﻞ ﺳﻪرﮔﻪﻧﺪان ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋـﯘ‪ ،‬ﺑـﯘ ‪40‬‬ ‫ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﮬﯧﭻ ﻳﻪردە ﺋﯘزۇن ۋاﻗﯩﺖ ﺗـﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻤـﺎي‪ ،‬ﺳـﻪرﮔﻪرداﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷـﺘﯘرﯨﯟەرﮔﻪن‪ .‬ﻣﯘﺳـﺎ‬ ‫ﺋﻪﻟﻪﻳﮭﯩﺴﺎﻻم ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻳﻪرﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﻳﻪردە ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩـﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋـﯘ ﻳﻪرﻧـﻰ ۋەﺗﻪن‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى؟ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻣﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﺑﻮۋاي ﻣﯩﻴﯩﻘﯩﺪا ﻛﯜﻟﯜپ‪ ،‬ﺋﯘزۇن ﻛﯩﺮﭘﯩﻜﻠﯩﻚ ﻛﯚﻛﯜش ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﺎﯕـﺎ ﺗﯩﻜـﻜﻪن ﮬﺎﻟـﺪا ﺳـﯘﺋﺎل‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺟﺎۋاپ ﻛﯜﺗﺘﻰ‪. -‬ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ‪ -،‬دﯦﺪﯨﻢ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺋﻮﻳﻠﯘﻧﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك ﻳﯩﮕﯩﺖ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪت!‪-‬دﯦﺪى ﺑﻮۋاي ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رەۋﺷﺘﻪ‪- ،‬ﺋﯚز ﻗﻪۋﻣﯩﻨـﻰ ‪40‬‬‫ﻳﯩﻞ ﺳﻪرﮔﻪردان ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﯘﺳﺎﻧﯩﯔ ﻣﻪﻗـﺴﯩﺘﻰ ﺋـﯘزۇن ﻣﻪزﮔﯩـﻞ ﻗﯘﻟﻠـﯘق ﺋﺎﺳـﺎرﯨﺘﯩﺪە ﻳﺎﺷـﺎپ ﻗﯘﻟﻠـﯘق‪،‬‬ ‫ﮬﻮﻗﻮﻗﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ دﯨﻠﻠﯩﺮى ﺧﻪﺳﺘﯩﻠﻪﻧﮕﻪن‪ ،‬ﺟﺎﮬﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﻛﯚﻧﮕﻪن ﺋﻪۋﻻدﻟﯩﺮى ﺋﯚﻟﯜپ ﺗـﯜﮔﻪپ‪،‬‬ ‫ﻗﯘﻟﻠﯘق‪ ،‬زوراۋاﻧﻠﯩﻖ زۇﻟﯩﻤﯩﻨـﻰ ﻛـﯚرﻣﯩﮕﻪن‪ ،‬ﺋﻪرﻛﯩـﻦ ﺋـﺎزات ﺋﻪۋﻻدﻻرﻧﯩـﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟـﯘپ‪ ،‬ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩـﯔ‪،‬‬ ‫ﺋﺎزاﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺋﻪۋﻻدﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋـﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨـﻰ ﺗﯧﭙﯩـﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗـﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎﻧـﺪى‪.‬‬


‫ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﻪﻣﯩﻨﻰ ﺗﯧﺘﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺋﻪﺳﻼ ﻗﯘل ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯚز ﺋﺎﻧﺎ ۋەﺗﯩﻨﯩﻢ روﺳﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻢ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺑﻮۋاي ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯩﺮاغ ﻳﺎﻧﻐﺎﻧﺪا ﻣﺎﺷﻨﯩﺴﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚزﯨﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘردى‪.‬‬ ‫ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﻳﺪۇ‪ .‬ﭼﯜﺷﻪﻧـﺴﯩﻤﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗـﺘﯩﻦ‬‫ﻗﺎﭼﯩﺪۇ‪ .‬رۇس ﺋﯩﻤﭙﯩﺮﯨﻴﺴﻰ ‪ 150‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ۋاﻗﯩﺖ ﺋﻮﺗﺘـﯘرا ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ ۋە ﻗﺎزاﻗﯩـﺴﺘﺎﻧﻨﻰ ﺋﯩـﺪارە ﻗﯩﻠﯩـﭗ‪،‬‬ ‫ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪۇرۇپ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﻰ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗـﯘل ﻗﯩﻠـﺪى‪ .‬روﺳـﻼرﻧﯩﯔ ﺑـﯘ ﺟﺎﻳﻼرﻏـﺎ‬ ‫ﻗﺎراﺗﻘﺎن ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﻰ ﮬﻪر ﺧﯩـﻞ ﺳﯩﻴﺎﺳـﻰ دەۋردە ﮬﻪر ﺧﯩـﻞ ﺑﻮﻟـﺪى‪ .‬ﮬـﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﯩﻠﻠـﻰ‬ ‫زﯨﺪﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎرﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪۋەپ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن ﻳﻪرﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟـﻖ ﺗﻪرﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕـﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﻨﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﻗﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻧﻪزەرﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮۋاﻳﻐﺎ ﺳﯩﻨﭽﯩﻼپ ﻗﺎرﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎددى‪-‬ﺳـﺎددا‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤـﺎ ﭘـﺎﻛﯩﺰ رەﺗﻠﯩـﻚ‬ ‫ﻛﯩﻴﯩﻨﮕﻪن ﺑﯘ ﺑﻮۋاي ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭘﯩﻜﯩـﺮ ﺑﺎﻳـﺎن ﻗﯩﻠﻐـﺎن ﭼﺎﻏـﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﯘﻻﻳﯩﻢ ﺋﻪﻣﻤﻪ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮى ﻣﺎﯕﺎ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﻳﺎﻗﻘﺎﻧﺪى‪ .‬ﺋﻮﻳﻠﯘدۇﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪر ﮬﻪﻣﻤﯩﻼ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﺑﻮۋاﻳﺪەك ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟـﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﮔﯜزەل ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺘﻪر ﺋﯩﺪى ﮬﻪ؟! دﯦﻤﯩـﺴﻤﯘ‪ ،‬ﻣﯘﺷـﯘ ﺑﻮۋاﻳـﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﻰ ﺗﻪﺑﯩـﯭت‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺋﻮرﺗﺎق ﺑﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﺎﻳﺎت ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﺘﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﺑﯩﯭﺗﻨﻰ ﺑﯘزۇپ ﺗﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪى‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﮬﯩﻴﺘﻰ ﻳﺎﺷﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ‪ ،‬ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯘرﻣـﯘش ﻛﻪﭼـﯜرۈش ﺋـﯚزﯨﻨﻰ ۋە ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼرﻧﻰ ﮬـﯚرﻣﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﺰەش ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟! ﺋـﺎدەﻣﻠﻪر ﺋـﯚز ﻧﯚۋﯨﺘﯩـﺪە ﺷـﯘ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻗﺎن ﺗﯚﻛﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺟﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐـﺎ زاﻣﯩـﻦ ﺑﻮﻟﯩـﺪۇ‪ .‬ﺑﯩـﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﺋﻪرﻛـﻰ‬ ‫ﮬﻮﻗﻮﻗﯩﻨﻰ دەﭘﺴﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩـﺶ ﺋـﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩـﯔ ﻗﻪددﯨﻨـﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷـﻜﻪ ﺋﻮرﯨﻨﯩـﺪۇ‪ .‬ﺑـﯘ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗـﺘﻪ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ دەﭘﺴﻪﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺑﻮۋاﻳﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜـﻰ ﻣﯩـﯔ ﻳﯩـﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩـﺮى ﻳﺎﺷـﯩﻐﺎن ﻳﯘﻧـﺎن ﺷـﺎﺋﯩﺮى‬ ‫ﻟﯘﻛﯩﯫﻧﻨﯩﯔ »ۋەﺗﻪن ﺷﻪﻧﯩﮕﻪ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮدﯨﻜﻰ »ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻢ ﻧﺎﮬـﺎﻳﺘﻰ ﻛﻮﻧـﺎ ﮔﻪﭘـﻠﻪردۇر‪،‬‬


‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺷﯘﻧﺪاﻗﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯚز ﺋﺎﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳـﯚﻳﻤﯩﮕﻪن ﭘﻪرزەﻧـﺖ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩـﯔ ﺋﺎﺗﯩـﺴﻨﻰ ﮬـﯚرﻣﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﻳﺪۇ‪.‬ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚزﮔﯩﻠﻪرﻧﯩـﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﻨـﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﺷـﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳـﺪۇ«‬ ‫دﯨﮕﻪن ﺳﯚزﻟﯩﺮى ﻳﺎدﯨﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﻤﯩﮕﻪن ﺋﺎدەم ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﻰ‪ ،‬ﺧﺎﺋﯩﻦ ﻣﯩﺠﻪز ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻼر‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎش ﺋﯩﮕﯩﭗ ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷـﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳـﺎﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﻛﯩﻨـﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨـﻰ‬ ‫ﺗﯜﻛﯜﻟﮕﻪن ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺧﺎﺋﯩﻨﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪن ﺋـﺎدەم ﺑﺎﺷـﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﻨـﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧـﻰ ﭘﯘﻧﯩـﯔ ﭘﯜﺗـﯜن ﻣﻪۋﺟـﯘدﯨﻴﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﮬﯚرﻣﻪﺗﻠﻪش‪ ،‬ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪا ﺳﯚﻳﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن ﺑﯩﺮﯨـﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻟﯱﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﻼس ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﺎﻳﺎق ﺋﺎﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﻗﻮﻏﺪاﻳﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺳﻠﻪن‪ :‬ﺋﯘﻟـﯘغ ﺟﯘﯕﮕـﻮ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻰ‪ ،‬ﺟﯜﻣﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐـﯘر ﺧﻪﻟﻘـﻰ دەل ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﭙﻪرۋەر ﺧﻪﻟـﻖ ﺋﯩـﺪى ‪.‬ﺷـﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼـﯜن‬ ‫ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺋﻮﻏﯘل‪-‬ﻗﯩﺰﻟﯩﺮى ﻧﯩﻤﯩـﺲ ﻓﺎﺷﯩـﺴﺘﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩـﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳـﺎق‪-‬ﺋﺎﺳـﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐـﺎن ﻳﺎۋروﭘـﺎ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ۋەﺗﻪﻧﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻗﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺧﻪﻟﻘﻰ ۋەﺗﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻗﺎ ﺳﯧﭙﯩﺪە‬ ‫ﺗﯘرۇپ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺧﻪﻧﺰۇ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﯘن ﺋﺎﻟﯟاﺳﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯚﻣﯜر ﺗﺎﭘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﺎﻳـﺎق‪-‬ﺋﺎﺳـﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷـﺘﯩﻦ‬ ‫ﻗﯘﺗﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼـﯜن ۋەﺗﻪﻧﭙﻪرۋەرﻟﯩـﻚ‪ ،‬ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﭙﻪرۋەرﻟﯩﻚ روﮬـﻰ ﺑﯩـﻠﻪن ﻣـﺎل‪-‬دۇﻧﻴـﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە ﭼﻮﯕﻘـﯘر‬ ‫ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ .‬ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯘﻳﻐﯘر ﺟﻪﯕﭽﯩﻠﯩﺮى ﺷﻪرﻗﻰ ﺷـﯩﻤﺎﻟﻨﻰ ﻳـﺎﭘﯘﻧﻼردﯨﻦ ﺋـﺎزات‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﺗﯘرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎن ۋە ﺟﻪﯕﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪن ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﯩﯔ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﮬﯚرﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﺎن‬ ‫ﭘﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﺶ روﮬﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯚﻳﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﻗﻮﺷـﻘﺎن ﺗـﯚﮬﭙﯩﻠﯩﺮى ۋە‬ ‫ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪۇ‪ .‬ﺗﺎرﯨﺨﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻣﻪﮬﻤﯘت ﻗﻪﺷﻘﯩﺮى‪ ،‬ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎس ﮬﺎﺟﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻧﺎۋاﻳﻰ‪ ،‬ﻟﯘﺗﻔﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻧﺎﻣﺎﻳﻪﻧـﺪﯨﻠﻪر دەل ﺋﻪﻧﻪ ﺷـﯘﻧﺪاق ﺋـﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯩـﺪى‪ .‬ﺋـﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨـﻰ‬ ‫ﺳﯚﻳﮕﻪن ﺋﺎدەم ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﺟﺎن ﺗﯩﻜﯩﭗ ﻗﻮﻏﺪاﻳﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻮرورى‪ ،‬ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﮬﯧﭽﯩﻜﻤﯩﻨﯩﯔ دەﭘـﺴﻪﻧﺪە‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﻳﻮل ﻗﻮﻳﻤﺎﻳﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜن ۋۇﺟﯘدى ۋەﺗﻪن ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﻰ‪ ،‬ۋەﺗﻪن ﺳﺎداﻗﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯘﻏﯘرۇﻟﻐﺎن‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺗﯩﻨﯩﻘـﻰ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧـﺪﯨﻤﯘ »ۋەﺗﻪن« دﯨـﮕﻪن ﺋﯩﺒـﺎرﯨﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩـﭗ‪ ،‬ﺑـﯘ‬


‫دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ ﻛﯚز ﻳﯘﻣﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ روﮬﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﯚﻳﯜﺷﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﺘﯩـﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺳﺎدﯨﺮ ﭘﺎﻟﯟان‪ ،‬ﻧﯘزۇﮔﯘم‪ ،‬ﺗﯚﻣﯜر ﺧﻪﻟﯩﭙﻪ‪ ،‬ﺧﻮﺟﺎ ﻧﯩﻴﺎز ﮬﺎﺟﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪۇﺧﺎﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘر‪ ،‬ﺋﻪﺧﻤﻪﺗﺠﺎن ﻗﺎﺳﯩﻤﻰ‪،‬‬ ‫رﯨﺰۋاﻧﮕﯜل ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋەﺗﻪن‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻳﻮﻟﯩﺪا ﺟﺎن ﺑﻪرﮔﻪن ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎن ﻧﺎﻣﺴﯩﺰ ﺋﻮﻏﻼﻧﻼر دەل ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﻪﺳﯩﺮ دۇﻧﻴﺎﺳـﯩﻨﻰ ﺗﯩﺘﯩـﺮەﺗﻜﻪن ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧـﺎن ۋە ﺋﯘﻧﯩـﯔ ﺋﻪۋﻻدﻟﯩﺮﯨﻐـﺎ ﻣﻪدەﻧﯩـﻴﻪت ﺋﯚﮔﯩﺘﯩـﭗ‬ ‫ﻣﻪﺳﻠﯩﮭﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘرى ﺋﯩﺪارە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩـﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﯨﻠـﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻧﯘرﻏـﯘن زوراۋاﻧﻠﯩـﻖ‬ ‫ۋەﻗﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﮕﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻣﯘﯕﻐﯘﻟﻼرﻧﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻗﺎﻻق‪ ،‬ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻳﺎۋرۇ‪-‬ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺋﯩﺪارە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪا ﮬﻪم ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﺎﺳﻘﺎن ﻳﻪرﻟﻪردە‬ ‫ﺗﯧﺰﻻ ﺗﯧﻨﭽﻠﯩﻖ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﮬﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪت ﻳﯜرﮔﯜزﯨﺸﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺗﯚﮬﭙﯩﺴﻰ زور ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﻪﺳﯩﺮدە ﺋﯘﻳﻐﯘر ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ۋە ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﻰ ﺋﯧـﺸﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯜﺗـﯜن ﺋﺎﺳـﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺋﯩـﺪﯨﻞ ﺋـﯘرال ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨـﺪا‬ ‫ﮬﯜرﻣﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩـﺪى‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖـﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷـﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﯩـﯔ ﻳﻮﻗﯘﻟـﯘش ﮔﯩﺮداۋﯨـﺪﯨﻜﻰ ﺗـﺎڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﭽﯩﻼرﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﯩﻜﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﻟﻪﭘﻪﯕﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺟﯩﺰﻻپ ﻗﺎﻟﻐـﺎن ﺗـﺎڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﮬﯘﺟﯘم ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﯘﻧﻰ ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﮬﯘﺟﯘﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏـﺪاپ‪ ،‬ﺗـﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩـﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨـﻰ‬ ‫ﺧﺎﻧﯩﯟەﻳﺮاﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﯩﺴﺎﻟﻼر ﺋﯘﻳﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻗﯩـﻘﻪﺗﻪن ﺋﯩﻨـﺴﺎﻧﭙﻪرۋەر ﻣﯩﻠـﻠﻪت‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺗﺎرﯨﺨﻨﻰ ۋاراﻗﻠﯩﺴﺎق ﻣﯘﻧﺪاق ﭘﺎﻛﯩﺘﻼر ﻧﺎﮬﺎﻳﺘﻰ ﻧﯘرﻏﯘن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ زادى ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﻛﯚپ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯩـﺸﯩﻨﯩﻤﻪﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑـﯘ ﺋـﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻢ‬ ‫ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘرﻟﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺷﮭﯘر روس ﺗﻪﻧﻘﯩﺘﭽﯩﺴﻰ ﺑﯧﻠﯩﻨﯩﺴﻜﯩﻨﯩﯔ »ﻛﺎﻣـﺎل ﺗﺎﭘﻘـﺎن ۋە ﺳـﺎﻏﻼم ﻗﻪﻟﯩﺒـﺘﻪ‬ ‫ۋەﺗﻪن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى ﻣﯘﮬﯩﻢ ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﻳـﺪۇ‪ .‬ﮬﻪر ﻗﺎﻧـﺪاق ﺋﺎﻟﯩﺠﺎﻧـﺎپ ﺷـﻪﺧﯩﺲ ۋەﺗﻪن ﺑﯩـﻠﻪن ﻗـﺎن‪-‬‬ ‫ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزى ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩـﺸﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘـﯘر ﭼﯜﺷـﯩﻨﯩﺪۇ« دﯦـﮕﻪن‬ ‫ﺳﯚزى ﮬﻪر ﻗﺎﭼﺎن‪ ،‬ﮬﻪر ﻣﯩﻨﯘت ۋەﺗﻪن ﺗﻮﻏﯩﺮﺳﯩﺪا ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘر ﻳﯜرﮔﯜزۈﺷﻢ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺳﯚﻳﯜﺷﯜم ﮬﻪم‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪۈرۈﺷﯜم ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯜﻧﺪەﻳﺪۇ‪.‬‬


Microsoft Word - xahmat tahtisi_toluk_1