Issuu on Google+

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ‬

‫ﺋﻪھﻤﻪﺕ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﻟﻨﻪﺯﻩﺭ‬ ‫ﺗﻮﺭﻏﺎ ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ‪ :‬ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪ 1koktugh‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫) ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﺪﯨﻦ (‬ ‫‪-2004‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ھﯧﻴﺘﺘﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ ﺷﺎھﯩﻨﯩﻴﺎﺯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺩﺍﺩﺍﻣﻨﻰ ﻳﻮﻗﻼپ ﺋﯚﻳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺩﺍﺩﺍﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺍﯕﻼﺷﺘﻰ ۋﻩ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ‪ -‬ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ‬ ‫ﺳﻮﺭﯨﺪﻯ ‪ .‬ﺩﺍﺩﺍﻡ ﮔﻪﺭﭼﻪ ‪ 86‬ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ‪ ،‬ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺩﺍﺩﺍﻡ‬ ‫‪60‬ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪:‬‬ ‫‪-1939‬ﻳﯩﻞ ‪-8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻼ ﭘﻮﻻﺕ‪ ،‬ﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﺎﺳﯩﻢ‪ ،‬ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ‬ ‫ﻗﺎﺳﯩﻢ‪ ،‬ﺋﻪﻧﻪﺱ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺋﺎﻟﺘﻪﻳﻠﻪﻥ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﯘﻕ ‪ .‬ﺷﯘﻳﯩﻠﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﮕﻪ ﺗﯚﺕ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ‪ -24،-23،-22،-21‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻼﺭﻏﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﭘﯩﭽﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﻪﻟﻘﻪﻡ ﺋﻪﺧﺘﻪﻡ ‪ ،‬ﺗﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﻟﻤﺎﺱ …ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪ -24‬ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻕ ‪.‬ﺋﯘۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻣﯘﺗﯩﺌﯩﻲ ) ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ (‪ ،‬ﻣﻪۋﻻﻧﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﯨﻴﻮﻑ ) ﺩﯗﻧﻴﺎ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ (‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺯﯗﻧﯘﻧﻮﻑ ) ﺗﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ (‪ ،‬ﺋﺎﺧﯘﻧﺠﺎﻧﻮﻑ ۋﻩ ﺋﺎﺑﻼ ﺩﺍۋﯗﺗﻮﻑ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﺎﻥ ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺋﯘﻧﻰ »‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ « ﺩﻩپ ﭼﺎﻗﯩﺮﺍﺗﺘﯘﻕ ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ‪ » ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ «‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺗﻪﻧﻪﭘﭙﯘﺳﺘﺎ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺒﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﻪﭘﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻟﯧﻨﯩﻨﻨﻰ ﺩﻭﺭﺍپ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪﯛﺭﻩﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﯘ ﺭﯗﺳﭽﯩﻐﺎ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺭﯗﺳﭽﻪ ‪،‬‬ ‫ﺗﺎﺗﺎﺭﭼﻪ ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﭽﻪ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﺎﻻﻳﺘﻰ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﮔﻪﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﻪﺭ ﭘﻪﺳﯩﻠﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﺍﺗﺘﯘﻕ ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺑﺎھﺎﻻﺷﺘﯩﻦ ﺋﯚﺗﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺧﯧﺘﯩﻢ ھﻪﻣﻤﻪﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪،‬ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﻥ ﻳﺎﺯﺍﺗﺘﯩﻢ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﺋﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﯩﭗ ﮔﯜﺯﻩﻝ‪ -‬ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺭﻩﺳﯩﻢ ﺳﯩﺰﯨﺸﻘﺎ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﻣﺎﺭﻛﯩﺲ ‪ ،‬ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ‪ ،‬ﻟﯧﻨﯩﻦ ‪ ،‬ﺳﯩﺘﺎﻟﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﻩﺳﯩﻤﯩﻨﻰ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﯩﺰﺍﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫‪ -1939‬ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺑﯩﺰ » ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ‪ .‬ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺩﻭﺳﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﻭﺳﻜﺎ‬ ‫‪1‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺗﻮﺷﻤﯩﺪﻯ ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﺎﺯ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺩﯨﻢ ‪ .‬ﺋﯘ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻗﻪﻟﻪﻡ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ ‪:‬‬ ‫ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻳﺎ ﻛﯚﺭﯛﻡ ﺩﻩپ ﻣﯩﻠﻴﻮﻧﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻝ ‪،‬‬ ‫ﻛﯜﺭﻩﺵ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ ﺑﺎﻏﻼپ ﻣﻪھﻜﻪﻡ ﺑﻪﻝ ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﺎﻗﯩﺪﯗ ﻗﺎﻧﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﻪﻝ ‪،‬‬ ‫ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ھﻪﻝ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻧﻰ ﺩﻩﺭھﺎﻝ ﻗﻪﻏﻪﺯﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﭼﺎﭘﻠﯩﺪﯨﻢ ‪ .‬ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﻤﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ‪ -1‬ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺑﺎھﺎﻻﻧﺪﻯ ‪ .‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﻠﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ‪-1940‬ﻳﯩﻞ ‪ -8‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻥ ﺑﻪﺭﺩﯨﻢ ‪ .‬ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﺍ‬ ‫» ﻳﺎﭘﻮﻥ ﺑﺎﺳﻘﯘﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﻳﺴﯩﺰ ؟ ﺑﯘ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ؟« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﺎﻡ ﮔﯧﺰﯨﺘﯩﮕﻪ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ ۋﻩ ﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎۋﺍپ ﻳﺎﺯﺩﯨﻢ ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪1348‬ﺋﺎﺩﻩﻡ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ‪-3‬‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﺘﯜﻡ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻛﯘﺑﻠﯩﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮ ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﻩ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫‪ -1941‬ﻳﯩﻞ ‪-5‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺧﻪۋﭘﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﭘﺮﺍﻛﺘﯩﻜﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﻩ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ‪ ،‬ﻧﺎھﯩﻴﻪ ۋﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺷﯘ ﺋﯘﺭﯗﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ۋﻩ‬ ‫ﺋﯩﺶ ‪ -‬ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪﻯ ‪.‬ﻣﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﻡ ‪،‬‬ ‫ھﻪﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ )‪ -24‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ( » ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ « ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩﻐﺎ ﻛﯚﺯ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﺘﯜﻡ ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ » ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺕ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﯩﻢ « ﺑﺎﺭﺋﯩﻜﻪﻥ ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ » ‪ -24‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﻗﯘپ ‪ -1940‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﺪﺍ › ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ‬ ‫ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺧﻪﻱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ « ﺩﻩپ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭙﺘﯘ ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻗﻪﻏﻪﺯﺩﻩ »‬ ‫ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﻗﯘﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪ -‬ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺩﯨﻬﻘﺎﻥ ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻥ « ﺩﻩپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ۋﻩ‬ ‫ﭘﯩﭽﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ۋﻩ ﻟﻪﻣﺠﯩﻦ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯨﻢ ‪ .‬ھﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ‪ -4‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -12‬ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯧﯔ ﺷﯩﺴﻪﻳﻨﯩﯔ ﺩﯗﺑﻪﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯜﻧﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪپ ﭘﺎﺋﺎﻟﻴﻪﺕ ﺋﯘﻳﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻻﺗﺘﻰ ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻛﯜﻥ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﭼﻮڭ ﺑﺎﻳﺮﺍﻡ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺪﻯ ‪ -1940 .‬ﻳﯩﻞ ‪ -4‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﻩ ﻳﺎﻣﻐﯘﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻱ ﺑﺎﻳﺮﺍﻣﻐﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻢ ﻳﯩﺮﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﻪﻥ » ﺋﺎﭘﺮﯨﻞ ﺑﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻰ ﺧﻪﻱ‬ ‫‪2‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ « ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ ‪.‬‬

‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ » ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺷﻪﺧﺲ « ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪﻥ ‪.‬ﻣﻪﻥ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯘﻕ ﺗﻮﺭﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻛﻪڭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ ‪.‬‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ‪ -1941‬ﻳﯩﻞ ‪ -6‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ ‪ -1943 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻠﻪۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪﻩ ‪ ،‬ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪﻡ ﺋﯜﺳﺘﻪﻝ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﻩ » ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰ ﻗﻮﻏﻼپ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺧﻪﺕ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﻰ ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ ‪ ،‬ﺋﺎﻕ ﺧﻪﺳﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻜﻪﻡ‬ ‫ﺋﻮﺭﯨﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻳﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺭﺧﯩﭗ ﺧﺎﻟﺘﯩﺴﻰ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺭﺧﯩﭙﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ‬

‫ﺟﺎﺳﯘﺳﻠﯘﻕ‬

‫ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﺪﯨﻦ‬

‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ‬

‫ﻛﯜﺯﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬

‫ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ‬

‫ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ‬

‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ‪ .‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ » ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫« ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪﺍ » ﻳﺎﺧﺸﻰ « ‪ » ،‬ﻛﺎﯕﺠﻴﻪﻥ « ‪ ،‬ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﻪ » ﮔﺎﯕﺒﻰ « ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ‬ ‫ﺋﺎﺩﻩﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ ‪ .‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ »‬ ‫ﮔﺎﯕﺒﻰ «‪ ،‬ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯧﺰﯨﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ » ﻛﺎﯕﺠﻴﻪﻥ « ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍﺭﯨﻠﻤﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﯩﻨﺪﻩ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮ���ﯘﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ » ﺩﯦﻠﻮﺳﻰ « ﻏﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﺩﻯ ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻥ‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺧﻪۋﻩﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ » ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ « ﺋﯩﺶ ‪ -‬ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪،‬‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﺩﻭﻛﻼﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ ‪.‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻦ » ﺳﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ‪ -‬ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﭘﺴﯩﻠﻪﺭ ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯗ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﻛﯧﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ‪ -‬ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﺯﺍﺭﻩﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼﺭ « ﺩﻩپ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯘ ﻗﯩﺰﻻﺭ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪﻩ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻮﻓﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺗﺎﻟﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ ‪.‬ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻥ‬ ‫ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺑﻮﻟﯘۋﺍﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﺳﻮﻓﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ‪ -‬ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ » ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﻟﯘﻡ ﻳﻮﻕ « ﺩﻩﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺑﯘ ﺧﻪۋﻩﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭﻏﺎ ﭘﯘﻝ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ‪ .‬ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭ ﺑﯘ‬ ‫ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ » ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﺩﺍﺵ ‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﯘﻝ ﺳﯧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻱ ﺋﯩﺸﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ « ﺩﻩپ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ‬ ‫‪3‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺳﻮﻓﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺳﻮﻓﯩﻴﻪﻣﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﯩﺶ ‪-‬‬ ‫ھﻪﺭﯨﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ » ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ « ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﺪﺍ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻼ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﻮﻗﺎپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰ ‪ -‬ﺩﯦﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮﺭﺍﺷﻘﯩﻤﯘ ﺭﯗﺧﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺘﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻤﯘ ﭘﺎﻳﻼﻗﭽﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺩﻩﻛﻜﻪ ‪ -‬ﺩﯛﻛﻜﯩﺪﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘﻕ ‪.‬‬ ‫‪ -1944‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﻰ ‪ .‬ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﺯﻭ ﻣﯩﯔ ) ﺯﯗﻧﯘﻥ (‪ ،‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺕ‬ ‫ﺋﻪﺭﺷﯩﺪﯨﻦ ) ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻠﯩﻖ ( ‪ ،‬ﻗﺎﺳﯩﻢ ) ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻟﯩﻚ ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ‪:‬‬ ‫ ﻣﻪﻥ ﺳﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ھﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪﻥ ‪ .‬ﺳﻪﻥ ﺑﯘ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺳﻪھﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﺴﻪﻥ‬‫‪ ،‬ﺑﻮﻻﻣﺪﯗ ؟ ‪ -‬ﺩﯦﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻣﺎﻗﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ھﯧﻜﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﻯ ‪ .‬ﺯﻭ ﻣﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻩﭘﺘﯩﻦ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ھﯧﻜﺎﻳﯩﺪﻩ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﭘﯩﻠﻪ ﺑﯧﻘﯩﭗ ‪ ،‬ﺩﻩﺳﺘﯩﮕﺎھ ﻗﯘﺭﯗپ ‪،‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻓﺎﺑﺮﯨﻜﺎ ﻗﯘﺭﯗپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﺪﻯ ‪ .‬ھﯧﻜﺎﻳﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪﻩ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ » ﺳﻪﻥ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺳﻪھﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ‬ ‫ﻣﺎﯕﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺴﻪﻥ « ﺩﯦﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﻣﯧﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﻩ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ھﯧﻜﺎﻳﯩﻨﻰ ﺳﻪھﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳﻪھﻨﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ » ﻧﯘﺭﻟﯘﻕ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻪﺩﻩﻡ « ﺩﻩپ ﻣﺎۋﺯﯗ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻭ ﻣﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﭼﺎۋﺍﻙ ﭼﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ ۋﻩ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ‪:‬‬ ‫ ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪﺭ ‪ ،‬ﺋﻪﺭﻩﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺗﻨﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ‬‫ﺩﻩﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺴﯩﻠﻪﺭ ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﻰ‬ ‫ﭘﻪﻳﻐﻪﻣﺒﻪﺭ ﺩﯦﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪ -‬ﺩﯦﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘ ﺩﯗﯕﭽﯘ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ » ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺑﺎﻕ « ﺩﻩپ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﯘﻗﯘﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ »‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺴﯘﻥ « ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺋﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﭙﺎﺩﻩ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﻣﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪4‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮ ﻣﯗﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ‪:‬‬ ‫ﺳﻪﻥ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﻪﻥ ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺳﺎﯕﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﻲ ﻧﻪﻓﯩﺴﻪﺩﻩ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻪﻳﺴﻪﻥ ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎڭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ ‪ .‬ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺴﺎڭ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ ﺩﯨﺪﻯ ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼﺭ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﯩﺶ ‪-‬‬ ‫ھﻪﺭﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎﻱ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﻲ ﻧﻪﻓﯩﺴﻪﺩﻩ » ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﻧﻪﻡ « ‪» ،‬‬ ‫ﺗﺎھﯩﺮ ‪ -‬ﺯﯙھﺮﻩ « ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺷﯩﻦ ﻣﺎﻝ ﺋﺎﻻﻥ « ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯨﺮﺍﻣﺎ ‪ -‬ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﺩﻯ ۋﻩ ﺳﻪھﻨﯩﻠﻪﺷﺘﯜﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺯﺍﻟﯩﺪﺍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯘﻻﺗﺘﻰ ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻛﯚﺭﮔﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﺍﺗﺘﯩﻢ ‪ .‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻣﺎﯕﺎ » ﻏﯧﺮﯨﭗ ﺳﻪﻧﻪﻡ « ‪ » ،‬ﺗﺎھﯩﺮ ‪ -‬ﺯﯙھﺮﻩ « ﺋﻮﭘﯧﺮﺍﻻﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺩ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﻪﺭ ﺋﯚﺗﯜپ ‪ - 1945‬ﻳﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﯩﺪﻩ ﺧﻮﺗﻪﻥ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻨﯩﯔ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ‬ ‫ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮﻏﺎ ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯜپ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺋﯧﻴﯩﺘﺘﻰ ‪ .‬ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮ‬ ‫» ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﯘﻥ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻣﺎﻳﻤﻪﻥ« ﺩﻩﭘﺘﯘ ‪ .‬ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﻰ ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯖﮕﻪ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗپ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﭘﺘﯘ ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯔ » ﺧﻪپ ﺳﯧﻨﻰ ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮ « ﺩﻩپ ‪ ،‬ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻞ ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ‪ -‬ﻛﯜﻣﯜﺷﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻏﺎ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﻟﯩﻴﯩﯖﭽﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ‪:‬‬ ‫ﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻳﺎﺭﺩﻩﻣﺪﻩ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﻮﻻﻳﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻡ‬ ‫ﺩﯨﮕﻪﻥ ﺗﻪﻟﻪﭘﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ﻟﯩﻴﯩﯖﭽﻰ ‪ :‬ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻣﯧﯖﯩﯔ ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪۋﻩﺭ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ‪ .‬ﺳﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜڭ ﺩﻩﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯔ ‪ :‬ﺟﺎﻧﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎۋﺍﺭﻩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻩﻣﻼ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﺳﺎﻡ ﺩﻩﭘﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ﻟﯩﻴﯩﯖﭽﻰ ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯖﮕﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﮕﯩﺮﺍﻣﻤﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﻩ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺯﺍﻟﺪﺍ‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﯘﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﺗﺘﯘﻕ ‪ .‬ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺗﺎﺭﺍﻕ ‪ -‬ﺗﯘﺭﯗﻕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎۋﺍﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻪڭ ﺯﺍﻝ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪ ،‬ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﻪھﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ‪:‬‬ ‫‪5‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺑﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﺭ ؟ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﻲ ﻧﻪﻓﯩﺴﻪ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﺵ ‪ ،‬ﺋﻮﻳﯘﻥ ﻗﻮﻳﯘﺵ‬ ‫ﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺕ ‪ -‬ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻳﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ ؟ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﺴﯘﻥ ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﻲ ﻧﻪﻓﯩﺴﻪ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺴﯘﻥ ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎﺭﻣﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺩﻩپ ‪ ،‬ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯖﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﻘﻐﺎ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﺋﻮﻗﯘپ ﻣﯘﺩﻭﯕﭽﻮﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﯘﺗﻘﯘﺯﺩﻯ ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﺋﯩﻲ ﻧﻪﻓﯩﺴﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﮔﯧﺰﯨﺘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ ‪ .‬ۋﯗﺷﯚﺑﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﻛﺎﺩﯨﺮﻻﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﭼﻜﻪ ‪ ،‬ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻗﭽﻰ ﻧﺎھﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻗﺴﯘ ﻧﺎھﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ - 1945‬ﻳﯩﻠﻰ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺭﺷﺎﻳﺪﯗ ‪ .‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻣﯘﻧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻮﺟﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺕ ﻗﯘﺭﯗپ ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﻪﺳﯩﮕﻪ ﺋﯩﭽﻰ ‪ -‬ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﺳﻼﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫‪ ،‬ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﭘﭽﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ‪1945 .‬‬ ‫ ﻳﯩﻞ ‪ - 18‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻣﯘﻧﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻮﺟﺎ ‪ ،‬ﺋﺎﺑﻼ ﺭﻭﺯﻯ ‪ ،‬ﻣﻪۋﻻﻧﺠﺎﻥ ﺗﯘﺭﺩﯨﻴﻮﻑ ‪،‬‬‫ﺑﯩﻼﻝ ﺋﻪﺯﯨﺰﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﺴﯘ ﻧﺎھﯩﻴﻪﺳﯩﺪﻩ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ ‪.‬‬ ‫‪ - 1946‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻜﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﻩﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﻡ ‪ .‬ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭ ‪ ،‬ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯧﺰﯨﺰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﻩﺳﻤﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﻯ ‪.‬‬ ‫‪ - 1946‬ﻳﯩﻠﻰ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍﯕﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺑﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﺗﯜﻩﻧﺠﺎڭ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﻯ ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮڭ ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﯧﭽﯩﭗ ‪:‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻥ ۋﻩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺠﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜﺭﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ۋﻩﺩﻩ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺴﺎﯕﻼﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ﺩﯨﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﻳﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻗﺴﯘ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭ ‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﺎﺗﻼﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺯﺍﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ‪ ،‬ﭘﯩﻜﯩﺮ ‪ -‬ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﻣﯘﺯﺍﻛﯩﺮﻩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﻕ ‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻛﺎﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯩﻐﯩﻨﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻢ ‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎﺑﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﺗﯜﻩﻧﺠﺎڭ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﺎﯕﻼﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﭼﺘﻰ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯘﻣﺪﯨﻦ ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺩﯗﻡ ‪:‬‬ ‫‪ .1‬ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ۋﯗ ﺷﯚﺑﯩﯔ ﻟﯘﺗﭙﯘﻟﻼ ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ‬ ‫‪6‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﯩﻨﺎﻳﻪﺗﭽﻰ ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼﺭ ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻥ ھﯧﻜﯩﻢ ﻧﯘﺭ ‪ ،‬ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﯧﺰﯨﺰﻻﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ‬ ‫ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﻘﺮﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺟﺎﺯﺍﻟﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ‪.‬‬ ‫‪ .2‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﮔﻮﻣﯩﻨﺪﺍڭ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ‬ ‫ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﻟﯩﯟﻩﺗﺘﻰ ۋﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺑﯩﮕﯘﻧﺎھ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﯜﺷﯩﮕﻪ ﺳﻪۋﻩﭘﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪﻯ ‪.‬‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺟﺎۋﺍﺑﻜﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ‪.‬‬ ‫‪ .3‬ﻏﯘﻟﺠﺎ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ھﯘﺟﯘﻡ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯜﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ۋﯗ ﻳﯜﺷﯜﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻳﺎﺷﻼﺭﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯘﺭﯗۋﻩﺗﺘﻰ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ۋﯗ ﻳﯜﺷﯜﻥ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎۋﺍﭘﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮﻩﻙ ‪.‬‬ ‫‪….5 … .4‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﯩﻦ ﺋﻪﺧﻤﻪﺕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼﺭ ۋﻩ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺑﻪﺱ ‪ -‬ﺑﻪﺳﺘﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ ‪ .‬ﻳﯩﻐﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﺎﻗﺴﯘ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﻩ ۋﻩ ﺋﻮﻧﺴﯘﺩﺍ ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﻧﺎﻣﺎﻳﯩﺶ ﻗﯩﻠﺪﯗﻕ ‪.‬‬ ‫ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ ‪ ،‬ﺟﯘ ﺗﯘﻩﻧﺠﺎڭ ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﻯ ‪ ،‬ۋﻩﺯﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﻼ‬ ‫ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ ‪ .‬ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭﺳﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﺎﯕﻼﺵ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ‪ ،‬ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋﻩ‬ ‫ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩﻩپ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﺎھﺎﻧﻪ ﺳﻪۋﻩﭘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ ‪ .‬ﺷﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﺍ ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ۋﻩ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﺷﯩﺘﯩﻠﺪﯨﻢ ‪ .‬ﻣﻪﻥ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﺎﺑﻼ ﺩﺍﻣﻮﻟﻼ‬ ‫‪ ،‬ﺟﯘ ﺗﯘﻩﻧﺠﺎڭ ﺩﯨﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﻗﯩﻠﺘﺎﻕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ‪ - 1957‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﺩﯨﻦ ﻳﯘﺭﺗﯘﻣﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺗﺎﻟﯩﭙﻨﯩﯔ » ﻗﺎﻳﻨﺎﻡ ﺋﯚﺭﻛﯩﺸﻰ‬ ‫« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﻭﻣﺎﻧﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺭﻭﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ » ﻳﺎﻧﺘﺎﻗﯘپ « ﺩﯨﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺸﭙﯩﻴﻮﻥ » ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺋﺎﻗﯘپ « ﺩﯨﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﯩﻤﯩﺶ ﺩﯨﮕﻪﻧﺪﻩﻙ ﮔﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﺸﯩﭙﺘﯘ ‪.‬‬ ‫» ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ « ژﻭﺭﻧﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ‪ - 2006‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ‪ - 1‬ﺳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ‬

‫ﺗﯜﮔﯩﺪﻯ‬

‫‪7‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


‫‪http://www.orkhun.com‬‬

‫ﺋﻮﺭﺧﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﺭ ﺑﯧﺘﻰ‬

‫ﺑﺎﻳﺎﻧﺎﺕ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﻴﺎﻟﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﻰ ﺗﻮﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ! ﺑﯘ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‪-‬ﺋﺎﺭﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯘﭼﯘﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﺩە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭﺩە‬ ‫ﺋﺎﻗﯩﯟەﺗﻜﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﯚﺯﻯ ﻣﻪﺳﺌﻮﻝ !!!‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻛﯚﺭﯛﻟﺴﻪ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ !!!!‬ ‫ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﺎﭘﺘﯘﺭﻟﯘﻕ ھﯘﻗﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﺩەﺧﻠﻰ ﻳﻪﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪ .‬ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭ ﺗﻮﺭﺩﺍ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﯩﻦ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ !!!!!‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ---‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﯧﻠﯩﻜﯩﺘﺎﭘﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ‪-‬ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪ ----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯗ ‪.‬‬ ‫‪2008‬‬

‫‪-‬ﻳﯩﻠﻰ‬

‫‪-01‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ‬

‫‪-29‬ﻛﯜﻧﻰ‬ ‫ﺷﻪﻧﺪﯗڭ‪---‬ﺟﯩﻨﻪﻥ‬

‫‪8‬‬ ‫—————————————————————————————————————————————————‬

‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ‪-----‬ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭ‬ ‫‪QQ:492255230‬‬ ‫‪Email:uyxman@126.com‬‬


Microsoft Word - menbilidighan_lutipulla