Issuu on Google+

1


‫ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﺘﯩﻦ‬

‫ﺋﺎﭘﺘﯘﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‪:‬ﻏﻪﻳﺮەﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ ‪ -1958‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -6‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -25‬ﻛﯜﻧﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻗﺎﺯﺋﯧﺮﯨﻖ ﻛﻪﻧﺘﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯚﺯ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼپ‪ 1977-1975 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪ -1978‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1983‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺗﯩﻞ‪-‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ‪ -1994 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﻭﺗﺴﯧﻨﺘﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘ ھﺎﺯﯨﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺳﺎھﻪﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮﺍﻧﺖ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ‪.‬‬

‫ﻏﻪﻳﺮەﺗﺠﺎﻥ ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ »ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﯩﻞ‪-‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩەﺭﺳﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە »ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﻦ ۋە ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ«‪،‬‬ ‫»ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‪» ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ«‪» ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‪» ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ‬ ‫ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺟﻪﺭﯨﺴﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‬ ‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩەﺭﺳﻠﯩﻜﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ )ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ(‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‪-‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪2‬‬


‫ﺋﯘ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻪﺵ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﺌﺎﺭﺍﻟﯩﻖ ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻳﯩﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ‪ .‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1998‬ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯜﺯﺩە ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﻓﯘﻛﯘﺋﻮﻛﺎ ﻣﺎﺋﺎﺭﯨﭗ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻥ ۋە ﺯﯨﻴﺎﺭەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻏﻪﻳﺮەﺗﺠﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‪ -1980‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎﺗﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ۋە ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ‪ 100‬ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ‬ ‫ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜﺯ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻛﻜﻪ ۋە ﭘﺎﺭﭼﻪ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺑﺎﺵ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺳﯘﻝ ۋە ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ۋە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ‬ ‫ﻳﻮﺭﯗﺗﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪3‬‬


4


5


‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ‬

‫ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ‬

‫‪ .1‬ﺩﻯ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ۋە ﺷﻪﺭﻕ ـ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ‬

‫‪ (1‬ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺟﯩﻜﭽﻪ ۋە ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ‪-‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ‪.‬ﭘﺮﻭﻟﯧﺘﺎﺭﯨﻴﺎﺕ ﺩﺍھﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻑ‪ .‬ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﺲ]‪ ،[1‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﻮﺭﮔﺎﻥ‬ ‫]‪ [2‬ﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ (2‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﻯ‬

‫ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﻑ‪ .‬ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯩﺲ‬ ‫»ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻧﯩﻴﻼﺭ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ — ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ]‪» .[3‬ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻟﯘﻏﻪﺕ ۋە ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪ«ﺩە» »ﺗﯘﺭﺍﻥ — ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ]‪ [4‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪» ،‬ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ« ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﯘﺭﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ«ﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ]‪ ،[5‬ﻳﻪﻧﻪ ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎﺱ ھﺎﺟﯩﭙﻨﯩﯔ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻣﯘ »ﺗﯘﺭﺍﻥ — ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ‬ ‫ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯘﺭﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ«‬ ‫‪6‬‬


‫]‪ ،[6‬ﺩەپ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ‪– 1984‬ﻳﯩﻠﻰ »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ »ﺭﯗﺳﺘﻪﻡ ۋە ﺳﻮھﺮﺍپ« ﺑﺎﺑﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻓﯩﺮﺩەۋﺳﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ »ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ« ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ‪:‬‬ ‫»ﺗﯘﺭﺍﻥ — ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻛﻪڭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ۋە ›ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ‹ﻏﺎ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫›ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ‹ﺩە ﻓﯩﺮﺩەۋﺳﻰ ›ﺗﯘﺭﺍﻧﻼﺭ‹ ﺑﯩﻠﻪﻥ ›ﺗﯜﺭﻙ‹ﻟﻪﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ«‪.‬‬

‫ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻟﻰ ﻳﻮڭ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛپ‪» :‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ۋە ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺳﺎھﻪﺳﻰ ›ﺗﯘﺭﺍﻥ‹‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﻰ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﻪﻟﺪﻯ« ]‪ ،[7‬ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﭗ‪» ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼپ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺐ ﺳﺎﺩﺍﺳﯩﻨﻰ ﻳﺎﯕﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ۋە ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯜﺭەﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ]‪ «[8‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪڭ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎپ »ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻥ« ۋە »ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﺩﯨﻜﻰ ﺷﺎھ« ]‪ ،[9‬ﺩەپ‬ ‫ﺷﯚھﺮەﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺗﯚﻣﯜﺭ )‪ (1405—1333‬ﺋﯚﺯ ﺋﯜﮔﯜﺗﻠﯩﺮﯨﺪە »ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ — ﻣﯜﻟﻜﻰ ﺗﯘﺭﺍﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﻛﯩﻢ‬ ‫— ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﺴﻰ ۋە ﺋﻪڭ ﺋﯘﻟﯘﻏﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻏﯘﻧﻰ«]‪ ،[10‬ﺩەپ ھﻪﻳﯟە‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻝ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺟﻮﺭ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭘﺎﺭﺱ‪-‬ﺋﯩﺮﺍﻥ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ X‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ XII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ‬ ‫‪7‬‬


‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯩﺮ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ »ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« )‪ (Avesta‬ﺩﺍ »ﺗﯘﺭﺍ« ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ‬ ‫ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ »ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺗﯘﺭﺍﻻﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻤﯘ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ ]‪ .[11‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ‬ ‫»ﺗﯘﺭﺍ«‪» ،‬ﺗﯘﺭ«ﻻﺭ ﺳﺎﻙ )‪ (Saca‬ۋە ﺋﯩﺴﻜﯩﻒ )‪ (Scythia‬ﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ]‪ .[12‬ﺳﺎﻙ ۋە ﺋﯩﺴﻜﯩﻔﻠﻪﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻛﻪڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ »ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮ ﺯەﺭﯨﺮەﮔﻪ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪ« )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ V —VI‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ( ﺩە‪ ،‬ﺋﯩﺮﺍﻧﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﻮﻧﯘﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﺎﻣﯘ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻝ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩەپ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫»ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ«ﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﺎ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﯕﮕﻰ‪-‬ﺟﯧﺪەﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭ ھﯩﻼﺝ‪ ،‬ﺳﻮﻗﺮﺍﺕ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎۋﯗﺵ ۋە ﺋﯩﺴﭙﻪﻧﺪﯨﻴﺎﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﯘﺭ‪ ،‬ھﯘﺷﺎڭ‬ ‫ۋە ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﭘﻼﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ«ﺩﺍ »ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ھﻪﻡ ﺋﯘ ﺋﯩﺮﺍﻥ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺭەﻗﯩﺒﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ« ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﺩە( ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ« ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯗﺭ ]‪ .[13‬ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە »›ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ‹ ﺑﯩﻨﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ ﻛﯩﻢ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺋﻪﺭﺩﻯ«‪» ،‬ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ — ھﯘﺷﺎڭ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﺗﯘﺭ ﺑﯩﻨﻨﻰ ﻓﯧﺮﯨﺪﯗﻥ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯗﺭ«‬ ‫]‪ ،[14‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪» .‬ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﺩە ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ ﻧﺎﻣﻰ »ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ« ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘ‬ ‫ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﻪﻳﺨﯘﺳﺮەۋ‪ ،‬ﺭﯗﺳﺘﻪﻡ‪ ،‬ﺳﻴﺎۋﯗﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺳﻪﺭۋﺍﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« ﺩﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭﺍ«‪» ،‬ﺗﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ »ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮ ﺯەﺭﯨﺮەﮔﻪ ﻣﻪﺭﺳﯩﻴﻪ« ۋە »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«‬ ‫‪8‬‬


‫ﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪:‬‬

‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« ﺩﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭﺍ«‪» ،‬ﺗﯘﺭ« ﻻﺭ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﺕ‪-‬ﺳﯘ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ‬ ‫ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻥ‪-‬ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‪-‬ﻗﻮۋﻡ ﻧﺎﻣﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ«‪ ،‬ﺩەپ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻧﻼﺭ« ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ »ﺗﯘﺭﺍ‪-‬ﺗﯘﺭ« ﺩﯨﻦ »ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« ﺩﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺩﯨﯟە ﻛﻪﺑﻰ«‪» ،‬ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﻰ«‪» ،‬ﺭەﺯﯨﻠﻠﯩﻚ« ﺩە ﺋﯘﭼﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‬ ‫»ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ« ﻧﯩﯔ »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ« ﺩە»ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺷﺎھﻰ« ﺩەپ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﻰ »ﺋﺎﺭﺟﺎﺳﯩﺐ«ﻧﯩﯔ »ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ‬ ‫ﺗﯘﺭﻻﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ »ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺷﺎھﻰ‬ ‫ﺋﺎﻓﺴﺎﺟﺎﺳﯩﺐ«ﻧﯩﯔ »ﺟﻪﯕﮕﯩﯟﺍﺭ ﺗﯘﺭﻻﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ »ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺷﺎھﻰ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎپ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘﻗﯩﻤﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ« ﺩە ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎپ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺷﺎھﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ »ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺗﻪڭ ﻣﻪﻧﯩﺪە »ﺗﯘﺭﺍ« ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ]‪ ،[15‬ﺑﯘ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﯜﺭﻙ«ﻧﯩﯔ »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯧﻞ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ‬ ‫ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻪﺗﻨﻪپ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎﻥ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ‬ ‫‪9‬‬


‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ھﻪﻡ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻣﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﺧﯘﻥ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺧﺎﻥ )ﺗﯘﺭﺧﺎﻥ(‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﺧﺎﻥ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻧﻘﯩﺰ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻧﺨﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﯘﺭ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ھﻪﻡ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ »›ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ‹ ﺩەۋﺭﻯ«‬ ‫ﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ ﻏﻪﻟﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﺱ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ«ﺩﺍ »ﺋﺎﻥ‪-‬ﺋﻪﻥ« ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ »ﺋﻪﺭ«ﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ »ﺋﻪﺭەﻥ«‪» ،‬ﺋﻮﻏﯘﻝ«ﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ‬ ‫»ﺋﻮﻏﻼﻥ« ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ]‪ .[16‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ‪» ،‬ﺗﯘﺭ‪-‬ﺗﯘﺭﺍ«ﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺷﻪﻛﻠﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ«‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪.‬‬

‫ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻓﯧﺮﯨﺪﯗﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻣﯘ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﭽﻪ‪ ،‬ﻓﯧﺮﯨﺪﯗﻥ ﺋﯚﻣﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺋﯜچ ﺋﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﭼﻮڭ‬ ‫ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺳﯧﻠﯩﻤﮕﻪ ﺭﯗﻡ )ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ( ﻧﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻧﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎ ﺗﯘﺭﺍﻥ ۋە ﭼﯩﻨﻨﻰ‪ ،‬ﻛﻪﻧﺠﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ھﯩﻼﺟﻐﺎ‬ ‫ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﻰ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ]‪ .[17‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ »ﺗﯘﺭ«ﻏﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭ »ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ »‪ ...‬ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺮﺍﻧﻨﯩﯔ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﯩﺘﻰ ﺳﯧﻠﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪﭘﺘﯩﻦ ھﻪﻡ ﻓﯧﺮﯨﺪﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺗﯘﺭﻧﯩﯔ »ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫‪10‬‬


‫ﻳﯧﺮﯨﺪە ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎپ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯘ »ﺗﯘﺭ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ۋەھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ )‪ -1911 (1917 — 1836‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻥ‬ ‫»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﻪﻣﯩﺪﯨﻲ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ‪› ،‬ﺗﯜﺭﻙ‹ ﺑﯩﻠﻪﻥ ›ﺗﯘﺭ‹ ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ«]‪ ،[18‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﻖ ﺭﻭﻟﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (3‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ‬

‫ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ‪ ،‬ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺳﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﻯ‪ ،‬ﻛﻮﭘﺖ )‪ (Kopt‬ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﺍپ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻛﻪڭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﯘﻧﯘﻣﯩﻴﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﻣﻮﺯﺍﻳﯧﻔﻤﯘ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ »ﻟﻮﭘﺖ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ‪،‬‬ ‫ﻛﺎﺳﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﺩﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍ ﻗﯘﻡ ۋە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﯘﻡ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮە ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ«]‪ [19‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» :‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻛﻪﭼﯜﺭەﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﻛﺎﺳﯩﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﻟﻮﭘﻨﯘﺭﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﻛﻪڭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪› ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻪڭ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ )ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ( ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ« ]‪.[20‬‬

‫ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪە ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﻰ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ :‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ‬ ‫»ﺗﺎڭ ﮔﺎۋﺯﯗڭ ﻟﻰ ﺟﻰ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻧﻪﺳﻪﺑﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﭼﯘﺑﻰ ﺧﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ‪ – 635‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﯨﻢ —‬ ‫‪11‬‬


‫›ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺳﺎﻱ‹ )‬

‫(‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ — ›ﺗﯘﺭﺍﻥ ﭼﯚﻝ‹ )‬

‫ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ« ]‪ .[21‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻢ »‬

‫( ﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫«ﻧﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬

‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪە ﺧﺎﺳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ‪:‬‬

‫ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻢ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺑﯩﺮ – ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺷﻪﻧﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﺵ‬ ‫ﺋﻪﻟﻪﻣﻨﻰ ﻣﺎﻟﻪﻡ ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯧﯖﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯩﺮﺍﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻝ ﺋﻮﻕ ﺋﯜﺯﺳﯘﻥ‪ ،‬ﻳﺎ ﺋﻮﻗﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ﻳﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ﺩەپ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺟﻪﺳﯘﺭ ﺟﻪﯕﭽﻰ ﺋﻪﺭﺵ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻏﺮﯗﺭ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﺎۋەﻧﺪ ﺗﯧﻐﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎﺩﯨﻦ ﺋﻮﻕ ﺋﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﻮﻕ‬ ‫ﺋﯜﺯﮔﻪﻧﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﯧﻨﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﺎﺗﯘﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﻰ ﺋﯩﻼھﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ ﺋﺎﻗﺎﺭ ﻳﯘﻟﺘﯘﺯﺩەﻙ ﺳﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﭼﯜﺷﻜﯩﭽﻪ ﻣﯧﯖﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻐﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺗﺎﻏﻼﺭ ۋە‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎ ھﻪﻡ ﭼﯚﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﻪﻳﻬﯘﻥ )ﺋﺎﻣﯘ( ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ‬ ‫ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺩەﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻐﺎ ﺳﺎﻧﺠﯩﻠﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻳﺎﯕﺎﻕ ﺩەﺭﯨﺨﻰ )ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﻪﻳﻬﯘﻥ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ( ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﺍ – ﭘﺎﺳﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ]‪ .[22‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﻪﺭﺵ ﺋﺎﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻕ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺭﻛﯩﺲ‬ ‫)ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯘﺵ( ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﺘﯩﻐﺎ ﺗﻪﮔﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻛﻪﺭﻛﯩﺲ ﺯﯨﻤﺎۋەﻧﺪ ۋە ﺗﻪﺑﻪﺭﺳﺘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘپ ﺋﯚﺗﯜپ ﺟﻪﻳﻬﯘﻥ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﭘﻘﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ]‪.[23‬‬ ‫‪12‬‬


‫ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪» ،‬ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﭘﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ« ]‪.[24‬‬ ‫ﺋﯩﺮﺍﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻬﯩﺴﺘﻮﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺷﺎھﻰ ﺩﺍﺭﺍ ‪ I‬ﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ – 517‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﻣﯘ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺳﺎﻛﻼﺭﻏﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯩﻬﯩﺴﺘﻮﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﺩﺍﺭﺍﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪» :‬ﺷﺎھ ﺩﺍﺭﺍ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗپ ﺑﺎﺭﺩﯨﻢ‪ ،‬ﺋﯘﻝ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﻰ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﻧﯩﯔ ﻧﯧﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﭼﻮﻗﻘﯩﺴﻰ ﺋﯘﭼﻠﯘﻕ ﻗﺎﻟﭙﺎﻕ ﻛﯩﻴﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻝ ﻗﯩﺴﺴﻪ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺩەﺭﻳﺎﻏﺎ ﻛﯧﻤﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯚۋﺭﯛﻙ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﺩﯨﻢ‬ ‫ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻪﻛﺴﺎﻥ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﭘﯘﺕ –‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻏﻼپ ھﯘﺯﯗﺭﯗﻣﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﯛﻡ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺧﺎھﯩﺸﯩﻢ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﻳﯩﻦ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺕ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﻤﮕﻪ ﺋﯚﺗﺘﻰ« ]‪ [25‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺑﯩﻬﯩﺴﺘﻮﻥ ﺋﺎﺑﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺳﺎﻛﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩەﺭﻳﺎ« ﺩەﻝ ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﺪﯗﺭ ]‪.[26‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺭﺍﻧﻨﯩﯔ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻳﻪﻧﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻕ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﺩە ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎﺑﻨﯩﯔ »ﭼﯩﻨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻜﯩﻤﺪﯨﺪﯗﺭ«‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯘ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺷﺎھﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﺍﺳﯩﻨﯩﯔ »ﭼﯩﻦ«ﻏﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪﭘﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﭼﯩﻦ« ﻗﻪﻳﻪﺭ؟ »ﭼﯩﻦ« ﻣﯘﺭەﻛﻜﻪپ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﺭﺳﻼﺭ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﭼﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﭘﺎﺭﺱ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﭼﯩﻦ« )ﻣﺎﭼﯩﻦ( ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫‪13‬‬


‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﭘﺎﺳﯩﻠﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﻢ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩﺋﯩﻤﯩﻦ ]‪ ،[27‬ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎۋﺭﯨﻞ‬ ‫ﺳﺘﻪﻳﻦ ﭼﯩﻦ ۋە ﻣﺎﭼﯩﻦ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﺪﻯ ]‪ ،[28‬ﺩەﻳﺪﯗ‪ .‬ﺟﺎڭ ﺧﻮﯕﻨﻴﻪﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ‬ ‫»ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﯩﺪە »ﭼﯩﻦ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ]‪.[29‬‬

‫ﻟﻰ ﺟﯩﻤﯩﯔ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »›ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‹‪› ،‬ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ‹ﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ›ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭ‹ )‬

‫( ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ‬

‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ« »ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«ﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ‪ – 2000‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫‪ – 3‬ﺳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« ۋە ﺑﻪﻧﮕﯜﻧﯩﯔ‬ ‫»ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ »ﭼﯩﻨﻠﯩﻘﻼﺭ« ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺧﻪﻧﯟﯗﺩﻯ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻼ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺩەۋﺭﻯ‪،‬‬ ‫ۋﯦﻲ‪ ،‬ﺟﯩﻦ‪ 16 ،‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەۋﺭﻯ‪ ،‬ﺳﯜﻱ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﺳﻮڭ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩەﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ »ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭﺩەﻙ‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺍﻕ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﭘﺎﺳﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺷﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪» ،‬ﭼﯩﻦ« ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ »ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ«ﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪» .‬ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻼﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻐﺎ ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪14‬‬


‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ «ﻛﻪڭ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ«ﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪» ،‬ﺗﺎﺭ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ«ﻣﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﭼﻮڭ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﭘﯧﺮﯨﺴﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە‬ ‫ﺗﯩﺒﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺍﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﯟﻯ ﻣﯘھﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺮﻗﻰ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﺋﯜچ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‬ ‫ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ‪ ،‬ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ‪ ،‬ﺳﯩﺮ ۋە ﺋﺎﻣﯘ ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‬ ‫ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ؛ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ۋە ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﻪﻛﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ]‪ .[30‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ »ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ« ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﯩﺪﻯ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ‪،‬‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﺎﺳﺎﺳﺴﯩﺰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻤﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (4‬ﺩﻯ ۋە ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ »ﺗﯘﺭﺍ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە )ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ( »ﺩﯨﻼﺭ«‪» ،‬ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ«‪» ،‬ﺗﯧﻠﯩﻠﻪﺭ«‪» ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ« ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﺑﺎﻳﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻳﺮﯨﻨﺴﺎ ﺳﯩﺪﯨﻘﻼﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪›» :‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ‹ ﺑﯩﻠﻪﻥ ›ﺷﺎھﻨﺎﻣﻪ‹ ﺩﯨﻜﻰ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ›ﺩﻯ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻙ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋە‬ ‫ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ›ﺗﯘﺭﺍﻥ‹ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺗﯘﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ«‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺩﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺷﻴﺎ‪ ،‬ﺷﺎڭ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺟﻮۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ‪ 1400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ۋﺍﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫‪15‬‬


‫ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ۋە ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ]‪.[31‬‬

‫ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺩﻯ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ‪ ،‬ﺗﯘﺭﺍﻧﻼﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻦ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺩﻯ« )‪ (di‬ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺩﻯ)‬

‫( ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺋﯧﺪﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﯘﺭﺍﻕ ﺳﯩﯖﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﮔﻪۋﺩە ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ »ﺩﻯ« ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺩﻯ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﺎﻧﺎ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ‬ ‫ﻣﻪﺑﯘﺩﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟﻭﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻕ )ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ( »ﺋﯩﺖ«ﻧﻰ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯚﺭە ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﮔﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯚﺭە ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﺩﺍﺷﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﺘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻯ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﻳﺎڭ‬ ‫ﺷﻴﯘڭ)‬

‫( »ﺷﯧﯟە« )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ »ﺋﯩﺖ ﺩﻯ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ« )‬ ‫‪16‬‬

‫‪،‬‬

‫(( ﺩﯦﮕﻪﻥ‪:‬‬


‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺷﯘﺟﯧﻦ »ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ«‬

‫(( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ‬

‫»ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﺘﻘﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯗ«‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ »ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻯ‬

‫(( ﻻﺭ ﺋﯩﺖ‬

‫ﺋﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯩﺖ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‪» ،‬ﺩﻯ« ﺋﯩﺖ ﻣﻪﺑﯘﺩﻯ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ »ﺋﯩﺖ‬ ‫ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ« ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ )ﺯﻭﺭﺍﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ( »ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ«ﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە‬

‫« « ﺧﯧﺘﻰ‪» (di‬‬

‫( «‬

‫ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ«‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺩﻯ« ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﻦ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ )‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -420 — 265‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﯘﭘﯘ »ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩﯦﯖﯩﺰﻻﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ«‬

‫(( ﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻧﺪﺍ‬

‫«« ﻧﻰ »ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ‪ ،‬ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ« ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﯘﺵ ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﯘﭘﯘﻧﯩﯔ ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ ﺩەﻝ »ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ« )ﺑﯜﺭﻛﯜﺕ( ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩەپ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﻳﺪﯗ]‪ [32‬ھﻪﻡ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ »‬

‫« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬

‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ]‪.[33‬‬ ‫ﺩﻯ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[34‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ »ﺩﻯ«ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﻠﻰ »ﺋﯩﺖ ﻣﻪﺑﯘﺩﻯ«‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ‬ ‫»ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﻣﻪﺑﯘﺩﻯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ »ﻣﻪﺑﯘﺩ« ﻳﻪﻧﻰ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ »ﺗﯜﺭﻙ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻖ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﯘﺗﯧﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻮۋﻡ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋﺩە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫»ﺗﯜﺭﻙ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﺎﺯﻣﯩﻼﺭﺩﺍ »ﺩﻯ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫‪17‬‬


‫ۋﺍﺭﯨﻴﺎﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﺑﺎﻳﺘﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻳﺮﯨﻨﺴﺎ ﺳﯩﺪﯨﻘﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺑﺎﺭ‪:‬‬

‫ﺗﯜﺭﻙ — ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە »ﺩﻯ«‬ ‫((‪ ،‬ﺗﯘ‪-‬ﻛﻴﯘ‬

‫((‪» ،‬ﺑﯧﻴﺪﻯ« )‬

‫((‪» ،‬ﺩﯨﻠﻰ«‬

‫((‪» ،‬ﺩﯨﯔ ﻟﯩﯔ«‬

‫((‪» ،‬ﺗﯧﻠﻰ«‬

‫(( ﺩەپ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ »ﺗﯜﺭﻙ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎھﺎڭ‬

‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ]‪.[36] ،[35‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺗﯜﺭﻙ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ »ﺩﻯ« ﺩەپ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩە‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﻯ )‪ (744 — 552‬ﺩە »ﺗﯜﺭﻙ« ﻧﺎﻣﻰ ھﻪﻡ »ﺗﻪﯕﺮﻯ«‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪەﻙ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺩﻯ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺸﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻗﻘﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎﻕ‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﯩﯔ »ﺗﯘﺭ« ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺯەﻛﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە »ﺗﯘﺭ« )‪ (tur‬ﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ۋە ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺯﯙﺭﯛﺭﯨﻴﯩﺘﻰ‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﯘﺭ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ؟ ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫‪18‬‬


‫ﺋﺎﯕﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »‪ «di-gir‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ]‪ [37‬ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ‬ ‫ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ‪» ،‬ﺗﯘﺭ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﻤﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -3000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻖ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ » « ﺧﯧﺘﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ‬ ‫»‪ «di-gir‬ﺩەپ ﺋﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ۋە ﻣﻪﻧﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ »‪) «Tangri‬ﺗﻪﯕﺮﻯ( ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺳﯘﻣﯧﺮ‪ ،‬ﺋﺎﻛﻜﺎﺩ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ ﺗﺎﺵ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺳﯚﺯﻯ »‪ «Dingir‬ﺩەپ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ]‪ .[38‬ﻣﯘﺷﯘ »»‪ ««Dingir ،Digir‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ »‪ «di‬ﺗﺎۋﯗﺷﻰ »ﺗﯘﺭ« )ﺗﯘﺭﺍﻥ( ﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪ «di-gir» ،‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﺪﯨﻜﻰ »‪ «di‬ﻳﺎﻛﻰ »‪ «d‬ﺗﺎۋﯗﺷﻠﯩﺮﻯ »‪ té/t» a‬ﺗﺎۋﯗﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ۋە ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ‪ d-t‬ﺗﺎۋﯗﺷﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﺍ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ‪ d‬ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ‪ t ،‬ﺟﺎﺭﺍﯕﺴﯩﺰ ﺋﯜﺯﯛﻙ ﺗﺎۋﯗﺵ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯩﻠﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﺭﺍﯕﻠﯩﻖ ‪ ،d‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺟﺎﺭﺍﯕﺴﯩﺰ ‪ t‬ﺗﺎۋﯗﺷﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ۋﯦﺪﺍ ﺗﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -1000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﺗﯩﻠﻰ( ﺩﺍ‬ ‫»‪) «tata‬ﺩﺍﺩﺍ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩەۋﺭﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ )ھﺎﺯﯨﺮﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ( ﺩﺍ »‪،«dada‬‬ ‫—‬

‫ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »‪ ،«dad-dada‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬

‫)‪(dada‬؛ »‪) «mata‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺎﻝ‬

‫ﻛﯩﺸﻰ( — ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﺎﻙ — ﺳﯩﻜﺘﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﺭﻣﺎﺗﻼﺭ )‪ Sarramata‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺎﻝ«‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ۋﺍﺭﯨﺴﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬ ‫‪ ،mademe-madam‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »‪) «Mada‬ﻣﺎﺩﺍ ﺋﯧﺸﻪﻙ(؛ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎ‪-‬ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺗﯩﻞ‪/‬ﺩﯨﻞ‪ ،‬ﺩەپ ﺳﯧﺒﯩﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺩەﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »‪ «atil‬ﺩەپ‬ ‫ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ »‪) «idil‬ۋﻭﻟﮕﺎ(‪ ،‬ﺩەپ »‪ «tÜrk‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺑﯜﺕ )ﺗﯩﺒﻪﺕ( ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬ ‫»‪ «durgu-drugu‬ﺩەپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪19‬‬


‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ‪ «dingir-tigir» ،‬ﻳﺎﻛﻰ »‪«tur» ،«ti-tigir‬ﻏﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ »‪ «o-a-i‬ﺳﻮﺯﯗﻕ ﺗﺎۋﯗﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻧﻪﺯەﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ «siolun» ،‬ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻧﺎﻣﻰ]‪،[39‬‬ ‫»‪ «Saolun‬ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ﻧﺎﻣﻰ »‪ «Suolun-Saolun-Saolan‬ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﻧﺎﻣﻰ‪.‬‬

‫»‪) «amarak‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪» ،‬ﺋﯩﻤﺮﺍﻕ« )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺷﯧﯟﯨﺴﯩﺪە(«‬ ‫»ﻳﺎﻏﺎچ‪-‬ﻳﯩﻐﺎچ«‬

‫)ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫»ﻳﺎﻏﺎچ«‬

‫ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‬

‫)ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ‬

‫ﺯﺍﻣﺎﻥ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪:‬‬

‫»‪) «Satuk-sutuk-situk‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ(؛‬ ‫»‪) «pidar‬ﺳﺎﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﯥ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭ(‪) «buradar» ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬ ‫ﺩﻭﺳﺖ‪ ،‬ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ(‪ padar-padar» 0» ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪە ﺩﺍﺩﺍ‪،‬‬ ‫ﭼﻮڭ ﺩﺍﺩﺍ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە( ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺗﯘﺭ‪-‬ﺗﯘﺭﺍ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍﻥ« ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ »ﺋﯧﮕﯩﺰ«‪» ،‬ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ«‪،‬‬ ‫»ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﻮﺭﯗﻥ«‪» ،‬ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩەﺭﮔﺎھﻰ«‪» ،‬ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﯩﯔ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘﺕ ۋە ﭼﯘۋﺍﺵ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫»ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺳﯚﺯﻯ »ﺗﯘﺭ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﭼﯘۋﺍﺵ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪە »ﻳﯩﺮ ﺗﯘﺭﺍ«]‪،[40‬‬ ‫»ﭼﯧﭽﻪﻙ ﺗﯘﺭﺍ« ]‪» ،[41‬ﺗﯘﻟﺘﻰ ﺗﯘﺭﺍ«]‪ [42‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﯕﺮﯨﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺗﯘﺭ« — »ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ‪ ،‬ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ‪ ،‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﻮﺭﯗﻥ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« — ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﺍ »ﺗﯘﺭ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ‪-‬ﺟﺎﻱ ۋە ﺧﺎﺭﺍﺑﻪ ‪ 150‬ﺗﯩﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ »ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ«‪،‬‬ ‫»ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻛﯚﭼﻤﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫‪20‬‬


‫ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ »ﺗﯘﺭ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« —‬ ‫ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻚ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻥ‪ ،‬ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ »ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩەﺭﮔﺎھﻰ« ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩەﺭﮔﺎھﻰ«ﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯘﻗﯘﻣﺪﺍ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ »ﺗﯘﺭ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ«ﻧﻰ ھﻪﻡ »ﺗﻪﯕﺮﻯ«‪ ،‬ھﻪﻡ »ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺩەﺭﮔﺎھﻰ« ﺩەپ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫»ﺗﯘﺭﺍﺧﯘﻥ«‬

‫ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫»ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﺎﺧﯘﻥ«ﻧﻰ‬

‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‬

‫ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺳﯚﺯ‬

‫ﺩەپ‬

‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩﺍ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺋﺎﺩەﻡ«‪» ،‬ﺑﻪﺳﺘﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ«‪» ،‬ﺑﻮﻳﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﺎﺩەﻡ«‪» ،‬ﮔﯩﮕﺎﻧﺖ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻡ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﻤﻪ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭﻏﺎ ﻗﻮﻳﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ » »‪Stip Cpillata‬‬ ‫(( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﻰ )ﺗﯘﺭﺍﻥ( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﺸﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯚﺳﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻳﺎﻗﯘﺕ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭﺍﻥ«ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺷﻮﺭﻟﯘﻕ ﻳﺎﻳﻼﻕ« ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ]‪ ،[43‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫»ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ‪-‬ﺗﯚﭘﯩﻠﯩﻚ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ۋە ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ‬ ‫ﻧﺎﺗﻮﻧﯘﺵ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »‪ «digir-digir‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪.‬‬

‫ﺳﯘﻣﯧﺮ )‪ (Sumer‬ﻻﺭ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﮕﯩﺮ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻔﺮﺍﺕ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﺮﯨﻜﻼﺭ »ﻣﯩﺴﯘﭘﯘﺗﺎﻣﯩﻴﻪ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻥ ‪ -4000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ۋە ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎھﺎﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ‪ XIX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﯩﮕﯩﺰﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯧﺮ ﺭﺍۋﻟﯩﻨﺴﻮﻥ )‪ (H. G. Rawlinson‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ‬ ‫ﺋﯩﺴﻜﯧﻔﻠﻪﺭ )‪ (SKeff‬ﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‪-‬ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘﭘﺘﯘﺭ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯧﻨﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﺳﺎﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫‪21‬‬


‫ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺋﯩﺮﻗﻰ )‪ (Turanian Reca‬ﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ]‪ .[44‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻏﺎ ﻳﺎﺯﻣﺎ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ۋە ﻗﯧﺰﯨﯟﯦﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ‬ ‫ﻳﻪﻛﯜﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﻤﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻦ ﺋﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻗﯩﺰﯨﻘﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ۋە ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯗﺭ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﺯەﻛﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ‬ ‫ﺳﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗۋەﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩەﺭﻳﺎ ۋﺍﺩﯨﺴﻰ )ﻣﯩﺴﯘﭘﻮﺗﺎﻣﯩﻴﻪ(‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺷﻪﺭﻕ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯩﺮﻗﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﻪ‪-‬ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ۋە ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺳﯘﻣﯧﺮ‪-‬ﺑﺎﺑﯩﻞ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺩﯗﻧﻴﺎۋﻯ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ« ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺩەﻝ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯚﺯ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺧﯘﺩﺍ »ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ« ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ۋە ھﻪﻧﻨﯩﯟﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﻣﯚﺗﯩﯟەﻟﻠﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺳﯧﺴﯘﺩﺭﺍ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺨﻼﺳﻤﺎﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯧﺸﺎﺭەﺕ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻛﯧﻤﻪ ﻳﺎﺳﺎﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﻖ ۋە ﺗﯚﺕ ﭘﯘﺗﻠﯘﻕ ﺟﺎﻧﯩﯟﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻤﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﯟﺍﭘﺘﯘ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺩﯗﻧﻴﺎﻧﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﭼﯧﺒﺮﯦﻴﻼﺭﻧﯩﯔ »ﺗﻪۋﺭﺍﺕ«ﺗﯩﻜﻰ ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ ۋە ﻧﯘھ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ »ﺗﻪۋﺭﺍﺕ« ﺗﯩﻦ »ﺋﯩﻨﺠﯩﻞ«ﻏﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ »ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ« ﻏﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ‬ ‫ﺋﯩﺮﺍﻥ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺗﻮﭘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﻰ ۋە ﻧﯘھ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە »ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ«‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ۋﺍﺭﯨﻴﺎﻧﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫‪22‬‬


‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺗﯜﺭﻙ — ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﯘﭼﻰ ﻧﯘھ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﻧﯘھﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﻜﻪ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﻤﯘ ›ﺗﯜﺭﻙ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪› ...‬ﺗﯜﺭﻙ‹ ﺳﯚﺯﻯ‬ ‫ﻧﯘھ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮﻻ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﻧﯘھ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ›ﺋﺎﺩەﻣﺰﺍﺕ‹ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺪﻟﯜﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ھﻪﻡ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ‪ ،‬ھﻪﻡ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩەﻳﺪﯗ]‪.[45‬‬

‫ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﻧﯘھﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﭘﻪﺱ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯧﺪﯨﻞ )ۋﻭﻟﮕﺎ(‪ ،‬ﺋﯧﺮﺗﯩﺶ ﺩەﺭﻳﺎ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺗﯜﺭﻙ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ]‪.[46‬‬ ‫ﻧﺎﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺭﺍﺑﻐﯘﺯﻯ )‪ XIII — XIV‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ( ﻧﯘھﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻳﺎﭘﻪﺳﻜﻪ ﺋﻪﻧﺠﺎﻥ‪ ،‬ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺭﮔﻪﻧﭻ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ...‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺯﯦﻤﯩﻨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺘﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‬ ‫)»ﻗﯩﺴﺴﻪﺳﯘﻝ ﺋﻪﻧﺒﯩﻴﺎ«ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ(‪.‬‬

‫ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺭەﺷﯩﺪﯨﺪﺩﯨﻦ ﻓﻪﺯﻟﯘﻟﻼھ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە‪ ،‬ﻧﯘھ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ ۋە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺩەپ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭼﻮﯕﯩﻐﺎ ﻛﯜﻥ ﺩەپ ﺋﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺕ ﺑﺎﺭ]‪.[47‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﯜﻥ ﺋﯩﺪﻯ]‪» .[48‬ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ھﻪﻣﯩﺪﯨﻲ« ﺩﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ]‪.[49‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﯘھ — ﻳﺎﭘﻪﺱ — ﺗﯜﺭﻙ — ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ — ﻛﯜﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﻮﻗﯘﻝ‬ ‫‪23‬‬


‫ھﺎﻟﺪﺍ »ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ« ۋە ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻳﻪھﯘﺩﯨﻴﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺋﯩﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻼﺭ‪ ،‬ھﯩﻨﺪﯨﻼﺭ ۋە ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺳﺎﻗﻼۋﺍﺗﯩﺪﯗ]‪ .[50‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﻧﻪﺯەﺭﮔﻪ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎھﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜپ ﻗﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺯﯙﺭﯛﺭﻟﯜﻛﯩﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪﺯﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺪە ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍەﺗﻠﻪﺭﻣﯘ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺑﻬﻰ ﻧﯘﺭﻯ‬ ‫ﭘﺎﻟﯩﻠﺪﺍﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ » « )‪ (di-gir‬ﺧﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﭼﯩﻐﯩﻨﺎﻕ‪-‬ﺗﺎﺭﻏﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﻙ‬ ‫(( ﺗﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ » « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻡ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﭼﯩﻐﯩﻨﺎﻕ‪-‬ﺗﺎﺭﻏﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﻛﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩەپ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺗﯘﺭ«ﻧﯩﯔ ﺑﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ »‪«di-gir‬ﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »‬

‫« )ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﻰ — ‪ (di‬ﭼﯩﻐﯩﻨﺎﻕ‪-‬ﺗﺎﺭﻏﺎﻕ ﭘﯜﺗﯜﻛﺘﻪ » «ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە‬

‫ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ]‪ .[51‬ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺩﻯ ﺩﯙۋﯨﻠﻪپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﯘﻥ ﺩﯙۋﯨﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﮕﻪ ﺩﯗﺋﺎ‪-‬ﺗﯩﻼۋەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯘﺭ‪ .‬ﺋﻮﺗﯘﻥ ﻛﯚﻳﮕﻪﻥ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺕ‬ ‫ﺋﯘﭼﻘﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﯩﻠﺪﺍپ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻼھﯩﻨﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻼھﻰ«‬

‫« «‬

‫(( ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﻜﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ‬

‫ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ »‪ «di‬ﺩەپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ »‬ ‫« ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ]‪ .[52‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻤﯘ‬ ‫‪24‬‬


‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ھﻪﻡ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﺋﯩﻼھﻰ ھﻪﻡ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭەﺗﺘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﻛﯩﺖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﭼﯩﻐﯩﻨﺎﻕ‪-‬ﺗﺎﺭﻏﺎﻕ )ﺟﻴﺎﮔﯘ( ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -1500‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -3000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ »ﺭەﻣﻨﺎﻣﻪ« )‪)[53‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳﻮﻥ‬

‫[ ﺩﯨﻜﻰ ‪ 12‬ﻣﯚﭼﻪﻟﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ۋە‬

‫(( ﻧﯩﯔ ﺭەﯕﻠﯩﻚ ﺳﺎﭘﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻰ]‪ [54‬ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ‬

‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‪» (di‬‬

‫( « ﺳﯚﺯﻯ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ‬

‫ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ »ﺗﻪﯕﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺭﯗﯕﺪﻯ‬

‫« «ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ‬ ‫(( ﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ]‪.[55‬‬

‫ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺧﯘﺍﯕﺪﻯ‬

‫(( ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ )ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﯩﯔ‬

‫ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ — ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﯩﺪﯨﻦ( ﺭﻭڭ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﭼﯩﻠﯘڭ )‪)[56‬‬ ‫ﻳﻪﻧﺪﻯ‪)[57‬‬

‫[‪،‬‬

‫[( ﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ )ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ —‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﯜﭼﯩﺪﯨﻦ( ﻧﯩﯔ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﯚﺭﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[58‬‬

‫ﮔﯘ ﺟﯩﮕﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺧﯘﺍﯕﺪﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ]‪.[59‬‬

‫ﻟﻴﯘ ﻳﯧﺠﯩﯔ‬

‫(( ﻧﯩﯔ »ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﻦ‬

‫(( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﭼﯧﻦ ﺧﻪﻧﺠﺎڭ‬ ‫‪25‬‬


‫ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ »ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯩﺮﻕ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺧﯘﺍﯕﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺧﯘﺍﯕﺪﻯ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ]‪[60‬‬ ‫ﺩەﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ »ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﺑﯩﻠﻮﻧﻨﯩﯔ ‪ 12‬ﻣﯚﭼﯩﻠﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻧﺪە‪» :‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻳﯩﻦ ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻦ ���ﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻳﯩﻦ‪-‬ﺷﺎڭ )ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﻯ( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ‬ ‫ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻳﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫)ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻛﯩﺘﺎﺑﺨﺎﻧﯩﺴﻰ‪» ،‬ﻣﯩﻨﮕﻮ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ« ‪ -1‬ﻗﯩﺴﯩﻢ ‪ -76‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -93 ،‬ﺑﻪﺕ(‪ ،‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﮔﻮﻣﻮﺭﻭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺝ‪ .‬گ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﺮﺳﻮﻧﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﺳﺎﻕ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﻟﻠﯘﻕ ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ )‬ ‫)‬

‫( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ۋﯗﺷﻰ)‬

‫( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﯘ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻟﯜﻱ ﭼﯘﻧﭙﯩﯔ‬ ‫( ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ‬

‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯەﺭ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺩﻯ )‬

‫( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ‪،‬‬

‫ﺩﯨﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻗﻮۋﻡ‪ ،‬ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﯩﺪﺍ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯧﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺩەﻳﺪﯗ]‪.[61‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﻭﯕﺪﯨﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻝ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﻪﺷﻜﯜﭼﻰ‬

‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﯩﯔ‬

‫ﺑﯩﺮ‬

‫ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ‬

‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ‬

‫ﺑﯜﻳﯜﻙ‬

‫ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ« ﺗﻮﻣﯩﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺩﯨﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ]‪ ،«[62‬ﺩەپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪26‬‬


‫ﻳﻪﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﻯ‬

‫(( ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ‬

‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﻯ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﺎڭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺷﻴﺎ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺷﻴﺎ‪ ،‬ﺷﺎڭ‪ ،‬ﺟﯘ ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﭘﺎﺭﻻﻕ‪،‬‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫‪.2‬ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﺩﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ‬

‫ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ۋە ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺳﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ۋە ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜپ‬ ‫ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﭼﯩﯖﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﻯ)‬

‫( ﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬

‫ﻣﻪﻟﯘﻡ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﯨﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ]‪ ،[63‬ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯜﻳﯜﻙ ۋە‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻗﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﻤﯟﻭﻟﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ ﺑﻮﻟﯘپ‪» ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ« ﺗﻮﻣﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪» :‬ﺩﯨﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻰ )»‬

‫« ﺩﻯ‪-‬ﺯەﻱ ﺩەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ‬

‫ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯗ‪-‬ﺋﺎ(‪ ،‬ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺩﯨﻼﺭ ﻳﯩﻦ ﺩەۋﺭﻯ )ﻳﻪﻧﻰ ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ XVI‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -1066‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩەۋﺭ( ﺩە‬ ‫ﮔﯘﻳﻔﺎڭ )‬

‫(‪ ،‬ﺟﻮۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ) ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻮۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘۋﺍﺗﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺑﯘ‬

‫ﺩەۋﺭ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -1066‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -771‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ(‬ ‫ﺩﺍ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻥ)‬

‫( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ .‬ﭼﯘﻧﭽﻴﯘ ‪ -‬ﺟﻪﻧﮕﻮ ﺩەۋﺭﯨﺪە )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪-770‬‬ ‫‪27‬‬


‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -221‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩە )‬

‫ﺩﯨﻼﺭ ﻳﺎﻛﻰ‬

‫ﺩﯨﻼﺭ( ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﭼﯩﻦ‪ ،‬ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ‬

‫)ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -221‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -220‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﯨﻼﺭ ﺋﯜچ ﭼﻮڭ‬ ‫(‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯨﻼﺭ )‬

‫ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﯨﻼﺭ)‬

‫( ۋە ﺋﺎﻕ ﺩﯨﻼﺭ)‬

‫( ﺩﯨﻦ‬

‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ]‪ «.[64‬ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ‪ -179‬ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﻰ ﺩﯦﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻏﯩﭽﻪ )ﺧﻪﻥ‪،‬‬ ‫ۋەﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ( ﻳﺎﻛﻰ ﺩﯨﻼﺭﻏﯩﭽﻪ )ﭼﯜﻧﭽﻴﯘ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ( ﺋﯩﺰﺩەﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩەپ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺩﯨﻼﺭ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻳﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﭼﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ھﻪﻣﺮﺍھ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻣﻮﺯﻯ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ‪ -468‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -367‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ‬ ‫( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ »ﻳﺎۋ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ« )‬

‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ( »ﻣﻮﺯﻯ«)‬

‫( ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﻪھﻨﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﻳﺎۋ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ »ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻮﺱ« )‬ ‫»ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬

‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ‬

‫ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ‬

‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬

‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ‬

‫ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍھﯩﻴﺴﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ]‪ .[65‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻳﺎۋ ﺩﯨﻜﯘ )‬

‫( ﺗﺎ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬

‫( ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ‬

‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺧﯘﺍﯕﺪﯨﺪﯨﻦ ﺑﻪﺵ ﺋﻪۋﻻﺩ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ]‪ .[66‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻳﺎۋ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺩەۋﺭﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺩەۋﺭﻧﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺘﺮﺍﻕ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ‬ ‫ﺋﯧﻨﺴﻜﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ« ﺗﻮﻣﻰ ‪ -593‬ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -4000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫‪ -2100‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺩﯨﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﻳﺎۋ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩەۋﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ »ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﻯ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫»ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﻳﺎﻛﻰ‪ ،‬ﻣﻮﺯﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﯨﻨﻰ ﻛﻪﻡ‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻝ ﻳﺎۋ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﻳﯘﻣﺸﺎﻕ ﺩﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﺎۋﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺩﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩﻯ )‬

‫( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪ [67‬ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻣﻮﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫‪28‬‬


‫ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﺩﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻼ ﺳﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮۋﻡ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﯘﻟﻠﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺷﻜﻪ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺘﻪﻟﻪﻳﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫»ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ‪ ،‬ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﭼﯩﻠﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘ ﻧﻮﻗﯘﻝ ﺳﺎﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﯩﻼ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪-‬ﺋﯧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‪-‬ﻓﻮﻟﻜﻠﻮﺭﻟﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺗﻮﻟﯘﻕ‪ ،‬ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ‪ ،‬ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ‪ ،‬ﺋﯘﻳﯘﻟﺘﺎﺷﺘﻪﻙ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺎﻕ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻗﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ۋە ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ‪ ،‬ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ —‬ ‫ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ۋە ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻗﺎﻧﺪﺍﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‪-‬ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺗﺎﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻡ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺋﯘﻳﯘﻟﺘﺎﺷﺘﻪﻙ ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯩﻨﺎﻕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻏﺎﻳﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ۋە‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﭽﻪ‪:‬‬

‫‪» .1‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﻮﻻﺭ« )‬

‫( ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »‬

‫«ﻣﻮ»‬

‫«ﻣﻮ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺟﺎۋ »‬

‫ﻣﯧﯖﺰﻯ«‬

‫ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺍھﻼپ »ﻣﻮﻻﺭ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘ ﻳﻪﺭ ﺑﻪﻙ ﺳﻮﻏﯘﻕ‪ ،‬ﺯﯨﺮﺍﺋﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯚﺳﻤﻪﻳﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺟﯧﯔ ﺳﯩﻨﻮڭ)‬

‫( ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ]‪ .[68‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﻮﻻﺭ‬

‫( »ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻤﻮ ﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺭ«)‬

‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻳﺎﻛﻰ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﯨﻼﺭ( ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﺪﺍﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫‪29‬‬


‫( ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ )ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ( ﺩﯨﻦ‬

‫‪» .2‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ« )‬

‫(‪ ،‬ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪» .[69‬ﺯﻭ ﭼﻴﯘﻣﯩﯔ‬

‫ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ھﻪﻡ »ﮔﯘﻳﻔﺎڭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯩﺮﻯ« )‬ ‫ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻯ«ﺩە ﺟﺎۋﮔﯘﯕﻨﯩﯔ ‪ -14‬ﻳﯩﻠﯩﺪﺍ ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﮔﯘﺭﭼﯩﻦ )‬

‫‪ ،‬ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ – ﺋﺎ(‬

‫ﻻﺭﻏﺎ »ﺗﺎﺭﺗﯘﻕ ۋە ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ«‪ ،‬ﺩﯦﻴﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺩﯗﻳﯜ »ﭼﯩﻦ ) (‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ« ﺩەپ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺩﯛەﻥ ﻟﻴﻪﻧﭽﯩﻦ‬ ‫»ﮔﯘﻳﭽﯩﻦ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ )ﺋﯘﺭﯗﻗﻰ( ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ«‪ ،‬ﺩەﻳﺪﯗ]‪ .[70‬ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪» ،‬ﮔﯘﻳﻔﺎڭ« ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ »ﮔﯘﻱ« )‪(Guy‬‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻏﯘﺭ‪-‬ﮔﯘﺭ« )‪ (Gur-Hgur‬ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ‬ ‫ۋﯦﻦ ﻳﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »ﮔﯘﻳﻔﺎڭ« ﺩﯨﻜﻰ »ﮔﯘﻱ«‪» ،‬ۋﯗﻛﯘ«)‬

‫( ﺩەپ ﺋﻮﻗﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ‬

‫ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﺍ »‪ «Ogur‬ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ]‪) «Ogur» .[71‬ﺋﻮﮔﯘﺯ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ( »‪«Uyghur‬‬ ‫)ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻏﺎ ﺗﻪڭ ﺋﯩﺪﻯ‪.[72].‬‬

‫‪» .3‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻴﻪﻧﻠﯜﻧﻠﻪﺭ« )‬

‫(‪» ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ« ﺗﻮﻣﻰ ‪-478‬‬

‫ﺑﯧﺘﯩﺪە »ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ‪ ...‬ﭼﯜﻧﭽﻴﯘ ﺩەۋﺭﯨﺪە‬ ‫ﺭﻭﯕﺪﻯ)‬

‫( ﻻﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ«‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻥ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﻳﺎڭ ﺟﻴﻪﻧﺸﯩﻦ)‬ ‫(‪› ،‬ﻧﻪﺯﻣﯩﻨﺎﻣﻪ‹ )‬

‫( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ۋﺍڭ ﮔﻮۋﯦﻲ)‬ ‫( ﻟﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬

‫( ۋە ﻣﯧﺘﺎﻝ ﭘﯜﺗﯜﻙ)‬

‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﻰ ﺟﻮۋ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ «...‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ]‪ .[73‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ III - II‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ II ،I‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ »ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫‪30‬‬


‫ﻗﯩﺴﺴﻪ« )‬

‫(‪» ،‬ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ )‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫(‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ھﻮﻧﻼﺭﺩﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ۋە‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VII - IX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ »ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ«‪،‬‬

‫( ھﻮﻥ( )‬

‫‪ ،‬ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﻥ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪەﻙ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫‪ .4‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﯨﻼﺭ)‬

‫( ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬

‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪» .‬ﺯﯗ ﭼﻴﯘﻣﯩﯔ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« )‬

‫( ﺩەپ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯨﻼﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻕ ﺩﯨﻼﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﯨﻼﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬

‫‪» .5‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻙ« )‬ ‫ﺗﻪﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺟﺎڭ ﺷﻴﺎۋﺟﻮڭ)‬

‫( ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ‪» .‬ﻛﻮﻧﺎ‬ ‫( ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«ﺩە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻙ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -744 -552‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﻪپ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎپ‪ ،‬ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ‪ -744 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﻟﯩﻦ ﮔﻪﻥ‬ ‫)‬

‫( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ »ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ )ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻗﻮۋﻡ ]‪ «[74‬ﺩﯦﮕﯩﻨﻰ‪،‬‬

‫ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﮔﯩﯔ ﺷﯩﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺗﻮﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﯚﺟﺠﯩﺘﻰ‪» ،‬ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«‪،‬‬ ‫»ﻛﯚﻟﭽﯜﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﭘﻪﺭﻗﻰ ﻳﻮﻕ‪ ،‬ﺩەپ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ‬ ‫ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﭗ]‪ [75‬ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻙ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻼ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫‪31‬‬


‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺩﺍﺋﯩﺮ »‪ «P.1283‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯘﺑﯘﺗﭽﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ‪ -1908‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﭘﯧﻠﻠﯩﺌﻮﺕ )‪ (P. pelliot‬ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ »ﺧﻮﺭ‬ ‫)‪ (Hor‬ﺧﺎﻧﻰ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﺎﺭﻻپ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺵ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ﭼﺎﺭﻟﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VIII-IX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺑﯘﺗﭽﯩﮕﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ھﯚﺟﺠﻪﺕ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻭﺭﯗﮔﯘ )‪ (Toquz drugu‬ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋﯗﻳﯩﻜﺎﺭ ﺗﯘﺗﯘﻕ )‪ «(Wuyikar tutuq‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﻭﺭﯗﮔﯘ«ﻧﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻙ«‪» ،‬ۋﯗﻳﯩﻜﺎﺭ ﺗﯘﺗﯘﻕ«ﻧﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯘﺗﯘﻕ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻼﺷﺘﻰ]‪.[76‬‬

‫‪» .6‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ« )‬

‫(‪» ،‬ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ‬

‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -646‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ۋە ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ« )‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ« )‬

‫‪ ،‬ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﺭﯗﻕ(‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪» .‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ﺩﺍ‬

‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﻪ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺑﯚﮔﯜ )ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ(‪،‬‬ ‫ﺗﻮﯕﺮﺍ‪ ،‬ھﻮﻥ )ﻗﯘﻥ(‪ ،‬ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ‪ ،‬ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ‪ ،‬ﭼﯧﺒﻨﻰ )ﭼﺎﺑﯩﺶ(‪ ،‬ﺋﺎﺑﯘﺱ‪ ،‬ﻛﯚﺭﯛﻧﯟﯗﮔﯘﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪ���ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ«‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ]‪.[77‬‬ ‫‪» .7‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ )‬

‫( » ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ‬

‫ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ‪ ،Toguz Uguz‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺳﯜﻱ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ )‪ (Togur Uyghur‬ﻧﯩﯔ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ۋە‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺩەۋﺭﻯ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -581 — 420‬ﻳﯩﻠﻼﺭ‪-‬ﺋﺎ( ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩە‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫‪32‬‬


‫ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﻪﻧﺪﻯ‪ ،‬ﻛﯧﻴﻨﭽﻪ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ«]‪ .[78‬ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﯧﻠﻰ« ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺩەﺳﺘﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ »‪ «Toguz Oguz‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﺎﺭﺍۋەﺭ‪ ،‬ﺩەپ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ]‪ .[79‬ﺗﯜﺭﻙ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻧﺎﻣﻰ ﻛﯚپ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪،‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﭘﺘﯘ« )ﺗﻮﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«‪ ،‬ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭەپ ‪-9‬ﻗﯘﺭ(‪.‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﯖﻼﺭ«‪» ،‬ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭەپ ‪ -2‬ﻗﯘﺭ(‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ«‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺩﯛﺷﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪») «.‬ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ‬ ‫ﺗﯧﺸﻰ«‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﻰ ﻳﯜﺯﻯ ‪ -1‬ﻗﯘﺭ‪ -14 ،‬ﻗﯘﺭ(‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻳﯜﺯ ﻳﯩﻞ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ‪) «...‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ‬ ‫ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«(‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻼﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺗﻮﻗﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﻰ‪.‬‬

‫‪ .8‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« )‬

‫(‪ .‬ﺑﯘ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ‪،‬‬

‫»‪ «Oguz‬ﺑﯩﻠﻪﻥ »‪ «Uygur‬ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼپ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ »‪«r‬‬ ‫ﺗﺎۋﯗﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ »‪ «z‬ﺗﺎۋﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ [801].‬ﺑﺎﺳﻜﺎﻛﻮۋﻧﯩﯔ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﭽﻪ‪» ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯ« — ﻗﻪﺩﯨﻤﺪە »‪ «R‬ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩەپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ «Z» ،‬ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺋﻮﻏﯘﺯ«‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ »ﻏﯘﺯ« ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﺸﯘﻧﺎﺱ ۋ‪ .‬ﺗﻮﻣﺴﯧﻦ )‪ (W. TOMSEN‬ﺋﻮﻏﯘﺯ — ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘﻛﻰ‪ ‹r› ،‬ﺗﺎۋﯗﺷﻰ ›‪‹Z‬‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪» ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ — ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺩەﻳﺪﯗ]‪ .[81‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە‬ ‫‪33‬‬


‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ« )‬ ‫)‬

‫( ۋە »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ«‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ۋﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ‬

‫ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﻏﺎ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻧﺎﻣﻰ ‪ VII - IX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﺭەﺏ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺱ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺳﯩﯖﻘﯘ ﺳﯧﻠﻰ ﺗﯘﺗﯘڭ ۋە ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ھﺎﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« )ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻖ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ‪-‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ھﻪﻡ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﻐﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯜپ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯘﻳﯘﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ۋەھﺎﻟﻪﻧﻜﻰ‪ ،‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ۋە ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫»ﺗﯜﺭﻙ« ﺩەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮﻻ ﺧﻪﻟﻖ ﺩەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫(‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻛﯚپ ھﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ )‪ (Bayirgu‬ﺩەﭘﻼ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪» .9‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ« )‬

‫ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ھﻮﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە»‬

‫« ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺗﯧﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﻮﻧﺎ‪ ،‬ﻳﯧﯖﻰ »ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ۋە »ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‬ ‫)‬

‫( ﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«ﺩە »ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ« )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ( ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﺪﻯ »ﻗﺎﻧﯘﻧﻼﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ‪ -198‬ﺟﯩﻠﺪ‪ .‬ﭼﯧﮕﺮﺍ‬ ‫ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪﺳﻰ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ« )‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮە« ‪ -1‬ﻗﯩﺴﯩﻢ )‬

‫‪.‬‬ ‫»‬

‫‪.‬‬

‫(‪ .‬ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ‪ -8‬ﺟﯩﻠﺪ‪» .‬ﺷﯜەﻧﺮﻭڭ‬

‫« »‬

‫«( ۋە ‪ -194‬ﺟﯩﻠﺪ‪» ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‬

‫ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪» ،‬ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ«‪ -973 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪» .‬ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺗﺎﺋﯩﭙﻠﻪﺭ‪ .‬ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺟﺎﺯﺍ ﻳﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ« )»»‬

‫‪.‬‬

‫«‬

‫‪،‬‬

‫ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ« ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪34‬‬

‫«(( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬


‫(‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ )»‬

‫‪» .10‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ«)‬

‫( »‪،izgil‬‬

‫(( ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ«‪ -170 ،‬ﺟﯩﻠﺪ »ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‪ .‬ﻳﯩﺮﺍﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪﺭ« »‬ ‫»‬

‫«‪0‬‬

‫‪.‬‬

‫« ۋە »ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﻯ«‬

‫«‬

‫«« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ« ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪» .11‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﯕﺮﺍ« )‬

‫( ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ »ﺗﻮﯕﺮﺍ« )‪ (Tongra‬ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‬ ‫ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪» .‬ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ«‪ -971 ،-974 ،‬ﺟﯩﻠﺪﻟﻪﺭﺩە‪» ،‬ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ‪-97‬‬ ‫ﺟﯩﻠﺪﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﯕﺮﺍ« ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪» .12‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ«‬

‫(( ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺧﺎﯕﮕﺎﻱ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪە ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﻪﺭﻗﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ‬ ‫‪ -742‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ھﻪﻡ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ )‪ (Basmil‬ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ »ﻛﻮﻧﺎ‬ ‫‪ -311 ،‬ﺟﯩﻠﺪﻟﻪﺭﺩە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ‬

‫ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ‪ -9‬ﺟﯩﻠﺪ‪» .‬ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎڭ ﭘﯜﺗﯜﻛﻠﯩﺮﻯ« ))‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪» .13‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺩﯨﺰ«‬ ‫»ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ«‬

‫((‪ ،‬ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪» .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ«‬

‫(( ﻟﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﯘﮔﯘﺭ«‬

‫((‪،‬‬

‫(( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ‪.‬‬

‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ۋە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -795‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ‪ -821‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭﻻﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ »‪ «Atiz-Adiz‬ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ »ﻳﯘەﻧﺨﯥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‬ ‫‪35‬‬

‫?(( ۋە »ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ‬


‫ﺗﻪﺯﻛﯩﺮە« )‬

‫( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺩﯨﺰ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪» .14‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯚﮔﯜ« )‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ »ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮە« )‬

‫( ﻳﺎﻛﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ«‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯘ‬ ‫( ﻧﯩﯔ ‪ - 29‬ﺟﯩﻠﺪ »ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« )‬

‫( ﺩە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬

‫ﺑﯚﮔﯜ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ »ﺑﯚﮔﯜ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪» .15‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ )ﺧﺎﻛﻜﺎﺱ( ﻻﺭ )‬

‫( ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ »‪«Kirgiz‬‬

‫ﺩەﭘﻼ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩە ھﻪﺭ ﺩەۋﺭﺩە ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺧﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ »ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« )‬

‫(‪،‬‬

‫»ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯧﻠﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫‪» .16‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭ«‪ .‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ »ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«‪» ،‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ‬ ‫ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻻﺭ »ﺗﺎﺗﺎﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫( ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪-‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‬

‫‪» .17‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗپ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ« )‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ )ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ( ﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﺎﻣﻰ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ۋە ﻳﺎۋﭼﯩﻼﺭ )ﺗﻮﺧﺎﺭﻻﺭ( ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ II‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﮔﻪﻧﺴﯘ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺟﺎﯕﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻠﯩﻴﻪﻧﺸﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎۋۋﯗ )‬

‫( ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‬

‫ۋە ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪە ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ]‪ [82‬ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﯜﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﯧﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺗﺎڭ‬ ‫‪36‬‬


‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ۋە ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﻼﻡ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗپ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ«)‬

‫( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﺸﯩﭗ ﺳﻮﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ]‪ .[83‬ﺑﯘ ھﺎﻝ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗﭘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻻﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯩﻜﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺷﯚھﺮەﺕ ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺪ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪» .18‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎۋﭼﯩﻼﺭ« ﻳﺎﻛﻰ ﻳﺎۋﭼﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ )‬

‫(‪ .‬ﻳﺎۋﭼﯩﻼﺭ ﺗﻮﺧﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ]‪ .[84‬ﺗﻮﺧﺎﺭﻻﺭ ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬ھﯩﻨﺪﻯ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺧﻪﻟﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -3000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺑﺎﺑﯩﻠﻮﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﻨﺎ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯧﺸﻰ‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ۋە ﻗﺎﺭﺍ ﺷﻪھﻪﺭ )ﺋﺎﮔﻨﻰ( ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻛﯜﺳﻪﻥ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﺧﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ]‪،[85‬‬ ‫]‪ ،[86‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VII-VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﻳﺎۋﭼﻰ‪-‬ﻳﯚﺷﻰ )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﻪﻟﻖ‪ ،‬ﻳﺎۋﭼﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫(( ﺷﯩﺮۋﯨﻼﺭ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬

‫‪» .19‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﯩﺮۋﯨﻼﺭ«‬

‫ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ V-X‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﻰ ۋە ﺧﻠﯘﯕﺠﻴﺎڭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪VII .‬‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە »ﺗﺎﺗﺎﺭ« )‬

‫( ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯩﺮۋﻯ‪-‬ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻏﯘﺯ )‬

‫( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ‪،‬‬

‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ‪ .‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯜﻱ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺗﻪۋەﻣﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ« )‬

‫( ﺩە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﯩﺮۋﯨﻼﺭ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪37‬‬


‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﯨﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘﻻﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯩﺰﮔﯩﻠﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﯕﺮﺍﻻﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺑﺎﺳﻤﯩﻠﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺩﯨﺰﻻﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﯚﮔﯜﻟﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ )ﻗﻮۋﻣﺪﯨﻦ( ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ »ﺗﯧﻠﻰ«‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ »ﺗﯜﺭﻙ«‪» ،‬ﺗﯚﻟﻪﺱ«‪» ،‬ﺗﯘﺭﺍ« ﺩەپ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻳﯧﺸﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﺩﺍ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﺎﻝ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ »ﺗﯧﻠﻰ« ﻧﺎﻣﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪﻯ‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ«‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﺗﺎﺭ«‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﯩﺮۋﯨﻼﺭ« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﻯ‬ ‫)‪ (840-744‬ﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻳﻮﻕ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﺴﻰ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﻮﻻﺭ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﮔﻪﻧﻨﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ‪.‬‬

‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‪-‬ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﭼﻮڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻣﻮﻻﺭ‪ ،‬ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ‪ ،‬ﺷﻴﻪﻧﻴﯜﻧﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺩﯨﻼﺭ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚپ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ؛ ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﻴﺘﺴﺎﻕ‪ ،‬ﻳﯩﻦ‬ ‫)ﺷﺎڭ( ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﺟﻮۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ‪ 20‬ﺧﺎﻧﻰ )ﺑﯧﮕﻰ( ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘﺭ ﺑﺎﺭ]‪ .[87‬ﺑﯘ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ‪ 20‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪» .‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ‬ ‫‪.‬‬

‫ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« )‬

‫( ﺩە ﺗﯧﻠﻰ )ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬

‫‪ 21‬ﺩﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪» ،‬ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«) ‪.‬‬ ‫( ﺩە ‪ 43‬ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺭﺍﺷﯩﺪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ »ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﻝ‪-‬ﺗﻪۋﺍﺭﯨﺦ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ‪ 122‬ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻮﺑﯘﻟﻐﺎﺯﻯ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻤﯘ‬ ‫»ﺷﻪﺟﻪﺭەﺋﻰ ﺗﯜﺭﻙ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺯﯨﻜﺮﻯ« ﺑﺎﺑﯩﺪﺍ »ﺋﻮﻥ ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەﺭ ﺋﻪﺭﺩﻯ‪120 ...‬‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻕ )ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ( ﺋﻪﻝ ﺋﯩﺪﻯ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺩەﺭﻳﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻱ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«‬ ‫‪38‬‬


‫ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﺎﺯﯨﻴﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﻗﻮۋﻣﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﺪﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ )ﺗﯧﻠﻰ( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻛﻜﻪ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ‪ ،‬ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ‪ ،‬ﺗﻮﯕﺮﺍ‪ ،‬ﺑﺎﺳﻤﯧﻞ‪ ،‬ﺋﺎﺩﯨﺰ‪ ،‬ﺑﯚﮔﯜ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗپ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘۋﺍﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﺑﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭﻣﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﻨﯩﯔ ﺳﻤﯟﻭﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﺵ‪ ،‬ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ۋەﺯﯨﺮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ‪،‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺧﺎﻥ« ﺑﺎﻳﺮﯨﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﺵ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺧﺎﻥ« ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺗﯚﻣﯜﺭﻟﻪﯕﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺷﻪﺭﻓﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﻰ ﻳﻪﺯﺩﻯ »ﺯەﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ »ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩە‬ ‫ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﺘﺎﺋﺎﻻ ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻐﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫»ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺗﯜﺑﯜﺗﭽﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺕ«‬ ‫)ﻧﻮﻣﯘﺭﻯ‪ (P.1283 :‬ﺗﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ »ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ ﻗﺎﺩﺍﻳﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬ ‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺗﯘﻍ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍھﻼپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ »ﺗﯘﻍ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺧﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ« ﺩەپ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ]‪ ،[88‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﻮﺗﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﺎﻗﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪ .[89‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ« ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ۋە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﺵ‬ ‫‪39‬‬


‫ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯩﭽﻜﻰ ۋەﺯﯨﺮ ﺋﯜچ‬ ‫ﻧﻪﭘﻪﺭ‪ ،‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ۋەﺯﯨﺮ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪») .‬ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ«‪. ) ،‬‬ ‫( ﻳﻪﻧﻪ »ﺗﯧﺮﺧﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«ﺩﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ (.‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ‬ ‫ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ]‪ ،[90‬ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﻯ]‪ [91‬ﮔﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪» ،‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«)‬

‫‪.‬‬

‫( ﺩە ﻛﯜﺳﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﯩﯔ »ﺧﺎﻧﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺑﻪﺯﻯ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ ،‬ﺩەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻠﺴﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ 490 .‬ﺟﯩﻠﺪ‪ .‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«)‬ ‫« ‪490‬‬

‫»‬

‫« « ﺩە ﺩﺍﺷﻰ‬

‫( ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺋﻪﻟﯩﻴﺎﻥ‬

‫( ) ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺪە( »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬ ‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺧﺎﻥ ۋە ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ]‪ ،[92‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻳﺪﯗ‪» .‬ﻣﺎﻳﺘﯩﺮﻯ ﺳﯩﻤﯩﺖ«ﺗﯩﻜﻰ »ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ‬ ‫ﺷﺎھﺰﺍﺩە ﺋﻮﻏﻼﻧﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﺎﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻯ]‪ «[93‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﻟﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ‪ ،‬ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﻣﯘﻗﯩﻢ ۋە ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩەۋﺭﮔﻪ ﻗﻪﺩەﻡ‬ ‫ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮔﻪۋﺩﯨﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ ۋە ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ]‪ ،[94‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺋﺎﻟﯩﻲ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﻍ‪ ،‬ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺑﯘﻟﻐﺎﺯﻯ‬ ‫ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮ ﺧﺎﻥ »ﺷﻪﺟﻪﺭەﺋﻰ ﺗﯜﺭﻙ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ »ھﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‬ ‫‪40‬‬


‫ﺑﻮﻟﻤﺎﺱ‪ ،‬ﭼﯧﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯗﺭ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎﺱ ھﺎﺟﯩﭗ ‪ 13291‬ﻣﯩﺴﺮﺍﻟﯩﻖ ﻛﺎﺗﺘﺎ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ »ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ«ﺗﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﭘﯧﺮﺳﻮﻧﺎژ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﯔ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺑﯘﺧﯧﯔ‬ ‫‪»:‬‬

‫»ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« )‬

‫«‪39‬‬

‫>‬

‫‹( ﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬

‫»ﺳﺎﻧﺎﻗﺘﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋە ﺋﯜچ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەپ ﺳﺎﻧﺎﺵ‬ ‫ﻗﺎﺋﯩﺪە‪-‬ﻳﯘﺳﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻙ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫)»ﺟﯘۋﻧﺎﻣﻪ« — »‬

‫«ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ(‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻗﺎﺗﯘﻧﻼﺭ )ﺧﺎﻧﯩﺸﻼﺭ( ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻼ‬

‫ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻳﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﺎﻟﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﯘﻥ )ﺧﺎﻧﯩﺶ(‬ ‫ﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮﻯ ﻗﺎﺗﯘﻧﻨﻰ ﺗﻪﺧﺘﯩﺮﺍۋﺍﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗپ »ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﺭﺩﺍ‬ ‫)ھﻮﻳﻠﯩﺴﻰ( ﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻧﯚۋەﺕ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ«ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﺎﺗﯘﻧﻠﯘﻕ ﺋﻮﺗﯘﻏﺎﺗﻰ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫)»ﻛﻮﻧﺎ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ‪ -195‬ﺟﯩﻠﺪ‪195 ) .‬‬

‫«‬

‫«( ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﻤﯩﮕﻪﻥ]‪ .[95‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺗﯘﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺗﯘﻏﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ‬ ‫ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺟﻪﺯﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻤﯘ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﯩﯔ ﺳﯧﻬﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ‪» .‬ﺩﻭﺳﺎﻥ‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«ﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﻧﻪ ﺋﺎﻕ ﻗﻮﺗﺎﺯﻧﯩﯔ ﻗﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻨﻰ ﺗﯘﻍ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﻪپ‪،‬‬ ‫ﻳﺎۋﻟﻰ )‬

‫( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﺧﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﺕ‪،‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﻧﻪ ﻛﯜﻣﯜچ ﻧﯚﻛﭽﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻗﭽﺎ‪ ،‬ﻗﻮﺭﺍﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﻳﯧﯖﻰ ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ]‪ .[96‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻤﯘ‬ ‫ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ھﯩﺠﺮﻯ ‪ -598‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫)ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1202 — 1201‬ﻳﯩﻠﻰ( ﻣﻮﻏﯘﻟﻼﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﻳﻪﻟﯩﻚ )ﻗﻪۋەﺕ – ﺕ( ﺗﻪﺧﺖ‬ ‫‪41‬‬


‫ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ‪ ،‬ﺗﯩﻤﯘﭼﯩﻨﻨﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ›ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ‹ ﺩەپ ﻟﻪﻗﻪﺏ ﻗﻮﻳﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻮﻏﯘﻟﭽﻪ ›ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻰ‹ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ ﻳﺎﻛﻰ ›ﺷﺎھﯩﻨﺸﺎھ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ«]‪.[97‬‬

‫ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗﻛﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯘﻗﻰ ۋە ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻛﯚپ‪ ،‬ﻛﻪڭ‪ ،‬ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘﻕ‪ ،‬ﭼﻮ�� ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬ ‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻝ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ۋﯨﻼﻳﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﺭﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯘﻏﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮەﺭ ﺋﻪﻝ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻏﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﺶ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻼ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ‪» .‬ﮔﻮﺭ‪ « (gor» ( -‬ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺋﻪڭ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﻡ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪،‬‬ ‫»ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‪ .‬ﻳﯩﻦ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« )‬ ‫ﺋﯧﺒﻪگ)‬

‫‪.‬‬

‫( ﺩە‪ :‬ﺷﯩﭽﺎﯕﺪﺍ ﺑﻪگ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪگ‪،‬‬

‫( ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯜچ ﺑﻪگ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮە؛ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‪ .‬ﻟﯘﺟﻮﯕﻠﻴﻪﻥ ﺯﻭﻳﺎڭ )‬

‫( ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺩﯨﻤﯘ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪگ«)‬ ‫‪.‬‬

‫( ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪» ،‬ﺋﻪﺩەﭘﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﻣﯩﯖﺘﺎﯕﯟﻯ«‬

‫(( ۋە »ﺟﻪﻧﮕﻮ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ‪ .‬ﺟﺎۋ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜچ« )‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ »ﮔﻮﺭ ﺑﻪگ« )‬

‫(‬

‫‪.‬‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪» .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‪ .‬ﻳﯩﻦ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ‬

‫ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«ﻧﻰ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﭼﯜﮔﯜﺍڭ )‬

‫( ﮔﻮﺭﺑﻪگ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﻳﯧﺸﻪﻥ )‬

‫›ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪگ‹ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ« ﺩەﻳﺪﯗ‪ .‬ﺗﺎڭ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻟﻰ ﺗﻪﻱ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺋﯩﻘﻠﯩﻤﻨﺎﻣﻪ«)‬ ‫ﺷﻪﺭھﻠﯩﻨﯩﭗ »ﺷﺎﯕﺠﯘ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻓﯘ )‬

‫( ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﺪە‬ ‫‪:‬‬

‫( ﺩە‬

‫( ﺷﻪﻥ )ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە( ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬

‫ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ‪ 50‬ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪگ ﺷﻪھﯩﺮﻯ)‬

‫( ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﮔﻮﺭﺑﻪگ ﺷﻪھﯩﺮﻯ)‬

‫( ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﯩﻦ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪگ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯗﺭ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﮔﻮﺭ« ﻻﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ‪ ،‬ﺷﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫»ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ«ﺩﯗﺭ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ )ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭ( ﻧﻰ ﻛﻪڭ‪ ،‬ﻛﯚپ ﻣﻪﻧﯩﺪە‬ ‫‪42‬‬


‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻪھﻪﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﺕ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻕ ﺩﻯ )‬ ‫ﭘﯩﯖﺸﻪﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺟﻮﯕﺸﻪﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ‬

‫( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬

‫(( ﻧﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﺎﻍ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪507‬‬

‫— ‪ 406‬ۋە ‪ -296 — 381‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻟﻰ«)‬

‫(‬

‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻮۋﻡ ﻧﺎﻣﻰ( ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻤﯘ]‪ [98‬ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ‬ ‫ﺋﺎﺑﺪﯗﻟﻼ ﺋﻪھﻤﯩﺪﻯ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﺸﯩﭽﻪ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻻﭘﭽﯘﻕ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻻﭘﭽﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻮۋﯗﻕ« ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ]‪ .[99‬ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺵ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﯩﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ »ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ« )ﺑﻪﺵ ﺷﻪھﻪﺭ( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺳﺎﻗﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ۋە ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻳﻪﺭ‪-‬ﺋﻮﺭﯗﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺭﺷﺎپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺭﺳﻪﻥ — ﻳﻪﺭ ﺋﯩﺴﻤﻰ )»ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«ﺩﺍ(‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ — ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎﺷﻪھﻪﺭ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯜچ‬ ‫ﺧﯩﻞ ﻳﻪﺷﻤﻪ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻕ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ(]‪ ،[100‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻕ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻙ(]‪ [101‬ۋە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻕ‬ ‫)ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻮﺯﻟﯘﻕ( ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﺭﺍﻱ — ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ھﯘﺟﺮﺍ )ﺋﯜچ ﺑﯘﺭھﺎﻥ( — ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﻗﻤﺎﻕ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺩﺩﺍ‬ ‫ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﻰ؛ ﺑﻪﺷﻜﯩﺮەﻡ ﻟﻪﻧﮕﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻍ ﺋﯚﯕﻜﯜﺭﻟﯩﺮﻯ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ھﯘﺟﺮﺍ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯜچ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﯚﻱ )ھﯘﺟﺮﺍ( ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ھﯘﺟﺮﺍ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎپ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪43‬‬


‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺯﻧﺎﻕ — ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﺋﻮﭘﺎﻝ ھﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﻮﻟﻼﻡ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺯﺭﯨﺘﻰ ﻣﻮﻟﻼﻡ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯜﻧﮕﻪﻱ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ ﺋﯩﺰﯨﻨﻰ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﺯﯗﻛﯟﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻢ — ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺎﻡ ﺟﻪﭘﯩﺮﻯ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﻣﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ 70‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﺯﺍﺭ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻢ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺧﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ — ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺋﺎۋﺍﺕ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ‪ 3000‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻥ]‪.[102‬‬ ‫ﺋﯩﻠﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻪھﯩﺮﻯ — ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻥ]‪.[103‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﻻﻕ — ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺋﯘﭼﺘﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﺑﯘﻻﻗﻼﺭ ﺗﻮﭘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﻰ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻗﺴﯘﻥ — ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﯘ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﯘ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ‪ :‬ﺋﺎﻳﻐﯩﺮ ﺑﯘﻻﻕ‪ ،‬ﻗﻮﺷﺘﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﻛﯚﻛﺌﯩﻨﻪﻙ‪ ،‬ﺯﯗﻣﯘﺗﺎ‪ ،‬ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻐﻮﻝ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﯘﻱ‬ ‫)ﺋﺎﺭﺍﻏﻮﻝ(‪ ،‬ﺋﯧﯟﯨﺮﻏﻮﻝ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻏﻮﻝ(‪ ،‬ﻳﺎﻏﺎچ ﺑﯧﺸﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺘﻮﻗﺎﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯧﻘﯩﻨﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﯩﺪە‬ ‫ﻛﯚﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪﻥ]‪.[104‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﺭﺍ — ﺋﯩﻠﻰ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯧﻘﯩﻦ )ﺳﯘ( ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺭﯗﻥ‪-‬ﺟﺎﻳﻼﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻯ ﻳﺎﺷﺎپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺋﺎﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻛﻪڭ‪ ،‬ﺳﯘﻟﯘﻕ ﻳﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪44‬‬


‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﺯﺭﯛﻛﯟﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻢ« ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯚپ ﻗﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯘﻻﻕ« ﺟﯩﻖ‬ ‫ﺑﯘﻻﻕ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺯﻧﺎﻕ« ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ھﯘﺟﺮﺍ )ﻣﯩﯖﺌﯚﻱ( ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺳﯩﻘﺎ )ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ( ۋە ﺋﻮﻳﯘﻥ )ﺗﯩﻴﺎﺗﯩﺮ( ﻻﺭﻧﯩﻤﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪ ﺋﺎﻟﯩﭙﺘﯧﮕﯩﻨﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﻯ« )‪ -1978‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺴﺘﺎﻧﺒﻮﻝ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-114 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺕ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪-‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪ [105‬ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺳﯩﯖﻘﯘ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ »ﺷﯘەﻧﺠﯘﺍﯕﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ‪:‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﻍ ﺋﻮﻳﯘﻥ ﺋﻪﺗﯩﺰﺩﯗﺭﺩﻯ« )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﯘﺳﯩﻘﺎ‪-‬ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﭼﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ( ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ؛ ﻗﻮﭼﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﻍ ﺋﻮﻳﯘﻥ« )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻖ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[106‬‬

‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻳﺎﺯﻣﺎ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﺍ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ۋە ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭ ﻳﻮﻟﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻙ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ‬ ‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺩەپ ﺳﺎﻧﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﺩە‪:‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺯﺗﺎﻍ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺯﺍﺏ ﭼﻪﻛﺘﻰ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮﯨﻨﻰ ھﺎﺯﯨﺮ ﻗﯩﻠﺪﻯ«]‪.[107‬‬ ‫»ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«ﺩﺍ‪:‬‬

‫ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪﮔﯩﭗ ﻳﯜﺭﯛپ ﭼﯧﭙﯩﭗ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﻯ«‪» ،‬ﻛﯚﻟﺘﯧﮕﯩﻦ ﺋﯜﮔﯩﺴﯩﺰ )ﺩﯦﮕﻪﻥ( ﺋﺎﻕ ﺋﯧﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﭗ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺭﮔﻪ ﻧﻪﻳﺰە ﺳﺎﻧﺠﯩﺪﻯ«‪ -9» ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -27‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺭەﺳﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗﻕ«‪.‬‬ ‫»ﻣﺎﻳﺘﯩﺮﻯ ﺳﯩﻤﯩﺖ«ﺩﺍ‪:‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻯ«‪.‬‬ ‫»ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ«ﺩﺍ‪:‬‬ ‫‪45‬‬


‫»ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚﺭﻟﻪﺩﻯ ﻳﻪﺭﺩە ﻗﻮﭘﺘﻰ ﺗﯘﻏﻰ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﻗﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ ﺋﺎﺷﻨﯘ ﺗﻮﻗﯘﺯ ﺋﺎﻝ ﺗﯘﻏﻰ« )‪ -4893‬ﺑﯧﻴﯩﺖ(‬ ‫)ﻗﯘﻳﺎﺵ ﺋﯚﺭﻟﯩﺪﻯ‪ ،‬ﻗﻮﭘﺘﻰ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﺯﺍﻥ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺭەﯕﺪﺍ ھﺎﻝ ﺗﯘﻍ ﻳﯧﻘﯩﻨﻼپ ھﺎﻣﺎﻥ(]‪.[108‬‬ ‫»ﺳﻪﺩﺩﻯ ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەﺭ«ﺩە‪:‬‬ ‫»ﻳﻪﻧﻪ ﻛﻪﺷﻤﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﻪﺭﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜچ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺳﺎۋﯗﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪-142) «...‬‬ ‫ﺑﻪﺕ(‪» .‬ﺋﯩﺴﻜﻪﻧﺪەﺭﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ھﻪﺩﺩﻯ‪-‬ھﯧﺴﺎﺑﺴﯩﺰ ﭘﯩﺸﻜﻪﺷﻜﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺳﻮۋﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﺗﺎﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪ .‬ھ���ﺭﺧﯩﻞ ﺋﯧﺴﯩﻞ ۋە ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﭘﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ« )‪ -199‬ﺑﻪﺕ(‪» .‬ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ھﯩﻨﺪﻯ ﻏﻮﻻﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺑﯩﺮﻯ ﭘﯩﻠﺪەﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﯩﻠﺪەﻙ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺭەﯕﺪە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺭەﯕﺪە ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻳﻮﭘﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﭘﺘﻰ‪ ...‬ﻳﻪﻧﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻻﻏﺪﺍ ﻧﻪﭘﺲ‬ ‫ﺭەﺧﺘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪ ...‬ﻳﻪﻧﻪ ﻗﯘﻳﺎﺷﺘﻪﻙ ﺷﻮﻻ ﭼﯧﭽﯩﭗ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺋﯩﺪﯨﺶ ۋە ﺟﺎﻣﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪ ...‬ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯧﻜﻪﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺷﯧﺮﯨﻦ ﺳﯚﺯﻟﯜﻙ ﺗﯘﺗﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ‪...‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﭼﯩﺮﺍﻳﻠﯩﻖ ﺗﻮﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﺪﻯ )‪ -151 -150‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ؛ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻣﯩﯔ ﺋﺎﺕ‬ ‫ﺋﯘﭼﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﭘﯧﺘﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻠﺪﻯ«‪» ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﻠﺪﻯ« )‪ -209 -208‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ(؛ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻨﻰ ﺗﻪﻣﻪ‬ ‫ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ -4) «...‬ﺑﻪﺕ(؛ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﻪﻟﻪﻛﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺷﻜﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﺪﻯ« )‪ -219‬ﺑﻪﺕ(؛ »‪ ...‬ﺋﯘ ﺋﺎھ‬ ‫ﺋﻮﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ﻳﺎﻕ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ« )‪-300‬‬ ‫ﺑﻪﺕ(]‪.[109‬‬

‫»ﻣﻪھﺪﯗﻡ ﺋﻪﺯەﻡ« )ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯧﯟەﺯ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﺷﻰ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ‪ ،‬ھﯩﺠﺮﯨﻴﻪ ‪ ،-1241‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪-1820 ،-1819‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ( ﺩە ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺏ‪» :‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺧﻼﻕ‪«...‬ﺗﯩﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ]‪.[110‬‬

‫‪46‬‬


‫»ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪﻣﯩﻨﯩﻴﻪ«ﺩە‪:‬‬ ‫»‪ ...‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﺘﺎﻱ ﺯەﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻧﺎﺯﯨﻨﯩﻦ ﺑﺎﻛﯩﺮە ﻗﯩﺰ]‪ .[111‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻪﺭﻧﺎ ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ ...‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻳﺎﻣﺒﯘﺳﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﻟﻤﺎﻕ ﺋﯧﺘﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ ...» .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯧﺴﯩﻞ‬ ‫ﺋﺎﺭﻏﯩﻤﺎﻕ ﺋﺎﺕ‪ ...‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﻮﻗﭽﺎ‪ ...‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯩﻠﺘﯩﻖ‪ «...‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﻮۋﻏﺎﺗﻼﺭ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗۋﯦﻠﯩﻨﺪﻯ]‪.[112‬‬

‫»ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ھﻪﻣﯩﺪﯨﻲ«ﺩە‪:‬‬ ‫»‪ ...‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻼﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﻪۋﻛﻪﺕ ۋە ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟە ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺳﻮۋﻏﺎ‪-‬ﺳﺎﻻﻡ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﻧﻰ ›ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺧﺎﻥ ۋە‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻼﺭ ھﻪﺗﺘﺎ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺋﺎﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺑﯧﺮﯨﺶ‪-‬ﻛﯧﻠﯩﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺕ‬ ‫ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﺕ ﻣﯘﻏﯘﻟﺴﺘﺎﻥ )ﺷﯩﻨﺠﺎڭ(‬ ‫ﻳﯘﺭﺗﯩﺪﺍ ﺗﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ«]‪.[113‬‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩە‪:‬‬ ‫ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭ‪:‬‬ ‫»ﺋﯚﻟﮕﯩﻦ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﺴﻰ«ﺩﺍ‬ ‫»‪ ...‬ﺋﯚﻟﮕﯩﻦ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻏﻠﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰﻯ ﺑﺎﺭ‪.[114]«...‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ ﺩەﺭﯨﺨﻰ« )ﺷﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ(‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ ﺩەﺭﯨﺨﻰ« )ﺷﯘ ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ(‬ ‫»ﺋﺎﻓﺮﺍﺕ ﺧﺎﻗﺎﻥ ۋە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰ« ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ‪:‬‬ ‫»ﺋﺎﻓﺮﺍﺕ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰﻯ ۋە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ«]‪.[115‬‬ ‫ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﻼﺭﺩﺍ‪:‬‬ ‫»ﮔﻮﺭ ﺋﻮﻏﻠﻰ« ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ‪:‬‬ ‫»ﺷﻪﺭﺗﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺗﯘﻟﭙﺎﺭ ﺋﯧﺘﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﻴﯩﻞ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﻮﻗﯘپ ﺑﻪﺭﺳﻪ‪ ،‬ﺩﯦﺪﻯ«؛ »ﮔﻮﺭ‬ ‫ﺋﻮﻏﻠﻰ ﭘﻪﺭﯨﺰﺍﺕ ۋە ﺋﺎﺩەﻣﺰﺍﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺭﻗﺎ‪-‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ«؛ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﺎھ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ‬ ‫ﻛﯩﻴﺪﻯ«؛ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻣﺎﻕ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﺪﻯ«؛ »ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﯨﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯚﺭﺩەﻙ ﺋﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‬ ‫‪47‬‬


‫ﺋﻪﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﺩﻯ«‪» ،‬ﻣﯩﻨﮕﻪﻥ ﺋﯧﺘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯚﻛﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯗ«‪» ،‬ﺋﻮڭ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯘﻣﺎﺭﻯ ﺑﺎﺭ« ]‪.[116‬‬ ‫»ﺧﻪﻟﻖ ﻣﺎﻗﺎﻝ – ﺗﻪﻣﺴﯩﻞ« ﻟﯩﺮﯨﺪە‪:‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺗﻪﻝ ﺑﻮﻟﻤﺎﻕ«‪.‬‬ ‫»ﻣﻪﻥ ﻗﯩﻼﺭﻣﻪﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ‪ ،‬ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﻢ ﻗﯩﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«‪.‬‬ ‫»ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺭەڭ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻯ ﺟﻪڭ«‪.‬‬ ‫»ﺋﺎﺩەﻣﺪە ﺳﯚﻟﻪﺕ ﺋﻮﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﺗﻮﻥ«‪.‬‬ ‫»ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ﮔﺎﻟﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻯ ﻳﻪﻟﺪﯨﻦ«‪.‬‬ ‫»ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻯ ژﯨﻨﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻯ ﺟﯩﻨﺪﯨﻦ«‪.‬‬ ‫»ﺗﯚﺕ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻪﯕﮕﯩﮕﻪ ﺋﻪﺭﺯﺍﻥ«‪.‬‬ ‫»ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‪ ،‬ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ«‪.‬‬ ‫»ﺗﻮﻳﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ«‪.‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﻐﯩﻘﻰ ﺗﻪڭ ﺗﯘﺗﻤﺎﻕ«‪.‬‬ ‫»ﺷﯘ ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﻪﺭ ﺧﯘﺷﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ‪،‬‬ ‫ﻛﯚﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ‪.‬‬ ‫ﻛﯚﻙ ﺋﻮﻳﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯗﻕ‪.‬‬ ‫ﻏﺎﺯﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ‪ ،‬ﻗﻮﻳﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‪،‬‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﻪڭ ﺭﺍﺳﻠﯩﺪﯗﻕ« ]‪[117‬‬

‫»ﺧﻪﻟﻖ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻗﻠﯩﺮﻯ«ﺩﺍ‪:‬‬ ‫»ﭘﺎﻛﺎﺭ – ﭘﺎﻛﺎﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﺑﺎﺭ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪۋەﺕ ﺗﻮﻧﻰ ﺑﺎﺭ« )ﭘﯩﻴﺎﺯ(‬

‫»ﺧﻪﻟﻖ ﻗﻮﺷﺎﻗﻠﯩﺮﯨﺪﺍ«ﺩﺍ‪:‬‬ ‫»ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻥ ﻗﻮﭘﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ‪،‬‬ ‫‪48‬‬


‫ﺗﯜﻧﻨﯜﻙ ﺋﺎﭼﺎﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ«‪.‬‬

‫»ﺗﯧﺮﯨﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﮔﻪﺭﺩﯨﺸﯩﮕﻪ ﺩﺍپ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪،‬‬ ‫ﻣﯜﯕﮕﯜﺯﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﻪﺗﻤﻪﻧﮕﻪ ﺳﺎپ ﺑﻮﻟﺪﻯ«‪.‬‬

‫»ﺧﻪﻟﻖ ﭼﯚﭼﻪﻛﻠﯩﺮﻯ«ﺩە‪:‬‬ ‫»ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﻣﻪﻙ«‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ؛ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﺭﺍﻱ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ«‪.‬‬ ‫»‪ 90 ....‬ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﺎﺭۋﺍﻧﭽﻰ ﺑﻮۋﺍﻱ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﭽﯩﺮ ﻳﯜﻙ ﺋﺎﺭﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻧﻪۋﺭﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﮔﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﻳﻮﻝ ﻳﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﺭﺍﻳﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪۋەﺕ ﻛﯚﺭﭘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻏﯩﺰﺍ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻏﯩﺰﺍﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‪.«...‬‬ ‫»ھﯚﺭ – ﭘﻪﺭﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪۋەﺕ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﺭﺍﻳﺪﺍ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﻤﯘﻗﺎﺕ ﺧﺎﻧﯩﻼﺭﺩﺍ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺋﯘﺧﻼﺭﻣﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯘﺧﻼپ ﺋﯘﻳﻘﯘﻏﺎ ﻗﺎﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯧﭽﻪ – ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ‬ ‫ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﺳﻤﯩﺶ‪ ،‬ﻳﯜﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﺗﻘﺎﻥ ﭼﯜﻣﭙﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪۋەﺕ ﺑﻮﻻﺭﻣﯩﺶ« ]‪.[118‬‬

‫»ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯚﺭپ – ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﻯ«ﺩە‪:‬‬ ‫»ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺯﯨﻤﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ‪ ...‬ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻗﯘﻻﻳﻠﯩﻖ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﺎﺭﻏﺎﻣﭽﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﯜﻟﺨﺎﻥ ﻳﯧﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻳﻮﻟﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘپ‪ ،‬ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﻛﯚﺭﻛﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪﺭەپ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻏﯧﺮﯨﭽﻠﯩﻖ ﻗﻮﻱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ...‬ﻗﯩﺰ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗپ ﺋﯜچ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ‪ ...‬ﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ‪) .[119]«...‬ﻗﯘﻣﯘﻝ »ﻳﯜﺯ ﺋﺎﭼﻘﯘ ﺑﯧﻴﯩﺘﻠﯩﺮﻯ«ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﺍ(‪.‬‬ ‫‪49‬‬


‫ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ‪ ،‬ﻣﯩﺰﺍﻥ‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ‪ ،‬ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺧﺎﻧﻼﺭ‪،‬‬ ‫ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻮۋﻏﺎﺕ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ‪ ،‬ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺕ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ‪ ،‬ﺟﺎﺯﺍ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺶ‪-‬ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ‪-‬ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ‬ ‫ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ )‪ -1414‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﻪﭘﻪﺭﮔﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ( ﭼﯧﻦ ﭼﯩﯔ )‬ ‫(‪» ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﻡ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«)‬

‫( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪:‬‬

‫»ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻧﺪە ﻣﺎﻝ‪-‬ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻗﭽﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺭۋﺍﻳﯩﺖ‪-‬ﻗﺎﺷﺘﯧﺸﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻼﺭ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯚﻟﭽﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺩەپ‪-‬ﻗﺎﺋﯩﺪە ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ«]‪ .[120‬ﻣﯩﺮﺯﺍ ھﻪﻳﺪەﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩﻭﻏﻼﺕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﯩﺮﻯ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺕ )‪ — 1356‬؟( ﻧﯩﯔ ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﺭﺗﯘﺑﻜﻪ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﯘﻏﻠﯘﻕ ﺗﯚﻣﯜﺭ )‪ (1336-1330‬ﻧﻰ ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ‬ ‫ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺑﯘﻻﺟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە‬ ‫ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ )ﺋﯘ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ( ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﻏﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ﮔﯘﻧﺎھﻜﺎﺭ ﺋﺎﻕ ﺗﻮﺳﯘﻥ ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﮕﯜﺯﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪۋەﺕ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯛﺵ؛ ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺋﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻻﻳﯩﻖ ﮔﯘﻧﺎھ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻧﺎھﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﺪﯗ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﻳﺎﻧﺪﺍپ ﻛﯚﺯﯨﺘﯩﺶ ﺗﯘﺭﺳﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﯨﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺶ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﯧﻨﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛﺵ]‪ ،[121‬ﻣﻮﻟﻼ ﻣﻮﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﻏﯘﻟﯩﺴﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﯨﺮ ﺧﻮﺟﺎ )؟‬ ‫— ‪ -1399‬ﻳﯩﻠﻰ( ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍپ‪ ،‬ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺗﻘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ‪:‬‬

‫»ﺧﯩﺰﯨﺮ ﺧﻮﺟﺎﺧﺎﻥ‪) ...‬ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺗﻨﯩﯔ( ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ...‬ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﻪﻧﺴﻪپ« ﺑﻪﺭﺩﻯ‪...» .‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻧﺎھ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﮔﯘﻧﺎھﻘﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻠﯩﻖ؛ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻧﺎھ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋە ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻯ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩە ﺋﻪﻣﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻳﺪﺍﺗﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗپ‪ ،‬ﺳﻮﺭﯨﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪...‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﯘﻧﺎھ ﺳﺎﺩﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺟﺎﺯﺍﺳﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ]‪.[122‬‬ ‫‪50‬‬


‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻣﯩﺰﺍﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘ ھﻪﻡ ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ ھﻪﻡ ﺟﺎﺯﺍ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﭼﯧﻜﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﺕ‬ ‫ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎ‪ .‬ﺕ‪ .‬ﺋﯚﺗﻜﯜﺭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪە ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﻮﻱ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﯨﺪە‪:‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺯﯨﻤﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻏﯧﺮﯨﭽﻠﯩﻖ ﻗﻮﻱ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻼ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ؛ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻛﯩﮕﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﯗپ ﺋﯜچ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻮﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﯚﺭﮔﯩﻠﯩﺘﯩﺪﯗ؛ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﻣﯧﯟە‬ ‫ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺭەﺧﺖ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯗ؛ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯘﻳﺎﻕ ﻗﻮﻱ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﺭە ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺷﯩﯔ ﮔﯜﺭﯛچ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﯩﯔ ﻳﺎﻍ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﯩﺮە ﻣﯧﯟە‪-‬ﭼﯧﯟە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻧﻪﺭﺳﻪ‪-‬ﻛﯧﺮەﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ؛‬ ‫ﺗﻮﻳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﻗﻮﻳﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻧﻠﯘﻗﻰ ﭘﯩﺸﯘﺭﯗپ ﻳﯧﮕﯜﺯﯛﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﻮﻳﺪﺍ ﭼﻮﯕﻼﺭ ﻗﯩﺰﻏﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻱ ﺩەپ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩﯗﺋﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺩ‪ .‬ﺋﺎ‪ .‬ﺋﯩﺴﯩﻴﯧﻒ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ« ﺋﺎﻟﻤﺎ‪-‬ﺋﺎﺗﺎ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬ ‫‪ -44‬ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪» :‬ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻪﺯﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯜﻳﺌﻮﻏﻠﯩﻐﺎ ﺑﻪﺧﺖ ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ ۋە ﻣﯘﺑﺎﺭەﻛﻠﻪﻳﺪﯗ‪:‬‬ ‫›ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﻟﻼ )ﺧﯘﺩﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﺳﺎ( ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﺩﺍ‪ ،‬ﺱ‪ .‬ﻣﺎﻟﻮﻓﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻮﺳﻜﯟﺍ‪-‬ﻟﯧﻨﯩﻨﮕﺮﺍﺩ‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ« ‪ -1954‬ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -33 ،‬ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﺳﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪» :‬ﻣﻮﺭﯨﻨﻰ )ﺗﯘﺭ ﺧﯘﻧﻨﻰ(‬ ‫ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺋﺎﭼﻘﺎﻳﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺗﯘﺭﻏﺎﻳﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻳﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﻛﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪۋﯨﭻ ﺗﺎﭘﻘﺎﻳﺴﯩﺰ! ﻣﺎﻝ‪-‬ﭼﺎﺭۋﺍﯕﻼﺭ ﻳﯩﻠﺴﯧﺮﻯ ﺋﺎۋﯗﻏﺎﻱ!« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﻰ‬ ‫ﺗﯩﻠﻪﻳﺪﯗ]‪ .[123‬ﺗﻮﻳﻨﯩﯔ ‪ -9‬ﻛﯜﻧﻰ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺗﻪﺭەپ ﻗﯩﺰ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺳﺎﻻﻣﻐﺎ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﻗﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜﺭﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫‪51‬‬


‫ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﺎﻱ ﺋﻮﻕ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯗ )ﺗﺎﻍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﺪﺍ( ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ‪ -9‬ﻛﯜﻧﻰ ﻗﯘﺩﯨﻼﺭ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﺵ ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺋﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﻮﻱ ﺳﻮﻳﯘپ ﭼﺎﻱ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ھﯧﻴﯩﺖ‪-‬ﺋﺎﻳﻪﻣﻠﻪﺭﺩە‪ :‬ﻗﯩﺰﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻏﻘﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﺘﻘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﭼﺮﺍﺗﻘﯘ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﯧﺘﯩﻠﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭼﻪﻟﭙﻪﻙ ﺳﯧﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻧﺎﻥ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯘﺭ ﺳﺎﯕﺰﺍ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻟﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﻗﻮﻱ‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯚﻟﯜﻡ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﺴﯩﺪە‪ :‬ﺋﯚﻟﯜﻡ ﺋﯘﺯﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯚﻳﮕﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻧﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻨﻪ ﺷﻪﺭﺑﻪﺕ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯚﺷﺮە‪-‬ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﺪە‪ :‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﺭە ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯚﺷﺮە‪-‬ﺯﺍﻛﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺶ‪ .‬ﺳﻪﭘﻪﺭ ﺋﯧﻴﻰ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﺩە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﻮﺕ ﻳﯧﻘﯩﭗ‪ ،‬ﭼﻮڭ‪-‬ﻛﯩﭽﯩﻚ‪ ،‬ﺋﻪﺭ‪-‬ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺋﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﭘﯧﺮﯨﺨﻮﻥ ﺩﯗﺭﯗﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺷﺎﻡ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﯩﻠﯩﻜﻠﯩﻚ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﺪﯗ]‪) .[125]،[124‬ﺑﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻪۋﻟﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻐﺎ ﺩﯗﺋﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﯘ ﺑﺎﺭ‪ (.‬ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻣﻪﺭﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪە‪:‬‬ ‫ﺑﻮۋﺍﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻙ ﺗﻮﻱ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺑﻮۋﺍﻗﻨﻰ ﺑﯚﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﯚﻟﻪپ‪ ،‬ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺩﯨﻴﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﭙﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻤﺎ‬ ‫ﻗﯧﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﺮﯨﻖ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯗﺭﯗﺕ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﺍ ﺑﯚﺷﯜﻛﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ھﺎﻣﯩﻠﯩﺪﺍﺭ ۋە ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪە‪ :‬ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﻳﺎﻟﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻱ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺳﺎﺋﻪﺕ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﻗﯩﻘﻪ )ﻣﯩﻨﯘﺕ( ﻗﻮﺭﺳﺎﻕ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﺗﯘﻏﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﻝ‬ ‫ﺋﯚﺭﯛﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﺎﺭ]‪.[126‬‬

‫ﺑﻪﺯﻯ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺷﺮەپ‪ ،‬ﺑﺎﻍ ﺳﻪﻳﻠﯩﺴﻰ ۋە ﻣﻪﺭﯨﻜﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﺰ ھﺎﺯﯨﺮ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ« ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺳﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻛﯚپ ﺋﺎﺩەﻡ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺳﻮﺭﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ]‪.[127‬‬

‫ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯚﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻱ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﻪﺩﯨﻨﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﯚﺷﯜﻙ‬ ‫ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺵ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﯚۋەﻥ ﺑﻪﺩەﻧﺪە‪ .‬ﻗﻮﻱ‪ ،‬ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﺩﺍ‪ :‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﺎﻟﻠﯩﻖ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻮﻧﻠﯘﻕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﺎﺭﺧﯧﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫‪52‬‬


‫ۋە ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ‪:‬‬ ‫‪ -1979‬ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﻧﭽﻰ ﺩەﺭﻳﺎ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﺯﻏﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﻛﯩﮕﯩﺰ ﻗﺎﻟﭙﺎﻗﻼﺭﻏﺎ‪ 9 ...‬ﺗﺎﻟﻐﯩﭽﻪ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺭەﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﯘﺵ ﭘﯧﻴﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﺮﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯩﻞ ﺩەۋﺭﻯ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ‪ 6412±117‬ﻳﯩﻞ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ‪ 3900‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺋﯧﻨﯩﻘﻼپ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ]‪.[128‬‬

‫ﺳﯘڭ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﭼﯧﻦ ﻳﺎڭ »ﻧﻪﻏﻤﯩﻨﺎﻣﻪ«)‬

‫»‬

‫«( ﻧﯩﯔ ‪ -137‬ﺟﯩﻠﺪﯨﺪﺍ‬

‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ :‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﻛﻮﻣﺰەﻙ ﭼﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﯕﯜﻝ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﺸﺎﺗﺘﻰ‪ ...‬ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﺎۋﺍﻗﻘﺎ )ﻛﻮﻣﺰەﻛﻜﻪ( ﺳﯘ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﭼﻮﻛﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗپ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭼﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ›ﺳﺎﭘﺎﻝ ﭼﻮﺭﺍ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺋﺎھﺎﯕﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﭼﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛]‪.[129‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﻟﮕﻪﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﯩﻞ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻣﯩﺪﯗﻕ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺧﺎﺱ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭙﻤﯘ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻙ ﺗﻪﺱ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯜپ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗپ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﺘﺎ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻧﻰ ﻧﯧﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە‬ ‫ﺳﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﻧﯧﻤﻪ؟ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻻھﯩﺰە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭەﻳﻠﻰ‪:‬‬ ‫‪ (1‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ XIII .‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺭەﺷﯩﺪﯨﺪﺩﯨﻨﯩﯔ »ﺟﺎﻣﯩﺌﯘﻝ‪-‬ﺗﻪۋﺍﺭﯨﺦ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‪ ...» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪە ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻓﯘﻧﺘﺎﻍ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧ���ﯔ‬ ‫‪53‬‬


‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﯧﻘﯩﻦ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻮﻥ ﺩەﺭﻳﺎﻧﻰ‬ ‫ﺑﻮﻳﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ«]‪.[130‬‬

‫‪ (2‬ﺳﺎﻱ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺋﻮﺑﯘﻟﻐﺎﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‪» :‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﺷﯘﺷﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﻥ ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻳﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻼﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەﺭ ﺋﻪﺭﺩﻯ«]‪ .[131‬ﺑﯘ ﺭەﺷﯩﺪﯨﺪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ‪ ،‬ﺩەﺭﻳﺎﻻﺭ ﺳﺎﻳﺪﺍ ﻳﯧﻴﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە )ﺩەﺭﻳﺎ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻱ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪ (3‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ )ﻛﯚﻛﺘﯜﺭﻛﻠﻪﺭ( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺳﯩﻦ ﺟﻮﯕﻤﻴﻪﻥ‬

‫(( ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻨﻰ‬

‫ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﺩەﺗﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ]‪ .[132‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪،‬‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯘﻻﺳﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (4‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺷﻪﺭﻓﯩﺪﺩﯨﻦ ﺋﻪﻟﻰ ﻳﻪﺯﺩﻯ »ﺯەﭘﻪﺭﻧﺎﻣﻪ«ﺩە ھﻪﺭﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ »ﻣﻮﻏﯘﻟﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻣﻮﻏﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻮﻟﻼ ﻣﯘﺳﺎ ﺳﺎﻳﺮﺍﻣﯩﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻗﯘۋۋەﺗﻠﻪپ‪» :‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ — ﻗﻪﺩﯨﻤﺪە ﻣﻮﻏﯘﻟﺨﺎﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪۋﻻﺩﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﺧﺎﻥ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺑﻮﻟﯘپ ﺟﺎھﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‬ ‫‪54‬‬


‫ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺧﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪپ ھﻪﺭ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﺳﻮۋﻏﺎ‪-‬ﺳﺎﻻﻣﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﺎﺗﺘﻰ‪ [133]«.‬ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ (5‬ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫»ﻗﯘﺭﺋﺎﻥ«ﻧﯩﯔ ﻧﻪﻣﻞ ﺳﯚﺭﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ‪ -12‬ﺋﺎﻳﯩﺘﯩﺪە ﺑﯘ »ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﯩﺮﺋﻪۋﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﻮۋﻣﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯚﺟﯩﺰەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﺪﯗﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ »‪ «134‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪە ﺋﺎﻟﻼھﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﯘﻟﯘﻍ‬ ‫ﻣﯚﺟﯩﺰﯨﺴﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻣﯚﺟﯩﺰە« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺑﯘﻟﻐﺎﺯﻯ ﺑﺎھﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ »ﺷﻪﺟﻪﺭەﺋﻰ ﺗﯜﺭﻙ« ﺗﻪ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎھﺎﯕﺪﺍﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺧﯘﺩﺍﻳﯩﺘﺎﺋﺎﻻ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ‪ ،‬ھﯧﭻ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ«]‪ [135‬ﺩەﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﻪﻟﻪﻳﻬﯩﺴﺴﺎﻻﻡ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ :‬ﺋﺎﻟﻼﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻡ ﻳﯜﺯ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﺎﺭ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻱ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ؛ ﺋﺎﻟﻼ ﺭەھﯩﻤﺪﯨﻠﻠﯩﻜﻨﻰ ﻳﯜﺯ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻗﺴﺎﻥ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﯦﻤﯩﻨﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ‪ 99‬ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﺍﻧﻪ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺭەﻗﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭ‪.‬‬

‫‪ (6‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺯﻭﺭ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎپ‪ ،‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ«ﻧﻰ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯚﺭپ‪-‬ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ]‪ [137]،[136‬ﺩەﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (7‬ھﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬ ‫‪55‬‬


‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ‪ :‬ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘﺷﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻟﯘﻕ ﺳﺎﻧﺎﻕ‬ ‫ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﯩﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ھﺎﻣﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﻗﻮﺭﺳﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻳﺪﺍ ۋﺍﻳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎﻧﺎﺗﻮﻣﯩﻴﻪ ۋە ﻓﯩﺰﯨﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯚﺟﯩﺰە‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﻪﺟﻪﺑﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﺱ]‪.[138‬‬

‫‪ (8‬ﺑﺎﺑﯩﻞ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ‪ VI‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﺎﺑﯩﻞ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﻪ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە »ﺋﺎﻱ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﻰ ›ﺳﯩﻦ‹ﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﻣﯘﺩﺩﯨﺘﻰ ‪ 27‬ﻛﯜﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﺍﻗﯩﺖ ھﯧﺴﺎﺑﻰ‬ ‫ﺋﯚﻟﭽﯩﻨﯩﻠﺪﻯ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﯘﭼﻰ )ﺋﺎﻱ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ – ﺋﺎ( ‪ 27‬ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﺟﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺭﯨﻤﻠﯩﻘﻼﺭ‪ ،‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻥ ۋە ﻛﯧﻠﯩﺖ )‪ (Kelit‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ‬ ‫ھﻪﭘﺘﻪ ھﯧﺴﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ...‬ﻛﯧﭽﯩﻨﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯜچ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻗﯘﺩﺭﯨﺘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﯜﻙ ھﻪﭘﺘﻪ ۋە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻧﺎﻕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺭەﻗﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺏ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ]‪.[139‬‬

‫‪ (9‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﻟﻰ ﺷﯘﺧﯘﻱ )‬

‫( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ‪ ،‬ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ...‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﯗﻥ]‪ [140‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪56‬‬


‫‪ (10‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ۋە ﺧﻪﻥ‪-‬ﺯﺍڭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪ .‬ﻟﻰ ﻳﻮڭ)‬

‫( ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ‬

‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﻳﺪﯗ‪» :‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺭەﻗﯩﻤﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ۋە ﺑﻪﺧﺘﻜﻪ ﺳﯩﻤﯟﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺳﯩﻤﺎﻧﺘﯩﻜﺎ ۋە ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﻣﺎﺗﯩﯟﻟﯩﺮﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺧﻪﻥ‪-‬ﺯﺍڭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻤﯩﻐﺎﻥ )ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ(‪ .‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺳﯩﻤﺎﻧﺘﯩﻜﺎ ۋە ﻣﯘﺗﯧﻔﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻧﺪﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺭەﻗﻪﻣﻠﻪﺭ ﺧﻪﻥ‪-‬ﺯﺍڭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ‬ ‫ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﻠﯜﻛﻰ ۋە ﺷﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯩﻤﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ ﺭەﻗﻪﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﺪﯗﺭ]‪.[141‬‬

‫‪ (11‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﺧﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﻣﻪﺕ ﺟﯧﻠﯩﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﯩﻠﯩﻜﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍ ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ«ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﻝ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﭘﺎﻟﯟﺍﻧﺘﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 78‬ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩﯦﻬﻘﺎﻥ ﺋﯩﺴﻬﺎﻕ ﺑﻮۋﺍﻱ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﺘﻪ‪:‬‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯚﺗﯜﭘﺘﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺑﺮﯗﻳﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﭘﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺩﺍﻧﻪ ﭘﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻳﯧﻘﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺭﻭھﯩﻐﺎ ﺋﺎﺗﺎپ ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛپ ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﭼﯩﺮﺍﻍ ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯨﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺩەپ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ]‪) .[142‬ﺑﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ – ﺋﺎ(‬

‫‪ (12‬ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫‪57‬‬


‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ »ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ›ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‹ ﺳﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﯩﻼ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﻪ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ« ]‪ [143‬ﺑﻮﻟﯘپ‪›» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‹ﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺳﺎﻥ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯘﻟﯘﻏﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ‬ ‫ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﻰ — ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﺍ ﻛﺎﺋﯩﻨﺎ��� ﺋﯜﭼﻜﻪ )ﻛﯚﻙ‪ ،‬ﭘﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻡ‪ ،‬ﺑﺎﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻡ(‬ ‫ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯚﻙ — ﺋﯩﻼھﻼﺭ ۋە ﭘﻪﺭﯨﺸﺘﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ‪ ،‬ﭘﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻡ — )ﺟﻪھﻪﻧﻨﻪﻡ( – ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺭﻭھﻼﺭ‬ ‫)ﺟﯩﻦ‪-‬ﺷﻪﻳﺘﺎﻧﻼﺭ( ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ﺋﯩﻼھﻼﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ« ﺩەپ ﺗﻪۋﺳﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﯚﻙ ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪﻳﻴﺎﺭە — ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻟﻪﻙ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻐﺎ ﻛﯧﯖﯩﻴﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﻛﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯩﻼھ )ﻳﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺳﻪﻳﻴﺎﺭە‪-‬ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻟﻪﻙ( ﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺰﻡ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻡ‪ ،‬ﺑﺎﻗﯩﻲ ﺋﺎﻟﻪﻡ ۋە ﻛﯚﻛﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﻟﻪﻙ )ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺕ‬ ‫ﺋﺎﺳﻤﺎﻥ( ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻪﻡ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ھﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‬ ‫ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺷﺎﻣﺎﻧﯩﺴﺘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﻪﻡ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻏﺎ‬ ‫ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪﻥ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﻰ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ]‪.[144‬‬

‫‪ .13‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﯘﻳﯘﻧﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﺷﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻏﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﻟﻮﻳﺎڭ)‬

‫( ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺷﻪھﯩﺮﻯ« ﻳﻪﻧﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﮔﻮﺭ ﺷﻪھﯩﺮﻯ«ﺩە ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ‬

‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﮔﻮﺭ )‬

‫( ﻻﺭ ۋە ﺷﻴﺎ ﻗﻮۋﻣﻰ )‬

‫( ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﮔﻮﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬

‫ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺵ«‬ ‫ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﯨﺪﺍ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﻳﻪﻧﯩﻼ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ‪ ،‬ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ۋە ﻛﯚپ‪ ،‬ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەﺏ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺗﻮﺗﯧﻢ ﺋﯩﻼھ ھﻪﻡ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺗﻮﺗﯧﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻧﻪﺭﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻪﺟﺪﯨﻬﺎ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻴﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ‬ ‫ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺳﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[145‬‬

‫‪58‬‬


‫‪ (14‬ﺩﯨﭽﻴﺎﯕﻼﺭ )‬

‫( ﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬

‫ﺑﻰ ﺷﯘﺷﻴﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻴﻪﻥ ﺩﺍﺷﻴﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺳﺎﻥ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﭽﻴﺎﯕﻼﺭﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺩﯨﭽﻴﺎﯕﻼﺭﻏﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺳﺎﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﮔﻪﻧﺴﯘ‪-‬ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺩﯨﭽﻴﺎﯕﻼﺭﻏﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪە ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﻣﯧﺘﺎﻝ ﺗﺎۋﻻﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ]‪.[146‬‬

‫‪ (15‬ﺋﯘﻟﯘﻍ ۋە ﻛﯚپ ﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﺪە »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﺩﯨﻦ ﺋﯘﻟﯘﻍ ۋە ﻛﯚپ ﺳﺎﻥ ﻳﻮﻕ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺩەﺭۋەﻗﻪ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺎﻕ ﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺪە »ﺋﻮﻥ«ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻤﯘ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ]‪.[147‬‬

‫‪ (16‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺘﺮﻭﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺧﺎﺱ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺩﯦﻤﯩﮕﻪﻥ]‪.[148‬‬

‫‪ (17‬ﺗﻮﻏﻼ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﻳﺎڭ ﺷﯩﯖﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﮔﯩﻨﯩﺪە‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﻰ‬ ‫»ﺗﯘﻏﻼ« ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺗﯘﻏﻼ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻧﺎﻣﻰ »ﺩﯗﻻ« ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫»ﺗﻮﺧﯘﻻ« ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻜﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎڭ )ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﺋﯩﺪﻯ – ﺋﺎ(‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺗﯘﻏﻼ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺩەﻝ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭﻳﺎ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭەﺗﺘﻰ‪ .‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻏﺎ‬ ‫ﭼﻮﻗﯘﻧﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ]‪ ،[149‬ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪59‬‬


‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺩەﻡ ﺑﻪﺩﯨﻨﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯜﮔﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﺋﺎﺭﺗﯘﻗﭽﻪ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﻪھﯩﭙﻪ ﻻﺯﯨﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﻗﺮﯨﺰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﻜﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺵ ﻻﺯﯨﻢ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪.‬‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻏﻼ —‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭﻳﺎ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﻣﺎھﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻼ ﺋﯚﺯ‪-‬ﺋﺎﺭﺍ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ -9‬ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﻰ ﻟﻰ ﺷﯘﺧﯘﻱ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ‪ ،‬ﻟﻰ ﻳﻮڭ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ‪ -10‬ﺧﯩﻞ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«ﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﯩﻠﺘﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﺳﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺧﻪﻥ‪-‬ﺯﺍڭ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜﻛﻰ‬ ‫ۋە ﺷﯘ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺳﯩﻤﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺭەﻗﻪﻣﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺑﻰ ﺷﯘﺷﻪﻧﻠﻪﺭ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩەﻳﺪﯗ‪» .‬ﺗﯘﻏﻼ«ﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﭘﯩﻜﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ]‪ .[150‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻛﯚﺭﯛﻟﯜﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ‬ ‫‪60‬‬


‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪ .‬ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺷﻪﺭﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺷﺎﻣﺎﻥ ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯜﺱ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﯩﺮﻟﯩﻘﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭ ۋە ﺑﺎﺑﯩﻠﻠﯩﻘﻼﺭ ھﻪﻡ ﻏﻪﺭﺏ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺷﺎﻣﺎﻥ‬ ‫ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺩەﻧﮕﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ‪.‬‬

‫ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩە ﻣﯘﺭەﻛﻜﻪپ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﻧﺎﻕ ﺳﺎﻧﺎﻳﺘﺘﻰ]‪ .[151‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﺳﻪ ﺋﻮﻥ )‪ (10‬ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻥ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﻮﻧﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻥ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪڭ‬ ‫ﭼﻮڭ ﺳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺑﺎﻳﻘﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﻳﻪﻧﻪ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩە ‪9 ،7 ،5 ،3 ،1‬‬ ‫ﺩﯨﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﺎﻕ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﻟﯩﻘﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪﺱ ﺳﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﺎﻧﻼﺭ ﺗﻪڭ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ«‬ ‫ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻻﻧﻤﺎﺱ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﭼﻮﯕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺗﻪڭ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﻪﺱ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ‬ ‫ﭼﻮﯕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻐﺎ ﭼﻮڭ‪ ،‬ﺋﯘﻟﯘﻍ‪ ،‬ﻛﻪڭ‪ ،‬ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ‪ ،‬ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﺗﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‪ ،‬ﺷﺎﻧﯘﺷﻪۋﻛﻪﺕ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺌﺎﻡ‪ ،‬ﺋﯚﻟﭽﻪﻥ ۋە ﻣﯩﺰﺍﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﻣﯘ ﻣﯘﺟﻪﺳﺴﻪﻡ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ »ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺳﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ۋە ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﺎﻛﺎﻣﯘﻟﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻥ ﺑﺎﺭﻣﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﺎﻧﺎﺵ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋﺍﺕ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ۋە ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﺳﯘﻝ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ‬ ‫‪61‬‬


‫ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺭﻭﻟﻰ ۋە ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺳﯩﻤﺎﻧﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺭەﻗﻪﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋە ﺋﯧﺴﺘﯧﺘﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﻚ ۋە ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩﻚ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺋﺎﺭﺍ ﺋﯚﺗﯜﺷﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﻡ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ‪،‬‬ ‫ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﻘﺎﻥ ھﻪﻡ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ۋە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ« ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﻧﺒﻪﮔﻪ‪،‬‬ ‫ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺱ ۋە ﻗﻮﻳﯘﻕ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪.‬‬

‫‪» .3‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻝ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻧﻪﺯەﺭ‬

‫ﺋﯧﻨﮕﻠﯧﺲ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» :‬ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﻯ ﺋﻪۋﻻﺩﺗﯩﻦ‪-‬ﺋﻪۋﻻﺩﻗﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ‪ ،‬ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪﻝ‬ ‫ۋە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ۋە ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯩﭗ ﺋﯩﮕﯩﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺭەﺧﺖ ﺗﻮﻗﯘﺵ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻥ ﺋﯧﺮﯨﺘﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﭘﺎﻝ ﻗﺎﭼﺎ ﻳﺎﺳﺎﺵ ۋە ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ ،‬ﺳﻮﺩﺍ ۋە ﻗﻮﻝ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ھﯜﻧﻪﺭ‪-‬ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ۋە ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﭘﻪﻥ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﺪﻯ؛ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭ ﻣﯧﯖﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ‪-‬ﺩﯨﻨﻤﯘ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﺪﻯ]‪«.[152‬‬ ‫ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩەﻡ‪-‬ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﺮﺍﺯﻟﯩﻖ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‬ ‫ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﺩە ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺭﻭﻟﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ‬‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺘﯩﺪﯗ]‪ .[153‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩەۋﺭﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ھﻮﻣﯧﺮﻧﯩﯔ »ﺋﯩﻠﺌﺎﺩﺍ« ۋە »ﺋﻮﺭﺩﯨﺌﺎ« ﺋﯧﭙﻮﺳﻠﯩﺮﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﮔﯩﺮﯨﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﺘﻪ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻮﺭﮔﺎﻥ ۋە ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯩﺴﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ‬ ‫ﻛﻪڭ ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪62‬‬


‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩەﺷﺘﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ‬ ‫ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯧﺲ »ﻗﻮﺭﺍﻝ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﺶ ﻳﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻛﺲ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺩﯦﺮەﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ]‪ ،[154‬ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﺎﺭﻛﯩﺴﻤﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪» :‬ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺳﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﻰ ﺷﯘ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‬ ‫ﻓﻮﺭﻣﺎﺗﺴﯩﻴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻜﺘﯘﺭ‪ .‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯧﻤﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪﻣﮕﻪﻙ‬ ‫ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﻪﺭﻕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪» ،[155]«.‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﺩە ﺋﻮﻗﻴﺎ‪ ،‬ﻧﻪﻳﺰە‪،‬‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﯘچ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﮔﻪپ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺋﯧﻨﮕﯧﻠﯩﺲ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﺋﻮﻗﻴﺎﻧﻰ‪ ،‬ﻳﺎۋﺍﻳﯩﻠﯩﻖ ﺩەﺭﯨﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﭽﻨﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﺋﻮﺕ ﺋﺎﻟﻐﯘچ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ۋەﻛﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﻯ]‪.[156‬‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺰﺍﻧﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻛﯜﭼﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ‬ ‫ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﺧﺎﻡ ﮔﯚﺵ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﯩﺮﺍﻕ‬ ‫ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯧﺴﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻟﻪﺕ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ ﺋﻮﺕ ﺋﯩﺨﺘﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ]‪.[157‬‬

‫‪63‬‬


‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ‪ ،‬ﮔﯚﺷﻨﻰ ﺧﺎﻡ ﻳﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ »ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺩﯦﺮەﻙ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪» .‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩە ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻳﯩﻠﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﻮۋ‬ ‫ﺋﻮۋﻻﻳﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﭼﻮڭ ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻘﯩﻨﻼﺭ‪ ،‬ﻳﺎۋﺍﻳﻰ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ۋە ﻗﯘﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘپ ﻳﯜﺭﯛﺷﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﻳﯩﻐﯩﺶ‪-‬ﺗﻮﭘﻼﺵ ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻳﺎۋﺍﻳﻰ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﯛپ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺭ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﺪە ﺋﻮۋﭼﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﻛﺎﺭﺗﯩﻨﯩﺴﻰ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘپ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﻮۋ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩە ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻗﯩﺌﺎﺕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋەھﺸﯩﻲ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺕ‬ ‫ﺯﯨﻴﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯘﻧﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﻟﯘﻡ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﺎﺗﯘﺭ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻧﻪﻳﺰە ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﻗﯩﻠﯩﭻ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯩﺌﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﭻ‪-‬ﺑﺎﻏﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﻪۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺷﯘﯕﻘﺎﺭﻧﻰ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﻛﯧﺴﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯ‪» :‬ﻗﺎﺭﺍڭ‪ ...‬ﻗﯩﺌﺎﺕ ﺑﯘﻏﺎ‬ ‫ﻳﯧﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯧﻴﯩﻖ ﻳﯧﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺗﯚﻣﯜﺭﺩەﻙ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻧﻪﻳﺰەﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ ،‬ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ ﻗﯩﺌﺎﺗﻨﻰ‬ ‫ﻳﯧﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﺷﺎﻣﺎﻟﺪەﻙ ﺗﯧﺰ ﺋﯘﭼﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﻴﺎﻳﯩﻢ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪ «.‬ﺩەپ ﺗﻪﻧﺘﻪﻧﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯘﺯﺍﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﺭﺍﺳﯩﻤﯩﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ۋەھﺸﯩﻲ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻏﺎﻟﯩﺐ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻏﻪﻟﯩﺒﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧ���ﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻥ ﻣﺎﻝ‪-‬ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﻰ ﺗﻮﺷﯘﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﺎﻧﻐﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﺮﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﻐﺎﻟﯘﻕ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺕ ﻗﻮﻳﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺴﺎﻙ ﺋﺎﺳﻤﻮپ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪» :‬ﺋﺎﺕ‪-‬ﺋﯘﻻﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ‪ 2000‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ 4000 ،‬ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﺎﺕ ﻗﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ«]‪ .[158‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ھﺎﺭۋﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ‪ 8000-6000‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﺎﺭۋﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ‬ ‫‪64‬‬


‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﻗﺘﺎ]‪ .[159‬ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﺘﯩﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ‬ ‫ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ]‪ .[160‬ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋە ﺑﺎﻟﻘﺎﺵ ﻛﯚﻟﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﯩﻨﺴﻪﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋە ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻗﺎﺭﺍ ﺳﯚﻙ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ‬ ‫)‪ (Карасука я Культура‬ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ]‪.[161‬‬

‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪە ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ‬ ‫ھﻪﻡ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺳﯘ ﺑﯧﻴﺨﻪﻱ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ‪» :‬ﺋﻪﺯەﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ‪ ،‬ﻳﯧﻨﺴﻪﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎھﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺳﯚﻙ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪە‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -2000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‪ ،‬ﺳﺎﻛﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﻐﺎ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻳﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ۋە‬ ‫ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ‪ ...‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺷﯘﻧﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗﻛﻰ‪ ،‬ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ)‬ ‫ﺋﯧﮕﯩﺰ ھﺎﺭۋﯨﻠﯩﻖ)‬

‫( ﺗﯧﻠﻰ )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﯧﻠﻰ ﻳﻪﻧﻪ‬

‫( ﻻﺭ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ›ھﺎﺭۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ‪،‬‬

‫ﺗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚپ‹ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ›ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ‹ ﮔﻪ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ(‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﺎﺭۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻳﻮﻏﺎﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻮۋﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ ﺳﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻗﻪﺭﺭەﺭ‪ .‬ﭼﺎﻏﺎﻧﺘﻮﻗﺎﻱ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﺩﺍﻗﯘﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﺍ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ‬ ‫ﺳﯩﺰﻣﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﯨﺴﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺍﺗﯜﺭﻙ ﻧﺎھﯩﻴﻪ ﺑﺎﺯﯨﺮﯨﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯩﯖﺸﻪﻥ )ﭼﻮﻏﺎﻱ(‬ ‫ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﺎﺩﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻥ ﺑﻪﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫‪65‬‬


‫ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ«]‪ .[162‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻢ ﻣﯧﻴﻜﮕﯘﯦﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ھﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺩﺍﺋﯩﻢ ﭼﻮڭ‬ ‫ھﺎﺭۋﯨﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﺍﻟﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[163‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﺩە ھﺎﺭۋﯨﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ھﺎﺭۋﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎﻳﺴﻰ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﯧﻴﻜﮕﯘﯦﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» :‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﻣﯧﺴﺴﻮﭘﻮﺗﺎﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪﺭ‬ ‫ﭼﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻳﻪﻧﻪ ھﺎﺭۋﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺗﻨﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﺯ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﻛﺎﻻ ۋە ﺋﯧﺸﻪﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﺗﻘﯘﺯﺍﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﺎﻻ ھﺎﺭۋﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﻨﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ‪ ،‬ﺑﯘ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ھﺎﺭۋﺍ ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻨﯩﯔ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ]‪ .[164‬ﺋﺎﺕ — ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎۋﺍﻳﻰ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ھﺎﻳﯟﺍﻥ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪» .‬ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻨﺘﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺭەﺳﯩﻤﺪە ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ‬ ‫ﺗﯘﻍ ﻗﺎﺩﺍﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﺎۋﯨﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﻪپ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ )ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 600‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺋﺎۋۋﺍﻟﻘﻰ ﺭەﺳﯩﻢ( ]‪.[165‬‬

‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭼﻴﻪﻥ ﺩﺍۋﺷﯩﻨﺸﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -10000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ‪-‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە ﺋﺎﺗﻘﺎ ﻣﯩﻨﯩﺶ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺷﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ]‪.[166‬‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻰ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻳﻮﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﯚﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻳﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﻪﺭﭼﻪﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎﻍ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺯﻭﺭ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺳﯜﺭەﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ‪» .‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺘﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﺗﺎﺵ‬ ‫ﺳﯜﺭەﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 8000-6000‬ﻳﯩﻠﻼﺭ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ]‪ .«[167‬ﻣﯧﻴﻜﮕﯘﯦﻦ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺕ ﻣﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺸﻘﺎ‬ ‫‪66‬‬


‫ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ ﺳﺎﻛﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭﻣﯘ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﯧﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﺎھﯩﺮﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ‬ ‫ﺩەۋﺭ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‪ ،‬ﺳﯩﺒﯩﺮ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻳﺎﻳﻼﻗﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﯘﺳﺎﭘﻪ ﺋﯘﺯﯗﻥ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﺎﻝ‪-‬ﻳﯜﻙ ﻛﯚپ‪ ،‬ھﺎﺭۋﯨﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﺴﺎ ﺋﯧﻐﯩﺮ ۋەﺯﯨﭙﯩﻨﯩﯔ ھﯚﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﭙﺎﺭ ﺋﺎﻳﻐﯩﺮﻏﺎ ﻣﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ۋە‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺴﺎﻙ ﺋﺎﺳﯩﻤﻮﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺕ‪-‬ﺋﯘﻻﻗﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻗﻮﺭﺍﻟﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ‪ 2000‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪» ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ ھﺎﺭۋﯨﻐﺎ ﺋﺎﺕ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﯘﻻھﯩﺰﯨﺪﯨﻦ‪،‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ‬

‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ‬

‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ‬

‫ﺑﯘﺭﯗﻥ‬

‫ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ‬

‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬

‫ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ«ﻧﯩﯔ ﺩەۋﺭ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﺩﯨﮕﻪﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﻣﯘﺭﺍﺟﯩﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯧﺲ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪ ...» :‬ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺩەۋﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺗﯜﺯﯛﻟﻤﯩﺴﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺩەۋﺭﺩە ﻗﺎﻧﯘﻥ‬ ‫ﻣﯘﺋﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻠﯩﺮﻯ‬

‫ۋە‬

‫ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬

‫ﻣﯘﺋﻪﺳﺴﯩﺴﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬

‫ھﻪﻣﺪە‬

‫ﺩﯨﻨﯩﻲ‪،‬‬

‫ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﻯ‬

‫ھﻪﻡ‬

‫ﺑﺎﺷﻘﺎ‬

‫ﻧﯘﻗﺘﯩﺌﯩﻴﻨﻪﺯەﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯜﺳﺘﯩﻘﯘﺭﯗﻟﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﻻﺯﯨﻢ«]‪ .[168‬ﻣﺎﺭﻛﺴﯩﺰﻡ ﻛﻼﺳﺴﯩﻜﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪.‬‬

‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭﻯ )ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﺴﻰ( ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻣﺒﻪﺭﭼﺎﺱ ﺑﺎﻏﻼﻧﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺋﯩﭙﻮﺳﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﺪﯨﻴﻪ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﯜﺭﯛﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺩەۋﺭﭼﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ‬ ‫‪67‬‬


‫ﺋﯩﭙﺘﯩﺪﺍﺋﯩﻲ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ۋە ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪﺭﻗﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﺭﯗﻗﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﻮﺗﯧﻤﻐﺎ‪ ،‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩەۋﺭﯨﺪە‬ ‫ﺑﻮۋﯨﻼﺭﻏﺎ‪ ،‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﺧﯘﺩﺍﻟﯩﻖ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ھﺎﺭﭘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺗﯧﻤﯩﻐﺎ‪ ،‬ﺑﻮۋﯨﻼﺭﻏﺎ‪ ،‬ﻛﯚﻙ ﺗﻪﯕﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﻰ ۋە ﺷﺎﻣﺎﻥ‬ ‫ﺩﯨﻨﻰ ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﺴﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﻪڭ ﺗﯜﺭﺩە ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﭙﻮﺳﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯘﺩﺩﺍ‪ ،‬ﻣﺎﻧﻰ‪ ،‬ﺯﻭﺭﻭﺋﺎﺳﺘﯩﺮ‪ ،‬ﻧﯧﺴﺘﻮﺭﯨﺌﺎﻥ ۋە ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ ﻛﯩﺮﮔﯩﻨﯩﮕﻪ ‪ 2000‬ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪-763‬‬ ‫ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺩﯨﻨﻼﺭ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪» .‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ‪ XIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺳﯜﻧﻨﯩﻲ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺳﯩﯖﻤﯩﮕﻪﻥ‪» .‬ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ‪ ....‬ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﺎﺯﺩﯗﺭ‪-‬ﻛﯚﭘﺘﯘﺭ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ«‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﮔﻪ ﺑﯘ ﺩﯨﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﺎﻱ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ھﺎﻝ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺘﯘﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﯜﺵ ﻧﯘﺳﺨﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﯘﺳﺨﺎ ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯧﭙﻮﺳﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺩەۋﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪھﺴﯘﻟﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ھﺎﻣﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ‬ ‫ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺘﺘﻰ‪ ،‬ﻛﯚپ ھﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺭﻗﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﯩﻨﻰ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯧﭙﻮﺳﺘﺎ ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ )ﺷﻪﺭﻗﻰ( ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ﺳﻮﻝ )ﻏﻪﺭﺏ( ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ﺋﻮﺭﯗﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﻏﯘچ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺰﯨﻠﻐﺎ ﻣﺎﻳﯩﻞ ﺩەپ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺭەڭ‬ ‫‪68‬‬


‫ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪ .،‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩەﻡ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ »ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯚﺩﯛﻥ« )ﻗﺎﺭﺍ ﺧﻪﻟﻖ( ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە »ﺋﯘﺭﯗڭ‬ ‫ﺑﻪگ« )ﺋﺎﻕ ﺑﻪگ ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺋﯘﺭﯗڭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﺩەپ‬ ‫ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ]‪ .[169‬ﺑﯘ‪» ،‬ﺋﯘﺭﯗڭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ »ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ »ﺋﯘﺭﯗﻡ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺩەپ‬ ‫ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪە ﺑﯩﺮﺍۋ )ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯘﺷﺸﺎﻕ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼﺭ( ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﻗﻮﺷﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺭﯛڭ )ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﺪﺍ‬ ‫ژﯗﺭﯗڭ( ﺗﯩﻠﻪپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺑﯘﻳﺮﯗﻳﺪﯗ‪ ،‬ﺑﺎﻟﯩﻼ ﻗﻮﻝ‪-‬ﺑﺎﺭﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﯩﻼﺭ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯜﺭﯛڭ‬ ‫)ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﺎﺧﺘﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻕ ﺭەﺧﺖ ﭘﺎﺭﭼﯩﻠﯩﺮﻯ( ﻧﻰ ﻗﯩﺴﺘﯘﺭﯗپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻕ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﭘﺴﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎچ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯚﺭﯛپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﭼﺎﻗﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼپ‬ ‫ﻛﯚﻳﺪﯛﺭﯛۋﯦﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ »ژﯗﺭﯗڭ ﺗﯩﻠﻪﺵ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ‪» .‬ۋﯦﻴﻨﺎﻣﻪ« )‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻯ)‬

‫(‪» ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ‬

‫( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ‬

‫ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩەپ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﻪﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯘﺱ« )‬ ‫(‪› ،‬ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ‹(‪ -1951 ،‬ﺑﻪﺗﺘﯩﻦ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ‪» :‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻮۋﻡ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ‪ ،‬ﭼﯜﻧﭽﻴﯘ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﻯ)‬

‫( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ...‬ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬

‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ‪ «.‬ﺩﻯ )‬

‫( ﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ‪ -819‬ﺑﯧﺘﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ‬

‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪» .‬ﺩﻯ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻮۋﻡ ﻧﺎﻣﻰ‪ ...‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻯ)‬ ‫ﺋﺎﻕ ﺩﻯ )‬

‫(‪ ،‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ﺩﻯ )‬

‫(‪،‬‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪﻥ‪ -1759 «.‬ﺑﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ »ﺋﺎﻕ ﺩﻯ«‬

‫ﻻﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﺎﻕ ﭼﺎﭘﺎﻥ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﺰﯨﻞ‬ ‫ﺩﻯ ۋە ﺋﺎﻕ ﺩﯨﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻼﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺰ »ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﺭﯗﻡ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ »ﺋﺎﻕ ﺩﻯ« ﻻﺭ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ »ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺩﻯ« ﻻﺭ ﺩەپ ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺩەۋﺭﻯ )‪ (744-552‬ﺩە »ﺋﺎﻕ‬ ‫ﺗﯜﺭﻙ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻮۋﻣﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺷﻜﻪ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺯﻭﺭ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﺎﺭ‪.‬‬

‫‪69‬‬


70


71


72


73


74


75


76


77


78


79


80


81


82


‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺟﯘﯕﮕﯘﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‬

‫‪.1‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﻪﺩﺩﯨﭽﯩﻦ ﺳﯧﭙﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬

‫‪83‬‬


84


85


86


87


88


89


90


91


92


93


94


95


96


97


98


99


100


101


102


103


104


105


106


‫ﻛﯜﻧﺠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ -1306 .‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1315‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺧﯘﮔﯘﺍڭ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ -1315 .‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1324‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻱ ﺩﯨﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﺪﯨﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺟﻴﺎﯕﺠﯥ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎۋۋﺍﻟﻘﯩﺪەﻛﻼ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﺠﻪڭ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯘ ﻛﯩﻨﻪﺯﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻪﺯﻯ‪ ،‬ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ ﺗﯚﺭە ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[47‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﭻ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﺧﺘﺎﺭﯨﻴﻪﺕ‬ ‫ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺋﯘﻟﯘﺳﻰ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍپ ﺗﯘﺭﺩﻯ‪.‬‬

‫ﻗﯘﺑﻼﻱ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻧﻰ ﺳﯩﯖﺪﯛﺭﯛپ‪ ،‬ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯧﻨﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻝ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﺩﻯ‪.‬‬

‫ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ھﯩﻤﺎﻳﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯧﻤﯩﻞ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺩﯙﺭﺑﯩﻠﺠﯩﻦ( ﺩە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻗﺎﻳﺪﯗ ﺋﺎﺷﯘ‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﺋﻪﺳﺴﯩﭙﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﺘﯩﯟﯦﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ -1269 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﺎﻳﺪﯗ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﺘﯩﻴﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ »ﺋﻪﻟﻨﻰ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ« ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﺩﯗۋﺍﻧﻰ‬ ‫ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﺑﻼﻳﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪107‬‬


‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻰ ﻗﻮﭼﻘﺎﺭﺗﯧﮕﯩﻦ]‪ [48‬ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻼھﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ‬ ‫ھﯩﻤﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺪﯗ ۋە ﺩﯗۋﺍ )ﺗﻮۋﺍ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯚﻟﮕﯜﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺗﯘﺭﺩﻯ‪.‬‬

‫‪ -1275‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯗۋﺍ ‪ 120‬ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ ﻗﻮﭼﻮ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﻯ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ ﻗﻮﭼﻮ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﯩﺮﻯ( ﻧﻰ ﻣﯘھﺎﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ‬ ‫ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺩﯗۋﺍ »ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘﯕﻼﺭ« ﺩەپ ﺟﺎﺭ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ »ﺧﺎﻥ ھﻪﺯﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ۋەﺳﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺳﯩﻴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﺪﯨﯔ‪ ،‬ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻠﻪﺷﺴﻪڭ‪ ،‬ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎﻗﯩﯟەﺕ ﻛﯚﺭﻣﻪﻳﺴﻪﻥ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺗﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﻤﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﯕﺎ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺗﯩﺰ ﭘﯜﻛﻤﻪﻳﻤﻪﻥ« ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻏﻪﺯەﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯗۋﺍ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻣﻨﻰ ﻛﯧﭽﻪ‪-‬ﻛﯜﻧﺪﯛﺯ ﺑﻮﺷﺎﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯨﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ﺋﯚﺯﻯ ھﯘﺟﯘﻣﻐﺎ‬ ‫ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻳﯧﻐﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻗﻴﺎﻻﺭﻏﺎ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺟﺎﺳﺎﺭەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯛﺷﻤﻪﻧﻨﻰ‬ ‫ﻗﯩﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪﺭ‪-‬ﺋﺎﻳﺎﻝ‪ ،‬ﻳﺎﺵ‪-‬ﻗﯧﺮﯨﻼﺭ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﺟﻪﯕﮕﻪ ﺋﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻙ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺖ ﻗﻮﻏﺪﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ‪ ،‬ﺩﯗۋﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﺘﺎ‬ ‫»ﺋﺎﺗﺎ‪ ،‬ﺑﻮۋﺍﯕﻼﺭ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﯨﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺳﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﯨﯖﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪﻥ‪ ،‬ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﯨﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﺳﻪﯕﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯨﻤﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼﺭ ﺷﻪھﯩﺮﯨﯖﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﺷﻼﻳﻤﻪﻥ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻨﮕﻪ »ﺩﯗۋﺍ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھﯘﺟﯘﻣﯩﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﯚﻛﺴﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﻟﯜﺷﻜﻪ ﺭﺍﺯﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﯨﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺩﯗۋﺍﻏﺎ ھﻪﺭﮔﯩﺰ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﻤﯩﺰ« ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻛﯚﺯﯨﮕﻪ ﻳﺎﺵ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗپ‪» ،‬ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺩەپ‬ ‫ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﻧﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍﺗﺴﺎﻡ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩەﻳﺪﯗ ۋە ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ ھﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻨﻰ ﺋﻮﻗﻴﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗۋﺍﻏﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ۋەﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺩﯗۋﺍ ﺧﺎﻧﻘﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﭼﯧﻜﯩﻨﺪﯛﺭﯛپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﭘﯘﺭﺳﻪﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫‪108‬‬


‫ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺩﯗۋﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯘﺑﻼﻳﻐﺎ ﺗﺎﻳﺎﻧﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﻗﯘﻣﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﯕﺪە ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻼﺭﭼﻪ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺪﯗ ۋە ﺩﯗۋﺍ ﻗﯘﺑﻼﻱ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﭽﯩﻼﺭ‬ ‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﺳﻠﯩﻢ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪﺍﺵ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﺑﻮﻳﻰ ﻛﯜﺭەﺵ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﺩﯙﻟﻪﺕ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺭﻭھﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ«‬

‫ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ۋە ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﻪﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻳﯜەﻥ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ )؟ — ‪ (Cagan - temur) (1362‬ﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯗ‪» .‬ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻳﯜەﻥ ﺩﯛەﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ«]‪ ،[49‬ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ«]‪.[50‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﻧﺴﺎﻳﯩﻦ ﺯەﺋﯩﭙﻠﻪﺷﺘﻰ‪ .‬ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﺶ‬ ‫ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﭘﺎﺕ‪-‬ﭘﺎﺗﻼ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺯﻏﺎپ ﺗﯘﺭﺩﻯ‪ -1307 .‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1333‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻳﻪﯕﮕﯜﺷﻠﻪﻧﺪﻯ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺳﯩﻨﯩﭙﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﻪگ‪-‬ﺧﻮﺟﯩﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ‪ ،‬ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﺰﻭﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﻟﯘﻕ‪-‬ﺯﻭﻣﺒﯘﻟﯘﻗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﺸﯩﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪە ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﻏﺎﻗﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﻗﻪھﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﭘﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﻙ‬ ‫ﺋﯧﻐﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺧﻪﻟﻖ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻗﯩﻴﯩﻦ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ‬ ‫ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ‪-‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﺗﻮﺳﻤﯩﺴﺎ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ‬ ‫‪109‬‬


‫ﺧﻪۋﭘﻜﻪ ﺩﯗﭼﺎﺭ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬

‫‪ -1351‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻟﻴﯘﻓﯘﺗﯘڭ )؟—‪ ،(1363‬ﺷﯘ ﺷﯘﺧﻪﻱ )؟—‪-1360‬ﻳﯩﻠﻼﺭ(‪ ،‬ﮔﻮﺯﯨﺸﯩﯔ‬ ‫)؟—‪ (1355‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﭼﯩﻦ ﻳﯜﻟﻴﺎڭ )‪ ،(1363-1320‬ﺟﺎڭ ﺷﯩﭽﯩﯔ‬ ‫)‪ (1367-1321‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﺯﻏﯩﻼڭ ﻛﯚﺗﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ‪ ،‬ﺧﯘەﻳﺨﯥ‪ ،‬ﭼﺎﯕﺠﻴﺎڭ ﺩەﺭﻳﺎ‬ ‫ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﻛﻪڭ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﺪﻯ‪.‬‬

‫‪ -1352‬ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻟﻰ ﺳﯩﭽﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﻗﻮﺷﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻟﻮﺷﻪﻥ‬ ‫)ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﺒﯩﻴﻐﺎ ﺗﻪۋە ﻳﻪﺭ( ﻧﻰ ﺗﯩﻨﭽﯩﺘﺘﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﺭﻭﻧﯩﯔ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩﺍﺩﯗﻏﺎﭼﻠﯩﻘﯩﻐﺎ]‪ [51‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﻨﭽﻴﯘ‬

‫( ( ﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫‪ -1355‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪپ‪ ،‬ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﯩﺘﺘﻰ ۋە‬ ‫ﺟﯩﻨﺎﻳﻰ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍﻧﭽﻰ ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﻚ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪ -1356 .‬ﻳﯩﻠﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ‬ ‫ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ ﺑﺎﺵ ﻣﯩﺮﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺳﻪﻧﺠﯘ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﻪﻧﻤﯩﻦ ﺳﻪﻧﺸﻰ( ﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻟﻰ ۋﯗ‪ ،‬ﺳﯜﻱ ﺩې ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻗﺸﺎﺗﻘﯘچ ﺯەﺭﺑﻪ ﺑﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﺷﻪﻧﺸﻰ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ۋەﺯﯨﺮﻯ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺷﺘﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ‬ ‫ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﺧﯧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺯﻭﺭﻏﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﻧﺎﻳﯩﺒﻰ؛ ﺷﻪﻧﺪﯗڭ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﯧﻨﻪﻥ‪ ،‬ﺷﻪﻧﺪﯗڭ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺯﻭﺭﻏﺎﻟﯩﻖ ﻣﻪھﻜﯩﻤﻪ ﻧﺎﻳﯩﺒﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﭼﺎﻏﺎﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺋﻪڭ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﺋﯩﺪﻯ«‪.‬‬

‫ﻛﯚﻙ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﺩﻯ]‪.[52‬‬ ‫‪110‬‬


‫ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ‬

‫(؟( ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﯩﭙﻰ — ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ‬

‫ۋە ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯚپ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ — ﺋﻪڭ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺳﯩﺮﻻﻧﻜﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ )‪-1284‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ( ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ۋە ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ‬ ‫ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺳﻪھﯩﭙﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﯚھﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﻪﺯﯨﻨﻪ ﺑﯧﮕﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺟﻴﺎڭ‪-‬ﺧﯘەﻱ‬ ‫ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﺳﻮﻝ ﻗﻮﻝ ۋەﺯﯨﺮﻯ ۋە ﺧﯩﯖﭽﯘەﻥ ﻳﺎﻣﯘﻟﻰ ﺗﯚﺭﯨﺴﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪ -1292‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎھﺎﻟﯩﻖ‬ ‫ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻘﺎ ﺳﻮۋﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﺷﯩﺒﻰ‪ ،‬ﮔﺎۋﺷﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺩﯨﯟﺍﻥ‬ ‫ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﻪﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ۋﯦﻴﺘﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﻛﻰ ﺟﻪﻧﭽﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﺗﯘﺧﯘەﻧﮕﻪ ﻳﺎﻧﺪﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ -1292 .‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﻗﯘﺑﻼﻱ ‪ 20‬ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ۋە ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﻳﺎۋﺍ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ‬ ‫)ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ھﯩﻨﺪﻭﻧﯧﺰﯨﻴﻪ( ﮔﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﻳﯜەﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮﺭﻧﻰ‬ ‫ﭼﯘﻧﺠﯘ ﭘﻮﺭﺗﯩﺪﯨﻦ ‪ 2000‬ﺩﯦﯖﯩﺰ ﻣﯩﻠﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﻗﺎﻳﺘﺎ‪-‬ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺷﺘﯩﻜﻰ »ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺸﻘﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﺩﻯ«]‪ ،[53‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺸﻨﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﺭﻣﯩﻴﯩﺴﻰ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﮕﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺋﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﻳﯜەﻥ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﯨﺪە‬ ‫ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﻣﻪﻏﻠﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﯨﻤﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻗﻮﺷﯘﻥ‬ ‫ﺋﺎﻣﺎﻥ‪-‬ﺋﯧﺴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫‪111‬‬


‫ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻻﻱ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﺍﻧﯩﺶ ﺑﻪگ‪ ،‬ﺩﯨﯟﺍﻥ ۋﺍﺯﺍﺭەﺕ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻐﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ﻗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﯧﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻥ]‪.[54‬‬ ‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯦﻨﺰﯗڭ )ﺋﺎﻳﯘﺭﺑﺎﺭۋﺍﺩﺍ( ﺧﺎﻧﻰ »ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺭﯨﻴﺎﺯەﺕ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ۋﯗ ﻛﯧﻨﻪﺯﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻨﻪﺯﻯ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻨﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ«‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﺎﺑﺮﯗﻱ ۋە ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ]‪.[55‬‬

‫ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ‬ ‫ھﺎﻣﺎﻥ ﻛﯚﺯﮔﻪ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﯚﺕ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﮕﻪ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯩﻨﭻ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ‪ ،‬ھﯩﻨﺪﻯ ﺋﻮﻛﻴﺎﻥ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺩﺍ‪ ،‬ﻣﺎﻝ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ۋە‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺧﺎﺩﯨﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﺶ‪-‬ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﺩﻯ‪ .‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ )‪(1644—1368‬‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﯖﺨﯥ ﻛﯧﻤﻪ ﺋﻪﺗﺮﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯦﯖﯩﺰ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻮﭘﻼپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﻰ]‪ .[56‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯜﻳﯜﻙ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﺭﺑﺎﺏ]‪.[57‬‬

‫‪ (4‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ‪ ،‬ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪﺭﺩە‬

‫‪ XII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺧﯘﺍﺑﯧﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻰ )ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ( ﺩﺍ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﻛﯧﯟەﺯ‬ ‫ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻛﯧﯟەﺯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ‬ ‫‪112‬‬


‫ﺷﻪﻧﺸﻰ‪ ،‬ﮔﻪﻧﺴﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ]‪.[58‬‬

‫( ( ﻧﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯜﺯﯛﻡ ھﺎﺭﯨﻘﻰ ۋە ﺋﺎﻕ‬

‫ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻳﯥ ﺯﯨﭽﻰ‬

‫ھﺎﺭﺍﻕ ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﮕﻪﻧﯩﻜﻪﻥ‪ ...‬ﺋﯜﺯﯛﻡ )ﺗﯧﻠﻰ( ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺋﯜﺯﯛﻡ ھﺎﺭﯨﻘﻰ ﻳﺎﺳﺎﺵ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯜﺯﯛﻡ ۋە‬ ‫ﺋﯜﺯﯛﻡ ھﺎﺭﯨﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻳﻴﯜەﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻦ ﺷﻪﻧﺸﯩﮕﻪ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺗﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻜﻪﻥ‪ ،‬ھﺎﺭﺍﻕ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﺋﯚﺗﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺋﯜﺯﯛﻣﭽﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪﺭ« ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻪﻳﻴﯜەﻥ‪ ،‬ﭘﯩﯔ ﻳﺎﯕﻼﺭ‬ ‫ﻛﯩﺸﻤﯩﺶ ﺋﯜﺯﯛﻡ‪ ،‬ﺋﯜﺯﯛﻡ ھﺎﺭﯨﻘﻰ ۋە ﺋﺎﻕ ھﺎﺭﺍﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎۋﯗﺯ ﺗﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﯥ ﺯﯨﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ‪» ،‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ«‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎۋﯗﺯ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ھﺎﻟﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻚ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە ﺗﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ]‪.[59‬‬

‫ﺩﯗۋﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻗﻮﭼﻮ ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺭﺍﻛﻪﻧﺪﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ‬ ‫ﻳﯘﯕﭽﺎڭ‬

‫( ( ﺩﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﮔﻪﻧﺴﯘ‪ ،‬ﺷﻪﻧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬

‫ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺟﺎﻳﻼﺭﺩﺍ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪-1280‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﯘﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﻧﻪﻧﻴﺎڭ ۋە ﺷﺎﯕﻴﺎڭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻗﻮﭼﻮ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻨﻼ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ »ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ ،‬ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ‪ 1050‬ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﺳﺘﺎ‪-‬ھﯜﻧﻪﺭۋەﻧﻠﻪﺭ‬ ‫ﮔﻪﻧﺴﯘ‪-‬ﺳﻪﻧﺸﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ«]‪ – 1031 .[60‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫‪113‬‬


‫ﻧﻪﻧﻴﺎڭ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺗﻪﻳﺪﯨﯔ ﺧﺎﻧﻰ‬ ‫)ﺗﯚﻣﯜﺭ ‪ (1328—1324‬ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺕ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺑﯘﻗﺎ ﮔﻪﻧﺴﯘﺩﯨﻦ ﺷﻴﺎﯕﻴﺎﯕﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻱ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ 10‬ﻣﯩﯔ ﺋﯚﻳﻠﯜﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺷﻴﺎﯕﻴﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻛﯘﭼﺎﻟﯩﻘﻼﺭ ۋە ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯜﺯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻡ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ -1297 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻴﻼﺭ ﺷﻴﺎﯕﻴﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺭﯗﻗﻠﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻳﻤﺎﻧﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻛﺎﻻ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﻳﯜﻧﻨﻪﻥ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ 5000‬ﺋﺎﺩەﻣﻨﻰ ۋﯗﻣﯧﯔ ﺷﻮۋﺷﯜ‬

‫( ( ﮔﻪ‬

‫ﻳﯚﺗﻜﻪپ ﺑﻮﺯ ﻳﻪﺭ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﻳﯩﺰﯗﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ھﯜﻧﻪﺭۋەﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ )ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ( ﺗﺎ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺭەﯕﺪﺍﺭ ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ ﻛﺎﺳﯩﭙﻼﺭ‬ ‫ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺧﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺧﺎﺱ ﺩﺍھﯩﻲ ﻧﺎﺳﯩﺲ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﻧﺎﺳﯩﺲ‬ ‫)ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺳﯚﺯ( ﺑﯩﺮ ھﻪﻝ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﻳﯩﭙﻪﻛﺘﯩﻦ ﺗﻮﻗﯘﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﻤﺨﺎپ‬

‫( ( ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬

‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﺮﻯ ﺯﯨﻴﺎﭘﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﻛﯩﻴﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ۋە ﺧﻮﺗﻪﻥ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﯘﻣﯩﭽﯩﻼﺭﻏﺎ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻴﻼﺭ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﻟﯩﻲ‬ ‫ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﻮﻗﯘﻟﻤﺎ ﺑﯘﻳﯘﻣﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻨﻤﯘ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﺋﺎﺩەﺗﺘﻪ ھﯜﻧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ]‪.[61‬‬

‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋە ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ ۋە ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ‪ ،‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ۋە ﺳﺎﯕﮕﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﺷﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯩﻠﺠﯩﺘﯩﺸﺘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺷﯩﺰﯗ ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ���ﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫‪114‬‬


‫ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻘﻼﺭ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﯩﻦ‬ ‫ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﺵ ﺯﯙﺭﯛﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﻪﻳﺘﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﺴﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ -1262 ،‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﺗﺎﻻﻧﺘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺋﯚﺯ ﻛﺎﺭﺍﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﻪﺯﻯ ﭼﺎﺭە‪-‬ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﺑﺎﺝ ﺋﻮﻏﺮﯨﻼﺵ‪ ،‬ﺑﺎﺝ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺵ‬ ‫ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺗﯜﺯﯛﻣﻰ )ﺗﯘﺯ‪ ،‬ﭼﺎﻱ‪ ،‬ﺗﯚﻣﯜﺭ‪ ،‬ﻛﯜﻣﯜﺵ‪ ،‬ﺩﻭﺭﺍ‪-‬ﺩەﺭﻣﻪﻙ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎۋﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ( ﯨﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﺎﺭﺧﺎﻧﯩﻼﺭﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﯩﮕﯩﺪﺍﺭﭼﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻥ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪھﻤﻪﺩﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ۋە ھﻪﺳﻪﺗﺨﻮﺭﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﺎﺭﺩﻯ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻣﯘ ھﻪﺳﻪﺕ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﻱ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭ‪ ،‬ﺑﺎﻱ‬ ‫ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﻪﺭ‪ ،‬ﺑﻴﯘﺭﻭﻛﺮﺍﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﭘﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪھﻤﻪﺩﻛﻪ ﺋﺎﺭﻗﺎ ‪ -‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻪﺭﻛﯩﻢ ﺋﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﮕﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺵ ھﺎﺩﯨﺴﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻟﺪﻯ‪.‬‬

‫ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺯﯦﺮەﻙ ۋە ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻡ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘ ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﺴﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﯘﻳﯩﻘﻪﺳﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺯ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪﺭ ﺋﯚچ ﻛﯚﺭﯛپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛۋﯦﺘﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻳﻠﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩەﺭھﺎﻝ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﺍ ﮔﻪپ ﻳﻮﺭﻏﯩﻠﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﯩﻨﺎﻳﯩﺘﯩﮕﻪ ﭼﯧﺘﯩﻠﺪﯗﺭﺍﺗﺘﻰ‪ .‬ﺧﺎﻗﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﮔﯘﻧﺎھﺴﯩﺰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﺎﺯﺍﻏﺎ ﺗﺎﺭﺗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺑﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ‪ -1282‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﻗﻪﺗﻞ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﺎﯕﮕﺎ )‪ (Senge‬ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺳﺎﯕﮕﺎ ‪ -1287‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪،‬‬ ‫ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ۋﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ھﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﭘﯘﻝ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯘﻟﻨﯩﯔ ﭘﺎﺧﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﻮﻧﺘﺮﻭﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﺎۋﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺵ‪ ،‬ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺳﺎﯕﮕﺎ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﻰ‬ ‫‪115‬‬


‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﮔﯘﺭﯗھﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﺎﺭﺷﻰ‬ ‫ﮔﯘﺭﯗھﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺸﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺳﺎﯕﮕﺎ ﺋﺎﺧﯩﺮ ‪ -1291‬ﻳﯩﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﯧﭙﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ]‪.[62‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﯕﮕﺎ]‪ [63‬ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ۋە ﻣﺎﻟﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﺵ‪ ،‬ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺋﻪﺑﻪﺩﯨﻲ ﺋﯚﭼﻤﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﺎﻳﻼﻗﻨﻰ ﺑﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺋﯚﻳﻠﻪﺭﺩە‪،‬‬ ‫ﭼﯧﺪﯨﺮ‪-‬ﺑﺎﺭﮔﺎھﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻛﻪﭼﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ ﻳﯧﺰﺍ‪ ،‬ﺑﺎﺯﺍﺭ ۋە‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﻳﻮﻕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ۋە ﻛﯧﯖﻪﻳﻤﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻕ ۋە ﺷﻪھﻪﺭ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻐﺎ ﺯﺍﺩﯨﻼ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻥ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻳﻼﻗﺘﺎ‪ ،‬ﻛﯩﮕﯩﺰ ﺋﯚﻱ‪ ،‬ﭼﯧﺪﯨﺮﻻﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﯗپ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺩﻯ‪ .‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻧﻰ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ )ﺟﻮﯕﺪﯗ — ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ( ﻗﺎ ﻛﯚﭼﯜﺭﯛپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺩەﻝ ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺷﺘﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻯ ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﯨﺪﯨﻨﻨﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ھﻪﻝ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»‪ XIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ )ﺟﯘﯕﺪﯗ — ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﯘﺭﯗﻧﺠﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﻪﺳﯩﺮ‬ ‫ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﺩﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﻳﺪﯗ — ﺋﯘﻟﯘﻍ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﺪﻯ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻜﻰ ﻳﯜەﻥ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯗﺭ]‪.[64‬‬ ‫‪116‬‬


‫»ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺟﻮﯕﺘﯘﯕﻨﯩﯔ ‪ -4‬ﻳﯩﻠﻰ )‪ -1263‬ﻳﯩﻞ( ﭼﯩﻨﺨﯘﯕﺪﺍۋ]‪ [65‬ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ‬ ‫ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺪﻯ‪ .‬ﺟﮋﻳﯜەﻧﻨﯩﯔ ‪ -2‬ﻳﯩﻠﻰ )‪ -1265‬ﻳﯩﻞ( ﺑﯘ ﺋﺎﺭﺍﻝ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ]‪.[66‬‬

‫»ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﭼﯩﻨﺨﯘﺍﯕﺪﺍۋ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻨﻰ ﺋﯘﺩﺍ ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﯩﭗ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻳﺪﯗ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ«]‪.[67‬‬

‫ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ )‬

‫( ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﻴﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ ...‬ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘ ﺧﺎﻧﻐﺎ‬

‫ﭘﺎﻳﺎﻧﺪﺍﺯ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺕ ﺗﻪﻗﺪﯨﻢ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺧﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﻨﯩﯔ ﭼﯧﺪﯨﺮ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ —)‬

‫ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺪﺍﺭﯨﺴﻰ( ﻏﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬

‫ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻕ ﺋﯘﺳﺘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺵ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻧﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ .‬ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﯩﻠﻼ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﯩﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﺷﺎھﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﺮﺋﻪﻟﻰ ﺷﺎھ‪ ،‬ﻣﯘﺑﺎﺭەﻙ ﺷﺎھ‪ ،‬ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ‬ ‫ﺷﺎھ‪ ،‬ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺷﺎھﻼﺭﻏﯩﭽﻪ ﻣﯩﺮﺍﺱ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ«]‪.[68‬‬

‫»ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭپ‪-‬ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩەپ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﻰ ﺋﺎﺕ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﻮﺭﺍﻝ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﺕ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺗﯘﺭﯗپ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺭپ‪-‬ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﯩﺶ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺩەپ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﻠﺪﻯ«]‪.[69‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ۋە ﻳﻪﻛﯜﻧﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯩﻨﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﻰ ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﻪپ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫‪117‬‬


‫ﺋﯩﺪﻯ]‪.[71]،[70‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗﺵ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‪ ،‬ﻣﺎﻟﯩﻴﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﯩﮕﯜﺳﯩﺰ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ‪،‬‬ ‫ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﯜپ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﺘﻰ‪» .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺩﺭﻭﺳﻰ — ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺷﻴﻪﻧﺰﯗﯕﺨﺎﻥ ﻣﻮﯕﻜﯧﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻥ‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ھﺎﻟﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﻮﺭﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺴﺘﯧﻼ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ‬ ‫ﻳﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪﻯ«]‪ .[72‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯧﺰﺍ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺑﯩﻠﯩﻨﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻳﯜەﻥ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺭﺍۋﺍﺟﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﺭە‪-‬ﺗﻪﺩﺑﯩﺮﻟﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﺪﻯ‪ .‬ﻳﯜەﻥ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺭﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪە ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪﺵ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ۋﺍﺯﺍﺭﯨﺘﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼپ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜپ‪» ،‬ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﺭﻗﯩﺘﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﺭﻗﺎ‪-‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻠﻰ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ۋﺍڭ ﺟﯧﻨﯩﻨﯩﯔ‬ ‫»ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ«‪،‬‬

‫( ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ«‬

‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬

‫ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ‪) XIII — XIV‬‬

‫( ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﻛﺎﺭﻭﻧﺎﺩﺍﺱ ﻳﯜەﻥ‬ ‫‪118‬‬


‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ۋە ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ۋە ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ »ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ‪،‬‬

‫ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯧﺴﯩﻞ‬ ‫ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪» ،‬ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﻪﺯەﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﻳﺎﻥ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺑﺎھﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ‪» .‬ﺩەﺳﺘﯘﺭ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺦ‪ ،‬ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭ ۋە ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﯩﺰﯨﻤﻰ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻜﻰ‬

‫»ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯩﻨﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪۋﺳﯘﻣﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯧﻨﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎﻣﻤﯩﺒﺎﺏ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ۋە ﻳﯩﻐﯩﺶ‪-‬ﺳﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﻝ‪ ،‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯘﺭ«‬ ‫ﺩەپ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ۋﺍڭ ﻳﯘﻧﺨﯘ »ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ« ﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻤﯘ‪» :‬ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺩەۋﺭﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪۋﺳﯘﻣﻼﺭ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯘﺭ« ﺩەپ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ‪.‬‬

‫ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯘﺯﯗﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯩﺮﺍﺳﻼﺭﻣﯘ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ‬ ‫ﻛﯚپ‪ ،‬ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎﻟﻰ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﻣﻮﻝ‪ ،‬ﺋﯘ‪ ،‬ھﺎۋﺍ ﺭﺍﻳﻰ‪ ،‬ﺳﯘ ﺋﯩﻨﺸﺎﺋﺎﺗﻰ‪ ،‬ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ﺑﺎﻏﯟەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﮔﯚﺵ‪ ،‬ﺋﯚﻱ ﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺗﯘﺧﯘﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ھﺎﺯﯨﺮﻻﺵ‪ ،‬ﻛﯚﻛﺘﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﭼﯩﻼﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﺭﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪۋﺳﯘﻣﺪﺍ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ھﻪﺭﺑﯩﺮ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﯩﺨﭽﺎﻡ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺷﯘ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻤﯘ‬ ‫‪119‬‬


‫ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻧﺮﺍﻕ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ -1 ،‬ﺋﺎﻱ )ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ( ﺩﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺗﻘﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺑﺎﻗﺎﻳﻠﻰ‪:‬‬ ‫»ﻛﺎﻻ — ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻛﯚﯕﯜﻝ ﻗﻮﻳﯘپ ﺑﯧﻘﯩﺸﻰ‪ ،‬ھﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ۋﺍﻗﺘﻰ‪-‬ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﻮﺕ‪-‬ﺳﯘ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺳﯘ ﻛﺎﻟﯩﺴﻰ ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺳﯘﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻳﯩﻘﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﻗﯩﺸﺘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﺎﻟﯩﺪﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﻛﺎﻻ ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯩﺠﻪﺯ‪-‬ﺧﯘﻟﻘﻰ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﺎﺳﺮﯨﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ«‪ .‬ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ‬ ‫ﻛﻪﻧﺪﯨﺮ ﺗﯧﺮﯨﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ‪» :‬ﻛﻮﻧﯩﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺭﻧﻰ ‪ 10‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ھﻪﻳﺪەپ ﺗﯘﺭﯗپ‬ ‫ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﻟﯘﻕ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﯧﺘﯩﻢ ھﻪﻳﺪەپ ﻛﻪﻧﺪﯨﺮ ﺗﯧﺮﯨﻐﯘﻟﯘﻕ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﻪپ ﺑﺎﺭ«‪ .‬ﺑﯘ ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﺎﺭﭘﺎ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻏﺪﺍﻱ ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻛﯚپ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﭘﯧﺸﻘﻪﺩەﻡ ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﯘھﯩﻢ‪ .‬ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻐﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﭽﯩﻘﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﮔﻪپ‪» .‬ﺗﯧﺮﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﭘﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﺮﻯ« ﺩﺍ ﺋﯜﺯﯛﻡ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﺵ‪،‬‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻖ ﺋﯘﻳﯘﺗﯘﺵ ۋە ﺗﯚﻝ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﯩﺸﻼﺭﻣﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪-12» :‬‬ ‫ﺋﺎﻱ )ﻗﻪﻣﻪﺭﯨﻴﻪ ﻛﺎﻟﯧﻨﺪﺍﺭﻯ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ( ‪ -1‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﻟﻠﻪﺭ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻱ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﭼﺎﺭۋﺍ‪-‬ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﻴﺎﺯﺩﺍ‪ ،‬ﻳﺎﺯﺩﺍ ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﺋﻮﺗﻠﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎﻟﺪﯗﺭﺭﺍﻕ ﻳﺎﻧﺪﯗﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﻨﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯜﺳﺘﯩﯟﯦﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﺎڭ‪-‬ﺗﻮﺯﺍﻥ ﻗﻮﻧﯘپ‪ ،‬ﻳﺎﺭﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻛﯜﺯ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﻛﯧﻴﯩﻨﺮەﻙ ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺳﻪھﻪﺭﺩە ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﭼﯜﺷﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻣﺎﻟﻼﺭ ﺷﻪﺑﻨﻪﻡ ﺗﺎﺭﻗﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺋﻮﺗﻨﻰ ﻳﻪۋەﺭﺳﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻏﺰﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺍ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯩﺮﯨﯖﺪﺍپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﻗﯘﺭﯗﻗﺪﺍﻟﻤﺎﻱ ﭼﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻗﺴﯩﻞ ﻛﯧﺴﯩﻠﯩﮕﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﻮﻳﻼﺭ ﺗﯘﺯ ﻳﺎﻟﯩﺴﺎ‪ ،‬ﮔﯚﺷﻰ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﭘﺎﺕ‪-‬ﭘﺎﺕ ﺗﯘﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﯗﺵ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻮﻳﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻕ ﻗﻮﻳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻻﺯﯨﻢ«‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻗﻮﻱ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ]‪.[73‬‬

‫‪120‬‬


‫‪ (5‬ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‬

‫ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ ﻛﯘﺗﯘﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﻰ‬ ‫)ﺗﯧﯟﯨﭗ( ﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﺳﯩﭽﯜەﻧﺪە ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﺭﯨﺪﺍﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﻰ‪-‬ﺋﻮﺗﺎﭼﻰ ﻳﯘﭼﯘﺭﯨﭻ ﻗﺎﻳﺎ‬

‫( ( ﺩﺍۋﺍﻟﯩﻐﺎﻥ‪» .‬ﻳﯜەﻥ‬

‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ‪ -88‬ﺟﯩﻠﺪﺗﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺗﻪﻳﺪﯗ )ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ(‬ ‫ۋە ﺷﺎﯕﺪﯗ )ﺩﻭﻟﯘﻥ( ﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ«ﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ]‪ .[74‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﯩﺴﻰ ﺳﺎﺩﯨﻤﯩﺶ »‬

‫(( ﺭﯛﻳﺠﯘ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭﯦﺘﺴﯧﭙﻠﯩﺮﻯ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ‪ ،‬ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ]‪.[75‬‬

‫ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻛﯧﺴ���ﻟﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺎﭼﻰ ﺩﻭﺧﺘﯘﺭﻯ ﺟﻪﺭﺭﺍھ ﻧﯧﺰەﺭ »‬ ‫)‬

‫( ( ﻣﯧﻬﯩﺮ‪-‬ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﺷﯩﭙﺎﺧﺎﻧﯩﺴﻰ«‬

‫— ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺋﻮﺭﻧﻰ( ﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺎﭼﻰ ﺑﯧﮕﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﺎﻗﺎﻱ‬

‫( ( ﻻﺭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ‬

‫ﺋﻪﻣﭽﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﻗﻮﺳﻘﯘﻱ‬

‫( ( ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺯﯗﻗﺸﯘﻧﺎﺱ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﭙﯘ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ‬

‫)‪ (1320—1314‬ﺩﺍ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻥ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ‪ ،‬ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﯜﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﻳﯧﻤﻪﻙ‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺗﺎﺋﺎﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﻧﺎﻡ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ -1330 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻣﻮﻝ‬ ‫‪121‬‬


‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ »ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ«‬ ‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ« ﺋﯜچ ﺟﯩﻠﺪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ -1 ،‬ﺟﯩﻠﺪﺗﺎ ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭ‪ -2 ،‬ﺟﯩﻠﺪﺗﺎ‬ ‫ﻳﯧﻤﻪﻙ‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﯘﺭﯗﭼﻠﯩﺮﻯ‪ -3 ،‬ﺟﯩﻠﺪﺗﺎ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻛﯚﻛﺘﺎﺕ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﮔﯚﺵ‪ ،‬ﻣﯧﯟە‪-‬ﭼﯧﯟە ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ »ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻤﻪﻙ‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪﻙ ﺗﺎﺯﯨﻠﯩﻘﻰ ۋە‬ ‫ﺗﺎﺋﺎﻣﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﯘﻧﺠﻰ ۋە ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺋﻪﺳﻪﺭ‪›» ،‬ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ‹ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪھﯩﻴﻪ ۋە‬ ‫ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼﺵ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﯩﻐﺎ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ«]‪.[76‬‬

‫ﻏﻪﺭﺏ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﻰ ‪ XIV‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﺪﯨﻦ ‪ 2000‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ‪ 100‬ﭼﻮڭ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺭﻭﺑﯧﺮﺕ ﺗﺎﭘﻤﻮﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ »ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ« ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫‪ -15‬ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﺳﻘﯘﻳﻨﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎھﺎﻻپ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» :‬ﻗﻮﺳﻘﯘﻱ ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ‪ -1314‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -1330‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺳﺎھﻪﺩە‬ ‫ﺗﯧﯟﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ›ﺗﺎﺋﺎﻡ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻﺵ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻗﻮﺳﻘﯘﻱ‬ ‫ﺋﻮﺯﯗﻗﻠﯘﻕ ﻳﯧﺘﯩﺸﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﭘﯘﺕ ﺗﻪﻣﺮەﺗﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜﺭﻯ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﺎپ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ھﯚﻝ ﺗﻪﻣﺮەﺗﻜﻪ ۋە ﻗﯘﺭﻏﺎﻕ ﺗﻪﻣﺮەﺗﻜﻪ( ﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‬ ‫ﺩﺍۋﺍﻻﺵ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ — ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ۋﯨﺘﺎﻣﯩﻦ ‪ B1‬ھﻪﻡ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋﯨﺘﺎﻣﯩﻨﻼﺭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﻳﯧﻤﻪﻛﻠﯩﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ«‪.‬‬

‫‪122‬‬


‫‪ (6‬ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﻰ ﺋﯘﻗﻤﯩﺶ ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺩﯦﯖﯩﺰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜەﻥ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻕ ﺗﻪﺭەپ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﻣﯘﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ )‪» (1294 — 1245 ،Rabban — Sauma‬ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻥ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ«]‪» [77‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ«]‪ .[78‬ﻳﻪﻧﻪ ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ )‪ (Rabban‬ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ »ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﯧﺴﺘﯘﺭﯨﺌﺎﻥ ﻣﻪﺯھﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ؛ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ )‪ (Sauma‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ‬ ‫ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﯧﺴﺘﯘﺭﯨﺌﺎﻥ ﻣﻪﺯھﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ‬ ‫ﺷﺎﻳﺒﺎﻥ‬

‫( ( ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫ﺯﯨﻴﺎﻟﯩﻴﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺟﻴﺎۋﺧﯘﻱ )‬

‫ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﻰ( ﻧﯩﯔ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ‬

‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ 20 ،‬ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺩﯗﺋﺎ‪-‬ﺗﯩﻼۋەﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ( ﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﻪﻧﺠﻮڭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻧﯧﺴﺘﯘﺭﯨﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﯦﺨﺒﯩﺸﻮپ ﻣﺎﺭﮔﺎﻳﯟﺍﺭﮔﯘﺋﯩﺲ )‪ (Guibarguis Arehbishop Mar‬ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﺸﻰ )ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻪ ﭼﯧﺮﻛﺎۋﺩﺍ ﺋﻮﻗﯘپ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﺶ ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯘﻳﯘﺵ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ(‬ ‫— ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ]‪ (Marcus) [79‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫‪ -1278) 1275‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﯦﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ(‪ -‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺟﺎﻱ — ﺋﯧﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺳﻮﺩﺍ‬ ‫ﻛﺎﺭۋﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺗﺎﯕﻐﯩﺘﻼﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺩﻭﯕﺸﯧﯔ‬

‫((‪ ،‬ﻧﯩﯖﺸﻴﺎ‬

‫)ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﻳﯩﭽﯜەﻥ(‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ‪ ،‬ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ‪ ،‬ﺗﺎﻻﺱ‪ ،‬ﺗﯜﺱ‪ ،‬ﺋﻪﺯەﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﻗﺎ‬ ‫ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﻳﻮﻟﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﻧﯧﺴﺘﯘﺭﯨﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ﻛﺎھﯩﻨﻰ ﻣﺎﺭﺩﯦﻨﺨﺎ )‪(Patriarch Mar Denha‬‬ ‫ﻏﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺋﻪﺭﻣﻪﻧﯩﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﮔﻮﺭچ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﮔﺮﻭﺯﯨﻴﻪ(‬ ‫‪123‬‬


‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺗﺎۋﺍﭘﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ ﺯﯨﻴﺎﺭەﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺋﯧﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﭘﯩﻼﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﺎﺷﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯘﺷﯩﺮ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﺮﺍﻗﻨﯩﯔ ﻣﯘﺳﯘﻝ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﺎﻳﯩﺪﯨﻜﻰ )ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺭﺑﯧﻼ ›‪ ‹Arbela‬ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ›‪ Taint Mamicael‬ﺗﺎﺭﯦﻞ‹( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﭼﯧﺮﻛﺎۋﻏﺎ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺸﯩﺪﯗ‪ -1280 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﺎﺭﺩﯦﻨﺨﺎ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﻏﺪﺍﺩﻗﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ‪ ،‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ(‬ ‫ۋە ﺋﻮﯕﻐﯘﺗﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺭﯨﺦ ﺑﯩﺸﻮپ )ﻛﺎھﯩﻦ — ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺵ ۋەﻛﯩﻠﻰ( ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ ۋە‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺑﺎﻻﺧﺎ )‪ (Yabalaha‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪ 35‬ﻳﺎﺷﺘﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‬ ‫ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﻰ ﭼﺎﺭﻻپ ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ — )ۋﺑﺰﯨﺘﻮﺭ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻝ ‪ (General Visite‬ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ]‪ .[80‬ﺋﯘ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯧﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻣﯘ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﻳﻮﻝ ﺋﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯚﺯ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪-1280‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -24‬ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺭﺩﯦﻨﺨﺎ ﺑﺎﻏﺪﺍﺗﺘﺎ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﻛﺎھﯩﻦ ﺳﺎﻳﻼﺷﻘﺎ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎﺭﺑﯧﻼﺩﯨﻦ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﺳﺎﻳﻼﻣﺪﺍ ﺋﯘ ﻛﺎھﯩﻦ —‬ ‫ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﺍھﯩﻲ ﭘﺎﺗﺮﯨﺌﺎﺭﯨﺦ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ -1281 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -11‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﺭﺍﺳﯩﻤﻰ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯧﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﺑﺎﻏﺎ )‪ (Abaka‬ﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻳﺎﺑﺎﻻﺧﺎ ‪ (III (III Yahbah — Allaha‬ﺩەپ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ]‪ .[81‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﺑﯘ ﻳﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻣﺎﻧﺎﺥ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ‪ 36‬ﻳﯩﻞ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺩﺍھﯩﻲ )ﻛﺎھﯩﻦ( ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﺑﺎﻏﺎ ﺋﯚﻟﯜپ‪-1284 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ ‪ -8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -11‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺋﯧﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ -1287 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ‬ ‫ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ )ﺋﯧﺮﯗﺳﺎﻟﯩﻢ( ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺳﯜﺭﯨﻴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﻮﻳﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻳﯩﻠﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ ۋە ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﻰ ‪ -1287‬ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﻛﻮﻧﺴﺘﺎﻧﺘﯩﻨﭙﻮﻟﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺋﺎﻧﺪﺭﻭﻧﯩﻜﻮﺱ ‪II‬‬ ‫‪ ((Andironicos‬ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﻬﻤﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﺎﺭﺩﯨﻨﺎﻝ ﻳﯧﺮﻭﻣﻰ‬ ‫)‪ (Jerome‬ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮە ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯨﺪﯗ‪ .‬ﭘ���ﭘﺎ ﺧﻮﻧﯘﺭﯨﺌﻮﺱ )‪ II (IIHonorisun‬ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪-4‬‬ ‫ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﻳﯧﺮﻭﻣﻰ ‪ -1288‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﺋﯘ‬ ‫‪124‬‬


‫ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ ﭘﺎﺭﯨﮋ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﻓﯩﻠﯩﭗ ﻓﺎﺋﯩﺮ ) ‪— IV (Philippele Bel‬‬ ‫‪ (Philippe the Fair‬ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ۋە ﺩﺍﻏﺪﯗﻏﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻳﻪﺳﺴﻪﺭ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ۋە ﺳﻮۋﻏﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﭘﺎﺭﯨﮋﺩﺍ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺭ‬ ‫)ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﮔﺎﺳﻜﻮﻧﻰ ‪ -Gascory‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ( ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺋﯧﺪۋﺍﺭﺩ‬ ‫) ‪ (I Edwardl‬ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﯩﺪﯗ‪ .‬ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﻴﻪ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛﺵ )ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ‪ ،‬ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯧﻠﺨﺎﻧﯩﻼﺭﻧﻰ( ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪﯗ‪ -1288 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪە ﻳﯧﯖﻰ ﭘﺎﭘﺎ ﻧﯩﻜﻮﻻﺱ ) ‪ (IV (IVNicholas‬ﻧﯩﯔ ۋەﺯﯨﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭ‬ ‫ﺗﯧﭙﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺧﯧﺘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﭘﺎﭘﺎ ﺋﺎﺭﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜﺭ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ ھﻪﻡ ﺳﻮۋﻏﺎ‪-‬ﺳﺎﻻﻣﻼﺭ ﻳﻮﻟﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺧﺎﻥ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪ ،‬ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺗﻴﺎۋﻟﻰ‬ ‫ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﻰ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪﺯەﺭﺑﻪﻳﺠﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﺰﺩە( ﻏﺎ ﻳﺎﻧﺪﺍﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺑﯩﺮ ﭼﯧﺮﻛﺎۋ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﺎﺭﻏﺎ‬

‫( ( ﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭼﯧﺮﻛﺎۋ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ -1293‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ )ﻳﺎﺑﺎﻻﺧﺎ ‪ (III‬ﻧﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ ﻧﺎﺋﯩﺒﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗپ ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ )‪ -1294‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -1 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -10‬ﻛﯜﻧﻰ( ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ -1317‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-11‬‬ ‫ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -13‬ﻛﯜﻧﻰ ﻣﺎﺭﻏﺎ ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ‪ 72‬ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪» .‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺭﯨﻢ‬ ‫ﭘﺎﭘﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ۋە ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺧﺮﯨﺴﺘﯩﺌﺎﻥ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﭻ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﺩﻯ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﺴﺴﯩﻴﻮﻧﯩﺮ گ‪ .‬ﻣﻮﻧﺘﯧﻜﻮﺭ ۋﯨﻨﻮ ) ‪Giovanida.‬‬ ‫‪ (1247 — 1328 ،Montecorvino‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺷﺘﻪ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﺪﻯ«]‪ .[82‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ -1887 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﯜﺭﯨﻴﻪ »ﻛﺎھﯩﻦ ﻳﺎﺑﺎﻻﺧﺎ ۋە ﭼﺎﺭﻻپ‬ ‫ﻳﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﺎﺵ ﺗﻪﭘﺘﯩﺶ ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ« )ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ( ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎﻧﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﺩﮔﯥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩەﻡ ‪ -1928‬ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻴﯘﻳﯘﺭﻛﺘﺎ‬ ‫»‪ « Kubilai Khan» Budge The Monks of‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ -1958‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﺪﺍ »ﻣﺎﺭﻳﺎﺑﺎﻻﺧﺎ ‪ III‬ۋە ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫‪125‬‬


‫‪) «IIистория МаряьалахииРььан Саумь‬ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻯ ‪ (H. B个 Пигевская‬ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺏ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫»ﺋﯘﮔﺪﺍﻱ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩ‬

‫( ( ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‪،‬‬

‫ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﻮﯕﻜﯧﺨﺎﻥ ﻧﺎﺧﯘەﻱ‬

‫((‪ ،‬ﺗﺎﻻﻗﺎﻱ‬

‫( ﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻧﻰ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬

‫ﺟﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻧﺎﻳﯩﺒﻰ]‪ [83‬ﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪ (7‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ‪ .‬ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﮔﯘەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ‪،‬‬ ‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ‪ ،‬ﻣﺎ ﺯﯗﭼﺎڭ‪ ،‬ﺷﯚ ﺋﺎﯕﻔﯘ‪ ،‬ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﺸﻴﻪﻥ‪ ،‬ﮔﺎۋ ﻛﯧﻜﻮڭ‪ ،‬ﺟﺎۋ ﺷﯩﻴﻪﻥ‪ ،‬ﻣﺎ ﺷﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺷﯩﻦ ۋﯦﻨﻔﺎڭ‪ ،‬ﺷﯥ‬ ‫ۋﯨﻨﺠﻰ ﻗﺎﻳﺎ‪ ،‬ﻟﻴﻪﻥ ﭘﯘﻛﯜﻱ‪ ،‬ﭼﻰ ﻧﻪﻧﻪﻗﺎﻳﺎ‪ ،‬ﺷﯥ ﻳﯜﻟﻰ‪ ،‬ﺷﯥ ﺟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻧﻪﻱ ﺷﻪﻥ‪ ،‬ﺳﻪﻥ ﺑﺎۋﺟﯘ‪ ،‬ﺑﻴﻪﻥ ﻟﯘ‪ ،‬ﺗﯧﻪﻥ‬ ‫ﺳﺎﯕﻴﺎ‪ ،‬ﻟﻴﻪﻥ ﺧﯩﯔ‪ ،‬ﻛﻪﻳﻠﯩﺒﺎﺵ‪ ،‬ﻣﺎﺭﯗﻥ‪ ،‬ﺷﯩﯔ ﺷﯩﻤﯩﯔ‪ ،‬ﺩﺍﺩﯗﻟﯘ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺑﯘﻗﺎﺗﯧﮕﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻰ ﻟﯩﺸﺎ‪ ،‬ﺷﺎھ ﺷﯟەﻧﯟﯨﯔ‪،‬‬ ‫ﻟﻴﻪﻥ ﺩﯛﻥ‪ ،‬ﺟﯩﻦ ﺳﺎﯕﻴﺎ‪ ،‬ۋﺍڭ ﺑﺎۋﺟﯘ‪ ،‬ﺷﯥ ﺑﻪﻳﻠﯩﻴﺎۋﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻨﻼ ﺭﻭﺷﻪﻧﻜﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻞ‪-‬ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ ‪ 28‬ﺋﻪﺩﯨﺒﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ‪ 30‬ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺩەۋﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻜﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩەﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻪﺩﯨﺌﯩﻴﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەﻥ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ‬ ‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﭘﯘﻗﺮﺍﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻰ ۋە ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰھﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫‪126‬‬


‫ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮ‪ ،‬ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﭘﺮﺍﻕ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺷﯧﺌﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯧﻴﺖ‪ ،‬ﻧﻪﺯﻣﻪ )ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ( ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻨﯩﯔ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻪڭ ۋە ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‬ ‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯟﺍڭ‪-‬ﻳﺎﺳﺎﻕ‪،‬‬ ‫ھﺎﺷﺎﺭ ۋە ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﯜۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻳﻨﻪﻥ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺧﯩﻴﺎﻧﻪﺗﭽﻰ‪-‬ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻣﻪﻧﺪﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻡ‪-‬ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻦ ﭘﺎﻙ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺧﺎﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﯧﭽﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ‬ ‫ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰھﺎﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎ‪ .‬ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺕ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻣﻪﭘﺘﯘﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﮔﯜﺯەﻝ ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩەﺭﻳﺎﻻﺭﻧﻰ ﻛﯜﻳﻠﻪپ‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻟﯩﺮﯨﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ )‪ (1324 — 1286‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ‬ ‫( ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ‪ ،‬ﻣﯘﺯﯨﻜﺎﻧﺖ ۋە ﺭەﺳﺴﺎﻡ‪ ،‬ﻏﻪﺯەﻟﭽﻰ‪ ،‬ﺩﺭﺍﻣﺎﺗﯘﺭگ‪،‬‬

‫ﻏﻪﺯەﻝ )‬

‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﮔﯜﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ‬

‫( ( ﺩەپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ‬

‫((‪ ،‬ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﻗﺎﻳﺎ‬

‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼﺭ ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ »ﻛﯜﻥ ﺳﻪۋﻧﭻ« ﻧﯩﯔ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﯩﺴﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺳﯜەﻧﺠﻪﻱ )‬

‫—( ﺗﺎﯕﺴﯘﻕ‪ ،‬ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ‪-‬ﭼﯜﭼﯜﻙ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺟﯩﻤﺴﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬ﮔﯜەﻥ‬ ‫ﻳﯜﻧﺸﻰ ‪ 39‬ﻳﯩﻞ ﺋﯚﻣﯜﺭ ﻛﯚﺭﺩﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﻐﯩﻨﺎ ھﺎﻳﺎﺗﯩﺪﺍ ﻛﯚپ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﯨﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﻗﻪﻟﻪﻣﮕﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﯩﻤﯘ ﻣﺎھﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ‬

‫ﺑﯘﺩﺩﺍ‬

‫ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪﭼﯩﺴﻰ‬

‫ﺋﯩﺪﻯ‪،‬‬

‫ﺋﯘ‬

‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪،‬‬

‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‬

‫ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬

‫ﻧﺎﺧﺸﺎ‪-‬ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫‪127‬‬


‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻰ ۋە ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﺸﯩﻐﺎ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﻛﯚپ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﺎﻻﻧﺘﻰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺕ‬ ‫ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮ‬ ‫((‪ ،‬ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ‬

‫((‪ ،‬ﺩﺭﺍﻣﺎ‬

‫((‪ ،‬ﺑﯧﻴﺖ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﻏﻪﺯەﻝ‬

‫( ( ﻳﯧﺰﯨﺸﺘﺎ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﮔﯜﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ ﺯﻭﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎڭ‬ ‫ﺟﻴﺎۋﻳﯩﯔ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ »ﺑﺎھﺎﺭ ﻗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ«‬

‫((‬

‫( ( ۋە »ﺗﯩﻨﭻ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ«‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪» ،‬ﺑﺎھﺎﺭ‬ ‫ﻗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ« ﻏﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ‪ 36‬ﭘﺎﺭﭼﻪ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫»ﺗﯩﻨﭻ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ« ﮔﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ‪ 30‬ﭘﺎﺭﭼﻪ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻙ ﻛﯜﻳﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﻟﺘﻪ‬ ‫ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﮔﯘەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎڭ ﺟﻴﺎۋﻳﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺩﻭﺳﺘﻰ‬ ‫ﺷﯘﺯەﻳﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﻼﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺳﯘەﻧﺘﻴﻪﻥ ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ«‬ ‫ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﻘﺎﻥ‪» .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ‬

‫«( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫( ( ﻏﺎ ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ‪27‬‬

‫ﻛﯘﭘﻠﯧﺖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﻪﺭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬

‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﻛﺘﯘﺋﺎﻝ )ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ( ﺋﯩﺪﻯ‪.‬ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻦ ﺯﺍﺭﻟﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺗﻪﺭﻛﯩﺪﯗﻧﻴﺎﻟﯩﻖ‬ ‫ﺧﺎھﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ‪ .‬ﺋﯘ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺰﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﺎﻡ‪-‬ﺋﻪﻣﻪﻟﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼﺭﻏﺎ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﭘﺎﺳﯩﻘﻠﯩﻖ ﻗﺎﭘﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘھﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﻨﭻ‪ ،‬ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ ۋە ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺑﯩﻠﻠﻪ‪ ،‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫‪128‬‬


‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺭﻗﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺯﻭﻕ‪-‬ﺷﻮﺥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯜﻳﻠﻪﺵ‬ ‫ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻣﯘھﯩﺘﻨﻰ ﭘﯘﺧﺎﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﻪ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﺵ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺧﻪﺗﻪﺭﻟﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﺎﺟﯩﺮﺍﺩﯨﻦ ﺗﯩﻨﭻ‪،‬‬ ‫ﮔﯜﺯەﻝ ﻣﯘھﯩﺘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﯩﺰ‪-‬ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘھﻪﺑﺒﯩﺘﻰ ۋە ھﻪﺳﺮەﺗﻠﯩﻚ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺑﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ‪— (1305 — 1355‬‬

‫( ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺐ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺗﺎۋ ﺯﻭﯕﻴﻰ‬ ‫ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ«‬

‫(( ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ‬

‫«( «( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ‪ -7‬ﺟﯩﻠﺪﯨﺪﺍ‪ ،‬ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﻰ‬

‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ »ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﻴﻪﻧﺸﻰ‬

‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫« « ﺩەپ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﺎﻥ‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺳﯜﭘﻪﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪،‬‬ ‫ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﺪە ﮔﻪۋﺩﯨﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ‬ ‫ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺧﻪﺯﯨﻨﯩﺴﯩﺪە ﺳﻪﻝ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ .‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭﻯ ﭼﯩﻦ ﻳﯜەﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‬ ‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻱ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﻮﻟﺪﺍﺵ ﻣﺎۋ ﺯﯦﺪﯗڭ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ‪ -4‬ﺗﻮﻡ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ »ﭘﺎﺭە‪-‬ﭘﺎﺭە ﺑﻮﻟﯘۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﻛﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﻪﺭ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﺗﯩﻨﭽﻠﯩﻖ ﺩەپ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺟﺎﺭ ﺳﺎﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ »ﺷﯩﺘﯘﭼﯩﯖﻐﺎ‬ ‫‪129‬‬


‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﻪﻗﯩﻠﻠﻪﺭ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺩەﻟﯩﻠﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﺎﺷﯘﺭﯗﺷﺘﺎ‬ ‫ﭘﺎﻳﺪﯨﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ »ﻳﻪﻧﻤﯩﻦ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‬

‫«( «( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪.‬‬

‫ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﯘﺩﺩەﺕ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻯ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎچ‪-‬ﻳﺎﻟﯩﯖﺎﭼﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ﺟﺎﭘﺎ‪-‬ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ‬ ‫ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﻗﻮﺯﻏﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﭘﺎﺟﯩﺌﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ۋە‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ۋەھﺸﯩﻴﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺏ‪-‬ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻦ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻦ ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺗﯩﻠﻪﻣﭽﻰ ﻗﯩﺰ«‬

‫((‪» ،‬ﺗﺎڭ ﮔﯜەﻥ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺵ«‬ ‫«( «(‬

‫«(«(‪» ،‬ﺗﺎڭ ﺳﻪھﻪﺭﺩە ﺧﯘﺍﯕﺨﯥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻢ«‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩھﯩﻴﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ ۋە ﺋﯧﻐﯩﺰﺩﯨﻦ‪-‬ﺋﯧﻐﯩﺰﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﯩﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺵ‪ ،‬ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺩﺍۋﺗﻴﻪﻥ ﺧﻪﻥ‬ ‫ﺋﻮﻳﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ »ﺳﺎ ﺗﻴﻪﻧﺸﻰ — ›ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ‹ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ«‬

‫(( ﺋﺎﺑﯩﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫«‬

‫« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﮔﻪ ﺗﺎﺭﻗﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﯩﺴﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺭﯗۋﺍﺩﻯ‬ ‫»ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﺍ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ »ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ھﻪۋەﺳﻜﺎﺭﻟﯩﺮﻯ ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻳﺎﺕ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﺎ ﺋﻪﻣﻪﺱ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺳﻪﻳﺪﯗﻟﻼ ۋە ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ »ﻳﻪﻥ ﻣﯩﻦ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ‬ ‫ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﭼﺎﻗﻨﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﮔﯚھﻪﺭ‪.‬‬

‫ﺷﯚ ﺋﺎﯕﻔﯘ‬

‫( ( ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ‪.‬‬ ‫‪130‬‬


‫«(«( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻧﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ —‬

‫ﺗﺎۋﺯﻭﯕﻴﻰ »ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺟﻪۋھﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ«‬ ‫« « ﺩەپ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯚﺋﺎﯕﻔﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﺩﺍﯕﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﯘﭘﻠﯧﺖ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﻏﻪﺯەﻟﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﻛﯚپ‪» .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ‬ ‫«( «( ﺩە ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻳﯜﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ‪ 65‬ﻛﯘﭘﻠﯧﺖ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻳﯜﺭﯛﺷﻠﯜﻛﺘﯩﻦ ﺋﯜچ ﻛﯜﻳﻰ ﺑﺎﺭ‪.‬‬

‫ﻏﻪﺯەﻟﻠﯩﺮﻯ«‬

‫ﺷﯚﺋﺎﯕﻔﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪڭ‪ .‬ﺋﯘ ﻧﻪﺳﺮﯨﻲ ﻏﻪﺯەﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ھﻪﺟﻤﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ‪،‬‬ ‫ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ژﺍﻧﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯜﺭﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ۋە‬ ‫ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯚﺋﺎﯕﻔﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﻛﯜﻳﻠﻪﺵ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﻯ ﻛﻪﺯﮔﻪﻥ ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩەﺭﻳﺎﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﮕﺎھﻼﺭﻧﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ۋە ﺟﻪﺯﺑﯩﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺧﺎﺱ ﺋﯘﺳﻠﯘﺏ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯚﺋﺎﯕﻔﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﻣﻪﺭﺩﺍﻧﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺯﻭﻕ‪-‬ﺷﻮﺧﻠﯘﻕ ﻛﻪﻳﭙﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﯘﺭﻏﯘپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪،‬‬ ‫»ﺟﯘﯕﻠﯜ‪ .‬ﺗﺎﻍ ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﻳﻼﺭ« )‬ ‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫««( ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻛﯚﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﻣﻪﺩھﯩﻴﯩﻠﻪﺭ‪ .‬ﺑﺎھﺎﺭ«‬

‫«(«(‪» ،‬ﻗﻪﺳﯩﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ«‬

‫«( «( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬

‫ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯗﺭ‪.‬‬

‫ﻣﺎﺯﯗﭼﺎڭ‪) (1278—1339‬‬

‫( ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﻗﺴﯘﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﯨﺪﯨﻦ‬

‫ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪131‬‬


‫ﻣﺎﺯﯗﭼﺎڭ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ »ﻟﯥ ﺧﻮۋﺟﯩﻦ ﺋﻪﻳﻨﯩﻜﻰ«‬ ‫?«(«(‪» ،‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ«‬ ‫«(«(‪» ،‬ﺷﯩﺘﻴﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‬

‫«(«(‪» ،‬ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻳﻠﯩﻖ ﺳﺎﺭﺍﻱ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ«‬

‫«( «( ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ »ﻳﯩﯖﺰﯗﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«‬

‫«(«( ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪» .‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺭەﺳﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ«‬ ‫»ﭼﯩﯖﺨﯘﺍﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‬

‫««‪،‬‬

‫«( «( ﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻣﺎﺯﯗﭼﺎڭ ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻟﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺯﺍﺏ‪-‬ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻡ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﻨﻰ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﺰﯨﻠﮕﯜﭼﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﯧﺴﺪﺍﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﻲ‬ ‫ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ ﺳﻮﺭﯗﻧﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﻤﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺴﺎﻧﻼﺭﻏﺎ ﻧﺎﺭﺍﺯﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻳﺶ‪-‬ﺋﯩﺸﺮەﺕ‪ ،‬ﻛﻪﻳﭗ‪-‬ﺳﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻏﻪﺯەپ‪-‬ﻧﻪﭘﺮﯨﺘﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ۋە ﺑﺎﻳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﻜﺴﭙﯩﻼﺗﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ھﻪﻡ ﺑﯘﻻڭ‪-‬ﺗﺎﻻڭ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻣﮕﻪﻛﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﻘﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺯﺍﺏ‪-‬ﺋﻮﻗﯘﺑﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﭘﺎﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻣﺎﺯﯗﭼﺎﯕﻨﯩﯔ »ﺷﯩﺘﻴﻪﻥ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﻣﻮﻝ‪ ،‬ﺗﯧﻤﯩﺴﻰ ﻛﻪڭ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﺪﯨﻴﯩﯟﻯ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺳﺎﻏﻼﻡ ۋە ﺋﯩﻠﻐﺎﺭ‪.‬‬

‫ﻣﺎﺯﯗﭼﺎﯕﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻚ — ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﺟﻤﻰ ﭼﻮڭ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪،‬‬ ‫»ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﺩەﺭۋﺍﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯜﺯ ﻗﺎﭘﯩﻴﻪ«‬

‫—‬

‫»ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﻨﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﺳﻪﻛﺴﻪﻥ ﻗﺎﭘﯩﻴﻪ« —‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺩﯗﻓﯘﻧﯩﯔ »ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﺳﻪﭘﻪﺭ«‬

‫«( «( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻣﯩﯔ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫«( «( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ‪ 800‬ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬

‫«( «( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (8‬ﺭەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ۋە ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ‬

‫‪132‬‬


‫ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺭەﺳﺴﺎﻣﻼﺭ ۋە ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭەﺳﺴﺎﻣﻰ ﺑﻴﻪﻧﻠﯘ‬

‫( ( ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﺑﺎﻣﺒﯘﻛﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎۋﯗﻝ« )‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫ﺭەﺳﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ‪ .‬ﺑﻴﻪﻧﻠﯘ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﻰ ﺳﯩﺰﯨﭗ‪ ،‬ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺭەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻴﯩﺘﻘﺎﻥ]‪.[84‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﻰ‪ ،‬ﻧﻪﻳﺸﻪﻥ‪ ،‬ﮔﺎۋ ﻛﯩﻜﻮڭ ﺑﯘ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺑﯘﻗﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ )ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﻡ ھﻪﻡ ﺧﻪﺗﺘﺎﺕ(‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪.‬‬

‫ﻛﯜﺳﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﭼﯩﯖﺸﯩﻤﯩﯔ ۋە ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘڭ‪ ،‬ﻟﯜﻟﯜ‬

‫( ( ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯩﺸﻪﻥ‪ ،‬ۋﯨﻨﻴﯩﻨﺎﺷﯩﻞ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‬

‫ﺋﺎﺗﺎﻗﻠﯩﻖ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﮕﯘڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯەﻝ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﯩﺪﯗﺭ]‪.[85‬‬

‫ﭼﯩﯔ ﺷﯩﻤﯩﯔ‬

‫(( »ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ‬

‫ﺳﯚﺯﯨﺪە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﺳﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ﻛﯜﺳﻪﻧﺪە ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﻣﻪﺭﯨﭙﻪﺕ‬ ‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﮔﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ۋەﺯﯨﭙﻪ ﺋﯚﺗﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە »ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ«‪» ،‬ﺭەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ«‪» ،‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﺧﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ«‪» ،‬ﻛﯜﻳﺠﺎڭ ﺭﺍۋﯨﻘﻰ]‪ [86‬ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻘﺎ‬ ‫ﺭەﺩﺩﯨﻴﻪ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ۋە »ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﺎﻣﻪ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺯﻭﺭ ھﻪﺟﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﺶ‪-‬ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﯘھﺎﻛﯩﻤﻪ«‪،‬‬ ‫»ﺭەﺳﺴﺎﻣﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺩﺍﯕﻖ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ (9‬ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭ‬

‫‪133‬‬


‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﻯ — ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﻛﻪڭ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ‪،‬‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﯚپ‪ ،‬ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﻛﯧﯖﻪﻳﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯘﭼﻰ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﺭﻕ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﻯ — ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‪ ،‬ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻛﯚﯕﯜﻝ ﺑﯚﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﺎﺵ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ«]‪.[87‬‬

‫)‪ (1‬ﺋﺎﺭﺍﺳﺎڭ‬

‫( ( ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺭﺍﺳﺎڭ )؟—‪ (1293‬ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﮔﻮﺑﺎۋ‬

‫( ( ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯩﻤﺴﺎﺭ‬

‫ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە( ﺗﺎ ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻪۋﻻﺩﺗﯩﻦ – ﺋﻪۋﻻﺩﻗﯩﭽﻪ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ‪-‬ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ۋە ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﺗﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻡ ﺳﯘﺗﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯘﯕﺰﯨﭽﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەﺭﺩﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯚﻟﯩﻤﺎﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎﺵ ﺗﯘﺭﯗﭘﻼ ﻧﺎﻡ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﯚﯕﻜﯧﺨﺎﻥ ﺋﺎﺭﺍﺳﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﺍﯕﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻱ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪە ‪ 10‬ﺗﻮﻣﻠﯘﻕ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ — »ﺋﺎﻏﯩﻠﯩﻖ ﻧﻮﻣﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﭘﻪﻧﺪﻯ‪-‬ﻧﻪﺳﯩﻬﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‬ ‫«( «( ﻧﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﻐﺎ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﺧﺘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ »ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ۋە‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ‪-‬ﭘﻪﺱ ﺋﯩﺸﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎپ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﮕﻪ‬ ‫ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ« ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە »ﻧﻪﺳﺮﻧﺎﻣﻪ«‬ ‫‪134‬‬

‫«(«( ﺩﯨﻜﻰ‪» ،‬ﭘﺎﺭﺍﻏﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ«‬


‫‪.‬‬

‫ﻗﯩﺴﻤﻰ‬ ‫»ﺋﯚﺭﻧﻪﻙ«‬

‫«(«(‪» ،‬ﺟﯧﻨﮕﯜەﻥ]‪ [88‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ«‬

‫«(«(‪،‬‬

‫«( «( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ‬

‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﯘﺑﻼﻳﻐﺎ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ »ﻧﻪﺳﯩﺮﻧﺎﻣﻪ«‬ ‫«(«(‪» ،‬ﻧﻪﻥ ﺟﯩﯔ« )ﺭﯨﻴﺎﺯەﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ( »‬

‫((‪» ،‬ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺋﯩﺪﺍﺭە ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯚﺭﻧﻪﻛﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫«‪» ،‬ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ«‬

‫((‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ]‪ .[89‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺩﻭﺭﯨﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮﻯ ﺳﯘڭ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﻨﻰ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ »ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ« ۋە‬ ‫»ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬

‫»ﻧﻪﺳﺮﻧﺎﻣﻪ«‬

‫( ( ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪۋھﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‬

‫ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺵ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﺎﺭﺍﺳﺎڭ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯚﺯ ﻳﯜﮔﯜﺭﺗﯜپ‪ ،‬ﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﯩﻘﺒﺎﻟﯩﻨﻰ ﺭﯗﺳﻼپ‪ ،‬ﺋﻪﻟﻨﻰ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼپ‪،‬‬ ‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﻠﯩﻬﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﯛﺵ‬ ‫ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺭﺍﺳﺎڭ ‪ -1293‬ﻳﯩﻠﻰ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﯘﺑﻼﻱ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﺳﺘﺎﺯ‬ ‫ﺑﻪگ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ]‪.[90‬‬

‫)‪ (2‬ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﻯ‬

‫( ؟ — ‪ (1332‬ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﮔﺎﻣﺮﻭ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﯩﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ‬

‫ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺗﯘﺑﯘﺗﭽﻪ ۋە‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﻪﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻣﯧﻬﻤﺎﻧﻼﺭ ۋە‬ ‫ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ‪-‬ﭼﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﻯ‬ ‫‪135‬‬


‫ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﻯ‬ ‫ﺧﻪﺕ‪-‬ﭼﻪﻙ‪ ،‬ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ۋە ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ‪-‬ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ‬ ‫ﺳﻮۋﻏﺎﺗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺰﺍﻛﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﻪﺕ‪-‬ﭼﻪﻙ‪ ،‬ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻐﺎ ﺳﯘﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﺌﯘﻝ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺷﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﺳﻮۋﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪە ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﻛﯚﺭﯛﻟﻤﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻣﻮﻟﻠﯩﻘﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﻳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪە ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﻗﯩﻴﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼﺭ ھﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ھﻪﻣﻜﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﻯ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼﻧﻐﺎﻥ ۋە ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﻳﯘﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻡ‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺩﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‪-‬ﺳﻪﻧﺌﻪﺕ ۋە ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﺎھﻪﻟﻪﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺯﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻣﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺭﺍۋﺍﺟﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﯜﺭﺗﻜﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺗﯘﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩﺍﺩﯦﻨﯩﯔ ‪ -6‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫)‪ (1302‬ﭘﺮﺍﺟﻨﺎﺷﺮﻯ ﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺭﺍھﯩﺒﻠﯩﻘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘ‬

‫»ﺳﻮﺭﯗﻧﮕﺎﻣﺎ‬

‫ﺳﺎﻣﺎﺩﺧﻰ‬

‫ﻧﻮﻣﻰ«‪،‬‬

‫»ﭼﻮڭ‬

‫ﻧﯧﺮۋﺍﻥ‬

‫ﻧﻮﻣﻰ«‪،‬‬

‫»ﻣﺎﺧﺎﻳﺎﻧﺎ‬

‫ﻣﻪﺯھﯩﭙﯩﻨﯩﯔ‬

‫ﺋﻪﺧﻼﻕ‪-‬ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪﺩھﯩﻴﻪ« ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺧﯩﻞ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻧﻮﻣﯩﻨﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ ۋە‬ ‫ﺗﯜﺑﯜﺕ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﭽﯩﻐﺎ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﺨﯩﻼﺭ ﺑﯘﺩﺩﯨﺰﻣﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[91‬‬

‫)‪ (3‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﺎﺭﯗﻧﺎﺩﺍﺱ]‪[92‬‬

‫( ؟ — ‪(1312‬‬

‫ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪﺍﺭﻯ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫‪136‬‬


‫ﺗﯩﻠﻨﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯘﺑﻼﻳﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ‪ 20‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﺎﺭﯗﻧﺎﺩﺍﺱ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺭﺍۋﺍﻥ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ھﻪﻳﺮﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎﻥ‪» .‬ﺑﯘ ﻛﺎﺭﯗﻧﺎﺩﺍﺳﻨﯩﯔ ﭼﻪﺕ‬ ‫ﺋﻪﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ«]‪ .[93‬ﺋﯘ ‪ -1312‬ﻳﯩﻠﻰ ۋﺍﭘﺎﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬

‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺭﻭﻟﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪،‬‬ ‫»ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ‪ ،‬ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﺭﺩﯨﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻛﯜﺗﯜۋﺍﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ«]‪.[94‬‬

‫‪ (10‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﻯ‪.‬‬

‫‪ 16‬ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ »ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ 135 ،‬ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ »ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ 496 ،‬ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ »ﺳﯘڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ﺩەۋﺭﺩە ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫)‪ (1‬ﻟﻴﻪﻥ ﺧﯘﻳﺸﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎ‬

‫( ( ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺑﯘﺭﯗﻟﻘﺎﻳﺎﻧﯩﯔ‬

‫ﻧﻪۋﺭﯨﺴﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻧﺨﯘﻱ ﮔﯘﺍڭ ۋﯗﺩﻯ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍﺭﯗﻏﺎﭼﻰ )ﺑﺎ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺸﻰ( ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﻗﺎﻳﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ‪،‬‬ ‫ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﺸﻴﻪﻧﻨﯩﯔ ﺟﯩﻴﻪﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ -1345 — 1274 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺟﯩﻦ‪ ،‬ﻟﻴﺎۋ‪ ،‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ‪ ،‬ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﻪﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪» .‬ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﺸﻴﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎ ›ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‹ ﻧﻰ‬ ‫ﺗﯜﺯﮔﯜﭼﻰ‪ ،‬ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺷﻪﺧﺲ ﺋﯩﺪﻯ«]‪ ،[95‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ »ﻳﯩﯖﺰﻭڭ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«‬

‫«(«(‪» ،‬ﺷﻴﻪﻧﺰﯗڭ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫‪137‬‬

‫«(«( ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺷﻜﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ]‪.[96‬‬


‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ »ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ‬ ‫ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ -1343 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯜەﻥ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﻰ ﻟﻴﻪﻥ ﺧﯘﻳﺸﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯚﺕ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻟﻴﺎۋ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﺎﺟﺮﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ ‪ -1343‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -4‬ﺋﺎﻳﺪﯨﻦ ‪ -1344‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -3‬ﺋﺎﻳﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ‪ 106‬ﺟﯩﻠﺪ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻟﻴﻪﻥ ﺧﯘﻳﺸﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎ ﻳﻪﺗﻤﯩﺶ ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪» .‬ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﺗﻮﻟﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﻟﻴﺎۋ ﺩەۋﺭﯨﻨﯩﯔ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﻟﻴﺎۋ )ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ( ﺩەۋﺭﯨﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻮﻝ ۋە ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ‪.‬‬

‫)‪ (2‬ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ‬

‫( ( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﯔ ﺟﯧﯔ )‬

‫( ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬

‫ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﯘﻟﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺑﯧﮕﻰ ﺋﺎﺭﯗﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪﻯ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﻮﻗﯘﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ )‪ (1370 — 1333‬ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﺎﺯﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺷﯜﻧﺪې ﺧﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺟﻴﺎﯕﺸﻰ ﺧﯘﺩﯗڭ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭە ﻧﺎﻳﯩﺒﻰ‪ ،‬ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﯘﻟﯘﻣﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺑﯧﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯩﺮﺯﺍ ﺩﯨﯟﺍﻥ ﻣﯘﺋﻪﻛﻜﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺗﯜﻥ ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ‬ ‫ﻣﯩﺮﺯﯨﺴﻰ‪ ،‬ﺟﺎﺭﭼﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﮕﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﮔﻪﻥ‪ -1343 .‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ »ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗۋﺍﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪ -11‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ‪135‬‬ ‫ﺟﯩﻠﺪﻟﯩﻖ ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ ›ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‹ ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ‬ ‫ەﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ«]‪.[97‬‬

‫‪ -1262 — 1260‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ »ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ۋە ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭ‬ ‫ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ »ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺩەۋﺭﯨﻤﯩﺰﮔﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮﺩﯨﻨﺒﯩﺮ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﻣﻮﻝ‪ ،‬ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﯩﻦ‬ ‫‪138‬‬


‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﻪﺯﻛﯩﺮە« ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺟﯩﻦ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺗﯜﺯﯛﻣﻠﻪﺭﻧﻰ ۋە ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﻰ‪ ،‬ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺗﺎﻍ‪-‬ﺩەﺭﻳﺎﻻﺭ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﯚھﭙﻪ‬ ‫ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ]‪.[98‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻳﯚﺟﯘ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ »ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫(( ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ۋە ﭼﻮﻟﭙﺎﻥ ﺳﺎﻟﻰ‬

‫((‬

‫«( ( ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛﺵ‪ ،‬ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﻪﺵ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺩﯗﺭﻣﯩﺶ‬

‫(( ۋە ﺋﺎﺭﯗﻥ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ »ﺗﻮﺑﻮﭼﻴﺎﻥ« ﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻥ ]‪.[100]،[99‬‬

‫‪ .4‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﺭﯨﻴﯩﺪە‬

‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫((‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ‬

‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﮕﻪ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ‬

‫((‪ ،‬ﺷﯧﺴﻰ‬

‫( (‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ‪.‬‬

‫ﺑﯘ ﺋﯜچ ﺯﺍﺕ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎ���ﻠﯩﻘﻰ ﺩەﺭۋﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺷﯩﺪ‬ ‫‪139‬‬


‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﻨﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﺎﺷﻨﺎ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺩﺍ‪-‬ﺑﺎﺟﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺯﯦﺮەﻙ‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﻠﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺟﻪﺳﯘﺭ ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺳﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻼﺭ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﻘﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯚﺳﻤﯜﺭﻟﻪﺭ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩﭘﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ھﻪﻡ‬ ‫ﺋﺎﺷﻨﺎ ﻳﯜەﻧﺠﯧﻦ‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫ﺋﺎﺷﻨﺎ ﻳﯜەﻧﺠﯧﻨﻨﻰ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺩەﻡ ﺩەﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪ (.‬ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﭘﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻮﻳﻼ ﺑﺎﻏﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻥ‪ ...‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﺴﻪﭘﻜﻪ ﻣﯘﺷﻪﺭﺭەپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭەﺭ ﺋﻪﺭﺑﺎﺏ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﺎﺵ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪» .‬ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ«ﻧﯩﯔ ‪ -6‬ﻗﯘﺭﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪:‬‬ ‫»ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻧﻰ )ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻨﻰ( ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺩەۋەﺕ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪﻧﻜﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪ ﺑﻮﻳﻼﺑﺎﻏﺎﻥ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ‪ ...‬ﺋﯧﻠﺘﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺗﺎﺑﻐﺎﭼﻼﺭﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚپ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﺩﯗﻕ‪) ،‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻤﯘ( ﻟﻪﺷﻜﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﻠﺪﺍﺭﻯ ﻣﻪﻧﻼ ﺋﯩﺪﯨﻢ«‪ -52-51 ،‬ﻗﯘﺭﺩﺍ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫»ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ ‪ 27‬ﻳﺎﺵ ۋﺍﻗﺘﯩﻤﺪﺍ ﻣﻪﻥ ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﯘﺯﺩﯗﻡ‪.‬‬ ‫ﺗﯜﻧﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﯘﺧﻠﯩﻴﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪﯛﺯﻯ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻗﺎﻧﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺗﯚﻛﺘﯜﻡ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﺗﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘﺭﺩﯗﻡ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻛﯜﭼﯜﻣﻨﻰ ﻗﻮﺷﺘﯘﻡ‪ «.‬ﺗﻮﻧﻴﯘﻗﯘﻕ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﯧﻠﺘﯧﺮﯨﺸﻰ )‪-691‬؟( ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺷﯩﮕﻪ ھﻪﻣﺪەﻣﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺩەۋﺭﻯ )‪ -691-683‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻗﺎﭘﺎﻏﺎﻥ‬ ‫ﻗﺎﻏﺎﻥ )‪-716‬؟( ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺩەۋﺭﻯ )‪ ،(716-691‬ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ )‪ (734-684‬ﻧﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ‬ ‫ﺩەۋﺭﻯ )‪ (734-716‬ﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜچ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪140‬‬


‫ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -552‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯜﻣﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﻪﺧﺘﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺷﻨﻰ ھﯧﺴﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﺍ ‪ -744‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪— 741‬‬ ‫‪ -742‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ۋە ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮڭ‪-‬ﺳﻮﻝ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎپ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺋﯜﺯﻣﯩﺶ ﻗﺎﻏﺎﻧﻨﻰ ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ‪،‬‬ ‫ﺑﺎﺳﻤﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﯩﻨﻰ »ﺋﯧﻠﺘﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﻏﺎﻥ« ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﯩﻠﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -744‬ﻳﯩﻠﻰ ‪-8‬‬ ‫ﺋﺎﻳﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪» ،‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺗﯧﺮﺧﯩﻦ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﺩﺍ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪەﻙ‬ ‫ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﻼ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ )ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ( ﻗﺎﻏﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ﺋﺎﺭﻗﯩﺴﯩﺪﺍ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﻰ — ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘۋﺍﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﻚ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻼﺭ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﻚ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﻏﯘﺯﯗﺷﻨﻰ ﻗﺎﺭﺍﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﻣﯘھﯩﻢ ﻗﺎﺋﯩﺪە ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە ۋە ﻗﺎﺑﯩﻞ ۋەﺯﯨﺮ ﺗﯘﻧﻴﯘﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺩﺍﺳﺘﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﯘﺩەﻙ‬ ‫ﻗﻪھﺮﯨﻤﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ھﯚﺭﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ھﺎﻳﺎﺕ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ‪ 80‬ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﯚﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪە ‪ 120‬ﻳﺎﺷﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﻥ ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﺎﻳﺎﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﺎﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﭘﯩﺘﯩﺮﺍپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﻪﺭﻕ ۋە ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﻛﻪﺗﻤﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺵ‪ ،‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯗﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‬ ‫ﺳﯩﻴﺎﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﻮۋ ﻳﺎﯕﺸﯜەﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻗﻮﭼﻮﻟﯘﻕ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‬ ‫( ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ »ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﯘﻝ ﻧﻪۋﺭﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫‪141‬‬


‫ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻴﻪﻧﺒﺎۋ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ )‪ -756 — 742‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ »ﺋﻪﻧﻠﯘﺷﻪﻥ — ﺷﯩﺴﯩﻤﯩﯔ )ﺋﯚﯕﻠﯜﻙ‪-‬ﺳﯚﻳﮕﯜﻥ( ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﻰ« ﻳﯜﺯ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻟﻮﻳﺎڭ‬ ‫ﺗﻮﭘﯩﻼﯕﭽﻰ ﻗﻮﺷﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻜﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪﻥ ﺋﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ‬ ‫ﻳﺎﺭﺩەﻣﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﯩﯔ ﻗﻮﻣﺎﻧﺪﺍﻧﻰ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﻮﭘﯩﻼڭ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻘﺎ »ﺋﯘﺳﺘﺎﺩ ۋە ﺋﻪﻟﻪﻣﮕﻪ ﺳﺎﺩﯨﻖ ﺑﻪگ«‬ ‫)ۋﺍڭ(‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﺭەﭘﻠﯩﻚ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺋﻪﻣﯩﺮﻣﯩﻤﺎﺭ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﻪﺧﺮﻯ ﺋﻪﻣﻪﻝ‬

‫ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼﺭ ‪ -756‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ‪ 120‬ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﻮۋﻳﺎﯕﺸﯘەﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -780 — 688‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺩەپ ﭘﻪﺭەﺯ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ IX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ‪— 3‬‬ ‫‪ -4‬ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﺷﻪﺭﻕ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺏ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﯧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‬ ‫ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪XIII .‬‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﯧﺠﯩﭙﯘﺭ‬

‫( ( ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ۋەﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ‬

‫ﻗﻪﺩەﺭ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺯﺍﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍپ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ‪ ،‬ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋە ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﻟﯩﺮﻯ ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻥ ﺗﯧﻐﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺋﯘﻟﯘﻍ ھﻪﻡ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ‬ ‫‪142‬‬


‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﻰ »ﺷﯧﻠﻴﻪﻧﺠﯧﺨﯥ —‬

‫«ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ‬

‫ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜﻟﮕﻪﻥ ۋە ھﺎﻳﺎﺕ ﭘﻪﻳﺰﯨﻨﻰ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﻮﺭﯗﻥ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎھﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﻣﯧﻬﯩﺮ‪-‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺩەﺭﻳﺎ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺳﯚﺯﻯ »ﺷﯥ‪ « « -‬ﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ »ﺷﯥ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‪-‬‬

‫« « ﻳﺎﻛﻰ »ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎﻟﯩﻘﻼﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺑﺎﺵ ﻛﯚﺗﯜﺭﯛپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﯨﻘﯘﺗﻰ ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺗﺘﯧﮕﯩﻦ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ‬ ‫ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ ﻛﯚﺭەﺭ ﺟﺎﺳﺎﺭﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘﻏﺎﻥ ھﻪﻡ ﻗﯩﺰﻯ ﺋﻪﻟﺌﺎﻟﺘﯘﻧﻨﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺋﺎﺭﺗﺘﯧﮕﯩﻦ‬ ‫‪ 10‬ﻣﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻗﻮﺷﯘﻧﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﺮﺍﻥ‬ ‫ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺯەﭘﻪﺭ ﻗﯘﭼﯘپ ﺋﯚﺯ ﺋﯘﻟﯘﺳﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯚﺯﻯ ﭘﻪﺗﯩﻬ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧﻰ ﺑﯚﻟﯜپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪۋﺭﯨﺴﻰ ﻗﯘﺑﻼﻳﺨﺎﻥ‬ ‫ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻖ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ( ﻧﻰ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪﻥ‪.‬‬

‫ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﻪﺷﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮﺷﯘﻧﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ‬ ‫ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﯟﺍﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪپ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﺭﺩەﻣﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻙ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ ،‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺯﻯ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ‪ ،‬ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﻟﻤﯩﺴﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﻮۋﻳﺎﯕﺸﯜەﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯩﻨﺎۋەﺕ ﻗﯘﭼﻘﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯚﻳﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻳﯩﻞ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺗﻮﭘﻼﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ »ﻗﻮﭼﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﻳﯧﺰﯨﭗ‬ ‫‪143‬‬


‫ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ‪ 500‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺋﺎﺷﯩﺪ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ‬ ‫ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺭﺩﺍ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ‪-‬ﺳﻪﺭﮔﻪﺭﺩﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘپ ﻳﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭە‪ ،‬ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺩﻟﯘﻗﯩﻨﻰ ﻛﺎﭘﺎﻟﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ‬ ‫ﺗﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﻝ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺑﺎﺳﻘﺎﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫‪ 500‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ‬ ‫ﺧﯘﺍڭ ﺟﯩﻦ »ۋەﻱ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﺮە ﺗﯧﺸﻰ«‬ ‫( ( ﺩﺍ »ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺴﯚﻛﻪﯕﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﺘﯘﺭ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻮۋﻳﺎﯕﺸﯘەﻥ »ﻗﻮﭼﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ« ﺩﺍ »ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻨﺪﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﻯ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ )ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎﻟﯩﻘﻼﺭ( ﺩﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺯﺍ ﺭﻭﻧﺎﻕ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩەۋﺭﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﺯﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻼﺭ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ )ﻳﺎﻛﻰ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ(‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﺪﺍ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﮔﺎۋﻟﻰ )ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ( ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺑﯧﮕﻰ ﻣﻪﻧﺴﯩﭙﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﻣﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﺰﯗﺧﺎﻧﻰ ﺟﯘﻳﻪﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺩﯨﯟﺍﻥ‬ ‫ﺑﻪﮔﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ 600-500 .‬ﻳﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ‪-‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻦ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ )ﮔﺎۋﻟﻰ( ﭘﯘﻗﺮﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪144‬‬


‫ﻗﻮﭼﻮﻟﯘﻕ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ )ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ( ﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﻪۋﻻﺩ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻳﯜﺭﯛڭ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭﺩﯗﺭ‪» .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫( ( ﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ‪ -124‬ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ »ﻗﻮﭼﻮﺩﯨﻜﻰ‬

‫ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ« ﺩﯨﻦ ﺋﯜﺯﯛپ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩﯨﻤﯩﺴﯩﺪە »ﻳﯜﺭﯛڭ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﺮﻯ ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻗﻨﯩﯔ ﭘﯘﺷﺘﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﯜﺭﯛڭ ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻛﯩﺴﻰ ‪ 16‬ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋە »ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ« ﻟﯩﻖ ۋەﺯﯨﭙﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﻪﺩﺑﯩﺮ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ »ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﯩﺴﻰ« ﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚﻟﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﺑﻪﻳﺌﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﺎﭼﻘﺎﻥ‪» .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﺘﯩﺴﻰ« ﻳﯜﺭﯛڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ‬ ‫‪ 15‬ﻳﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻧﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺟﻪڭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ﺗﯚھﭙﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺴﯧﺮﻯ ﺗﺎﺭﺗﯘﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﯜﺭﯛڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ )‪ (1262 — 1196‬ﻧﯩﯔ ‪ 10‬ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﻪﻛﻜﯩﺰﯨﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻗﺎ ﺋﯩﻠﯩﻢ‬ ‫ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﺩﺍﯕﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪» .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ» ﻧﯩﯔ ‪ -193‬ﺟﯩﻠﺪﯨﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻝ ﺗﯘﺭﻏﯘﺯﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻗﺎ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯘﯕﺰﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻗﺎﺭﺍ ﺑﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯥ ۋﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻳﯘﻟﯘﻧﭽﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ۋﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻳﯜﺭﯛڭ‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ »ﺷﯥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ۋﯨﻨﭽﯩﻨﯩﯔ ﺷﯥ ﻳﯜﻟﻰ‪،‬‬ ‫ﺷﯥ ﺟﯩﺠﻴﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯥ ﺟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺷﯥ ﺟﺎۋۋﯗ‪ ،‬ﺷﯥ ﻟﯩﭽﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪» .‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺷﺮﯨﭙﺪﺍﺭ‬ ‫(( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ«‪» ،‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭﺩﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ« )»ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪-193 ،‬‬ ‫ﺟﯩﻠﺪ(‪ .‬ﺷﯥ ۋﯨﻨﭽﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﻳﯘﻟﯘﻧﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﯥ ﺷﻪﻧﺠﯘ‪ ،‬ﺷﯥ ﺷﻪﻧﺠﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ‬ ‫ﺟﯧﯔ ﺯﻭڭ‪ ،‬ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ؛ ﺷﯥ ﺟﯩﺪﯗﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪-‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﻪﺷﺮﯨﭙﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪» ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪۋﻻﺩﺗﯩﻦ ﺟﻪﻣﺌﯩﻲ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﻪﺷﺮﯨﭙﺪﺍﺭ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪﺭەپ ﻗﯘﭼﻘﺎﻥ« )ﭼﯧﻦ‬ ‫ﻳﯜەﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﻟﯩﺸﯩﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ«‪-2 ،‬‬ ‫ﺟﯩﻠﺪ(‪» ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﻧﻪﺳﻪﺏ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﭘﻪﻥ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺯ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ« )»ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -193 ،‬ﺟﯩﻠﺪ(‪.‬‬ ‫‪145‬‬


‫ﺷﯥ ﻳﯜﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯥ ﺟﯩﺪﯗ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﺎﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻠﯘﻕ‬ ‫ﺷﺎﺋﯩﺮﻻﺭﺩﯨﻦ‪ ،‬ﺷﯥ ﺟﯩﺪﯗﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎﺭﻟﯩﻖ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺷﯥ ﺑﻪﻳﻠﻴﺎۋﺳﯜﻥ )ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﻱ ﻟﻴﺎۋﺳﯜﻥ( ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯥ ﺑﻪﻳﻠﻴﺎۋ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪،‬‬ ‫ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﮔﯘﯕﻴﯜەﻥ‪ .‬ﺋﯘ ‪ -1360 — 1318‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ ۋە ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﺘﯩﺸﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﻖ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﺎﺗﺎ‬ ‫ﺟﻪﻣﻪﺕ ۋە ﺋﺎﻧﺎ ﺟﻪﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ‪ -1335 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ‪ 17‬ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﮔﯘﺍﯕﺪﯗﯕﺪﯨﻦ ﻟﻴﺎڭ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ )ﺟﻴﺎﯕﺴﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻟﻴﺎڭ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ( ﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﺎﺷﻠﯩﻖ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﻤﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﻟﻴﺎﯕﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯩﻨﻠﯩﯔ‪،‬‬ ‫ﭼﺎﯕﺠﯘ‪ ،‬ﺟﻴﺎﯕﻴﺎڭ‪ ،‬ﺟﻴﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭼﺎﯕﺠﻴﺎڭ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻮﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻕ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺷﺎﺋﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺋﻮﻗﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﺑﻪﺱ‪-‬ﻣﯘﻧﺎﺯﯨﺮﯨﻠﻪﺭ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺯﯦﻬﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﻣﯘﺗﺎﻟﯩﺌﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1345‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ‪ 27‬ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺧﺎﻧﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻪﺷﺮﯨﭙﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺩﺍﺭﯨﻠﺌﯘﻟﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﭘﯜﺗﯜﻛﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯩﯔ ﺷﯩﻼڭ ﺩﻭﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺋﻪﺭﺭﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ -1349 .‬ﻳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﻯ‪-‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪە‪ ،‬ﭘﻪﺭﻣﺎﻥ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍﻟﯩﻢ ھﻪﻛﻪﻣﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯗەﻥ ﺑﯩﻨﺘﺎڭ‬ ‫ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﺕ ﺗﯜﺯەﺗﻜﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘﺱ ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﻮﻡ ﺩەﺳﺘﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﮔﺎۋﻟﻰ )ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ( ﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﮔﻮڭ ﻣﯩﻨﯟﺍڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻮﺭﻧﺎﺗﻘﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‬ ‫ۋەﺯﯨﺮ ﺧﺎﻣﺎ ﻧﯩﺰﺍ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﭼﻴﺎﯕﺠﯘۋﺩﺍ ﺗﯘﺗﻘﯘﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ -1358 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ‪ 40‬ﻳﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺑﻮۋﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﭼﻜﻪ ﻛﯘﺑﯧﻴﻜﻮﺩﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﻳﯩﯖﭽﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺩﺍﻧﯩﯔ )ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﭘﯩﯖﭽﯘەﻥ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﻰ( ﻏﺎ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪ -12‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﻰ ﺩﺍﻧﯩﯖﻨﻰ ﻗﺎﭘﻼپ‬ ‫‪146‬‬


‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﭘﻪﺭﺯەﻧﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻳﺎﻟﯘﺟﻴﺎڭ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ھﻪﻡ ﺳﯘﯕﺠﯩﯔ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪە ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺩﯛەﻥ ﺑﯩﻨﺘﺎڭ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﻐﯩﺪﺍ ﮔﻮڭ ﻣﯩﻨﯟﺍڭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻨﺎﺱ ﺑﯘﺭﺍﺩەﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ -1360 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -8‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﻗﻮﭼﻮ ﺑﯧﮕﻰ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺗﺎﺭﺗﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﻓﯘﻳﯜەﻥ ﺑﯧﮕﻰ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ ھﻪﻡ ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻰ ‪ -11‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ﺳﻮڭ ﺟﯩﯔ‬

‫( ( ﺷﻪھﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻴﻪﻧﻤﯘﺩﻭڭ‬

‫ﺋﯩﺒﺎﺩەﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ‪ 42‬ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﻳﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﺎۋﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﺎڭ ﺷﻮۋ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻥ ﺷﻮۋ‪ ،‬ﻓﻮﺷﻮۋ‪ ،‬ﭼﯩﯔ ﺷﻮۋ‪ ،‬ﺟﯩﺌﻪﻥ ﺷﻮۋ ﺩﯦﮕﻪﻥ ‪ 5‬ﺋﻮﻏﯘﻝ‪ 3 ،‬ﻗﯩﺰﻯ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﺋﯩﺴﺘﯧﺪﺍﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﭼﺎڭ ﺷﻮۋ‬ ‫)ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ(‪ ،‬ﻟﻰ ﺳﯩﻼﺭﻧﯩﯔ »ﭼﯩﯔ ﺟﻮۋﻟﯘﻕ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﺍﻧﯩﺸﻤﻪﻧﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ« )»‬ ‫«( ﺩﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺭەﺗﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﭼﯧﻐﯩﺪﯨﻼ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ‪13‬‬ ‫ﺟﯩﻠﺪ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺩەﭘﺘﻪﺭ )ﺗﻮﭘﻼﻡ( ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ‪ -1358‬ﻳﯩﻠﻰ ﺩﺍﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﺗﯘﺗﻘﯘﻧﻠﯘﻗﺘﺎ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﻳﺎﻏﻠﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﻮﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﻮﯕﺠﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ‬ ‫ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻧﺎﻣﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«‬

‫«(‬

‫«( ﺩەپ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﯩﻠﺪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ‪ 700 ،‬ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺷﯧﺌﯩﺮ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯧﯔ ﭼﺎﯕﺸﻮۋﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺳﯚﺯﯨﺪە ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ »ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻧﺎﻣﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ‬ ‫ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺭەﺗﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ ‪ 700‬ﭘﺎﺭﭼﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯖﻼ ﺋﻪﻣﮕﯩﻜﯩﮕﻪ‬ ‫ﺗﺎﻳﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭘﻼﻣﻨﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻟﻰ ﺳﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﭼﻮﻗﯘﻡ ﺷﯥ ﺳﻰ‪ ،‬ﺷﯥ ﮔﻮﯕﺴﯘ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﻳﺎﺭﺩﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪147‬‬


‫ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﭘﯘ ﺷﻪﻧﮕﯜﻱ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ›ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻧﺎﻣﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‹ ﻧﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ‪،‬‬ ‫ﺗﻪھﻠﯩﻠﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪:‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ »ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻧﺎﻣﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﺎۋﻟﻰ )ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ( ﻧﻰ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە‬ ‫ﻳﺎﻟﯘﺟﻴﺎڭ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭ‬ ‫ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﭼﺎۋﺷﻴﻪﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯘﺑﺎﺩﺍ ﺑﯩﺰ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﮔﺎۋﻟﻰ‬ ‫ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻴﻪﺕ ﻣﯘﻧﺒﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻝ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺋﻮﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ‪» ،‬ﻳﯧﯖﻰ ﺯﯨﻜﯩﺮﻧﺎﻣﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ« ﻧﻰ ﮔﺎۋﻟﻰ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﻗﯩﻠﺴﺎﻕ‬ ‫ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ھﯧﭻ ﻳﯧﺮﻯ ﻳﻮﻕ‪» .‬ﮔﺎۋﻟﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫( ( ﻧﯩﯔ ‪ -120‬ﺟﯩﻠﺪﯨﻐﺎ‬

‫»ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ« ﺗﺎﻟﻼپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﮔﺎۋﻟﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﭼﺎۋﺷﻴﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﻗﺮﯨﺰﻟﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﺸﻘﺎﻥ‪» .‬ﺷﻪﺭﻕ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ«‬ ‫((‪» ،‬ﺟﻰ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ«‬

‫((‪» ،‬ﭼﯩﯔ ﭼﻴﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺯﻣﯩﺴﻰ«‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬

‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﻏﺎ ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﺎﺋﯩﺮ ﺟﯘﻳﯩﺰﯗﻥ »ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﻯ«‬

‫((‬

‫ﻧﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﭼﺎﻏﺪﺍ‪ -95 ،‬ﺟﯩﻠﺪﺩﯨﻜﻰ »ﮔﺎۋﻟﻰ« ﻣﺎۋﺯﯗﺳﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﻰ ﺟﯩﯔ ﻣﯩﯖﺠﯘۋ‪ ،‬ﻟﻰ ﺳﻰ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﮔﺎۋﻟﯩﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﮔﻪﻥ]‪.[100‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻟﺪە ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻐﺎﻥ ھﻪﻡ‬ ‫ھﯧﻜﻤﻪﺕ‪-‬ﭘﺎﺳﺎھﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺶ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﺳﯜﻥ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪ .[102‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﺘﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯘ‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ۋە ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻗﻘﺎﻧﯩﻲ ﺋﺎﺭﺯﯗﺳﯩﻨﯩﯔ ﺭﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪148‬‬


‫ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ )‪ (1399 — 1340‬ﺷﯥ ﺳﯜﻧﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﺗﻴﻪﻥ ﻣﯩﯔ‪ -1358 .‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺩﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﭼﯩﯔ ﺷﯜﻥ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﺪە ﺗﯩﻠﻤﺎچ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺩﺍﺩﯨﺴﻰ ﻗﺎﺯﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﻡ‪-‬ﻗﺎﻳﻐﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﮔﺎۋﻟﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻳﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺭﻭھﻰ ﺋﺎﺯﺍﺑﺘﯩﻦ ﺧﺎﻻﺱ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﮔﺎۋﻟﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﯩﻦ ﻳﺎڭ ﺋﺎﻳﻤﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍۋﯗﻝ ۋەﺯﯨﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯦﻬﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﮔﺎۋﻟﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺷﯩﻦ ﻳﯜ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ )‪ (1388 — 1375‬ﺩە ﺟﯩﻤﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯩﯖﺘﺎڭ ﺳﺎﺭﯨﻴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‬ ‫ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪﻥ ۋە ۋەﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ -1388 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﮔﺎۋﻟﻰ ﮔﯧﻨﯧﺮﺍﻟﻰ ﻟﻰ ﭼﯩﯖﮕﯜﻱ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺶ ﻗﻮﺯﻏﯩﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺷﯩﻦ ﻳﯜ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﺋﯚﺗﯜﻧﯜپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ؛ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ۋﺍڭ ﻳﺎۋ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ۋەﺯﯨﺮ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺋﯩﺸﺘﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯜﺭﮔﯜﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ »ﺟﻮﯕﺸﯩﯖﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯚھﭙﯩﻜﺎﺭ ۋەﺯﯨﺮﻯ« ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﮔﻮﯕﺮﺍڭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺑﺮﯨﻜﻠﻪپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﺘﺎ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪەﻙ‬ ‫»ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ )ﮔﺎۋﻟﻰ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ۋﺍڭ ﺟﻴﻪﻥ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ —‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻠﭽﯩﺪﯨﻦ( ﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﯗﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻠﯩﺸﻤﺎﻳﺪﯗ« ﺩەپ ﺑﺎھﺎﻻﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ‬ ‫ﮔﻮﯕﺮﺍڭ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺗﯚھﭙﯩﻜﺎﺭ ۋەﺯﯨﺮ« ﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ‪-‬ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ »ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻥ‬ ‫ﺗﯚﺭە« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻐﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ »ﻏﻪﻟﻴﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﻘﺘﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺗﯚھﭙﯩﻜﺎﺭ ۋەﺯﯨﺮ« ﻟﯩﻜﻜﻪ ﻣﯘﺷﻪﺭﺭەپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪ -1390‬ﻳﯩﻠﻰ ﭼﺎﯕﺸﯘ ﺗﯜﺗﯜﻧﻠﻪﺭﻧﻰ ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜﭼﻰ ﺑﻪگ )ۋەﺯﯨﺮ( ﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ؛ ﺗﯚﺕ ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺟﺎﺯﺍ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺯﺍﻟﯩﻢ ھﻪﻛﻪﻡ )ۋەﺯﯨﺮ( ﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﯚﺳﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﮔﺎۋﻟﻰ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﻧﯩﺰﺍ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻻﺭ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﭼﺎﯕﺸﯘ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻟﻰ ﭼﯩﯖﮕﯜﻱ ۋﺍڭ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗپ ﻟﻰ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﭼﺎﯕﺸﯘ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ‪ -1394 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘ ﺗﯩﻠﻤﺎﭼﻼﺭ‬ ‫ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺟﺎﺯﺍ ﭘﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺯﺍﻟﯩﻢ‬ ‫ھﻪﻛﻪﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯩﺸﯩﻚ ﺗﯜۋﯨﺪە ﺷﯩﻐﺎۋﯗﻟﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﻳﻪﻧﺸﻪﻥ‬ ‫‪149‬‬


‫ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ -1399 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -10‬ﺋﺎﻳﺪﺍ ‪ 59‬ﻳﯧﺸﯩﺪﺍ ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﯘۋ ﮔﺎۋﻟﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻟﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺋﺎﺭﻗﺎ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻰ ۋە ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺳﻪﺭﮔﯜﺯەﺷﺘﻰ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪ]‪.[103‬‬

‫ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﺎﺋﯩﺮ ۋە ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺕ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﯘۋ ﺷﯧﺌﯩﺮﯨﻲ ﺋﯩﺠﺎﺩﯨﻴﻪﺗﻜﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﺪە ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ‬ ‫ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ »ﭼﻰ ﻧﻪﺯﻣﯩﻠﯩﺮﻯ«‬

‫((‪» ،‬ﭼﯩﯖﭽﻴﯘ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺯﻣﯩﺴﻰ« )‬

‫(ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻻﺭ‬

‫ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﯩﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ‪ 10‬ﻛﯘﭘﻠﯧﺘﻘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﯧﺌﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﺎﺋﯩﺮ »ﺳﯚﮔﻪﺕ ﺗﺎﻟﻠﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺑﺎھﺎﺭ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﺍﺗﻠﯩﺮﻯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯚﺯ ۋەﺗﯩﻨﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﯩﮕﻪﻥ‪» .‬ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ«‪،‬‬ ‫»ﺑﯧﻠﯩﻘﭽﻰ ﺑﻮۋﺍﻱ«‪» ،‬ﺑﺎھﺎﺭ ﺗﻪﺷﯟﯨﺸﻠﯩﺮﻯ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﯧﺌﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﻮﺷﯘﺭﯗﻥ ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﻰ ﺋﻪﻛﺲ‬ ‫ﺋﻪﺗﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻟﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﯜﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋﻧﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﺯﻭﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ »ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﻪ )ﺩﯙﻟﻪﺕ( ﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﭘﻪﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ« )ۋﯗﺧﻪﻥ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﻟﻰ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ«‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﻮﭘﻼﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯩﺴﯩﻢ »ﺗﻪﻳﺰﯗڭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﮔﻮﯕﺪﯨﯔ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«(‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ﺳﻪﻛﻜﯩﺰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﯩﺴﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ۋﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ‪-1398 ،-1396 ،-1391 ،1388 ،-1387 ،-1370‬‬ ‫‪150‬‬


‫ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﺎڭ ﺷﻮۋﻧﻰ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﻰ ھﻪﻡ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ‪ ،‬ﭼﺎڭ ﺷﻮۋ ﮔﺎۋﻟﻰ ۋە ﻟﻰ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‪ ،‬ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮﻟﯘﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ‪ .‬ﺋﯘ ﻗﻮﭼﻮﻟﯘﻕ ﺷﯥ )ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎﻟﯩﻖ( ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺯﺍﺕ‪ .‬ﮔﺎۋﻟﻰ ﺗﻪﺷﺮﯨﭙﺪﺍﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﻬﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭘﻼ‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻟﻰ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺑﯩﻴﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺗﯩﻠﻤﺎﭼﻼﺭ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﻪڭ ﻣﯘۋﺍﭘﯩﻖ ﻧﺎﻣﺰﺍﺕ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﺍﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻪھﯩﭙﻪ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ -1397 .‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -4‬ﺋﺎﻳﺪﺍ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﻳﯜەﻧﺠﺎڭ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﯥ ﭼﺎﯕﻮۋ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﯛﺷﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﻟﻰ ﭼﯩﯖﮕﯜﻳﻨﯩﯔ ﻣﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯧﺘﻪﺭﺳﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ‪» :‬ۋەﺯﯨﺮ ﺋﻪﺯەﻡ )ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺩﯦﻤﻪﻛﭽﻰ — ﻧﻪﻗﯩﻠﭽﯩﺪﯨﻦ( ﻧﯩﯔ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻐﺎ ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ‪ 40‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪﻯ‪ ،‬ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﮔﻮڭ ﻣﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﯩﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻳﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺪﺍ ﺋﯩﻜﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯜچ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺋﯚﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ۋەﺯﯨﺮﻟﯩﺮﻯ ﺳﺎﺩﺍﻗﻪﺗﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﭘﯧﺘﯩﻨﺎﻟﻤﺎﻳﻤﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە‬ ‫ھﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﯗﭘﺘﯩﻤﻪﻥ‪ .‬ﺑﯩﻬﯚﺭﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ھﻪﺩﺩﯨﻢ ﻳﻮﻕ« ﺩەپ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺳﯚھﺒﻪﺕ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻣﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮔﯘﻣﺎﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮﺭﻣﺎﻝ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺭﺍﺗﻘﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋﻧﯩﯔ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﯩﭗ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﻮﺭﯦﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺩﺩﯨﻲ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺷﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻮﻟﭙﺎﻥ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪151‬‬


‫ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ‪ ،‬ﻛﯜﻣﯜﺵ‪ ،‬ﻗﺎﭼﺎ‪-‬ﻗﯘﭼﺎ ۋە ﮔﻪﺯﻣﺎﻟﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﮔﺎۋﻟﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫»ﻳﯩﭙﻪﻙ‪-‬ﺷﺎﻳﯩﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻛﯩﻴﯩﻢ –ﻛﯧﭽﻪﻙ ھﻪﻡ ﭘﯘﻝ« ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ »ﺋﻮﻟﭙﺎﻥ« ۋە »ﺷﻪﭘﻘﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺶ«‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺰﺯەﺕ‪-‬ﺋﯩﻜﺮﺍﻣﻠﯩﻖ ﺑﺎﺭﺩﻯ –ﻛﻪﻟﺪﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺳﻮﺩﺍ ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻝ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻪﺩەپ‪-‬ﻗﺎﺋﯩﺪە‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺟﯘﯕﮕﻮ –ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ۋە ﺑﺎﺭﺩﻯ‪-‬ﻛﻪﻟﺪﯨﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﻰ‬

‫( ( ﺗﻪﺧﻪﻟﻠﯘﺳﻰ ﮔﻮﯕﯟﯦﻦ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬

‫ﺷﻪﺧﺶ‪ .‬ﺋﯘ ﻗﻮﭼﻮﻟﯘﻕ ﺷﯥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻟﯩﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﺟﻴﺎﯕﻨﻪﻧﺪە ﺋﺎۋۋﺍﻟﻘﯩﺪەﻛﻼ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎﻥ ﻛﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﯧﺌﯩﺮ ﻳﺎﺯﺍﻻﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺋﯩﺮ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﻰ ﺋﯚﺯ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﯦﺌﺎﻝ ۋەﺯﯨﻴﻪﺗﻨﻰ ﻧﻪﺯەﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺯﺍۋﺍﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﻳﯜﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﯩﺨﺘﯩﻴﺎﺭﻟ���ﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯘﻗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﯩﯟﺍﺭﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﺎﺯﺍۋەﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻤﯘ ﺩەﺭﯨﺠﻪ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯚﺭﻟﻪپ‪ ،‬ﻣﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪﻥ ﺋﻪڭ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﻠﯩﻚ ﺭەﯕﺪﺍﺭ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﯥ ﺳﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪ ،‬ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ۋە ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ‪ -1368‬ۋە ‪ -1369‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ۋﺍﻛﺎﻟﯩﺘﻪﻥ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ۋەﻗﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺟﯘﻳﯜەﻧﺠﺎڭ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻡ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەﺏ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﮔﻪﺩەﻧﻜﻪﺵ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‬ ‫‪152‬‬


‫ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪھﺪﯨﺘﻰ؛ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﮔﺎۋﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘﺩﻟﯘﻗﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭘﯘﺕ ﺩەﺳﺴﻪپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻣﯘﻗﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻐﺎ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ ﺋﺎﺭﻗﺎ‪-‬ﺋﺎﺭﻗﯩﺪﯨﻦ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺳﻪۋەﺏ‪-‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺭەﯕﺪﺍﺭ‬ ‫ﻛﯚﺯﻟﯜﻙ ۋەﺯﯨﺮ‪-‬ۋﯗﺯﺭﺍﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﯥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯥ ﺳﻰ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ‪ .‬ﺋﯘ ھﻪﺭ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﯩﻨﯩﺪﺍ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﯩﻨﻰ ﮔﺎۋﻟﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﯩﻐﺎ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﻏﺎﻥ ھﻪﻡ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ‬ ‫ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﺎﻥ ﺳﻮۋﻏﺎﺗﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﺳﻰ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮔﺎۋﻟﻰ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎﺭﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﮔﺎۋﻟﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﯩﺪﺍ ﮔﺎۋﻟﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ۋەﺯﯨﺮﻟﻪﺭﮔﻪ ﻣﻪﺳﻨﻪۋﻯ‬ ‫ﻳﺎﺯﺩﯗﺭﯗپ ھﻪﺩﯨﻴﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ‪ ،‬ھﻪﻗﯩﻘﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‪ ،‬ﮔﺎۋﻟﯩﻐﺎ ﺟﯘﻳﯘەﻧﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯗﺵ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎۋﻟﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺶ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺷﯥ ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺩﺩﯨﺌﺎﺳﻰ ﻛﯚﺯﻟﯩﮕﻪﻥ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﮔﺎۋﻟﻰ ﺧﺎﻧﯩﺪﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺷﯥ ﺳﯜﻥ‪ ،‬ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ ۋە ﺷﯥ ﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ۋە ﺩﯨﭙﻠﻮﻣﺎﺗﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﻛﻮﺭﯦﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﺘﯩﺸﺘﻪ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ ﻛﺎﺭﺍﻣﻪﺕ ﺭﻭﻟﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺟﯘﻻﻟﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﺘﻪ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻳﺎﺩ ﺋﯧﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯩﺶ‪-‬ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ‪ ،‬ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺵ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋە ﺭﯦﺌﺎﻝ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﻰ ﺋﯚﺯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻴﺠﺎﻧﺎﺏ ﺭﻭھﻘﺎ ۋە ﭘﯩﺪﺍﻛﺎﺭ ﺧﯩﺴﻠﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺩﻭﺳﺘﻠﯘﻕ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ‬ ‫ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬

‫‪153‬‬


‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰﺍھﺎﺗﻰ ۋە ﻣﻪﻧﺒﻪ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﯜﭼﻰ‪:‬‬

‫]‪ [1‬ﺩﯛەﻥ ﻟﻴﻪﻧﭽﯩﻦ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﻼﺭ ۋە ﺟﯘﯕﺸﻪﻥ ﺑﻪﮔﻠﯩﻜﻰ«‬

‫( ( ﺧﯧﺒﯩﻲ ﺧﻪﻟﻖ‬

‫ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1982 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -126 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [2‬ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯘﺱ‪ .‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬

‫‪.‬‬

‫«‬

‫« ﺗﻮﻣﻰ‪ ،‬ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ‪ -1978‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬

‫‪ -86‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [3‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ ،‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ‪) 1979 ،‬‬

‫]‪» [4‬ﻧﯘﺭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‬

‫( ﻳﯩﻠﻰ ‪ -1‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫(( ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ‪ -1978‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -8‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -6‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ‪.‬‬

‫]‪» [5‬ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ›ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﯩﺴﻤﻰ‹«‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -2000 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.‬‬

‫]‪ [6‬ﺑﺎﺭﺗﻮﻟﺪ‪» :‬ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻠﯩﺮﻯ«‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -2000 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.‬‬

‫]‪ [7] ،[8‬ﻟﻴﯘﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -90 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫‪ ( -‬ﺟﯩﻠﺪ‪» ،‬ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪،‬‬

‫]‪» [9‬ﻣﻮﻏﯘﻝ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ«‪) 45‬‬

‫ﭼﯩﯔ ﺳﻮﻟﻮﻧﯩﯔ »ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ‪-‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﺎھﻪﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ‬ ‫ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺒﻪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪» .‬ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﻮﻗﯘﺗﯘﺷﻰ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪،‬‬ ‫‪154‬‬


‫‪ -1964‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -3 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪ [10‬ﺋﺎﺑﻠﻪﺕ ﻧﯘﺭﺩﯗﻥ‪» :‬ﻛﯩﺪﺍﻥ )ﻗﯩﺘﺎﻥ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ۋە ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ«‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪» .‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -3 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪» [11‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -110 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ )‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫( ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.‬‬

‫]‪ [12‬ﻟﻴﯘ ﺟﺸﺎۋ‪» :‬ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -95 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫((‪ ،‬ﻟﻪﻧﺠﯘ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1984 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬

‫]‪» [13‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ‪-‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ«‬ ‫‪ -2‬ﺳﺎﻥ‪ -64 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [14‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪› .‬ﻗﺎﺭﺍﻳﯩﻐﺎچ ﺑﯘﻳﯘﺭﻕ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ‹«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪،‬‬ ‫‪ -1976‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -124 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -3046 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [15‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪› .‬ﻳﯜﺭﯛڭ ﺗﯚﻣﯜﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ‹«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1976 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -124 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -3049 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [16‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪› .‬ﺑﯘﺭﯗﻝ ﻗﺎﻳﺎ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ‹«‪ -155 ،‬ﺟﯩﻠﺪﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [17‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬ ‫‪155‬‬


‫‪ ( (« .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -110 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫]‪ [18‬ﻳﯜﺟﻰ — ‪(1272 — 1348‬‬

‫(‪ » :‬ﺩﺍۋﻳﯜەﻥ ﻳﺎﺩﻧﺎﻣﯩﻠﯩﺮﻯ«‬

‫« ﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [19‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ« ‪) 111‬‬

‫‪.1985‬‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫‪,‬‬

‫‪.‬‬

‫‪ ( -‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ ۋە ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﻰ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ -1982 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -12 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -11‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬ ‫]‪ [20‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪» :‬ﺗﻮﯕﺎ — ﻗﺎﭘﻼﻥ ﺟﯩﻨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ھﺎﻳﯟﺍﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﭘﯩﻠﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯜﺷﻪﻧﺪﯨﺴﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ ﻣﯘﺷﯘ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﺗﯜﺭﻙ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻻﺭﺩﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻳﻮﻗﺎﺗﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺳﺎﻗﻼﻧﻤﺎﻗﺘﺎ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎﺩەﻣﻠﻪﺭﮔﻪ ﻟﻪﻗﻪﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪» ،‬ﺗﯘﯕﺎﺧﺎﻥ‪ ،‬ﺗﻮﯕﺎ ﺗﯧﮕﯩﻦ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‪ .‬ﺗﯜﺭﻙ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎپ »ﺗﻮﯕﺎ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﭗ ﺋﻪﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﭘﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ‪ ،‬ﺑﺎﺗﯘﺭ ﺋﺎﺩەﻡ‪ ،‬ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ« »ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ‬ ‫ﺩﯨﯟﺍﻧﻰ« ‪ -1984‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -3 ،‬ﺗﻮﻡ‪ -503 — 502 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪.‬‬

‫]‪ [21‬ۋﺍڭ ﺷﻴﺎۋﺟﻴﻪﻥ‪» :‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎﺩ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ — ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ« »ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪ -1987 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -1 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -103 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [22‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1976 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -10 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -3048 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [23‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1976 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -10 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -3048 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬ ‫‪156‬‬


‫]‪ [24‬ﻟﻴﯘﺟﺸﺎۋﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩ���ﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-255 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [25‬ﻓﻪﻥ ﺑﺎۋﻟﻴﺎڭ )‬

‫( ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ۋە ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ«‪» ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ‪-‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﺴﻰ«‬

‫( ( ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1984 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [26‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1957 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-183 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [27‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪» [28‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺧﭙﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ‪ -7‬ﺑﺎﺏ‪ -196 ،‬ﭘﺎﺭﺍﮔﺮﺍﻑ‪.‬‬

‫]‪ [29‬ﻍ‪ .‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﺭﺑﺎﺑﻰ ﺗﺎﺗﺎﺗﯘﯕﺎ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1984 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -12 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪ [30‬ﻛﯘﺍڭ ﻳﯘﭼﻰ‬

‫(‪ ( :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻥ ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﺸﻪﻥ‪» ،‬ﻳﯜەﻥ‬

‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ«‬

‫(( ‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬

‫‪ -2‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -241 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [31‬ﻍ‪ .‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨﺮ ﻟﻴﻪﻥ ﺷﯩﺸﻪﻥ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1987 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -36 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [32‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -265 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬ ‫‪157‬‬


‫]‪ [33‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪،‬‬ ‫‪ -261—260‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [34‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -275 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [35‬ﻓﯧﯔ ﺟﻴﺎﺷﯧﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1981 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -119 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [36‬ھﻮﻧﻜﯩﺮ‪-‬ﻣﻮﻧﻜﯩﺮ ﺋﯩﻠﻤﻰ‬

‫— ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﺎﺗﯧﮕﻮﺭﯨﻴﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬

‫ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻪﺭﻛﻪﻙ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ‬

‫ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﭼﯩﺸﻰ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ‬

‫ﭘﯜﺗﯜﻥ ۋەﻗﻪﻟﻪﺭﻧﻰ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﺵ —‬

‫]‪ [37‬ﺳﯧﻬﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻚ‬

‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﯨﻤﯘﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻖ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﻳﺎڭ‪ — ،‬ﻳﯩﻦ‬

‫‪.‬‬

‫— ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﻪﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺋﯩﻼھﯩﻴﻪﺕ ﺧﯘﺭﺍﭘﺎﺗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﻪﺭﻏﯩﺐ‬

‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻘﯩﻢ‪.‬‬

‫]‪ [38‬ﻳﻪﺗﺘﻪﻧﺎﻣﻪ — ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻳﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺘﺎﺏ — »ﻧﻪﺯﻣﯩﻨﺎﻣﻪ«‬ ‫»ﺳﺎﻟﻨﺎﻣﻪ«‬

‫‪» ،‬ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﻪ«‬

‫‪» ،‬ۋﺍﭘﺎﻧﺎﻣﻪ«‬

‫‪» ،‬ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺳﻨﺎﻣﻪ«‬

‫(‪» ،‬ﺋﻪﺩەﭘﻨﺎﻣﻪ«‬

‫‪» ،‬ﻣﯘﺯﯨﻜﺎ«‬

‫‪،‬‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‪.‬‬

‫]‪ [39‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -1976 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -130 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪-3174 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ ① [40‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -277 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬ ‫‪158‬‬


‫ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻟﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫② »ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻟﻰ — ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ«‪ ،‬ﺷﯥ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪،‬‬ ‫‪ -59‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫③ ﻟﻴﯘ ﻳﯩﻨﺸﯩﯔ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﺩﯨﻨﻰ؛ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﯘﺭﯨﺘﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ«‪» ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ۋە‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1982 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻧﻪﻧﺠﯩﯔ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ‪-6‬‬ ‫ﺳﺎﻥ‪ -74 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪.‬‬

‫④ ﻍ‪ .‬ﺋﻮﺳﻤﺎﻥ‪» :‬ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻟﻰ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪-6 ،‬‬ ‫ﺳﺎﻥ‪ -15 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫⑤ ﺗﻴﻪﻥ ۋﯦﻴﺠﺎڭ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻴﻮﻧﻰ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺳﺎﻟﻰ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ -2 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.‬‬

‫]‪ [41‬ﺗﺎڭ ﺷﺎۋﻓﺎڭ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە«‪» ،‬ﻳﯧﯖﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ‬ ‫ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﺎ«‬ ‫ﻛﯩﺨﻮﺩﺯﯦﺮ‬

‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -12 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -60 ،‬ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪ .‬ﭼﻮﺱ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ‬

‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ‪ -110‬ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [42‬ﭼﻮﺱ ﻛﯩﺨﻮﺩﺯﯦﺮ — »ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻞ‪-‬ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻰ«‪ .‬ﺷﯥ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪،‬‬ ‫‪159‬‬


‫»ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-1 ،‬‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -83 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ ① [43‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە »ﺋﻮﻛﻴﺎﻧﯘﺱ‪،‬‬

‫›ﻳﯩﻐﯩﻨﭽﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ ﻧﯘﺳﺨﺎ‹«‪ ،‬ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1980 ،‬‬

‫ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -709 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍﻟﺴﯘﻥ‪.‬‬

‫② ﭼﻮﺱ ﻛﯩﺨﻮﺩﺯﯦﺮ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ ﺳﻪﻱ ﻣﺒﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -353 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [44‬ﻳﺎڭ ﻟﻴﻪﻥ‬

‫‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬

‫‪ :‬ﮔﯜەﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ »ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‬

‫ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -14 ،-19 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻗﺎﻣﯘﺱ‬

‫]‪» [45‬ﺋﺎﺭﯨﺦ ﻗﺎﻳﺎ ﻗﯩﺴﻤﻰ« ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻞ‪ -261 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [46‬ﻳﺎڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﮔﯘﻥ ﻳﯜﻧﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻬﺎﻟﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -30 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [47‬ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺏ‪ -31—30 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪.‬‬

‫]‪ [48‬ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ »ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﻮﭼﻘﺎﺭ ﺗﯧﮕﯩﻦ« »ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ‪ -1985‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫‪ -7‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -13‬ﻛﯜﻧﻰ؛ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ‪ -1985‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -8 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -15‬ﻛﯜﻧﻰ‪.‬‬ ‫]‪» [49‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬ ‫‪ -12‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪160‬‬


‫]‪» [50‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭼﻮڭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ‪ .‬ﻟﻴﺎۋ‪ ،‬ﺷﻴﺎ‪ ،‬ﺟﯩﻦ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬ ‫‪ -514‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [51‬ﺩﺍﺭﯗﻏﺎچ — ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ۋە ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ‪ ،‬ھﻪﺭﺑﯩﻲ ۋە‬ ‫ﻣﻪﻣﯘﺭﯨﻲ ﺋﻮﺭﮔﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻣﯘﭘﻪﺗﺘﯩﺶ )ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﻰ(‪.‬‬

‫]‪» [52‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬ ‫‪ -13‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [53‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -11 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -1398 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [54‬ﺷﻰ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -76 ،‬ﺑﻪﺕ‪») .‬ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ —‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ‪(.‬‬

‫]‪ [55‬ﻟﻰ ﺟﯩﻨﻔﯘ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﺴﻰ — ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫‪ -2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -13‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [56‬ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-273 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [57‬ۋﺍڭ ﺷﺎۋﺟﻴﻪﻥ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﯖﯩﺰﭼﯩﺴﻰ ﺋﻪﻟﺌﯧﺘﻤﯩﺶ«‪» ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﻰ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪،‬‬ ‫‪ -1986‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -9‬ﺳﺎﻥ‪» .‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪ -1957 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -1‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫‪161‬‬


‫]‪ [59] ،[58‬ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،‬‬ ‫‪ -1983‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -355 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [60‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ -15 .‬ﺟﯩﻠﺪ‪ ،‬ﺷﯩﺰﯗ )ﻗﯘﺑﻼﻱ( ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪،‬‬ ‫‪ -1976‬ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -307 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» ①[61‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ«‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ ‪ -110‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫②‬

‫»‬

‫«)‬

‫‪346—356‬‬

‫‪1983‬‬

‫]‪ [62‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ۋە ﺳﺎﯕﮕﺎﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ۋە ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﯩﺪە ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫»ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ — ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ۋە ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﻛﯚﺭﯛڭ‪ .‬ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﯩﻦ ﺗﺎﻟﻼﻧﻤﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺭەﯕﺪﺍﺭ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ«‪» ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﻠﻪﺭ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -78 ،���ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪ .‬ﺳﺎﯕﮕﺎ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ‬ ‫‪ -4‬ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [63‬ﺳﺎﯕﮕﺎ ‪ ،-Senge‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺭﺍﺷﯩﺪﺩﯨﻦ »ﺟﻪﻣﯩﺌﯘﻝ‪-‬ﺗﻪۋﺍﺭﯨﺦ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩەپ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ؛ ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﻴﺎۋ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪،‬‬

‫‪ -130‬ﺑﻪﺗﺘﯩﻤﯘ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﺎﯕﮕﺎ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ‪ -115‬ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ‪ -132‬ﺑﯧﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻪھﻤﻪﺩ ۋە‬ ‫‪162‬‬


‫ﺳﺎﯕﮕﺎﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪.‬‬

‫]‪» [64‬ﺧﻪﻟﻖ ﺭەﺳﯩﻤﻠﯩﻚ ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪ -1982 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -5 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -9 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [65‬ﭼﯩﻨﺨﯘﺍﯕﺪﺍۋ ﺋﺎﺭﯨﻠﻰ — ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺟﯘﯕﻨﻪﻧﺨﻪﻱ‪.‬‬

‫]‪ [66‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫(( »ﺷﯩﺰﯗ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1976 ،‬‬

‫ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -307 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [67‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ« ‪ -54—50‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪.‬‬

‫]‪ [68‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1976 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -51 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [69‬ﺳﯘڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﮔﺎۋ ﺟﯩﻴﺎۋ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1976 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.،‬‬

‫]‪ [70‬ﻕ‪ .‬ۋەﻟﻰ‪» :‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻨﺎﻛﺎﺭﻯ ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻳﺎﺷﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -10 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -47—46 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪.‬‬

‫]‪ [71‬ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ »ﺋﻪﺧﺘﻪﺭﺩﯨﻦ— ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺵ‬ ‫ﻻﻳﯩﻬﯩﻠﯩﮕﯜﭼﯩﺴﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪ .‬ﺷﻰ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -62 ،-61 ،-60 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪163‬‬

‫( ( ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬


‫]‪ [72‬ۋﺍڭ ﺟﯩﻠﻪﻱ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ«‪،‬‬ ‫»ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ« ‪ -1‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1984 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -107 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [73‬ۋﺍڭ ﺟﯩﻠﻪﻱ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ — ﻟﯘ ﻣﯩﯖﺸﻪﻥ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -1‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -17‬ﻛﯜﻧﻰ‪.‬‬

‫]‪ [74‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻣﭽﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺩﻭﺭﯨﮕﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫(‪ ( :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺋﯩﻠﻤﻰ ۋە ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ«‪» ،‬ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬

‫① ﺳﯜﻥ ﺟﻴﻪﻧﺪې‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪») 1982‬‬

‫② ﻟﻮﻟﯘﻟﯘ‬

‫‪ ( -‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -12 ،‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -3 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫(( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯧﺰﯨﺶ‪ ،‬ﺭەﺗﻠﻪﺷﺘﯩﻜﻰ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ«‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺳﻪھﯩﻴﻪ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪-1 ،‬‬ ‫ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫③ ﺋﺎﺑﺪﯗﺷﯜﻛﯜﺭ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯩﻤﯩﻦ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﻗﻪﺷﻘﻪﺭ ﭘﯧﺪﺍﮔﻮﮔﯩﻜﺎ‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪ -1984 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -3 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬ ‫④ ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪﺩ ﺋﯚﻣﻪﺭ ﻣﻪﻧﺴﯘﺭ ھﺎﺟﻰ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯧﺒﺎﺑﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻯ«‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺗﯧﺒﺎﺑﯩﺘﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« )‪ ،(1‬ﺵ ﺋﯘ ﺋﺎ ﺭ ﺳﻪھﯩﻴﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭﯨﺘﻰ ‪ -1983‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ‪.‬‬

‫]‪» [75‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ« ﻗﯩﺴﻤﻰ‬ ‫‪164‬‬


‫)‪ -111 -110‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ( ﻏﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪4‬‬

‫‪.‬‬

‫‪1985‬‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫]‪ [76‬ۋﺍڭ ﭼﯩﺠﻮڭ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺯﯗﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻗﻮﺳﻘﯘﻱ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‪-1987 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ‪ -1 ،‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -16‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﻰ‪.‬‬

‫]‪» [77‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭼﻮڭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ«‬ ‫‪.‬‬

‫‪ .‬ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ -55 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫]‪» [78‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﭼﻮڭ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ«‬ ‫«( «( ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪،-136 ،‬‬ ‫‪ -137‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭ‪.‬‬

‫]‪ [79‬ﻣﺎﺭﻛﻮﺱ‪-‬ﺑﻪﻳﻨﯩﺌﯧﻞ )‪ (Bainiel‬ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﻪﻳﻨﯩﺌﯧﻞ ﻣﺎﺭ ﻧﯧﺴﺘﻮﺭﯨﺌﯘﺱ )‪(Mar Nestorius‬‬ ‫ﻧﯩﯔ ﺳﯘ ﺳﯧﭙﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩﯨﻨﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ .‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﻰ ﺧﯘﺷﻪﻥ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ‬

‫ﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩﯦﺴﻪ‪،‬‬

‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺩﻭﯕﺸﯩﯔ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻛﺘﻮ ﺋﻮﺑﻼﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ( ﻟﯩﻖ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫]‪» [80‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ«‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ‪،‬‬

‫‪.‬‬

‫»‬

‫‪.‬‬

‫‪.‬‬

‫ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﻗﺎﻣﯘﺱ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ‪ ،‬ﺷﺎﯕﺨﻪﻱ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -56 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬ ‫‪165‬‬


‫]‪ [81‬ﻕ‪ .‬ﺑﺎﺭﺍﺕ‪» :‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺮﺳﯩﺘﯩﺌﺎﻥ ﻳﺎﺩﯨﻜﺎﺭﻟﯩﻘﻠﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ«‪ -1986 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -3 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -61 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [82‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ«‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -56 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [83‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪» ،‬ﺭﺍﺑﺒﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﺋﯘﻣﺎ«‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -110 ،-109 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [84‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﻟﻰ ﻳﺎڭ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭەﺳﺴﺎﻣﻰ ﺑﻴﻪﻥ ﻟﯘ ۋە ›ﺑﺎﻣﺒﯘﻛﺰﺍﺭﻟﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﺎۋﯗﻝ‹ ﺭەﺳﯩﻤﻰ«‪،‬‬ ‫»ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﮔﯧﺰﯨﺘﻰ«‪ -1987 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -2‬ﺋﺎﻳﻨﯩﯔ ‪ -5‬ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ ① [85‬ﻛﯘﺍڭ ﻳﻰ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭەﯕﺪﺍﺭ ﻛﯚﺯﻟﯜﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ۋە‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ ﺗﯚھﭙﯩﺴﻰ«‪» .‬ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫‪ -208‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ۋە »ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﺎﻳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ«‬

‫( ( ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1958 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪-9 ،‬‬

‫ﺳﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫② ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺭەﺳﺴﺎﻡ ۋە ﺧﻪﺗﺘﺎﺗﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻓﯧﯔ ﺟﻴﺎﺷﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ -1981 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ‪ -1‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪-119 — 118 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [86‬ﻛﯘﻳﺠﺎڭ ﺭﺍۋﯨﻘﻰ — ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ھﯚﺳﻨﺨﻪﺕ‪ ،‬ﺭەﺳﯩﻢ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺏ‪...‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﻳﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﺎﭘﭙﺎﺭﺍﺕ‪» .‬ﻛﯜﻳﺠﺎڭ ﺭﺍۋﯨﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫‪166‬‬


‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻪﺳﻪﺭﻟﻪﺭﮔﻪ ﺑﺎھﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘﺭﯗﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪ [87‬ﺟﺎۋﺧﯘ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺗﯩﻞ ۋە ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ«‬ ‫ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪.‬‬

‫]‪ [88‬ﺟﯩﻦ ﮔﯜەﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ — ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺗﻪﯕﺰﯗﯕﻨﯩﯔ ﻳﯩﻠﻨﺎﻣﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪-649 ،-627 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫]‪ [89‬ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -353 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [90‬ﺗﻴﻪﻥ ۋﯦﻴﺠﺎڭ‬

‫((‪» ،‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﺋﺎﺭﺍﺳﺎڭ«‪،‬‬

‫»ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﻪﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ‪ -2‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1985 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪.‬‬

‫]‪ ① [91‬ﺟﺎۋ ﺧﯘﺍ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﯩﺮﻯ«‪» ،‬ﺗﯩﻞ ۋە‬ ‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ« ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -105 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫② ﻓﯧﯔ ﺟﻴﺎﺷﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻐﺎ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ« ‪ -1981‬ﻳﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -119 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫③ ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﯩﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -353 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [92‬ﻛﺎﺭﯗﻧﺎﺩﺍﺳﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺘﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﺎﺭﯗﻧﺎ ‪» -Karuna‬ﺋﺎﺯﺍﺑﻼﻧﻤﺎﻕ«‪ ،‬ﺩﺍﺳﺎ ‪-dasa‬‬ ‫»ﻗﯘﻝ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ‪ ،‬ﻟﻴﯘﻳﯩﻨﺸﯩﯖﻨﯩﯔ‪» :‬ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫‪167‬‬


‫« « ژﯗﺭﻧﯩﻠﻰ‪ -1982 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -12 ،‬ﺋﺎﻱ‪-6 ،‬‬

‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ ﻣﻪﺟﻤﯘﺋﻪﺳﻰ«‬ ‫ﺳﺎﻥ‪ -80 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪» [93‬ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﺎﻥ ﻛﺎﺭﯗﻧﺎﺩﺍﺱ«‪ ،‬ﺷﯥ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -72 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [94‬ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -7 ،‬ﺗﻮﻡ‪ -353 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪›» ① [95‬ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‹ ﻧﻰ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ — ﻟﻴﻪﻥ ﺧﯘﻳﺸﻪﻥ ﻗﺎﻳﺎ«‪ ،‬ﺷﯥ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪،‬‬ ‫‪ -73‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫② ﻟﻴﯘ ﺟﯩﺸﺎۋ‪» :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ -278 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪›» [98‬ﺟﯩﻦ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‹ ﻧﻰ ﺗﯜﺯﯛپ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﮕﯜﭼﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺳﺎﺭﺍﺑﺎﻥ«‪ ،‬ﺷﯥ ﺧﯘﺧﯘﺍڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‪.‬‬ ‫»ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺯ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺷﻪﺧﺴﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‪ -1 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1983 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -94 -93 ،‬ﺑﻪﺗﻠﻪﺭﮔﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪ [100] ،[99‬ﺳﻪﻱ ﻣﯧﻴﺒﻴﺎۋ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ‪» :‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪-1983 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻞ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -7 ،‬ﻗﯩﺴﯩﻢ‪-354 ،‬ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍڭ‪.‬‬

‫]‪» [101‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻴﺎﺕ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ«‪ ،‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1996 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -2 ،‬ﺳﺎﻥ‪-92 ،‬‬ ‫ﺑﻪﺕ‪.‬‬ ‫‪168‬‬


‫]‪ [102‬ﻳﺎڭ ﻟﻴﻪﻥ »ﻳﯜەﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺕ ﺷﺎﺋﯩﺮﻟﯩﺮﻯ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ«‪،‬‬ ‫«« ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﻪﺷﺮﯨﻴﺎﺗﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻧﻪﺷﺮﻯ‪ -1999 ،‬ﻳﯩﻠﻰ‪ -247 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫]‪ [103‬ﻛﯜﻱ ﺷﯩﭙﯩﯔ‪ ،‬ﺷﺎڭ ﻳﻪﻧﺒﯩﻦ »ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮ‪-‬ﭼﺎۋﺷﻴﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺋﻪﻟﭽﻰ — ﺷﯥ ﭼﺎﯕﺸﻮۋ‪ ،‬ﺷﯥ ﺳﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە«‪ ،‬ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ‪» ،‬ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻰ«‪-1995 ،‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ‪ -5 ،‬ﺳﺎﻥ‪ -66 ،‬ﺑﻪﺕ‪.‬‬

‫‪169‬‬


‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺑﯚﻟﯜﻡ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ‬

‫ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ھﻪﺭ ﺧﯩﻞ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ۋە ﺋﻪﺭەﺏ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺳﻼﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -2000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ‬ ‫»ﮔﯘﻳﻔﺎڭ«‬

‫( ( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ‬

‫ﺑﺎﺭ‪ .‬ﮔﯘﻳﻔﺎﯕﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ »ﺩﯨﻼﺭ«‬

‫( ( ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﮔﯘﻱ‬

‫( ﺧﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻮﺭ‪-‬ﮔﯘﺭ ﺩەپ‬

‫ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺪﻯ]‪» .[1‬ﺗﯜﺭﻙ ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ« ﻧﯩﯔ »ﻏﯘﺭ« ﻣﺎﺩﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺋﻮﻏﯘﺯ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍپ ›ﻏﯘﺭ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪› ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯ‹ ﺳﯚﺯﯨﻤﯘ ﻗﯩﺴﻘﯩﺮﺍپ ›ﻏﯘﺯ‹‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ھﻪﺭ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻧﺒﻪﺩﯨﻨﺪﯗﺭ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﯧﻤﻪ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﻗﯩﻴﯩﻦ«]‪ [2‬ﺩەپ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﻏﯘﺭ‪-‬ﻏﯘﺯ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺭ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫»ﺩﯨﻼﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ﻏﯘﺭ‪-‬ﻏﯘﺯ )ﺋﻮﻏﯘﺭ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ( ﻻﺭ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ۋﺍﺭﯨﻴﺎﻧﺘﻰ‪ .‬ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻣﻮﺯﻯ )ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -376—468‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ( ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪» ،‬ﻣﻮﺯﻯ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ‬ ‫‪170‬‬


‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﭽﯩﻠﯩﻚ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﯩﻠﻰ ﻳﺎۋ )‬

‫( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﯘﻣﯧﺮ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ »ﺩﯨﯖﮕﯧﺮ«‪ ،‬ﺑﺎﺑﯩﻞ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫»ﺗﯧﮕﯩﺮ‪-‬ﺩﯦﮕﯩﺮ« )ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺗﻪﯕﺮﻯ( ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﻰ ﺧﯧﻠﻰ‬ ‫ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ‪» .‬ﺋﺎۋﯦﺴﺘﺎ« ﺩﺍ »‪ «Drkh‬ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻟﯩﯖﺨﯘﺩﯨﻔﯩﻦ‬ ‫ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺟﻮۋﻧﺎﻣﻪ«‬

‫( ( ۋە »ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﻯ« ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯚپ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ‬

‫ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺩﻯ‪-‬ﺗﯧﮕﯩﺮ‪-‬ﺗﯜﺭﻙ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺵ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ III‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ‪ ،‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ‪-‬ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ )ﮔﺎۋﭼﯥ‪-‬ﮔﺎۋﮔﯜﻱ(‪ ،‬ﺗﯧﻠﻰ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﻪﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻪﺭﯨﻘﯩﺴﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ .1‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ﺩەۋﺭﻯ‬

‫ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﭘﻪﻧﺪە ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺭﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺵ ﺗﯜﭘﻜﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻚ‪ .‬ﻗﯩﻴﺎﺳﺘﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ‪ ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﻣﻪﻣﻨﯘﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﻗﯩﻴﺎﺳﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﺍﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﻐﺎ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﺑﺎﻏﻠﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﻳﻼﻧﺪﯗﺭﯨﺪﯗ‪ -1904 .‬ﻳﯩﻠﻰ ﭘﯧﺘﺮﺑﻮﺭگ )ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺳﺎﻥ‪-‬ﭘﯧﺘﺮﺑﻮﺭگ( ﺩﺍ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﻠﻐﺎﻥ‪-1939 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﻮﺳﻜﯟﺍﺩﺍ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻧﻪﺷﺮ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﻳﯧﺰﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﺵ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ‪ -5‬ﺑﯧﺘﯩﺪە »‪ ...‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﻡ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻣﯩﺴﺴﻮﭘﻮﺗﺎﻣﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪«...‬‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ XIX‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﻻۋﻟﯩﻨﺌﻮﺱ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﺳﻜﯩﻔﻠﻪﺭﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‪-‬ﻣﺎﻧﺠﯘ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﯘﺭﺍﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ )ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻰ‬ ‫ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ — ﺋﺎ( ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻏﺎ‬ ‫‪171‬‬


‫ﺋﺎﺋﯩﺖ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻛﻪﺷﭙﯩﻴﺎﺗﻼﺭﻏﺎ ﻳﻮﻝ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺳﯘﻣﯧﺮ‪ ،‬ﺋﻪﻻﻡ ۋە ھﻮﺭﻯ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﻣﯘﺋﻪﻳﻴﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﯩﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﻳﯩﺮﺍﻕ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻪﺭﭘﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‬ ‫ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺗﻮﭘﻨﯩﯔ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺳﯜﺭﯛۋﺍﺗﻘﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ‬ ‫ﺑﺮﺍﻟﯩﺴﻔﺎﻝ )ﺋﺎﻕ ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ( ﻻﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ‪ ،‬ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ھﻮﻣﻤﯩﻞ )‪ (Hommil‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻡ ﺩەپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻼپ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻛﯩﻨﯩﯔ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -5000‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ۋە‬ ‫ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻥ]‪.[3‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺳﯘﻣﯧﺮ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﺎﻡ ۋە ھﯩﻨﺪﻯ‪-‬ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺗﯩﻞ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﭽﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ »ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ‪-‬ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﻤﺎ ﮔﯘﺭﯗﭘﭙﺎ ﺗﯩﻠﯩﺪﯗ« ﺩەﻳﺪﯗ]‪ [4‬ۋە ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ھﯘﻥ‪ ،‬ﺳﺎﻙ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩەﭘﻨﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻻﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻼﺭ ۋە ﺋﯘﻻﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ھﻮﺭﻯ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﯘﺳﯘﺳﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭ — ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ‬

‫( ( ﺋﯩﺰﻟﯩﺮﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ]‪.[5‬‬

‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰﺩەﻙ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻣﯩﺴﺴﻮﭘﯘﺗﺎﻣﯩﻴﯩﺪە ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﻪﺩەﻥ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﺩەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻣﻪﺩەﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪ 4600 .‬ﻳﯩﻞ ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﻡ ﺩەپ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻧﮕﻪﻥ ﺳﯘﻣﯧﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﺗﺎﻏﺎﺭ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﻮﭘﺎﻝ ﻳﯘڭ ﻛﯩﻴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ‪ ،‬ﻛﯜﻣﯜﺵ‪ ،‬ﻣﯩﺲ ۋە ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻣﯧﺘﺎﻟﻼﺭ ﺳﯘﻣﯧﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ۋﺍﺳﯩﺘﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯩﺴﺴﻮﭘﯘﺗﺎﻣﯩﻴﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﻐﺎﻥ]‪ .[6‬ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ھﺎۋﺍﺳﻰ ﺑﻪﻙ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﺎﻥ ﻗﯧﺰﯨﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫‪172‬‬


‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﺍ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‪-‬ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻛﻰ‪ ،‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻳﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‬ ‫ۋە ﺳﯘﻣﯧﺮ‪ ،‬ھﻮﺭﻯ‪ ،‬ﺋﻪﻻﻡ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻗﻮۋﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪە ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ]‪.[7‬‬ ‫‪ .2‬ھﻮﻧﻼﺭ ۋە ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻰ‬

‫ھﻮﻧﻼﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻰ ﮔﯘﻳﻔﺎڭ ﻳﻪﻧﻰ ﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪III‬‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯜﻣﻪﻥ ۋە ﻣﯘﺩﯗ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ -209‬ﻳﯩﻠﻰ ﻣﯘﺩﯗ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺩﺍﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﯘﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﺶ ۋە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺸﺘﻪﻙ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﻪﭼﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻠﯩﺮﻯ )ﮔﯘﺍﯕﯟﯗﺩﯨﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘۋ ‪ -24‬ﻳﯩﻠﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -48‬ﻳﯩﻠﻰ( ﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺟﻪﻧﯘﺏ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻝ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ھﯘﻧﻼﺭ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺯﺍﺭﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪھﻠﯩﻜﻪ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ھﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯘﺭﻣﺎ ھﯘﺟﯘﻡ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﺭﯗﺵ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -89‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯩﺮﻛﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ‪ -91‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ )ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﻜﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ( ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ھﻮﻧﻼﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻠﻰ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﻣﻪﻧﺰﯨﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻥ )ﺋﺎﺋﻮﺭﺳﻰ( ﻳﻪﻧﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ‬ ‫ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﻰ ‪ V‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﻘﺎﻥ]‪.[8‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ھﻮﻧﻼﺭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ‬ ‫ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ۋە ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫‪173‬‬


‫ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩﯨﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﻗﻮۋﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ‬ ‫ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪ ،‬ھﯘﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺩﯨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﺎﻳﺎﺕ‪-‬ﻣﺎﻣﺎﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ھﻪﻡ‬ ‫ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ھﻮﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘﺭﯗﻟﯘپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ھﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭼﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻟﻴﯘ ﺷﯜﻱ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻛﻮﻧﺎ‬ ‫ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ«‬

‫((‪ ،‬ﺋﻮۋ ﻳﺎﯕﺸﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ«‬

‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺗﻪھﺴﯩﻞ«‪،‬‬ ‫ﺟﯘﺟﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺑﻪﺵ ﺳﯘﻻﻟﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫((‪ ،‬ﻣﺎۋﺩﯛﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻳﺎﺯﻣﺎ‬

‫((‪» ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻗﺎﻣﯘﺳﻨﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻰ«‬

‫((‪ ،‬ﺷﯚ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ‬

‫ھﻮﻧﻼﺭ ﺩەپ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫»ﻗﯘﺕ‪-‬ھﻮﻥ«‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ھﻮﻥ‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﭘﯘﺷﺘﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﺪﺍﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻼﭘﺮﻭﺕ )‪ ،(J. Klaproth‬ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ )ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﻭﻣﺎ( ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯩﻜﯩﺘﺎ‬ ‫)‪ ،(Nikita‬ﻟﯧﯟﮔﺮﺍﻣﻤﺎﺗﯩﻚ )‪ ،(Lev Grammatik‬ﺟﻮﺭﺟﻰ )‪ (Georgi‬ﻻﺭﻧﯩﯔ »‪ «Ongur‬ﻻﺭ‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ھﻮﻥ ﺋﯘﻟﯘﺱ‪-‬ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚپ‬ ‫ۋە ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﮔﺎۋﮔﯜﻱ )ﮔﺎۋﭼﯥ‪-‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ »ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻮﻧﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺋﯘﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪەﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ]‪.[9‬‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ھﻮﻧﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﯨﻼ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﺷﯘ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻛﯚﭼﯜﺷﺘﻪ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﭘﯘﺷﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ۋﯨﻨﮕﯩﺮ )ھﻮﻧﮕﯩﺮ( ﻻﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ‪ ،‬ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻯ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻠﻪﺭ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫‪174‬‬


‫ھﻮﻧﻼﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﯩﮕﻪ ﺩﺍﺋﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﺩﯗﺭ‪.‬‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮﻡ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯘﻕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ﺩﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪:‬‬ ‫ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ )ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ( ﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ »ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﻗﻮۋﻡ ›ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ‹ ﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ I‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﯘﺗﺌﯘﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺕ‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﻪﺭﺳﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺋﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺟﺎﻳﯩﺪﺍ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ›ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ‹ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ›ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ‹ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪› .‬ۋەﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺭﯗﯕﻼﺭ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ‹ ﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ›ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ‪ ،‬ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯘﺗﺌﯘﺵ ﺗﻪﯕﺮﯨﻘﯘﺗﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە ﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ۋەﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ۋە ﺟﯩﻦ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﻗﯘﺭﺍﻣﯩﻐﺎ ﻳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭ ‪60‬‬ ‫ﻣﯩﯔ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ‪ 150‬ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻏﯘﺯ ﺋﯧﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺩﻯ‬

‫( ( ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻚ ﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺩﻯ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚپ‬

‫ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺳﻮﻏﺪﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺩﻯ ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ ﻏﯘﺯ ﺳﻮﺩﯨﮕﻪﺭﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ«]‪.[10‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺯﯨﻜﺮﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‪ ،‬ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﺎ )ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ( ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗپ‬ ‫ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ )‬

‫( ﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬

‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ‪ ،‬ﺑﯘﺧﺎﺭﺍ‪ ،‬ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ‪ ،‬ﺳﻪﻟﯩﺰ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﺩەﻙ‬

‫»ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗﭘﻼﺭ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗپ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﻯ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪ .[11‬ﺑﯘﻻﺭ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﻮﺩﺍ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ ۋە ﭼﺎﯕﺌﻪﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ«‬ ‫ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺷﻰ ﻓﯘﭼﯩﯔ )‬

‫(‪ ،‬ﺷﻰ ﺟﯧﺠﯩﮋ‬ ‫‪175‬‬

‫((‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬


‫ﺩﯦﻴﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ۋﯦﻦ ﺯﻭڭ )‪ ،(835—826‬ۋﯗ ﺯﻭڭ )‪ (846—841‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ -842 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ »ﻟﻰ ۋﯦﻨﺮﺍۋ ﺗﻮﭘﻼﻣﻠﯩﺮﻯ«‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﻳﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﻣﻪﻛﺘﯘﭘﻼﺭ«‬ ‫ﺋﻪھﯟﺍﻻﺗﻰ«‬

‫(( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫( ( ﻧﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺷﯥ ﺟﯩﺠﯩﻨﯩﯔ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺑﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ‪-13‬‬ ‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺩەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﻴﺎﯕﺪﺍ‬

‫ﺟﯩﻠﺪﯨﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﻧﺸﺎۋﺷﯜﻥ«‬

‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗﭘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﺧﺎﺭﺍﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻥ]‪.[12‬‬

‫‪ .3‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ۋە ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋە‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‬

‫‪ (1‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻟﻰ ﻳﻪﻧﺸﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ‬

‫‪.‬‬

‫( ( ﺩە ﺗﯧﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﯧﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﺪﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯜﺭﻯ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﻟﻘﺎﺵ‬ ‫ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜﺯﯛﻟﻤﻪﻱ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻮﻏﻼ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﯘﺕ‪ ،‬ﺗﻮﯕﺮﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺑﺎﻳﯩﺮﻗﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﺮﻛﯩﻦ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻼﺗﺘﻰ؛ ﭼﻮﻣﯘﻝ‪،‬‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ‪ ،‬ﺋﯩﺰﮔﯩﻞ‪ ،‬ﻗﯘﻥ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ‪ 20‬ﻣﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ؛ ﺋﯧﯟﯨﺮﻏﻮﻝ‬ ‫)ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻗﯘﻣﯘﻟﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ(‪ ،‬ﻛﯩﻨﮕﯩﺘﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋە ﺋﺎﻗﺘﺎﻍ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯜﺑﻪ‪ ،‬ﺑﯘﻻﻍ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ‪ ،‬ﺩﯨﺴﯘﺑﺎﻧﺎﻍ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯ‪ ،‬ﺧﺎﻛﻜﺎﺱ‪ ،‬ﺋﯩﻜﺪﯨﺮ‪ ،‬ﺋﻮﻧﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ 20 ،‬ﻣﯩﯔ ﻟﻪﺷﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ؛ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ‬ ‫ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺳﯩﺮﺩﺍﺩﯗﺵ‪ ،‬ﺩﯦﻠﯩﺮ‪ ،‬ﺯﺍﺑﺎﻧﺪﯨﺮ‪ ،‬ﺩﺍﭼﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ 10 ،‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺳﻮﻏﺪﯨﻴﺎﻧﺎﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﻞ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺗﯩﺌﯩﺰﻡ‪ ،‬ﻗﺎﺳﺎﺭ‪ ،‬ﺑﺎﺧﯘ‪،‬‬ ‫ﭘﯧﭽﻪﻧﻪﻙ‪ ،‬ﺟﯘﺧﻪﻱ‪ ،‬ھﺎﻳﺒﯩﭻ‪ ،‬ﻗﻮﭼﺎﻱ‪ ،‬ﺳﻮﭘﯘ‪ ،‬ﻳﯩﻤﺎﻕ‪ ،‬ﻗﯘﺗﺘﺎﻝ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ 30 ،‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﺪە ﺳﺎﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺋﯜچ ﺋﯘﺭﯗﻕ ﻳﯧﻤﺎﻕ‪ ،‬ﺳﻮﺭﯗﯕﻘﺎﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫‪176‬‬


‫ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ‪ 8000‬ﺩﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﯩﺪﻯ؛ ﻗﻪﺭەڭ )ﺭﯨﻢ( ﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪە ﺋﺎﺳﻜﯩﻞ‪ ،‬ﺋﺎﻻﻥ‪ ،‬ﺑﯧﻴﺮﯗ‪،‬‬ ‫ﻗﯘﻟﯩﺲ‪ ،‬ﻗﯘۋﯨﻨﺨﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ‪ 20‬ﻣﯩﯖﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ ﺗﻮﺑﺎﺱ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﻳﻮﻕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‬ ‫ھﺎﻟﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﻳﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺶ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﻪۋە ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‪-‬ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﻼﺭ ﻛﻪڭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻓﻮﺭﯗﻣﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪە ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮە ۋﯦﻴﺠﯩﯔ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺳﯜﻳﻨﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻤﯘ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫»ﺋﯚﺯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻳﺎڭ‬ ‫ﺷﯩﯖﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪:‬‬ ‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ›ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺋﯘﺭﯗﻕ ۋە ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻮۋﻡ‹ ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻥ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﯩﺪﯗ«‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺋﯜچ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯜچ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‪-‬ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ھﺎﻟﺪﺍ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯜچ ﭼﻮڭ ﺩەﺭﻳﺎ — ﺗﯘﻏﻼ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋە ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺩەﺭﻳﺎ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻏﻼ‬

‫( ( ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ›ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺗﻮﻏﻼ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ‬

‫ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ›ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‹ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ‬

‫(( ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ›ﺋﻮﻥ‬

‫ﻛﯜﻥ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‬ ‫›ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩەپ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ ...‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ — ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﻨﮕﺎ‬

‫( ( ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ ›ﺳﯧﺮﯨﻖ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺋﺎھﺎڭ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﯩﺴﻰ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ‬

‫›ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ - 840 ،‬ﻳﯩﻠﻰ )ﻏﻮﺑﻰ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯜەﻧﻔﯧﯔ‬ ‫‪177‬‬


‫‪ - 4‬ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1081‬ﻳﯩﻠﻰ( ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺏ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪە ›ﺳﯧﺮﯨﻖ‬ ‫ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‹ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺏ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ‪ IV‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻼ‬ ‫ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺭﯗﺳﯩﻴﻪ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ]‪.[13‬‬ ‫ﻳﺎڭ ﺷﯩﯖﻤﯩﻦ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﻯ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺗﻮﻏﻼ — ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ( ﻏﺎ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ ﻗﻮﺷﯘﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺭﻭھﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﻳﯩﭗ‬ ‫ﺋﯘﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ )ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ‪ VI - V‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻼ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‪ :‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ )»ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﯩﺪﯗ(‬ ‫»ﺳﺎﺭﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺳﻮڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﺍ‬ ‫ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ »ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺑﺎﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ۋە ﻳﯜەﻥ‪ ،‬ﻣﯩﯔ‪ ،‬ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻟﻮﭘﻨﯘﺭ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪە‪،‬‬ ‫ﭼﯩﯖﺨﻪﻱ )ﻛﯚﻛﻨﯘﺭ( ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﺪە‪ ،‬ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﺧﯧﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﻧﺎﻡ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛۋﺍﻻﻻﻳﻤﯩﺰ]‪ .[14‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ...‬ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ‪ V‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ھﻪﻣﺪە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻤﻐﺎ ﺋﻪﻟﭽﻰ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ]‪.[15‬‬ ‫ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﺴﺎﻕ‪ ،‬ﺳﺎﺑﯩﻖ ﺳﻮۋﯦﺖ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺩ‪ .‬ﻳﯧﺮﯨﻤﻴﯧﻔﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﻧﯘ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪:‬‬ ‫»ھﻮﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻰ ﺭەﯕﮕﺎﺭەڭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻮﮔﺮﻻﺭ )ﺋﻮﮔﯘﺭﻻﺭ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ۋﯨﻨﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺧﺎﻧﯩﺘﻼﺭ ۋە ﻣﺎﻧﯩﺴﻼﺭ(‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗﻛﻰ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﻠﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻮﺭﺗﺎﻗﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ۋە‬ ‫ﺗﻮﯕﮕﯘﺱ ‪ -‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ‪ ،‬ﭼﻮڭ‬ ‫‪178‬‬


‫ﺋﻮﺭﺍﻝ‪-‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯨﺪﯗ]‪.[16‬‬ ‫ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﻮﮔﺮ )ﺋﻮﮔﯘﺭ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ( ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﮔﺮ )ﺋﻮﻏﯘﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻮﻥ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻣﻪۋﺟﯘﺩﻟﯘﻗﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ‪ ،‬ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻣﺎﺱ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﻟﻐﯘﺯ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەﻙ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﯩﻼ ﺑﯚﻟﯜﻧﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ »ﺗﯜﺭﻙ‬ ‫ﺋﯧﻨﺴﯩﻜﻠﻮﭘﯧﺪﯨﻴﯩﺴﻰ« ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺗﯩﻞ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ]‪:«[17‬‬ ‫ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ‬ ‫ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺋﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‬ ‫ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ‬

‫ﺩﯦﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -461‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺒﯩﺮﻻﺭ )ﺳﺎﺑﯩﺮﯨﻼﺭ‪ ،‬ﺳﻴﺎﻧﭙﯩﻴﻼﺭ(‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺷﯘﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‪،‬‬ ‫ﻗﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[18‬‬ ‫ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺟﻮﺭﺩﺍﻧﯩﻨﯩﯔ ‪ - 551‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻛﺎﺩﯨﻴﺎﻧﯩﯔ ‪ -552‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ‪ IV‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪﺍ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﻧﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -569‬ﻳﯩﻠﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﯘﺭﯨﻴﻪ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻪﺭﺩە »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺗﯩﻠﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ‪ 12‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﻪﺩۋﯨﻠﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﺎﺭﻏﯘﺭﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟەﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﻮﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺳﺎﺑﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ‪ ،‬ﻗﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ‪ ،‬ﻛﺎﺳﺪﯨﻤﯩﺮ‪ ،‬ﺑﺎﻏﺮﺳﯩﻖ‪ ،‬ﻗﯘﻟﺲ‪ ،‬ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ‪ ،‬ﺋﯧﻔﺘﺎﻟﺖ‪.‬‬ ‫ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼپ‬ ‫‪179‬‬


‫ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەﻙ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪:‬‬ ‫)‪ (1‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﻻﺭ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﻳﻪﻧﻰ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪) -480‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﺎ ‪ (-482‬ﻳﯩﻠﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ۋە ۋﻭﻟﮕﺎ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺟﺎﻳﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﻪڭ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﺩﯨﻦ ﺗﺎﻛﻰ ﺩﻭﻧﺎﻱ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎھﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ‬ ‫ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﺍ »ﺑﯜﻳﯜﻙ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﯨﻴﻪ« )‪ (Lagrande Bulgaria‬ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪» .‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ »ﺑﻪﻟﻐﯘﺭ« ﻳﻪﻧﻰ »ﺑﻪﺵ‬ ‫ﺋﻮﻏﺮﻯ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ]‪ .[19‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -469‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ھﻮﻥ‬ ‫ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﺍ ھﻮﻧﻼﺭ ﺋﺎﺗﯩﻠﻼﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﯧﺮﻧﻪﻙ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﯨﻴﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ »ھﻮﻧﯘﻏﯘﺭﻻﺭ«‬ ‫ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﺷﻘﺎﻥ]‪ .[20‬ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ« ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫)‪ (2‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ« ﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻮﺗﯘﻏﯘﺭ — ﺋﯘﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺋﯜﺗﯩﻐﯧﺮ‪ ...‬ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﻮﺗﯘﻏﯘﺭ — ﻗﯘﺕ ‪+‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ‪» ،‬ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﻮﻏﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە‪ ،‬ﺋﯘﺗﯘﻏﯘﺭ‬ ‫ﺋﯘﺕ ‪ +‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﺕ ﺋﯘﺗﻤﺎﻕ‪ ،‬ﺋﯘﺗﯘۋﺍﻟﻤﺎﻕ‪ ،‬ﻳﻪﯕﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﻕ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ »ﺋﯘﺗﯘﻕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﯘﭼﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻳﺎﻛﻰ »ﻏﺎﻟﯩﺐ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﺪە‪ .‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﻗﯘﻧﺘﺎﻍ« ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ‬ ‫ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫)‪ (3‬ﺋﺎﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﺪە ﺋﺎۋﺍﺭ ﺩەﭘﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺭﻭﺭەﻧﻠﻪﺭﺩﯗﺭ‪» .‬ﺋﺎﺑﺎﺭ« ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪180‬‬


‫)‪ (4‬ﻛﺎﺳﺪﯨﻤﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻳﻪﻧﺴﻪﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﭼﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﯘﻣﯘﻝ ﻣﯘﺩﺍﭘﯩﺌﻪ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫)‪ (5‬ﺳﺎﺑﯩﺮ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە )‬

‫«« ﺷﻴﻪﻧﺒﯧﻲ( ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻴﻼﺭﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬

‫ﺧﻪﻥ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ‪ ،‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﺋﯧﮕﯩﺰﻟﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺟﯘﯕﻐﺎﺭ‬ ‫)ﻳﺎﺭﯨﺶ( ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻲ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪەﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺩەﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﻳﻘﺎﻝ ﻛﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﻰ ۋە ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﻪ« ﺋﻪﻧﻪ‬ ‫ﺷﯘ ﺷﻴﻪﻧﺒﯧﻲ‪-‬ﺳﯩﻴﺎﻧﭙﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫)‪ (6‬ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬

‫‪،‬‬

‫ﺩەپ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ھﻪﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ« ﺳﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺋﺎﺑﺪﺍﻝ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ« ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ ھﻪﻡ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻮۋﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺩﯨﺰ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩەﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﯨﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‬ ‫ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﺍﺗﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﻏﺎﻧﻰ ﺋﺎﺳﺮﺍﻧﺪﻯ ﺋﻮﻏﯘﻝ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯟﺍﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ﺋﯩﻨﺎۋەﺕ ﻗﯘﭼﻘﺎﻥ ﻗﺎﻏﺎﻥ« ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ »ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ« ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺋﯚﺳﯜپ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫)‪ (7‬ﺋﯧﻔﺘﺎﻟﺖ‪ ،‬ﺑﯘ ﻗﻮۋﻡ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ‪ ،‬ﭘﯧﺮﯨﺴﯩﻴﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺩﯙﻟﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﭘﻪﻳﺘﺎﻟﻼﺭﺩﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺷﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﻗﯘﺩﺭەﺗﻠﯩﻚ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺎﺭﺳﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﻮﺷﯘﻧﻰ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ھﺎﻻﻙ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‬ ‫( ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻟﻴﺎڭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺧﯘﺍﮔﯘ‬

‫« )« ﺧﯘﺍ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺕ‬

‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ »ﮔﯘﺭ‪-‬ﻏﯘﺭ« ﺩەپ ﺋﻮﻗﯘﻻﺗﺘﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﺩە ﻳﻪﭘﺘﺎﻟﻼﺭ )ﺋﯩﻔﺘﺎﻟﯩﺘﻼﺭ(‬ ‫»ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺭﻯ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻡ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ‬ ‫ﺗﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﭼﺎﺭۋﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯚﭼﻤﻪﻱ‬ ‫‪181‬‬


‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﭘﺘﺎﻟﻼﺭﻣﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫)‪ (8‬ﻗﻮﻟﯩﺲ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻡ ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫)‪ (9‬ﺑﺎﻏﺮﺳﯩﻖ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻧﺎﻣﻤﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﺭ )ﻗﺎﺳﺎﺭ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻣﯘ »ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻛﯚﺯﮔﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫««‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ ﻛﯧﺴﺎﺭ —‬

‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ھﻪﻣﯩﺸﻪ »ﺗﯜﺭﻙ ﮔﯧﺴﺎﺭ —‬

‫« « ﺩەپ‬

‫ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﺎﺳﺎﺭﻻﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VI—VII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﻛﺎۋﻛﺎﺯﺩﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩە ﻗﺎﺳﺎﺭﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ« ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ]‪ .[21‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ﻗﺎﺳﺎﺭﻻﺭﻧﻰ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺩەۋﺍﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ (2‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭘﯧﺮﯨﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ‬ ‫ﺭەﺷﯩﺪﯨﺪﺩﯨﻨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﺋﯧﻨﯩﻘﺮﺍﻕ ﺋﯘﭼﯘﺭﻏﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ :‬ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ۋﯨﻼﻳﯩﺘﯩﺪە ھﻪﻳﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻗﺮﺍﺗﯘﺑﯘﺯﻟﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺋﺎﺷﻘﯘﻧﻠﯘﻕ ﺗﻪﯕﺮﯨﻢ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﮔﺪﺍﻳﺨﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺷﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﺍ ﻗﯘﺕ ﺗﺎﻍ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻍ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﺎﻏﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺋﻮﻥ ﺋﯧﻘﯩﻦ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭﻳﺎ ﺋﯧﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﯘﺷﯘ ﺩەﺭﻳﺎ ﺳﺎھﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﺎﻍ ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻠﻪﺭﺩە ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﻮﻥ ﺩەﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺩەﺭﻳﺎﻧﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﯗﺵ ﺋﻮﻥ ﺩەﺭﻳﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﺎﺭﻏﯘﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺭەﺕ ﺗﻪﺭﺗﯩﭙﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەﻙ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ‪ :‬ﺋﯩﺴﻠﯩﻖ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯩﺴﻘﯘﻝ‪ ،‬ﺋﻮﺗﯘﺗﻘﺎﺭ‪ ،‬ﺑﯘﻗﯩﺲ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﺯﻗﯘﻧﺪﯗﺯ‪ ،‬ﺗﯘﻻﺭ‪ ،‬ﺗﺎﺭﺩﺍﺭ‪ ،‬ﺋﺎﺩﺍﺭ‪ ،‬ﺋﯘﭼﺘﺎﺑﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎﻣﻼﻣﭽﯘ ۋە ﺋﯚﺗﯜﻛﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬ ‫‪182‬‬


‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯜچ ﺩەﺭﻳﺎ ﺳﺎھﯩﻠﯩﻐﺎ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯚﺕ ﺩەﺭﻳﺎ ﺳﺎھﯩﻠﯩﻐﺎ ﺑﻪﺵ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‬ ‫ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﻗﺎﻣﻼﻧﭽﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻧﻼﺭ ﻟﻮﻧﻚ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻥ؛ ﺋﻮﻧﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺋﯚﺗﯩﻜﻪﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﻗﺎﻣﺎﻕ ﺋﺎﺗﯩﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ .‬ﺩەﺭﻳﺎ‬ ‫ﺳﺎھﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪە ‪ 122‬ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪﺱ]‪.[22‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻼﺭ ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ V-VII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺭەﺷﯩﺪﯨﺪﺩﯨﻦ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ (3‬ﮔﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ .‬ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ۋەﻱ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻳﺨﯥ ‪ -11‬ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -487‬ﻳﯩﻠﻰ(‬ ‫ﭘﻮۋﯗﺭﻏﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ‪ 100‬ﻣﯩﯔ ﺋﺎﺩﯨﻤﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‬ ‫ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﯘ ﻗﺎﯕﻘﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ‬ ‫ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﻭﺭەﻧﻠﻪﺭ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺯﯗﻟﯘﻣﯩﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎﻱ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪ‬ ‫ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﺍ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﻳﺎﭘﺒﺎﻥ )ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ( ﻏﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪھﻪﻝ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﺸﻐﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺭﻭﺭەﻧﻠﻪﺭ ﺋﻮﺭﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -541‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﺭەﻧﻠﻪﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺭﯨﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﭘﺮﯨﺴﻜﻮﺳﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -461‬ﻳﯩﻠﻰ ﺳﺒﯩﺮﻻﺭ‬ ‫)ﺳﺎﺑﯩﺮﯨﻼﺭ‪ ،‬ﺳﻴﺎﻧﭙﯩﻼﺭ( ﺭﻭەﻥ‪-‬ﺋﺎۋﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯەﺭﺑﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﯩﺒﯩﺮﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ‪،‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ‪ ،‬ﺋﻮﺗﯘﻏﯘﺭ‪ ،‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭ ۋە ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ‬ ‫‪183‬‬


‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜپ‪ ،‬ﻛﺎﺳﭙﻰ ﺩﯦﯖﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ۋە ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ۋﻭﻟﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﻣﯧﯖﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎﺭەﻥ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﻞ )ۋﻭﻟﮕﺎ( ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺩﻭﻥ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭ ﺗﺎﻛﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪VII‬‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﯨﻴﻪ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[23‬‬ ‫ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺷﯘﻧﺎﺱ ﺧﺎﻣﯩﻠﺘﻮﻥ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ۋە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻛﯚﭼﯜﺷﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻻﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪:‬‬ ‫‪ -464—461‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺳﺎﺭﻏﯘﺭ ﺋﻮﻏﯘﺯ ۋە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﻯ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﯩﮕﻪ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﻟﭽﻰ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﺎﺑﯩﺮ‬ ‫)ﺳﻴﺎﻧﯩﭗ( ﻻﺭ ﺋﯚﺯ ﻳﯘﺭﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺳﺎﺑﯩﺮﻻﺭﻧﻰ ﺋﺎۋﺍﺭ )ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺑﺎﺭ( ﻻﺭ ﻗﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﺎۋﺍﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺩﯦﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗﺷﻠﯘﻕ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪھﺪﯨﺖ ﺳﯧﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺳﺎﺭﻏﯘﺭﻻﺭ ھﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻗﺎﺯﯨﺮ ﻗﻪۋﻣﻰ )‪ (Huns Akatzir‬ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﺎﻛﺎﻥ ﺗﯘﺗﻘﯘﺩەﻙ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻱ ﺋﯩﺰﺩەﺵ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ھﺎﻟﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ]‪.[24‬‬

‫‪ (4‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪:‬‬ ‫»ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ V‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻜﻪ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ‪ -558 ،‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﻻﺭ ۋﻭﻟﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﻪﻣﺪە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ‬ ‫ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻳﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪپ ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﻪﺯﻯ ﻏﻪﺭﺑﻠﯩﻜﻠﻪﺭ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﺗﺎ ھﺎﻟﺪﺍ ›ﺋﺎۋﺍﺭﻻﺭ‹‬ ‫ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺳﺎﻏﯘﺭ )ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ(‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ )ﺋﻮﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ )‪ (Uigurs‬ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯜچ ﺋﯘﻟﯘﺳﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﺭﯨﯟﺍﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە‬ ‫‪) Uigur‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻻﺭ ›‪ ‹Ogre‬ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ﮔﺮﯦﺘﺴﯩﻴﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺭﺩەﻡ‬ ‫ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻥ«]‪the History of .Chapter I, IV》) .[25‬‬ ‫‪184‬‬

‫‪Princeton (D. M. Dunlop‬‬


‫‪(《Jewish Khazars‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﯗﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪:‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺋﻮﻏﺮﻯ ۋە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﺗﺎﺭﺑﺎﻏﺎﺗﺎﻱ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻗﯘﺑﺪﯗ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺳﺘﺎﻱ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ؛‬ ‫ﺋﻮﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ ﺩﺍﻟﯩﺴﻰ ۋە ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‪ ،‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ۋە ﺳﺎﺭﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ۋﻭﻟﮕﺎ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ«]‪.[26‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﯩﯔ ﻣﯘﺭەﻛﻜﻪپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺩەۋﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺩﺍۋﺍﻟﻐﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﻤﯘ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ھﻪﺭﯨﻜﻪﺕ ﺷﻪﻛﻠﯩﻤﯘ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻛﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﻯ]‪ .[27‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VI‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺳﺒﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗۋﯦﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺳﺒﯩﺮﻻﺭ‪ ،‬ﺋﺎۋﺍﺭﻻﺭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻲ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ۋە ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯚﻙ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻏﻪﺭﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ۋﺍﻗﺘﻰ ﺗﯜﺭﻙ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ ۋە ﺋﺎﺳﯩﻨﺎ )ﺋﺎﺷﻨﺎ( ﺗﺎﺭﺗﯘﺵ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﺗﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯩﺴﺘﻪﻣﻰ ‪ -576‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﺎﺳﯩﻨﺎ ﺗﺎﺭﺗﯘﺵ )ﺗﺎﺭﺗﯘﺵ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ(‬ ‫‪ -603‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -583‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ )ﺑﯚﺭە( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺸﻰ ﺋﻮﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪ ،‬ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭ ۋە ﺋﯘﺗﯘﻏﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﻥ ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻپ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﺎﺯﺍ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ۋﻭﻟﮕﺎ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺩﻭﻧﺎﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﺳﻮﺯﯗﻟﻐﺎﻥ]‪ .[28‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﺑﺎﺭﻣﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -659‬ﻳﯩﻠﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺕ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺳﺎﺭ )ھﺎﺯﺍﺭ( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﯟﺍﻟﯩﺪﯗ‪ 85 .‬ﻳﯩﻞ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‬ ‫‪185‬‬


‫ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﻰ ھﺎﺯﺍﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﯘﺟﯘﻣﻰ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -668‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﻪﺵ ﭘﺎﺭﭼﯩﻐﺎ‬ ‫ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﺗﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﻮﺗﺘﯧﮕﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﯨﻴﯩﺪە ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﺳﺎﺭﻻﺭ‬ ‫ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﻛﻮﺗﯩﺮﺍﻍ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﺷﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ‬ ‫ﺋﯧﺪﯨﻞ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ ھﻪﻣﺪە ‪ -461‬ﻳﯩﻠﻰ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻥ‬ ‫ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ‪ ،‬ﺳﯩﺒﯩﺮﻻﺭ ۋە ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻪﺯﻯ ﻓﯩﻦ‪-‬ﺋﯘﻏﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯧﺪﯨﻞ ۋە‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﺩﯙﻟﯩﺘﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻼﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻗﺎﺳﺎﺭ )ھﺎﺯﺍﺭ( ﻻﺭ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﯩﺴﻤﻪﻥ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻳﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﺋﻪﺳﯩﺮ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ھﯚﻛﯜﻡ ﺳﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1400‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﺗﯚﻣﯜﺭﻟﻪڭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪﯗ]‪.[29‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻍ ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ۋە ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ‪ 25‬ﻣﯩﯔ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜپ‪ ،‬ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻐﺎ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﻳﯘﻧﺎﻥ‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﯨﻴﻪ« ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ »ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ۋە ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭ« ﺩەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ]‪ .[30‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﻳﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺳﻼۋﯨﻴﺎﻥ ۋە ﺗﯩﺮﺍﻙ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﻮﻳﯘﻧﺘﯘﺭﯗﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺯﺍﺩ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻍ ﺗﻪﺭەﭘﻜﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻏﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻟﻐﺎﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﻪﻧﺪﯨﺸﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﻜﻪﻥ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺋﯩﻤﭙﯧﺮﺍﺗﻮﺭﻯ‬ ‫ﻛﻮﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺘﯩﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -679‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻍ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﺭﯗﺷﺘﺎ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﻣﻪﻏﻠﯘپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﻪﺭەپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -681‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﺗﻨﺎﻣﻪ ﺗﯜﺯﯛﻟﯜپ‪ ،‬ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ‬ ‫ھﻪﺭ ﻳﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻏﻘﺎ ﺑﺎﺝ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ۋە ﺩﻭﻧﺎﻱ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻟﻘﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺯﯦﻤﯩﻨﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﺎﺭﯗﻏﻘﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ]‪ .[31‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﯘﺗﯘﻏﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﺎﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻻﺭ ﺳﯩﻼۋﯨﻴﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ۋە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ ﺋﺎﺳﺴﯩﻤﻠﻴﺎﺗﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺳﯩﻼۋﯨﻴﺎﻥ ۋە ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺭﯨﻢ‬ ‫ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ]‪.[32‬‬ ‫ﻗﯘﺭﺑﺎﺗﻨﯩﯔ ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ )ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ( ﺋﯚﺯﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫‪186‬‬


‫ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎۋﺍﺭﻻﺭ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ )ﺋﯩﺴﻤﻰ‬ ‫ﻧﺎﻣﻪﻟﯘﻡ( ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﻐﺎ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ‬ ‫ﺭﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ]‪ .[33‬ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﻛﺮﺍﺋﯩﻨﺎ‪ ،‬ﻣﻮﻟﺪﺍۋﯨﻴﻪ ۋە ﺗﺮﺍﻧﺴﻠﯟﺍﻧﯩﻴﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ۋە ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺷﯘ ﺟﺎﻳﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﮔﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ]‪.[34‬‬ ‫ﺋﻮﺭﺍﻝ ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﻭﻟﮕﺎ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻓﯩﻦ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪۋە‪ ،‬ﻣﺎﺭﻯ‪،‬‬ ‫ۋﯗﺗﻴﺎﻙ ۋە ﻣﺎﺟﺎﺭﻻﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ II‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﺷﻪﺭﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ھﻮﻧﻼﺭ ﺋﻮﺭﺍﻝ ۋە ﺋﯧﺪﯨﻞ ﺑﻮﻳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -375‬ﻳﯩﻠﻰ ھﻮﻧﻼﺭ ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩە ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻠﻪﺭ ﻣﺎﺟﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻣﺎﻧﺎ ﺷﯘ‬ ‫ﻣﺎﺟﺎﺭﻻﺭ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻏﯘﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﯨﻴﯩﺪە ﻗﺎﺳﺎﺭﻻﺭﻏﺎ‬ ‫ﺑﯧﻘﯩﻨﯩﭗ ﻳﺎﺷﺎۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻣﺎﺟﺎﺭﻻﺭ ﺷﯘﻻﺭ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ »ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻧﺎﻣﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -997‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﯩﯟﺍﻥ ‪ I‬ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﯩﺪە ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﯨﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ »ھﻮﻧﮕﯩﺮ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﻟﯩﺪﯗ‪ -1301 ،‬ﻳﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬

‫‪ (5‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻯ‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﺪﯨﻦ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ IV—VII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﺘﺎ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ۋە ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻣﺎﻛﺎﻧﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﻯ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﻰ‪ ،‬ﻳﯜﻛﺴﯩﻠﯩﺸﯩﮕﻪ ﻏﺎﻳﻪﺕ ﺯﻭﺭ ھﻪﺳﺴﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ‪ ،‬ﺷﻪﺭﻕ‪-‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ؛ ﺷﻪﺭﻗﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺏ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﺭﻗﻘﻪ ﻳﻪﺗﻜﯜﺯﯛﺷﺘﻪ‬ ‫ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜپ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﺩﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺭﺑﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﯩﻐﺎ ﺋﺎﺷﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ‪-‬ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ۋە ۋﺍﺳﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ‪ ،‬ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﻗﻮۋﻡ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ]‪ .[35‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻗﯩﺪەﻙ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘﺭﯗﺷﻰ‪ ،‬ﺋﯜﺯﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‬ ‫ﺋﯚﺯ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ‬ ‫‪187‬‬


‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ )ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ(‪...‬‬ ‫ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ھﺎﻟﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻕ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ‪ ،‬ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﻻﺭﻏﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﯦﺴﻪ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﯘۋﺍﺵ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺖ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻥ ﺗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﺮﻯ؛ ﺳﯩﻼۋﯨﻴﺎﻥ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ۋە ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﯨﻜﻰ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭﯨﻴﯩﺸﯩﻐﺎ ھﻪﺳﺴﻪ ﻗﻮﺷﻘﺎﻥ]‪ ،[36‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﻪﺯەﺑﻪﻳﺠﺎﻥ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻤﻪﻥ ۋە ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ﺗﯜﺭﻛﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺯﻭﺭﺍﻳﺘﻘﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﺸﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‪ ،‬ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ۋە ﭼﯘۋﺍﺷﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﻏﻼپ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺭ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺭﯗﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚﺯﻟﻪﺷﻜﻪﻥ »ۋﯨﻨﮕﯩﺮ«‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ »ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﺮﻯ — ﺋﻮﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﻣﯘﺭﻯ ﺑﯩﺮ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻤﯘ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﻮﻥ‬ ‫ﺋﯘﻏﯘﺭﻻﺭ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮﺍپ‪ ،‬ﺋﯚﺯ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ »ھﻮﻧﯘﻏﯘﺭ« ﻻﺭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﻏﺎ »ھﻮﻧﮕﯩﺮ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﻻﺗﯩﻨﭽﻪ ﺋﯘﻧﮕﯩﺮ‪ ،‬ﻧﯧﻤﯩﺴﭽﻪ ﺋﻮﻧﮕﺎﺭ‪ ،‬ﻓﺮﺍﻧﺴﻮﺯﭼﻪ ھﻮﻧﮕﺮﻭﺱ ۋە ﺭﯗﺳﭽﻪ ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭ )ھﻮﻧﯘﻏﯘﺭ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﻟﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ]‪،[37‬‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﺍ ۋە ۋﯨﻨﮕﯩﺮﻻﺭﻧﯩﯔ ﻓﯩﻦ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪە‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ۋﯨﻨﮕﯩﺮ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ۋە ﻣﻪﻧﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺳﯧﺮﯨﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ۋﯨﻨﮕﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘﺯﯨﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﻤﺎ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ ﻧﺎﻣﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -480‬ﻳﯩﻠﻰ ۋﯨﺰﺍﻧﺘﯩﻴﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ »ﺑﻪﻟﻐﯘﺭ« ﻳﻪﻧﻰ »ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﺮﻯ« ﻳﺎﻛﻰ »ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻥ]‪ .[38‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺑﯘﻟﻐﺎﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺖ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﮔﻪپ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫‪188‬‬


‫ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻧﯧﻤﯧﺖ ‪ -1929‬ﻳﯩﻠﻰ ۋﯨﻨﺎﺩﺍ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻣﺎﮔﻨﺎ ھﻮﻧﮕﺎﺭﯨﻴﻪ« )ﺑﯜﻳﯜﻙ ۋﯨﻨﮕﯩﺮﯨﻴﻪ( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە »ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﯨﺖ« ﺳﯚﺯﻯ ﺑﺎﺷﻘﯩﺮ — ﺑﻪﺵ ﺋﻮﻏﺮﻯ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ‬ ‫ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ]‪ .[39‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VIII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩە ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﮕﻪ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪﻳﻴﺎھ ﺭﻭﺑﺮﻭﻙ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎﻳﺎھﻪﺕ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺋﯧﺪﯨﻞ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺳﻜﺎﺗﯩﺮ )ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﺕ( ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ۋە ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ھﻮﻧﯘﻏﯘﺭ )ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻏﯘﺭ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻥ ھﻪﻣﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩﺮﺕ ﺩﯙﻟﯩﺘﯩﻨﻰ »ﺑﯜﻳﯜﻙ ھﻮﻧﮕﺎﺭﯨﻴﻪ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ .4‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ۋە ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ‬

‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺋﯘ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﺎﺭﺍ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪﺭەﭘﺘﯩﻦ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎﺭﺍﻟﻠﯧﻞ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺍﻣﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬ ‫ﻛﺎﺷﯩﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ‪» :‬ﻗﯘﺯ‪ ،‬ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ‪ ،‬ﻗﯘﺯ ﺗﺎﻍ — ﺗﻪﺳﻜﻪﻱ ﺗﺎﻍ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ھﻪﻣﯩﺸﻪ ﻗﺎﺭ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﻳﺪﯗ ۋە ﺳﻮﻏﯘﻕ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺪە‪ :‬ﻗﯘﺯﺩﺍ ﻗﺎﺭ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﺱ‪ ،‬ﻗﻮﻳﺪﺍ ﻳﺎﻍ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﺱ —‬ ‫ﺗﻪﺳﻜﻪﻳﺪە ﻗﺎﺭ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﺱ‪ ،‬ﻗﻮﻳﺪﺍ ﻳﺎﻍ ﺋﯚﻛﺴﯜﻣﻪﺱ«]‪ [40‬ﺩەپ ﻣﯩﺴﺎﻝ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫»ﺋﻮﺭﺩﯗ‪ .‬ﺋﻮﺭﺩﺍ‪ ،‬ﺧﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻗﺎﻧﻼﺭ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ›ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺖ‹‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ«]‪.[41‬‬ ‫»ﺋﻮﺭﺩﯗ‪ .‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺷﻪھﻪﺭ‪ .‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻤﯘ ›ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ‹ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ«]‪.[42‬‬ ‫»ﺋﯘﻟﯘﺱ‪ .‬ﻳﯧﺰﺍ‪ ،‬ﻗﯩﺸﻼﻕ‪ .‬ﭼﯩﮕﯩﻠﭽﻪ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺭﻏﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪە ﻳﺎﺷﯩﻐﯘﭼﻰ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ›ﺋﯘﻟﯘﺱ‹ ﺷﻪھﻪﺭ ﺩﯦﻤﻪﻛﺘﯘﺭ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ›ﻗﯘﺯ ﺋﯘﻟﯘﺱ‹ ﻣﯘ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ«]‪.[43‬‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ »ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻰ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪» ،‬ﻗﯘﺯ ﺋﯘﻟﯘﺱ«]‪ [44‬ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻙ‪ ،‬ﭘﯧﺮﯨﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ‬ ‫‪189‬‬


‫ﺟﯘۋەﻳﻨﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ »ﻗﯘﺯﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﺎﻣﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ]‪.[45‬‬ ‫ﺭﯗﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ۋ‪ .‬ۋ‪ .‬ﺑﺎﺭﺗﻮﻟﺪ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﻗﺎﻣﯘﺳﯩﻐﺎ ﻳﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ »ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە‬ ‫»‪ -1218‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ھﯧﭽﺒﯩﺮ ﻗﺎﺭﺷﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰﻻ ﭼﯩﯖﮕﯩﺰﺧﺎﻥ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﺴﻰ ﭼﯜﺑﻪ ﻧﺎﻳﺎﻥ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺋﯘﻧﻰ ›ﻏﯘﺑﺎﻟﯩﻖ‹ ﺩەپ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﺗﺘﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﻼﺭﺩﺍ‬ ‫»ﻏﯘﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪﻛﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺩﯨﻘﻘﻪﺗﺘﯩﻦ ﻳﯩﺮﺍﻗﻼﺷﺘﯘﺭﻣﺎﺳﻠﯩﻖ ﻻﺯﯨﻢ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﻏﯘﺑﺎﻟﯩﻖ» )ﮔﯘﺑﺎﻟﯩﻖ( ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺑﺎﺭﺗﻮﻟﺪ‬ ‫ﻣﯩﺮﺧﯘەﻧﺪﻯ )‪ (1498—1433‬ﻧﯩﯔ »ﺭەۋﺯە ﺗﯘﺳﺴﺎﻓﺎ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ‪ -5‬ﺗﻮﻡ ‪ -22‬ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﻣﯩﺮﺧﯘەﻧﺪﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﻰ »ﮔﯜﺯەﻝ ﺷﻪھﻪﺭ« ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە‬ ‫»ﮔﯜﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﺎﺯﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﻮﺑﯘﻟﻐﺎﺯﻯ »ﺷﻪﺟﻪﺭەﺋﻰ ﺗﯜﺭﻙ« ﺗﻪ ھﻪﻡ ﺷﯘ ﻣﻪﻧﯩﺪە‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫»ﻏﯘ )ﮔﯘ( ﺑﺎﻟﯩﻖ« ﻧﺎﻣﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﺴﺎﻕ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻏﯘ‪-‬ﮔﯘ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻏﯘﺯ‪-‬ﻗﯘﺯ‪-‬ﮔﯘﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺗﯘﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻝ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﭼﺮﺍﺷﻘﺎﻧﺪﺍ ﺑﻮﻏﯘﻡ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ »ﺯ«‬ ‫ﺗﺎۋﯗﺷﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ ﻗﻮﻳﯘپ‪ ،‬ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺑﻮﻏﯘﻣﯩﻨﻰ ﻏﯘ‪-‬ﮔﯘ )ﻏﯘﺑﺎﻟﯩﻖ‪-‬ﮔﯘﺑﺎﻟﯩﻖ( ﺩەپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﮔﯜﺯەﻟﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ »ﮔﯜﺯەﻝ ﺷﻪھﻪﺭ« ﺩەپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻧﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺭﯨﻼﺷﺘﯘﺭﯗۋەﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‪ ،‬ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ ۋە ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻏﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﻰ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﻳﺎﻛﻰ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺋﯚﺗﻪڭ‪-‬ﺑﺎﺯﺍﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ۋە ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺯﯗﻥ‬ ‫ﻳﯩﻠﻼﺭ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ‪ ،‬ﺋﻪﺩﯨﺒﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩﯨﻠﻪﺭ ﺩﯗﻧﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺷﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە‬ ‫ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺗﻮﭘﻮﻧﻮﻣﯩﻴﯩﻠﯩﻚ — ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺯﺍﺩﻯ ﻗﻪﻳﻪﺭﺩە ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺪە‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻼﺭ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﻼﺭ‬ ‫‪190‬‬


‫ﺋﯩﺴﺘﯧﻼﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ﺗﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ]‪ ،[46‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ���ﺎﺩﻻپ‪ ،‬ﺋﯧﺴﯩﺪە ﺳﺎﻗﻼپ‬ ‫ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼﺭ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﺍﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮﭼﻪ‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪﺩەﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﭼﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪۋەﺳﻰ ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﯘﺭﺍﻧﺎ )ﺗﻮﻗﻤﺎﻕ( ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪە]‪[47‬؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﮔﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﺎﺗﯘﺵ‬ ‫ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە]‪ ،[48‬ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﺵ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻥ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ھﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻛﯚپ ﺗﺎﻻﺵ‪-‬ﺗﺎﺭﺗﯩﺸﻼﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟﺍﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍپ ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪﯨﻤﻜﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ‬ ‫ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻪھﯟﺍﻝ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻛﯚپ ﻣﯩﺴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺘﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻥ ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﻰ — ﺗﺎﺭﯨﻢ‬ ‫ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪﻥ ‪ 2000‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ »ﻣﯩﺮەﻥ« ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﭘﻪﻗﻪﺕ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﯩﻼ‬ ‫ﺧﺎﺱ ﻧﺎﻡ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ھﺎﺯﯨﺮ ﺩﯗﻧﻴﺎﺩﺍ »ﻣﯩﺮەﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ ‪ 33‬ﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﻪﺷﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ‪ ،‬ﺗﯚﺗﻰ ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎﺩﺍ‪ 23 ،‬ﻯ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ۋە ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻯ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﺪﺍ]‪ .[49‬ﺷﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻜﻪﺭﺗﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻜﻰ‪ ،‬ﻣﻪﻥ ﺑﯘ ﻣﯩﺴﺎﻟﻨﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛﺵ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﺍ‬ ‫ﭼﻪﻛﺴﯩﺰﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛۋەﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﻪﻥ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎﺱ ھﺎﺟﯩﭗ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭼﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﯨﺴﺘﺎﻥ ﺗﻪۋەﺳﻰ‬ ‫ﺑﯚﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘﺭﺍﻧﺎ ﺧﺎﺭﺍﺑﯩﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ۋە ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯚﺯ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﺩە »ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯘﺭ« ﺩەﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭗ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻘﺎ ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺭﯨﺌﺎﻳﻪ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ‪» .‬ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯘﺭ« ﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﻰ »ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻙ« ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺋﯘﻟﯘﻍ‬ ‫ﻣﯘﺗﻪﭘﻪﻛﻜﯘﺭ ﻛﯘﯕﺰﻯ ﺑﯘﺭﯗﻧﻼ »ﻧﺎﻡ ﺋﯩﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯘﺭ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻜﻰ ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮﺩﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻠﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺰ »ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪ ﻣﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ‪ .‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻤﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺭەﺏ]‪ ،[50‬ﭘﺎﺭﺱ‬ ‫‪191‬‬


‫ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩەپ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺕ ﻗﺎﺯﯨﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﺪە ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻪﻛﯜﻧﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺟﯧﻨﻴﯜەﻥ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -804—785‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﺩﯨﻜﻰ ﺑﺎﺵ ۋەﺯﯨﺮ‬ ‫ﮔﯜﺩەﻧﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﺪﺍ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ »ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﻪ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺩە »‬ ‫)‪ « (Feiluojiangjuncheng‬ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ‬

‫« « ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯚﺕ ﺧﻪﺕ‬

‫»ﺑﻮﻳﻼ ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ »ﺑﻮﻳﻼ‬ ‫»ﺳﺎﻏﯘﻥ«‬

‫( ۋە‬

‫( ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﻜﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻳﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺑﻮﻳﻼ‪-‬ﺑﯘﻳﻼ«‬

‫»ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ« ﺩە ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻧﺎﻣﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ]‪ ،[51‬ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﻮﻱ )ﻗﻮۋﻡ‪،‬‬ ‫ﺧﻪﻟﻖ( ﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﺭەھﺒﯩﺮﻯ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ]‪ ،[52‬ﺗﯜﺭﻛﻮﻟﻮگ ﺗﻮﻣﺴﻮﻥ‬ ‫ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ »ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻟﯘﻏﯩﺘﻰ« ﺩە »ﺑﻮﻳﻼ« ﻧﻰ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ‪ :‬ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﺭەﺳﻤﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻗﺎﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﻮﺭﯗﻧﻨﻰ ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ھﻮﻥ ۋە‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﺩە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻣﻪﻧﺴﻪپ‪ ،‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻏﻰ‪-‬ﺗﺎﻏﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ )ﺋﯩﺴﻴﺎﻥ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ( ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺕ ﻛﯚﺭﺳﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪﺭﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ ﺑﻮﻟﯘپ »ﻗﻪۋﻣﻨﻰ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮﺍ‬ ‫ﻳﻮﻟﻐﺎ ﺳﺎﻟﻐﯘﭼﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﺳﻪ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺋﯩﻤﯩﻦ ﺗﯘﺭﺳﯘﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﻴﺘﯩﺸﯩﭽﻪ »ﺑﻮﻳﻼ«‬ ‫ﺳﯚﺯﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺑﺎﻻ« ﺩەپ ﺋﯚﺯﮔﻪﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻠﻼﺭﺩﺍ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﯩﺪﺍ ﭘﯧﻴﻼ‪،‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ »ﺑﻪﻻ« ﺩەپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ( ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫»ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻙ‪ ،‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻝ‬ ‫ﻳﺎﺑﻐﯘﺳﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ( ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯘﻧﯟﺍﻥ‪ ،‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﺗﯧﯟﯨﭙﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺗﺎﺳﺎﻏﯘﻥ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩەپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ )ﻳﻪﻧﯩﻼ ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﺗﻘﺎﻥ( ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ]‪ .[53‬ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯩﺮﻯ‪» ،‬ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺧﻪﻧﺰﯗ‬ ‫ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ »‪» (jiangjun‬‬ ‫)‬

‫( « ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ ]‪ ،[54‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ‬

‫«« ۋەﺯﯨﺮ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ]‪[55‬؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ‬

‫»ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺳﯚﺯﯨﺪﯨﻦ »‬

‫« ﺳﯚﺯﻯ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ]‪ .[56‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬

‫»ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻧﻪﺯەﺭﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﻪھﯟﺍﻟﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ‬ ‫‪192‬‬


‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﻤﻪﻛﺘﻪ]‪ .[57‬ﺋﺎﻗﺴﯘ‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻠﯩﺮﻯ ھﻪﻣﺪە ﻗﻪﺷﻘﻪﺭﻧﯩﯔ ﻳﯧﯖﯩﺴﺎﺭ‪ ،‬ﻛﻮﻧﺎﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ‬ ‫ﻧﺎھﯩﻴﯩﻠﯩﺮﯨﺪە ﺳﺎﻏﺎﻥ‪ ،‬ﻛﻪڭ ﺳﺎﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺳﺎﻏﺎﻥ ﺋﯚﺳﺘﻪڭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﯧﺰﺍ‪-‬ﻛﻪﻧﺘﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە‬ ‫ﺳﺎﻏﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺗﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﻡ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻙ ۋە ھﺎﻳﯟﺍﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺳﺎﻏﺎﻥ‪-‬ﺳﺎﻏﯘﻥ‪-‬ﺳﻮﻏﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ھﻪﺭ ﺩەۋﺭﺩە ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎۋﯗﺵ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﻳﻠﻰ »ﺑﻮﻳﻼ«‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ »ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ۋە ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ۋە‬ ‫ﻛﻪڭ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﻤﻪﻛﺘﻪ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﻣﻪﻝ‪-‬ﻣﻪﻧﺴﻪپ ﻧﺎﻣﻰ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯜﺭﻙ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ »ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ‪ -6‬ﻗﯘﺭﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺑﯩﻠﮕﻪ ﻗﺎﻏﺎﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ‬ ‫ﺗﯧﺸﻰ« ﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻳﯜﺯﯨﻨﯩﯔ ‪ -16‬ﻗﯘﺭﯨﺪﺍ »ﺗﯘﻧﻴﻮﻗﯘﻕ ﺑﻮﻳﻼ ﺑﺎﻏﺎﺗﺎﺭﻗﺎﻥ« ﺩەپ‪» ،‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ ﻣﻪﯕﮕﯜ‬ ‫ﺗﯧﺸﻰ« ‪ -4‬ﻗﯘﺭﯨﺪﺍ »ﺋﺎﻧﺘﺎﺑﻮﻳﻼ« )ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺑﻮﻳﻼ(‪» ،‬ﺳﯘﺟﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﯧﺸﻰ« ﻧﯩﯔ ‪ -2‬ﻗﯘﺭﯨﺪﺍ »ﺑﻮﺗﻼ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ‬ ‫ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ ﺩەپ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺧﺎﻧﻰ »ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻳﻼ« ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﮕﻪ ﻣﻪﻧﺴﯘپ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ »ﺑﻮﻳﻼ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚپ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻑ‪ .‬ۋ‪ .‬ﻙ‪ .‬ﻣﯘﻟﻠﯧﺮ ﻧﻪﺷﺮﮔﻪ ﺗﻪﻳﻴﺎﺭﻻپ ﺋﯧﻼﻥ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﻠﯩﺮﻯ« ﻧﯩﯔ ‪ II‬ﺗﻮﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ »ﺋﯧﻞ ﺋﯚﮔﻪﺳﻰ ﺋﻮﺗﯘﺭ‬ ‫ﺑﻮﻳﻼ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ« )‪» ،(elogasiotur boylatarkan‬ﺗﺎﭘﻤﯩﺶ ﺑﻮﻳﻼ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ« ) ‪tapmis boyla‬‬ ‫‪» (tarkan‬ﺋﺎﺷﭙﺎﺩﺍ )ﺋﺎﺷﭙﺎﺭﺍ( ﺑﻮﻳﻼ« )‪» ،(aspada [aspara] buyla‬ﺋﻮﺗﯘﺭ ﺑﻮﻳﻼ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ« ) ‪Out‬‬ ‫‪ (buyla taryan‬ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪ .‬ﮔﯧﺮﻣﺎﻧﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎ‪ .‬ۋ‪ .‬ﻟﯧﻜﻮﻙ ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﻣﺎﻧﻰ ﺩﯨﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺩەۋﺭﮔﻪ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﻟﯘﻡ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺩەۋﺭﯨ���ﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ‪-‬ﺩەﺭﯨﺠﻪ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ »ﺑﻮﻳﻼ« ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ]‪ .[58‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺗﺎ ﺑﻮﻳﻼ‬

‫((‪ ،‬ﺑﻮﻳﻼ ﭼﻮﺭ‬

‫((‪ ،‬ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺑﻮﻳﻼ‬

‫((‪ ،‬ﺑﻮﻳﻼ ﺗﺎﺭﻗﺎﻥ‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﺭﺩە ﺋﯘﭼﺮﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﺑﻮﻳﻼ« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﻰ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺳﯘﻟﯥ‬ ‫‪193‬‬


‫)ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ( ﺩە ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﻚ ﻗﻮۋﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﯘﻟﯥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ‬ ‫( « ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ‬

‫ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ VI‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ‪» (Fei‬‬ ‫ﺳﯘﻟﯧﻠﯩﻖ ﺋﻪﺩﯨﺐ ۋە ﺳﻪﻧﺌﻪﺗﻜﺎﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻓﯧﻲ ﺧﯘﻳﻠﯩﻦ )‬ ‫((‪ ،‬ﻓﯧﻲ ﺷﯩﯖﻨﯘ‬

‫((‪ ،‬ﻓﯧﻲ ﺷﻪﻧﺴﻪﻱ‬

‫‪ -737 — 820 ،‬ﻳﯩﻠﻼﺭ(‪ ،‬ﻓﯧﻲ ﺷﯩﯖﺎﯗ‬ ‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫« « ﺧﯧﺘﻰ‬

‫»ﺑﻮﻳﻼ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ]‪ .[59‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋە ﺋﯩﺰﺍھﻼپ ﻗﻮﻳﯘﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ »ﺑﻮﻳﻼ« ﺳﯚﺯﻯ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‬ ‫ﺳﯘﻟﯥ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ )‬

‫« « ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ‬

‫« « ﺑﻮﻳﻼ( ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻓﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ‬

‫ﺗﯩﻠﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ )ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﺗﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪﺍﻗﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺧﺎﺱ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺳﻜﺰﻯ ﺳﯘﻟﯥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻡ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﺴﯘﻥ‪،‬‬

‫« « ﺧﯧﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬

‫««‬

‫ﺧﯧﺘﯩﻨﻰ »ﺑﻮﻳﻼ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﻮﻟﯘﻕ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﻮﺋﺎﻝ ﺗﯘﻏﯘﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺩﯗﺭﯗﺱ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﺴﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ‪ ،‬ﺳﯜﻱ‪ ،‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ۋە ﺷﯘ‬ ‫ﺩەۋﺭﻟﻪﺭﺩە ﺳﯘﻟﯥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ھﯚﻛﯜﻣﻪﺕ ﺗﯩﻠﻰ ﻏﻪﻳﺮﯨﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﻟﯥ ﻗﻪۋﻣﯩﻨﻰ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﺋﯩﺮﻗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻧﺴﯘپ‪ ،‬ھﯩﻨﺪﻯ‪-‬ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ‬ ‫ﺗﯩﻠﻰ ﺗﺎﺭﻣﯩﻘﻰ ﺳﺎﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﯥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻜﯩﺴﯩﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ]‪ ،[60‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﻣﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼﺵ ﺗﻪﺭەﭘﺪﺍﺭﻯ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﻪﺳﯩﺮ ۋە ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺭﯨﻴﺎﻥ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ۋە ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯜﻣﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺳﯚﺯ‪-‬ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﻳﺎﻣﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪:‬‬ ‫‪) Dada‬ﺩﺍﺩﺍ‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎ(‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ‪ ،dad/dada‬ۋﯦﺪﺍ ﺗﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ 1000‬ﻳﯩﻠﻼﺭ‬ ‫ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﺗﯩﻞ( ﺩﺍ ‪ ، tata‬ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ‪) [61‬‬

‫(‬

‫[‪،‬‬

‫‪) mada‬ﻣﺎﺩﺍ‪-‬ﻣﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯧﺸﻪﻙ‪ ،‬ﺋﯧﺸﻪﻛﻨﯩﯔ ﭼﯩﺸﯩﺴﻰ(‪) madame — madam ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ(‬ ‫ﺧﯧﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻏﯩﭽﺎ )ﺋﺎﻳﺎﻝ ﺟﯩﻨﺴﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﺘﯩﻠﻐﺎﻥ(؛ ‪ mother‬ﺋﺎﻧﺎ‪،‬‬ ‫)ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ(‪) mamma — ma ،‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﺎﭘﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ(‪،‬‬ ‫‪194‬‬


‫‪ Padar (padar‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﺩﯨﺘﯩﺪە ﺩﺍﺩﺍ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﺩﺍﺩﺍ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە(‪pidar ،‬‬ ‫)ﺳﺎﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻟﯥ‪-‬ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(؛ ‪) pitar‬ﺳﺎﻙ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(؛‬ ‫‪) Buradar‬ﺩﻭﺳﺖ‪ ،‬ﺋﯜﻟﭙﻪﺕ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪) baradar ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ‪ ،‬ﺳﯘﻟﯥ —‬ ‫ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(‪) bratar ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺵ‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(؛‬ ‫‪) Kant‬ﻛﻪﻧﺖ‪ ،‬ﻳﯧﺰﺍ — ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺷﻪھﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪Katha ،‬‬ ‫)ﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﺳﯘﻟﯥ — ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(؛ ‪) Kantha‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﺴﯩﺪﺍ(]‪[62‬؛‬ ‫‪) Kara‬ﻗﺎﺭﺍ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍ ﺭەڭ(‪) Khara .‬ﻗﺎﺭﺍ‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(‪) khara – Krisa ،‬ﻗﻪﻧﺪﯨﻬﺎﺭ‬ ‫ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ( ‪) Krsna‬ﻗﺎﺭﺍ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺴﻜﺮﯨﺖ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(]‪[63‬؛‬ ‫‪) bax‬ﺑﻪﺵ(‪) bisa ،‬ﺳﯘﻟﯥ – ﺗﯘﻣﺸﯘﻕ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(‪) bissa ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ( ‪ pis‬ﺑﻪﺵ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺧﺎﺭ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ‪ B‬ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(؛‬ ‫‪) gilm‬ﮔﯩﻠﻪﻡ‪ ،‬ﺯﯨﻠﭽﺎ‪ ،‬ﭘﺎﻻﺱ(‪) Kilyamya – glyamya .‬ﮔﯩﻠﻪﻡ‪ ،‬ﭘﺎﻻﺱ‪ ،‬ﻗﻪﻧﺪﯨﻬﺎﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪gilim ،‬‬ ‫)ﭘﺎﻻﺱ‪ ،‬ﮔﯩﻠﻪﻡ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺱ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ( ]‪[64‬؛‬ ‫‪) tonur‬ﺗﻮﻧﯘﺭ(‪) tannur ،‬ﺋﻮﭼﺎﻕ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺳﯘﻣﯧﺮ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(؛‬ ‫‪) toru-toru‬ﻗﺎﻧﯘﻥ‪ ،‬ﻣﯩﺰﺍﻥ‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ‪ ،‬ﺋﺎﺩەﺕ‪ ...‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪) ter ،‬ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(‪) torah ،‬ﻗﺎﻧﯘﻥ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﺎﻣﻪ‪ ،‬ﺋﯧﺒﺮﺍﻧﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ(؛ ‪) twere‬ﺋﯚﻳﻨﯩﯔ ﺗﯚﺭﻯ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﺧﺎﺭ ﺗﯩﻠﻰ ‪ B‬ﺩﯨﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﺴﯩﺪﺍ(‪) uer [b]d ،‬ﺋﯩﺸﯩﻚ‪ ،‬ھﯩﻨﺪﻯ‪-‬ﻳﺎۋﺭﻭﭘﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ(]‪[65‬؛‬ ‫)‪ muli‬ﭘﯘﻝ‪ ،‬ﻗﺎﺭﯗﺷﺘﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ( ﭘﯘﻟﻰ‪-‬ﭘﯘﻝ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻙ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ]‪[66‬؛‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ‪» ،‬ﺑﻮﻳﻼ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﻰ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋە ﺳﯘﻟﯥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﻗﯩﻠﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬ ‫»ﺑﻮﻳﻼ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ھﺎﻟﯩﺘﻰ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ‪ (1 .‬ﺟﺎﻱ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ‪ .‬ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ ﻛﻮﻧﺎ ﺷﻪھﻪﺭ ﻧﺎھﯩﻴﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺷﻜﯧﺮەﻡ ﻳﯧﺰﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺑﻮﻳﻼ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻧﺖ ﺑﺎﺭ‪ (2 .‬ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯘﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﺸﯩﭗ ﭼﯜﻟﯜﻙ ﺋﯚﺗﻜﯜﺯﯛپ ﻳﯧﺘﯩﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯩﺸﻨﻰ »ﺑﻮﻳﻼﯕﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﺶ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯚﮔﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘﺭﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﻪﻥ ﺗﯚﺷﯜﻛﻨﻰ »ﺑﯘﻳﻼ‪-‬ﺑﯘﻳﻼڭ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫‪» (3‬ﺑﻮﻳﻼ« ﭘﯩﺌﯧﻞ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺩەﺭﻳﺎ ﺑﻮﻳﻠﯩﻤﺎ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺑﻮﻳﻠﯩﻤﺎﻕ »ﺑﻮﻱ‪-‬ﺑﻮﻳﻼ« ﺳﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻮﻣﯘﺭﺩﺍﺵ‪.‬‬ ‫‪195‬‬


‫»ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺳﯚﺯﻯ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎﻟﯩﺪﺍ ﻛﯚپ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ‬ ‫»ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺧﺎﺱ ﺋﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﻗﻮﻳﯘﻟﯘﺷﻰ ﺩﯦﻴﯩﻠﺴﻪ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ‬ ‫ﺗﺎ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻐﯩﭽﻪ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺖ‪ .‬ﺗﯘﺗﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺳﯘﯕﻨﺎﻣﻪ« ﻧﯩﯔ‬ ‫‪ -490‬ﺟﯩﻠﺪ‪ -8 ،‬ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺑﻪگ ﺳﺎﻏﯘﻥ‬

‫( ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻯ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﭘﯧﻠﻠﯩﺌﻮﺕ ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ »‪ «3046‬ﻧﻮﻣﯘﺭ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﯧﻜﯩﺴﺘﺘﻪ‬ ‫»ﻗﯘﺕ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﯧﻠﻠﯩﺌﻮﺕ ﺑﯘﻧﻰ ‪ -1008‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ۋەﺯﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺩەپ ﺷﻪﺭھﻠﯩﮕﻪﻥ‪» .‬ﺳﯘﯕﻨﺎﻣﻪ‪ .‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺩە ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1009‬ﻳﯩﻠﻰ »ﺑﯘ‬ ‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﻮۋﻏﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ‬

‫ﺋﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻ )ﺑﻮﻳﻼ( ﺳﺎﻏﯘﻥ‬

‫ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ« ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ‪ -1063‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ »ﻻ‬ ‫)ﺑﻮﻳﻼ( ﺳﺎﻏﯘﻥ« ))‬ ‫ﺳﺎﻏﯘﻥ«‬

‫‪ -1072 ،‬ۋە ‪ 1077‬ﻳﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ »ﻻ )ﺑﻮﻳﻼ( ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ‬ ‫((‪» ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻟﯘﻍ ھﯚﻛﯜﻣﺪﺍﺭﻯ ﺋﺎﺭﯗﻥ ﺩﯨﻦ ﺳﺎﻏﯘﻥ«‬

‫((‪ ،‬ﮔﻪﻧﺠﯘ )ﺷﺎﺟﯘ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ۋە ﻛﯜﺳﻪﻧﻠﻪﺭﻣﯘ ﺑﺎﺭ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻛﯚﺭﯛﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫( « ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‬

‫»ﺳﻮﻏﯘﻥ ۋەﺯﯨﺮ«‬

‫((‬

‫« « ﺩﺍ »ﺑﻮۋﯨﻦ«‬

‫ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪) ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە »ﺳﯘﯕﻨﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻨﯩﻠﺪﻯ(‪» ،‬ﺳﻮﻏﯘﻥ ۋەﺯﯨﺮ ﻛﯩﺠﯘﻝ ﻳﻮ«‬ ‫((‪» ،‬ۋەﺯﯨﺮ ﺳﻮﻏﯘﻥ ﺳﻮﮔﯘ«‬

‫((‪» ،‬ۋەﺯﯨﺮ ﺳﻮﻏﯘﻥ ﺋﻰ«‬

‫»ﻗﻮھﻮ ﺋﯧﻠﻰ‪ ...‬ﺗﯘﺗﯘﻕ ﻣﻪﻱ ﺳﻮﻏﯘﻥ«‬ ‫…‬

‫…‬

‫((‪» ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯧﻠﻰ‪ ...‬ۋﯗ ﺳﻮﻏﯘ«‬

‫((‪» ،‬ﺷﺎﺟﯘ ﭘﯘﮔﯘﺩﯗﻟﻰ ﺳﻮﻏﯘﻥ«‬

‫]‪» » [So-Uan‬‬

‫‪» [tso-uan] ،‬‬

‫((‪،‬‬

‫((‪ ،‬ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﺩﯨﻜﻰ‬ ‫«‪» (So-una) ،‬‬

‫«‪» [sa-uan ،‬‬

‫«[‬

‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺑﻮﻟﯘپ‪ «Sangun» ...‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺑﯘﺯﯗپ ﺗﻪﻟﻪﭘﭙﯘﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ‪،‬‬ ‫]‪ [67‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋەﺯﯨﺮ ﺗﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩەپ‬ ‫ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ )ﺧﺎﻣﯩﻠﺘﻮﻥ ﺳﯚﺯﻯ(]‪ [68‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ۋەﺯﯨﺮ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﻣﯩﻠﺘﻮﻥ ﺳﯚﺯﻯ(]‪ [68‬ﻟﻮﺳﻮﻏﯘﻥ‬

‫( ( ﺩﯨﻠﻰ ﻟﻮ‬

‫( ( ﺑﻮﻟﺴﺎ‬

‫««‬

‫)ﺑﻮﻳﻼ( ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺧﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﺶ ﺧﻪﻧﺰﯗ ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫‪196‬‬


‫‪،‬‬

‫ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »»‬

‫««‪ ،‬ﺩ���ﻜﻰ‬

‫« « ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﻪﺕ‪ .‬ﺑﯘ‬

‫ﻳﻪﺭﺩە »ﺳﯘﯕﻨﺎﻣﻪ« ﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺋﯘﺩﯗﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻳﻼ ﺳﺎﻧﻐﯘﻥ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ‬ ‫ﺳﻮۋﻏﺎﺕ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﻪۋەﺗﺘﻰ«‪،‬‬ ‫« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭﮔﻪ‬

‫»‬

‫ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ »ﺑﻮﻳﻼﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﺪە‬ ‫ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ »ﺳﯘﯕﻨﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﭽﻪ‪» »(Losowen‬‬

‫«« ﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﺘﺎ ﺷﻪﺭھﻠﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬

‫( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺩﯨﻜﻰ‬

‫« )‪» (Lo‬‬

‫« « )ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﺗﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺧﺎﻧﻰ ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ ﺋﻪﻟﭽﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺋﻪﻣﻪﻝ ﻧﺎﻣﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﻜﻪﻥ]‪ .[69‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻗﺎﺭﺍﺵ‪ ،‬ﺑﯩﺰﮔﻪ‬ ‫‪،‬‬

‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »»‬

‫«« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺑﻪﺯﯨﺪە »ﺑﻮﻳﻼ‬

‫ﺳﺎﻏﯘﻥ«‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﺪە »ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﺎﺭﻏﺎﻥ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺗﻪﺭﺯﺩە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺘﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪەﻙ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫»ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ« ﻧﯩﯔ ﺳﺎپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ »ﺩﯨﯟﺍﻧﯘﻟﯘﻏﻪﺗﺖ ﺗﯜﺭﻙ« ﺗﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﺘﯘﻕ‪» .‬ﻗﯘﺯﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺗﯩﻜﻰ »ﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ ﻛﻪڭ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﺑﺎﻟﯩﻖ‬ ‫— ﺋﯩﺴﻼﻣﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﺗﯜﺭﻙ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﻗﻪﻟﺌﻪ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ›ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ›ﺑﻪﺵ ﺷﻪھﻪﺭ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ›ﻳﺎﯕﻰ ﺑﺎﻟﯩﻖ‹ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ›ﻳﯧﯖﻰ ﺷﻪھﻪﺭ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ«]‪[70‬‬ ‫ﺩەﻳﺪﯗ‪ .‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ »ﺑﺎﻟﯩﻖ« ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺷﻪﺭھﻠﻪپ ﻳﯧﺰﯨﺸﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﺵ ۋە ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩە ﻳﺎﺷﺎﺵ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻼ ﺩﺍﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪،‬‬ ‫‪197‬‬


‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﻪﺯﻯ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺳﻪۋﯨﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ »ﺑﺎﻟﯩﻖ« ﻣﺎﺩﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ »ﺗﯜﺭﻙ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻳﻪﻧﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﯜپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﺎﻝ‬ ‫ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﻳﻮﻕ‪.‬‬ ‫»ﻗﯘﺯ ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﺗﯩﻜﻰ »ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﯗپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ‪ .‬ﺋﻪھﻤﻪﺩ ﺯەﻛﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ »ﺋﯜﻟﯜﺵ‪ (ulux-‬ﺷﻪﻛﻠﯩﻤﯘ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻳﻪﻧﻰ‬

‫»ﺋﯘﻟﯘﺵ‪-‬ﺋﯘﻟﯘﺱ«‬

‫ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬

‫ھﻪﻡ‬

‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬

‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ‬

‫»ﺋﯘﻟﯘﺵ‪-‬ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﺋﻮﻕ‪ ،‬ھﻪﺳﺴﻪ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ھﻪﺳﺴﻪ ﺋﺎﻳﺮﯨﺶ ﺩەپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺷﻪﻛﻠﻰ‬ ‫»ﺋﯚﻟﯜﻙ« ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﻪﻳﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ]‪.[71‬‬ ‫»ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﻧﯩﯔ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻳﺎﺯﻣﺎ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻑ‪ .‬ﻟﯧﻜﻮﻙ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪﻥ ‪ T. M.176‬ﻧﻮﻣﯘﺭﻟﯘﻕ ﻣﺎﻧﻰ ﻳﯧﺰﯨﻘﯩﺪﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﭘﯜﺗﯜﻛﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪﺍ »ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﺱ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻮﺗﯘﺯ ﺑﺎﻟﯩﻖ ﻗﯘﺗﻰ ۋە ﺷﯩﺴﻜﻰ« )ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯧﻠﻰ ۋە ﻳﯩﮕﯩﺮﻣﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ھﺎﻣﻤﯩﺴﻰ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪﺭ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻠﯩﺮ ‪ -1915‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫»ﺗﯘﺭﭘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﺗﺎﺧﺘﺎ ﺧﻪﺕ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ‪ -26‬ﺑﯧﺘﯩﺪە »ﺋﻪﻝ ﺋﻮﻏﺎﺳﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﭗ ﺗﯘﺗﯘﻍ ﺋﯜﮔﻪ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻟﯘﺳﯘﻍ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﺗﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ »ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﺳﯚﺯﻯ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ھﺎﺯﯨﺮﻗﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﺍ‬ ‫»ﺋﯘﻟﯘﺱ« ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﺋﯜﻟﯜﺵ‪ «Ulux-‬ﺷﻪﻛﻠﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﻟﯘﻏﻪﺕ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ﺩﺍﺋﯩﻢ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ )ﺑﻮﻳﻼ‪+‬ﺳﺎﻏﯘﻥ‪-‬ﺳﺎﻏﺎﻥ(‪ ،‬ﻗﯘﺯ ﺋﻮﺭﺩﯗ )ﻗﯘﺯ‪+‬ﺋﻮﺭﺩﺍ(‪ ،‬ﻗﯘﺯ ﺑﺎﻟﯩﻖ )ﻗﯘﺯ‪+‬ﺑﺎﻟﯩﻖ(‪ ،‬ﻗﯘﺯ ﺋﯘﻟﯘﺵ‬ ‫)ﻗﯘﺯ‪-‬ﺋﯘﻟﯘﺵ‪+‬ﺋﯘﻟﯘﺵ‪-‬ﺋﯘﻟﯘﺱ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻟﻪﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﻰ ۋە ﺋﯧﺘﻨﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﺩەﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﻣﺎﺱ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ھﺎﺩﯨﺴﻪ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺷﻪھﻪﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫‪198‬‬


‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ‪-‬ﺋﯚﺗﻪڭ ﻳﺎﻛﻰ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪-‬ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ ﻳﻮﻕ‪ ،‬ﺗﻮﻏﻼ ۋە ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺯﺍﻣﺎﻥ‪-‬ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮۋﻡ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮەﺭ ﺑﺎﺯﺍﺭ‬ ‫ﻳﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺷﻪھﻪﺭ ﻗﯘﺭﯗﺷﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﯩﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﻣﯩﮕﻪﻥ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻨﻰ ۋﯗﺟﯘﺩﻗﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻥ ھﻪﻡ ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻳﯩﺮﺍﻗﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭەﺭﻟﯩﻜﻰ ۋە ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺋﯩﺴﺘﺮﺍﺗﯧﮕﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﻪﻳﺪﺍﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﯗپ‪» ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﺵ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺋﯚﭼﻤﻪﺱ ﺋﺎﺑﯩﺪە ﺗﯩﻜﻠﻪپ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﺩﯨﻜﻰ ھﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭﻧﻰ ﺳﯚﻳﯜﻧﺪﯛﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯩﭙﺘﯩﺨﺎﺭﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺧﺎﺳﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺷﻪھﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﻮﻧﯘﺗﻘﯘﺯﺩﻯ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﭘﯧﺮﺳﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﻰ ﺟﯘۋەﻳﻨﻰ )‪1226‬‬ ‫— ‪» (1286‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﺎھﺎﻥ ﻛﯘﺷﺎﻳﻰ« )ﺟﺎھﺎﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﯘﭼﯩﻼﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫»ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺋﻮﺕ‪-‬ﺳﯘﻟﯩﺮﻯ ﺋﻪﻟﯟەﻙ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺘﺎﻳﯩﻦ ﮔﯜﺯەﻝ ﺑﯩﺮ ﺗﯜﺯﻟﻪﯕﻠﯩﻜﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯘﺭﯗپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ھﺎﺯﯨﺮ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ›ﻗﯘﺯﺑﺎﻟﯩﻖ‹ ) ‪Quz‬‬ ‫‪ (— Baligh‬ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻥ ﻣﺎﯕﺪﯗﺭﯗﭘﺘﯘ‪ 12 .‬ﻳﯩﻞ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭ ﻛﯚپ ﺋﻪﻟﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺷﯩﻼﺷﻘﯘﭼﻰ ۋە ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮەﺭ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻣﺎﭘﺘﯘ‪ ...‬ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﺳﯜﭘﯜﺭﯛپ ﺗﺎﺷﻼﭘﺘﯘ‪ .‬ﻗﯘﺯﺑﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﻗﺎﻳﺘﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﻧﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺟﺎﻳﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ«]‪.[72‬‬ ‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪﺭەﺏ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺒﻨﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﻪﺳﯩﺮ )‪— 1160‬‬ ‫‪ (1233‬ﻧﯩﯔ »ﻛﯩﺘﺎﺏ ﺋﻪﻝ ﻛﺎﻣﯩﻞ ﻓﯩﺖ ﺗﺎﺭﯨﺦ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻳﯧﮕﺎﻧﻪ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺷﺘﻪ ھﻪﻝ ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺋﻪھﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺯﺍﺩﻯ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺧﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪﯛﺭﯨﺪﯗ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯘﺯﯗﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮﻯ ﺗﯧﭙﯩﺸﻤﺎﻕ‬ ‫ﺧﺎﺭﺍﻛﺘﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻪۋﻻﺩ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪199‬‬


‫ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺧﺎﺩﯨﻤﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺗﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮە ۋە ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‪ ،‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ‪ -2‬ﺋﻪۋﻻﺩ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﻮﺭ‬ ‫)ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﻏﺎﻥ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -759 — 747‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ( ﻧﻰ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ‬ ‫ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻤﺎﻗﺘﺎ]‪ .[73‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﻮﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -747‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﻮﻥ‬ ‫ﺋﻮﻗﻼﺭ ﻳﯧﺮﯨﮕﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺗﺎﺭﻣﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﺴﻪﻱ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯘ‪ ،‬ﺗﺎﻻﺱ‬ ‫ھﺎۋﺯﯨﺴﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ۋە ﻛﯩﺮﻭﻟﻮﻧﻐﺎ ﻗﻪﺩەﺭ ﻛﯧﯖﻪﻳﺘﻜﻪﻥ«]‪ ،[74‬ﻳﻪﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﻮﺭ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ »ﻛﻪڭ‬ ‫ﻛﯚﻟﻪﻣﺪە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ۋە ﺋﻮﻥ ﺋﻮﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﺘﻪ ﺗﺎﻛﻰ‬ ‫ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮﮔﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ«]‪.[75‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ »ﺑﯚﮔﯜ« ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﻥ‪ ،‬ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ؛ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻯ ﺟﯘۋەﻳﻨﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﯚﮔﯜﺧﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ‬ ‫ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﻤﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﮔﯘﻣﺎﻧﯩﻲ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭﻟﯩﻐﺎﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎﻕ‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ﻛﯚﯕﻠﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﻦ ﺗﺎﭘﻘﯘﺩەﻙ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺗﺎﭘﺎﻻﻳﻤﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﭼﯩﯔ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭼﻴﻪﻧﻠﯘڭ ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ )‪(1796 — 1736‬‬ ‫ﺩﺍ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ »ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﻖ ﺯﯦﻤﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ«‬

‫( ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ‬

‫ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ »ﺑﻮﻳﻼ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﻪﻳﻨﻰ ۋﺍﻗﺘﯩﺪﺍ‬ ‫ﺳﯘﻳﺎﺏ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﺪە ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﻮﻳﻼ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ«‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ھﯚﺟﺠﻪﺕ ﺑﺎﺭ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻ ﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﻤﯩﺰﺩﺍ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﭼﺎ‪-‬ﺳﯩﯖﯩﻠﻼﺭﺩەﻙ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻡ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚﻟﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ‬ ‫ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﺎﭘﺘﻮﺭﻻﺭ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪:‬‬ ‫»ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﻴﺎﺏ ﺋﻮﻏﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﺳﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪھﻤﯘﺩﻧﯩﯔ‬ ‫‪200‬‬


‫ﺋﺎﺗﯩﺴﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺷﻪھﻪﺭﺩﯨﻦ‪ .‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩەﻳﺪﯗ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻳﯩﻠﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﻧﯩﯔ ھﺎۋﺍﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘ ﺷﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﻳﯩﻠﻘﺎ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭ ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ«]‪.[76‬‬ ‫ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﻣﻪﺯﻣﯘﻥ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ھﺎۋﺍﺳﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻧﻰ »ﺋﻮﺭﺩﯗﻛﻪﻧﺖ« ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﺳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﻓﺮﺍﺳﯩﻴﺎﺏ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻼ ﻣﻪۋﺟﯘﺩ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ؛ ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺗﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯘ ﺷﻪھﻪﺭ ۋەﻳﺮﺍﻧﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﺍپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻳﯩﻠﻘﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﺎﻗﻘﺎﻥ ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺭﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺷﻪھﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺭ« ﺋﺎﺩەﺗﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮﭘﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ ،‬ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﭼﻮﭘﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﻡ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻓﯧﺌﻮﺩﺍﻝ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺮﺍﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﻪﻟﻤﻪﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺭ« ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﻣﻪﺭﺗﯩﯟﯨﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ﻣﻪھﻤﯘﺩ‬ ‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ »ﺋﻪﻝ‪ «al-‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﯨﮕﻪ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻣﯘﻧﯘ ﺷﻪﺭھﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪:‬‬ ‫»ﺋﻪﻝ ﺋﺎﺗﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ .‬ﺋﺎﺕ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺋﺎﺗﻨﻰ ›ﺋﻪﻝ‹ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫›ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺭ‹ ﻧﻰ ›ﺋﻪﻝ ﺑﺎﺷﻰ‹ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ›ۋﯨﻼﻳﻪﺕ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ›ﺋﺎﺕ ﺑﺎﻗﺎﺭ‹ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﯘﻗﯘﻡ ﺋﺎﯕﻠﯩﻨﯩﺪﯗ«]‪.[77‬‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ۋﺍﻟﯩﻴﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﺭﯛﻧﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺷﻪﺭﯨﭙﯩﮕﻪ ﺑﺎﺭﯨﺴﻐﺎﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﻗﺎﻧﻼﺭ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ‬ ‫ﺧﺎﻧﯩﺶ‪-‬ﻗﺎﺗﯘﻧﻼﺭ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺗﯧﮕﯩﻦ‪-‬ﺷﺎھﺰﺍﺩﯨﻠﻪﺭ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ‬ ‫ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﺎﻣﯩﺪﺍ ﺷﻪھﻪﺭ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﺋﺎﺩەﺕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬

‫‪ .5‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫‪201‬‬


‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﻳﯩﭗ ﺋﯘﭼﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎ ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺑﯩﺮ ﺟﻪﺭﻳﺎﻥ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ۋە ﺋﯘ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﻪ ﺑﻮﻟﯘﺵ ھﺎﻟﯩﺘﻰ ۋە ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﺎﺵ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﻪڭ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻰ ۋە‬ ‫ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺗﯚۋەﻧﺪە ﭘﺎﻛﯩﺘﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺲ‬ ‫ۋە ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ‬ ‫ﺋﯚﺯﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﻪﭼﯜﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﻣﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ‬

‫((‪ ،‬ﺋﯧﮕﯩﺰ ھﺎﺭۋﯨﻠﯩﻘﻼﺭ )‬

‫‪،‬‬

‫((‪ ،‬ﺗﯧﻠﯩﻼﺭ‬

‫( ( ﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬

‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻐﺎﻥ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﺩﯨﻤﯘ ‪ 2000‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ]‪.[78‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻟﯩﺮﻯ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﻯ‪-‬ﻛﻪﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﭘﻼ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﯘﻏﺮﺍﭘﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋە ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻦ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜﻙ‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪:‬‬ ‫ﻓﯧﻲ ﺳﻮڭ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺰﺍھﻠﯩﻐﺎﻥ »ۋﯦﻲ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﻯ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺭﻭﯕﻼﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« )»‬ ‫»‬

‫‪.‬‬

‫«( ﺧﯘﺩﻯ )ﺧﯘﮔﯥ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ( ﻻﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻳﺴﯘﻧﻼﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ‪ ،‬ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﻨﯩﯔ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ‪ 10‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ«‪» ،‬ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ )ﺳﻪﻣﻪﺭﻗﻪﻧﺖ( ﻧﯩﯔ ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ 60 ،‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﺭﺗﯘﻕ ﺋﻪﺳﻜﯩﺮﻯ ﺑﺎﺭ« ﺩەپ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ« ۋە ﺑﻪﻧﮕﯘﻧﯩﯔ »ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ« ﺳﯩﮕﻪ »ﺋﯘﺟﯩﯥ‪-‬ﺋﯘﮔﯥ«‬ ‫»ﺧﯘﺟﯩﯥ‪ -‬ﺧﯘﮔﯥ«‬

‫((‪،‬‬

‫(( ﺩەپ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺑﯘ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ]‪.[79‬‬

‫ﺋﯘﺟﯩﯥ‪-‬ﺧﯘﺟﯧﻼﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻏﯘﺯ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻳﺎﻛﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﺷﺘﻰ]‪» .[80‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩە ﺋﻮﻏﯘﺯﺧﺎﻧﻨﯩﯔ »ﻣﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ«]‪،[81‬‬ ‫‪202‬‬


‫ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﻣﺎﭼﺎﯕﺸﯘ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭘﺮﻭﻓﯧﺴﺴﻮﺭ ﺳﯩﻦ ﺟﯘﯕﻤﻴﻪﻧﻠﻪﺭ ﺑﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ‪» .‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻧﺎﻣﻪ« ﺩﯨﻤﯘ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺭﻭﺷﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻧﻪﻗﯩﻠﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚﻟﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﻻﺱ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﻝ‪ .‬ﺑﯘ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﻗﺎﻳﺴﻰ ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﺎﻧﮕﯩﻴﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ‬ ‫»ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﻗﺎﻣﯘﺳﻰ« ﺩﺍ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ۋە ﺳﯘﻏﺪﯨﻴﺎﻧﻪ‬ ‫ﻳﻪﻧﻰ ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ‪ Ⅰ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﺩﯨﻦ ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎ ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﺯﯦﻤﯩﻨﺪﺍ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺋﺎﻳﻤﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻡ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ؛ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺋﯚﻟﻜﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺩﯨﯖﻠﯩﯔ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ«‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻡ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺟﺎﻧﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪۋﻻﺩﻟﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺟﺎۋﯗپ ﻏﯘﺯﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﻣﻮﯕﻐﯘﻟﯩﻴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺒﺎﻟﯩﻖ‪-‬ﺋﻮﺭﺩﯗ ﺑﺎﻟﯩﻖ )ﻗﺎﺭﺍ ﺑﺎﻟﻐﺎﺳﯘﻥ( ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ‪ ،‬ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪﺍﺷﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ‪ ،‬ﻛﯚپ ﻗﯧﺘﯩﻢ ھﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪ ﺳﯘ ۋە ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ھﻪﻡ ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻣﻮﯕﻐﯘﻝ ﻳﺎﻳﻼﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺯﻭﺭ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯜﻡ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﯧﯖﯩﯟﺍﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﺍﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪپ‪ ،‬ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺋﯚﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩ ۋە ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻟﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻛﯜچ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﺍ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪:‬‬ ‫‪ .1‬ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﻮﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -747‬ﻳﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭼﯘ‪ ،‬ﺗﺎﻻﺱ‬ ‫‪203‬‬


‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ ۋە ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪ .2‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ‪ -9‬ﺋﻪۋﻻﺩ ﺧﺎﻧﻰ ﺳﯚﻳﯩﻨﮕﯩﻞ ﺧﺎﻗﺎﻥ )‪ -795-805‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ(‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ‪ -2‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪڭ ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﯩﻚ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯜﺭﯛﺵ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻏﻨﯩﯔ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ ۋە ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ‪ ،‬ﺳﯩﺮ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺳﺎھﯩﻠﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ۋە ﭘﯧﺮﯨﺴﯩﻴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ]‪ .[82‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯩﻨﭽﯘ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ )ﺳﯩﺮ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﺎﺭﯨﻦ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ( ۋە ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ]‪.[83‬‬ ‫‪ .3‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﭽﻜﻰ‪-‬ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪﺭ ﺗﯜﭘﻪﻳﻠﯩﺪﯨﻦ ‪ -840‬ﻳﯩﻠﻼﺭﻏﺎ‬ ‫ﻛﻪﮔﻪﻧﺪە ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯜچ‪-‬ﺗﯚﺕ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺏ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋە ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﯘﻻﺭ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯧﺰﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻴﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻛﯚﭼﯜپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻼ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ۋﺍﺩﯨﺴﻰ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋە ﻣﺎۋەﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﺩﯨﯖﻠﯩﯖﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ۋە ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻠﻠﻪﺭ ۋە ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ‪،‬‬ ‫ﻳﺎﻏﻤﺎ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ ۋە ﺗﯜﺭﻛﻪﺷﻠﻪﺭ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﻮﻗﺎﺗﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺯﻭﺭﺍﻳﺘﺘﻰ‪.‬‬

‫‪ .6‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ‬

‫‪ (1‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺩەۋﺭﻯ ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -840‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻧﯩﺰﺍ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﺎﭘﻪﺕ ۋە ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ھﯘﺟﯘﻣﻠﯩﺮﻯ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﺎﺭﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە »ﻳﯧﯖﻰ ﺗﺎﯕﻨﺎﻣﻪ« ‪ -217‬ﺟﯩﻠﺪ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە‬ ‫»ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 15‬ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﯘﺭﺗﯩﻐﺎ ﻛﻪﺗﺘﻰ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻨﻨﻰ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﻗﻮﭼﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺩەپ‬ ‫‪204‬‬


‫ھﯧﺴﺎﺑﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻤﭽﻪ‪ ،‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ‪ 15‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺟﻪﻣﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺭﻣﺎﻕ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﺸﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ھﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯧﻨﯩﻖ‬ ‫ﭘﻪﺭﻗﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﻟﻤﻪﻱ‪ ،‬ﺋﺎﺭﯨﻼﺵ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮﺍ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻳﯩﭙﻪﻙ ﻳﻮﻟﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﻮﺭﻧﻰ ﺑﻪﻙ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﻛﯜﺳﻪﻥ )ﻛﻮﭼﺎ( ﻏﯩﭽﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﻛﻪڭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻥ‬ ‫ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ ۋە ﻣﺎۋﺍﺭﺍﺋﯘﻧﻨﻪھﺮ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﺟﯩﺰﻻﺷﻘﺎﻥ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺑﯘ‬ ‫ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﮔﻪﻥ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺑﯘ‬ ‫ھﻪﻗﺘﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ Ⅹ ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪ -80‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‬ ‫»ھﯘﺩﯗﺩﯗﻟﺌﺎﻟﻪﻡ« ﺩە ﺗﯘﺭﭘﺎﻥ )ﭼﯩﻨﺠﯩﻜﻪﻧﺖ(‪ ،‬ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ )ﭘﻪﻧﺠﯩﻜﻪﻧﺖ( ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﭘﺎﻳﺘﻪﺧﺘﻰ«‪،‬‬ ‫»ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯘ ﺋﯘﻟﯘﺱ )ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ( ﺋﻪڭ ﭼﻮﯕﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﻗﻪﺩﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻡ ﺳﺎﻧﻰ ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻥ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻠﯩﺮﻯ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻣﺎھﯩﺮ ﺑﯩﺮ ﻗﻮۋﻡ‪ ،‬ﺯﻭﺭ ﻣﯩﻘﺪﺍﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﻮﺭﺍﻟﻼﻧﻐﺎﻥ«]‪» .[84‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺷﻪﺭﻗﺘﻪ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ۋە ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯧﮕﺮﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯗ»]‪ .[85‬ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﯨﻨﯩﯔ »ﻣﯘﺭﯗﺝ ﺋﻪﺯﺯەھﻪﺏ«‪» ،‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﻳﻼﻕ« )‪947‬‬ ‫— ‪ -94‬ﻳﯩﻠﻰ(‪ ،‬ﮔﻪﺭﺩﯨﺰﯨﻨﯩﯔ »ﺯەﻳﻨﯘﻟﺌﻪﺧﺒﺎﺭ« )‪ (1052 — 1048‬ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ۋە‬ ‫ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺖ ﺋﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻏﺎ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪» :‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﺭﯨﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺟﺎﻳﻼﺷﻘﺎﻥ‪ ...‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﯜﻛﺘﻪ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪— 934‬‬ ‫‪205‬‬


‫‪ -944‬ﻳﯩﻠﻼﺭ ﻛﯚﺯﺩە ﺗﯘﺗﯘﻟﻐﺎﻥ‪-‬ﻧﻪﻗﯩﻠﭽﯩﺪﯨﻦ( ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻮۋﻣﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﺟﺎﺳﺎﺭەﺗﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫ﺋﻪڭ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ‪ ،‬ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ«‪» ،‬ﺋﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﭼﯩﻦ ﺋﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﯘﺭﺍﺳﺎﻥ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩەﺷﺘﻰ ﺑﺎﻳﺎۋﺍﻥ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﺍ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻗﺎﻥ )‪ (Uyghurkhan‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﻪﺷﻬﯘﺭ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪۋﻣﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯧﭽﻜﯩﻤﻤﯘ‬ ‫ﺑﯘ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﺭﯗﺵ‪-‬ﺗﺎﻻﺵ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺟﯜﺭﺋﻪﺕ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﻳﺪﯗ«]‪ .[86‬ﺋﯩﺒﻨﻰ ھﻪۋﻗﻪﻝ ) ‪Ibn‬‬ ‫‪ (Hauqal‬ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻥ »ﺩﯗﻧﻴﺎ ﺧﻪﺭﯨﺘﯩﺴﻰ« ﺩە ﺳﯩﺮ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻛﻪڭ‬ ‫ﺯﯦﻤﯩﻦ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﺴﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ]‪ .[87‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ«‬ ‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ۋﺍﺭﯨﻴﺎﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺕ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ۋە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺋﯘﻗﯘﺷﻠﯘﻕ ﺋﯩﺒﺎﺭﯨﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﻲ ﺳﯘڭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ )‪ (1127 — 960‬ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﭽﯩﺴﻰ ۋﺍڭ ﻳﻪﻧﺪﻯ ‪ -980‬ﻳﯩﻠﻰ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺶ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ »ﺯﯦﻤﯩﻨﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﺎ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ‬ ‫ﺋﻪﺭەﺏ‪-‬ﭘﺎﺭﺳﻘﺎ‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ‪ ،‬ﭘﯩﺸﺎۋﯗﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯩﻘﺘﺎﻍ )ھﯩﻨﺪﯨﻘﯘﺵ(‪ ،‬ﻛﯚﻛﺌﺎﺭﺕ ﺗﯧﻐﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﺎﺷﻘﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﯖﻠﯩﻐﺎﻥ ﻳﻮﻝ ﺋﯘﺯﯗﻧﻠﯘﻗﺘﺎ« ﺩەپ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ‪ .‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ھﯚﺟﺠﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭼﯧﮕﺮﺍ‬ ‫ﺗﺎﺷﻜﻪﻧﺘﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﯩﺮﭼﯩﻜﻜﯩﭽﻪ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ]‪ ،[88‬ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ »ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ )ﻳﺎﻛﻰ ﻗﻮﭼﻮ‪-‬ﻧﻪﻗﯩﻠﭽﻰ( ﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯩﺪﻯ«]‪.[89‬‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻳﺎﻛﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ«]‪» ،[90‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ‪Ⅺ‬‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﺍ ﺩﯨﻨﯩﻲ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻛﯜﭼﻪﻳﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ«]‪ .[91‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪ ،‬ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺯﮔﯩﻞ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‪-‬ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ‬ ‫ﺋﻮﺭﯗﻧﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﭼﯧﻐﯩﺪﺍ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺟﺎﻳﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ‬ ‫ۋﺍﺩﯨﺴﻰ‪ ،‬ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ‪ ،‬ﭘﻪﺭﻏﺎﻧﻪ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬ ‫‪206‬‬


‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺑﻪﺯﯨﺪە ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ‪ Ⅺ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﻯ ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜﻛﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬

‫‪ (2‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪﺷﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺋﯘ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻗﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﻳﺴﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﻥ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪.‬‬ ‫ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﯟﯦﺘﯩﻠﻤﯩﺴﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺗﻤﯩﻠﯩﻘﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﻤﻪﻱ ﻗﺎﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﺷﯘ ﻧﻪﺭﺳﻪ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻜﻰ‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ھﻪﻡ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﺪﺍ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ«‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻧﺎﻣﺪﯨﻤﯘ‬

‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[92‬‬

‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ‬

‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫»ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯚﺯ ﻧﯚۋﯨﺘﯩﺪە ﻳﻪﻧﻪ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ]‪ .[93‬ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻯ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯩﻤﺎﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜﺵ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺳﻪۋەﺑﻠﯩﻚ ﺋﺎﺭﯨﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﮕﻪﻥ ﻧﯩﺰﺍﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻻﺭﻧﻰ »ﺗﯜﺭﻙ«‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫»ﺗﯜﺭﻙ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﺍ ﺋﯩﺨﺘﯩﻼپ ﻳﻮﻕ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜﻧﺪﯗﺭ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪﺭﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ »ﻳﺎﻏﻤﺎ« ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺕ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﻮﻟﯩﻤﯘ ﺋﺎﺟﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻴﯜﺯﻟﯜﻙ‬ ‫ﻗﻮﻟﻼﺷﺘﯩﻦ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻳﯩﺮﺍﻕ‪ .‬ﻗﺎﺯﺍﻗﯩﺴﺘﺎﻥ ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﺋﯘ‪ .‬ﻣﻪﻣﻪﺗﺎﺧﻮﻧﻮۋ]‪ ،[94‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ۋﺍڭ ﺭﯦﻔﻰ‬ ‫)‪ -1935‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[95‬ﻓﯧﯔ ﺟﻴﺎﺷﯩﯔ )‪ ،[96](1981-1958‬ﻟﻰ ﻓﯘﺗﯘڭ )‪ -1963‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[99‬ۋﺍڭ ﺟﯩﻠﻪﻱ‬ ‫)‪ -1977‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[100‬ﺗﺎڭ ﻛﻪﻳﺠﯩﺌﻪﻥ‪ ،‬ۋﺍڭ ﺷﯜﻛﻪﻱ )‪ -1984‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[101‬ﻟﻴﯘ ﺯﯨﺸﺎۋ )‪ -1985‬ﻳﯩﻠﻰ(‬ ‫]‪ ،[102‬ۋﯦﻲ ﻟﻴﺎﯕﺘﺎۋ )‪ -1986‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[103‬ﻳﺎڭ ﺷﯩﯖﻤﯩﻦ )‪ -1991‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[104‬ﻟﯩﻦ ﮔﻪﻥ‪ ،‬ﮔﺎۋ ﺯﯨﺨﻮۋ‬ ‫)‪ -1995‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[105‬ﺋﯩﺒﺮﺍھﯩﻢ ﻣﯘﺗﯩﺌﻰ )‪ -1996‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪ ،[106‬ﭼﻴﻪﻥ ﺑﻮﭼﯜەﻥ )‪ -1997‬ﻳﯩﻠﻰ(]‪[107‬‬ ‫‪207‬‬


‫ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺩەﻙ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﻪﺯﻯ‬ ‫ﻏﻪﺭﺏ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘﺭﯗﻥ ﺑﯘ ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﺎﭘﻮﻧﯩﻴﻪ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯘۋﺍﺗﺎ ﺭﻭﻛﯘﺭﻭ‪-‬ﺳﺎﯕﺘﻴﻪﻥ ﻟﻴﯘﻻڭ ‪)) [108‬‬ ‫)‪) [109‬‬

‫[‪ ،‬ﻣﻮﺭﻯ ﻳﺎﺳﯘ ﺗﺎﻛﺎۋ‪-‬ﺳﯧﻦ ﺋﻪﻧﺸﻴﺎۋﻓﯘ‪))[110‬‬

‫[‪ ،‬ﺋﺎﺑﻰ ﺗﺎﻛﯧﺌﻮ‪-‬ﺋﻪﻧﺒﯘﺟﻴﻪﻧﻔﯘ‬ ‫[ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻣﯘ ﻏﻮﺑﻰ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜپ‪ ،‬ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﻚ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰﺩﯨﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻗﺎﻳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﺍﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺩﯦﻴﯩﺸﺘﻪ ﺑﯩﺮەﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﯧﻨﯩﻘﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﭘﺎﻛﯩﺘﺴﯩﺰ ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯗﻟﯘﻕ ﺋﯧﻠﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪﺭﻗﺸﯘﻧﺎﺱ ﻣﯩﻨﻮﺭﯨﺴﻜﻰ )‪ (Minoriskiy‬ﻧﯩﯔ »ﻣﻪﺭۋەﺯﯨﻨﯩﯔ ﭼﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺗﯜﺭﻛﯩﻴﻪ ۋە ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻥ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯧﻴﺘﻘﺎﻧﻠﯩﺮﻯ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﻨﯩﯔ ‪ -21 — 12‬ﺑﯧﺘﻰ )‪ -1942‬ﻳﯩﻠﻰ‬ ‫ﻟﻮﻧﺪﻭﻥ ﻧﻪﺷﺮﻯ( ﺩە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﮔﻪپ ﺑﺎﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺩﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻮﺯﻏﺎﻳﺪﯗ‪:‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻟﻴﺎۋ )ﻗﯩﺘﺎﻥ( ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ ،‬ﺋﻪﺭەﺑﻠﻪﺭﺩﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪﺭۋەﺯﻯ )‪ (Marvazi‬ﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺷﯧﯔ ﺯﻭڭ ﺧﺎﻧﻰ ﺗﻪﻳﭙﯩﯔ ‪-4‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1024‬ﻳﯩﻠﻰ( ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻓﻐﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺯﻧﻪۋﯨﻠﻪﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﻣﻪھﻤﯘﺩ )‪ -998 — 930‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ( ﻗﺎ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﺭﭼﻪ ﻣﻪﻛﺘﯘپ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯘ ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ‬ ‫)‪ (Kadirhan‬ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻏﻠﻰ ﭼﺎﻏﺮﯨﺘﯧﮕﯩﻨﮕﻪ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﺑﯘﻳﺮﯗﻕ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛپ‪ ،‬ﻏﻪﺯﻧﻪۋﯨﻠﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﺑﺎﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﻳﻮﻟﻨﻰ ﻳﺎﺳﺎﺗﻘﯘﺯﻏﺎﻥ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﻪﻝ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ«]‪.[111‬‬ ‫ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻣﻪﺭۋەﺯﻯ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ‬ ‫ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺷﯩﯔ ﺯﯗﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻳﺎﺯﻏﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﺗﻪﺱ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪.‬‬ ‫ﺧﻪﺗﺘﻪ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ »ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ« ﻳﯜﺳﯜپ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻥ ﺋﺎﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﭼﻮڭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺗﻪﺧﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ۋە ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺋﻮﺭﺩﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺗﯘﺗﯘﻧﯩﯔ »ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‪) 16‬‬

‫(‬

‫ﺟﯩﻠﺪ‪» ،‬ﺷﯩﯔ ﺯﻭڭ ‪ «-7‬ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯩﻜﻪ ﺳﻮﺭﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ‬ ‫‪208‬‬


‫‪ -1015‬ﻳﯩﻠﻰ(‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -1021‬ﻳﯩﻠﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺧﺎﺗﯩﺮە‬ ‫ﺑﺎﺭ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺭۋەﺯﯨﻨﯩﯔ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﺱ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﯩﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« ﺩﯦﻴﯩﺸﻰ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺩەپ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ ﮔﻪپ ﺋﻪﻣﻪﺱ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﺑﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ‬ ‫ۋﺍﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﺭﺍﻳﻮﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪە ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ‪ 100‬ﻳﯩﻠﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ -840 .‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻳﯩﻤﯩﺮﯨﻠﮕﻪەﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺯﯦﻤﯩﻨﯩﺪﺍ ﺋﻪﻣﻪﻝ‬ ‫ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﻪﻣﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺷﯘﻟﯘ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯘﺩﺍ‪-‬ﺑﺎﺟﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ‪ 200‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﺎﺭﯨﺨﺘﺎ ‪ 9‬ﻧﻪﭘﻪﺭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﯩﺶ‪ 22 ،‬ﻧﻪﭘﻪﺭ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺩەﺭﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﺍﺭ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﺩﺍ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻗﯩﺘﺎﻥ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻧﺎ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ھﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺕ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻨﻤﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ‬ ‫ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻳﯜﺳﯜپ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻧﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻘﺎ ھﯚﺭﻣﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﯘﺩﻯ »ﺋﺎﻟﺘﯘﻥ ﻳﺎﻳﻼﻕ« )‪ (Murudjadh—dhab‬ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺧﺎﻧﻰ )‪ (Uyghurkhan‬ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﯩﻨﯩﯔ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﺧﺎﻥ«‬ ‫ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ Ⅺ — Ⅹ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ« ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎﻛﻼ‬ ‫ﻛﯜﭼﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻐﺎ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﻏﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﺋﯚﺯﮔﯩﭽﻪ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ھﺎﺩﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ‪ ،‬ﺧﺎﻗﺎﻥ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻐﺎ »ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ« ﺳﯚﺯﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺵ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﻪﺭەﭘﻠﻪﺭﺩە ﺋﯚﺯ‬ ‫ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ھﻪﻡ ﺋﻪﻳﻨﻰ ﺷﺎﺭﺍﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ھﻪﺭﻗﺎﻳﺴﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ‬ ‫ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯧﺘﻨﯩﻚ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺭﻭﺷﻪﻧﻠﻪﺷﺘﯜﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« ۋە »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﺋﯧﻠﯩﻚ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ]‪ .[112‬ﻗﻮﭼﻮ )ﺷﯩﺠﯘ—‬ ‫‪209‬‬


‫[ ( ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﻛﯜﺳﻪﻥ‬

‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ( ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ »ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ« ‪) [113‬‬

‫[ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ‪،‬‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ »ﺋﯚﺯ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ« ‪)) [114‬‬

‫‪912 — ،‬‬

‫ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺧﺎﻧﻰ ۋﯨﺴﺎﺭﺍ ﺗﻪﯕﺮﯨﺨﺎﻥ ﻳﺎﻛﻰ ۋﯨﺴﺎﺭﺍ ﺳﺎﻣﺨﺎۋﺍ ))‬

‫‪ -966‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ ﺗﻪﺧﺘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ‪ (.‬ﻣﯘ »ﺋﺎﺭﺳﻼﻧﺨﺎﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ھﻪﻡ‬ ‫»ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ »ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ«‬ ‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻥ]‪ .[115‬ﺋﻮﻣﯘﻣﻪﻥ‪ ،‬ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ »ﻟﻴﺎۋ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫((‪» ،‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ«‬

‫ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼﺭﺩﺍ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ‬

‫( ( ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫((‬

‫((‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ«‬

‫ﺩەپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ‪ ،‬ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ( »ﺋﺎﺭﺳﻼﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[116‬‬ ‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﺎ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺋﺎھﺎﻟﯩﻨﯩﯔ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ«‬ ‫ﻏﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ۋە ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ« ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﻪپ ﺋﺎﺗﯩﺸﻰ‬ ‫»ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ«‬

‫( ( ﺩەۋﺭﯨﺪە ﺗﺎﺳﺎﺩﯨﭙﯩﻲ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ ھﺎﺩﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪،‬‬

‫ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﻪﺳﯩﺮ ﺑﯘﺭﯗﻧﻘﻰ ﭼﺎﻏﻼﺭﻏﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺳﯩﻤﺎﭼﻴﻪﻧﻨﯩﯔ »ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﺭ«‬ ‫»ﺧﻪﻧﻨﺎﻣﻪ«‬

‫((‪ ،‬ﺑﻪﻧﮕﯘﻧﯩﯔ‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻟﺘﺎﻱ ﺗﯧﻐﻰ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺧﯘﺟﻰ ) —‬

‫ﻏﯘﺯ(‪ ،‬ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﯧﻐﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺋﯘﺟﻰ )‬

‫—‬

‫ﺋﻮﻏﯘﺯ( ﻻﺭ ﺷﯩﺮﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ‪» ،‬ﺷﯩﺮ‬

‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﻮﺗﯧﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺰەﻛﻠﻪﺭﮔﻪ ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ ﭼﯜﺷﯜﺭﯛﻟﻪﺗﺘﻰ«]‪ ،[117‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﺗﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ‬ ‫ھﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪﺭﻕ ﺋﯘﺭﻏﯘﺯﯗﺵ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﺍ ﻛﯚﺭﯛﻟﯜپ ﺗﯘﺭﯨﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻳﯩﺮﯨﻚ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪﻥ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜﻥ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎﻥ ﺗﻮﺗﯧﻤﻐﺎ‬ ‫ﭼﻮﻗﯘﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺋﻮﺑﻴﯧﻜﺘﻠﯩﺮﻯ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﻳﯩﻐﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺧﯧﻠﻰ‬ ‫ﺋﯘﺯﯗﻥ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﯩﭽﻪ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪» .‬ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ« )ﺷﯩﺮ( ﻏﺎ ﭼﻮﻗﯘﻧﯘﺵ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ ﻏﻮﻟﻠﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮﺗﯧﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ Ⅸ — Ⅻ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﮔﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ھﺎﻟﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ھﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺋﯚﺯ ﺭﻭﻟﯩﻨﻰ‬ ‫‪210‬‬


‫ﺟﺎﺭﻯ ﻗﯩﻠﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﻛﻼﺳﺴﯩﻚ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﺩە ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﺍ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻏﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜﺷﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﻣﻮﻝ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﯩﻦ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺏ ﺗﻪﺭەﭘﺘﻪ‬ ‫ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ ﻳﻪﺭﻟﯩﺮﻯ ﭘﯜﺗﻜﯜﻝ ﺟﯘﯕﻐﺎﺭﯨﻴﻪ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ )ﻗﺎﺭﺍﺷﻪھﻪﺭ(‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ۋە‬ ‫ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚﻝ ﺭﺍﻳﻮﻥ )ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺟﺎﻳﻼﺭ( ﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﻼﺭﺩﺍ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ۋە ﭼﯩﮕﯩﻠﻠﻪﺭ ﻳﺎﺷﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻏﺎ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯘ ﺑﯧﻘﯩﻨﺪﻯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﮔﻪ ﻧﺎﺯﺍﺭەﺗﭽﻰ ﺑﻪﮔﻠﻪﺭﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﻪﺗﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﯘﻳﯘﺭﻏﺎﻝ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ ۋە ﺑﯘ ﺋﺎﻗﺴﯚﯕﻪﻛﻠﻪﺭﻧﻰ ﻣﯩﺮﺍﺳﺨﻮﺭ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﻪﻳﯩﻨﻠﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘﻻﺭﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ »ھﯘﺩﯗﺩﯗﻟﺌﺎﻟﻪﻡ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ »ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺗﯜﺭﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻼﺭﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ )ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ«]‪ ،[118‬ﺩەپ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪﻧﮕﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -840‬ﻳﯩﻠﻰ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ‪ 15‬ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﺯﯗﻥ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ )ﻳﻪﻧﻰ ‪856‬‬ ‫— ‪ -857‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ( ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ‬

‫( ( ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ »ﺧﺎﻗﺎﻥ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎپ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬

‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻨﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺵ ﺑﺎﺭ‪:‬‬ ‫‪ (1‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ]‪.[119‬‬ ‫‪ (2‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ]‪.[120‬‬ ‫‪ (3‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ‪.‬‬ ‫‪ (4‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ‪.‬‬ ‫ھﻪﺭ ﺗﻪﺭەﭘﻠﯩﻤﻪ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻧﺪﺍ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻨﻨﻰ ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯚﺕ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺟﺎۋﺍﺏ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪە‪ ،‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﺍ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ ﻳﺎﻳﻼﻕ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺋﺎۋۋﺍﻝ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻘﺎ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﺗﻼﻗﻼﺭﻧﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﺵ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺗﺎﺭﻗﺎﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺩﺍۋﺍﻣﻠﯩﻖ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‬ ‫‪211‬‬


‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪپ‪ ،‬ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﻼﺭﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ھﻪﻣﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻥ‬ ‫ﺋﯩﺴﺴﯩﻘﻜﯚﻟﻨﯩﯔ ﻳﺎﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ۋە ﺋﯩﻠﻰ ﺩەﺭﻳﺎﺳﻰ ﺟﯩﻠﻐﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ]‪ .[121‬ﺑﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‬ ‫ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‬ ‫ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪﻕ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻨﮕﯩﺘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻤﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺟﯩﻠﻐﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﻐﺎ ﺗﺎﺭﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﺭﯗﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪ Ⅸ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ‪ -50‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﻛﯩﻨﮕﯩﺘﺘﻪ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﻳﺎﺑﻐﯘ ﺩەپ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﻏﻮﺑﻰ‬ ‫ﭼﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯚﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﻨﻨﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺯﺍﻕ ﺋﯚﺗﻤﻪﻱ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﮔﻪ ﺗﯧﮕﯩﻦ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ‪ -856 .‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩەپ ﺟﺎﻛﺎﺭﻻﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺩﯦﮕﯜﺩەﻙ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺗﻪﯕﺮﯨﺘﺎﻍ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﺎڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻳﯩﻠﯩﻼ‬ ‫ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻨﮕﻪ ﭘﻪﺯﯨﻠﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯘﺭﻏﯘﭼﻰ‬

‫( ( ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻮﺗﯘﻏﺎﺕ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ‪ .‬ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﺧﺎﻗﺎﻥ ﺩەپ‬

‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ ﺑﺎﺭﭼﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﺭﻛﻪﺭﺩە ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﯘﺗﻠﯘﻗﻼﻳﺪﯗ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺧﯧﺸﻰ ﻛﺎﺭﯨﺪﻭﺭﻯ‪ ،‬ﭘﺎﻣﯧﺮﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻰ ۋە ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺗﯘﺭﯗۋﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪە ﻛﻪﯕﺮﻯ ﺗﯧﺮﺭﯨﺘﻮﺭﯨﻴﯩﮕﻪ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﻯ‬ ‫ﻛﯩﻨﮕﯩﺖ ﺋﯩﺪﻯ]‪.[122‬‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ۋە ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻠﯩﺮﻯ ﭘﺎﻧﺘﯧﮕﯩﻦ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﯚﻟﯜﻧﯜپ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻬﺘﯩﻤﺎﻟﻐﺎ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪» .‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﯩﺴﺴﻪ« ﺩە ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﺎﺭ‪» :‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺋﯘﺭﯗﻕ‪-‬ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪،‬‬ ‫ﮔﻪﻧﺠﯘﺩﺍ ﺧﺎﻗﺎﻥ‬ ‫ﺷﯩﻨﻔﯘﺟﯘ‬ ‫‪» ،((Kehan‬‬

‫( ( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺷﯩﺠﯘ )‬ ‫( ( ﺩﺍ ﺧﺎﻗﺎﻥ‬

‫‪ ،‬ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﻮﺑﻼﺳﺖ — ﻗﻮﭼﻮ( ﺩﺍ ﺧﺎﻗﺎﻥ‬

‫( ( ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ «.‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ »)‪» (Kehan‬‬

‫((‪،‬‬ ‫‪» ،‬‬

‫«‬

‫« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﺗﻪﻛﺸﯜﺭﯛپ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫»ﺧﺎﻗﺎﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﯩﯔ ﺗﺮﺍﻧﺴﻜﺮﯨﭙﺴﯩﻴﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﺍﺷﺘﻰ‪ .‬ﺷﯩﻨﻔﯘﺟﯘ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﻰ‬ ‫‪212‬‬


‫ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ ،‬ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ‪ -1006‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ ۋﯨﺴﺎﺭﺍ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘ ﺭﺍﻳﻮﻥ »‪) «Yangi Kutcub‬ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ( ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻡ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪە‬

‫« « ﺩەپ ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ‬

‫« « ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ »ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ«‬

‫« « ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ]‪ ،[123‬ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﻪﺭﮔﻪ »ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ«‬ ‫«« ﺩەپ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ]‪ .[124‬ﺩﯦﻤﻪﻙ‪» ،‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ‬

‫ﻛﯚﭼﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﻧﻰ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﺷﯩﻨﻔﯘﺟﯘ )ﺋﯘﺩﯗﻥ(‪ ،‬ﺷﯩﺠﯘ )ﻗﻮﭼﻮ( ۋە ﮔﻪﻧﺠﯘ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺩەپ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜﺭﯛپ ﺑﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪» ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜﺷﻰ« ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻨﻰ ﺷﻪﺭﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯚﺭﯛۋﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗﻛﻰ‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻖ ھﻮﻗﯘﻗﻰ ‪-840‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬

‫( ( ﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪» ،‬ھﯘﺩﯗﺩﯗﻟﺌﺎﻟﻪﻡ« ﺩە ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ‬

‫ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ »›ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﯜﺑﯜﺕ ﺑﻪﮔﺰﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ‹ ﺩﯨﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ]‪) .[125‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭ‬ ‫ﺋﯘﺩﯗﻧﺪﺍ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﻐﺎﻥ ﻗﺎﻟﺪﯗﻕ ﺗﯜﺑﯜﺗﻠﻪﺭ( ﻧﻰ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯗ‪ .‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺭﺍﻳﻮﻧﺪﺍ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ۋە ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻛﯚﭼﯜپ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪.‬‬ ‫ﺑﻪﺷﯩﻨﭽﻰ‪ Ⅻ—Ⅹ ،‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻟﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻳﻪﻧﻰ ﺑﻪﺵ ﺩەۋﺭ )‬

‫‪ -907 — 979 ،‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ( ۋە ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬

‫ﺩەۋﺭﻯ )‪ -1279 — 960‬ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ( ﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﯩﻲ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻰ ۋﯨﺴﺎﺭﺍ‬ ‫ﺗﻪﯕﺮﯨﺨﺎﻥ )ﻟﻰ ﺷﯩﯖﺘﻴﻪﻥ( ﻧﯩﯔ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ۋﺍﺳﺴﺎﻟﯩﻘﯩﺪﺍ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -840‬ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻳﯩﻠﻼﺭﺩﺍ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﻪﯕﺮﻯ‬ ‫((‪ ،‬ﺗﻪﯕﺮﻯ ﻗﯘﻧﭽﯘﻱ )‬

‫( ( ﺧﺎﻗﺎﻥ‬

‫( ( ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺘﯘﻧﺨﺎﻥ‬

‫‪ ،‬ﺗﻪﯕﺮﻯ ﺧﺎﻧﯩﺶ(‪) ،‬ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺳﺎﻏﯘﻥ‪ ،‬ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ‪-Kutlu‬‬

‫( ( ﺩﯦﮕﻪﻥ‬

‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ۋﺍﺭﯨﺴﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺩەﻟﯩﻠﻠﻪپ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪڭ ﺩﺍﯕﻠﯩﻖ ﺧﺎﻧﻰ ۋﯨﺴﺎﺭﺍﺳﺎﻣﺨﺎۋﺍ )ﻟﻰ ﺷﯧﯖﺘﻴﻪﻥ( ﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻝ‪-‬ﻣﻪﻧﺴﻪپ‪ ،‬ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺭپ‪-‬ﺋﺎﺩﯨﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻗﻪﺳﯩﺮﻟﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺭەﺳﯩﻤﻠﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ﻗﯩﻴﺎﭘﻪﺕ‪-‬ﻛﯚﺭﯛﻧﯜﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯗ]‪.[126‬‬ ‫ﺗﯘﺗﯘ ﻳﺎﺯﻏﺎﻥ »ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ‪ .‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺗﻪﺯﻛﯩﺮﯨﺴﻰ« ﺩە ‪ -1009‬ﻳﯩﻠﻰ »ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ‬ ‫‪213‬‬


‫)‬

‫( ( ﻧﻰ ﺋﻮﻟﭙﺎﻥ ﺗﺎﭘﺸﯘﺭﯗپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ )ﺑﻮﻳﻼ؟( ﺳﺎﻏﯘﻥ‬

‫ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻥ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻳﯜﺳﯜپ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ‪ Ⅹ‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ »‬

‫« ﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺗﻪﺭﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯘﺩﯗﻥ‬

‫ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰﯗﭼﻪ ﺋﯩﭙﺎﺩە ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ »ﺧﺎﻗﺎﻥ«‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ‬ ‫»ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« ﺳﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﺸﻰ ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﯜﺳﯜپ ﻗﺎﺩﯨﺮﺧﺎﻥ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻳﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺋﻮﺭﺩﺍ ﻣﯘﺋﻪﺭﺭﯨﺨﻠﯩﺮﻯ ﺋﯘﻻﺭﻧﻰ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ«‬

‫((‬

‫ﺩەپ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﺎﻣﯩﮕﻪ ﭘﯜﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﻪﺭ ﺋﯚﻣﯩﻜﻰ ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎﺩﺩە ﺋﯚﻣﻪﻙ ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪھﻜﻪﻣﻠﻪﺷﺘﻪ‬ ‫ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘﻕ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻳﺎﻏﻼﻗﺎﺭ ﺳﺎﻏﯘﻥ« ﺋﯘﻧﯟﺍﻧﻠﯩﻖ ﻳﯘﻗﯩﺮﻯ ﺗﻪﺑﯩﻘﻪ‪-‬ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﺋﯧﺴﯩﻠﺰﺍﺩﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﻧﺘﯩﻘﯩﮕﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﻥ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺘﯩﻨﭽﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ۋە ﺑﻪﺯﻯ ﺋﺎﺩەﺗﻠﻪﺭ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ »ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ۋەﺯﯨﺮ« ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺵ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘﺭﯗﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﺕ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ‪ ،‬ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ۋە ﮔﻪﻧﺠﯘ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﯩﺰﭼﯩﻞ ﺩﺍۋﺍﻣﻼﺷﺘﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﺍ ﺳﯚﺯﻟﻪپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ »ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ« )ﺷﯩﺮ( ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯚﺭە‪ ،‬ﭼﺎﻏﺮﻯ )ﺗﻮﻏﺮﯗﻝ ﻳﺎﻛﻰ‬ ‫ﺷﯘﯕﻘﺎﺭ(‪ ،‬ﺋﺎﺕ‪ ،‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻏﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﺴﻰ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺧﯩﻞ ھﺎﻳﯟﺍﻧﻼﺭﻧﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪﻝ‪-‬ﻣﻪﻧﺴﻪپ‪ ،‬ﺳﻪﻟﺘﻪﻧﻪﺕ ﻧﺎﻣﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻧﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯚﺗﯩﯟەﺭ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﻪﺭ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻏﻮﺑﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩ ھﺎﺩﯨﺴﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﻳﯧﻘﯩﻦ‪.‬‬ ‫»ﻗﯘﺕ« )ﺑﻪﺧﺖ( ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻣﻪﻧﯩﯟﻯ ﺩﯗﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﻟﻪﻛﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪھﻜﻪﻡ‬ ‫ﭼﯩﺮﻣﺎﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﻏﻮﺑﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﻗﯘﺕ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﻰ ﻳﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﻧﯩﯔ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺋﯧﻠﯧﻤﯧﻨﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺘﺎﻧﯩﺴﯩﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻏﻨﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫( ( ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎپ‪ ،‬ﺋﻪﻝ‪-‬ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﯨﻨﻰ‬

‫ﻣﯘﻗﻪﺩﺩەﺱ ﺗﺎﻍ ﺩەپ ﺗﻮﻧﯘپ ﺋﯘﻧﻰ »ﻗﯘﺗﺘﺎﻍ«‬

‫ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺗﺎﻏﻨﯩﯔ ﻛﯚﺭﻛﻪﻣﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺩەﺧﻠﻰ‪-‬ﺗﻪﺭﯗﺯﺳﯩﺰﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻼپ ﻗﺎﺭﯨﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ‬ ‫‪214‬‬


‫»ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ« ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺑﻪﺯﯨﺪە »ﺋﯘﻟﯘﻍ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫)‬

‫ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ ﺋﯚﺯ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ »ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ« ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ‬

‫ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﺗﯩﻐﺎﻥ‪» .‬ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺗﻠﯘﻕ ﺋﺎﻳﻤﺎﻕ« ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴ���ﻨﯩﯔ ‪ -1006‬ﻳﯩﻠﻰ ﺋﯘﺩﯗﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﯛپ ﺋﯘ ﻳﻪﺭﺩﯨﻜﻰ ۋﯨﺴﺎﺭﺍ ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﻴﺎﺯﺩﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎﺭ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﯨﻨﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯘﺩﯗﻧﻐﺎ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ ﻳﯧﯖﻰ ﻧﺎﻣﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ‬ ‫»ﻗﯘﺕ« ﺋﯧﺘﯩﻘﺎﺩﭼﯩﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻮۋﻣﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻧﻪﺯﯨﺮﯨﺪە ﺗﯘﺗﻘﺎﻥ‬ ‫ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﯩﯔ ﺭﻭﺷﻪﻥ ﺋﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻻﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺷﺎﺋﯩﺮ ﻳﯜﺳﯜپ ﺧﺎﺱ ھﺎﺟﯩﭗ‬ ‫»ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ« ﺩﺍﺳﺘﺎﻧﯩﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﻗﯘﺕ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ« ﺳﯩﻨﻰ ﻳﯜﻛﺴﻪﻙ ﺩەﺭﯨﺠﯩﺪە ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ‬ ‫ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻴﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﻳﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺋﯩﺪﯦﺌﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﻛﯚﺗﯜﺭﮔﻪﻥ‪.‬‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﯩﻨﭽﻰ‪» ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« )ﻳﺎﻛﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ( ﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﺎﺭﯨﺦ‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻟﯘﻍ ﺧﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ«‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ‪ ،‬ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ‪ ،‬ﺗﺎﺑﻐﺎچ ﺑﯘﻏﺮﺍﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺵ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺯﻛﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪە ھﻪﺭﺧﯩﻞ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻤﻼﺭ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻓﺮﺍﻧﺴﯩﻴﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ ﻳﯘﺳﯧﻒ ﺩﯨﮕﯜﻳﮕﯩﻨﯩﺲ )‪» (J. Deguignes‬ھﻮﻧﻼﺭ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭ‪ ،‬ﻣﻮﯕﮕﯘﻟﻼﺭ ۋە ﺗﺎﺗﺎﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ ﻧﺎﻣﻼﺭ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﺍ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻪھﻠﯩﻞ ﻳﯜﺭﮔﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ« ﺩەپ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ« ﻧﺎﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻼﺭﺩﯨﻦ ﺋﻪﻧﯟەﺭ ﺑﺎﻳﺘﯘﺭ‪ ،‬ﺧﻪﻳﺮﯨﻨﺴﺎ ﺳﯩﺪﯨﻘﻼﺭ ﺋﯘﻧﯩﯔ »ﻛﯜﭼﻠﯜﻙ«‪» ،‬ﺑﺎﺗﯘﺭ«‪،‬‬ ‫»ﺋﯘﻟﯘﻍ«‪» ،‬ﺋﺎﻟﯩﻲ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﻡ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺷﯚھﺮەﺕ ﻗﺎﺯﺍﻧﻐﺎﻥ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺧﺎﻗﺎﻧﻰ ﻛﯚﻟﺒﯩﻠﮕﻪ ﺧﺎﻗﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﺋﻮﺭﻧﯩﺘﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﻰ ﮔﯜﻟﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﻣﻮﻳﯘﻧﭽﯘﺭ )ﺑﺎﻳﺎﻧﭽﯘﺭ( ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻗﺎﻥ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -774 — 759‬ﻳﯩﻠﻼﺭ( ﻧﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻪﺵ ھﻪﻡ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﻳﯧﯖﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﺩﺍۋﺍﻣﻰ ﺩەپ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﻳﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎﺩﯨﻠﻪﺵ ﻳﯜﺯﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯘﻟﺘﺎﻥ ﺳﯘﺗﯘﻕ ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﻯ ﺋﻮﺭﻗﯘﻥ ۋﺍﺩﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ ﺑﺎﻻﺳﺎﻏﯘﻥ ﺷﻪھﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫‪215‬‬


‫ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ‪ ،‬ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻥ« ﺩەپ ﺋﯧﻼﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺩەپ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﺸﯩﺪﯗ]‪.[127‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭ ﻣﯘﺷﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﻟﻐﺎﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻣﯘﻻھﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﻠﯩﻘﺮﺍﻕ‬ ‫ﻣﯘﻻھﯩﺰە ۋە ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ۋﯦﻲ ﻟﻴﺎﯕﺘﺎۋ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﭼﯧﺮﯨﻜﻼﺭ«‬ ‫)‬

‫( ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ‪ 12‬ﺗﯜﺭﻟﯜﻙ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ ﻳﻮﺭﯗﺗﯘپ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﯧﻘﯩﻨﺪﺍ ﺋﯧﻼﻥ‬

‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ »ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯ ﻗﺎﺭﯨﺸﯩﻨﻰ ﻳﻪﻧﯩﻤﯘ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﮕﻪﻥ ھﺎﻟﺪﺍ ﺗﻮﻟﯘﻗﻠﯩﺪﻯ]‪.[128‬‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﯘﻧﯘﻻﺭﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﺨﯘﺍ ﺧﻪﻟﻖ ﺟﯘﻣﻬﯘﺭﯨﻴﯩﺘﻰ ﺩﯙﻟﻪﺕ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﻯ ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯜﺯﮔﻪﻥ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪ :‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ )ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ( ﻗﯘﺭﯗﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻰ‬ ‫ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺩﯨﻲ‪ ،‬ﻣﻪﺩەﻧﯩﻲ ﺗﯘﺭﻣﯘﺷﯩﺪﺍ ﻣﯘھﯩﻢ ﺭﻭﻝ ﺋﻮﻳﻨﯩﻐﺎﻥ«]‪.[129‬‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻥ ﻓﻮﻧﺪﻯ ﺗﻮﺭﻯ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺱ ﺷﯚ ﺯﯗﯕﺠﯧﯔ ﺑﺎﺵ ﻣﯘھﻪﺭﺭﯨﺮﻟﯩﻜﯩﺪە‬ ‫ﺗﯜﺯﯛﻟﮕﻪﻥ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﻧﺎھﺎﻳﯩﺘﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﻳﯧﺰﯨﻠﻐﺎﻥ‪:‬‬ ‫»ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻟﯩﺮﻯ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ‬ ‫ﮔﻪۋﺩە ﻳﺎﻛﻰ ﺗﯜپ ﮔﻪۋﺩە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﻨﯩﯔ ﻣﻪھﺴﯘﻟﻰ«‪ .‬ﺑﯩﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮﺍپ ﻗﯩﻠﻤﺎﻱ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯗﻛﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺗﯜپ ﮔﻪۋﺩە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺗﯜۋﺭﯛﻙ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ‬ ‫ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺩەﻧﯩﻴﻪﺕ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘﻗﺘﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ]‪.[130‬‬

‫‪ (3‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ )ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ( ﺑﻮﻟﯘﺵ ﺳﺎﻻھﯩﻴﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﯩﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ؟‬ ‫ﻟﯩﻦ ﮔﻪﻥ‪ ،‬ﮔﺎۋﺯﯨﺨﯘ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« )‬

‫( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ ﺑﯘ ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ‬

‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﺎ‪ ،‬ﻏﯘﺯ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ‪ ،‬ﺳﻮﻏﺪﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭﻧﻰ ﺳﺎﻧﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫‪216‬‬


‫ﺷﯚﺯﯗﯕﺠﯩﯔ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ »ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﺗﯘﺭﻣﯘﺵ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪﺍ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﺩﯨﻦ ﺳﯩﺮﺕ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﺎ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ‪ ،‬ﭼﯜﻣﯜﻝ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ‪،‬‬ ‫ﺳﻮﻏﺪﻯ‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻥ ﺳﺎﻛﻠﯩﺮﻯ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺋﯩﺮﺍﻥ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻟﻘﻠﻪﺭ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰﯗ‪ ،‬ﺗﯜﺑﯜﺕ‪ ،‬ﭼﻴﺎڭ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰﯗ‪-‬ﺯﺍﯕﺰﯗ ﺗﯩﻞ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪﻧﮕﻪﻥ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻣﻪﻟﯘﻡ‬ ‫ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﻏﺮﺍﻕ‪ ،‬ﺗﺎﺗﺎﺭ‪ ،‬ﭼﺎﺭﯗﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ‪ .‬ﭼﻴﻪﻥ‬ ‫ﺑﻮﭼﯜەﻥ »ﺳﯘڭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﯩﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﺘﯩﻜﻰ ﺩﺍﺷﻰ ﺋﯩﻠﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﯩﻜﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﯚﺯﻟﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﺎﺟﯩﻚ‪ ،‬ﻳﺎﻏﻤﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻘﻼﺭ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺩﯙﻟﻪﺕ ﺋﯩﭽﻰ ۋە ﭼﻪﺕ ﺋﻪﻝ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﺪە »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩەپ ﻗﺎﺭﯨﻐﯘﭼﯩﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻳﻪﻧﻪ ﻳﺎﻏﻤﺎ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﺶ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺩﯦﻴﯩﺶ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻼﺭﺩﺍ ﻛﯜﭼﻪپ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮەﺭﺳﯩﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﻟﻠﯘﻕ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪﻥ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﺩﯦﻴﯩﺶ ﺋﺎﺭﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ‪ ،‬ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘپ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺱ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺱ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪» ،‬ﻗﯘﺗﺎﺩﻏﯘﺑﯩﻠﯩﻚ« ﻗﺎﺗﺎﺭﻟﯩﻖ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺋﻪﺩەﺑﯩﻲ ﻣﯩﺮﺍﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺑﺎﻳﻠﯩﻘﻰ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺩەۋﺍﻧﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻐﺎ ﺳﻪۋەﺑﭽﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﺍﻕ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪھﯟﺍﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﭼﯩﻘﺎﻳﻠﻰ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‪ .‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺳﻪھﻨﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﻪﺩەﻡ ﻗﻮﻳﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘ‬ ‫ﭼﺎﻏﺪﺍ ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﯟﺍﺳﯩﺘﻪ ﺋﻪﺟﺪﺍﺩﻯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ ﺋﯧﮕﯩﺰ ﻗﺎﯕﻘﯩﻠﻼﺭﻧﯩﯔ ﻓﯘﻟﻮ‬

‫( ( ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﭘﯘﺷﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺪﻯ‪.‬‬

‫ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪ -742‬ﻳﯩﻠﻰ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻕ ﺗﯜﺯﯛپ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﯜﺭﻙ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﺪﯗﺭﯗپ ﺗﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺑﺎﺳﻤﯩﻞ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎﻣﺎﻧﻰ ﺋﺎﺷﯩﻨﺎﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻥ‪ 2 .‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻯ ﻛﯚﻝ ﺑﻮﻳﻼﻧﻰ ﺧﺎﻥ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﻜﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ‪01 .‬‬ ‫ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﻗﺎﻏﺎﻥ ﺑﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ ﺋﻪﺗﺮﺍﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﻰ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺗﺎﺭﯨﺨﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻳﺎﺭﯨﺘﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰ ﺭەﺳﻤﯩﻲ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫‪217‬‬


‫ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪-758 — 756‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻠﯩﺮﻯ‬

‫ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ‬

‫ﻗﯩﺴﯩﻢ‬

‫ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‬

‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ‬

‫ﺗﺎڭ‬

‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ‬

‫ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە‬

‫ﻛﯚﺗﯜﺭﯛﻟﮕﻪﻥ‬

‫ﺋﻪﻧﻠﯘﺳﻪﻥ‪-‬ﺷﯩﺴﯩﻤﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﯖﯩﻨﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘﺭﯗﺷﻘﺎ ﺋﻪﺳﻜﻪﺭ ﭼﯩﻘﺎﺭﻏﺎﻧﻠﯩﻖ ﭘﯘﺭﺳﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﻳﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﻰ ﺩەﺭﻳﺎ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﺳﻮﻳﺎپ ﺷﻪھﯩﺮﻯ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﻛﺎﻧﻼﺷﻘﺎﻥ‪ Ⅸ .‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻥ‬ ‫ۋﺍﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﻪﻧﻪ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻧﻘﻪﺭﺯ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯘﻟﯘﺳﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‬ ‫ﻛﯜﺳﻪﻥ ﺗﻪۋەﺳﯩﮕﻪ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯘﺭﻏﺎﻥ]‪ .[131‬ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭﻧﻰ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﻪﺯﯨﻠﻪﺭ ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭﻧﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻗﺎﺭﺍﺷﻨﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﻐﺎ ﻗﻮﻳﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﻳﯧﺘﻪﺭﻟﯩﻚ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ‬ ‫ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺦ ﺋﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﯩﻲ ﺳﺎۋﺍﺗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ھﻪﺭ ﻗﺎﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎﺩەﻣﮕﻪ ﻣﯘﻧﺪﺍﻕ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﺎﻳﺪﯨﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ ،‬ﻣﻪﻳﻠﻰ ﺋﻪﺭەﺑﭽﻪ‪ ،‬ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ‪ ،‬ﻗﻪﺩﯨﻤﻜﻰ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﭼﻪ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﻧﯩﯔ ھﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﯩﺪﺍ ﻗﺎﺯﺍﻗﻼﺭ ۋە ﺋﯚﺯﺑﯧﻜﻠﻪﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮەﺭ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﭘﺎﻛﯩﺖ ﻳﻮﻕ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻕ ﺋﯩﻜﻪﻥ‪ ،‬ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ ﺯﺍﻣﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻝ‬ ‫ﻳﯩﻐﻘﯘﭼﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻗﺎﺯﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﯚﺯﺑﯧﻚ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻼپ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻓﺎﻧﺘﺎﺯﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺳﻪۋۋﯗﺭ ﻳﺎﻛﻰ ﻗﯘﺭﯗﻕ ﺧﯩﻴﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ‬ ‫ﺗﺎﺭﯨﺨﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﻗﯩﻠﭽﯩﻤﯘ ﭘﯘﺕ ﺗﯩﺮەپ ﺗﯘﺭﺍﻟﻤﺎﻳﺪﯗ‪ .‬ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻼ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺋﻪڭ ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭ ﺑﺎﺷﺘﯩﻼ ۋە ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮ ﭘﯜﺗﯜﻥ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻨﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪﻧﺪﯛﺭﯛﺷﻜﻪ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﺮﺍﻙ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﻪﻝ ﺑﺎﺷﺘﯩﻨﺮﺍﻕ ﺳﯚﺯﻟﯩﺴﻪﻙ‪،‬‬ ‫ﺩﯨﻘﻘﻪﺕ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺭﺯﯨﻴﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺑﺎﺭ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ »ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ« ﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻨﻼ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ‬ ‫ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﺎﺭﺍپ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻧﺎﻣﺎﻳﺎﻥ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﻗﯘﺭﯗﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺭەﻗﻘﯩﻴﺎﺕ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯧﺰﻟﻪﺷﻜﻪﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﺎﺳﻘﯘچ ﺩﯦﻴﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪﺍ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﺎﺭﯨﺴﯩﺪﺍ ﺋﺎﺯﺭﺍﻕ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﭘﻪﺭﻕ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪،‬‬ ‫‪218‬‬


‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻳﯜﺯ ﺑﻪﺭﮔﻪﻥ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺭەﺕ ﻗﻮﺭﺍﻟﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ھﺎﻛﯩﻤﯩﻴﯩﺘﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪﻧﮕﻪﻥ )ﻣﯩﻼﺩﯨﻴﻪ ‪-1124‬‬ ‫ﻳﯩﻠﻰ( ﺩﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻗﯩﺘﺎﻧﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭ‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘﺭﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺯﯨﺪﺩﯨﻴﻪﺕ ﺋﻮﺭﻧﯩﻐﺎ ﺩەﺳﺴﯩﮕﻪﻥ‪ .‬ﺩەﻝ ﻣﯘﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪﻱ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﺭﻛﯩﺒﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭﻻﺭﻧﯩﯔ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﮔﻪۋﺩﯨﺴﯩﮕﻪ ﻗﯧﺘﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬ ‫»ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ ﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﺭﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ‬ ‫ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ »ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ« ﻧﺎﻣﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﮕﻪﻥ]‪.[132‬‬ ‫ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﺮﺍﻥ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻤﯘ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺑﯘ‬ ‫ﻧﯘﻗﺘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻨﯩﻘﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻣﯘھﯩﻢ‪ .‬ﻣﻪﻟﯘﻣﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺯﺍﻣﺎﻧﻼﺭﺩﺍ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯ ﻳﻪﻧﻰ‬ ‫ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺯﺍﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﯩﺪە ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﻳﻪﺗﺘﻪﺳﯘ‪ ،‬ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﻰ ۋە ﺗﻮﺧﺎﺭﯨﺴﺘﺎﻥ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺳﺎﻧﺪﺍ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﯘ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ ھﻪﻡ ﺑﯩﺮ ﺑﯚﻟﯜﻙ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﺎﺷﺎپ ﺗﯘﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺩﯗﻧﺨﯘﺍﯕﺪﯨﻜﻰ ﻳﺎﺯﻣﺎ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻼﻧﻐﺎﻧﺪﺍ‪،‬‬ ‫»)ﻛﯜﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ( ﻳﻪﻧﻪ ﻏﻪﺭﺑﻜﻪ ﺋﯜچ ﻛﯜﻥ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪﺍ ›ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻰ‹ ﮔﻪ ﺑﺎﺭﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻥ« ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺑﯘ ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ﺋﯩﻠﻰ ﺋﺎﻗﺴﯘﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﻳﻪﺭﺩە ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭﻧﯩﯔ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﻣﯩﻠﻠﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ »ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ‬ ‫ﻛﯚﭼﻤﻪﻥ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯘﺭﯗھﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯗﺭ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻣﯘ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯗ«]‪،[133‬‬ ‫ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﻮﭼﯘﻕ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪) .‬ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﻐﺎﻥ ﺗﯜﺭﻛﻤﻪﻥ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯩﺪﻯ‪(.‬‬ ‫ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ )ﻳﺎﻏﻤﺎ(‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﻲ ﺗﯧﻠﻰ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺩەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﯧﻠﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺗﯧﮕﻰ‪-‬ﺗﻪﻛﺘﻰ ھﻮﻧﻼﺭ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﯘﺗﯩﺸﯩﺪﯗ]‪» .[134‬ﻳﺎﻏﻤﺎ« ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻧﺎﻣﻰ‪ ،‬ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺑﻮﻟﯘپ‪» ،‬ﺋﯜچ ﻳﺎﻏﻤﺎ« ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭ ﺋﯚﺯﻟﯩﺮﻯ ﺋﺎﻳﺮﯨﻢ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯩﻜﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯜﺭﻙ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺗﯜﺭﻛﻪﺵ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ھﻪﻡ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺕ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﻳﯘﺭﺗﻨﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﺘﯜﺭﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺯﻭﺭ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ‬ ‫ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﺍﻗﻼ ﺗﻪﺩﺭﯨﺠﯩﻲ ﻳﻮﺳﯘﻧﺪﺍ ﺷﻪﺭﻗﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ ﺳﯘﻟﯥ )ﻛﻪﺷﺒﺎﻟﯩﻖ‪،‬‬ ‫‪219‬‬


‫ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ(‪ ،‬ﺋﯘﺩﯗﻧﻐﯩﭽﻪ ﺳﯜﺭﯛﻟﯜپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ‪ .‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ﺑﻮﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ‬ ‫ۋﺍڭ ﻳﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ »ﻗﻮﭼﻮﻏﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﻪﺳﯩﺮﯨﺪە ﺑﺎﻳﺎﻧﻼﺭ ﺑﺎﺭ‪ .‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﻴﺎﻟﻼﺭﺩﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﻯ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘﻻﺭﻧﯩﯔ ﺳﻪﺭﺩﺍﺭﻯ ﺩﺍﺋﯩﻢ »ﺗﯘﺗﯘﻕ« ﺩەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻥ‪ .‬ﻛﯧﻴﯩﻨﭽﻪ‬ ‫»ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ« ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەﻙ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ‪ XII‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﭘﺎﺭﺳﭽﻪ »ﻣﯘﺟﻪﻝ‬ ‫ﺋﻪﻝ‪-‬ﺗﻪۋﺍﺭﯨﺦ ۋە ﻟﻘﯩﺴﻪﺱ« ﺗﺎﺭﯨﺦ ۋە ﻗﯩﺴﺴﻪﻟﻪﺭ ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ( ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﺘﺎ »ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﭘﺎﺩﯨﺸﺎھﻰ‬ ‫ﺑﯘﻏﺮﺍﺧﺎﻥ ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯗ« ﺩﯦﻴﯩﻠﮕﻪﻥ‪ .‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﻯ ﻗﺎﺭﻟﯘﻗﻼﺭ ﻳﺎﻏﻤﺎ ۋە ﭼﯩﮕﯩﻠﻠﻪﺭﺩﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻥ ﺩﯦﻴﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﻨﮕﻪﻥ]‪ .[135‬ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻼﺭ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯚﺯ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﻪﺭ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﺎﺭﯨﺴﻼﻥ‪ ،‬ﺑﯘﻏﺮﺍ ۋە ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ‬ ‫)ﻳﻮﻟﯟﺍﺱ( ﺗﯩﻦ ﺋﯩﺒﺎﺭەﺕ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺭﻛﯩﺐ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜچ ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﺋﯜچ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﺩەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻳﺪﯨﯖﻼﺷﺘﯘﺭﯗپ ﺑﻪﺭﻣﻪﻛﺘﻪ]‪ .[136‬ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﻰ ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ‪-‬ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﯩﺪﺍ ﻣﻪﺭﻛﻪﺯﻟﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﺍﻗﻼﺷﻘﺎﻥ‪ .‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺩەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﻪﺯﮔﯩﻠﺪە ﺑﺎﺭﭼﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﻏﻤﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺭﻟﯘﻕ ۋە‬ ‫ﺗﻮﻗﻘﯘﺯ ﺋﻮﻏﯘﺯﻻﺭ ﺋﻮﺭﺗﺎﻕ ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ﺑﺎﺭﭼﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺟﻪﺭﻳﺎﻧﯩﺪﺍ ﺑﯩﺮﻗﺎﺗﺎﺭ ﻳﺎﺯﻣﺎ‬ ‫ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪﯗﺭﻏﺎﻥ‪ .‬ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﻯ ﺑﯘ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﺗﯩﻠﻰ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﺎﺭﭼﯘﻕ ﺗﯩﻠﻰ‬ ‫ﺩەپ ﺋﺎﺗﯩﻤﺎﻗﺘﺎ‪ .‬ﮔﻪﺭﭼﻪ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻠﯩﺮﻯ ﺯﺍﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪﺍ ﻧﺎﺭﯨﻦ ﺩەﺭﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﺎﺭﺗﯩﭗ ﺗﺎﺭﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﺳﺎھﯩﻠﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭ‪-‬ﻣﺎﺭﺍﻟﺒﯧﺸﻰ ﺭﺍﻳﻮﻧﯩﺪﺍ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻰ‬ ‫ﺩەﺭﻳﺎ ۋﺍﺩﯨﻠﯩﺮﻯ‪ ،‬ﻗﻮﭼﻮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺧﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪۋەﺳﯩﺪە ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﻳﺎﻏﻤﺎ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﻯ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻥ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﯘﻻﺭ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﻰ ﺩەۋﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﮔﻪۋﺩە ﻣﯩ���ﻠﻪﺕ ﺋﻪﻣﻪﺱ ھﻪﻡ ﺧﺎﻥ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻥ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺱ ﺋﯩﺪﻯ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎﺭ ﺗﺎﺭﯨﺨﯩﻲ ﭘﺎﻛﯩﺘﻼﺭﺩﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﯨﻨﯩﯔ »ﻳﺎﻏﻤﺎ ﺗﯜﺭﻛﻠﻪﺭﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘﻻﺭ ›ﻗﺎﺭﺍ ﻳﺎﻏﻤﺎ‹ ﺩەﭘﻤﯘ ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﯩﺪﯗ« »ﻳﺎﻏﻤﺎ ﺗﯩﺮﺍﺯﻏﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻳﯧﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯚﺯ‬ ‫ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺳﯚﺯﺩﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥ«]‪ ،[137‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺋﺎﺩﺩﯨﻲ ﺑﺎﻳﺎﻧﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯗ‪ .‬ﻳﻪﻧﻰ ﻗﺎﺭﺍﺧﺎﻧﯩﻴﻼﺭ‬ ‫ﺳﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺭﯨﺨﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﻮﺑﺪﺍﻥ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻣﻪھﻤﯘﺩ ﻛﺎﺷﻐﻪﺭﻯ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﻪﺑﯩﻠﻪ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻥ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪﺕ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﺰ‪ ،‬ﻗﯩﭙﭽﺎﻕ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﺯ‪ ،‬ﺗﻮﺧﺴﻰ‪ ،‬ﭼﯩﮕﯩﻞ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻏﺮﺍﻕ‪ ،‬ﭼﺎﺭﯗﻕ ﻗﻪﺑﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺗﺎﺭﯨﺪﺍ »ﺳﺎپ ﺗﯜﺭﻛﭽﻪ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ھﻪﻡ ﺗﯜﺭﻛﯩﻲ ﺗﯩﻠﻼﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪە »ﺗﻮﻏﺮﺍ‬ ‫‪220‬‬


‫ﺗﯩﻞ ﺗﻮﺧﺴﻰ ۋە ﻳﺎﻏﻤﺎ ﺗﯩﻠﻠﯩﺮﻯ«]‪ [138‬ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ‪ .‬ﺋﯘ ﻳﻪﻧﻪ »ﻳﺎﺕ« ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺳﯚﺯﮔﻪ ﺋﯩﺰﺍھ‬ ‫ﺑﻪﺭﮔﯩﻨﯩﺪە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﯧﻬﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ )ﻳﺎﺩﺍﺗﺎﺵ ﺳﯧﻬﯩﺮﮔﻪﺭﻟﯩﻜﻰ( ﺑﯘ ﺋﺎﺩەﺕ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﺩﺍ‬ ‫ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﺩﺍ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻧﺪﺍ ﺋﯚﺯ ﻛﯚﺯﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯚﺭﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻴﺘﯩﺪﯗ]‪ .[139‬ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪﺭﺩە ﺋﯘ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭﻧﻰ ﺋﯚﺯ ﺟﻪﻣﻪﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺑﯩﺮەﺭ ﻳﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎﺭﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﺸﺎﺭەﺕ ﺑﻪﺭﻣﻪﻳﺪﯗ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﺪﺍﻕ ﺩﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﻳﺎﻏﻤﯩﻼﺭ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯘﻳﻐﯘ