Page 1

‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ »ﺟﻪﻧﻨﻪت» ﻧﯩﯔ ۋەﻳﺮان ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﺋﻪﺳﻪت ﺳﯘﻻﻳﻤﺎن‬ ‫‪ ‬ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﺎرﯨﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﺑﻪرﺑﺎت ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا‬ ‫‪ ‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﯩﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﮔﯩﺮﯨﯟﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ‬ ‫ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﺳﯩﻐﯩﻤﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﺳﯩﺪا ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﺴﯩﺰﻟﯩﻖ‬ ‫ﻛﯚرۈﻟﮕﻪﻧﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪر ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯚۋەن‬ ‫ﺋﯧﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺳﯜرۈﻟﯜﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻼﻳﺪۇ‪  .‬‬ ‫ﻗﯘرۇم ﺗﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎرﻟﯩﻖ ﭼﻮﻗﻘﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎراپ ﺗﯩﻨﻤﺎي ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﯘ ﻗﯘرﻏﺎق ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﯩﻨﻰ ﮬﻪرۋاﻗﯩﺖ ﺗﻪﯕﺸﻪپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﮔﯩﺮۋﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫دﯦﺌﺎﻟﯧﻜﺘﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻨﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﻛﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﻪﻟﻤﯩﺴﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﺎﻏﻼردﯨﻦ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن دەرﻳﺎ ﺳﯜﻳﯩﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﻳﺎﺷﺎۋاﺗﻘﺎن ﻣﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘق ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻗﻪززا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ دەرﻳﺎ ﺳﯜﻳﯩﻨﯩﯔ ﮬﻪل ﻗﯩﻠﻐﯘچ ﺋﻪﮬﻤﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﻴﻪت ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺑﻪرﭘﺎ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﯘﮬﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎرزۇﺳﻰ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯩﻐﺪۇراﻟﻤﯩﻐﺎن ﮬﺎﻣﺎن ﺋﯘﻻر ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎراپ‬ ‫ﺋﺎﻗﺎﺗﺘﻰ ۋە دەرﻳﺎ‪-‬ﺗﺎراﻣﻼرﻧﯩﯔ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺑﻮﻳﻼپ ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەﻳﺘﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﮔﯩﺮۋەﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻳﯘﻟﺘﯘزﻻردەك ﺗﺎراﻟﻐﺎن ﭼﻮڭ‪ -‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﻛﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻜﻠﻪر ﻣﺎل‪-‬ﭼﺎرۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﮬﻪﻳﺪەپ دەرﻳﺎ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﮕﻪ ﻗﺎراپ ﻳﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻪﻟﺒﯩﺪە ﻳﯧﯖﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺗﯧﭙﯩﺸﺘﻪك ﺑﯜﻳﯜك ﺋﯩﺴﺘﻪك‬ ‫ﻻۋۇﻟﺪاپ ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﮔﯩﺮۋﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ‪-‬ﺟﺎي ﻛﻪﻧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﯘزاق‬ ‫ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ دەرﻳﺎ ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻳﯩﺘﺘﯜرۈپ ﻗﯘﻳﯘﺷﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺑﯩﺮﺧﯩﻠﺪا ﻟﯚﻣﺸﯜپ ﺋﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ دەرﻳﺎﺳﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﻪﺗﺮاﭘﻘﺎ ﺗﺎرﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ ﻗﯘم ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﻪﻣﺪى ﻧﻪ دەرﻳﺎ؟ ﻧﻪ ﺗﻮﻏﺮاق‪-‬ﻳﯘﻟﻐﯘن؟ ﻧﻪ ﺋﯘﭼﺎر ﻗﯘﺷﻼر ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﻗﯘﻣﻠﯘق‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﯩﻨﮕﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﺎرﺧﺎﻧﻼر ۋە ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﯘﻳﺎش ﻧﯘرﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﻪ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﻠﯩﺸﺘﻪك ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ۋەﮬﯩﻤﻪ ﺗﯘﻳﻐﯘﺳﻰ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﻐﺎ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪﻣﺴﯩﺰﻟﯩﻚ‬ ‫ﺳﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻر ﻳﻮﻟﺪﯨﻦ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻر ﺑﯘ ﻗﻮرﻗﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن‬ ‫ﺗﻪۋەﻛﻜﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﮬﺎﻣﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﻏﺎﻳﯩﯟى ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﻳﯩﭙﻴﯧﯖﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﮔﯜزەل ﺗﯘﻳﻐﯘ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯜﻧﺪەﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﻰ‪ ،‬ﻏﺎﻳﻪت زور ﻗﯘم دﯦﯖﯩﺰﯨﻨﻰ ﻛﯧﭽﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎرﺧﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﺎﺗﻠﯩﺪى‪ ،‬ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ‬ ‫ﺧﻮﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺧﺎس ﺟﺎﮬﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﭘﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻪك روﮬ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﯩﺪى‪ .‬ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﮬﯩﺮ ﭘﺎدﯨﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ «ﻗﯘﻣﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن دەرﻳﺎ ﺳﯜﻳﻰ ﮬﺎﻣﺎن ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪۇ» دﯦﮕﻪن ﻗﯩﻴﺎﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺷﻪﻛﺴﺰ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪى‪  .‬‬ ‫ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﯕﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺗﯜﮔﯩﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﻪۋر‪-‬ﺗﺎﻗﯩﺘﻰ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﮬﺎردى‪،‬‬ ‫ﭼﺎرﭼﯩﺪى‪ ،‬ﺋﯘﺳﺴﯩﺪى‪ ،‬ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﻮل ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻧﻪﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪى ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﺎﻟﻤﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺗﯘﻧﯘر ﺋﻮﺗﯩﺪەك ﺋﺎﭘﺘﺎپ‪ ،‬ﻗﯘرﻏﺎق ﮬﺎۋا‪ ،‬ﺳﯜررەك ﻗﯘﻣﻠﯘق‪ ،‬ﭘﺎﻳﺎﻧﯩﺴﺰ ﭼﯚل ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺟﯩﺴﻤﺎﻧﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻨﻼ‬ ‫ﺧﻮرﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻳﻪﻧﻪ روﮬﯩﻲ ﺟﻪﮬﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺳﯘﻟﺪۇردى‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﻣﯩﺪﺳﯩﺰﻟﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﻐﺎﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺟﻪﺑﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻴﺎﺳﻰ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ؟ ‪ ‬‬


‫ﻗﯘﻣﻐﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ دەرﻳﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﯜﻳﻰ زادى ﻧﻪﮔﻪ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟ ‪ ‬‬ ‫ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ » ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺳﯘﻟﯘق ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻠﻪر‪ ،‬ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻼر‪ ،‬ﻛﯚز ﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ‬ ‫ﻗﯘﻣﯘﺷﻠﯘﻗﻼر ﺑﺎرﻣﯩﺶ» دﯦﮕﻪن رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﺮى ﻗﯘرۇق ﮔﻪﭘﻤﯩﺪۇ !؟‪...‬‬ ‫ﺋﯘﻻر‪-‬ﻛﯧﺮﯨﻴﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﭼﺎرۋﯨﭽﯩﻼر ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﮬﺎﻳﺎت‪-‬ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺗﺎﻟﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪى‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﯚﻣﯜر ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ ﺟﯘﻏﻠﯩﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﻠﯩﺮﯨﺪن ﺷﯜﺑﮭﯩﻠﻪﻧﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺑﯘ ﭘﺎﻳﺎﻧﺴﯩﺰ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﭼﯧﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻤﯩﺪۇ؟ ‪ ‬‬ ‫ﮬﻪزرﯨﺘﻰ ﻣﯘﺳﺎﻣﯘ ﺋﯩﺴﺮاﺋﯩﻞ ﻗﻮۋﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻧﺌﺎن ﭼﯚﻟﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭘﻪﻟﻪﺳﺘﯩﻨﮕﻪ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻟﯩﻐﺎﻧﻐﯘ !؟‪ ‬‬ ‫ﺗﻪﯕﺮى ﺋﯘﻻرﻏﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﭼﯩﻘﯩﺶ ﻳﻮﻟﻰ ﺑﻪرﻣﻪﺳﻤﯘ؟‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﻼر ﭼﻪﻛﺴﺰ‪ ،‬ﺟﺎۋاﺑﻼر ﺋﺎزاﺑﻠﯩﻖ ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﺑﻮل ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫‪ ‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﯨﺪە‪-‬ﻳﯧﻠﯩﻨﺠﺎپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻗﻮﻳﺎش ﺑﺎرﺧﺎﻧﻼر ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﺎش ﻗﻮﻳﻐﺎن‪ ،‬زﯦﻤﯩﻦ ﺷﻪﭘﻪق ﻧﯘرﯨﻐﺎ‬ ‫ﭼﯚﻣﯜﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ دەﻗﯩﻘﯩﺪە‪-‬ﺋﯜﻣﯩﺪ ﺗﯘﻏﯘﻟﺪى! ‪ ‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯘش ﻏﺎﻗﯩﻠﺪﯨﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﭼﯘپ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ۋارﻗﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﻰ‪ :‬‬ ‫ ﺳﯘ ! ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ! ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ !‬‫ﻧﯩﻤﺠﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯘم دۆۋﯨﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯧﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻛﯩﺸﻠﻪرﻧﯩﯔ ﭘﻮت‪-‬ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺟﺎن ﻛﯩﺮدى‪ .‬ﺋﯘﻻر‬ ‫ﺋﯚﻟﻪر‪-‬ﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺸﮕﻪ ﻗﺎرﯨﻤﺎي ﮬﯩﻠﯩﻘﻰ ﻗﯘش ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎراپ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﻰ‪ .‬ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﻳﺎش‬ ‫ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﺗﻮﻣﻮرﻟﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﻧﻠﯩﺮى ﻗﺎﻳﺘﺎ ﺋﯘرﻏﯩﺪى‪ ،‬ﻗﻪﻟﺒﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯚﻟﯜم ۋەﮬﯩﻤﯩﺴﻰ ﺗﺎراپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﺋﯘﭼﺎر ﻗﯘش ﺳﯘدﯨﻦ‪ ،‬ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ‪ ،‬ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﻧﯩﺸﺎن ﺑﻪرﻣﻪﻛﺘﻪ! ‪ ‬‬ ‫ﻗﯘش ﺋﯘﭼﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻳﯚﻧﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎراپ ﻣﺎﯕﺴﯩﻼ ﺋﯘﻻر ﭼﯘﻗﯘم ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪۇ‪...‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻر ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪى‪ ،‬ﮔﺎﮬ ﻳﯜﮔﯜردى‪ ،‬ﮔﺎﮬ ﺋﯚﻣﯩﻠﯩﺪى‪ ،‬ﮔﺎﮬ دوﻣﯩﻠﯩﺪى‪ ...‬‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻳﯩﺮاﻗﺘﯩﻦ ﻳﺎﭘﻴﯧﺸﯩﻞ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرۈﻧﺪى!‬ ‫‪ ‬ﺑﯘ ﺟﺎي ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﻣﯚﺟﯩﺰە ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ دەرﻳﺎﺳﻰ ﻗﯘﻣﻠﯘﻗﻘﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ‪ ،‬ﻳﻪر ﺗﯧﮕﯩﺪە ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜز ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻢ ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﺋﺎﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪا ﻳﻪر ﻳﯜزﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯚﻟﻠﻪردە‪ ،‬ﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻼردا ۋە‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺑﯘﻻﻗﻼردا ﺗﯩﻨﻤﺎي ﺳﯩﺮﻏﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺳﯘﻻر ﺑﯜك‪-‬ﺑﺎراﻗﺴﺎن ﻳﯧﺸﯩﻞ ﻛﺎرﯨﺪور ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻼر ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﻛﯧﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ داﺋﯩﺮﯨﮕﻪ ﺳﻮزۇﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﯚز ﻳﻪﺗﻜﯜﺳﯩﺰ ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻼر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻠﺪا ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ‬ ‫ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﯚﻟﭽﻪﻛﻠﻪردە ﺑﯩﯧﻠﯩﻘﻼر ﺗﯩﻨﯩﻤﺴﺰ ﭘﯩﻠﺘﯩﯖﻼﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻼردا ﺗﯜرﻟﯜك ﺋﯘﭼﺎر ﻗﯘﺷﻼر‬ ‫ﺳﺎﻳﺮﯨﺸﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺗﻼﻗﻼردا ﻛﯧﻴﯩﻚ‪ ،‬ﺟﻪرەن‪ ،‬ﻳﺎۋا ﺋﯚﭼﻜﻪ ۋە ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻼر ﺗﻮپ‪-‬ﺗﻮﭘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺋﻮﺗﻼپ‬ ‫ﻳﯜرەﺗﺘﻰ‪...‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﮬﺎﻳﺎت‪ -‬ﻣﺎﻣﺎﺗﻠﯩﻖ ﺳﯩﻨﺎﻗﻼردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻳﯧﺸﯩﻞ ﺋﺎراﻟﻨﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﺷﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘزۇن ﺳﻪﭘﻪر ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺗﯩﻨﭻ‪ ،‬ﭘﯩﻨﮭﺎن ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﮬﺎﻳﺎت ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﻗﯘﭼﺎق‬ ‫ﺋﺎﭼﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ » دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﻰ» دەپ ﻧﺎم ﺑﻪردى‪ .‬ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﻨﭽﺎ‪ ،‬ﻳﻪرﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﻨﺠﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻳﯧﯖﻰ ۋەﺗﯩﻨﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ۋەﺗﻪﻧﺪە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺧﻮﺗﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﮔﯜزەل ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﺮى ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯩﺰﻻ‬ ‫ﻳﯩﻠﺘﯩﺰ ﺗﺎرﺗﺘﻰ‪ .‬ﺗﻪۋەﻛﻜﯜﻟﭽﯩﻠﯩﻚ روﮬﯩﻐﺎ ﻣﺎﮬﯩﺮ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﺎدﯨﭽﯩﻼر ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﭽﺎن ﺋﻪۋﻻدﻟﯩﺮى ﺑﯘ ﻳﻪردە‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎﻳﯟاﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪.‬‬ ‫زورﻛﯜچ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎل‪ -‬ﭼﺎرۋﯨﻼرﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺘﺘﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮاﻗﻼرﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﭗ ﻳﯧﯖﻰ ﺋﯚﻳﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻟﺪى‪ .‬ﻗﯘم ﺑﺎرﺧﺎﻧﻠﯩﺮى‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺮاﺷﻨﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺑﺌﯩﯩﻲ ﻣﯘﮬﯩﺘﻘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﯩﺰﻻ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﻻر ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﺗﻪﻧﮭﺎ ۋەﺗﻪﻧﺪە ﺗﯘرۇپ دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ۋە ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎرﻣﯩﺪى‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﯚز ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﯘرۇپ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎپ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺎن‪ ،‬ﺋﻪﺧﻼق ۋە ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ‬


‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﻳﺴﯘﻧﺎﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﻪت ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﯩﻤﯘ ﺋﯚز ﺟﻪﻣﻪﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزاﻻرﻧﯩﯔ ﮬﻮﻗﯘﻗﯩﻨﻰ ﻗﻮﻏﺪاﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﻣﺎددﯨﻲ‬ ‫ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﻳﺎرﯨﺘﯩﺶ ۋە ﺋﻪۋﻻد ﻗﺎﻟﺪۇرﺷﺘﯩﻨﻤﯘ ﺑﯜﻳﯜك ﺑﯘرچ ﻳﻮق ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻر ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯚرپ‪-‬ﺋﺎدﯨﺘﻰ ۋە ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼق‬ ‫ﻣﯩﺰاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﺎددا ۋە ﺳﺎپ ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮى ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ‬ ‫راۋاﺟﻼﻧﺪۇرﻏﺎﻧﯩﺪى‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﭘﯜﺗﻜﯜل ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺳﺎپ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻲ ﻣﯩﺰان ۋە ﺷﻪرﯨﺌﻪت‬ ‫ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻠﯩﺮى ﮬﯚﻛﯜﻣﺮان ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻨﻼ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻧﻪﭘﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬زاﻟﯩﻤﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻳﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﮬﻪﺳﻪﺗﺨﻮرﻟﯘق ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﺎﭼﺎر‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﺎرا ۋاﭘﺎدارﻟﯩﻖ‪ ،‬راﺳﺘﭽﯩﻠﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻧﻮﻣﯘس‪ ،‬ﻏﯘرۇر ۋە ﺋﯚزﺋﺎرا ﻳﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ‬ ‫ﭘﻪزﯨﻠﻪت دەپ ﻗﺎراﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎش‪-‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻳﻮق زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻠﻪر‪ ،‬ﺑﺎش ﻗﯧﺘﯩﻤﭽﯩﻠﯩﻘﻼر‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﺎرا ﺳﺎﺧﺘﺎ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﻪر ﺑﯘﻳﻪردە زادﯨﻼ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺋﺎددﯨﻲ ﻛﻪﭘﯩﻠﻪردە ﻳﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎي داﻟﯩﻼردا ﺗﯜﻧﻪپ‪ ،‬ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرﮔﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫داﺋﯩﻢ ﺋﻪرﻛﯩﻦ‪ ،‬ﺧﯘﺷﺎل ۋە ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ﺳﯧﺰەﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻼرﻧﯩﯔ ﮔﯚﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬دورا ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﺧﯩﻤﯩﻴﯩﯟى ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸﻘﺎرﺳﯩﺰ‬ ‫ﻣﻪﮬﺴﯘﻻﺗﻼرﻧﻰ ﺋﯩﺴﺘﯧﻤﺎل ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺳﺎﻏﻼم ۋە ﺑﻪﺳﺘﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘزۇن ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرەﺗﺘﻰ‪100 .‬‬ ‫ﻳﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯘزۇن ﺋﯚﻣﯜر ﻛﯚرﮔﻪﻧﻠﻪر ﻛﯚپ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ زور ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﮔﻮﻳﺎ ﺗﯘﻏﻤﺎ ﺗﯧﯟﯨﭙﻼردەك ﺋﺎدەم ﺑﻪدﯨﻨﻰ ۋە روﮬﻰ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺋﻮﺑﺪان ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﯧﻠﯩﻤﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ‪ -‬ﺳﻮﻏﯘﻗﻠﯘﻗﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﮬﺎﻟﯩﺘﻰ ۋە ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ روﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯩﺰاج ‪-‬ﺧﯩﻠﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﺗﻪﯕﺸﻪﺷﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﺎﻗﺎﺑﯩﻞ ﺗﯘرۇﺷﻨﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺋﺎدەم ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﮔﺎرﻣﻮﻧﯩﻚ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺳﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ ﭘﻪرۋﯨﺶ ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﺪا ﺑﯘ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﺎن‪-‬ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎل‪-‬ﭼﺎرۋﯨﻼر ﺗﻮﭘﻰ ﮬﺎﺳﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﺴﯩﺴﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ زادى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﺎل‪-‬ﭼﺎرۋﯨﺴﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻر‬ ‫ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻣﺎل‪-‬ﭼﺎرۋﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎپ ﻛﯚرۈﺷﻜﻪ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺑﺎج‪-‬ﺳﯧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎﻟﯟاڭ‪-‬ﮬﺎﺷﺎر‪ ،‬ﺑﯘﻳﺮۇق‪،‬‬ ‫ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﮬﯧﭽﻜﯩﻢ ﮬﯧﭽﻨﯧﻤﯩﮕﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻟﯩﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﯘﻻرﮬﻪﻣﻤﻪ‬ ‫ﺋﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﯕﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﻮﻟﯩﻴﻪﺗﭽﺎن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﭼﻮﯕﻼر ﮬﯚرﻣﻪﺗﻜﻪ‪ ،‬ﻛﯩﭽﻜﻠﻪر ﺋﯩﺰزەﺗﻜﻪ ﺳﺎزاۋەر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺟﺎﻣﺎﺋﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯧﯖﻰ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯚﻣﻠﯜك‪ ،‬ﺋﯩﺘﺘﯩﭙﺎﻗﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ۋە ﺋﻮﻣﯘﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﮬﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﻗﻮﻳﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻر زﯦﻤﯩﻨﻨﻰ ﺳﯚﻳﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻜﻪ ﮬﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺳﯘ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪﻳﺘﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﺗﺎﻣﭽﻪ ﺳﯘﻧﯩﯔ ﺋﯘﻻر ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﻮﺑﺪان ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﺗﺘﻰ‪  ،‬‬ ‫ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﯜپ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻗﯘﻣﻨﻰ ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﻠﻪپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺑﯘ زﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻳﺎرﯨﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺟﯩﻤﻰ‬ ‫ﺷﻪﻳﺌﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن زﯨﭻ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺗﯘردﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺗﺎغ‪ ،‬دەرﻳﺎ‪ ،‬ﻗﯘﻣﻠﯘق‪ ،‬ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﮔﯜل‪-‬ﮔﯩﻴﺎﮬﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﺋﺎرا ﺋﻮرﮔﺎﻧﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر دەرﯨﺠﯩﺪە ﮬﯧﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬زﯦﻤﯩﻨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﻳﯩﻨﻰ‬ ‫دەپ ﻗﺎراﻳﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯜﻧﻠﻪر ﺋﺎﻳﻼرﻧﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻳﻼر ﻳﯩﻠﻼرﻧﻰ ﻗﻮﻏﻼپ ﺋﯚﺗﯩﯟەردى‪  .‬‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﭼﯚﻟﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻗﺎﺗﻠﯩﻤﻐﺎ ﻳﻮﺷﯘرۇﻧﻐﺎن ﺑﯘ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺟﺎﮬﺎن ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪۋەر‬ ‫ﮬﺎﻟﺪا ﺋﯚز ﻣﯘﻗﺎﻣﻰ ﺑﻮﻳﯩﭽﻪ ﻛﯧﺘﯩﯟەردى‪ .‬ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻣﯘ ﺋﻪۋﻻدﻣﯘ‪-‬ﺋﻪۋﻻد ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﺪى‪  .‬‬ ‫دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘﻻر ﺋﯜﭼﯜن ‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﻗﺎﻧﺪاق ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﮬﺎزﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺪى‪  .‬‬


‫ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ داﺋﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﭙﺎﻳﺎن ﻗﯘﻣﻠﯘق‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﻨﻰ ﻳﯧﭙﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن‬ ‫ﺋﺎﺳﻤﺎن ﮔﯜﻣﺒﯩﺰى‪ ...‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻر ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ دۇﻧﻴﺎﺳﻰ ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ 400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن‪ ،‬دۇﻧﻴﺎدا ﺗﺎﻻي ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪر ﻳﯜز ﺑﻪردى‪ .‬‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﻳﯧﯖﻰ دﯦﯖﯩﺰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﻰ ﻳﺎرﯨﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت دەۋرﯨﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪى‪ ،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺘﺌﻪﺳﻰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪى‪ .‬‬ ‫ﻣﯘﺳﺘﻪﻣﻠﯩﻜﭽﯩﻠﯩﻚ دەۋرى ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺷﻪرﻗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺋﻪﻟﻠﻪردە ﻣﯩﻠﻠﯩﻲ ﺋﺎزادﻟﯩﻖ ﻛﯜرەﺷﻠﯩﺮى ﻏﻪﻟﯩﺒﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯚﻛﺘﻪﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ ﭘﺎرﺗﻠﯩﺪى‪ ،‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ دۇﻧﻴﺎ ﺋﯘرۇﺷﻰ ﻳﯜز ﺑﻪردى‪ ،‬‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﻣﯘۋەﭘﭙﻪﻗﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻟﺪا ﺋﺎي ﺷﺎرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪...‬‬ ‫‪ ‬ۋاﮬﺎﻟﻪﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺋﺎراﻟﺪا ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ۋەﻗﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﮬﯧﭽﻘﺎﻳﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﮬﻪﺗﺘﺎ ﺋﯚز ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﮔﯩﺮۋەﻛﻠﯩﺮﯨﺪە ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜز ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن‪  ‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﻗﯩﺴﻤﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﮬﯚﻛﯜﻣﺮاﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻏﯘﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﺎﺧﯘﺳﻪن ﺋﻪﺳﻜﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ زورﻟﯘق‪-‬زوﻣﺒﯘﻟﻠﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﻳﻪر ﺋﯩﺴﻼﮬﺎﺗﻰ‪ ،‬ﻛﻮﭘﺮاﺗﯩﺴﯩﻴﯩﻠﻪﺷﺘﯜرۈش‪ ،‬ﭼﻮڭ‬ ‫ﺳﻪﻛﺮەپ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻠﻪش‪ ،‬ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت زور ﺋﯩﻨﻘﯩﻼﺑﻰ‪...‬دﯦﮕﻪن ﻧﺎﻣﻼردﯨﻜﻰ دەﺑﺪەﺑﯩﻠﯩﻚ ﺳﯩﻴﺎﺳﯩﻲ ﺷﻮﺋﺎرﻻرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯘﻗﻤﺎﻳﺘﺘﻰ‪...‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻر ‪-‬ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﮔﻪۋدە ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺧﯩﻠﯟەت ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ‪ 400‬ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﺎﺳﯩﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﺎرﯨﻢ ﺋﻮﻳﻤﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ دۈﻣﻠﻪﻧﮕﻪن ﺗﯩﻨﺪۇرﻣﺎ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯚز رﯦﺘﯩﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻗﻼپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺧﻪﻟﻘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﻰ ﺧﻮﺗﻪن ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ‪ 400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﯚرپ‪-‬ﺋﺎدەﺗﻠﯩﺮى ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻗﯩﺪە‪-‬ﺋﯘدۇﻣﻠﯩﺮى ۋە ﮔﯜزەل ﺋﻪﺧﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪا‪ ،‬روﮬﻰ دۇﻧﻴﺎﺳﯩﺪا زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻪﺑﻪدﯨﻲ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﮔﯜزەل ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر‬ ‫ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ۋۇﺟﯘدﯨﺪا ﻳﯩﺮاق ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﺗﯘﺗﯘﺷﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ ﭼﯘﯕﻘﯘرﻟﯘق‪ ،‬ﺗﯩﻨﯩﻖ ﺳﺎﻣﺎﻏﺎ ﺗﺎراپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭘﺎﻛﻠﯩﻖ ﮬﻪﻣﺪە ﮬﺎﻳﺎت ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯩﭙﯩﺴﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺳﺎﭘﻠﯩﻖ ﺋﻪﻛﺲ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ‪ ،‬دﯨﻨﯩﻲ ﻗﺎرﯨﺸﻰ‪ ،‬ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ دۇﻧﻴﺎﺳﻰ‬ ‫ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎرﯨﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﻪﺳﯩﺮ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻦ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪت ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﮔﯜزەل روﮬ ﺋﻪۋرﯨﺸﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ ‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﺎي ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﻓﻮﻟﻜﻮر ﻣﯘزﯦﻲ ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚزﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻳﺎﻟﺘﯩﺮاﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ‪ ،‬ﺑﺎزار ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﺎﻳﺪا ۋە‬ ‫ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﻪﺗﻨﻰ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﯘﻗﺎن‪-‬ﺳﯜرەﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ زﯨﺪدﯨﻴﻪﺗﻜﻪ‪ ،‬رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﺳﻮﻏﯘق‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎرﻣﯩﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺧﯩﻠﯟەت ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﺪە ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻼپ ‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﭘﯩﻨﮭﺎن ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﯩﺪى‪  .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎرﯨﻠﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎﻧﻰ ۋە ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش دەپ ﺗﻪﺳﻪۋۇر‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ دەرﯨﺠﯩﺪە ﻳﺎﺗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺧﯩﻴﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر دۇﻧﻴﺎ ﻏﺎﻳﻪت زور ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻳﯧﻘﯩﻨﻘﻰ زاﻣﺎن ﺗﺎرﯨﺨﯩﺪا‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ »ﺋﻪﺳﮭﺎﺑﯘل ﻛﻪﮬﻖ»ﺗﻪ‬ ‫رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ‪ 400‬ﻳﯩﻠﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﻪﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘﻻر ﺑﯘ ﻳﻪردە زادى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻳﺎﺷﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯧﺴﯩﺪە ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺑﻮۋﯨﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﻛﯧﺮﯨﻴﻪ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻏﻮۋا ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﯩﺮﯨﻼ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ‬


‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺑﯘزۇپ ﺗﺎﺷﻼﻧﺪى‪ .‬‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﺋﺎراﻟﻨﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ ﺑﺎﻳﻘﺎپ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬‬ ‫ﺑﯘدەل ‪-20‬ﺋﻪﺳﯩﺮﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﭼﺎرﯨﻜﻰ ﺋﯩﺪى!‬ ‫‪ ‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﺎرﯨﻠﻰ‪ -‬دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮ » ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪى»‪  .‬‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺷﯚﻟﮕﻪﻳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻘﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﭼﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪپ‪ ،‬ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰارﺗﯩﭗ ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪرﮔﻪ ﻳﻮﭘﯘرﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ‪ ،‬دۇﻧﻴﺎدا ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻧﺪاق ﻳﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﮬﻪﻳﺮان‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﺎددا ﺧﻪﻟﻘﻠﻪرﻣﯘ ‪ 400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﭼﻪﻛﺴﯩﺰ‬ ‫ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻧﻼﻧﺪى‪ .‬ﺋﯩﭻ‪-‬ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺧﻮﺷﺎل ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ‪ ،‬دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻗﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮﻟﻪﻧﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺑﯘﻳﯧﯖﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﻪڭ ﻳﺎﺧﯩﺸﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺋﯧﮕﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘرۇپ ﺋﯧﮭﺘﯩﺮام ﺑﯩﻠﺪۈردى‪ .‬ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘزاق زاﻣﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﻪﺷﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﺳﯩﺰ ﺑﯘ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺟﯩﻤﻰ ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰﮬﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ‪...‬‬ ‫‪ ‬ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﯩﯖﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜۋاﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﺳﺎﮬﯩﺒﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺟﺎﻳﯩﭗ ﺳﺎددﯨﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﯜﻟﯜﺷﻤﻪﻛﺘﻪ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ ﻛﺎۋاﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﻗﻮﻗﺎﺳﺘﺎ ﭘﯩﺸﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﮔﯚش‬ ‫ﺗﺎﺋﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯚزﮔﯩﭽﻪ ﻛﯚﻣﻪﭼﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﭼﻜﯚزﻟﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﻳﻪپ ﺗﯘرۇپ ﺋﯘﻻردﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎﻳﺪﯨﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯜﻧﺪۈرۋﯦﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﭼﻮﺗﯩﻨﻰ ﺳﻮﻗﯘﺷﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى‪...‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺑﯘ ﻳﻪردە ﻳﻪﺗﻜﯜﭼﻪ ﻣﯧﮭﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ‪ ،‬ﻳﯧﺪى‪ ،‬ﺋﯩﭽﺘﻰ‪ ،‬ﺧﯘددى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯘرۇﻗﻠﯘﻗﯩﻐﺎ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻧﯚۋەت ﻳﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎرﻏﺎن » ﻣﺎي ﮔﯜﻟﻰ» ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﻳﻪﻟﻜﻪﻧﻠﯩﻚ ﻛﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﻪر ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﺋﯩﻨﺪﯨﺌﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﻧﯧﻤﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻣﯘ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﺘﯩﮭﺎ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻳﯧﻴﯩﺸﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﻘﺎ ﺗﻮﻳﻤﺎي ﺑﯧﻘﯩﺸﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺑﯘﻳﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﺗﻼﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﻛﯚﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮاق‪ ،‬ﻳﯘﻟﻐﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﻗﻮي ﭘﺎدﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﻳﺎۋاﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‪ ،‬ﭼﯩﺮاﻳﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﻳﯩﺪا ﮔﺎراڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﯩﯔ دەرۋازﯨﺴﻰ ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﺪى‪ ،‬ﮬﯧﻠﯩﻘﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼر ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ‬ ‫ﻣﯧﮭﻤﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ‪ .‬ﺗﯜرﻛﯜم‪-‬ﺗﯜرﻛﯜم ﻳﺎت ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻗﺎﻳﺎﻗﻼردﯨﻨﺪۇر ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺑﯘ‬ ‫ﻳﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﻴﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەﻛﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﻻر زادﯨﻼ ﺋﺎﯕﻼپ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪﻳﻼ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﮔﯜرﻛﯩﺮەپ ﻣﺎﺷﻨﯩﻼر ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ ﺗﯚﻣﯜر ﻗﺎﻟﭙﺎق ﻛﯩﻴﮕﻪن ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﻠﻪر‬ ‫ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻳﯘﻗﻠﯘﻗﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﺷﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﻰ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﻮﭼﯘم ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻳﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﮬﯚﻛﯜﻣﻪت‪ ،‬ﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ‪ ،‬ﻣﺎل دوﺧﺘﻮرﻟﯘق ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ‪ ،‬رادﯨﺌﻮ ﺋﯘزﯨﻠﻰ‪ ،‬ﺳﻮدا دۇﻛﯩﻨﻰ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﻧﺎﻣﻼر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻼرﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺗﯧﮕﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺗﻮﻏﺮاﻗﻼرﻧﻰ ﻛﯧﺴﯩﺸﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻮﺗﻼﻗﻼرﻧﻰ ﺑﯘزۇﺷﺘﻰ‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ زادﯨﻼ‬ ‫ﺋﯜرﻛﯜپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺟﻪرەن ۋە ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻻﻳﻤﯩﻘﺎن ﺋﻮۋﻻﺷﺘﻰ‪» .‬ﺗﻮﺷﻘﺎن زەدﯨﻜﻰ »دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ‬ ‫دورا ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﻳﯘﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﺸﺘﻰ‪...‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻧﯩﯔ ﮬﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﻳﯜز ﺑﻪرﮔﻪﻧﯩﺪى‪  .‬‬ ‫دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻗﻪدﯨﻤﻘﻰ ﺧﻪﻟﻖ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﮔﻪ ﮬﺎڭ‪-‬ﺗﺎڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮬﺎﻟﺪا ﺳﯜﻛﯜت ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﻗﺎراپ ﺗﯘرۇﺷﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﺑﯘ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ رﯦﺌﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯚز ﺗﻪﺳﻪۋۋۇرﯨﻐﺎ ﺳﯩﻐﺪۇراﻟﻤﯩﺪى‪.‬ئ‪ ‬‬ ‫ۆزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺮﺗﻘﻰ دۇﻧﻴﺎ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﻮﯕﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﮬﻪﻳﺮان ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﮬﺎﻟﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ زادى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﺎﻧﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى ﮬﻪم ﺳﺎﻧﺎپ‬ ‫ﺑﯧﻘﯩﺸﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ‪ 800‬دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻧﻮﭘﯘﺳﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﻰ‬ ‫ﮬﻪﻣﺪە ﮬﻪرﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ روﻳﺨﯧﺘﯩﻨﻰ ﺗﯘرﻏﯘزدى‪ .‬‬


‫ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯘ ﻳﻪردە ﺋﯘﻻر ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﻳﯩﻐﯩﻨﻼر‪ ،‬ﻳﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼر‪ ،‬ﺷﯘﺋﺎر‪ -‬ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻼر‪ ،‬ﺑﯘﻳﺮۇق‪ -‬ﭘﻪﺗﯩﯟاﻻر‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﯟاڭ ‪-‬ﮬﺎﺷﺎرﻻر ﭘﻪﻳﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم‪ ،‬ﺗﯩﻨﭻ ۋە دەﺧﻠﯩﺴﯩﺰ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻰ ﺑﯘزۇﻟﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ‪-‬ﺋﺎﺳﺘﺎ‬ ‫ﺧﯩﺮﯨﺴﻘﺎ ﺋﯘﭼﯩﺮﯨﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﭘﯜﺗﯜن دۇﻧﻴﺎدﯨﻦ ﺋﺎﻳﺮﯨﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ‪ 230‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﭼﻮڭ ﻗﯘﻣﻠﯘق ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﮬﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎن ﻗﻮﻳﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﺪى‪ ،‬‬ ‫ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﺗﻪﻧﮭﺎ ﺋﺎراﻟﻨﯩﯔ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯩﻨﻰ ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘردى‪.‬‬ ‫‪ 400‬ﻳﯩﻞ ﺋﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ ،‬دۇﻧﻴﺎ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﯧﺘﯩﻠﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﭘﯩﻨﮭﺎن‬ ‫ﻛﻪﭼﯜرﻣﯩﺸﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫‪ ‬ﺋﺎرﯨﺪﯨﻦ ﮬﻪش‪-‬ﭘﻪش دﯦﮕﯜﭼﻪ ﺋﻮن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯩﻞ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬‬ ‫ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﺧﺘﺎۋﺳﯩﺰ ﻗﻪدﯨﻤﻰ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻨﯩﯔ ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎي ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ‬ ‫ﺧﻮرﯨﺘﯩﭗ ﺑﺎردى‪ .‬‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻛﯚﭘﻪﻳﮕﻪﻧﺴﯩﺮى ﺑﯩﻜﯩﻚ ﮬﺎﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﭼﻪﻣﺒﯩﺮﯨﻜﯩﻤﯘ‬ ‫ﺑﺎرﻏﺎﻧﯩﺴﯩﯧﺮى ﺗﺎرﯨﻴﯩﭗ ﺑﺎردى‪ .‬‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺧﯩﻠﻤﯘﺧﯩﻞ زاﻣﺎﻧﯩﯟى ﺑﺎﻛﺘﯩﺮﯨﻴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯘﻳﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻰ‪...‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﻗﯘﻳﯘق رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭘﯜرﻛﻪﻧﮕﻪن ﺋﯚﺗﻤﯜش ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬‬ ‫ﺧﯘددى ﺋﺎﻟﻪم ﻛﯧﻤﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﺎي ﺷﺎرﯨﻐﺎ ﻗﻮﻧﯘﺷﻰ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻴﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻳﯩﻠﻼردﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎﻧﻘﻰ ﺋﺎي ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﮔﯜزەل ﺋﻪﭘﺴﺎﻧﻪ‪-‬رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﻳﻮﻗﯩﺘﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﺪەك‪ ،‬ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻐﺎ‬ ‫ﻳﻮﭘﯘرﻟﯘپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ۋە ﺑﯘ ﻳﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻳﺘﺎ ﻗﯘرۇﺷﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺟﺎﻳﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺳﺎﻳﺎﮬﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪە ﺗﺎرﺗﯩﺶ‬ ‫ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺑﻪرﺑﺎت ﻗﯩﻠﺪى‪ .‬‬ ‫ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﭘﺎرﻻق ﺗﺎرﯨﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚزﻧﯩﻜﻰ ﮬﺎزﯨﺮﻗﻰ زاﻣﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯜك زەرﺑﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى‪...‬‬ ‫‪ ‬ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﺎق ﻛﯚﯕﯜل ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻗﺎرﯨﺸﯩﺪا ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺟﻪﻧﻨﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺑﻪدﯨﻲ ﻏﺎﻳﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯚز ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪرﺑﺎت‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﻛﯚﻧﯜﻛﻜﻪن ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﻤﻪﺳﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﮬﯧﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪى‪ .‬ﺋﺎدەم‪ ،‬دۇﻧﻴﺎ‪ ،‬ﮬﺎﻳﺎت‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﺪە‪ ،‬ﺋﻪﺧﻼق دﯦﮕﻪن ﺋﯘﻗﯘﻣﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﮔﯘﻣﺎﻧﻼﻧﺪى‪.‬‬ ‫ﺷﻪﺧﺴﯩﻴﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﺷﯘ رەﮬﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻮﻗﯘﻧﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﻠﻪرﻧﻰ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﺪى‪  .‬‬ ‫‪ ‬دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﮬﺎﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﮬﺮۇم ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺋﯧﺘﻨﻮﮔﺮاﻓﯩﻴﻪ‬ ‫ﻣﯘزﯦﻲ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪ 400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﻳﺎن ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن ﺋﯚﻳﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﯧﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﮔﯘﻣﺎن‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎراﻳﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯩﺶ‪-‬ﮬﻪرﯨﻜﻪﺗﺘﻪ ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺗﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﻣﻪﻧﭙﻪﺋﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻳﻼﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ 400‬ﻳﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﺎدەم دﯨﺪارﯨﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﻪﻣﺪﯨﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻳﯩﻐﻰ ﺋﯜزۈﻟﻤﻪي ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺰار ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ‪ ،‬ﻧﻪﺷﻪ‪ ،‬ﮬﺎراق ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﻐﯘﭼﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺑﯘ ﻳﻪرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﺑﺎﻳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻳﺎغ ﺋﯩﺰﻟﯩﺮى ﺗﻪﮔﻤﯩﮕﻪن ﺟﺎﻳﻼر ﺋﺎز ﻗﺎﻟﺪى‪،‬‬ ‫ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪر‪ ،‬ﺋﻮرﻣﺎﻧﻼر‪ ،‬ﻳﺎۋاﻳﻰ ﮬﺎﻳﯟاﻧﻼر‪ ،‬ﺋﯘﭼﺎرﻗﯘﺷﻼر‪ ،‬ﻗﻮي‪-‬ﭘﺎدﯨﻼر ﺧﻮراﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻠﯩﻚ دۇﻧﻴﺎﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯩﭽﻜﻰ ۋەﮬﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ‪-‬ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﯘﻳﻪرﮔﯩﻤﯘ ﻳﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى‪...‬‬


‫‪ ‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﻛﯚزﻧﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﺎﻳﻘﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺗﯘﻳﯘﻗﺴﯩﺰﻻ ﺑﻪرﺑﺎت ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪ .‬‬ ‫ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﻛﯧﺮﯨﻴﻪﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 400‬ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ رﯨﯟاﻳﻪﺗﻠﯩﻚ ﮬﺎﻳﺎﺗﻰ ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺑﯩﺮ ﭼﯜش ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﻤﺎﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ۋە ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺷﻪﮬﻪر‪-‬ﻗﻪﻟﺌﻪﻟﻪر ﻗﺎﻧﺪاﻗﻼرﭼﻪ ﻗﯘم دﯦﯖﯩﺰى ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‬ ‫ﻗﺎﻟﺪى؟‪ ‬‬ ‫ﺑﻮﺳﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﺳﯘﻟﯩﺮى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎزﯨﻴﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﻟﻠﻪر ﻗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﺘﻰ؟‪ ‬‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﻤﺎت ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ ﻗﯘرﻏﺎﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻳﯜز ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﺗﻮﻏﺮاﻗﻠﯩﻘﻼر ۋەﻳﺮان ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى !؟‪...‬‬ ‫‪ ‬ﭼﯩﻨﮕﯩﺰ ﺋﺎﻳﺘﻤﺎﺗﻮف ﺗﻮﻏﺮا ﺋﯧﻴﺘﯩﺪۇ‪  :‬‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯧﮭﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﻴﺎﻣﻪت ۋە ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﻪ ﺗﺮاﮔﯧﺪﯨﻴﯩﻠﯩﺮى دﯨﻨﯩﻲ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼردا‬ ‫ﺋﯧﻴﺘﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﺧﯘداﻧﯩﯔ ﻏﻪزﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇ ! ‪ ‬‬ ‫زﯦﻤﯩﻦ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﺘﺎ ﻳﺎرﯨﺘﯩﻠﻐﺎن‪  .‬‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻨﻼ ﺟﯩﻤﻰ ﻣﻪۋﺟﯘداﺗﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﮔﺎرﻣﯘﻧﯩﻚ ﺑﯩﺮﻟﯩﻚ ﮬﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ .‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪﯕﭙﯘﯕﻠﯘﻗﻨﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯘﻗﯘﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼر ﺋﯚزﻗﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘزدى‪.‬‬ ‫ﻗﻪدﯨﻤﻜﻰ ﺗﺎرﯨﻢ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻛﯚزﻧﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن دەرﻳﺎ ﺑﻮﻳﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﻳﻘﯩﻠﯩﺸﻰ ۋە ﻧﺎﮬﺎﻳﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯧﻜﻮﻟﻮﮔﯩﻴﯩﺴﻨﯩﯔ ﺑﯘزۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻳﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﻳﯧﯖﻰ ۋەﮬﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﮬﯧﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪۇرﻣﺎﻗﺘﺎ‪ .‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﺗﺎرﯨﻢ‪-‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻏﯘﻟﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﯚﻛﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎق ﺳﯜت ﺋﯧﻤﯩﭗ‬ ‫ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻟﻠﻪي ﻧﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﮬﺎﻳﺎت ﮔﯜزەﻟﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﮬﯧﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﺎﻏﺮﯨﻐﺎ ﺗﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪن ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺗﯩﻨﺪۇرﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮزۇق ﺋﺎﻟﻐﺎن‪  .‬‬ ‫ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺑﯘ ﻣﯧﮭﺮﯨﺒﺎن ﺋﺎﻧﺎ زاﻣﺎن رﯨﻴﺎزەﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﺎرﭼﯩﺪى‪ ،‬ﺟﯩﺴﻤﻰ ﺧﻮرﯨﺪى‪ ،‬ﭼﺎﭼﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎق ﻛﯩﺮدى‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﺋﯧﻨﯧﺮﮔﯩﻴﯩﺴﻰ ﺧﻮرﯨﺪى‪ ،‬ﺋﯘ ﮬﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚپ ﻣﯘﺷﻪﻗﻘﻪﺗﻠﻪر ﭼﻪﻛﺘﻰ‪  .‬‬ ‫ﺋﯘ ﻳﯧﯖﻰ ﮬﺎﻳﺎﺗﯩﻲ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﻣﻮﮬﺘﺎج! ‪ ‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺋﯘﻧﻰ ﭘﻪرزەﻧﺘﯩﻠﯩﻚ ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﺮاﻳﻠﻰ ۋە ﻣﻪﯕﮕﯜ ﺳﯚﻳﻪﻳﻠﻰ !‪...‬‬ ‫‪ (  ‬ﻣﻪﻧﺒﻪ‪ :‬ﺋﻪﺳﻪت ﺳﯘﻻﻳﻤﺎﻧﻨﯩﯔ »ﺗﺎرﯨﻢ ﻗﯘۋۇﻗﻰ ﭼﯧﻜﯩﻠﮕﻪﻧﺪە» دﯨﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ)‪ ‬‬ ‫ﻣﻪﻧﺒﻪ‪http://www.uyghurqamus.cn/uy/read.php?tid=385 ..‬‬ ‫‪ ‬‬

taklimakandiki+jannatning+wayran+bolixi  
Read more
Read more
Similar to
Popular now
Just for you