Page 1

‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘ ﯾﺎزﻣﺎ ﺑﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﯾﺎزﻣﺎ ﺑﯘﻟﯘپ ‪ ،‬ﯾﺎزﻣﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯚھﺒﻪت ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﯘﺋﺎل‬ ‫ﺳﻮرﯨﻐﯘﭼﻰ ۋە ﺟﺎۋاپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﺎﭘﺘﯘرﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﯾﻮﻟﻼﻧﻐﺎن ﺋﺎﻟﺪى ﻛﯩﯿﯩﻨﻠﯩﻚ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻰ ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ رەﺗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻘﺎ ﺋﺎﯾﻼﻧﺪۇرۇپ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﻧﺪى ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﻘﻪدەر ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﺎزﻣﺎ ﺗﯘﻟﯘق ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪر دﯨﻘﻘﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن‬ ‫ﯾﻪرﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻪﯾﯩﭙﻜﻪ ﺑﯘﯾﺮۇﻣﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻦ دﯨﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن ‪.‬‬

‫ﯾﺎزﻣﺎ ﻣﻪﻧﺒﻪﺳﻰ ‪:‬ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﻰ‬ ‫ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎل رەﺗﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺋﺎزﻏﯘن‬ ‫ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎب ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯜﭼﻰ ‪ :‬ﺗﯘﻏﭽﻰ‬ ‫ﺗﻮردا ﺗﺎرﻗﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ‪ :‬دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪1‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚھﺒﻪت!‬ ‫‪: Bihlan‬‬ ‫ﻣﺎۋزۇ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯘﯾﯘﻟﻐﺎﻧﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪا ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚھﺒﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪا ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﺳﻮدا‪-‬ﺗﯩﺠﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯾﺎﻛﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﯾﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﻗﻪدەم ﺑﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﺟﺎﯾﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻘﺎن‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ‬ ‫ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚھﺒﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﺎۋادا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻦ ﭼﯚﭼﻪﻛﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق ﯾﺎﻛﻰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﺟﺎﯾﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺳﯚھﺒﻪت‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯜزۈش ھﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺟﺎﯾﻼرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰدە ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﯾﺎﺷﺎش ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻤﯩﺰ ﻧﯘرﻏﯘن‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻗﺎﻧﯘن‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋەزﯨﯿﻪت ۋە‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯚرپ‪-‬ﺋﺎدەت ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﯾﺎﺷﺎﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﮔﻪرﭼﻪ ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ۋەزﯨﯿﻪت ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﯾﻪر‬ ‫ﺷﺎرﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﯩﻠﻐﺎر ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﻪۋﯨﯿﻪدە ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن دۆﻟﻪت ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﯾﻐﯘر دﯨﯿﺎرﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ھﻪرﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪۇق‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﭘﺎراڭ ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎراﯕﻼرﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺑﯩﺮﯾﺎﻗﻠﯩﻖ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎﻗﻤﯘ‪ ،‬ھﻪر ھﺎﻟﺪا ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﺎھﻪﻟﻪردە‬ ‫ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ دەپ ﺋﻮﯾﻼﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯖﻤﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرۇپ‪» ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر« ﻏﺎ ﺳﻮﺋﺎل ﻗﻮﯾﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪،‬‬ ‫ﺳﻮﺋﺎل‪-‬ﺟﺎۋاﺑﻼر ﭼﻮﻗﯘم دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت‪-‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﯚرﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺑﺘﯩﻜﻰ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻪزا ﻣﻪﯾﻠﻰ ﯾﻪر ﺷﺎرﯨﻨﯩﯔ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﯾﯧﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟاﻟﺴﯘن‪ ،‬ھﺎﻣﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﻲ‬ ‫ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﯾﺎﺷﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﺴﯩﺰ ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﻪت ھﯧﭽﯿﻪردە ﯾﻮق‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﭘﯩﻜﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﻪ‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎي‪ ،‬ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ھﺎﻟﺪا ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﯿﻪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪا دەۋاﺗﻘﺎن »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر« ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش‬ ‫ﻛﻪﭼﯜرﮔﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﺪا‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺧﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫داﺋﯩﻤﻠﯩﻖ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ Eagle‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ۋە ‪ Jeck‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﺷﯚھﺮەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ‪ .....‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺳﯚھﺒﻪت ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‪...‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺟﻪﻟﭗ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯜﻧﯜﻣﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‬ ‫دﯨﯿﻪﻟﻤﻪﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﺳﯚھﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎق ﭼﻮﻗﯘم ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪2‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ Eagle‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘرۇپ ﻛﻪﺗﺴﻪك‪ Jeck ،‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯘ‬ ‫ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺋﺎﻛﺘﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪا ﺋﺎﻧﺪا‪-‬ﻣﯘﻧﺪا ﺋﯩﻨﻜﺎس ﯾﯧﺰﯨﭗ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﻻﯾﯩﻖ‬ ‫ﺗﺎﭘﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻛﯚپ رەھﻤﻪت ﺋﯧﯿﺘﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﯾﻮﻟﻼﻧﻐﺎن ﺑﻪزى ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪردە دﯨﯿﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻣﯘ‬ ‫ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪت ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ﺳﻮﺋﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ھﻪر ھﺎﻟﺪا ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﺘﯩﻦ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﯿﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﯩﻨﻪرﺳﯩﻠﻪر‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻜﻪ ﺷﻪﻛﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪﺑﯩﺮ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚﺗﺴﻪم‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﯧﻨﯩﻖ ﯾﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺎﯾﻠﻰ‪ ،‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﻧﻮﻣﯘرى ﻗﻮﯾﯘپ ﻣﺎﯕﺎﯾﻠﻰ ھﻪﻣﺪە‬ ‫ﺳﻮﺋﺎل ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺷﻪﺧﺴﻨﻰ ﭼﻮﻗﯘم ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ زورﻟﯩﻤﺎﯾﻠﻰ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﯩﺘﯩﺪﯨﻦ دﯦﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﯿﻪ ﯾﺎﻗﯩﻼﺷﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻮﺋﺎل ﻗﻮﯾﻐﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ۋە ﺟﺎۋاب‬ ‫ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘرﺳﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ دەپ ﻗﺎراﯾﻤﻪن‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯚھﺒﻪت ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﻪ »ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪت ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ«‪ ....‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﯾﺎﻛﻰ ﺳﻮﺋﺎل ﯾﺎﻛﻰ ﺟﺎۋاب‬ ‫ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻠﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺷﯘق‬ ‫ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﯾﺎزﻣﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪھﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﭘﯩﻜﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﯘ‬ ‫ﯾﯘﺗﯘۋەﺗﻤﻪي ﭼﻮﻗﯘم ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﯾﺴﺎق دﯦﮕﻪﻧﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺳﻮرﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﻗﻮﯾﺎي دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎم‬ ‫ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﯿﯩﻦ‪-‬ﻗﯩﺴﺘﺎﻗﻘﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﻐﯘدەﻛﻤﯩﺰ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﻪزى ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ھﯧﭽﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺰدەﻧﻤﻪﯾﻼ ﺟﺎۋاب‬ ‫ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﻮﯾﻠﯩﻨﯩﭗ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻦ‪-‬ﺑﯩﺮدﯨﻦ‬ ‫ﺳﻮرﯨﺴﺎق ﻧﺎۋادا داﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻛﻪﯕﺮەك ﺳﻮﺋﺎل ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ﺳﻮرﯨﻠﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ۋاﻗﯩﺖ ﺳﻮزۇﻟﯘپ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﺴﺎق‪ ،‬ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪر‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮەﻟﯩﺴﻪ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯚزى ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﯾﯘﭘﻼ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺟﺎۋاب ﯾﯧﺰﯨﯟەرﺳﻪ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻛﺎﻣﯧﺮا ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯩﻜﺮوﻓﻮﻧﻼرﻧﻰ »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر«ﻏﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﻼپ‪ ،‬ﻗﯘﻻﻗﻨﻰ ﻛﻮﭼﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﮔﺎﻟﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﭗ‬ ‫ﺳﯚھﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﺗﺴﻪك‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ زاﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎﯕﻼر‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﺑﻪك‬ ‫ﺋﻪھﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﯿﺎﻟﻤﺎﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯚزۈم ﺑﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼي‪ ،‬ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر‬ ‫ﻣﻪن ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪرﮔﻪن »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر«ﻏﺎ ﻗﺎرﯨﺘﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪﻣﺪە ﺑﯩﺮﺳﯩﯖﻼرﻧﯩﯔ ﺟﺎۋاﺑﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺳﻮﺋﺎل ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر« ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﺳﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪.‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺑﻪزى ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺷﻪﺧﺴﯩﯿﻪﺗﻜﻪ ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎل ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪن ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ‬ ‫ھﻪرﮔﯩﺰ ﺷﯘ ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯖﻼ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚزﻟﯩﺴﯘن دﯦﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺷﯘ ﺷﻪھﻪر‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ راﯾﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘرﻻش ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﭘﻪﻗﻪت دﯦﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪3‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﻮﻟﺴﺎ رەت ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺴﻪﯕﻼر ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚزۈﯕﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﯩﺌﻪپ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﻏﺎﯾﯩﯟى ﺷﻪﺧﺴﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﺷﯘ ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼرﻻ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﯚھﺒﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯧﺘﻪﯾﻠﻰ‪:‬‬ ‫‪-1‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼرﻏﺎ ﻗﻮﻧﺪى؟‬ ‫ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪت ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﻗﺎﯾﻪردﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﻐﺎن؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﭘﺎﺳﭙﻮرت‪،‬‬ ‫ۋﯨﺰا‪ ،‬ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق‪-‬ﯾﺎﺗﺎق‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ‪ ...‬دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر(‬ ‫‪-2‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺷﯩﺘﺎﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﯧﻠﻪت ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼن ۋە ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ‪ 1500‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ‪ 800-700‬ﯾﯜەن‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﯔ ﯾﯜەﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯧﻠﯩﺘﯩﻤﯘ ‪ 100‬ﯾﯜەﻧﺪﯨﻦ ‪ 300‬ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ‪ 1000‬ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼﻧﻐﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﯾﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ(‪.‬‬ ‫‪-3‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪپ ﻧﻮرﻣﺎل رﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﯾﯧﻤﻪك‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪك ۋە ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪدەپ‪-‬ﻗﺎﺋﯩﺪە‪ ...‬ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ‬ ‫ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻣﺴﯩﻠﻪر؟‬ ‫‪-4‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﯚزۈﯕﻼر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﯾﺎﻛﻰ ﺷﻪھﻪر )ﯾﺎﻛﻰ راﯾﻮن( ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﯚزۈﯕﻼر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن‬ ‫راﯾﻮﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر دﯦﮫﻘﺎﻧﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ »ﻛﺎدﯨﺮ« ﻣﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺗﯩﺠﺎرەﺗﭽﯩﻤﯘ‪ ....‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪا ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻤﺎﻗﭽﻰ(‬ ‫‪-5‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺑﯩﺰ ﺋﯘﯾﻐﯘر دﯨﯿﺎرﯨﺪا ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﻪﭼﯜرۈش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﻜﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯚزﺋﺎرا ﻣﯧﮫﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯜﻟﻜﻪ‪-‬ﭼﺎﻗﭽﺎق ﺳﻮرۇن ﺗﯜزۈپ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ‪» ،‬رەﯕﻠﯩﻚ ﺳﻮرۇن« ﻻردا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﺘﺎ ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻻر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﻤﺎس ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت‪ .‬ﺗﻮﻧﯘش‪-‬ﺑﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﯾﯧﻘﯩﻨﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻮﯾﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﻐﯘﭼﻪ‬ ‫ﯾﻪپ‪-‬ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺒﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎق دوﭘﭙﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﯘﯾﯘﺷﺘﯘرۇپ‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮ‪-‬ﭼﯩﺮاﻗﻼردا ﻣﺎﺗﻪﻣﺪە ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪى ﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﺴﺎم‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺋﯩﺸﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﯩﺘﯩﺪە‬ ‫)ﯾﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن راﯾﻮﻧﺪا( ﻗﺎﻧﺪاق ﯾﻮﺳﯘﻧﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﯖﻼردا ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪-6‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ‪-‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪4‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯩﯿﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﺑﺎرﻣﯘ؟ دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﭽﯘ؟ ھﻪرﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯩﺸﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜش‪،‬‬ ‫دەرﺳﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﯾﺎﻛﻰ دەرﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜش‪ ،‬ھﻪر ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎق ۋاﻗﺘﻰ‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼردا ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪر ﺑﺎر؟‬ ‫)ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ھﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﺋﯩﺪە‪-‬ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر ﺑﻪك ﻛﯚﭘﻤﯘ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ(‬ ‫‪-7‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە دﯨﺘﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺳﯩﻐﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا‬ ‫ﮔﯩﻠﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﭗ ﺗﯜﻛﯜرۈش‪ ،‬ﻣﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﯾﯧﺘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧﻼردا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯧﻜﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼردا‬ ‫ھﺎراق‪-‬ﭘﯧﯟﯨﻼرﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﺶ‪ ،‬ﻏﯘﻟﺠﯩﻨﯩﯔ ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯚﻛﯜپ ﺋﯚﭼﻜﯩﺪەك ﭼﯩﺮﻗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺧﯘﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدەش‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪﻛﻼ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚﯕﯜل ﺧﯘش ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﻼردﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪت ﺳﺎﺗﻘﯘﭼﻰ ﺧﯧﻨﯩﻤﻼرﻧﯩﯔ ﻗﻮﭘﺎل ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻧﻜﺎ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﯩﺶ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺋﯚﭼﺮەت ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘرﻏﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎي ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪا ﺷﻪﺧﺴﻰ ﭘﺎرﯨﯖﻰ‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻚ‪....‬ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﻪردە ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯘزۇﻟﻐﺎن ﻣﻪدەﻧﯩﯿﻪت ﺋﻪﺧﻼﻗﯩﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرە ﺋﻪﯾﯩﺒﻠﻪش‪ ،‬ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﺰﻻ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﻪت ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻠﻼش‪ ....‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﺎدەﺗﻠﻪر ﺑﯩﺰدە‬ ‫ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯾﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﻛﯚپ ﺋﯘﭼﺮاﯾﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ دﯨﺘﯩﻐﺎ ﺳﯩﻐﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ‪-‬ھﻪرﯨﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﺗﯘراﻣﺴﯩﻠﻪر؟‬ ‫ﯾﯘﻗﺎرﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪر ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﯩﻐﺎ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈۋﯦﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﺳﯩﻨﺎرﯨﺴﺘﻼرﻧﯩﯔ ﻏﺎﯾﯩﯟى دۇﻧﯿﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯘق‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ رﯦﺌﺎل ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪت ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﺴﻰ ﻧﺎﻣﻪﻟﯘم‪ ،‬ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر؟ )ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ‪ ،‬ﻏﺎﯾﯩﯟى ﺗﯩﻠﻼردا ﺟﻪﻧﻨﻪﺗﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﻤﺎي‪ ،‬ﺋﯚز ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﻼردﯨﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ رﯦﺌﺎل ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر‬ ‫دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ(‬ ‫‪-8‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ۋەﺗﯩﻨﯩﻤﯩﺰدە داۋاﻟﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪا ﯾﯧﺘﻪرﺳﯩﺰﻟﯩﻜﻠﻪر ﻛﯚپ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻗﺎﺗﻨﺎش‬ ‫ھﺎدﯨﺴﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺟﯩﺪدﯨﻲ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎرﺳﺎق ﯾﺎﻛﻰ ﻗﺎن ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯚرﻟﻪپ ۋەﯾﺎﻛﻰ ھﻪرﺧﯩﻞ ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﻛﯧﺴﻪل‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎق ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯘل ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﻣﯩﻘﺪاردا ﭘﯘل‬ ‫ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻟﻤﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎرﯨﺪورى ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﭘﻪﺳﻠﻪﻧﮕﻪن ﺟﺎﯾﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ دوﺧﺘﯘرﻻر داۋاﻻش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ﺷﻪﻛﯩﻠﯟازﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﯾﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻨﻼ ھﺎل ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻣﯘ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﯘﻛﯘل ﯾﺎﻛﻰ دورﯨﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﻧﯧﻤﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ‪ ...‬ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻓﻮرﻣﯘﻻ ﺑﯩﻠﻪن داۋاﻻۋاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ دوﺧﺘﯘر ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻤﺎرﻏﺎ ﺗﻪﯕﻼ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ )ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻧﻮﭘﯘﺳﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﻣﻪﺟﺒﯘر(‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر داۋاﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﭘﯘﻟﻰ ﯾﻪﺗﻤﻪي ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪۇ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﯾﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا دورا ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرۈپ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﯩﯿﯩﺪۇ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯚﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪ .‬دوﺧﺘﯘرﻻر ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚپ ﻛﯚرﮔﻪن‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺟﺎن ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﯩﺪا ۋاﯾﺴﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚپ ﻛﯚرﮔﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﺘﯩﻦ‬ ‫ۋاﯾﺴﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭘﯩﺴﻪﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ھﻪﻣﺪە ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎۋاﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺟﯩﺪدﯨﯿﻠﯩﺸﯩﭗ دوﺧﺘﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﻪزﻣﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎي ھﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﺰرەك ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﻏﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ھﻪﻣﻤﻪ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼر ۋە ھﻪﻣﻤﻪ دوﺧﺘﯘرﻻر ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘﻧﺪاﻗﻼرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎز ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا )ﯾﺎﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن راﯾﻮﻧﺪا( داۋاﻟﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪5‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫)ﺗﯧﻨﯩﯖﻼر ﺳﺎﻻﻣﻪت ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻛﯚرﮔﻪن‪-‬ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼرﻣﯘ ﯾﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ(‬ ‫‪-9‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎراﯕﻼردا ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ۋاﻗﺘﯩﯖﻼردا‬ ‫ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪاش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮەر ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﯾﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن؟‬ ‫ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺪى؟ ‪ ...‬ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺪﯨﯖﻼر؟‬ ‫)ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼردﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ھﯧﻜﺎﯾﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﺑﺎﯾﺎن‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ(‬ ‫‪-10‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺳﻪرپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺴﯩﻠﻪر؟ ﯾﯘرﺗﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻼرﻣﯘ؟ ھﯧﺴﯿﺎﺗﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼر؟ )ﺋﻪﮔﻪر ﺷﻪﺧﺴﯩﯿﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﺗﺎﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎۋاب ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﯖﻼردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﯾﺎن‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻼرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯜﺗﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﭼﯩﻦ ھﯧﺴﯿﺎت ﺑﯩﻠﻪن رﯦﺌﺎل ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪت ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ(‬ ‫‪..........‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ﻣﯘﺷﯘ ‪ 10‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﻪك ﺟﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎز‪-‬ﺋﺎزدﯨﻦ ﻛﯧﻠﻪﯾﻠﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە ﯾﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﺎﺟﯩﺮﯨﺘﺎﻟﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﭼﻮڭ ﺋﯜﻧﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯚزۈﯕﻼر‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎن دەپ ﻗﺎرﯨﺴﺎﯕﻼر ﺷﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺗﻮرداﺷﻼر ﺋﺎﻣﺎﻟﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭽﻪ ھﻪﻣﻤﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﻗﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻨﻪرﻟﯩﻚ ﺟﺎۋاب ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﯾﻼﯾﺪﯨﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪ ،‬ھﻪر ھﺎﻟﺪا ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ ﺋﯜﻧﯜم‬ ‫ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎز‪-‬ﺗﻮﻻ ۋاﻗﯩﺖ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﻤﺎي ۋە ﺟﺎﭘﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪي ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ۋە ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮراﯾﻤﯩﺰ ھﻪﻣﺪە ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯩﻨﯩﯖﻼر ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ‬ ‫رەھﻤﻪت ﺋﯧﯿﺘﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯖﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫‪Alipanwar‬‬

‫‪:‬‬

‫ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﺎرﺗﻰ ﺳﻮرﯨﯟاﻻي‪.‬‬ ‫‪-11‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ‪ ،‬دﯦﻤﯘﻛﯩﺮاﺗﯩﯿﻪ ﺋﯩﺪﯨﯿﺴﻰ ﺑﻪك ﻛﯜﭼﻠﯜك‪ .‬ﺋﺎﺟﯩﺰﻻرﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﯾﯜﻛﺴﻪك ﻗﻮﻏﺪاﯾﺪۇ‪ .‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺘﯩﻢ »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜش ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ« دەپ‪ .‬ﺳﻮرﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯘﻻر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺋﺎﺧﺒﺎرات‬ ‫ۋاﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪرﮔﻪن ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، alipanwar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:58 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-11‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ‪ ،‬دﯦﻤﯘﻛﯩﺮاﺗﯩﯿﻪ ﺋﯩﺪﯨﯿﺴﻰ ﺑﻪك ﻛﯜﭼﻠﯜك‪ .‬ﺋﺎﺟﯩﺰﻻرﻧﻰ ﻗﻮﻏﺪاﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋﯨﺘﯩﻨﻰ ﯾﯜﻛﺴﻪك ﻗﻮﻏﺪاﯾﺪۇ‪ .‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺘﯩﻢ »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜش ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪6‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ« دەپ‪ .‬ﺳﻮرﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯘﻻر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺋﺎﺧﺒﺎرات‬ ‫ۋاﺳﺘﯩﻠﯩﺮﻧﯩﯔ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺑﻪرﮔﻪن ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯘﻗﺘﺎ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪت ﺋﯩﭽﻰ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن دۆﻟﻪت ﺳﯩﺮﺗﻰ‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﯩﻨﯩﯔ روﺷﻪن ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﺎر‪(.‬‬ ‫»ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯚﺳﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ« ‪ ---‬ﺑﯘ ﮔﻪپ ﺳﯩﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﺎﯾﺪﯨﯖﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﭘﺮﯦﺰﯨﺪﯦﻨﺖ ﻧﺎﻣﺰاﺗﻰ ‪ Obama‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ Bush‬ﻧﯩﯔ ﻛﯜﯾﺌﻮﻏﻠﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق »ﺋﺎرﻗﺎ‪-‬ﺗﯧﺮﯨﻜﻰ«‬ ‫ﻣﯘ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺷﯚھﺮەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻧﻮﭘﯘزى‪ ،‬ﺋﻮرﻧﻰ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ »ﺋﺎرﻗﺎ ﺋﯩﺸﯩﻚ«‬ ‫ﺗﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﯾﯧﻘﯩﻨﺪا ﺋﯚز ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ‪NASA Board‬‬ ‫‪ Award‬ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻼش ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق »ﯾﻮل« ﻣﺎﯕﻤﯩﻐﺎن ‪...‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-1‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼرﻏﺎ ﻗﻮﻧﺪى؟‬ ‫ﺑﯘ ﭘﯘرﺳﻪت ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﻗﺎﯾﻪردﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺳﻪرپ ﺑﻮﻟﻐﺎن؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﭘﺎﺳﭙﻮرت‪،‬‬ ‫ۋﯨﺰا‪ ،‬ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق‪-‬ﯾﺎﺗﺎق‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ‪ ...‬دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر(‬ ‫ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯚزەم ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪ ...‬ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ‪.‬‬ ‫ﺋﺎۋال ‪ TOEFL, GRE‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻪردﯨﻢ‪ TOEFL .‬ﺋﯜﭼﯜن ‪ 400‬ﯾﯜﺋﻪن‪ GRE ،‬ﺋﯜﭼﯜن ‪ 800‬ﯾﯜﺋﻪن ﺳﻪرپ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ دەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪت ﺳﺎﻟﺪﯨﻢ‪) .‬ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدا ‪ Internet‬ﯾﻮق ﺋﯩﺪى‪50 (.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺧﻪت ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ‪ 250‬ﯾﯜﺋﻪن ﭘﻮﭼﺘﺎ ھﻪﻗﻘﻰ ﻛﻪﺗﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺟﻪدۋەﻟﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ‪ ،‬ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻗﻮﺷﯘپ‪ 8 ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس‬ ‫ﺳﯘﻧﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ‪ 3000‬ﯾﯜﺋﻪن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭼﯩﻘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻘﻨﻰ‬ ‫ج خ ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ‪ 200 ،‬ﯾﯜﺋﻪن ﺗﯚﻟﻪپ ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﺋﺎﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ﭘﻮﯾﯩﺰدا ﺑﺎرﻏﺎن‪ ،‬ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ ‪500‬؟ ﯾﯜﺋﻪن‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ‪ 100‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪپ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪن ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺷﻪھﻪرﻧﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯾﺮﯨﺪۇرۇﻣﻐﺎ ﺑﺎرﻏﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ‬ ‫‪ 3،500‬ﯾﯜﺋﻪن ﺑﻮﻟﻐﺎن‪) .‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ‪ 2،000‬ﯾﯜﺋﻪن ﺋﯩﺪى‪(.‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪا ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﻨﯩﯔ ﺧﻪﻟﻘﺎرا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟاﻟﻐﺎن‪ .‬ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ۋە ﻣﻪن ﺗﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺪا ﺋﻪﻛﻪپ ﻗﻮﯾﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪7‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪر ﻣﻪۋﺳﯜﻣﻰ رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﺋﯜﭼﯜن ‪ 100-200‬دوﻟﻼر ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪﯾﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎن ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ھﻪر ﻣﻪۋﺳﯜﻣﻰ‬ ‫‪ 5،000‬دوﻟﻼر ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﯾﺪا ‪ 1،200‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﻣﯘﺋﺎش ﺑﯧﺮەﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚي ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘراﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﯾﺪە ﺋﯚزەم ﺋﯧﺘﯩﭗ ﯾﻪﯾﺘﯩﻢ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﻪرﮔﻪن ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ﺑﯘ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼرﻧﻰ ﺋﺎزادە ﻛﯚﺗﯩﺮەﻟﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺗﯧﺠﻪﺷﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺋﯧﺸﯩﭙﻤﯘ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﺷﻘﺎن‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﺎي ﺗﻮﭘﻠﯩﺴﺎم‪ ،‬ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﺋﻮﯾﻨﺎپ ﻛﯧﻠﯩﺶ ‪...‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪردە )ﯾﯩﻠﺪا ‪ 1‬ﻗﯧﺘﯩﻢ( ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺶ‪-2 ،‬ﻗﻮل ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ‪...‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼرﻏﯩﻤﯘ ﯾﯧﺘﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-3‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ دەﺳﺴﻪپ ﻧﻮرﻣﺎل رﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﯾﯧﻤﻪك‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪك ۋە ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪدەپ‪-‬ﻗﺎﺋﯩﺪە‪ ...‬ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻛﯚﻧﯜپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺶ‬ ‫ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﻨﻰ ﺑﺎﯾﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮەﻣﺴﯩﻠﻪر؟‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ﭘﻮﯾﯩﺰدا ﺑﺎرﻏﺎن‪ 2-3 .‬ﻛﯜن ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‪-‬رﯦﺴﺘﯘراﻧﻠﯩﺮى ﺧﯧﻠﻪ‬ ‫ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﺪا ﻣﯘﻧﭽﺎ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ‪ 12-15‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﯘﭼﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻮﻧﭽﺎ‪ 24 ،‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺳﯘ‪ ،‬ھﺎۋا ﺗﻪﯕﺸﯩﮕﯜچ‪ ،‬ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ۋە ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺗﻮﻛﻠﯘك ﯾﺎﻛﻰ ﮔﺎزﻟﯩﻖ ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﺮى ﺑﺎر »ﺋﯚﯾﯜم« ﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن‪ .‬ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ‪ 2-3‬ﮔﯩﺮدە ﻧﺎن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫»ﺋﯚﯾﯜم« ﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻨﻤﯘ ‪ 1‬ﺳﻰ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘرۇق ﺳﯘدا ﻧﺎﺷﺘﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ‪ 2-3‬ﺗﻪﯾﯿﺎر ﭼﯚپ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﺎزارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎزان‪-‬ﻗﻮﻣﯘچ‪،‬‬ ‫ﭼﯩﻨﻪ‪-‬ﻗﺎﭼﺎ‪ ،‬ﺳﻪي‪-‬ﻛﯚﻛﺘﺎت‪ ،‬ﺋﯘن‪-‬ﮔﯜرۈچ‪-‬ﻣﺎي‪ ،‬ﺗﯘﺧﯘم‪-‬ﺳﯜت ﻟﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻛﻪﭼﺘﻪ »ﺋﯚﯾﯜم« دە ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﯾﯩﮕﻪن‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎﻻل ﮔﯚش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺳﻪل ﺟﯩﺪدﯨﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﻛﯧﯿﯩﻨﺮەك ھﻪل ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ (.‬ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻟﻪﻏﻤﻪن‪-‬ﻛﺎۋاپ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻪﭘﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ 24 ،‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯚز »ﺋﯚﯾﯜم« دە ﯾﻪﻧﻪ‬ ‫ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯘم ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﭗ ﯾﯩﯿﻪﻟﯩﮕﻪن‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-10‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺳﻪرپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺴﯩﻠﻪر؟ ﯾﯘرﺗﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻼرﻣﯘ؟ ھﯧﺴﯿﺎﺗﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼر؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ دﯨﯿﺎرﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻐﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﺴﺎم‪ 2 ،‬دوﻟﻼرﻏﺎ ‪ 3‬ﺳﺎﺋﻪت ﺳﯚزﻟﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪) .‬ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪردە ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﻗﯘﺗﺎ ﻣﯩﻨﯧﺮال ﺳﯘ ‪ 1‬دوﻟﻼر‪ (.‬ﺷﯘﯕﺎ ﭘﻪﻗﻪت ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰﻻ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭘﯘل ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺑﯘرۇن‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﯾﯘرﺗﯘﻣﻐﺎ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﺴﺎم‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 10-15‬ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﮔﻪپ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯜﮔﻪپ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ 2 ،‬ﺳﺎﺋﻪت ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪم‪ ،‬ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪر زﯦﺮﯨﻜﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﯾﯩﯟﯦﺘﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬

‫ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯜﻧﺪە ﺳﯚزﻟﻪﺷﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت ۋاﻗﺘﯩﻤﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪3-4‬‬

‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻘﻰ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﺎم ﺋﻪﻣﻪس‪ Skype, MSN .‬دا ﺳﯜرەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﭙﻤﯘ‬ ‫ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯚﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺧﺎﺗﯩﺮە ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ‪ 12‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻮﭼﯘق‪ Mbps5 ،‬ﻟﯩﻖ ﺗﻮردا‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪8‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﯘرﺗﻨﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎن! ھﯩﺴﺴﯩﯿﺎﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ ،‬ﺋﺎت‪-‬ﺋﯧﺸﻪك‪-‬ﻛﺎﻟﯩﻼر ﺗﯧﺰەﻛﻠﻪپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﯾﯘرﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﯾﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ‪) Connecticut Avenue‬ﺋﺎق ﺳﺎراي ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﯾﻮل‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺗﯩﺌﻪﻧﺌﻪﻧﻤﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭼﺎﯕﺌﻪن ﻛﻮﭼﯩﺴﻰ دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ( دﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ۋەﺗﻪﻧﻨﯩﯔ ھﻪر ﺑﯩﺮ‬ ‫ﮔﯩﯿﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺗﻮﭘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻪدﯨﺮﻟﯩﻚ ﺗﯘﯾﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﺴﺎم‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻧﺴﯧﺮۋا‬ ‫ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﯾﯘرﺗﯘﻣﻨﯩﯔ ﺗﻮﭘﯩﺴﻰ ۋە ھﺎۋاﺳﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﭼﯩﻼپ‪ ،‬ﺋﺎﻏﺰﯨﻨﻰ ﻣﻪھﻜﻪم ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﻤﯩﺴﺎم‪.‬‬ ‫‪: NAZARY‬‬ ‫‪ -12‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺗﻮر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﯩﻼ ﺳﻮراي ‪ .‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ‪ cn‬ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﻛﯚرﯨﺴﯩﻠﻪر ؟ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺑﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖ ﺋﺎدرﺳﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟‬ ‫‪-13‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚي ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ھﻪل ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر ؟ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﯾﺘﺎق ﯾﺎﺷﺎش ھﺎرام ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‬ ‫)ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى ‪ ،‬ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﯾﺎرﺑﻪرﮔﻪن ﺋﻪھﯟاﻟﺪا (‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻘﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺷﯩﻤﯩﺰدە‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻر ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن )ﻗﺎﻻﻻﻣﺴﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﻣﺴﯩﺰ‬ ‫ﺑﯘ ﺗﯩﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪپ (‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ )ﺑﯩﯿﺠﯩﯔ( ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺷﻪھﻪر دﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼرﻣﯘ ﺷﯘ ﻏﻪﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎق‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى ‪.‬‬ ‫‪ -14‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﻪزى ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﺑﻪزى ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ‬ ‫ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر )ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪا ﺋﯜﮔﯩﻨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﯾﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن (‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Kokkaptar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪16:25 18-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯩﻠﯩﺘﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻪرزان ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺟﻮﯕﮕﻮدﯨﻦ ﻛﯚپ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﻪﯾﺪۇ ‪ .‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﺮﯨﻨﯩﯔ ﯾﻪرﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﺟﻮﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﯚﻟﻜﯩﻠﯩﺮﯨﺪەك‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯩﺴﯩﺰ ‪ ،‬ﭼﻮڭ ﺋﻪﻣﻪس ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯘﭼﺴﯩﻼ ﺋﯩﻜﻜﻰ ‪ -‬ﺋﯜچ ﺷﯩﺘﺎت ﺋﺎﺗﻼپ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﯘ دەﯾﻤﻪن ‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-9‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎراﯕﻼردا ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ۋاﻗﺘﯩﯖﻼردا‬ ‫ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪاش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮەر ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﯾﺎﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن؟‬ ‫ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺪى؟ ‪ ...‬ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺪﯨﯖﻼر؟‬ ‫)ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﻼردﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﺋﯚﺗﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ھﯧﻜﺎﯾﯩﺴﯩﻨﻰ ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈپ ﺑﺎﯾﺎن‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ(‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯚزەم ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪش ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﺧﯩﻼپ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮەر ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪) .‬ﺑﯘ ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﯾﺎۋروﭘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ (.‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪9‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن ﺋﻮرۇﻧﻤﯘ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺟﺎزاﻟﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﻪﻧﯩﻼ‬ ‫ﺗﯚۋەن ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻗﺎرا ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻣﮕﻪك ﻛﯜﭼﻠﯩﺮى ﻛﻪﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯘ ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﻤﺎﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ‪-11‬ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯩﺸﻼر ﻛﯚپ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎي‪ ،‬ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪاپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﻪﻧﺰۇ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﺪﯨﻦ ‪ 1-2‬ﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻼي‪:‬‬ ‫]‪ [1‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎن ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻢ ‪ 1‬ﺋﺎي ﻗﯩﺸﻠﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻞ‪ 3 ،‬ﺋﺎي ﯾﺎزﻟﯩﻖ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻻرﭼﻪ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻧﯿﯘ ﯾﻮرك‪ ،‬ﻟﻮس ﺋﺎﻧﺠﯧﻠﯧﺲ‪ ،‬ﺳﺎن ﻓﺮاﻧﺴﯩﺴﻜﻮ‬ ‫ﺷﻪھﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼر ﺋﺎﭼﻘﺎن رﯦﺴﺘﯘراﻧﻼردا ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯦﯿﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪا‬ ‫ﻗﻮرۇﻣﺎ ﻗﻮرۇﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ‪ 4‬ﺋﺎي ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ‪ 1‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﺎﻣﺪاﯾﺘﺘﻰ‪) .‬ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪا ﻛﺎﻣﯩﺪا ﺋﺎﯾﺪا ‪ 5،000‬دوﻟﻼر ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ‪ 7‬ﻛﯜن‪،‬‬ ‫ﻛﯜﻧﺪە ‪ 14‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻗﻮرۇﻣﺎ ﻗﻮرۇپ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق ﺗﻪﯾﯿﺎرﻻپ ﺋﯩﺸﻠﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪(.‬‬ ‫]‪ [2‬ﯾﺎش ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﺋﻪر‪-‬ﺋﺎﯾﺎل ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ‪ 150‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺷﻪھﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﭘﻪﻗﻪت ‪ 9‬ﺳﺎﺋﻪت دەرس ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪﭘﺘﯩﺪە ‪ 2‬ﻛﯜن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﻗﺎﻟﻐﺎن ‪ 5‬ﻛﯜﻧﺪە ﺷﯘ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﯕﮕﯘﭼﻪ رﯦﺴﺘﯘراﻧﺪا ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ‪ ،‬ﻛﯜﺗﻜﯜﭼﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ رﯦﺴﺘﯘراﻧﻐﺎ ﻣﯧﮫﻤﺎن ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺷﯩﺮەﮔﻪ ﺑﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﻧﯩﻤﻪ ﺗﺎﻣﺎق ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮراپ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪا‬ ‫ﭘﯩﺸﻘﺎن ﺗﺎﻣﺎﻗﻼرﻧﻰ ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻮﺷﯘپ ‪ ...‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼر‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ دﯦﯿﯩﺸﯩﭽﻪ ﺋﻪر‪-‬ﺋﺎﯾﺎل ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﺎﯾﺪا‪ ،‬ﺟﻪﻣﯩﺌﻰ ‪ 4،000-5،000‬دوﻟﻼر ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯘ رﯦﺴﺘﯘراﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺗﻮﻗﻼﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﻪپ‪ ،‬ﺋﯚي ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﯧﯖﻰ‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﻰ ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا ﺋﺎز‪-‬ﺋﺎزدﯨﻦ ﭘﯘل ﺗﯚﻟﻪپ‪ 4-6 ،‬ﯾﯩﻠﺪا ﺗﯚﻟﻪپ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﯾﯧﯖﻰ‪ 20،000 ،‬دوﻟﻼر ﺑﺎھﺎدﯨﻜﻰ ‪ HONDA ACCORD‬ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا ‪ 400‬دوﻟﻼر ﭘﯘل‬ ‫ﺗﯚﻟﻪپ‪ 5 ،‬ﯾﯩﻞ ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﺎن‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎرﻏﺎن‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ‬ ‫ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﯾﯩﺮاق ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﯾﺎھﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﯾﯜرەﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫)ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ‪ :‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر ‪-1‬دﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ‪-2 ،‬دﯨﻦ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺟﯧﻨﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن دﯨﮕﻪن ﺧﯩﯿﺎﻟﻨﻰ‬ ‫ھﻪرﮔﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎڭ‪(.‬‬ ‫‪: Nasin‬‬ ‫‪-15‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﺪە ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻜﻰ )ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ( ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼر؟‬ ‫‪-16‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪڭ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚزﻟﻪپ‬ ‫ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ؟‬ ‫)ﺑﺎﺷﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﻧﻮﻣﯘر ﻗﻮﯾﯘپ ﻗﻮﯾﺪۇم‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﭗ(‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:38 18-9-2008 :‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪10‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ -12‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺗﻮر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﯩﻼ ﺳﻮراي ‪ .‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ‪ cn‬ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﻛﯚرﯨﺴﯩﻠﻪر ؟ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺑﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖ ﺋﺎدرﺳﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟‬ ‫‪ DNS SERVER‬ﻧﯩﯔ روﻟﻰ ‪ www.bilik.cn‬دﯨﮕﻪن ﺋﺎدرﯦﺴﻨﻰ ‪ 123.234.112.132‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك )ﺑﯘ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯩﺴﺎل( ‪ Internet‬ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﯾﻼﻧﺪۇرۇپ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯘر‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﯾﻠﯩﻨﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ Internet ،‬ﻗﺎ‬ ‫ﺋﯘﻻﻧﻐﺎن ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺑﯘ ‪ IP‬ﺋﺎدرﯦﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯧﺘﯩﺮﻧﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﻜﻨﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎم‪ ،‬ﺗﻮر ﻛﯚرﮔﯜﭼﯜﻣﺪە ‪ www.bilik.cn‬دەپ ﻛﯩﺮﮔﯜزﺳﻪم‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺧﻪﻟﻘﺎراﻟﯩﻖ ‪ DNS SERVER‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ‪ CN‬ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ‪ DNS SERVER‬ﮔﻪ ﯾﻪﺗﻜﯜزﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯧﺘﯩﺮ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ‪ bilik‬ﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﭗ ‪ IP‬ﺋﺎدرﯦﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺗﯧﭙﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺷﯘ ‪ IP‬ﺋﺎدرﯦﺴﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯧﺘﯩﺮﻏﺎ ﯾﻮﻟﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﺋﻪھﯟال ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪.‬‬ ‫‪: Kokkaptar‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪17:38 18-9-2008 :‬‬ ‫‪ -12‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺗﻮر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﯩﻼ ﺳﻮراي ‪ .‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ‪ cn‬ﻧﺎﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﻛﯚرﯨﺴﯩﻠﻪر ؟ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘ ﻛﯘﻟﯘﺑﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎراﻟﯩﻖ ﺋﺎدرﺳﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟‬ ‫ﻣﻪن ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ‪ .‬ﺗﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻜﻰ روھﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺟﺎۋاب ﺑﯩﺮﯨﯟﯦﺮەي‪.‬‬ ‫ﻛﯘﻟﯘﺑﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﯩﺮﻻ‪.‬‬ ‫‪ CN‬ﺋﯩﺴﯩﻢ دۆﻟﻪت ﺗﻪۋەﺳﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪس‪ CNNIC ،‬ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﭼﻪﻛﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن راﯾﯘن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﺎﯾﺪا ﻧﻮرﻣﺎل زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ‪ CN‬ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ دۆﻟﻪت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﻧﺎﻣﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼرﻻ ﺑﯩﺮەﻟﻪﯾﺪۇ ﺧﺎﻻس‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪا ﺋﯚزۈم ﻗﯘرﻏﺎن ‪ DNS‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯧﺮ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﻰ ﻗﯩﺴﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 本地连接‬ﻧﯩﯔ ‪DNS‬‬ ‫ﯾﺎزﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﺋﺎﺷﯘ ‪ DNS‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﯾﺎزﻏﺎن ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯚزۈم ﻗﯘرﻏﺎن ﺗﻮر‬ ‫ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻗﯘرﻏﺎن ﺗﻮر ﻧﺎﻣﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ‪:‬‬ ‫‪www.XXXX.kokkaptar‬‬ ‫‪www.XXXX.gss‬‬ ‫‪ www.XXXX.tor‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺴﯩﻤﻼر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮﻻر ﻣﯘﺷﯘ دۇﻧﯿﺎدا ﯾﻮق ﺋﯩﺴﯩﻤﻼر‬

‫)ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﯩﻤﻼرﻧﻰ ﺋﯚزۈم ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻤﻪن‪(.‬‬ ‫ﻧﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻠﮕﯩﺮاف‬

‫ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ‪ DNS‬ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮﻻر زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎن ﺗﻮر ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪ .‬دﯨﻤﻪك ‪ DNS‬زﯨﯿﺎرەت ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ‪ DNS‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯧﺮﻧﯩﯔ ﺗﻪﯕﺸﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:38 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-13‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯚي ﺋﻮﭼﺎﻗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ھﻪل ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر ؟ ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻮﯾﺘﺎق ﯾﺎﺷﺎش ھﺎرام ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‬ ‫)ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى ‪ ،‬ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﯾﺎرﺑﻪرﮔﻪن ﺋﻪھﯟاﻟﺪا (‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯩﺘﯩﻤﻘﻰ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺷﯩﻤﯩﺰدە‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدﯨﻜﻰ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻗﯩﺰﻻر ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن )ﻗﺎﻻﻻﻣﺴﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﻣﺴﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪11‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘ ﺗﯩﺨﻰ ﺑﯩﺮ ﮔﻪپ (‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ )ﺑﯩﯿﺠﯩﯔ( ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺷﻪھﻪر دﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﯘﻟﻼرﻣﯘ ﺷﯘ ﻏﻪﻣﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎق‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى ‪.‬‬ ‫ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺑﻮﯾﺘﺎق ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪردە ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزى ﺑﻮﯾﺘﺎﻗﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯚز‪-‬ﺋﺎرا ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺗﻮي‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ﺋﺎۋال ﺋﯚزى ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ ۋە ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻖ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮﯾﺘﺎق ﺋﻮﻏﯘﻟﻼرﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﺋﯩﻨﻜﺎس ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻣﯘزاﻛﯩﺮە ﻗﯩﻼﯾﻠﻰ‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:38 18-9-2008 :‬‬ ‫‪ -14‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﻪزى ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﺑﻪزى ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﻟﯩﻚ‬ ‫ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ ﮔﯩﺮﯨﭙﺘﺎر )ﺟﻮﯕﮕﻮ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪا ﺋﯜﮔﯩﻨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﯾﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن (‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺗﻪﻟﻪپ ﯾﻮق‪ .‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺳﺎﻻﻣﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﯜپ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎت ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪا ۋە ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻨﻤﯘ ﺋﯘ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼرﻧﻰ ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﺳﻮراﭘﻤﯘ ﻗﻮﯾﻤﯩﺪى‪ .‬ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﺎرﺗﯘق ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﺎرﺗﯘق ﺋﺎۋارە ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-4‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﯚزۈﯕﻼر ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﯾﺎﻛﻰ ﺷﻪھﻪر )ﯾﺎﻛﻰ راﯾﻮن( ﻧﯩﯔ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻰ‬ ‫ﻧﯧﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﻣﻪن ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﺑﯩﺮ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ھﻪﻣﻤﻪ ﺳﺎھﻪ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻧﯧﻔﯩﺖ‪-‬ﺧﯩﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺋﯚﺗﻜﯜزﮔﯜچ‪ ،‬ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﯩﺮون‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎل‪،‬‬ ‫ﺋﯘﭼﯘر‪-‬ﺋﺎﻻﻗﻪ‪-‬ﺧﻪۋەرﻟﯩﺸﯩﺶ‪ ،‬ھﻪرﺑﻰ‪ ،‬دۆﻟﻪت ﻣﯘداﭘﯩﻪ‪ ،‬ھﺎۋا ﻗﺎﺗﻨﺎش‪ ،‬ﺋﺎﭘﺘﻮﻣﺒﯩﻞ ‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺳﺎﻧﺎﺋﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚز‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن‪ .‬دۇﻧﯿﺎﻏﺎ داﯕﻠﯩﻖ ‪EXXON-MOBIL, BP, SHELL, HITACHI, SAMSUNG,‬‬ ‫‪INTEL, AMD, HP, IBM, DELL, MICROSOFT, NOKIA, MOTOROLA, ,NEC‬‬ ‫‪T, &LOCKHEED-MARTIN, GM, BOEING, AT ,SIEMENS, APPLE, RAYTHEON‬‬ ‫‪ ... GE‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎرﻣﺎق ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرﯨﭙﻰ ﯾﻮق‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ۋاﺳﺘﯩﻠﯩﻖ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﻪﺗﻜﻪن ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ‬ ‫ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪﻟﯩﺮى ﻛﯚﭘﺮەك‪ ،‬ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﯾﯘﻗﯘرﯨﺮاق ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﻤﯩﻤﯘ ﻛﯚﭘﺮەك‪ ،‬ﺳﻮدا‬ ‫ﺟﺎﻧﻠﯩﻘﺮاق ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻤﯘ ﺑﺎﯾﺮاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ﺳﻪھﯩﯿﻪ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﺎش‪-‬ﺗﺮاﻧﺴﯩﭙﻮرت‪ ... ،‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺳﺎھﻪدە ﺳﯧﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Bbmbird‬‬ ‫‪ -17‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ‪ 40‬ﻧﻪﭼﭽﻪ دوﻟﻼر ﺧﻪﺟﻠﻪﭘﻼ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەش ﭘﯩﺮاۋﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪرزاﻧﻤﯘ ‪،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪ ،‬ﭘﯩﺮاۋا ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪12‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:52 18-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﻪﻧﭽﻪ ﺟﻮﯕﮕﻮدﯨﻦ ﻛﯚپ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﻪﯾﺪۇ ‪.‬‬ ‫ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﯜرۈﻣﭽﻰ‪-‬ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ‪ 2،000‬ﯾﯜﺋﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﯾﻪردە ‪ 200‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻠﺴﺎق‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ‪ 1000‬ﯾﯜﺋﻪن ) ‪170‬‬ ‫دوﻟﻼر ( ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ‪ 4،000‬دوﻟﻼر )‪ 25،000‬ﯾﯜﺋﻪن(‪.‬‬ ‫‪ Honda Accord‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ‪ 20،000‬دوﻟﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ‪ 5‬ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ‬ ‫‪ 广州本田‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ‪ 150،000‬ﯾﯜﺋﻪن دﯨﺴﻪك‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ‪ 13‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ!‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯜﭼﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ‬ ‫ﻛﯜﭼﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﯾﯘﻗﯘرى‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا ﺋﻮﺗﺘﯘرا ھﺎل ﺳﻪۋﯨﯿﻪدﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯚز ﯾﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﻢ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن دﯨﮕﻪن ﺷﺎﭘﺎﻗﻨﯩﯔ ﻧﻪرﻗﻰ ﺑﻮﻻپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺧﻪﻧﺰۇﻻرﻧﯩﯔ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪي‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺗﯘرﯨﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫‪: Serqut‬‬ ‫ﻣﺎۋۇ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻪك ﺋﻮﺑﺪان ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﻪﻛﻤﯘ رازى ﺑﻮﻟﺪۇم‪...‬‬ ‫‪ -1‬ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﺋﯘزۇن ﯾﻮﻟﻠﯘق ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ‪ 3‬ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻜﻰ ‪ 2‬دوﻟﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺧﻪۋەرﻟﯩﺸﯩﺶ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯘﻻﯕﭽﻰ دﯦﺴﻪك ﺑﻮﻟﻐﯘدەك‪.‬‬ ‫‪ -2‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت ﺋﺎﯾﺪا ‪ 1200‬دوﻟﻼر ﺗﯘرﻣﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻪرﺳﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﯘل ﺋﯚي ﺋﯩﺠﺎرﯨﺴﻰ‪ ،‬ﻗﻮرﺳﺎق‬ ‫ﻏﯧﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺷﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘز ﯾﻪرﮔﻪ دوﯕﻐﺎﯾﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن »ﻧﺎﻣﺮات ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﺎردەم ﭘﯘﻟﻰ«ﻧﻰ ﻗﻪﻟﻪﻧﺪەرﮔﻪ ﭘﺎرﭼﻪ ﭘﯘل ﺑﻪرﮔﻪﻧﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺗﺴﺎق ﺑﻮﻟﻐﯘدەك‪.‬‬ ‫‪ -3‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘس ﺑﯧﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪرزان ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪن ﻣﯘﺷﯘ ﯾﯧﺸﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﯘﻣﯘس ﻗﯩﻠﺴﺎم ﺑﻮﻟﻐﯘدەك!‬ ‫‪... -4‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، bbmbird :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 07:17 18-9-2008 :‬‬ ‫‪ -15‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ‪ 40‬ﻧﻪﭼﭽﻪ دوﻟﻼر ﺧﻪﺟﻠﻪﭘﻼ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەش ﭘﯩﺮاۋﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪرزاﻧﻤﯘ ‪،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪ ،‬ﭘﯩﺮاۋا ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﻣﻪن ‪ 7‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﭘﯩﺮاۋﯨﻨﻰ ‪ 20‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎن‪ 20 .‬دوﻟﻼر دﯨﮕﻪن ‪ 4‬زﯨﻖ ﻛﺎۋاﭘﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪13‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﭼﻮﻗﯘم ‪ 16-18‬ﯾﺎﺷﻼردﯨﻦ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯘﺷﻘﯘ دەﯾﻤﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺷﻪرت ﺷﯩﺘﺎﺗﻼرﻏﺎ ﻗﺎراپ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: DELL‬‬ ‫‪-18‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ﺋﯚﯾﯜﻣﺪە ‪ MB2‬ﻟﯩﻖ ﻛﻪڭ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ ‪ 108‬ﯾﯜەن ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ‪ MB5‬ﻟﯩﻖ ﺗﻮرﻛﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺪا ﻗﺎﻧﭽﻪ دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﺴﯩﺰ؟ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯩﯧﻨﺘﺮﻧﯩﺖ ھﻪﻗﺴﯩﺰﻣﯘ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DELL :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 07:26 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-18‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ﺋﯚﯾﯜﻣﺪە ‪ MB2‬ﻟﯩﻖ ﻛﻪڭ ﺑﻪﻟﺒﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ ‪ 108‬ﯾﯜەن ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ‪ MB5‬ﻟﯩﻖ ﺗﻮرﻛﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺪا ﻗﺎﻧﭽﻪ دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﺴﯩﺰ؟ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯩﯧﻨﺘﺮﻧﯩﺖ ھﻪﻗﺴﯩﺰﻣﯘ؟‬ ‫‪ 15‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ‪ 15‬ﯾﯜﺋﻪن دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Serqut‬‬ ‫‪-19‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﺎﺗﺎق‪ ،‬ﻣﯘﻧﭽﺎ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪﻟﯩﺮى ﺑﺎر‪ 80-60 ،‬ﻛﯟادرات ﻣﯧﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯚﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺠﺎرﯨﺴﻰ ۋە ﺗﻮۋار ﺋﯚي ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪە ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺶ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻜﻪن؟‬

‫ﺋﺎۋۇ ﭘﺮاۋﯨﺪﯨﻦ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ‪ 5000‬ﯾﯜەﻧﮕﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ ھﺎزﯨﺮ‪.‬‬ ‫‪: DELL‬‬ ‫‪-20‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ‪ TOEFL‬ۋە ‪ GRE‬دﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﺎر؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼرﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DELL :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 07:39 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-20‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ‪ TOEFL‬ۋە ‪ GRE‬دﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﺎر؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼرﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﻠﯩﻲ ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯚز ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش‬ ‫ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪﯾﻠﻪ‪-‬ﺳﺎﯾﺎھﻪت‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻰ‪ ،‬ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش‪ ،‬ﺳﻮدا ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪ ...‬ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﺪە ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ زۆرۈرﯨﯿﯩﺘﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫‪ TOEFL‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺳﻪۋﯨﯿﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ‪ GRE ،‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻻردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﺎۋال ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ‪-6‬دەرﯨﺠﻪ )‪ (大学英语六级考试‬ﺳﻪۋﯨﯿﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﻪﻧﻪ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫‪: Alip‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪14‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﺋﻪھﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ .‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻤﯘ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ۋە ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﺎۋاب‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﯩﺪۇ‪.‬ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ھﻪﻣﺮا ﺑﻮﻟﯘپ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻤﯘ ﺋﺎزراق ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﺘﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﺳﻪ‪.‬‬

‫ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺟﯧﻜﻨﯩﻤﯘ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻻﯾﻠﻰ!‬

‫‪: DELL‬‬ ‫ﺟﯧﻜﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﻤﯩﻜﯩﻦ دەﯾﻤﻪن‪ .‬ﺋﯘﭼﯘر ﻗﺎﯾﺘﯘرﻏﯩﺪەﻛﻤﯘ ۋاﻗﺘﻰ ﯾﻮق‬ ‫‪: Serqut‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘ ﭼﻮﻗﯘم ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺟﯧﻜﻨﯩﯔ ﯾﯘﻣﯘرﯨﺴﺘﯩﻚ ﺧﺎراﻛﺘﯩﺮﯨﻨﻰ ﯾﺎﻗﺘﯘرﯨﻤﻪن‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﯘھـــــــــﻒ‪ ...‬ﻣﻪن ﺑﯩﺮەر ھﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺟﺎۋاﭘﻨﻰ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﭘﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪى ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﺎرام ﺋﺎﻻي‪ .‬ﺳﯩﻠﻪر ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﻼرﻧﻰ‬ ‫داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺳﻮراپ ﺗﯘرﺳﺎﯕﻼر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺟﺎۋاپ ﯾﺎزاﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ‪ ،‬ھﻪر داﺋﯩﻢ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﻛﯚز‪-‬ﻗﯘﻻق ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭼﯜﺷﻜﻪن‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘپ ﺗﯘرﯨﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪا ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪي ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚﭘﺮەك ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺮەك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ۋاﻗﯩﺘﻼ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﺴﺎم‪ ،‬ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﻤﻪن‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ﺟﺎۋاپ ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎن ﺗﻮرداﺷﻼر‬ ‫ﻣﻪﯾﯜﺳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﯕﻼر‪ .‬ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺳﻮراۋﯦﺮﯨﯖﻼر‪.‬‬

‫ﻣﻪن ﺋﻪﻣﺪى ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ھﺎردۇق ﺋﺎﻻي‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﻪﻣﺪى ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﻗﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫‪: DELL‬‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜﺗﻜﺎ ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﻛﯚپ رەھﻤﻪت‪.‬‬

‫ﺋﺎۋال ﺋﻮﺑﺪان ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯔ‪ .‬ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺗﻪﯾﯿﺎر ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫‪: Jewlaniy‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DELL :‬ۋاﻗﺘﻰ‪21:39 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-20‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ‪ TOEFL‬ۋە ‪ GRE‬دﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﺎر؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚ ‪...‬‬ ‫دﯦﻠﻨﯩﯔ ﯾﯜرﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﺋﻮﺗﻰ ﯾﯩﻘﯩﻠﺪﯨﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟‬ ‫ﻣﺎۋۇ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺳﻮرﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺳﻮرﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪﯨﻤﯘ ﻧﯧﻤﻪ؟‬ ‫دﯦﻤﯩﺪﯨﻤﻤﯘ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﯜﺗﯩﯟاﺗﻘﺎن دەپ‪.‬‬ ‫ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى»ﻧﯧﻤﻪ دﯨﮕﻪن ﺟﯩﻖ ﺳﻮﺋﺎل ﺑﯘ « دەپ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﺪۇ ھﻪ؟‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﻣﻪن ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻼي‪ ،‬ﻣﻪن ﺳﻮرﯨﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺳﻮرﯨﻠﯩﭗ ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪....‬‬ ‫‪: Bihlan‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪15‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﯘﻧﭽﻪ ﺗﯧﺰ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺪۇ دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﺟﺎۋاﺑﻼر ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻧﺎ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﻧﻮﻣﯘرى ‪ 19‬ﻏﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ھﺎرﻣﺎي ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﻪل ﺋﻮﯾﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫‪-21‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯾﺎﻛﻰ داﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼردا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯾﻪرﻟﯩﻚ‬ ‫)ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ( ﻣﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯚﭘﺮەك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯾﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﻮزەك ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ‪ ...‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﻮﯾﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨﯿﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﯘرۇپ ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ھﻪرداﺋﯩﻢ ﭘﯘل ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺳﻮراپ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﯩﻜﺎر ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﯾﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ داﻟﯩﯿﯩﭗ ﻛﺎرﯨﯟاﺗﺘﺎ‬ ‫ﯾﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﯿﯩﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﯾﻮق ﭘﺎراﯕﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﺰەڭ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺑﺎر؟‬

‫‪-22‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪش‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 150‬ﻣﯩﯔ ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭘﯘل ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ھﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫‪-23‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺟﻪرﯾﺎﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ ‪ ....‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮدا ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ »دۆﻟﻪت ﻣﻪﻣﯘرﻟﯘق ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ« ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ھﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ ھﻪﻣﺪە ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﭘﯜﺗﯜن ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﻣﯩﻘﯿﺎﺳﯩﺪا »ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﺎزﯨﺮى« ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈﻟﯜپ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﯾﺎرﯨﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﯘم راﯾﻮﻧﯩﻤﯩﺰدا ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن‬ ‫»ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼش ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ« ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ھﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ھﻪﻣﺪە ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﻠﻪر ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯘﯾﺮۇپ‬ ‫ﺑﻪرﮔﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﻮش ﺗﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ‪ .‬دۆﻟﻪت ﻣﻪﻣﯘرﻟﯘق ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻨﯩﯖﻤﯘ زور ﻛﯚپ‬ ‫ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻧﺎھﯩﯿﻪ )ﺷﻪھﻪر‪ ،‬ﯾﯧﺰا‪-‬ﺑﺎزار( ﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪپ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ ھﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺪۇ؟ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪا ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺶ‬ ‫ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﯩﻠﻠﻪت‪ ،‬ﯾﺎش‪ ،‬ﻧﻮﭘﯘس ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﻰ ۋە دۆﻟﻪت ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﭼﻪك ﻗﻮﯾﯘﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫‪-24‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﻗﺎﯾﺘﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﯜك‬ ‫ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت )ﻛﻮﻧﻜﺮﯦﺖ( ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ )ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎراپ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪا‬ ‫ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯩﻤﯩﺰ( ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ دەرس ﺳﺎﺋﯩﺘﻰ ۋە ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﻠﻪر‪ ،‬ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻛﯩﺘﺎب‪-‬ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎل ﺳﺎﻟﻤﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺷﻪﻛﻠﻰ‪ ،‬ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ‪ ،‬ﺗﻪﺗﯩﻞ ۋە دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺑﺎﯾﺮام ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪16‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-25‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬دەﺳﻠﻪپ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻏﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﺰ ﺋﺎﯾﺮودروﻣﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ھﯧﭽﻜﯩﻢ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى دەپ ﻗﺎرﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‪ ،‬ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺋﯚﯾﻰ ﻗﻪﯾﻪردە‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﻗﻪﯾﻪردە‪ ،‬ﯾﺎﺗﺎق ﻗﻪﯾﻪردە‪ ،‬ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘس ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ‬ ‫ﻗﻪﯾﻪردە‪ ،‬ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ ﻗﻪﯾﻪردە‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ؟‪ ....‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯧﯖﯩﺮﻗﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼردا‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﯩﮕﻪ ﺗﺎﯾﯩﻨﯩﺪۇ؟‪ ...‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ‪ 118114‬ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺋﯘرۇپ ھﻪرﺧﯩﻞ ﺋﯘﭼﯘرﻻرﻏﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ 110 ،‬ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ‪ 120 ،‬ﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﯩﭗ دوﺧﺘﯘر ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﻮﭼﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪردﯨﻦ ﯾﻮل ﺳﻮراﺷﻘﺎ ﺋﺎدەﺗﻠﻪﻧﮕﻪن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻗﯘﻻﯾﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮەر ۋاﺳﺘﻪ ﺑﺎرﻣﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫‪-26‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﯚﯾﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪۇ؟‪ ....‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﺎﻻﻣﺴﯩﺰ؟‬ ‫دﯦﺮﯨﺰﯨﻠﻪرﮔﻪ ﺗﯚﻣﯜر رﯨﺸﺎﺗﻜﺎ ﺑﯧﻜﯩﺘﻪﻣﺴﯩﺰ؟ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﯩﺪەك »‪ .....«广汇花园小区‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻣﻪﺧﺴﯘس‬ ‫ﺋﺎھﺎﻟﯩﻼر ﺋﻮﻟﺘﯘراق راﯾﻮﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟ ﺑﯘ راﯾﻮﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻟﺘﯘراق ھﻮﯾﻼ ﭘﺎﺳﯩﻞ ﺗﯧﻤﻰ )رﯨﺸﺎﺗﻜﯩﻠﯩﺮى( ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‪.....‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ﺑﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪا دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪ :‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﺋﻮﻏﺮى‪-‬ﯾﺎﻧﭽﯘﻗﭽﻰ‪ ،‬ﺑﯘﻻﯕﭽﻰ‪،‬‬ ‫ﺗﯧﺮورﭼﻰ‪ ...‬دﯦﮕﻪﻧﺪەﻛﻠﻪردﯨﻦ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪر ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﯕﻐﺎن‪-‬ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧﻼرﻏﺎ ﺳﻮﻣﻜﯩﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ‪ ،‬ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ‪ ،‬ھﻮﯾﻼ دەرۋازﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﺎﻗﺎپ‪ ...‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺳﯩﺰ‬ ‫ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر ﯾﻮﻗﺘﯘ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘش ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﺎزادﯨﻤﯘ؟‬ ‫‪: DELL‬‬ ‫ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺑﯜرﻛﯜﺗﻜﺎم ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﭼﻪﻛﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪: Boghlan‬‬ ‫ﺋﺎﺟﺎﯾﯩﭗ ﺋﻪھﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯧﻤﺎ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫‪-27‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮت ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى ﺑﺎر؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ :‬ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮەرﺳﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﯾﺎﻛﻰ ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻣﺪۇ؟ ﻣﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫»ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش« ﺗﯩﻜﻰ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪،‬‬ ‫زﯨﯿﺎرەﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪ ،‬ﻧﯩﻜﺎھﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻦ ۋە ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪...‬‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ &‪;lt‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯚزى ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺷﯘﻧﺪاق دﯨﯿﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪن&‪ ;gt‬ﻛﯜرﯨﯟﯨﺪﯨﻢ‪ ( .‬ﺋﻪﮔﻪر‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻮﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪرﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ۋاﺳﺘﻪ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر؟‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎن‪ ،‬ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﯾﯩﺮﯨﺪە ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ "ﻣﯘﻧﺒﻪر ﺋﻮﯾﻨﺎش" ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﻢ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ‪ -‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺟﺎۋاپ ﺑﯩﺮەي‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﯾﻼپ ﻗﻮﯾﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ۋە ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ﻛﯚﭼﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺧﯩﺮﯨﺪارﻻر ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﻠﻮﮔﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ "ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﯾﺎﻻﯕﺌﺎﯾﺎق‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪17‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ"‪ " ،‬ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻜﻰ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻢ ھﻪم ھﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻢ" ‪" ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ھﺎراق ‪ -‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ'‪ " ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺳﻮرۇﻧﺪارﭼﯩﻠﯩﻖ"‪" " ،‬ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت" دﯨﮕﻪن ﺗﯩﻤﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼر‪.‬‬ ‫‪: Serqut‬‬ ‫ﺟﯧﻜﻤﯘ ﻛﻪﭘﺘﯘ ﻣﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺑﻠﻮﮔﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﯾﺎزﻣﯩﻼرﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯚرۈپ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ‪ ،‬ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯚرﮔﯜم ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻠﻮﮔﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻤﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﯾﺎي‪:‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﯾﺎﻻﯕﺌﺎﯾﺎق ﻛﯩﺮدﯨﻢ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻢ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﺎﻧﺪاﻗﻜﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ھﺎراق‪-‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ‬ ‫ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻻردا ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﺟﺎۋاﭘﻼر ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯘﻻر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ‪ 2‬ﯾﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻨﭽﻪ‬ ‫ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﺴﺎم ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪزﻣﯘن ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯘق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫· ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﯾﺎﻻﯕﺌﺎﯾﺎق ﻛﯩﺮدﯨﻢ ‪14-10-2006‬‬ ‫·‬

‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﺪۇم‪ .‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺑﯩﺮ ﺗﯘرۇپ ﺋﯜزەﻣﮕﯩﻤﯘ ﺋﺸﻪﻧﮕﯜم‬ ‫ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ رەﺳﻤﻰ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﭘﯜﺗﺘﯘرۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯜرۈپ ﻛﯜﯕﻠﯜم ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﺎ ﺑﻮپ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ‪.‬ﺋﻮ‬ ‫ﭼﺎﻏﻼردا ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ۋاﻗﯩﺘﻼر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﻟﻪردﯨﻦ ﺷﯘﻧﺪا‬ ‫ﺗﻪﺳﻠﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮر ﺋﺎدﯨﺮﺳﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻢ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺲ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ھﯧﺠﯩﻼپ ﺋﻮﻗﯘپ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺗﯘت ﯾﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺧﻪﻟﯩﻖ ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺳﯘﻧﺪۇرﻏﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﯿﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘش ﻛﻮﻧﺎ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﯾﻪﻧﯩﻼ "ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﻪر ﺋﺎﯾﺪا ﻣﺎﯕﯩﻤﻪن" دەپ ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬

‫ﺑﯘ‬

‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‬

‫ﺷﯘﻧﺪا‬

‫ﺟﯩﻖ‬

‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ‬

‫ﺋﺎﺗﺎ‬

‫ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ‬

‫ﻣﯩﻠﯿﻮﻧﯧﺮ‬

‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﮕﻪ ‪.‬ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﯜم ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯜز ﻛﻮي‬ ‫ﻗﻪرﯨﺰ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ . .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈش ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯩﻠﯿﯘﻧﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘش ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ﺷﯘﻻر ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﻟﯘم ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪۇرﺳﯩﻼ‬ ‫‪10‬ﻣﯩﯔ ﻛﻮي ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬دﯨﻤﻪك ﭘﯘﻟﯘم ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻻﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن‪ !! .‬ﺑﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪن ھﻪم‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻤﺪا زور ﺑﯘرۇﻟﯘش ھﺎﺳﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺳﻪۋەپ ﺑﯘﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ دەرﯨﺲ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﻧﯩﺸﺎﻧﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﯾﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﻼﻧﻼﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻗﺎﻧﺪاﻗﻼ ﻗﯩﭗ ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﯘن ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﻗﺎرارﯨﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﻣﯘﺷﯘ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﯾﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﺎﻧﺪا ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪا ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺘﯩﻢ‪ .‬ﮔﻪرﭼﻪ‬ ‫ﺋﯘﻻردەك ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﺪا ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﯩﻠﺪا ﺋﺎران‬ ‫ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪن ﺑﯘﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺗﯜﮔﻪﺗﺘﯩﯩﻢ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ "ﻣﻪن ﻛﯩﻠﻪر ﺋﺎﯾﺪا‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪18‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﻤﻪن" دﯨﯿﻪﻟﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻧﯩﺸﺎن ﺑﻪك ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯜزﯨﮕﻪ ﻣﺎس‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻧﯩﺸﺎﻧﻨﻰ ﺗﯘرﻏﯘزۇپ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻮﻏﺮا ﯾﻮل ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﯾﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻗﺎﭼﺎﻧﻼردا ﻣﯩﻨﯩﯖﺪە ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯧﻘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪرﻟﻪرﻧﯩﻤﯘ ﻛﯜرۈپ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﯩﺴﺘﯩﻜﻰ ﺑﻮپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﺧﻤﺎﯾﻤﻪن‪ .‬داﺷﯘﮔﻪ ﺋﯜﺗﯜپ ﺑﯩﺮەر ﯾﯩﻠﻼر ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﯘﻟﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﭘﻪن ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‪ ،‬ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪدە ﺋﻮرۇق ﺗﯘﻗﻘﺎن‪،‬‬ ‫ﺗﯘﻧﯘش ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ھﻪۋەس ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺷﯘﻧﺪا ﭼﻮڭ ﯾﻪردە ﺋﺎﻛﺎ ﺋﻮرۇق ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە زﯨﺮﯨﻜﺴﻪم ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇق‬ ‫ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻢ ﺗﯘﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﯾﻮق ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﻪزى ﺳﺎۋاﻗﺪاش ﯾﺎﻛﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻢ "ﻓﯩﺮاﻧﻜﯩﻔﻮرت ﺋﯘﻧﺪاﻗﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻛﯿﯘ ﻣﯘﻧﺪاﻗﻜﻪن‪" ،"،‬ﺋﺎﻛﺎم ﯾﺎﻛﻰ ﭘﺎﻻﻧﭽﻰ ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻢ ﯾﺎﭘﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﭘﺘﯘ" دەپ ﯾﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺴﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻧﯩﭙﯩﺰ ﯾﯩﻨﯩﻚ ﺋﯜﻧﻘﻮﯾﻐﯜﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﻢ ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﻼردا‬ ‫ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﯕﻼﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﻮﭘﺎل ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯜﻧﺌﺎﻟﻐﯘ ﺋﺎﻟﯩﻤﻪن دەپ‬ ‫‪ 150‬ﻛﻮي ﭘﯘل ﯾﯩﻐﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎي ﭘﯘل ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرەﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﻻر " ﺋﻮﻗﯘﺷﯘم ﭘﯜﺗﺴﻪ ﺋﺎﻛﺎم ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﺪى‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﯩﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﯩﺴﻪم ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ" دەپ ﯾﯜرﮔﻪﻧﺪە ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﺳﻪم ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﯘﻗﻤﺎﯾﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە "ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪا ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎزراق ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﺴﺎم ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯜزەﻣﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ دەپ‬ ‫ﺋﻮﯾﻼﯾﺘﺘﯩﻢ" ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﺎھﺎﻧﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎچ ﺗﯘﻧﯘش ﺋﯩﺰدﯨﮕﻪﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﺎﭘﻘﺎﻧﻤﯘ ﺑﯘﻟﺪۇم‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﯘﻏﻪﻣﺒﻪرﻟﻪرﭼﻪ ﭘﯘزﯨﺘﺴﯩﯿﺴﻰ‪" ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﺑﻪك ﺗﻪس‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘدۇم دﯨﮕﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﯾﻪردە ﺋﻮﻗﯘﯾﺎﻟﯩﺸﯩﯔ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ" دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﯩﻨﻰ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺗﺎ‬ ‫ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﺳﺎق ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎھﺎﻧﻪ ﺳﻪۋەﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯜﯾﯩﮕﻪ ﺑﺎرﺳﺎق ﺗﯧﺨﻰ ﻗﯘرۇق‬ ‫ﻗﻮل ﺑﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼر ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻏﯘرۇﻏﯘﻣﻐﺎ ﺗﻪﻛﻜﻪﻧﯩﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻻردﯨﻦ ﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪا ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﭼﯩﻘﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻢ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا‬ ‫ﺑﯩﺮەر ﯾﻮل ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺴﺎ دﯨﮕﻪن ﺋﯜﻣﯩﺘﺘﻪ ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎدەم ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯘﻧﺪاق ﯾﻮل‬ ‫ﻛﯜرﺳﻪﺗﻤﯩﺪى‪.‬‬

‫ﺋﯘﻧﻰ‬

‫ﺑﯩﺮ‬

‫ﺗﯘﺗﻘﯩﻠﻰ‬

‫ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‬

‫ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﺪﯨﻜﻰ‬

‫ﺋﺎﯾﻐﺎ‬

‫ﺋﻮﺧﺸﯩﺘﯩﭗ‬

‫ﻣﯩﻨﻰ‬

‫ﺋﯜﻣﯩﺘﺴﯩﺰﻟﻪﻧﺪۈردى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯩﺮەرﯨﻨﻰ ﭼﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﭘﺘﯘ دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻣﯘﻏﻪﻣﺒﻪر‪،‬‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻛﯜزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﺧﻮر ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﻛﯜز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﯾﻮﻟﯩﻤﯩﺪﯨﻢ ھﻪم ﺋﯩﺰدﯨﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﻮﺧﺴﺎم ﺑﯘ ﯾﻮﻟﺪا ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﯾﺎﻟﯟۇرۇش ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﻮرۇق ﺗﻮﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺑﺎي ﺑﻮﻟﯘش ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺸﻼ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن ﺧﺎﻻس‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﯾﯜرۈپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﺎزﯨﺮﻻش ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺶ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎر ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﻐﺎ ﺳﻮزۇپ ﯾﯜرۈپ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺋﻮﯕﯜﺷﻠﯘق ﺋﯘرۇﻧﻼپ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﻮھ دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﯾﺎﯾﻐﯘم ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﺎراﻟﯩﻖ ﯾﯩﻐﯩﻨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎرﯨﻤﻪن دەپ رەﺳﻤﯩﯿﻪت ۋاﺧﺘﯩﺪا ﭘﯜﺗﻤﻪي ﺑﺎراﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫‪--6‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﺎرﻟﯩﻖ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﯜﺗﻜﻪن ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺗﯘﯾﯘﻗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎرﺳﺎڭ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ دەپ ﺗﯘﺗﯘۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﺑﯩﺠﯩﺮﮔﻪن رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﯾﺎﻟﻐﺎن ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ھﯩﺴﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﻣﻪن ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪19‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﯩﯖﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﯩﺮ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﯾﯩﯖﻰ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪردى‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﯘﯾﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯘپ ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻜﻪ ﯾﯩﻐﯩﻠﺪۇق‪ .‬ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﺋﻪھﯟاﻟﻼﺷﺘﯘق‪ ،‬ۋاﺧﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮدۇل ﻛﻪﻟﮕﯩﻨﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻣﯩﯖﯩﺸﻘﺎ‬ ‫دﯨﯿﯩﺸﺘﯘق ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮى ﭼﯩﯖﺨﯘا داﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ‬ ‫ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ دﯨﯿﯩﺸﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﯩﻠﻪت ﺋﯧﻠﯩﺶ ‪ ،‬ﺳﻪﭘﻪر ﯾﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇش دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺳﻪﻧﻼ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯩﻦ دەپ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ھﺎۋاﻟﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪-8 .‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺗﺎڭ ﺳﻪھﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرﯨﻤﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺗﺎﻣﯘژﻧﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯘرۇﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘردۇم‪ .‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺗﻮﻛﯿﯘدا ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺮۇوﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺘﯘق‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺗﻮﻛﯿﯘ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻰ‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻨﯩﯖﻜﯩﺪەك ھﻪﯾﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯜرۈﻧﻤﯩﺪى‪ .‬ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪﯨﻢ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺑﻮﻟﻜﯩﯟاي دەك ﻣﺎﺷﻨﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﺷﯘﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯘﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻛﯜزۈﻣﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﯩﺪى‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻨﯩﯔ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﻧﺌﻰ ﯾﻮل ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭙﻼ‬ ‫ﺋﻮدۇل ﺋﺎﯾﺮۇﭘﻼﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪن‪ .‬ﭼﯩﻘﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪا ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ‪ 8-7‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯘﭼﯘپ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺳﯩﺌﺎﺗﯩﻞ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﺧﺘﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯘﻟﻜﯩﯟاﯾﺪەك ﻣﺎﺷﻨﯩﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻐﺎ ﺗﻮﺷﯘدى‪ .‬ﺋﺎﯾﺮۇرۇدۇرۇﻣﺪا ﻗﺎرﯨﺴﺎم ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪردە ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺧﻪﺗﻠﻪر‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪر‬ ‫ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪھﯟاﻟﺪدﯨﻦ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺑﯘ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪا ﺧﻪﻧﺰۇﻻرﻣﯘ ﺟﯩﻖ ﺋﯜﺗﯜﺷﯜپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﺋﯘزۇن ﺗﻪﻛﺸﯘرۇﺷﻠﻪر‪ ،‬ﺗﺎﻣﯘژﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜﺷﻠﻪر ﺑﺎﺷﻼﻧﺪى‪ .‬ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻜﯩﺪە‬ ‫ﺋﯘزۇن رەﺗﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻠﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫دوﺳﺘﺎﻧﻪ "ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻧﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﯨﺴﯩﺰ" دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯘﺋﺎل ﺳﻮراﻗﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯜﺗﯜپ‪ ،‬ﻧﻪرﺳﻪ ﻛﯩﺮەﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﺗﻪﻛﺸﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪردﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜپ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﺮﯨﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯧﻐﯩﺰﯨﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪﻣﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ زﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ رەﺳﻤﻰ ﻗﻪدەم ﺑﺎﺳﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻗﻮﻟﯘﻣﺪا ﭼﻮڭ ‪32‬‬ ‫ﻛﯩﻠﻮﻟﯘق ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﭼﺎﻣﺎدان‪ ،‬ﻣﯘرەﻣﺪە ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﺮﯨﻘﻰ ﭼﯩﻘﯩﺶ‬ ‫ﺋﯧﯩﻐﯩﺰﯨﺪا ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﻣﻜﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﻰ‬ ‫ﻛﯩﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻧﻮردﯨﻦ ﺋﯜﺗﻜﯩﺰﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﻗﻮﯾﯘپ ﻗﻮﯾﯘپ ﺳﯩﺰ ﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﺎﯕﯩﺴﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﮕﻨﺎل ﭼﯩﻘﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎدەم ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻛﺸﯘرۇش ﺋﻪﺳﯟاﺑﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰ ﯾﯧﻨﯩﯖﺰدﯨﻜﻰ ﺋﺎﭼﻘﯘ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯜﻣﯜر ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺑﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺷﯘ ﺳﯩﮕﻨﺎل ﺗﻮﻻﺷﻘﺎ ﺳﻪۋەپ‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎن ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘ ﺗﻪﻛﺸﯘرﮔﻪن ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻛﯜرﺳﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﻨﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﺳﯩﮕﻨﺎل‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﯩﻐﯘﭼﻪ ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺌﺎﺗﯩﻠﺪا ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﺗﻜﯜزۇﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇﻧﻼ ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﯩﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻛﺸﯘرﮔﻪﻧﺘﻰ ﺳﯩﮕﻨﺎﻟﻰ ﺗﻮۋﻻپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﯾﺎﻧﭽﯘﻗﻮﯕﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟەت دەپ ﺑﯩﺮ ﺳﯩﯟەت ﺑﻪردى‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻦ "ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﯖﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﯘﯕﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ" دەپ ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﺎ روﺧﺴﻪت ﻗﯩﻠﺪى‪.‬‬ ‫ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎرﻣﺎق ﺋﯩﯩﺰى ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎن دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮەك دەپ ﺗﻮﻏﺮا ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪن ﺑﯘﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﻣﻪﺳﺨﯩﺮە ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﺸﻪﻧﻤﯩﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯘﯾﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ "ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەي ﺗﻪﻛﺸﯘرۇﯕﻼر ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﻨﻦ ﻣﻪن ﻛﯩﯿﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎي " دﯨﺴﻪم‬ ‫ﺋﯘﻻر "ﺑﯘ دﯨﮕﻪن ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺷﯘ ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮەك" دەپ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﺎﻣﺎل ﯾﻮق ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪20‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ۋاﺧﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎۋاﯾﻼپ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﻤﺰﻏﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘرۋﯦﻠﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﮕﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯜﺗﯜپ ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻛﯩﯿﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﻟﺘﯘﻏﯘﻣﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇپ ﺑﯘ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻘﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﺋﯜﺗﯘپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ زﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ رەﺳﻤﻰ ﻗﻪدەم ﺗﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ زﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﻨﻰ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯘﻣﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇپ ﯾﺎﻻﯾﺌﺎﯾﺎق ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺷﯘ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﻛﯜرۈﻧﯘﺷﻨﻰ‬ ‫ﻛﯜز ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﻼرﻏﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﺳﻪﯕﻠﻪر ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎرﺳﯩﺰ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﯩﺘﯩﺴﯩﻠﻪر‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪا ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ‬ ‫ﻛﯜﻟﯜپ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ زﯨﻤﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﻪدەپ ﺑﺎﺳﺘﯩﻢ‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼر ‪ 911‬دﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ھﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮورﭼﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪا ﺷﯘﻧﺪا‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻟﻮس‬ ‫ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺴﻘﺎ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﯘ ﯾﻪردە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭼﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯘرەﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺨﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺗﻪﻛﺸﯘرۈش ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺧﯘددى ﺟﯩﻨﺎﯾﻪﺗﭽﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﻮﻟﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﺰ ﻛﯜﺗﻪرﺗﻜﯜزۈپ ﺋﯜﺗﻜﯜزﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺧﯩﻞ ﺧﻮرﻟﯘق ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫)ﺑﯘ ﯾﺎﻣﺎ ﺋﯜﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﻰ ﺧﯧﻠﻠﻮﻻﯾﯩﻔﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯜھﺒﻪت دﯨﮕﻪن ﺗﻪﻛﻠﯩﯟﯨﮕﻪ ﺑﯩﻨﺎﺋﻪن ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن‪.‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﻣﻪن ﺑﻪك ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش‪ ،‬ﯾﯩﻘﯩﻨﻼردا ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ ﯾﺎزاﻟﻤﺎﯾﻤﻪن‪.‬ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﻼردﯨﻦ ﭘﺎرﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﺎﭘﻼپ ﻗﻮﯾﺪۇم‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺟﯩﻖ ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯜﻟﻪﻛﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯜﻟﯜپ ﭼﺎﭘﻼپ ﻗﻮﯾﯩﻤﻪن(‬ ‫· ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻢ‬ ‫·‬

‫‪23-10-2006‬‬

‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻢ‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪﯨﻢ ﭼﯩﻘﯩﭗ دەﻣﻤﯘ ﺋﺎﻟﻤﺎي ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘردۇم‪.‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻦ ‪ 40‬ﻣﯩﻨﻮﺗﻠﯘق ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﺪا ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪردە ﺋﯩﺪى‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮ دەﻣﺪﯨﻼ ﻧﯩﺸﺎﻧﻐﺎ ﯾﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﯾﻪرﻟﯩﻚ ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺳﺎﺋﻪت ‪ 11‬ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻰ ﺑﻪك ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪﯨﻢ ﭼﯩﻘﺴﺎم ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ‬ ‫رەﺋﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﻠﻪن ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻛﯜرۈﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪپ ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎن ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻨﯩﯔ ﺋﯜﯾﯩﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﯾﯘپ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﺋﯩﺰدەپ ﯾﺎردەم ﺳﻮراپ ﺗﻮردا ﺋﯩﻼن ﺑﻪرﺳﻪم ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎۋاﻗﺪاش "ﻣﯩﻨﯩﯖﻜﯩﺪە ﺑﯩﺮەر ھﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺗﯘرۇپ ﺗﯘرۇڭ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﺎﭘﺎدا ﯾﺎﺗﯩﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻛﺎرۋات ﯾﻮق" دەپ ﺟﺎۋاپ ﺧﻪت ﻗﺎﯾﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪن " ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ‬ ‫ﻛﯜن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ داق ﯾﻪردە ﯾﯧﺘﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎﻣﻤﯘ ﻣﻪﯾﻠﻰ‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﺪا ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﻛﯜﻧﯜك" دەپ ﺟﺎۋاپ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﯘرﻏﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ ﺋﯜﯾﺪە ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ‬ ‫ﻛﯜرۈﺷﺘﯘق‪ .‬ﺑﯩﻜﺎر ﺑﯩﺮ ﺋﯜﯾﻨﻰ ﻛﺎرﯨﯟات ﻗﻮﭘﯘپ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻻپ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‪ .‬ﻛﯜپ رەھﻤﻪت ﺋﯩﯿﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﯩﺮەي ﻧﯩﻤﻪ ﯾﯩﮕﯘﯕﯩﺰ ﺑﯘﻟﺴﺎ دەڭ دەپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﺎزﯨﻨﯩﺪا ھﻪرﺧﯩﻞ ﮔﻮﺷﻠﻪر ﻗﻮرۇﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ "ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﻤﺎي ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪم ﺑﺎر" دەپ ﻣﺎﯕﺎر ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا ﺋﺎﻧﺎم‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺴﺎم ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﯾﺎﻏﻠﯩﻖ ﺗﻮﻗﺎﭼﻼرﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﺎﭼﺎﻣﺪا‬ ‫ﭼﺎي دەﻣﻠﻪپ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻧﺎﻧﻨﻰ ﭼﺎﯾﻐﺎ ﭼﯩﻼپ ﯾﯘﻣﺸﯩﺘﯩﭗ ﯾﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﻧﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻣﻪن ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا ﯾﯩﯿﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺗﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ‪ 3‬ﻛﯜن ﯾﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﻣﻪن ﺧﯩﯿﺎﻟﯩﻤﺪا ﺑﯘ ﯾﻪرﻟﻪرﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪەك‬ ‫ﺧﯩﯿﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ "ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺴﺎﻣﻼ ھﻪرﺧﯩﻞ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼر ﺑﺎر‪ ،‬ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﭼﻮﻗﯘم ﭼﯩﻘﯩﺪۇ"‬ ‫ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﯿﻪر ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﻪڭ ﺋﻪرزان‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪21‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺟﯩﻖ ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻼﺷﻘﺎن راﯾﯘﻧﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‪ ،‬دوﻛﺎن ﭼﺎﻏﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر‬ ‫ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﻮﯕﻐﺎ ‪ 20‬ﻣﯩﻨﯘت‪ ،‬ﺳﻮﻟﻐﺎ ‪ 20‬ﻣﯩﻨﯘت ﻣﯧﯖﯩﭙﻤﯘ ﺑﯩﺮەر ﺗﺎل دوﻛﺎن ﯾﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﻪرﺳﻪ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﻛﯜرەرﻟﯩﻜﯩﮕﻪ رەھﻤﻪت ﺋﯧﯿﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ‬ ‫ﻛﯜﻧﯩﻤﯘ ﻣﻪن ﺑﯘ ﻧﺎﻧﻼرﻧﻰ ﯾﻪۋەرﺳﻪم ﺋﯘ ﻗﯩﺰ زﯨﺮﯨﻜﯩﭗ "ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﯾﻪۋەرﺳﻪڭ ﻛﯩﺴﻪل ﺑﻮپ ﻗﺎﻟﯩﺴﻪن‬ ‫" دەپ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﭽﻰ ﺋﺎﻏﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ۋە ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﺎزارﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎزان ﻗﯘﻣﯘچ‪ ،‬ﺳﻪي ﻛﯜﻛﺘﺎت دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﻪﻟﺪۇق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﻧﯩﻤﻪ ﺗﺎﻣﺎق ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻤﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﻤﺎﯾﺘﺘﯩﻢ‪.‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪن‬ ‫ﺗﺎﻛﻰ ﺷﯘ ﯾﯧﺸﯩﻤﻐﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎزان ﺑﯧﺸﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯜﻣﯜچ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﺎﻣﺎق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﻛﯜﻧﻰ ﺳﻪﯾﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮﻏﺮاۋاﺗﺴﺎم ﻗﻮﻟﯘم ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯜرۈپ ﺋﯘ ﻗﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﻮﻟﺪﯨﺸﻰ ﺑﯩﺮ دەم‬ ‫ﻣﯩﻨﻰ زاﯕﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﺎﺧﭽﺎق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎﻧﺪا ﺳﻪي ﻗﻮرۇﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺑﯧﺸﯩﻤﺪا ﻗﺎراپ‬ ‫ﺗﯘرۇپ ﺋﯜﮔﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻤﺪا ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯜزەم ﭼﯜﻣﯜچ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﺎﻣﺎق ﺋﻪﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻗﺎﯾﺘﺴﺎم ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﯾﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪت ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﭘﺎراڭ ﺳﯧﻠﯩﺸﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯘ‬ ‫"ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﯔ‪ ،‬ﺋﻪﺗﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﻪن ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﯾﺎي" دەپ ﺋﯘزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﯾﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ھﺎرﻏﯩﻨﻠﯩﻖ ﯾﻮﻗﺎپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪى‪ .‬ﺋﻮﺧﻼي دەپ ﺑﯩﺮدەم ﯾﺎﺗﺴﺎم ﺋﻮﯾﻘﯘم ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺳﺎﺋﻪت ‪2‬ﻟﻪر ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ .‬ﭼﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻤﯘ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜرۈپ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﻤﯘ دەپ ﻗﯩﺰزﯨﻘﺴﯩﻨﯩﭗ ﺋﯘ ﻗﯩﺰﻧﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﺷﯘﻧﺪا دﯨﺴﻪم "ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻪك‬ ‫ﯾﯩﺮاق‪ ،‬ﭘﯩﯿﺎدە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﯾﺴﻪن‪ ،‬ﺋﻪﺗﻪ ﺑﯩﺰ ﻣﺎﺷﻨﯩﺪا ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﯾﺎﯾﻠﻰ دﯨﺪى " ‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﯾﻮل دﯨﺴﻪم‬ ‫"ﭘﯩﯿﺎدە ﻣﺎﯕﺴﺎڭ‪ 40‬ﻣﯩﻨﯘﺗﻼردا ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯘﻻرﺳﻪن" دەﯾﺪۇ‪" .‬ﺋﯘﻧﺪا ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﯾﯩﺮاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن" دەپ‬ ‫ﺗﯘرۋاﻟﺴﺎم " ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ‪ ،‬ﯾﻮﻟﺪا ﯾﯜﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪڭ ﻣﺎۋۇ ﻧﯘﻣﯘرﻏﺎ ﺗﯧﻞ ﻗﯩﻞ‪ ،‬ﻗﺎﯾﻤﯘﻗﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎڭ ھﻪرﻗﺎﻧﺪا‬ ‫ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﺳﻮرﯨﺴﺎڭ ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ " دەپ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺟﯩﻜﯩﻠﻪپ ﯾﻮﻟﻨﻰ ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪى‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜﯾﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﯾﻮل ﯾﺎﻗﯩﻼپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪ 10 .‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘت ھﻪﻣﻤﻪ‬ ‫ﯾﻪرﮔﻪ ھﺎﯕﯟﯦﻘﯩﭗ ﻗﺎراپ ﻣﺎﯕﺴﺎم ﺑﯩﺮﻣﯘ ﭘﯩﯿﺎدﯨﻠﯩﻚ ﺋﻮﭼﺮاﺗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭼﺎ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﯾﺎﻗﻘﺎ‬ ‫ﻗﺎﯾﺮﯨﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﻗﺎرﯨﺴﺎم ‪ 60-50‬ﻣﯩﺘﯩﺮ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﺑﯩﻜﯩﺘﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪردە ﺋﯩﻜﻜﻰ‬ ‫ﻣﻮدا ﻗﯩﺰ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻻردﯨﻦ ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﺎي ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﺸﻐﺎ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﺸﻤﮕﻪ ﺋﯘﻻر ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ " ﺧﯧﻠﻠﻮ" دﯨﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻏﻪﻟﯩﺘﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻨﺪى‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯘﻧﯘﺷﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﯩﺮ ﯾﻪردە ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪت ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘرۇپ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﯩﻤﻪ ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﺎﻗﻤﯘ ﻗﻪﺗﺌﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻣﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻼﺷﻤﺎﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺳﺎﻻم ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﻪﻧﻤﯘ ھﻪ دەپ‬ ‫ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﺳﺎﻻم ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻤﻨﻰ دﯨﺴﻪم " ھﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻣﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردا‬ ‫ﺑﯩﺮدەم ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘس ﺳﺎﻗﻼپ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ‪ ،‬ﭘﯩﯿﺎدە ﺑﺎرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺑﻪك ﯾﯩﺮاق " دﯨﺪى‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﭘﯩﯿﺎدا‬ ‫ﺑﺎرﻏﯘم ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻻر ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻏﻪزﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۇردى‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺧﯧﻠﻰ‬ ‫ﻣﯘرەﻛﻜﻪﭘﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺴﺎم ﻛﯩﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮراﯾﻤﻪن‪" .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ‪ ،‬ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزﻏﯩﻼ ﭼﯩﻘﺎي" دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺳﻮرﯨﺴﺎم ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزﯨﻤﯘ ﺗﻪﯕﮕﻪ ﺗﺎﺷﻼﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪن‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰﻛﻪن ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪﻧﺪە ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺗﻪﯕﮕﻪ ﻧﯩﻤﯩﺶ ﻗﯩﻠﺴﯘن ‪.‬‬ ‫ﯾﯧﻨﯩﻤﺪا ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﯾﯘﺷﯘرۇپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ‪ 100‬دوﻟﻼرﻟﯩﻖ ﭘﯘﻟﻼر ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫"‪،‬ﻣﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ دوﻟﻼرﻟﯩﻖ ﭘﯘل ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ ،‬ﺋﻪاڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﭘﯩﯿﺎدﯨﻼ ﺑﺎراي" دﯨﺴﻪم ﺑﯩﺮﺳﻰ ﯾﯧﻨﯩﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘرۇپ‬ ‫"ﻣﻪﻧﺪە ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﻣﻪن ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﻮﯾﺎي" دﯨﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﺳﺎﻗﻠﯩﺪۇق‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺗﻪﺗﯩﻞ‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ھﻪر ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ۋاﺧﺘﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ھﻪر ‪ 15‬ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪22‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪر ﺑﯩﻜﻪﺗﻜﻪ ﺳﺎﺋﻪت ﻧﻪﭼﭽﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﻮت ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﻛﯩﻠﯩﺪۇ ﺋﯩﻨﯩﻖ ۋاﺧﺘﻰ‬ ‫ﺑﺎرﻛﻪن ھﻪم دەل ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻻر ‪ 35‬ﺋﯜﺗﻜﻪﻧﺪە ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﻛﯩﻠﯩﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﺘﻰ ﻧﻪخ ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزﻧﻰ ‪ 20‬ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﻪك ﺳﺎﻗﻠﯩﺪۇق‪ .‬ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯘﭼﻪ ﺋﯘﻻر ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ "ﯾﯩﯖﻰ ﻛﻪﻟﺪﯨﯖﯩﺰﻣﯘ " دەپ ﺳﻮرﯨﺪى‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺴﻘﯩﻼ ﺳﯩﯜھﺒﻪت ﺑﺎﺷﻼﻧﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻردﯨﻦ ﺳﻮرﯨﺴﺎم ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻗﻪﯾﻪرﻟﯩﻜﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺴﺎم " ھﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺗﯜرﻛﯩﯿﻪدﯨﻦ " دﯨﮕﻪﻧﺘﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺧﻮش ﺑﻮپ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺗﻮۋۋا‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﭘﺎراﯕﻼﺷﻘﺎن ﺋﺎدﯨﻤﯩﻢ ﺗﯜرﻛﻜﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﻮرﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ "ۋاي ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺗﯘرك ﺑﯘﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻮﯾﻐﯘر ﯾﻮرﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ" دﯨﺴﻪم ﻗﯩﺰﻻر ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﺮاق دﯨﺴﻪم " ۋوي ﺑﯩﻠﺪۇق ‪ ،‬ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎرﯨﺦ دەرﺳﯩﺪە ﺋﯜﺗﻜﻪن‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻪﺟﺪادﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺴﯩﻠﻪر" دەپ ﺋﯘﻻر ﻣﻪﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮاك ﺧﻮش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯜزﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘر ﭼﺎﻗﻨﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎراﯕﻐﺎ ﭼﯘﺷﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯘق‪ .‬ﻣﻪن ﺟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮراپ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن‪،‬ﺋﯘﻻرﻣﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ‬ ‫ﺟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﻮراپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﮔﯩﭙﻰ ﭼﻘﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﺎرﻛﺎﻧﻤﯘ ﻗﺎﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘ ﭘﺎراﯕﻼﺷﻘﺎﻧﭽﻪ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇز ﻣﯘ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪى‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ﺑﺎردۇق‪ .‬ﯾﻮل ﺑﻮﯾﻰ ﻧﺎھﺎﯾﺘﻰ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯘﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯘﻻر ﻣﻪن ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯜﻧﯜﻟﯜﺷﻨﻰ ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﯩﻦ ﻣﯖﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﯕﺸﻪﻟﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎز‬ ‫ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘﻟﺴﺎ "ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻮﺳﯘﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر" دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﭼﯩﺮاﯾﻰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻗﯘرۇﻟﯘپ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺧﯘددى ﻣﻪن ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك‪ .‬ۋە ﺑﯩﺮ دەم ﺗﯘرۋﯦﻠﯩﭗ " ﺑﯩﺰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﯧﻠﻔﯘن‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯾﻤﯩﺰ‪ .،‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻼر ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻣﺎۋۇ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻜﻪ ﺧﻪت ﯾﯧﺰﯨﯔ " دەپ ﺑﯩﺮ ﺋﺎدﯨﺮس ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺷﯘۋاﺧﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﭼﯩﺮاي ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺧﯘددى ﺑﯩﺮﺳﯩﺪﯨﻦ ﯾﯩﺮﮔﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺧﻪت ﯾﺎزﻣﯩﺪﯨﻢ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﯾﻪردﯨﻤﯘ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮاﺗﯩﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯩﻠﺴﻪم ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﺎدﯨﺮﺳﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺗﯧﻠﻔﯘن ﻧﯘﻣﯘرى دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯘﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﺳﻮرﯨﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺶ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزدﯨﻦ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﯩﯿﺎﻟﯩﻖ ﭼﯩﺮاي ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﻛﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﺎﯕﻐﺎچ ﺳﺎﻻم ﻗﯩﻠﺪى‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻗﺎﯾﺘﯘردۇم‪ .‬ﺳﯩﺰ ﻗﻪﯾﻪرﻟﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺴﯩﺰ دﯨﺴﻪم ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻦ دﯨﺪى‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ دﯨﺴﻪم ﺋﺎدەم ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﺎڭ دەﯾﺪۇ‪ .‬راس دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﺳﻪم ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﺪى ۋە‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪت ﺑﯘرۇن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺗﯧﻞ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎزراق ﺋﯩﺸﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ دەپ ﻗﻮﯾﯘپ "ﻣﻪن ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯜﮔﯜن ﯾﺎردەم ﻗﯩﻼي‪ ،‬ﻣﯘﺗﻘﺎ " دەپ ﺗﻪﯾﯿﺎر ﺑﯘﻟﺪى‪ .‬ﻣﻪن‬ ‫ﻛﯜپ رەھﻤﻪت ﺋﯧﯿﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﯩﺠﯩﺮەي دﯨﮕﻪن‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻼﯾﻠﻰ دﯨﺴﻪم ھﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دەپ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﺎ ﺑﯩﺠﯩﺮدۇق‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜﮔﯩﺪى دەﯾﺪۇ‪ .‬ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﯘدا‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭼﻮڭ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﻏﻪزﻧﻰ ﺗﯘﺗﻘﯘزۇپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯩﭽﯩﺪە ‪ 15‬ﻛﻪ ﯾﯩﻘﯩﻦ‬ ‫ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﺎﺳﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﺑﺎر‪ .‬ھﻪر ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﯘر ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﯜﭼﺮەﺗﺘﻪ ﺗﯘرۇپ ﺋﺎران ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﻟﻪپ ﺗﺎﻣﻘﺎ ﺑﺎﺳﺪۇرﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪە ﺗﯜﮔﯩﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزﯨﺒﯩﺮ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ‬ ‫ﻛﻮﻟﻠﯩﻜﺘﯩﭗ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﻐﺎ ‪ 15‬ﻛﯜﻧﺪە ﺋﺎران ﺗﯜﮔﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯩﺮﻻ‬ ‫ﺗﯜﺷﯜﻛﻜﻪ ﺑﺎردۇرق‪ .‬ﺗﯧﺨﻰ رەﺳﯩﻢ ﻻزﯨﻢ دەپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا رەﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜدﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎي‬ ‫ﻗﺎﻟﻤﺎي دەپ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن رەﺳﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜب ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬رەﺳﯩﻢ دەﭘﻤﯘ‬ ‫ﺳﻮرﯨﻤﯩﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗﻘﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯘزۇپ ﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻼ رەﺳﯩﻤﮕﻪ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪23‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﺎرﺗﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪردى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯜﮔﻪﭘﺘﯘدەك‪ .‬ﺷﯘ‬ ‫ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﺎ ﭼﯩﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﯘﻣﯘرى ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ‪،‬‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻏﺎ‪ ،‬ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮرۇﻧﻼرﻧﯩﯔ رەﺳﻤﯩﯿﺘﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﭘﯜﺗﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ رەﺳﻤﯩﯿﻪت‬ ‫ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ .‬ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯘﭼﯘرﻻر ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺳﺎﻗﻼﻧﻐﺎن ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻧﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﻛﺎرﺗﺎ ھﯩﺴﺎۋﯨﺪا ﭘﯘل‬ ‫ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ‪.‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﻨﻰ ﺋﯜز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﯾﻪرﻟﻪردە ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ روﻟﻰ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎق ﻛﺎرﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻛﯩﯿﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ دوﻛﺎن‪ ،‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﯘ ﻛﺎرﺗﯩﻨﻰ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﺗﯜﮔﯩﺪى دﯨﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯜرۈﺷﯜپ ﻛﯩﻠﻪﯾﻠﻰ دەپ ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﻘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺪۇق‪ .‬ﻗﯩﯿﻨﺎﻟﻤﺎﯾﻼ ﻣﻪن ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﯩﻠﺨﻪت ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻛﯜپ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﻜﻪن ﻛﺎﺗﯩﭙﻨﻰ ﺑﯩﺮدەﻣﺪە ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ ۋە‬ ‫ﺋﯜزەﻣﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘردۇم‪ .‬ﺋﯘ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘرۇپ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﺪۈردى‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﭘﺎراﯕﻼﺷﺘﯘق‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﺎﺗﯩﭙﻼرﻏﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯘﻧﯘﺷﺘﯘردى‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰۇﻻر ﺑﺎرﻛﻪن ﺷﯘﻻرﻏﺎ ﯾﯘرﺗﺪﯨﺸﯩﯖﻼر ﻛﻪﻟﺪى دەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرۇپ ﻗﻮﯾﯘپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪﯨﻼ‬ ‫ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻣﻪن ﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪى ﺳﯩﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎي ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﯖﻼر ‪ ،‬ﻣﻪن ﻣﺎﯕﺎي دەپ‬ ‫ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪن ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯜﻧﻨﻰ ﻛﻪچ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜرۈﺷﯜپ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺑﯩﺮﯨﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ .‬ﻛﻪچ‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪا ﺧﻪﻧﺰۇﻻردﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﻗﻮﯾﯘپ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﻛﻪﻟﺴﻪم‬ ‫ﺋﯜﯾﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﺪۇ‪ ،‬ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ دەپ ﺗﯩﺖ ﺗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ‪.‬ﺋﯩﺰدەپ‬ ‫ﺑﺎﻗﺎﯾﻠﻰ دەپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺑﯘﻟﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ دەپ ﺑﯩﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﻪ ﯾﻪپ ﺑﯩﺮدەم ﺗﯧﻠﯟﯨﺰور‬ ‫ﻛﯜرۈپ ﺧﯩﻠﯩﻼ ﺋﻮﯾﻘﯘ ﺑﺎﺳﺘﻰ‪ .‬ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﺧﻠﯩﻤﯩﻐﯩﻠﻰ ‪ 30‬ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا ﺋﻪﺗﻪ ﻣﺎﯕﯩﻤﻪن دﯨﮕﻪن ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﭼﺎﻣﺪﯨﻨﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪن‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﻮﺗﯩﻐﺎ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق ﯾﻪﯾﻤﻪن دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﻪچ ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﻤﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﻘﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻗﺎﯾﺘﯩﺴﺎم ﺷﯘ ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭼﯜﺷﻜﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﯾﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺗﯘﺳﺎپ ﺳﺎﻻم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﺴﺎڭ دەپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺑﯘﻟﺪﯨﻜﻰ دﯨﺴﻪم ﭘﻮﻛﻪﯾﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﮔﻪپ ﺋﻮﺧﺘﯘراﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﯾﺎردەم ﺑﻪرﮔﻪچ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﯟا ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪردە ﻗﯘرۇق ﭘﺎراڭ ﺳﻮﻗﯘپ‬ ‫ﻛﯩﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﻰ ‪--‬ﺋﯜچ ﺑﻮپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺳﺎﺋﻪت ﺑﯘرۇن ﺗﯧﺨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﯾﻮل ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﻣﺎﯕﺎ ﯾﻮل ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ھﺎﯾﺎﺟﺎن ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺑﻪك ﺟﯩﻖ ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘق‪ .‬ﭘﺎراڭ ﺗﯜﮔﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ھﻪم‬ ‫ھﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﺧﻠﯩﺴﺎﻣﻼ ﺑﻪك ﺋﯘﺧﻼپ ﻛﯩﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺋﻪﺗﯩﮕﻪن ﺳﺎﺋﻪت ‪ 8‬دە ﺋﭽﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﻐﺎ ‪ 6‬دە ﺑﯧﺮﯨﭗ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﻣﻪن ﺷﯘ ﺧﯩﯿﺎﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻗﻮﭘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻐﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰورﻧﻰ ﺋﯜﻧﻠﯜك ﻗﻮﯾﯘپ ‪ ،‬ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻠﯩﻜﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯘﻟﺪى ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﯾﻼ ﺋﯜﺗﻜﯜزﯨﯟەﺗﻤﻪﯾﻠﯩﻤﯘ دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺗﺎزا ﺧﻮﺷﯿﺎﻗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻻﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﭽﻪ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﺴﻰ ﻛﯜرۈپ ﺗﺎڭ ﺋﺎﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯘﻻر ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘزﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﺧﻼپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻻردﯨﻦ‬ ‫ھﯩﺴﺎﭘﻼپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ‪ 36‬ﺳﺎﺋﻪﺗﻜﻪن ﯾﯩﻘﯩﻦ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺋﯜﯾﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﻣﻪن ﺋﻮﺧﻼپ ﻗﺎﻻي دەپ‬ ‫ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻻپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﺎرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺋﻮﯾﻘﯘﻏﺎ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن ‪ .‬ۈﺷﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯜرۈﭘﺘﯩﻤﻪن‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪپ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا‬ ‫ﻗﻮﺷﻘﺎﭼﻼر ﺳﺎﯾﺮﯨﺸﯩﭗ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﻮﯾﻐﯘﺗﯩﯟەﺗﺘﻰ‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺗﺎڭ ﺋﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﻪن‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪24‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎن دەرﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﻛﻪﯾﻨﯩﺪە ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻏﭽﻪ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ھﻪرﺧﯩﻞ ﻗﯘﺷﻼر ﻣﯩﻎ ‪-‬ﻣﯩﻎ ﺑﻮپ ﻛﯩﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﻣﻪن ‪ 17‬ﯾﯧﺸﯩﻤﺪا ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯜرﻣﯩﮕﻪﻧﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻼرﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘرﺳﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە ﺋﻪﺗﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﻗﯘﺷﻘﺎﭼﻼرﻧﯩﯔ ﺳﺎﯾﺮاپ ﺋﻮﯾﻐﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس ﻗﯘﺷﻘﺎچ ﻛﯜرﺳﻪﻛﻤﯘ ﺳﻪل=‪-‬ﭘﻪل ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻻﺗﺘﯘق‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ‬ ‫ﺋﯘﺧﺴﺎم ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﯾﻪر ﮔﻪرﭼﻪ ﺷﻪھﻪر دەپ ﺋﺎﺗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﯧﺰﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﻪك ﺗﻮﭘﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‪،‬‬ ‫ﺋﯜﯾﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ھﺎۋاﻟﯩﻖ ﺟﺎﯾﻼردا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺳﻮدا ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﯘﻟﻤﯩﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺖ‪ .‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﯾﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪس‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯾﯧﺰﯨﻼرﻏﺎ ﺟﺎﯾﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺋﯘ ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻗﯩﯿﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﯘزۇﻟﻤﺎي ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ‬ ‫ﮔﯜزەﻟﻠﻪﺷﺘﯜرﯨﺪﯨﻜﻪن‪.‬ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﯩﺴﯖﯩﺰ‬

‫ﺗﻮردﯨﻦ‬

‫ﺋﺎﺧﺘﯘرۇپ ﺑﺎﻗﯩﺴﯖﯩﺰ‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬

‫داﯕﻠﯩﻖ ‪50‬‬

‫ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﻛﻪم دﯨﮕﻪﻧﺪە ‪40‬ﺋﻰ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺑﺎﯾﻘﺎﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯩﺮى ﺋﺎﻣﺮاق ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯜزەم ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﭽﯩﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭘﯩﯿﺎدە ‪ 10‬ﻣﯩﻨﯘﺗﺘﯩﻼ ﺑﺎرﻏﯩﻠﯩﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪردﯨﻦ ﺋﯜي ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯜﭼﯜپ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯜﯾﻨﻰ‬ ‫ﺋﯜي ﻗﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺟﯩﻖ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎرﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯜﻟﻪپ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ‬

‫ﻛﯩﺮﺳﻪم‬

‫ﺋﯜﯾﻨﻰ‬

‫ﭘﺎﻛﯩﺰ‬

‫ﺗﺎزﯨﻼپ‬

‫ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‪.‬‬

‫ﯾﻪرﮔﻪ‬

‫ﭘﺎﻻز‬

‫ﯾﺎﺗﻘﯘزۇﭘﺘﯘ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺴﻰ‬

‫ﯾﯜرۈﺷﻠﯜﺷﺘﯜرﻟﮕﻪﻧﯩﻜﻪن‪ ،‬ۋاﻧﻨﯩﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ ‪ ،‬ﻛﯩﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪۈز ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ‪ -‬ﺳﯘ ﺗﻪﻟﻜﻪن‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ‪ 4‬ﺗﯧﻤﯩﻼ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯩﭽﻨﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﻣﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯜزەﻣﮕﻪ ﺗﻪۋە‬ ‫ﺑﯘﻟﻐﺎن ﺋﯜي ﺑﯘﻟﺪى دەپ ﺋﯘھ دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﯾﻪردﯨﻼ ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﺎﺳﺘﯘق‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﺧﻠﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﯖﻰ ﺳﺎﻓﺎﻧﻰ ﻗﻮﯾﯘپ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‪ .‬ﺳﻮرﯨﺴﺎم‬ ‫ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻗﻮﯾﯘپ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻛﯩﻢ ﺋﻪﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دەپ ﻗﻮﯾﯘپ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎن‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻛﻪن‪ .‬ﺧﯘداﻏﺎ ﺷﯜﻛﺮى دەپ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻓﺎﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜرۈپ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻗﯘﯾﺪۇم‪ .‬ﺑﯘ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯜي‬ ‫ﺟﺎھﯩﺰى ﺑﯘﻟﺪى‪ .‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺗﺎﻛﻰ ‪- 15‬ﻛﯜﻧﻰ ﻛﺎرۋات ﺗﯧﭙﯩﭗ ﯾﯜﺗﻜﻪپ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺳﺎﻓﺎدا‬ ‫ﺋﻮﺧﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ھﻪم ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻻزﯨﻤﻠﯩﻖ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜﯾﻨﻰ ﺋﯜي ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎ ﺋﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﻛﯜرۈﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﯜﯾﮕﯩﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﻧﻪرﺳﻰ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺧﯧﻠﻰ ﺟﯩﻖ ﭘﯘﻟﯘم ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ھﻪم ﻣﺎﺷﯩﻨﺎم‬ ‫ﺑﯘﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﯾﯩﯖﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎچ ﺟﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺗﯘﻧﯘﻣﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻗﯩﯿﻨﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺗﺎﻛﺴﻰ‪ ،‬ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزى ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯩﻜﻰ ﺗﺎڭ‪.‬‬ ‫ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻗﺎﺗﻨﺎش ۋاﺳﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯜﭼﻪپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ۋاﺧﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﭗ ﯾﯜرۈپ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯜﯾﻨﻰ ﺋﯜي‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯘدەك‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯩﯩﺘﭗ ﯾﯩﮕﯘدەك‪ ،‬ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﻗﯩﻠﻐﯘدەك ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ‬ ‫ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻐﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯩﺰدەپ ﺗﺎﭘﺘﯩﻢ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪن ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺋﯜي ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺋﯜي ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺋﯧﯿﯩﺪا ﺋﯜزەم ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺗﯜﻟﯩﮕﻪن ﺑﯘﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﯧﯿﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯜﭼﯜپ ﻛﯩﺮدى‪ .‬ﺋﺎدەم ﺋﯩﺰدﯨﮕﯘﭼﻪ ﺑﯘ ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﺧﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﯾﯩﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ ،‬ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﯾﻮﻗﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻟﺪاﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﻮﯾﻤﯩﭽﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺗﺎس ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ۋەﺳﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻮﯾﻤﯩﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﯾﺎﻣﺎﻧﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻛﯩﯿﻦ ۋاﺧﺘﯩﻢ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ھﯩﻜﺎﯾﻪ ﺗﻪرﯨﻘﯩﺴﺪە ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﻐﯘم ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪25‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﯩﯖﻰ ﺋﯜﯾﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻛﻰ ﻗﯩﺶ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎر ﯾﺎﻏﻘﯩﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪە ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﻗﯘﺷﻼر ﺋﻮﯾﻐﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘردى‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن‬

‫ﺑﯩﻠﻠﻪ‬

‫ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن‬

‫ﺋﺎداش‬

‫ﮔﯜل‬

‫ﺑﯧﻘﯩﺸﻐﺎ‬

‫ھﯩﺮﯨﺴﻤﻪن‬

‫ﺋﯩﻜﻪن‪،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬

‫ﺑﯩﻠﻪن‬

‫ﺑﯩﻠﻠﻪ‬

‫ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻜﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎزراق ﯾﻪرﮔﻪ ﮔﯜل ﺗﯧﺮﯨﺪۇق‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﯘﺷﻘﺎچ ﺑﺎﻗﺘﯘق‪ .‬ﯾﯩﻘﻨﺪا ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﯾﮕﻪ‬ ‫ﻛﯜﭼﯜپ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻰ‪ .،‬ﻛﻪﯾﻨﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﮔﯜﻟﻠﯜﻛﻰ ﺑﺎر‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻧﯩﻤﻪ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﯿﻤﯩﺰ دەپ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﻟﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻪﯾﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻛﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺘﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯘ ھﺎﯾﯟاﻧﻼر ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯘﻗﯘﺷﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﭘﺘﻪر ﺑﺎﻗﻘﯘم ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺑﯩﺰ ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﯾﻪردە ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﺗﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪردە ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻤﯩﺶ‪ .‬ﺑﻮﭘﺘﯘ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﻣﺎي ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﻪ ﺗﺎﭘﯩﻤﻪن‪ .‬ھﻪم‬ ‫ﺋﯜﭼﻪﯾﻠﻪن ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯾﺎﺧﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﺗﯧﺮﯨﻤﺎﻗﭽﻰ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﮔﯜﻟﻠﯜك ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ ﺗﯧﺮﯨﯿﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﺎﻗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﺑﯩﻠﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺷﯘﻻرﻏﺎ ﻗﺎراﭘﺮاق ﺋﻮﻟﺘﯘردۇم‪ .‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘرۇﭘﻼ ﺋﯜزەﻣﻨﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﯾﯩﻘﯩﻨﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ھﯩﺲ ﻗﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘرۇن ﯾﯧﺰﯨﻐﺎ ﺑﺎرﺳﺎق‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﻪﺗﻨﻰ ھﯩﺲ ﻗﯩﻼﺗﺘﯘق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺘﺘﯘق‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎچ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎﭼﻤﯘ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪرﯨﭙﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﻪك ﯾﺎﻗﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ھﻪم ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺋﺎﺳﺘﺎ ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﯜزەﻣﻨﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﺘﻪك ھﯩﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﻜﻜﻰ ھﻪﭘﺘﯩﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ‪ ،‬ﻛﻪچ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﯾﺎﻛﻰ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ‪ ،‬ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﻨﯩﯔ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ‪ ،‬ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪزﻣﯘن‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎن ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯜزۈﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﻪم ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯩﺖ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻠﻪش‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻧﺎھﺎﯾﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﻪ ﺑﻪردى‪ .‬دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﯾﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯘﺧﺘﯘردى‪ .‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ھﻪﭘﺘﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ رەﺳﻤﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫·‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﺎﻧﺪاﻗﻜﻪن ‪10-12-2006‬‬

‫·‬

‫)ﺑﯘ ﯾﺎزﻣﺎ ﻣﺔن ﺋﯜﺗﻜﺔن ﯾﺼﻠﺺ ﻗﺼﺸﻠﺼﻖ ﺗﺔﺗﺼﻠﺪة ﺧﯧﻠﻠﻮ ﻻﯾﺼﻒ ﺋﯧﻠﺼﭗ ﺑﺎرﻏﺎن »ﭼﺔﺗﺌﺔﻟﺪﺻﻜﺺ‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﺼﻠﺔن ﺳﯜھﺒﺔت« دﺻﮕﺔن ﭘﺎﺋﺎﻟﺼﯿﺔﺗﻜﺔ ﺋﺎۋاز ﻗﯘﺷﯘپ ﯾﺎزﻏﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯜھﺒﺔﺗﻨﺼﯔ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق‬

‫ﻗﺼﺴﻤﺺ‬

‫ﺋﯘ‬

‫ﻛﺼﺘﺎﭘﻘﺎ‬

‫ﻛﺼﺮﮔﯜزۈﻟﺪص‬

‫ھﺔم‬

‫ﻧﺔﺷﺼﺮ‬

‫ﻗﺼﻠﺼﻨﺼﺶ‬

‫ﺋﺎﻟﺪﺻﺪا‬

‫ﺗﯘرﻣﺎﻗﺘﺎ‪ .‬ﻗﺼﺰﺻﻘﺼﺪﺻﻐﺎﻧﻼر ﻛﺼﺘﺎپ ﭼﺼﻘﻘﺎﻧﺪا ﺗﻮﻟﯘﻗﺼﻨﺺ ﻛﯜرﮔﺔﯾﺴﺼﺰﻟﺔر‪ .‬ھﺎزﺻﺮ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺼﯖﺺ‬ ‫ﻧﺔرﺳﺔ ﯾﺎزﺻﺪﺻﻐﺎن ۋاﻗﺼﺖ ﺑﯘﻟﻤﺼﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘﻧﺼﯖﺪﺻﻦ ﺑﺼﺮ ﻗﺼﺴﻤﺼﻨﺺ ﺋﯜزۈپ ﺋﯧﻠﺼﭗ ﭼﺼﻘﺼﺮﺻﭗ‬ ‫ﻗﻮﯾﯘۋاﺗﺼﻤﺔن‪ ،‬ﻛﺼﺘﺎپ ﭼﺼﻘﺼﺸﺘﺼﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺺ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺔرﮔﺔ ﻛﯜﭼﯜرۈپ ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ(‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﺎﻧﺪاﻗﻜﻪن‬ ‫ﺑﯘﻻر ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼرﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪﻛﻼ دﯨﻘﻘﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق ﯾﯧﯿﯩﺸﯩﺘﯩﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﯾﻮل ﻣﯧﯖﯩﺸﻘﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺳﺎﻻﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘﺗﯘﺷﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻢ‪،‬ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺧﺎﺗﺎ ﻗﯩﭗ ﻗﻮﯾﻤﺎي دەپ ھﻪﻣﻤﻪ ھﻪرﯨﻜﯩﺘﯩﻢ‪ ،‬ﮔﻪپ ﺳﯜزۈﻣﮕﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻر ﺋﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ۋە ﺋﯩﻨﭽﯩﻜﻪ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯚﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ ﺑﺎﻏﭽﺎ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﺎﻏﭽﺎ ﮔﻪرﭼﻪ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪26‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎدەم ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﻛﯚپ ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺑﺎﻏﭽﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ھﯧﭻ ﺑﯩﺮ ﯾﻮل ﻛﯚرﻣﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫دەﺳﺴﻪﺷﻨﻰ ﻻﯾﯩﻖ ﻛﯚرﻣﯩﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﻘﺎ دەﺳﺴﻪﺷﻨﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﭼﯩﻤﻠﻘﺘﺎ‬

‫ﻣﻪﺧﺴﯘس‬

‫ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎن‬

‫ﯾﻮل‬

‫ﯾﻮق‬

‫ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬

‫ﻗﻪﯾﻪردﯨﻦ‬

‫ﻛﯩﺮﯨﭗ‬

‫ﻗﺎﻧﺪا‬

‫ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ‬

‫ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﻪﻧﻤﯘ دەﺳﺴﻪپ ﻛﯩﺮﯨﯟەردﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻧﻪزﯨﺮﯨﺪە ﺑﯘ دەﺳﺴﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺑﯩﺰ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻟﻪر ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬دەﺳﺴﻪپ ﻛﯩﺮﯨﯟﯦﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﻮل ﺑﻮﯾﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا ﺋﯘ ﯾﻪردە‬ ‫ﺗﻮﭘﺎ ﺑﺎرﻣﯘ ﯾﻮق ﻛﺎرى ﯾﻮق‪ ،‬ﺋﻮﻟﺘﯘرۇۋﯦﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬دەرس ﺑﻮﻟﺴﺎ دەرس ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪردە ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﺎرﯨﺪوردﯨﻼ ﭘﯘﺗﯩﻨﻰ ﺳﻮزۇپ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻻر ﺋﯚﯾﺪە ﺳﺎﻓﺎ ﺑﯘﻻﻣﺪۇ ﯾﺎﻛﻰ ﮔﯩﻠﻪﻣﺪە ﺑﯘﻻﻣﺪۇ ﺋﺎﯾﺎغ ﺳﺎﻟﻤﺎي ﻣﯧﯖﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ ﻗﻮﺷﻨﻠﯩﺮﯨﻢ ﺳﺎﭘﺎﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﯾﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن دەﺳﺴﻪپ ﯾﯜرﯾﯟﯨﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺗﺎﻣﺎق ﯾﻪۋاﺗﻘﺎﻧﺪا ﺟﯘزﯨﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ ﭼﯘﺷﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭘﯜۋ دەۋﯨﺘﯩﭗ ﯾﻪۋﯨﺮﯨﺪۇ‪ . ..‬ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻼ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ‬ ‫دوﻛﻼت ﺑﻪرﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻛﺎﺳﺘﯿﻮم ﻛﻪﯾﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﻛﯚردﯨﻢ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ‬ ‫ﺋﯚزى ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﻛﯩﯿﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻤﻰ ﻧﯘرﻣﺎل ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﻪر ﺑﯘﻟﯘپ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯚزﯨﮕﻪ ﺳﯩﻐﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻤﻰ ﻛﯩﻨﻮﻻر ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪەﻛﻼ ﺋﯩﻜﻪن‪. .‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎم ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺘﺘﻰ دﯦﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬دەرس ۋاﻗﺘﯩﺪا‬ ‫ﺋﯘﯾﻘﯘﺳﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪم ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ دەﭘﻼﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﯩﭽﻪﻛﻜﻪ ﺑﻪك ﺋﻪھﻤﯩﯿﻪت ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ ،‬ﺳﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻛﯩﯿﯩﻢ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﺪۇ دەپ ‪.‬ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎ ﻣﯘش ﻛﻪﻣﮕﯩﭽﻪ ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﯩﯿﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯜرﻣﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪا ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﻪﯾﮕﻪن ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺳﻮرۇﻧﻼرﻏﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪا ﻛﯩﯿﯩﻨﭗ ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﯾﺎزدا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯜﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﯩﺴﺴﻖ ﺑﻮپ ﻛﻪﺗﺘﻰ دەپ "ﻛﻮﺳﺎرﻛﯘ" ﻛﯩﯿﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯩﺮەر ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﺳﻮرۇن ﺑﯘﻟﺴﯩﻤﯘ‬

‫ﺷﯘ ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﯦﯟﯨﺮﯨﺪۇ‪.‬‬

‫ﻣﯘزﯨﻜﺎﺧﺎﻧﺎ ‪ ،‬دﯨﯩﺴﻜﻮﺧﺎﻧﺎ‪ ،‬ﻣﻪﯾﺨﺎﻧﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬

‫ﯾﻪرﻟﻪرﮔﯩﻤﯘ ھﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪن دەﺳﻠﻪپ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﯾﯩﻐﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﻣﺎﯾﻼپ‪ .‬ﭼﺎﭼﻼرﻧﻰ ﺗﯜزەﺷﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﻛﯩﯿﻤﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺑﺎرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﯘ ﯾﻪرﮔﯩﻤﯘ‬ ‫ﺧﻪﻗﻠﻪر ﺋﯜزى ﺑﯘرۇن ﻗﺎﻧﺪا ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﺎرﻣﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﯿﻪ ﻛﯩﯿﯩﻤﻰ‪،‬‬ ‫ﺧﺎﺷﯘ ﺋﺎﯾﺎغ‪ ،‬ﺋﯜﺗﻪك‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯾﻮﭘﻜﺎ‪ ،‬ﺋﯘزۇن ﯾﻮﭘﻜﺎ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻛﯩﯿﻤﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﯟﯨﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘﻻرﻏﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﻧﯩﻤﻪ ﻛﯩﯿﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘﻟﺴﺎم ﺷﯘ‬ ‫ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﯟﯨﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﺪۇم‪ .‬ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﻻزﯨﻢ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دەپ ﺑﯩﺮ ﯾﯜرۈش ﻛﺎﺳﺘﯩﯿﯘم ﺑﯘرۇﻟﻜﺎ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﭼﺎﻣﻐﺎ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺗﻮﭘﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﯜزەﻣﻤﯘ ﯾﯩﻨﯩﻚ‪ ،‬ﺋﻪرﻛﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻨﯩﯩﺸﻜﻪ‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﯩﭽﻪﻛﻜﻪ ﺑﯘرۇﻧﺪﯨﻦ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯩﺠﻪزى ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪك‬ ‫ﯾﺎﻗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﺗﻠﻠﯩﻜﻠﻪر ﮔﻪپ ﺳﯜزدە ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﻪك ھﯜرﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪۇ دەپ ﺋﺎﯕﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘرۇن‪ .‬ﻗﺎراپ‬ ‫ﺑﺎﻗﺴﺎم‬

‫ﮔﻪپ ﺳﯜزدە ﺋﯩﺶ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺶ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ‪ ،‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى ﻧﺎھﺎﯾﺘﻰ ﺋﻪدەﭘﻠﯩﻚ‬

‫ﺳﯜزﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاﺷﻼر‪ ،‬ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ ﺑﯘرادەرﻟﻪر ﺋﺎرا ﺗﯜزۈت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﯘﻧﺪاق ھﯜرﻣﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﻪڭ ﺋﺎددى ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎل ‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ " ‪ " your name May I know‬دﯨﯿﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮەك‪what is your " .‬‬ ‫‪ "name‬دﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ھﯜرﻣﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻚ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دەپ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎ ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻤﯘ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ "‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪27‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ " May I know your name‬دەپ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪى‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن " ‪what is‬‬ ‫‪ "your name‬ﯾﺎﻛﻰ " ‪ "?is your name‬دەﭘﻼ ﺳﻮراﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻻراق‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك ﻛﯩﻨﻮﻻرﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﻨﻰ‪ ،‬دەرﯨﺴﺘﯩﻜﻰ ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻻراق ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺋﺎددى ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻛﻪچ ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‬ ‫ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﯾﯩﺪﯨﻼ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻗﻪرﺗﻨﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﻮﯾﻨﺎپ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ‪ 9-8‬ﺋﺎدەم ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﯩﺴﯩﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜچ ﺋﺎدەم ﺋﻮﯾﻨﯩﺴﻤﯘ ﺋﻮﯾﻨﺎش ﺋﻮﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺑﻪك ﺑﻪك ﺋﺎددى ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻗﻪرﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﭼﻘﯘزۇپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ‪ 7‬دﯨﻦ ﭼﻮڭ ﯾﺎﻛﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ دەپ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﻪرﺗﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺑﯘﻟﻐﺎن ﻗﻪرﺗﻠﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﻼﻧﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‪ .‬ﺑﻪزى‬ ‫ﻧﯘﻣﯘر ھﯩﺴﺎﭘﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﯾﻨﺎش ﺋﻮﺳﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻛﻪن ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﻮﯾﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻗﻪرﺗﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪە ﻛﯜپ ﺋﺎددى‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺳﻮﺑﯘ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋاﺧﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺗﻮزا دەپ ﯾﺎﭘﯩﻼق‬ ‫ﺗﺎﺷﻼرﻧﻰ ﯾﯩﺮاﻗﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯘﻧﻰ ﻧﻪﺧﻠﻪپ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻮﯾﯘﻧﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﺗﺎش ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺑﺎزاردا ﻗﻮﻏﯘﺷﯘﻧﺪا ﯾﺎﻛﻰ ﺗﯜﻣﯜردە‬ ‫ﯾﺎﺳﺎپ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﺎﻏﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﻗﻮم ﺗﯜﻛﯜپ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﯾﺎﺳﺎپ‬ ‫ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺗﻮﭘﻨﻰ ﺋﺎﺳﻤﺎﻧﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﺎﻟﺘﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﯾﯩﺮاﻗﻘﺎ ﺋﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮﯾﯘﻧﻰ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﻮﯾﯘﻧﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋاﺧﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﮔﺎﯕﮕﺎ‪-‬ﭼﯘك ﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ ‪.‬‬ ‫ﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ﻗﻮﻏﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮى دﯨﯔ‪-‬دﯨﯔ ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﯩﺰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋاﺧﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻼر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﯾﯩﺮى ﺑﯘﻻر ﺑﯘ ﺋﻮﯾﯘﻧﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻤﯘ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜﯾﯜﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪا ﺑﻪزﯨﺪە ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﯾﺎﺷﺘﯩﻜﯩﻼر ﯾﺎﻛﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﭼﻮﯕﻼر‬ ‫ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮﺑﯘ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﻮزا ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪۇ‪ .‬دﯨﯔ دﯨﯔ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزﯨﺪە ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﻤﻪن‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ‬ ‫ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎزاردا ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﮔﺎﯕﮕﺎ ﭼﯘك‪ .‬ﺳﻮﺑﯘ‪ ،‬ﺗﻮزا‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻮﯾﯘﻧﻼرﻧﯩﯔ ﯾﯘرﺗﻼردا ‪ 15‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﻛﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻮﯾﻨﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر زاﯕﻠﯩﻖ ﻗﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻻر ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﺪە ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯘﻟﺪۇم دەپ‬ ‫ﺗﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﻤﻪﭘﺘﯘ ﺑﻪﻟﻜﻰ ‪.‬ﺋﯘﻧﻰ ﭼﻮﯕﻼرﻏﺎ ﻣﺎس ھﺎﻟﺪا ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﺪۇرۇﭘﺘﯘ‪ .‬دەرﯨﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻛﯜﺗﯜرۈﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺑﯘﻻر ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﭼﻮﯕﻼر‪ ،‬ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪر‪ ،‬ﺑﺎﻟﯩﻼر دەپ ﺑﻪك ﺋﺎﯾﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﯾﯘﻧﻼردا‪ .‬ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮى ﻛﻪم دﯨﮕﻪﻧﺪە ‪ 4‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭼﻮڭ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﺗﻜﯜزدى‪ .‬ﺑﯘﻻرﻏﺎ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯜﯾﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘۋاي ﻣﯘﻣﺎﯾﻐﯩﭽﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺗﻮﻻراق‬ ‫ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ﻗﯧﺮى ﯾﺎﺷﺘﯩﻜﯩﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﭘﺮوﻓﯩﺴﺴﻮرﻻرﻣﯘ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻻرﻣﯘ ﺋﻪر ﺋﺎﯾﺎل‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﯘپ ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاش‪ .‬دوﺳﺖ ﺑﯘرادەرﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺸﯩﺪۇ‪ ،‬دﯨﺴﻜﯘ ﺋﻮﯾﻨﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﻧﺎﺧﺸﺎ‬ ‫ﺋﯧﯿﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﭼﻮﯕﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﺷﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﺮﯨﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪن ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‬ ‫ﺟﻪﻧﯘﭘﻼردا ﯾﺎﺷﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻮﯕﻼر ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻟﻪر‪ .،‬ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ‪-‬ﺋﯩﻠﺘﯩﭙﺎﺗﻼر ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﻪﺗﺌﻰ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪك ﺋﺎددى ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺗﻮﻻراﻗﻰ ﺑﻮﻟﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﻨﻰ ﯾﯧﺮﯨﭙﻼر ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﯜزى‬ ‫ﯾﺎﻗﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﯾﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻗﯩﺰﻻر‪ ،‬ﺋﻮﻏﯘﻟﻼر ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﯾﺪە ﺗﺎﻣﺎق‬ ‫ﻗﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﺎزاردﯨﻦ ﯾﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰدەك ﻛﯜﻧﺪە ‪ 3‬ۋاخ ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪28‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎرﯨﻼپ ﯾﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﭼﯘﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎق ۋاﺧﺘﻰ دەپ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋاﺧﺘﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﭼﯘﺷﺘﻪ‬ ‫ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜزى ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﯾﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭘﯩﻨﭽﯩﺴﮕﻪ ﻣﯩﻜﺴﯩﻜﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﺲ‪ ،‬ﺋﯩﺘﺎﻟﯩﯿﻪ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘ‪ ،‬ﯾﺎﭘﯘن‪ ،‬ﻓﯩﺮاﻧﺴﯩﯿﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﯩﻤﯩﺴﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﺴﯩﻤﻼر ﻗﻮﯾﯘﻏﻠﯘق ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎق ﺗﯜرﻟﯩﺮى‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﯾﺎش ‪--‬ﺋﯜﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﯩﯔ زەھﻪر ﭼﯩﻜﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﭼﻮڭ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ھﻪر ﺧﯩﻞ ﭼﯩﻜﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﻮﺷﻨﯩﻼر ﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘﻧﭽﻪ ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﺳﯜﻣﻠﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯩﻜﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯜردۈۇم‪ .‬ﺑﻪزﯨﺪە ﻧﻪﺷﻪ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺋﯘراپ ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺸﻼردﯨﻼ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺳﻪﻧﺪە ﻣﻪرﯨﯟاﻧﺎ‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ دەپ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﯘراپ ﻗﺎﻟﯩﺪا ﺑﻪزﯨﺪە‪.‬‬ ‫· ﺋﺎﻣﺮﺻﻜﺼﺪا ھﺎراق‪ -‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ‪24-12-2006‬‬ ‫·‬

‫) ﺑﯘ ﯾﺎزﻣﺎ ﺧﯧﻠﻠﻮ ﻻﯾﺼﻔﻨﺼﯔ »ﭼﺔﺗﺌﺔﻟﺪﺻﻜﺺ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﺼﻠﺔن ﺳﯜھﺒﺔت« دﺻﮕﺔن ﻛﺼﺘﺎۋﺻﻐﺎ‬ ‫ﻛﺼﺮﮔﯜزۈﻟﮕﺔن‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﻛﺼﺘﺎپ ﻧﺔﺷﺼﺮدﺻﻦ ﭼﺼﻘﺼﺸﺘﺼﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺔردة ﻛﯜﭼﯜرۈپ ﺗﺎرﻗﺼﺘﺼﺸﻘﺎ‬ ‫ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﺔن ﺑﯜﮔﯜﻧﺪﺻﻦ ﺗﺎرﺗﺼﭗ ‪ 10‬ﻧﺔﭼﭽﺔ ﻛﯜﻧﮕﺼﭽﺔ ﺳﺼﺮﺗﻘﺎ ﭼﺼﻘﺼﺪﺻﻐﺎن ﺑﯘﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺗﻮرﻏﺎ‬ ‫ﭼﺼﻘﺎﻟﻤﺎﯾﻤﺔن‪.‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﺼﮫﻤﺎﻧﻼرﻧﺺ زﺻﺮﺻﻜﺼﭗ ﻗﺎﻟﻤﺼﺴﯘن دةپ ﺑﯘﻧﺺ ﻛﯜﭼﯜرۈپ ﻗﻮﯾﺪۇم(‬ ‫ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯘق‬ ‫"ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﻪرﻛﯩﻦ دۆﻟﻪت‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﯾﻮق‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ‪ ،‬ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺑﯘزۇﻗﭽﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﻰ‪ " .‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻻردﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﯩﻤﯩﺰ ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪت دەل‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﺴﯩﭽﻪ ﺋﯩﯩﻜﻪن‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯘﻗﻰ ﺑﻪك ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﯘن‪ -‬ﺗﯜزۈﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻘﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ‪" ،‬دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻐﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﯾﻮق‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﺋﻪرﻛﯩﻦ دۆﻟﻪت ﯾﻮق ﺋﯩﻜﻪن" دﯦﮕﻪن ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﻛﻪپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن ﻛﯩﺸﻰ‪.‬‬ ‫ﮔﻪرﭼﻪ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﻗﻮراﻣﯩﻐﺎ ﯾﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺳﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﯾﯧﺸﯩﻐﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ‬ ‫ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮرۇﻧﻼرﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﻣﻪﺳﻠﯩﻚ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻧﯘن‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﻲ‬ ‫ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﻤﯩﺰدا ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪﻣﻪل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎز‪ ،‬ﻧﺎزارەﺗﻤﯘ ﯾﻮق دﯦﯿﻪرﻟﯩﻚ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﯘرﻏﯘن ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪا ھﺎراق ‪ -‬ﺗﺎﻣﺎﻛﯩﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﻣﻪﻧﺌﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن‬ ‫ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ۋاﺳﯩﻨﮕﺘﻮن ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪا ﭘﯩﯟﯨﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن دۇﻛﺎﻧﻼردا‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﯾﻮل ﻗﻮﯾﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﻣﻪﺧﺴﯘس ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯧﻜﯩﺘﻜﻪن ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﯩﺠﺎزەﺗﻨﺎﻣﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮەك ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎﻧﺪەك‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەك ﺷﻪھﻪر ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯜچ ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻼ ﺳﯧﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﯩﺪەك ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ھﺎراق ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن "ﻗﯘﻻﯾﻠﯩﻖ ﺷﺎراﺋﯩﺖ" ﺑﯘ ﯾﻪردە ﯾﻮق ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ‪ 21‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺗﯚۋەﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ۋە ﺋﯩﺴﭙﯩﺮت ﺗﻪرﻛﯩﺒﻠﯩﻚ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯩﯟﯨﻨﯩﻤﯘ ﺳﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺳﺎﺗﺴﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺟﺎزاﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﺮاﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯩﺮەﯾﻠﻪن ﺋﯚﯾﯩﮕﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻘﺎ ﭼﺎﻗﯩﺮدى‪ .‬ﺋﯜﯾﺪە ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ھﯘرۇﻧﻠﯘق ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﯩﮕﻪ ﭘﯩﯟا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎزﯨﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﺮدﯨﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻠﯩﻖ ﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪29‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎزارﻏﺎ ﻛﯩﺮدۇق‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ھﺎراق‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم رەﺳﯩﻤﻰ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎن ﺋﯩﻨﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬دۇﻛﺎﻧﺪار‬ ‫ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮرﯨﺪى‪ .‬ﻣﻪﻧﺪە ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪا ﯾﯧﺸﯩﻢ ﯾﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ "ﻗﺎرا‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﻤﻪن‪ ،‬ﻧﻪدﯨﻤﯘ ‪ 21‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺖ ﺑﻮﻟﺴﯘن؟ ﻣﻪن ‪ 21‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻧﻪۋاخ" دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈردۈم‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ "ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﯖﻨﻰ ﻗﻮي‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﺪا ﭘﻪﻗﻪت ﯾﯧﺸﻰ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن‪ ،‬رەﺳﯩﻤﻰ ﭼﺎﭘﻼﻧﻐﺎن‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪﻧﻼ ﺳﯧﺘﯩﺶ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ‬ ‫ﺳﺎﺗﻤﺎﯾﻤﻪن" دەپ ﺗﯘرۇۋاﻟﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ":‬ﻣﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﻪم ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻣﻪن ﺳﯧﺘﯩﯟاﻻي" دﯦﺪى‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ دۇﻛﺎﻧﺪار‪ ":‬ﯾﺎق‪ ،‬ﺳﺎﯕﺎ ﺳﺎﺗﺴﺎﻣﻤﯘ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ﺳﻪت ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺴﺎﯕﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎﻣﯩﻨﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﭽﯩﺪۇ‪ ،‬ﻣﻮﺷﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﮕﯩﺪارﭼﯩﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﻪن ھﺎراﻗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫دۇﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺳﺎﺧﺘﯩﭙﻪزﻟﯩﻜﻜﻪ ﯾﻮل ﻗﻮﯾﻐﺎن‪ ،‬ﯾﯧﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ھﺎراق ﺳﺎﺗﻘﺎن‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﻰ ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﻤﻪن‪" .‬دەپ‬ ‫ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﺑﺎردۇق‪ .‬ﻣﻪن دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﻣﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﭘﯩﯟﯨﻨﻰ ﺋﻪپ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﻪردﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ھﻪﯾﺮان‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﺎھﯩﭙﺨﺎﻧﻐﺎ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ دﯦﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯘ ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪" :‬ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﻤﺎ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﻮﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﯾﻮﻟﯘﻗﺘﯘم" دﯦﺪى ۋە ﻣﺎﯕﺎ ﻣﻮﻧﯘﻻرﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪردى‪:‬‬ ‫ ﺳﯩﻠﻪر ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﺎزراق ﭘﯩﯟا ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﺎراﻗﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻻي دەپ ﺑﯩﺮ دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮدﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ دۇﻛﺎﻧﺪا‬‫ﻛﺎرﺗﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻧﻪق ﭘﯘل ﯾﺎﻛﻰ ﭼﻪك ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﻧﺪە ﯾﺎ ﻧﻪق ﭘﯘل ﯾﺎ ﭼﻪك ﯾﻮق ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘ‬ ‫ﺋﺎرﯨﺪا ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺑﺎرﻏﺎن ‪ 18‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﯩﺰﯨﻢ ‪":‬دادا‪ ،‬ﻣﻪﻧﺪە ﭘﯘل ﺑﺎر‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘر" دەپ‬ ‫ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﻪردى‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯜرﮔﻪن دۇﻛﺎﻧﺪار ھﺎراق ﺳﯧﺘﯩﺸﻨﻰ رەت ﻗﯩﻠﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ‪":‬ﺑﯘ ھﺎراﻗﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﻢ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯩﭽﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯚﯾﯜﻣﺪە ﻣﯧﮫﻤﺎن ﺑﺎرﺗﻰ‪ "....‬دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﺳﻪﻣﻤﯘ‪" ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﭽﺴﻪ ﺋﯩﭽﺴﯘن‪،‬‬ ‫ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﯩﺰﯨﯔ ﺗﯚﻟﯩﮕﻪﻧﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪن ‪ 21‬ﯾﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ھﺎراق ﺳﺎﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن" دەپ ﺑﻪرﮔﯩﻠﻰ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻧﻪق ﭘﯘل ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﺪﯨﻦ ﺷﯘ دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﺪۇم‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺸﺘﺎ دوﺳﺘﯘم ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯜﮔﯩﻠﻪپ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎق ﺑﯩﺮ دوﻛﺎن ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮە ﺗﺎل ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ‬ ‫ﭼﯩﻜﻪﯾﻠﻰ دﯨﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﯾﯩﻐﻠﯩﺸﻼردا ﺗﯘﺗﺴﺎ ﯾﺎق دەﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰ ﺋﯘ دۇﻛﺎﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪۇق‪ .‬ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺳﻮرﯨﺪى‪ ،‬ﺑﯩﺰ‬ ‫ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺷﯘﻧﭽﻪ دﯨﺴﻪﻛﻤﯘ ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺪى‪ .‬ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘ دوﺳﺘﯘم ‪ 30‬ﯾﺎش ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫دوﻛﺎﻧﺪار ﭼﻮﻗﯘم ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك دەپ ﺗﯘرۇۋاﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ‪ 18‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﺋﯚي ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺗﯘرﻣﯘش‬ ‫ﻛﻪﭼﯜرﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ‪ 18‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﺎم ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘ ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ‪ ":‬ﺋﺎﻛﺎ‪ ،‬ﻣﺎۋۇ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎق" دﯦﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯩﭽﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺧﯘددى ﮔﺎز ﺳﯜﯾﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻜﻪن‪ .‬ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺴﺎم "‪ 3‬ﭘﺮﺳﻪﻧﺖ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﯩﺮﯨﺖ ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ ﺑﺎر" دەپ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ " ھﻪ‪ ،‬ﻧﯧﻤﻪ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ؟" دەپ ﺳﻮرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﺋﯘ" ﻣﻪن‬ ‫ﺑﯜﮔﯜن دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻟﺘﯘرۇش ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺘﯩﻢ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮاق‪ ،‬ﺋﺎزراﻗﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﻪﯾﻠﻰ دﯦﮕﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە دادام ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬دۇﻛﺎﻧﺪار ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﺳﺎﺗﻘﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﻪن‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪30‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﺎﯕﺎ ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪڭ دﯦﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺳﻪل ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ‬ ‫ﺋﻮﺗﻼم ﺋﯩﭽﯩﻢ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯧﯟە ﺳﯜﯾﯩﺪەﻛﻼ ﺑﯩﺮ ﺗﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﺎﯕﺎ ھﯧﭽﺒﯩﺮ ﺋﯩﺴﭙﯩﺮت ﺗﻪرﻛﯩﺒﻰ‬ ‫ﺑﺎردەك ﺗﯘﯾﯘﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن "ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ ،‬ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﺴﺎﻣﻤﯘ‬ ‫ﻗﯩﻼي" دەپ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘ ﻣﺎﯕﺎ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬دۇﻛﺎﻧﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪى‪ ،‬ﺋﯚزى‬ ‫دۇﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ‪ 50‬ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘردى‪ .‬ﻣﻪن ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﻪﻣﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﺘﯩﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﯾﻪﺷﯩﻚ )‪ 12‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﺎ( ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ ۋە ﺋﻪﭘﭽﯩﻘﯩﭗ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﻪردﯨﻢ‪ .‬دەل ﻣﻮﺷﯘ ﭘﻪﯾﺘﺘﻪ دۇﻛﺎﻧﺪار‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﯾﯜﮔﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﭗ "ﺳﻪن ﻧﯧﻤﻪ دەپ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺴﻪن؟" دەپ ﺳﻮرﯨﺪى‪ .‬ﻣﻪن‬ ‫"ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﯜﺗﯜرۈﺷﯜپ ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﻰ ﻣﻪن ﺋﯩﭽﯩﻤﻪن" دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرﺳﻪﻣﻤﯘ‪،‬‬ ‫"ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺋﯩﭽﺴﯘن‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﻗﻮراﻣﯩﻐﺎ ﯾﻪﺗﻤﯩﮕﻪن ﺑﯩﺮەﯾﻠﻪﻧﮕﻪ ﻛﯚﺗﯜرﺗﯜپ ﻗﻮﯾﺪۇڭ‪ .‬ﺳﻪن ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪاﭘﺴﻪن‪،‬‬ ‫ﺳﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ ﻗﻮراﻣﯩﻐﺎ ﯾﻪﺗﻤﯩﮕﻪن ﺑﯩﺮەﯾﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭙﺴﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ‪ 21‬ﯾﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪن ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﻤﻪن" دەپ ﺋﯧﺴﻠﯩﯟاﻟﺪى‪" .‬ۋاي ﻧﯧﻤﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺴﻪن؟" دﯦﺴﻪم‪ ،‬ﺋﯘ "ﺑﯘ دﯦﮕﻪن ﻗﺎﻧﯘن! ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ‬ ‫ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻜﻪ‪ ،‬ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرۇپ ﻛﯚرﻣﻪﺳﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﯟاﻟﺴﺎم ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ" دەپ ﻗﺎﯾﻨﺎﭘﻼ ﻛﻪﺗﺘﻰ ۋە ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﯾﺘﯘردى‪.‬‬ ‫ﺋﯘ ﺑﺎﻻﻣﺎﯕﺎ "ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎ‪ ،‬ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪۇم‪ ،‬ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۇﻛﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪڭ" دەپ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜﻧﺪى‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺑﺎﯾﯩﻘﻰ دۇﻛﺎﻧﺪارﻧﯩﯔ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺳﻪل ﻗﻮرﻗﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‪":‬ﺋﯘﻛﺎم‪،‬‬ ‫ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺗﺎﻗﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺳﺎﯕﺎ ﯾﺎردەم ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﯘدەﻛﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﺴﻰ ﺳﻪﻧﻤﯘ ﺋﯩﭽﻤﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻞ ﭼﯩﺪﯨﺴﯩﺎڭ ‪ 21‬ﯾﺎﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺴﻪن‪ ،‬ﺷﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯩﭽﻪرﺳﻪن" دەپ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻛﯩﭽﯩﺴﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﻛﯜﻧﺪۈزى ﺑﯘﻟﺴﯘن ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﭘﯩﯟا ﯾﺎﻛﻰ ھﺎراق ﺑﻮﺗﯘﻟﻜﯩﺴﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﯾﻮﻟﺪا ﺋﯩﭽﯩﭗ ﻣﯩﯖﯩﺸﻘﺎ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﯾﻠﻰ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯜﯕﯜل ﺋﯧﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﯘﻟﺴﯘن ‪21‬‬

‫ﯾﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﺷﻤﯩﻐﺎﻧﻼرﻧﻰ‬

‫ﻛﯩﺮﮔﯜزﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﻗﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺟﯿﯘﻏﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﻛﯘﻟﯘﺑﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﻛﯩﻠﻪﯾﻠﻰ دەپ ﻣﻪﺳﻠﻪھﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻣﯧﯖﯩﺸﺘﯘق‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻣﻪن ﯾﯜﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘن دەپ‬ ‫ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﯾﯧﻨﯩﻤﻐﺎ ﺳﯧﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرﻣﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﻼردا ﺑﯩﺮ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن‬ ‫ﻛﯩﻤﻠﯩﮕﯩﻤﻨﻰ ﻛﯜرﺳﯩﺘﯩﭗ ﯾﯧﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻠﯩﯿﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﮔﯜزﻣﯩﺪى‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر‬ ‫ﺑﯘﻟﺪۇم‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﻮﺷﻨﺎم ﺑﻪزﯨﺪە ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯜزى ‪ 24‬ﯾﺎش‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰ دوﺳﺘﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﯜﺗﻜﻪن‬ ‫ﯾﯩﻠﻰ ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﻼردا ‪ 20‬ﯾﺎش ﺋﯩﻜﻪﻧﺪۇق‪ .‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘﻻر ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﺎﺋﻪت ‪ 11‬ﻟﻪر ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪا‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﯾﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﯨﻤﯩﺰ دەپ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﯩﺰ دوﺳﺘﻰ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﯘﻟﯘپ ﺳﯩﻠﻪر ﻛﻪﺗﺴﻪﯕﻼر ﻣﻪن ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﺶ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن دەپ ﻗﺎﺧﺸﺎپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﯾﺎﺷﻼرﻧﯩﯔ ‪ 21‬ﯾﺎﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﭼﻮڭ ﺋﯜﺗﻜﯜزﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﺪاﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﯩﻨﺎﻻردا ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎدەت‬ ‫ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ﺑﯘﻻر ﺋﯜﯾﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﻪﻛﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﭼﯩﻜﯩﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﯾﻮﻟﺪا ﻣﺎﯕﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﯾﺴﯩﺪۇر ﺑﯩﺮ ﺑﯜرﺟﻪﻛﻠﻪردە ﺧﻪﻗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪31‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﻤﻪن دﯨﺴﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﯾﯩﺮﮔﻪﻧﮕﻪﻧﺪەك ﻗﺎراپ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﻣﻪن‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ‪ 1‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﯾﯩﯖﻰ ﻗﺎﻧﯘن ﭼﯩﻘﺎردى‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﻧﯘن ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧﺪا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﻨﺎ‪ ،‬ﺋﯘﯾﻠﻪر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯩﻨﺎﻧﯩﯔ ھﺎۋا ﺋﺎﻟﻤﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﯩﻚ‬ ‫دەرﯨﺰە دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻮرۇﻧﻼردﯨﻦ ‪ 8‬ﻣﯩﺘﯩﺮ ﯾﯩﺮاﻗﺘﺎ ﺗﯘرۇپ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﻗﺎۋاﻗﺨﺎﻧﯩﻼردﯨﻤﯘ‪ ،‬ﻛﯘﻟﯘﺑﻼردﯨﻤﯘ‬ ‫ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎۋاﻗﺨﺎﻧﯩﻼردﯨﻜﻰ ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻛﯜﻟﺪاﻧﻼر ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﺷﻠﯩﯟﯨﺘﯩﻠﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮرﻧﯩﯿﻪﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯜپ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە ھﻪﺗﺘﺎ ﯾﻮل ﺑﻮﯾﯩﺪا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﭼﯩﻜﯩﺸﻜﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼردﯨﻦ ﺳﻮراپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻧﯩﯟادا ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺷﯩﺘﺎﺗﻼردا ﺑﯘ ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻧﯩﯟادا ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻻس ۋﯨﮕﺎﺳﺘﯩﻼ ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻚ ﺑﺎرﻛﻪن‪.‬‬ ‫‪-----------------------------------------------------------------‬‬‫ﺗﯜۋةﻧﺪﺻﻜﺺ ﻣﺔزﻣﯘﻧﻨﺺ ﺑﯜﮔﯜن ﻗﯧﺘﺼﭗ ﻗﻮﯾﺪۇم‪:‬‬ ‫ﺋﯜﺗﻜﺔن ﺟﯜﻣﺔ ﻛﯜﻧﺺ ﻛﺔچ ﺳﺎﺋﺔت ‪ 7‬دة ﺋﺼﻤﺘﺎھﺎن ﺗﯜﮔﺼﺪص‪ ،‬ﺋﺼﻜﻜﺺ ﺋﯜچ ھﺔﭘﺘﺼﻨﺼﯔ ﯾﺎﻗﺺ ﺋﺎز‬ ‫ﺋﯘﺧﻼپ ﺑﯧﺴﺼﻢ ﺋﺼﭽﺼﺪة ﺑﺔك ھﯧﺮﺻﭗ ﻛﺔﺗﻜﺔﻧﺼﺪۇق‪ .‬ﺋﺼﻤﺘﺎھﺎﻧﺪﺻﻦ ﭼﺼﻘﺼﭗ ﯾﺎﺧﺸﺺ‬ ‫ﺋﯜﺗﺼﺪﺻﻐﺎن ﺑﺎﻟﺼﻼر ﯾﺎﺧﺸﺺ ﺗﺎﻣﺎق ﻗﺼﻠﺼﭗ ﻛﺔﭼﺘﺔ ﯾﺼﻐﺼﻠﺼﺶ ﻗﺼﻠﺼﭗ ﺗﺔﺑﺮﺻﻜﻠﺔﯾﻠﺺ‬ ‫دﺻﯿﺼﺸﺘﯘق دة ﺋﯘدۇل ﺑﺎزارﻏﺎ ﺑﯧﺮﺻﭗ ﻻزﺻﻤﻠﺼﻖ ﻧﺔرﺳﺔ ﻛﺼﺮةك ﺋﺎﻟﺪۇق‪ .‬ﺋﺼﭽﺼﺪﺻﻐﺎﻧﻐﺎ ﭘﺼﯟا ﺋﺎﻟﺪۇق‪.‬‬ ‫ﺑﺼﺮ ﻧﺔﭼﭽﺔﯾﻠﺔﻧﻨﺼﯔ ۋﺻﺴﻜﺺ دﺻﮕﺔﻧﺪةﻛﻠﺔرﻧﺺ ﺋﺼﭽﻜﯘﺳﺺ ﺑﺎرﻛﺔن‪ ،‬ﺷﯘﻧﺼﯔ ﺑﺼﻠﺔن‬ ‫ﺷﺔھﺔردﺻﻜﺺ ﺑﺔﻟﮕﺼﻠﺔﻧﮕﺔن ﻛﯜﭼﻠﯜك ھﺎراﻗﻼرﻧﺺ ﺳﺎﺗﺼﺪﺻﻐﺎن ﯾﺔرﻧﺺ ﺋﺼﺘﺼﯟﯦﺘﺼﺘﯘ‪ ،‬ﻗﻮﺷﻨﺎ‬ ‫ﺷﺔھﺔردﺻﻦ ھﺔﭘﺘﺼﻠﺼﻚ ﻧﺔرﺳﺔ ﻛﺼﺮةك ﺳﯧﺘﺼﯟاﻟﻐﺎچ ﺋﯘ ﯾﺔرﻧﺼﯖﻜﺼﮕﺔ ﺑﺎرﺳﺎق ﺋﯘ ﯾﺔرﻧﺼﯖﻜﺼﺼﻨﺼﻤﯘ‬ ‫ﺗﺎﻗﺼﯟﯦﺘﺼﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺼﻜﻜﺺ ﺷﺔھﺔردة ھﺔ رﺑﺼﺮﺳﺼﺪة ﭘﺔﻗﺔت ﺑﺼﺮﻻ ﯾﺔردة ﺳﺎﺗﺼﺪﺻﻜﺔن‪ .‬ﺷﯘﻧﺼﯔ‬ ‫ﺑﺼﻠﺔن ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﯾﯧﻨﺼﭗ ﻛﺔﻟﺪۇق‪.‬‬ ‫· ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت ‪26-05-2007‬‬ ‫·‬

‫ﺑﯘ ﯾﺎزﻣﺎ ﺧﯧﻠﻠﻮ ﻻﯾﺼﻔﻨﺼﯔ ﭼﺔﺗﺌﺔﻟﺪﺻﻜﺺ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﺼﻠﺔن ﺳﯜھﺒﺔت دﺻﮕﺔن ﻛﺼﺘﺎۋص ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﻣﺔﺧﺴﯘس ﯾﯧﺰﺻﻠﻐﺎن‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘ ﻛﺼﺘﺎپ ﻧﺔﺷﺼﺮدﺻﻦ ﭼﺼﻘﺼﺸﺘﺼﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺒﺔرﻟﺔرﮔﺔ‬ ‫ﻛﯜﭼﯜرۈپ‬

‫ﭼﺎﭘﻼﺷﻘﺎ‬

‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬

‫ﻛﯜﭼﯜرۇپ‬

‫ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﻼر‬

‫ﺑﯘﻟﺴﺎ‬

‫ﻣﯘﻧﺒﺔر‬

‫ﺑﺎﺷﻠﺼﻘﻠﺼﺮﺻﻨﺼﯔ‬

‫ﺋﯜﭼﯜرۋﯦﺘﺼﺸﺼﻨﺺ ﺳﻮراﯾﻤﺔن‪.‬‬ ‫"ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت"‬ ‫ﺑﯩﺰ ۋەﺗﻪن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺧﯘددى ھﻪﻣﻤﯩﻼ ﻧﻪرﺳﯩﺴﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﯩﺪەك‪ ،‬ﺋﯩﻠﻐﺎردەك ﺋﻮﯾﻼپ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف ﺳﺎھﻪﺳﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎﻟﺴﺎق‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺳﺎھﻪدە ﺗﯧﺨﻰ ﺑﯩﺰ ﺑﻪزى ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻼرﻏﺎ ﺋﯩﮕﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﻗﻮل ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪،‬ﺧﯘددى ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﻪرﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‬ ‫ﻣﺎﻧﭽﻪ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺴﻪن دەپ ﺗﻮﺧﺘﺎم ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﻣﯘددﯨﺘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭼﻮﻗﯘم ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا‬ ‫ﻣﺎﻧﭽﻪ دوﻟﻼرﻟﯩﻖ ﺳﯚزﻟﯩﺸﺸﻰ ﺷﻪرﺗﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ‬ ‫ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﻟﯘم ﺷﻪرﯨﺖ ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪە ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﺗﻮﺧﺘﺎم ﻣﯘددﯨﺘﻰ ﺗﻮﺷﻤﺎي ﺗﯘرۇپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪32‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﺑﯘﻧﺘﻼر ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﻮﺧﺘﺎﻣﺪا ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﻣﺎددﯨﻼر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﯚﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﯾﺎﻧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯚﻟﯩﺸﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك ﻗﻮش ﻟﯩﻨﯩﯿﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯚي ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎق ﻟﯩﻨﯩﯿﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺗﺎق ﻟﯩﻨﯩﯿﯩﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﯾﺪا ‪ 10 -8‬دوﻟﻼر‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﯾﯜرۈﺷﻠﯜك ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﺎﯾﺪا ﻣﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘﻟﻠﯘق ﻛﯚﺗﯜرە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﻣﯩﻨﯘﺗﻠﯘق‬ ‫ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺶ ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯦﮕﯜدەك ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ﺋﻪرزان ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻗﺎرﯨﺴﺎم ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﻣﯩﻨﻮﺗﻰ ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ھﻪق ھﯩﺴﺎﭘﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮل ﺗﯧﻠﯩﻔﯘن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﯾﯘرۈﺷﻠﯘك ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﯩﻨﻮت ﺑﯘﯾﯩﭽﻪ ھﻪق ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﺴﺎ ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‬ ‫‪ 45‬ﺳﯩﻨﯩﺖ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪( .‬ﺑﯩﺮ دوﻟﻼر ‪ 100‬ﺳﯩﻨﺖ) ﺑﯩﺰدە ھﻪم ﺗﺎق ﻟﯩﻨﯩﯿﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ھﻪم ﺋﯩﺠﺎرﯨﺴﯩﺰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت‬ ‫ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﺳﯩﮕﯩﻨﺎل ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرﻏﺎن ﺷﻪھﻪردە ﯾﺎﻧﻔﻮﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﮕﯩﻨﺎل‬ ‫ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ زﯦﺮەﻛﻨﯩﯖﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺷﻪھﻪر ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﭼﺎﻏﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺷﻪھﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺷﻪھﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﻟﯩﻘﻰ ‪ 15‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯩﺘﯧﺮ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ‪ 4-3‬ﻣﯩﻨﻮت ھﻪﯾﺪەپ ﺑﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺳﯩﮕﻨﺎل ﯾﻮﻗﺎپ ﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪرﮔﻪ‬ ‫ﯾﯩﻘﯩﻨﻼﺷﻘﺎﻧﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‪ ،‬دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯧﮕﺮاف ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮى‬ ‫ﭼﻮڭ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﭼﻮڭ ﺷﯩﺮﻛﻪت ھﯩﺴﺎﭘﻼﻧﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪم‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎج‪-‬ﺳﯧﻠﯩﻘﻼرﻣﯘ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﻮل‬ ‫ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ھﻪﻗﻘﻰ ‪ 40‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﺑﺎﺟﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺗﯜﻟﯩﮕﻪﻧﺪە ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا ‪ 53‬دوﻟﻼر‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭘﯘل ﺗﯜﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬دﯨﻤﻪك ﺑﺎج ﻧﯩﺴﺒﯩﺘﻰ ‪%25‬ﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﻛﯚزەﺗﺴﻪم‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﯾﺎﺷﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن زۆرۈر ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎز ﺑﺎج ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪،‬زۆرۈر ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن‬ ‫ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻼردﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺑﺎج ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰور ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰور ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﻔﯘن ﺋﯘﻻﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﻗﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﻗﺎﻧﺎل ﺋﯩﺰدەپ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﯿﻪﻧﯩﯖﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ھﻪر‬ ‫ﺧﯩﻞ ﺑﺎھﺎدا ھﻪر ﺧﯩﻞ ﯾﯘرۈﺷﻠﯜك ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﯚز ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎﺟﯩﻐﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ھﻪر ﺧﯩﻞ‬ ‫ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪﺗﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﻪزى ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪﺗﺘﻪ ﻛﯩﻨﻮ ﺟﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯦﺪە ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﻧﺎﺧﺸﺎ‬ ‫ﻗﺎﻧﺎﻟﻠﯩﺮى ﺟﯩﻖ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﺪا ﺗﻪﻧﺘﻪرﺑﯩﯿﻪ ﻧﯘﻣﯘرﻟﯩﺮى ﺟﯩﻖ‪ .‬ﺋﻪرزاﻧﺮاﻗﻠﯩﺮﯨﺪا ‪ 50‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﺎﻧﺎل‪،‬‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺮەﻛﻠﯩﺮﯨﺪە ‪ 100‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﺎﻧﺎل ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻧﺘﯩﻨﺎ ﺋﻮرﻧﯩﺘﯩﭗ ﺳﯜﻧﺌﻰ ھﻪﻣﺮا ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺴﺎ دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰﯨﯿﻪ ﻧﯘﻣﯘرﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﯾﯩﮓ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﯘﻻر ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺳﯧﺘﯩﯟاﭘﺘﯘ‪ cctv .‬ﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﻗﺎﻧﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ‬ ‫ﯾﻪرﻟﯩﻚ ﻗﺎﻧﺎﻟﻼرﻏﯩﭽﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ دﯨﯿﯩﺸﭽﻪ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﻨﯩﯔ ﺳﯘﻧﺌﻰ ھﻪﻣﺮا ﻗﺎﻧﯩﻠﯩﻤﯘ‬ ‫ﺑﺎرﻣﯩﺶ‪ .‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪﺗﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯧﺖ ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺟﯘﯕﮕـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﯿﯩﻐﺎ ‪50‬‬ ‫دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪپ ﺗﻮر ﺋﻪﻛﯩﺮدﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن "ﺗﻮر دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯩﺠﺎد ﺑﻮﻟﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺗﯧﺰ‪ ،‬ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ" دەپ ﺋﻮﯾﻼﯾﺘﺘﯩﻢ‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ دەل ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮرﻧﯩﯔ ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﻪزى ﺗﻮرﺧﺎﻧﯩﻼردﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪۇ‪.‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎدرﯨﺴﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪33‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﺑﯘﯾﺮۇق ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﯩﺮەر ﻣﯩﻨﯘﺗﻼردﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﺎل ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫زۆرۈر‬

‫ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ‬

‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬ﺋﺎش‪،-‬‬

‫ﺗﯘرﻣﯘش‬

‫ﺑﻮﯾﯘﻣﻠﯩﺮى‬

‫دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر‬

‫ﺋﻪرزان‪،‬‬

‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮى‬

‫ﻗﯩﻤﻤﻪت‬

‫ﺳﻪي‪-‬ﻛﯜﻛﺘﺎت‪ ،‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﻪرزان‬

‫ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﭼﻮڭ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﻪرزان ‪ ،‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ‬ ‫ﺋﻪرزان ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻧﻮرﻣﺎل ھﯧﺴﺎﺑﻼﻧﻐﺎن ﯾﯧﯖﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼر ‪15‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر دﯨﻦ‪ 30‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼرﻏﯩﭽﻪ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘﻻر ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﻰ ﺋﯜچ‪ -‬ﺗﯚت‬ ‫ﯾﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺳﺎﺗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ 5‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼردﯨﻦ ‪ 500‬دوﻟﻼرﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﯧﻠﯧﻜﺘﺮون‬ ‫ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮى ﺟﯘﯕﮕﻮﻏﺎ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﺳﺎق ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﯘرﻣﯘش ﺳﻪۋﯨﯿﯩﺴﯩﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن‬ ‫ﺋﻪرزان‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﻛﯩﺮﮔﻪن ﻛﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﻪرزان ﺋﯩﻜﻪن‪ ) .‬ﭘﻪرﯨﺰﯨﻤﭽﻪ‪،‬‬ ‫ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ‪ 100‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى‪ 30 ،‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺗﯚۋەن ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .( .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﻪن ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﯧﺸﯩﻨﻐﺎن‬ ‫ﭘﯘﻟﯘﻣﺪﯨﻦ ‪ 600‬دوﻟﻼر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ‪ Dell‬ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮدﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﺪا ‪ 4‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﯜزۈك ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﯘدەك ﭘﯘﻟﻐﺎ ﺋﯧﺸﯩﻨﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻣﺎل ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫زۆرۈر ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﻮﯾﯘﻣﻠﯩﺮى دﯦﮕﻪﻧﻠﻪر ﺋﻪرزان‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻠﯩﺮى ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﭼﻮڭ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر‬ ‫ﺋﻪرزان ‪ ،‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﻪن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻛﺎﻣﺮﯨﺮا ﺋﺎﻻي‬ ‫دﯨﺴﻪم ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯘ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدە ‪ 50‬ﯾﯜەﻧﺪﯨﻦ ‪ 3‬ﯾﯜەﻧﮕﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯜز ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯜەﻧﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﺑﺪاﻧﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺑﺎرﻣﺎق دﯦﺴﻜﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﭼﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ‪USB‬‬ ‫ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ﺳﯩﻤﻨﻰ ‪ 10‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯩﺰ ۋەﺗﻪﻧﺪە ‪ 5-4‬ﯾﯜەﻧﮕﯩﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻻﻻﯾﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۇاﺗﻘﺎن ﺷﻪھﻪردە‬ ‫ۋوﻟﻤﺎرت دەپ ﺑﯩﺮ دۇﻛﺎن ﺑﺎر‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ دﯦﯿﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘ دۇﻛﺎن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﭘﺎرﭼﻪ ﺳﯧﺘﯩﺶ‬ ‫دۇﻛﯩﻨﻰ ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﺮەﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺑﯘ دۇﻛﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ دۇﻛﺎﻧﻼرﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﯩﻜﻪن‪ .‬ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك‬ ‫ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﺳﺎﺧﺘﺎ ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻘﺎ ﯾﻮﻟﯘﻗﻤﺎﯾﺘﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﻪزى ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﯾﺎﺳﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚزۈﻣﻤﯘ ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﮔﯧﺰﯨﺘﻠﻪردﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻھﯩﺰﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯚرﯨﺸﯩﻤﭽﻪ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻨﻰ "دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ زاۋۇﺗﻰ" دەپ ﻗﺎراﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﻪر "ﺋﻪﮔﻪر ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ ﺋﻪرزان ﻣﻪھﺴﯘﻻﺗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯚۋەن‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯜﻧﻰ ﺗﻪﺳﻜﻪ ﺗﻮﺧﺘﺎﯾﺪۇ" دەپ ﻗﺎراﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﮕﻪك ھﻪﻗﻘﻰ ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻛﺎﻟﻠﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ﻏﻪم ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻪڭ ﺋﺎددى ﭼﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ‪ 500‬دوﻟﻼرﺳﯩﺰ ﺋﻮﯕﺸﯩﺘﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪﻧﺴﯩﺰ‪ .‬ﻧﯘرﻣﺎل ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﭼﺎﺗﺎﻗﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﯘﻟﺴﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯜۋەن ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن‬ ‫ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﭽﯩﻐﺎ ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺗﯘۋەن ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯜۋەن ﺋﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﻟﭽﯩﻤﻰ ﺳﺎﺋﯩﺘﯩﮕﻪ ‪ 7‬ﯾﯧﺮﯨﻢ دوﻟﻼر‪.‬‬ ‫‪: DIL-UZ‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪34‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-28‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‪،‬ﻣﯩﻠﻠﻪت‪،‬راﯾﻮن‪،‬ﺋﯧﺘﻘﺎد ‪،‬ﺟﯩﻨﯩﺲ‪،‬ﯾﺎش ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼم ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯾﺎﻟﻼر‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪،‬ﻛﯩﯿﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‪،‬ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ‪،‬ﯾﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ‪،‬ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى‬ ‫ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮاﻣﺪۇ؟ ﺳﯩﺰ ﯾﯘﻗﺎرﻗﺪەك ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﻤﯘ؟‬ ‫‪-29‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﺪا‪،‬ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪ‪،‬ﺑﯩﺮەر ﺗﯜردە ﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﯾﻪﺗﻤﯩﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻤﯘ؟‬ ‫‪-30‬ﺳﯘﺋﺎل‪GPA :‬ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪا‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ‬ ‫ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ‪،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫‪-31‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرﺳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻼ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪،‬ﺑﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫‪-32‬ﺳﯘﺋﺎل‪ TOEFL,GRE :‬ﺧﯧﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ‪،‬ﺧﯧﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘش ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرۇس ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ‪GPA‬ﺳﻪل ﺗﯚۋەﻧﺮەك ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪،‬ﺷﯘ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﻪك ﭼﻮﯕﻤﯘ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-28‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‪،‬ﻣﯩﻠﻠﻪت‪،‬راﯾﻮن‪،‬ﺋﯧﺘﻘﺎد ‪،‬ﺟﯩﻨﯩﺲ‪،‬ﯾﺎش ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﻗﻪﺗﺌﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺑﯘ ﺑﻪك ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﯾﻪت‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ۋە ﻓﯧﺪﯦﺮاﺗﺴﯩﯿﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﻐﺎ ﺧﯩﻼپ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﺟﯩﻨﺎﯾﻪت‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺟﯜﻣﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰى ۋاﻗﺘﯩﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺳﯜﻣﻠﯜك ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘق‬ ‫ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯾﺎﻗﻼﺷﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ‪ ،‬ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﻰ ﺧﻪۋەرﻟﻪﻧﺪۈرۈپ ﻗﻮﯾﯘپ‪ ،‬ﺋﺎۋال‬ ‫ﺋﯩﺒﺎدﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼرﻧﻰ‪ ،‬دﯨﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﯿﻪ ﯾﺎﻗﻼﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻر ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﯩﺪا ﺟﯜﻣﻪ ﻧﺎﻣﯩﺰﻧﯩﻨﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﭘﻪرﯨﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‪ ،‬دﯨﺴﺴﯩﺮﺗﺎﺗﺴﯩﯿﻪ دﯨﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﭼﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-28‬ﺳﯘﺋﺎل )داۋاﻣﻰ(‪ :‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﯩﺴﻼم ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﯾﺎﻟﻼر ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪،‬ﻛﯩﯿﯩﻨﯩﺶ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭼﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﻗﯧﻘﯩﻠﯩﺸﻘﺎ‪،‬ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ‪،‬ﯾﯧﺘﻪﻛﭽﻰ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ‪،‬ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎرﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮاﻣﺪۇ؟‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪35‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﺎق‪ ،‬ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﻪك ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﯾﻪت‪ .‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪﯨﻼ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﻜﻪﻧﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺳﻪۋەﭘﺘﯩﻦ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ھﻮﻗﯘﻗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﯾﯘﻗﯘرﻗﻰ ﺳﻪۋەﭘﻠﻪر ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺟﯩﻨﺎﯾﻪت‪ ،‬ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ‬ ‫ﺟﯩﻨﺎﯾﻪت‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-28‬ﺳﯘﺋﺎل )داۋاﻣﻰ(‪ :‬ﺳﯩﺰ ﯾﯘﻗﺎرﻗﺪەك ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﻤﯘ؟‬ ‫ﻣﻪن ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ۋە ﻛﯚرﻣﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-29‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﺪا‪،‬ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە‬ ‫ﺋﯚﻟﭽﻪﻣﮕﻪ ﭼﯜﺷﺴﻪ‪،‬ﺑﯩﺮەر ﺗﯜردە ﺷﯘ ﺗﻪﻟﻪﭘﻜﻪ ﯾﻪﺗﻤﯩﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﻤﺎﺳﻤﯘ؟‬ ‫ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺧﯧﻠﻪ ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﺟﻪرﯾﺎن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺪاق دەﯾﻠﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﺘﺎ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫‪ TOEFL‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪ 550‬ﺑﻮﻟﺴﯘن دەپ ﺷﻪرت ﻗﻮﯾﯘﻟﺪى‪ ،‬ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺳﺎﻧﻰ ﺟﻪﻣﻰ ‪.20‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺷﻪرﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ‪ 100‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺳﯘﻧﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯘﻻرﻧﻰ‬ ‫ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻧﮕﻪ ﺗﯩﺰﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ‪ 20‬ﻧﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬دﯨﻤﻪك ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ 80‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﻧﻮﻣﯘرى ‪ 550‬ﺗﯩﻦ‬ ‫ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﻪرﺗﻜﻪ ﭼﯜﺷﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺗﯚۋەن ﭼﻪﻛﻜﻪ ﯾﯧﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺗﯚۋەن ﺷﻪرﺗﻜﻪ ﭼﯚﺷﯜش‬ ‫ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ﯾﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺷﻪرﺗﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ زۆرۈر ﺷﻪرﺗﻰ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-30‬ﺳﯘﺋﺎل‪GPA :‬ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪا‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ‬ ‫ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ‪،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪36‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-31‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرﺳﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﭘﻪﻗﻪت ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻼ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪،‬ﺑﯘ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻛﯚرﺳﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎﺷﯘ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرۈش ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ زادى ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﻣﻪﯾﻠﻰ‪ ،‬ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮ‬ ‫ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﯖﯩﺰ ﯾﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ دﯨﺴﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‬ ‫ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪﻟﻪﯾﻪدﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪ 1000‬دﯨﻦ ﻛﯚپ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ھﺎﻣﺎن ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﻧﯘرﻏﯘن‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:40 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-32‬ﺳﯘﺋﺎل‪ TOEFL,GRE :‬ﺧﯧﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﻠﻤﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ ‪،‬ﺧﯧﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘش ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرۇس ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ‪GPA‬ﺳﻪل ﺗﯚۋەﻧﺮەك ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪،‬ﺷﯘ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﻪك ﭼﻮﯕﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ھﻪر ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚزى ﺗﻮﻟﯘق ھﻮﻗﯘﻗﻠﯘق‪.‬‬ ‫ﺑﻪزى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻨﻰ ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘپ ﺗﻪﻛﺸﯜرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺑﻪزى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﺮەر ﺳﺎھﻪﮔﻪ ﻛﯚزﯨﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﯟاﻟﯩﺪۇ‪،‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ‪ GPA‬ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ‪ TOEFL, GRE‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﻰ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﻛﯚپ‪.‬‬ ‫ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﯖﻜﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 1،000‬دﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ھﺎﻣﺎن ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:14 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-22‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪش‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 150‬ﻣﯩﯔ ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭘﯘل ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ھﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎرﺗﯘق ﭘﯘل ﻛﯧﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ ﯾﻮل ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرۈش ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﻗﺘﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫]‪ [1‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺗﯩﻜﻠﻪش‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻞ ۋە ﺧﻪﻧﺰۇ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ‪.‬‬ ‫]‪ [2‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ۋە ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺗﺎﻟﻼش‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪزى ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردﯨﻼ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪن ۋە ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻼ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻣﻮل ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪37‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫]‪ [3‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﻪﺳﭙﻰ دەرﺳﻠﻪرﻧﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ‪ .‬ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ دەرﺳﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪر ﻣﻪۋﺳﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻣﯘ‪-‬ﺑﯩﺮ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜرﯨﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ھﻪر ﻣﻪۋﺳﯜﻣﻰ ھﻪﻣﻤﻪ دەرﺳﻠﻪردە ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ۋە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻖ‪.‬‬ ‫]‪ [4‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‪ TOEFL, GRE, GMAT ،‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردا ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﺶ‪ .‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ۋە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻻﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھﻪم ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ داﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺎﻻﯾﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﯾﺎزﻣﯩﻼر‪ ،‬ﺗﻮردﯨﻜﻰ ﺋﯘﭼﯘرﻻر ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﭘﻼردﯨﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﯔ‪.‬‬ ‫‪: Nasimy‬‬ ‫‪-33‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﺗﻪس‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ‪،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪردە )ﮔﯜزەل‪ -‬ﺳﻪﻧﺌﻪت دﯦﮕﻪﻧﺪەك (ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﺎﻣﺪاﺷﻨﯩﯔ ﭼﺎرﯨﺴﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:14 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-21‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺳﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯾﺎﻛﻰ داﯕﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼردا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯾﻪرﻟﯩﻚ‬ ‫)ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ( ﻣﯘ؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯚﭘﺮەك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯾﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﻰ ﺑﻮزەك ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ‪ ...‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﻮﯾﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎرﯨﯿﻪت ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﯘرۇپ ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ھﻪرداﺋﯩﻢ ﭘﯘل ﺋﯚﺗﻨﻪ ﺳﻮراپ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﯩﻜﺎر ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﯾﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ داﻟﯩﯿﯩﭗ ﻛﺎرﯨﯟاﺗﺘﺎ‬ ‫ﯾﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﯿﯩﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﯾﻮق ﭘﺎراﯕﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇۋاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯧﺰەڭ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻼر ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎر؟‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯾﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ‪ 33،000‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎر‬ ‫ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ‪ 5،000‬ى ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر‪ 28،000 ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﻪڭ ﻛﯚپ ﺳﺎﻟﻤﺎﻗﻨﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﻪﯾﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ۋە ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردۇر‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ‪ 2‬دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﻰ ﺗﻪﺷﻜﯩﻞ ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻏﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎدەم ﻛﯚپ‪ ،‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﺎﺟﯩﺰ‪ ،‬ﭘﯘرﺳﻪت ﯾﻮق‪ ،‬رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﯩﻼﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺟﺎن‪-‬ﺟﻪھﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯘرۇﻧﯘپ‬ ‫ﻛﯚرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ‪ ،‬ﺷﺎﯕﺨﻪﯾﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ‪-1‬ﻛﯜﻧﻰ »ﺑﺎﻻم‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺑﯩﺰ ﺳﯧﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺗﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘ« دەپ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ‬ ‫ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﻰ ۋە‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪38‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭼﯩﯖﺨﯘا ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ‪-1‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە‪-1 ،‬ﯾﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ‪GRE ,TOEFL‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ‪ 99%‬ﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪن‪) .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻠﯩﻘﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ‬ ‫‪ 99.99%‬ﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫(‬

‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﯾﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺑﻮزەك ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻰ ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ ھﻪر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻗﻪدﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ھﯚرﻣﯩﺘﻰ ﻣﯘﻗﻪددەس دەپ ﻗﺎراﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪم ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﯾﯘﻗﯘرى‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘن‪ ،‬ﺋﻪﺧﻼق‬ ‫ﺋﯧﯖﻰ ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ھﺎﻟﻼردا‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟال ﻛﯚرۈﻟﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ ﻣﻪن ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫‪-27‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮت ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى ﺑﺎر؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ :‬ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ‬ ‫ﺑﯩﺮەرﺳﻰ ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺋﻪۋەﺗﺴﻪ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﯾﺎﻛﻰ ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻪﻣﺪۇ؟ ﻣﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫»ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش« ﺗﯩﻜﻰ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪،‬‬ ‫زﯨﯿﺎرەﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪ ،‬ﻧﯩﻜﺎھﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻦ ۋە ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﯩﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪...‬‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ &‪;lt‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯚزى ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺗﯜرﻟﯩﺮﯨﺪە ﺷﯘﻧﺪاق دﯨﯿﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪن&‪ ;gt‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺗﯜرﻟﻪر ﺑﺎر‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن‪ ( .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻮﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪرﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ۋاﺳﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر؟‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﭼﯩﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﮔﻪن ھﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﻰ ۋە ﭘﯩﻼﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺷﯘ‬ ‫ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ھﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ‪ 30‬ﻧﻪﭼﭽﯩﮕﻪ ﺑﯚﻟﯘپ ھﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﯜر ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﻪﻟﻪپ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﯾﯜﻛﻠﻪپ ۋﯨﺰا ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﯨﺪۇ‪ .‬ﺷﯘ ‪ 30‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺗﯜرﻧﯩﯔ ﻗﺎﯾﺴﯩﺴﻰ‬ ‫ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﻣﯘۋاﭘﯩﻘﺮاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﯜرﻟﻪر ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش‪،‬‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﯾﻮﻟﺪﯨﺸﯩﻐﺎ ھﻪﻣﺮا ﺑﻮﻟﯘش‪ ،‬ﺳﺎﯾﺎھﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻏﺎ ﻛﯜرۈﻧﯘﺷﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺳﻮدا ﺋﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﻠﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﯾﯩﻐﯩﻨﻐﺎ‪ ،‬ﻛﯚرﮔﻪزﻣﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﯩﻠﻰ ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﻮرۇق ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻠﻪش‬ ‫ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﺎ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﯩﻚ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯩﻠﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﺋﯜﻟﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺗﯘﻗﻘﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯩﻠﯩﺶ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻧﯘرﻏﯘن‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻼﺗﯩﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﯾﺎﻛﻰ ۋاﺳﺘﯩﭽﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺳﻮراش ﻛﯩﺮەك‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:10 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-2‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﯩﻦ ﺷﯩﺘﺎﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻘﺎ ﺑﯧﻠﻪت ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼن ۋە ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻗﻪﺷﻘﻪر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ‪ 1500‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ‪ 800-700‬ﯾﯜەن‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﺟﯩﺪدﯨﻲ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﯔ ﯾﯜەﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯧﻠﯩﺘﯩﻤﯘ ‪ 100‬ﯾﯜەﻧﺪﯨﻦ ‪ 300‬ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ‪ 1000‬ﯾﯜەن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ‬ ‫ﺋﺎﯾﺮوﭘﯩﻼﻧﻐﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﭘﻮﯾﯩﺰﻏﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ(‪.‬‬ ‫ﺷﯩﺘﺎت ﺋﺎﺗﻼپ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺋﺎرﺗﯘق رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﯾﻮق‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت ﻛﯩﻤﻠﯩﻜﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺑﻮﻟﺪى‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪر ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﭘﺎﺳﭙﻮرت‪ ،‬ۋﯨﺰا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪39‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻜﻪ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯘددى ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻣﯘ ﺳﻪﭘﻪر ۋاﻗﺘﯩﺪا‬ ‫ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﯜرﮔﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺶ‪(.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻪ ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ھﻪم ﺗﯚﻣﯘر ﯾﻮل ﺗﻮرى ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﭼﻮڭ‬ ‫ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﯩﻤﯘ ﭘﻮﯾﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﭘﻮﯾﯩﺰدا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﻛﯩﺮاﺳﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻏﻪرﺑﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺷﻪرﻗﻰ ﻗﯩﺮﻏﯩﻐﯩﭽﻪ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻟﻮس ﺋﺎﻧﮋﯦﻠﯧﺴﺘﯩﻦ‬ ‫ﻧﯿﯘ ﯾﻮرﻛﻜﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﮕﯩﭽﻪ دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ( ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ ‪ 200-500‬دوﻟﻼر‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ .‬ﺑﯧﺮﯨﭗ‪-‬ﻛﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺋﻪرزان‪ .‬ھﻪم ﺑﯧﻠﻪت ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﯜﭼﻠﯜك‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ھﻪﺗﺘﺎ ‪ 500‬دوﻟﻼرﻟﯩﻖ ﺑﯧﻠﻪﺗﻨﻰ ‪ 100‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 200‬دوﻟﻼر‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻣﯚﻟﭽﻪرﻟﯩﺴﻪك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ‪ 1000‬ﯾﯜﺋﻪن ﻣﯘﺋﺎش ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮەﯾﻠﻪن )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ( ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻐﺎ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ‪ 1‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ )ﺗﯚۋەن ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ‪ 4،000‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﺑﻪزى راﯾﯘﻧﻼردا ‪ 6000-5000‬دوﻟﻼر( ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻐﺎ ﻟﻮس ﺋﺎﻧﺠﯧﻠﯧﺴﺘﯩﻦ ﻧﯿﯘ ﯾﻮرﻛﻘﺎ ‪ 20‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ‪ 1،500‬دوﻟﻼر دﯨﺴﻪﻛﻤﯘ )ﺑﻪزﯨﺪە ‪2،000‬‬ ‫دوﻟﻼردﯨﻨﻤﯘ ﻛﯚپ ﯾﯘﻗﯘرى(‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﭼﯧﻐﯩﺪا ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯘﻧﺪاق ‪ 200‬دوﻟﻼر ﭼﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﻪﭘﻪرﻧﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Boghlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:47 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-27‬ﺳﯘﺋﺎل )داۋاﻣﻰ(‪ :‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻤﻜﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻮﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﮔﻪرﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ۋاﺳﺘﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ؟‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر؟‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎن ﺟﯚرﯨﯖﯩﺰ )ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﯖﯩﺰ( ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ زﯨﯿﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯩﻐﯩﻦ‪-‬ﻛﯚرﮔﻪزﻣﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ‪،‬‬ ‫ﺳﺎﯾﺎھﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯾﻮﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﯾﻮﻟﻼر ﺳﻪل ﺗﻪﺳﺮەك‪...‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ۋﯨﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﺑﻪك ﻛﯚپ ۋە ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت ۋە ﭘﻪﻗﻪت ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪرﻻ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺶ ﺗﯧﭙﯩﭗ دﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻜﯩﻦ؟ ﻧﺎۋادا ﺗﯚۋەن ﻣﯘﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻗﺎرا ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ دﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻣﯘ ﯾﻮق ﺋﻪﻣﻪس‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ‪-1‬دﯨﻦ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ‪-2 ،‬دﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﻤﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺗﯚۋەن‪-3 ،‬دﯨﻦ ‪...‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺳﺎﻻھﯩﯿﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﯾﻮﻟﻼر‬ ‫ۋە ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘرۇن دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﺎﺷﺘﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن دەپ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮەر ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﯾﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺳﻮدا‪-‬ﺗﯩﺠﺎرەت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن دەپ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪) .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻗﺎرﻟﯘق ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮدﯨﻦ ﻗﺎرﻟﯘق ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﺪەك‪ (.‬ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰ ﻛﯚپ‪ ،‬ﺑﺎي‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺳﺎﯾﺎھﻪت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن دەپ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰ ﺳﯧﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﻖ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻼ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯩﺮەر دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼش‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺧﯘﻻﺳﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﺋﻪھﯟاﻟﻨﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪40‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش‬ ‫ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﻪن دەپ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎن ﯾﻮل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫‪: Nasin‬‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﻰ ۋە ﭼﯩﯖﺨﯘا ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ‪-1‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﯩﭽﯩﺪە‪-1 ،‬ﯾﯩﻞ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ‪ GRE ,TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ‪ 99%‬ﻧﻰ ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﮕﻪن‬ ‫‪------------------------------------------------------------------‬‬‫ﻣﺎۋۇ ﺳﯩﺘﺎﺳﺘﯩﻜﺎ ﺧﺎﺗﺎ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﻛﯚپ ‪،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﯿﺘﻘﺎن ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﯾﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ %99‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‬ ‫دﯨﮕﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﻛﯚﭘﺘﯜرﯨﯟﯨﺘﯩﻠﮕﻪن ﺳﺎن‪.‬ﺧﻪﻧﺰۇ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﯿﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ‬ ‫ﯾﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ‪GRE‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﺗﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﻰ ﯾﺎدﻻﺷﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼﯾﺪۇ‪.‬ﺗﯧﺨﻰ ‪-4‬دەرﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﯾﺎدﻟﯩﻤﺎي ﺗﯘرۇﭘﻼ ) ﺋﯘﻧﻰ ﯾﺎدﻻﺷﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻼ ھﺎﺟﯩﺘﻰ ﯾﻮق ﺋﯘﻻرﻏﺎ( ‪ GRE‬ﻏﺎ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ‪.‬ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯜﭼﯩﻨﺠﻰ ﯾﯩﻠﻰ ‪ TOEFL, GRE‬ﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﺪۇ‪.‬ﺗﯚﺗﯩﻨﺠﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ‪،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﯩﺪۇ‪.‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﺮﯨﻨﺠﻰ ﯾﯩﻠﻰ‪،‬ﺋﯩﻜﻜﻜﯩﻨﺠﻰ ﯾﯩﻠﯩﻼ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر ‪.‬ﺑﯩﺮاق ﺳﯩﺰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ‪ %99‬ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﻣﻪن ﺑﯘ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ‪ st Century21‬دﯨﮕﻪن ﮔﯧﺰﯨﺘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‪ .‬ﻣﯘﺧﺒﯩﺮ‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ‪-1‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ‪ TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ‪ 30‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ 29‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ‪ TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﯩﺸﻪك ﺋﯩﺸﻪﻛﺘﯩﻦ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻗﯘﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﻪس‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪردﯨﻢ دﯨﮕﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﮔﯧﺰﯨﺖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﯩﺪا ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ‪ GRE ,TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺳﻪۋەﭘﻠﯩﻜﻼ ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ‬ ‫ﯾﯜز ﻣﯩﻠﯿﯘن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دوﻟﻠﯩﺮى ﭘﯘل ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﯧﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ھﻪم ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼر ‪ 50‬ﯾﯜﺋﻪن‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺶ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﻰ ﻣﯩﻠﯿﺎرت ﯾﯜﺋﻪﻧﮕﻪ ﯾﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن »ﯾﯧﯖﻰ ﺷﻪرق ﮔﯘرۇھﻰ« )‪ (新东方集团‬ﻧﻰ‬ ‫ﻣﻪﯾﺪاﻧﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎردى‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﯩﻘﻰ ﻛﯧﭽﻪ‪-‬ﻛﯜﻧﺪۈز ﺋﯜزۈﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﭘﺎﻛﯩﺘﻼرﻧﻰ ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ‪ TOEFL, GRE‬ۋە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺗﯚۋەن‬ ‫ﭼﺎﻏﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Tavlan‬‬ ‫‪-34‬ﺳﻮﺋﺎل ‪:‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪن) ﻣﻪﺳﻠﻪن ‪:‬ﻗﺎﻧﯘن ‪،‬ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دﯨﮕﻪﻧﺪەك ( ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ‬ ‫‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻﻣﯘ ؟ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻗﯘرۇﻟﯘش‪-‬ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ‪،‬ﺧﯩﻤﯩﯿﻪ ‪،‬‬ ‫ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ‪،‬ﺑﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‪،‬ﻣﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻼ ﮔﯩﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى ‪.‬ﺋﻪﻣﺪى ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﯚﮔﯩﻨﻪي دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﺪۇم ‪ ،‬ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﻤﯘ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪41‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس ‪.‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﯾﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺟﯘﻣﯘ !‬ ‫ﮔﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق دەۋﯨﺮەي ‪،‬ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﻮرﺳﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرەي دەپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻرﻣﯘ ؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎر ؟‬ ‫‪: bagzada1‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪19:31 18-9-2008 :‬‬ ‫‪ 15‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ‪ 15‬ﯾﯜﺋﻪن دەپ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻗﯘﺳﯘر ﺋﯩﺰدەش ﻧﯩﯿﯩﺘﯩﻢ ﯾﻮق‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ‪ JEEC‬ﺋﻪﭘﺪﯨﻤﻨﯩﯔ »ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪردە ﻗﺎزاﻧﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﻘﻰ ﺗﯚت« دﯨﮕﻪن‬ ‫ﯾﺎزﻣﯩﺴﯩﺪا ﻣﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺑﺰاس ﺑﺎرﻛﻪن »‪.....‬ﺋﯩﻨﺘﯩﺮﻧﯧﺖ ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺟﯘﯕﮕـﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﺋﯧﯿﯩﻐﺎ ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪپ ﺗﻮر ﺋﻪﻛﯩﺮدﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن "ﺗﻮر دﯦﮕﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺋﯩﺠﺎد ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺗﯧﺰ‪ ،‬ﻛﯘﻧﯘﭘﻜﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻠﯩﺮى ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ" دەپ‬ ‫ﺋﻮﯾﻼﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ دەل ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯚﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮرﻧﯩﯔ ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺑﻪزى ﺗﻮرﺧﺎﻧﯩﻼردﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﯩﻐﯩﻤﯘ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪۇ‪.‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎدرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ‬ ‫ﺑﯘﯾﺮۇق ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﯩﺮەر ﻣﯩﻨﯘﺗﻼردﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪۇ‪«........‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺷﯩﺘﺎﺗﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ۋە ﯾﺎﻛﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﺎﻣﺪۇ ؟‬ ‫‪-35‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﯾﯘﻗﺎردا ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﻠﯩﻚ ھﯘﻗﯘق ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﻛﯚپ ﯾﻪردە ﺗﯩﻠﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪى‪ ،‬ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا »ﻧﯩﮕﯩﺮﻻر راﯾﯘﻧﻰ« ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘدھﯩﺶ ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮات ‪ ،‬ﻗﯘرﻗﯘﻧﯘﺷﻠﯘق‪ ....‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮەر ﺋﺎق‬ ‫ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯧﺰﯨﭗ‪ -‬ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬راﺳﯩﺘﻨﻼر ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﮕﯩﺮﻻر ) ﻛﯩﻨﻮﻻردﯨﻜﯩﺪەك( ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮاﻣﺪۇ؟‬ ‫‪: Alim_Ahat‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، bagzada1 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:13 19-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا »ﻧﯩﮕﯩﺮﻻر راﯾﯘﻧﻰ« ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘدھﯩﺶ ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮات ‪ ،‬ﻗﯘرﻗﯘﻧﯘﺷﻠﯘق‪ ....‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮەر ﺋﺎق‬ ‫ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﯧﺰﯨﭗ‪ -‬ﺗﯩﺰﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬راﺳﯩﺘﻨﻼر ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯩﮕﯩﺮﻻر ) ﻛﯩﻨﻮﻻردﯨﻜﯩﺪەك( ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﺋﯘﭼﺮاﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚپ ﻛﯚرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﯩﻨﻮ دەۋاﺗﯩﺴﯩﺰ؟ ﻣﻪن ﺋﯘﻧﺪاق ﻛﯩﻨﻮﻧﻰ ﻛﯚرۈپ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﻛﯚرﮔﻪن ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺑﯩﺮەر ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﻤﺎي ﻗﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻر‬ ‫ﭘﺮﯦﺰدﯦﻨﺖ)زۇﯕﺘﯘڭ(‪ ،‬ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﺘﺎت ﺳﺎﻗﭽﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‪... ،‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ روﻟﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ‪ ،‬ﻛﺎرﺗﻮن ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﮔﻪ دﯨﻘﻘﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻧﯧﮕﯩﺮ ﭘﯧﺮﺳﯘﻧﺎژﻻر ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﻧﯧﮕﯩﺮﻻرﻧﻰ داﯕﻼپ ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﯩﻘﯩﺮاﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دﯦﺴﻪم‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ »ﺑﯧﯿﺠﯩﯔ ﺋﻮﻟﯧﻤﭙﯩﻚ ﯾﯩﻐﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﯘراﺳﯩﻤﻰ«دا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪﻧﮫﻪرﻛﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮى ﻣﻪﯾﺪاﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺗﻪﻧﮫﻪرﻛﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﺎﯾﺮاق ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻤﯘ ﯾﻪﻧﯩﻼ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻧﯧﮕﯩﺮ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼر ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ دﯦﺴﯘن‪.‬‬ ‫‪: FinalFantasy‬‬ ‫»ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎن ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﺎﻧﻼر« ﻧﻰ »ﻧﯧﮕﯩﺮ« دﯦﮕﻪن ﺳﯚز ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﯩﭗ‪-‬ﺑﯩﻠﻤﻪي ھﺎﻗﺎرەﺗﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺴﯩﻠﻪردە‪...‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪42‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Mehman‬‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﯩﻞ ﯾﺎزﻣﯩﻼرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﻧﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪،‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺗﯘرﺑﯩﻜﻪﺗﻠﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎراﻻپ ﯾﯩﻐﻼپ ﺗﯘرۇﭘﻤﯘ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ دە ‪.‬‬ ‫ﻛﯚپ رەﺧﻤﻪت ‪،‬ﻗﯩﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﺧﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺋﺎﺟﯩﺮاﺗﯩﻘﯩﻨﯖﻼرﻏﺎ !‬ ‫‪: Eloghli‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DELL :‬ۋاﻗﺘﻰ‪19:39 18-9-2008 :‬‬ ‫‪-20‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ‪ TOEFL‬ۋە ‪ GRE‬دﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜش ﻛﯧﺮەﻛﻤﯘ؟ ﺋﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﭘﻪرﻗﻰ ﺑﺎر؟ ﺋﯘﻧﯩﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚ ‪...‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﺎزﻣﯩﺪا ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻪﺗﯩﺮاﭘﻠﯩﻖ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﭘﺘﯘ‬ ‫‪: Bihlan‬‬ ‫ﺗﻮرداﺷﻼر ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺗﯩﭗ ﻧﻮﻣﯘرﯨﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪت ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻼ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻦ رەﺗﻠﻪﺷﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪرﺗﯩﭙﻜﻪ دﯨﻘﻘﻪت‬ ‫ﻗﯩﻼﯾﻠﻰ‪ .‬ﺑﻪك »ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇڭ« ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ Jeck‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﯾﻮﻟﻼپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﺑﻠﻮگ ﺋﯘﻻﻧﻤﯩﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚرۈپ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎۋازﻟﯩﻖ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬ ‫ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن ﻣﻪزﻣﯘﻧﻼر ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﻪ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﻮﯾﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎۋازﻟﯩﻖ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎل ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﺎﯕﻼﺷﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬دەرھﺎل ﺑﯩﺮەر ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ ﺋﯩﺰدﯨﮕﻪﻧﺪە ﺋﺎﻟﺪى‪-‬ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯘرۇپ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎۋازﻟﯩﻖ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﺎن ﺳﯚھﺒﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﺎﻟﺪى‪-‬ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺋﺎۋارە ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﯾﺎزﻣﯩﭽﻪ‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﻠﻪپ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﭙﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﻧﺎۋادا ﺋﺎﺷﻜﺎرﯨﻼﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﯩﻜﻜﯩﯖﻼر ﺋﯚزۈﯕﻼر ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن ﻛﯚز‬ ‫ﻗﺎراﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺷﯩﺘﺎت‪ ،‬ﻗﺎﯾﺴﻰ راﯾﻮن )ﯾﺎﻛﻰ ﺷﻪھﻪر( ﻧﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر‬ ‫ﺑﻮﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ۋە ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺑﻪك‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﻪت دەپ ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘﻻر ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﺋﻪرزان دەپ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺗﻮرداﺷﻼرﻣﯘ ﺳﻪل ﻗﺎﯾﻤﯘﻗﯘپ ﻗﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﻐﺎي‪.‬‬ ‫‪-36‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎن ۋەﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘرۇن ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا )ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ( ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫)ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎھﺎﻧﯩﺪە ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﻤﺪارﻻرﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘرﯨﻨﻰ ﺑﻪرﺳﻪم‪ ،‬ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ GRE‬ۋە ‪.... TOEFL‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ زادى ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﺪا ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﺎن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻨﯩﯔ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش دەرﯨﺠﯩﺴﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ(‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺗﯧﺨﻰ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﯾﯧﯖﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺳﻮراۋاﺗﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎۋارﯨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪43‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ۋە ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮراﯾﻤﯩﺰ ۋە‬ ‫رەھﻤﻪت ﺋﯧﯿﺘﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫‪: Nasimy‬‬ ‫‪ IELTS‬ﺑﯩﻠﻪن ‪ TOEFL‬ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﻣﺎۋۇ ﺋﯘﻻﻧﻤﯩﺪا ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﯾﺎزﻣﺎ ﺑﺎر ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﻰ ﺋﺎزراق ﺋﺎۋارە‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻨﻼ ﻛﯚرۈﯕﻼر ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ !‬ ‫‪http://aynuri.blogbus.com/logs/19198251.html‬‬ ‫‪/http://aynuri.blogbus.com/c1855739‬‬ ‫·‬

‫‪-04-17‬‬

‫‪IELTS‬ﺑﯩﻠﻪن‪ TOEFL‬ﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟﯨﻠﯩﯔ‬

‫·‬

‫ﯾﺎﺳﻰ دﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ‪ International English Language Testing System‬ﻧﯩﯔ‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﺎرﺗﯩﻠﻤﯩﺴﻰ ‪ IELTS‬ﻧﯩﯔ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺸﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﯿﻪ ﻛﺎﻣﺒﯩﺮﯨﺞ ﺋﻮﻧﯩﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﯿﻪ ﻣﻪدەﻧﯩﯿﻪت ﻛﻮﻣﯩﺘﯧﺘﻰ ۋە ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ ﺧﻪﻟﻘﺌﺎرا ﺋﯧﭽﯩﺶ ﻣﻪھﻜﯩﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﻮرﺗﺎق ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ﯾﺎۋروﭘﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺎدا‪ ،‬ﺋﺎۋﺳﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪدﯨﻜﻰ ﻧﯘرﻏﯘن دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﯧﺘﯩﺮاپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ‪ :‬ﺑﯩﺮى ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ )‪ ،(学术类‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ )‪ ، (移民类‬ﻗﺎﯾﺴﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺧﯩﻠﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ .،‬ﻛﯚﭼﻤﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺧﯩﻠﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﺎزراق‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﯕﻼش ۋە ﺳﯚزﻟﻪش ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ۋە‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﻰ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ‬ ‫ﻛﯚﭼﻤﻪن ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس‬ ‫ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﭼﻮﻗﯘم ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪردە ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻣﺎﯾﻤﻪن‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺘﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘﻧﻼر‪ :‬ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪا ﺋﺎﯕﻼش‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺳﯚزﻟﻪش‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯚت ﻣﻪزﻣﯘن ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﯕﻼش‪ ،،‬ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯧﺮﯨﻢ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪44‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﺎﺋﻪت‪ .‬ﺋﯧﻐﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ‪ 15‬ﻣﯩﻨﯘت ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﯘزۇن داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺸﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﻧﻮﻣﯘرى ‪9‬ﻧﻮﻣﯘر‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 6‬ﯾﺎﻛﻰ ‪ 6.5‬ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ﻣﯘددﯨﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ‪ .‬ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ‪ 15‬ﻛﯜﻧﺪە ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﻮﻧﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ‬ ‫‪ 7‬ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼر ﺧﯧﻠﻰ ﺑﺎر‪ 7.5 ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺧﻪﻧﺰۇﻻردﯨﻦ ‪ 8‬ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼر ﺑﺎر دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬

‫ﻗﯩﯿﯩﻨﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ‪ :‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ‪-6‬دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ 6‬دﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻻﻻﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﻮﻗﯘم ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﻣﻪن‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺑﯘرادەر ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ‪-6‬دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪن‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫‪ 5.5‬ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﺪى‪.‬‬

‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ‪:‬ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﯾﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﻣﺎﻟﯩﯿﻪ‪-‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪا ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺗﻮردا ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮرﻧﯩﯔ ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﻰ‪/http://ielts.etest.net.cn :‬‬ ‫ﻣﻪﺳﺌﯘل ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﻰ‪ :‬ﻣﺎﻟﯩﯿﻪ‪-‬ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯩﺮ ﺑﯩﻨﺎﺳﯩﻨﯩﯔ‬ ‫‪-1‬ﻗﻪۋﯨﺘﯩﺪە‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻨﯩﯔ ھﯩﭽﯩﻨﯩﻤﯩﮕﻪ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﯾﻮق‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻮردا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧﻐﯩﺰﭼﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﻨﺎدا ﺑﯩﺮﯨﺴﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﭘﯘﻟﻰ‪ 1450 :‬ﯾﯜەن‪ .‬ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﻐﺎ ﺋﻪۋەﺗﯩﺴﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ۋاﻗﺘﻰ ‪ :‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ‪-2008‬ﯾﯩﻠﻰ ‪ -3‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ‪ -8‬ﻛﯜﻧﻰ‪-4 ،‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ‪-5‬ﻛﯜﻧﻰ‪-6 ،‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ‬ ‫‪-21‬ﻛﯜﻧﻰ‪-9 ،‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ‪-6‬ﻛﯜﻧﻰ‪-11 ،‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ‪-8‬ﻛﯜﻧﻰ‪-12 ،‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ‪-6‬ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﯧﻤﯩﺪﯨﮕﻪن ﯾﺎﺧﺸﻰ!!! ﻣﻪن ‪-2006‬ﯾﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﯾﯩﻠﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﻏﯩﺮﻟﯩﯿﺎﻟﻤﺎي ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﯿﻨﺎﻟﻐﺎن‪ .‬ﻛﯧﻠﻪر ﯾﯩﻠﻰ ﺋﺎﻟﺘﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ۋاﻗﯩﺖ ‪-4‬ﺋﺎي ﺑﯩﻠﻪن ‪-6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻗﻮﻻﯾﻠﯩﻖ‪.‬‬

‫ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﺶ؛‬ ‫‪ .1‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﺑﻮرۇن ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﯔ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻮرۇن ﻗﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺧﻪﻧﺰۇﻻردﯨﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪45‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ .2‬ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﻰ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﻪڭ‪ .‬ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ‪ 10‬ﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﯔ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻪك ﺋﺎﻻھﯩﺪە‪ ،‬ﺗﻮﻓﯘﻧﯩﯔ ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﺎﺳﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎل ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻪﻛﻼ ﺋﺎﻻھﯩﺪە‪ .‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ‬ ‫ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ﺳﯚزﻟﻪپ ‪ ،‬ﺳﯚزﻟﻪﭘﻤﯘ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﯾﻤﻪن‪ .‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺳﯩﺰ ﺟﺎھﺎﻧﺪا ﻛﯚرﮔﻪن ھﻪم ﻛﯚرﻣﯩﮕﻪن ﺳﻮﺋﺎل‬ ‫ﺷﻪﻛﻠﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫‪ .3‬ﺗﻮردا ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﺎﻧﺪا ﺋﯩﺴﻤﻰ دﯦﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ‪ ،‬ﻓﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ دﯦﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ دادﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﯟﯨﺮﯨﯔ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺗﯜر ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ ،‬ھﯧﭽﻘﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﻧﯧﻤﯩﺸﻘﺎ دەپ ﺳﻮرﯨﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﻛﻮﻣﯩﺴﺴﯩﯿﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﭘﺘﻮﻏﺮا ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ .‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﺎﻧﺪا‬ ‫ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻢ ﺗﻪﺗﯜر ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﺪى دەپ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺗﻮﻟﺪۇرﺳﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮڭ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪﺗﯜر ﭼﯩﻘﯩﭗ ﭼﺎﺗﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎﻻﻣﻪت ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﯾﯧﺰﯨﯟەﺗﺘﯩﻤﻐﯘ! ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺟﺎﯾﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮراڭ‪.‬‬

‫‪.2‬ﺗﻮﻓﯘ ) ‪ (托福‬دﯦﮕﻪن ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن؟‬

‫ﻣﻪن ﯾﯧﻘﯩﻨﺪا ﺗﻮﻓﯘ‪ ،‬ﯾﺎﺳﻰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼر ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﺎزﻣﺎ ﯾﻮﻟﻠﯩﻤﺎﻗﭽﻰ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻼرﻏﺎ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮرداﺷﻼر ﺋﺎﻧﭽﻪ‪-‬ﻣﯘﻧﭽﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﺎرﺳﯩﻠﻪر‪.‬‬

‫‪ 托福‬ﯾﻪﻧﻰ ‪ ،Foreign Language Test of English as a ،TOEFL‬دﯦﮕﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﺋﻮﯾﯘﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯩﻞ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن دۆﻟﻪﺗﻠﻪردﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺎدا ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎ ن‬ ‫ﺳﻪۋﯨﯿﻪ ﺳﯩﻨﺎش ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺗﻮﻓﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﯾﺎﺳﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻓﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺋﯜچ ﺧﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯜﻧﯩﺪۇ‪ .‬ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ‪) PBT‬ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻟﺪۇرۇﻟﺪى(‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﻮﺗﯩﺮدا ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‪) CBT‬ھﺎزﯨﺮ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‬ ‫ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ(‪ ،‬ﺗﻮردا ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ‪ . IBT‬ﯾﻪﻧﻰ‪:‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪46‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪PBT=PAPER BASED TEST‬‬

‫‪TEST CBT=COMPUTER BASED‬‬

‫‪IBT= INTERNET BASED TEST‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘﻧﻼر‪ :‬دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﺎﯕﻼش‪ ،‬ﮔﺮاﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ)ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯜك ﮔﺮاﻣﻤﺎﺗﯩﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪر(‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼردﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﻮﺷﯘﻟﻐﺎن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم ﺳﯚزﻟﻪﺷﻤﯘ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى دەﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪا ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﺎرﻣﯘ‪-‬ﯾﻮﻗﻤﯘ ﺑﯘﻧﻰ ﺗﺎزا ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن‬ ‫ﺑﻪرﮔﻪﻧﻠﻪردﯨﻦ ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﺎرﻛﻪن دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬

‫ﺗﻮﻓﯘ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ‪ .‬ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭼﻮﻗﯘم ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﻗﻪﻏﻪزﭼﻪ ﺗﻮﻓﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﻧﻮﻣﯘرى ‪ 677‬ﻧﻮﻣﯘر‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪550‬دﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻻﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺷﻪرﺗﯩﻨﻰ ھﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ‪ 600‬دﯨﻦ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ‪630‬دﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪ .‬دﯦﻤﻪك‪ 630 ،‬دﯨﻦ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯩﺮدا ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮﻓﯘﻧﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﻧﻮﻣﯘرى ‪ .300‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﯩﺴﻰ‬ ‫ﻣﯘﻧﺪاق‪:‬‬

‫‪677-660‬‬

‫‪300-287‬‬

‫‪657-640‬‬

‫‪283-273‬‬

‫‪637-620‬‬

‫‪270-260‬‬

‫‪617-600‬‬

‫‪260-250‬‬

‫‪597-580‬‬

‫‪247-237‬‬

‫‪577-560‬‬

‫‪233-220‬‬

‫‪557-540‬‬

‫‪220-207‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪47‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪537-520‬‬

‫‪203-190‬‬

‫‪517-500‬‬

‫‪187-173‬‬

‫‪497-480‬‬

‫‪170-157‬‬

‫‪477-460‬‬

‫‪153-140‬‬

‫دﯦﻤﻪك‪ ،‬ﺳﯩﺰ ‪215‬ﺗﯩﻦ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﻮﺗﯩﺮدا ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﯾﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﯾﯧﺮى ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺗﯩﺰ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎۋاز ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﺋﺎﯕﻼش ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻗﻮﻻﯾﻠﯩﻖ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯧﺮى‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺟﺎۋاﺑﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﻮرﻧﻰ‪ :‬ﺋﺎﭘﺘﻮﻧﻮم راﯾﻮﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﻧﻮﻗﺘﯩﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﻮﻧﯟﯨﯧﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪل ﺗﯩﻠﻠﯩﺮى ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﯩﺪا ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‪ .‬ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﻮﻧﯟﯨﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ‪ -9‬ﺑﯩﻨﺎ )ﻓﯩﻠﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‬ ‫ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ‪ ،‬ﻓﻮﻟﻜﻠﻮر ﻣﻮزﯨﯿﻰ ﺟﺎﯾﻼﺷﻘﺎن ﺑﯩﻨﺎ( ﺗﯚﺗﯩﻨﭽﻰ ﻗﻪۋەت‪.‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﭘﯘﻟﻰ‪ :‬دوﻟﻼرﻧﯩﯔ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﻰ ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ‪ 1200‬ﯾﯜن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﻗﯩﯿﯩﻨﻠﯩﻖ دەرﯨﺠﯩﺴﻰ‪ :‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭘﻪرﯨﺰﯨﻤﭽﻪ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ‪ -6‬دەرﯨﺠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﻓﯘدا ‪ 570‬ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬

‫ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ۋە ﻛﺎﻧﺎداﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن دﯦﺴﻪ ﺗﻮﻓﯘ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﯾﺎۋروﭘﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن دﯦﺴﻪ ﯾﺎﺳﻰ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯧﺮەك دەپ ﺋﻮﯾﻼﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ‪ .‬ﺗﻮﻓﯘ‬ ‫ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎۋروﭘﺎ‪ ،‬ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪدﯨﻜﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ‪.‬‬

‫‪ .3‬ﺗﻮﻓﯘ)‪ (托福‬ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﺳﻰ)‪(雅思‬ﻧﯩﯔ ﭘﻪرﻗﻰ‪.‬‬

‫)‪ (1‬ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻨﻰ ﺳﯩﻨﺎﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﻮﻓﯘ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯜك ۋە ﮔﯩﺮاﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﯾﺎﺳﻰ ﺑﻪﻛﺮەك ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﻮرۇن ﺋﯧﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰ ﺋﺎز‪ ،‬ﮔﯩﺮاﻣﻤﺎﺗﯩﻜﺎ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﻤﯩﺰ ﺗﯚۋەن‪ ،‬ﺑﻪك ﻛﯚپ ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﺷﯘ ﺋﺎز ﺳﯚزﻟﻪرﻧﻰ ﺟﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪48‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺧﻪﻧﺰۇﻻرﻏﺎر ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚزﻟﻪﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬دﯦﻤﻪك ﺋﯧﻐﯩﺰ‬ ‫ﺗﯩﻠﻰ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪا ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘرﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫)‪ (2‬ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪا ﺋﺎﯕﻼش‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺳﯚزﻟﻪش ﻗﯩﺴﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﻧﻮﻣﯘر‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯚﺗﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜپ ﺋﻮرﺗﺎق ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺗﻮﻓﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪا ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺳﯚزﻟﻪش ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﻨﻤﺎﯾﺘﺘﻰ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﻗﻮﺷﯘﻟﺪى‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪا ﺳﯚزﻟﻪش ﺑﺎرﻣﯘ ﯾﻮﻗﻤﯘ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﻤﻪن‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﻲ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫)‪(3‬ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺷﻪﻛﻠﻰ ﻛﯚپ ﺧﯩﻞ‪ ،‬ﺗﺎق ﺗﺎﻟﻼش‪ ،‬ﻛﯚپ ﺗﺎﻟﻼش‪ ،‬ﺑﻮش ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇش‪،‬‬ ‫ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻠﮕﻪن ﺟﺎۋاﺑﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼش‪ ،‬ﺗﯜرﮔﻪ ﺋﺎﯾﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺗﯘﺗﺎﺷﺘﯘرۇش‪ ،‬ھﯚﻛﯜم ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﯘﺋﺎل ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﺟﺎۋاب ﺑﯩﺮﯨﺶ‬ ‫ﺷﻪﻛﯩﻠﻰ ﺑﺎر‪ .‬ﺗﻮﻓﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﺎﻟﻼش ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮى‪ .‬ﯾﺎﺳﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯜﻟﮕﻪ‬ ‫ﺳﯘﺋﺎل ﺋﯩﺸﻠﻪپ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﺳﯘﺋﺎل ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘﺷﺴﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘرﻏﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: NAZARY‬‬ ‫ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺳﻮراﻟﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻢ ﺳﻪل ﺗﺎﻗﯘ ‪ -‬ﺗﯘﻗﻘﯘ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻢ ‪.‬‬ ‫‪-37‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﻻر ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪەك‬ ‫ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﻗﺎﻻﯾﻤﯘ ﯾﻪ دﯨﮕﯩﭽﯘﻟﻪرﻣﯘ ﺳﻪل ﺋﺎرﺳﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪۇق‪ .‬ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼر‬ ‫ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ؟ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻦ ﺑﻮﯾﺘﺎق ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﺗﻮي ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻼر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪك‬ ‫ﺋﺎزدۇر ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇپ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘرﺳﻪت‬ ‫ﺑﺎر ؟ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻐﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﻤﺎﯾﻤﯩﺶ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺎدا ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﯾﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﺑﻪك ﻏﺠﯩﯖﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻻ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﻮراۋەردى دﯨﻤﻪڭ ‪ .‬ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ھﻪﻣﺮاﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﺎﻟﻼش ﺑﻪك ﻣﯘھﯩﻢ ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪل ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎق ‪.‬‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯖﻤﯘ ﺟﺎۋاب ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺋﯜﻣﯜد ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن)ﺑﯘ ﺋﺎﻛﺎﺷﻤﯘ ﺋﺎزﺗﻮﻻ ﺑﺎش ﻗﺎﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ ﺋﯘ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪردە‬ ‫(‪.‬‬ ‫‪: Boghlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪14:53 19-9-2008 :‬‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺳﯩﯖﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺳﯩﯖﻠﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش‬ ‫ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﻤﻪن دەپ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻣﯘ ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺳﺎن ﯾﻮل ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺟﻪپ ﺧﯘش ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﺎ‪...‬‬

‫رەھﻤﻪت ﺟﯘﻣﯘ ‪ ،‬دﯨﮕﯩﻨﯩﯖﯩﺰ ﻛﻪﻟﺴﯘن‪.‬‬

‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪49‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:46 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-36‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎن ۋەﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘرۇن ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا )ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ( ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﻰ ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪) .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺧﺎرۋارد ھﻪم ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻪرﻛﯩﺴﻰ ﻗﯘدرەﺗﺠﺎن ﯾﺎﻗﯘﭘﺘﻪك ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯾﺎزﻣﯩﺴﯩﺪا دﯦﯿﯩﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮرﻧﯩﯿﻪ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﺮﻛﯧﻠﯧﻲ ﺗﺎرﻣﯩﻘﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺋﻮﻏﻠﻰ دﯨﻠﺸﺎﺗﺠﺎﻧﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ ‪ 30‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪(.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼردا ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺑﯘرۇن ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﯾﺎﻛﻰ ھﺎزﯨﺮ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﭘﻪرﻗﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺷﻪرﺗﯩﮕﻪ ﭼﯜﺷﺴﯩﯖﯩﺰﻻ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪا ﺗﻮرداﺷﻼرﻏﺎ ﺗﻮﻧﯘﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘھﻪﻣﻤﻪد ﺋﺎﺑﺪۇﻟﻼ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯘ ﯾﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ‬ ‫ﺗﯜﮔﯩﺘﯩﭙﻼ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﺎﻗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ۋە ﻣﻪن )ﯾﻪﻧﻪ ﺋﻪرﻛﯩﻦ‬ ‫ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر( ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﻼردﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎﻧﻼر ۋە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼر‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺗﻪۋﺳﯩﯿﻪرﯨﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش ۋە ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﭘﯘﺧﺘﺎ‬ ‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‪ TOEFL, GRE ،‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﺸﯩﯖﻼر‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ۋە ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪) .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﻪك ﻛﯚپ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‪(.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:30 19-9-2008 :‬‬ ‫‪ -37‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﻻر ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﻧﺪەك ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدە‬ ‫ﻗﺎﻻﯾﻤﯘ ﯾﻪ دﯨﮕﯩﭽﯘﻟﻪرﻣﯘ ﺳﻪل ﺋﺎرﺳﺎﻟﺪى ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪۇق‪ .‬ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼر ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ‬ ‫ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ؟ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻦ ﺑﻮﯾﺘﺎق ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﺗﻮي ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻼر ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪك ﺋﺎزدۇر ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇپ ﺋﯚﺗﯜﺷﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎر ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪﯨﻐﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪت ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﻤﺎﯾﻤﯩﺶ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺎدا ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯚﯾﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﺑﻪك ﻏﺠﯩﯖﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻻ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺳﻮراۋەردى دﯨﻤﻪڭ ‪ .‬ﺋﻮﻏﯘل ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜرﻟﯜك ھﻪﻣﺮاﻧﻰ ﺗﻮﻏﺮا ﺗﺎﻟﻼش ﺑﻪك ﻣﯘھﯩﻢ ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪل ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎق ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼر ﻧﻮﭘﯘﺳﻰ ‪ 10‬ﻣﯩﻠﯿﯘن ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘھﻪﻗﺘﻪ ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ۋە ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﯾﻪرﻟﻪردە ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪر ۋە ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﯩﺮى ﺑﺎر‪1000 .‬‬ ‫دﯨﻦ ﻛﯚپ ﭼﻮڭ ۋە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯘﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ ﻣﻪﯾﻠﻰ دﯦﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻐﯩﺪەك ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺟﯚرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰدا ﮔﻪپ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺟﺎھﺎﻧﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﯧﺮﯨﺪﯨﻦ ﺷﯜﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯘرۇپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻤﯘ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚپ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺗﯧﭙﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﯾﻼﺷﻤﺎڭ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪50‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﻰ ﺋﺎددﯨﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﯾﯩﻤﻪك‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪك ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻗﯩﻠﭽﻪ ﻗﯩﺴﯩﻠﻤﺎي ﺑﯧﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﺪا دﯨﻠﻐﯘل ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش ﺑﻮﯾﺘﺎﻗﻼرﻧﯩﯔ ﻏﯧﻤﯩﻨﻰ ﯾﯧﯿﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﯔ ﯾﺎﻛﻰ ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﯔ ﯾﺎﻛﻰ ‪-3‬ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮي‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯔ‪ ،‬ﺳﯩﺰﮔﻪ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺑﯩﺮەر ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻛﻪڭ‪-‬ﻛﯘﺷﺎدە‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫‪-3‬ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪت‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺗﯜرﻛﯩﯿﻪ‪ ،‬ﻣﺎﻻﯾﺴﯩﯿﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﯾﺎۋروﭘﺎدﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﺋﯩﻤﺎن‪-‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺗﻪﻗﯟادار ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﯩﻞ ﯾﺎزدا ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ‬ ‫دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﺪى‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘ دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن‪،‬‬ ‫ﺷﻪرﻗﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻰ ﺋﺎﺳﯩﯿﺎدا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺋﯩﻤﺎن‪-‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺗﻪﻗﯟادار ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﯾﻪردە ﻧﯩﻜﺎھ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻨﻰ ﺷﯩﻤﺎﻟﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﭘﯩﻼن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﺧﻪۋەر ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻧﯩﻜﺎھ‪ ،‬ﺗﻮي ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪﺧﺖ ﺳﺎﺋﺎدەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯘﻟﯘق اﻟﻠﻪ دﯨﻦ ﺗﯩﻠﻪﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، bagzada1 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:13 19-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺷﯩﺘﺎﺗﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ۋە ﯾﺎﻛﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﺎﻣﺪۇ ؟‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﯾﺎزﻣﯩﺴﯩﺪا »ﻣﻪن ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪپ ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﺗﻮر ﺋﻪﻛﯩﺮدﯨﻢ« دەﭘﺘﯘ‪ ،‬ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ »ﻣﻪن ﺗﻮرﻏﺎ ھﻪر‬ ‫ﺋﺎﯾﺪا ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن« دﯨﻤﻪﭘﺘﯘ‪ .‬دﯦﻞ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ »‪ Mbps5‬ﺗﻮرﻏﺎ ﺋﺎﯾﺪا ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘل‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﯾﺴﯩﺰ« ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن »ﺋﺎﯾﺪا ‪ 15‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن« دەپ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪردﯨﻢ‪ .‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﺪا ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘل‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﺗﻮر ﺗﺎرﺗﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﺗﺎرﺗﯩﺶ ھﻪﻗﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺗﺎﭘﺸﯘرﻏﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ 1 ،‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ‪25‬‬ ‫دوﻟﻼرﻧﻰ ﻗﺎﯾﺘﯘرۇپ ﺑﻪرﮔﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎﺗﻰ ﺗﻪﻛﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﺎﯾﻼردﯨﻜﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺷﻪھﻪردﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺧﯧﺮﯨﺪارﻻر ﺋﯚزى ﺗﺎﻟﻼپ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺗﻮر ھﻪﻗﻘﯩﺪە‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻟﯩﻨﯩﯿﻪﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻧﻮﻣﯘر ﺑﯘراپ ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻪﻣﻪﻟﺪﯨﻦ ﻗﺎﻻي دﯦﺪى‬ ‫)ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎر(‪ .‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻟﯩﻨﯩﯿﻪﺳﯩﺪە ‪ DSL‬ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ‪ ،‬ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﯿﻪ ﻛﺎﺑﯩﻠﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺶ‪ ،‬ﻧﯘر ﻛﺎﺑﯩﻞ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ۋە ﺳﯜﻧﺌﻰ ھﻪﻣﺮا ﻗﻮﺑﯘﻟﻼش ﺋﺎﻧﺘﯧﻨﻨﺎﺳﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ‬ ‫ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﻣﻪۋﺟﯘت‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ‪ 15‬دوﻟﻼرﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘپ‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﯟاﻟﻤﺎﯕﻼر‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، tavlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:55 19-9-2008 :‬‬ ‫‪-34‬ﺳﻮﺋﺎل ‪:‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪن) ﻣﻪﺳﻠﻪن ‪:‬ﻗﺎﻧﯘن ‪،‬ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دﯨﮕﻪﻧﺪەك ( ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ‬ ‫‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻﻣﯘ ؟ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻗﯘرۇﻟﯘش‪-‬ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ‪،‬ﺧﯩﻤﯩﯿﻪ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪51‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ‪،‬ﺑﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‪،‬ﻣﯩﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯖﻼ ﮔﯩﭙﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪﻧﻨﯩﯔ ﮔﯩﭙﻰ‬ ‫ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى ‪.‬ﺋﻪﻣﺪى ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﯚﮔﯩﻨﻪي دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻤﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﺪۇم ‪ ،‬ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻤﻤﯘ‬ ‫ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪس ‪.‬ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﯩﻲ ﭘﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﯾﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺟﯘﻣﯘ !‬ ‫ﮔﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق دەۋﯨﺮەي ‪،‬ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﻮرﺳﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرەي دەپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻرﻣﯘ ؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎر ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﻧﯘن ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﺸﯩﻤﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﯩﻤﯘ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﻧﯘن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﯾﯘﻗﯘرى ﻛﯩﺮﯨﻤﻠﯩﻚ ﺋﺎدۇۋﻛﺎت ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﯾﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ‪ TOEFL‬دﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ‪) LSAT-Law School Admission Test‬ﻗﺎﻧﯘن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ(‬ ‫ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺷﻪرت‪.‬‬ ‫ﺋﯚز ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ »ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺰدەﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎل« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﯘﺳﯘﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯚز ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻏﺎ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺟﺎۋاپ ﺗﺎﭘﺎﻻﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯘﻻﻧﻤﯩﺴﻰ‪:‬‬ ‫‪http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=15708‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎۋال ﻗﺎﻧﯘن ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﯾﯧﻘﯩﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ھﻪم ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﺑﻮﻟﻐﺎن‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮەر ﻛﻪﺳﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘن‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ۋە ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟاﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚز ﻛﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈپ ۋە ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﻛﻰ ﻛﻪﺳﭗ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: FinalFantasy‬‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﺷﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎل‬ ‫ﺋﯩﻼۋە‪ :‬ﺑﯘ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە »ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە دوﻛﺘﻮرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﯾﺎزﻣﯩﻐﺎ ﻗﺎﯾﺘﯘرۇﻟﻐﺎن ﺋﯩﻨﻜﺎس‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﯘﺳﺘﺎزﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﺗﯧﻤﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﻮﻟﻼﻧﺪى‪.‬‬ ‫ﺧﯘددﯨﻲ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﯘﺳﺘﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪەك‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺰدە ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻘﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘرﺳﻪت دﯦﮕﻪن ﺳﺎن‪-‬ﺳﺎﻧﺎﻗﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜﻧﻼر ﻛﯧﺮەك ﺑﻮﻟﻤﺎي‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﺷﯘ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺘﯜرۈﺷﯩﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ ﺑﻪك ﻣﯘھﯩﻢ رول ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ‪ Google‬دﯨﻦ‬ ‫ﺋﯩﺰدەش‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﯘﺳﺘﺎز ﻣﯩﺴﺎل ﺋﯜﭼﯜن ‪ Google‬دﯨﻦ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘس‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪت ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﻣﻨﯩﻠﻪش ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﺪە ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺷﯩﺮﻛﻪت ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯩﺮاق ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻤﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪا‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﻪك ھﺎﻟﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﻤﯩﺪۇق‪ ،‬دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﻗﺎﻟﺪۇق دﯦﮕﻪن ﮔﻪپ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻗﺎﭼﺎن‪،‬‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ۋە ﻛﻪﺳﭙﯩﻲ ﺑﯩﻠﻤﯩﻠﻪردە ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎس‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪52‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜپ ﺗﯘرﻏﺎن ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەﺷﻜﻪ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺗﯚۋەﻧﺪە ﻣﻪن »ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﺴﻰ« دﯦﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﺑﻨﯩﯔ ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ ﻗﯩﺴﯩﻤﯩﺪا ﺗﻪۋﺳﯩﯿﻪ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﻮر ﺑﯧﻜﯩﺘﻰ )‪ (Peterson's‬ﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺰدەش ﯾﻮﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘ داﯕﻠﯩﻖ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻨﯩﯔ ‪ URL‬ى‪www.petersons.com :‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﻣﺎﮔﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم‪ ،‬دەﯾﻠﻰ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ‬ ‫ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﺪەك ﻣﻪﺷﻐﯘﻻت ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪:‬‬ ‫‪ .1‬ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻜﻪ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﺰدەﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪردە ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪە ﭘﯜﻛﯜپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪب ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ Graduate School Search Quick ،‬ﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪب ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ‪ ،‬ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪب ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﺑﺎرﯨﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯘ ھﺎﻟﺪا ‪ Advanced Search‬ﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﺋﯩﺰدەش ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪن‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪53‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ .2‬ﺑﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪ ‪ C ,A, B‬دﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ﺋﯩﺰدەش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪن‪ A .‬ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا‪ ،‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎھﻪﺳﻰ‪،‬‬ ‫ﻛﻪﺳﭗ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟان ۋە ﺋﻮﻗﯘش ﺋﻮرۇﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت ﺋﯜچ ﺗﯜرﻟﯜك ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘرﻻر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪ B‬ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪب ﻧﺎﻣﻰ‪ ،‬ﻛﻪﺳﭙﻰ ۋە ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻠﯘق ﺳﯚزﻟﻪر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدﯨﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ C .‬ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘھﯩﻢ ﺳﺎھﻪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘ ﯾﻪردە ﻛﯚﭘﺮەك‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ‪ A‬ﺋﯘﺳﯘﻟﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺳﺎھﻪﺳﻰ )‪ (Graduate School Subject Area‬ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪا‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯧﻨﮋﯨﻨﯧﺮﻟﯩﻖ ۋە ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺸﭽﺎن ﺋﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮى )‪ (Sciences Engineering and Applied‬ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﯧﯖﯩﻼﻧﻐﺎن ﻛﻪﺳﯩﭗ )‪ (School Program Graduate‬ﻟﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪە‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ‬ ‫)‪ (Computer Science‬ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎرﻗﯩﺪﯨﻨﻼ ﺋﯘﻧﯟان دەرﯨﺠﯩﺴﻰ )‪(Degree/Award Level‬‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮ )‪ (Master's‬ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﺋﻮرﻧﻰ )‪ (Locations‬دﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﻗﻮﺷﻤﺎ ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﺮى )‪ (States United‬ﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻣﺎس‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺳﺘﺎﺗﯩﺴﺘﯩﻜﯩﻠﯩﻨﯩﭗ‪ Locations ،‬ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮڭ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪە ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﯾﻪردە ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪرﺗﯩﻤﮕﻪ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺪﯨﻦ ‪ 497‬ى ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪54‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ .3‬ﺋﻪﻣﺪى‪ MY RESULTS SEE ،‬ﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﮕﻪن‬ ‫ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪر ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻠﯩﺮى‪ ،‬ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﺋﯘﭼﯘر ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﻠﺨﻪت‬ ‫ﺋﺎدرﯦﺴﻰ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎدرﯦﺴﻰ دﯦﮕﻪﻧﺪەﻛﻠﻪر ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﻠﮕﻪن‪ .‬ﺋﻪﻣﺪى ﻣﻪن ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﻪش ﻗﻮﻟﺪەك ﺗﻮﻧﯘش ﺑﻮﻟﻐﺎن ‪ BASIC‬ﺗﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﺑﯚﺷﯜﻛﻰ __ دارﺗﻤﺎۋس ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ‬ ‫)‪ (Dartmouth College‬ﻧﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻼي‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﺘﻪ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈش ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﻣﻪن‬ ‫ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻰ )‪ (Science Department of Computer‬ﻧﻰ‬ ‫ﭼﻪﻛﺘﯩﻢ‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪55‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ .4‬ﺑﯘ ﺑﻪﺗﺘﻪ‪ Dartmouth College ،‬ﻧﯩﯔ ‪ Department of Computer Science‬ﻧﯩﯔ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﻧﮕﻪن‪ ،‬ﺑﯘﻻر ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪:‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻛﻪﺳﭙﻰ )‪(Study Programs of‬‬ ‫ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﯾﺎردەم )‪(Financial Aid‬‬ ‫ﺗﯘرﻣﯘش ۋە ﯾﺎﺗﺎق ﺧﯩﺮاﺟﻪﺗﻠﯩﺮى )‪(Living and Housing Costs‬‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪھﯟاﻟﻰ )‪(Outcomes Student‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪56‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﯘت ۋە ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻨﯩﯔ ﻗﺴﯩﻘﭽﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﻰ )‪(The College and The Department‬‬ ‫ﺧﻪت‪-‬ﺋﺎﻻﻗﻪ ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮى )‪(Correspondence and Information‬‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺷﺎراﺋﯩﺘﻠﯩﺮى )‪(Research Facilities‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ )‪(Study Cost of‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺗﻪﺷﻜﯩﻼﺗﻠﯩﺮى )‪(Group Student‬‬ ‫ﺋﻮرﻧﻰ )‪(Location‬‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى )‪(Applying‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻠﯩﺮى )‪(The Faculty and Their Research‬‬

‫دﯦﻤﻪك‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺑﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ھﻪرﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﯩﺪەك ﺋﯘﭼﯘرﻻرﻏﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‪،‬‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎم ﺋﻪڭ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ‪ Financial Aid‬ﺑﻪﻛﺮەك‬ ‫ﻣﯘھﯩﻤﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ ﯾﯘرﺗﯘﻣﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪا ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎز ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪردە ﻣﻪﻟﯘم دەرﯨﺠﯩﺪە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ‬ ‫ﯾﺎردەم ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎراﻟﯩﺴﺎق‪ ،‬ﺋﯘ ھﺎﻟﺪا ﺑﯘ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻤﯘ ﺑﻪك ﻗﯩﯿﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‪،‬‬ ‫داﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪر‪ ،‬ﺗﯚۋەﻧﺮەك ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟان ۋە ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﯾﺎردەم ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪57‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺗﯚۋەﻧﺮەك ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺳﺘﻪﻧﻔﻮرد‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﺋﺎﻟﻘﯩﺪار ﻛﻪﺳﭗ‪ ،‬ﺑﺎﻛﻼۋﯦﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ‬ ‫دﯦﮕﻪﻧﺪەﻛﻠﻪردە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﯾﺎردەم ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺑﻪك ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪﺗﻜﻪ دۇچ ﻛﯧﻠﯩﺸﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪردە ﻛﻪﺳﭗ ۋە ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ﺋﯘﻧﯟان ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‪ ،‬داﯕﻘﻰ ﺑﻪك ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺗﺎﻟﻠﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫دﯦﻤﻪك‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯘﺳﯘل ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﺷﺘﯩﻜﻰ داﺋﯩﻢ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﺳﯘل‪ .‬ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‬ ‫‪ 1000‬ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﺑﻼرﻧﻰ ۋاراﻗﻼپ ﯾﯜرۈپ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚزى ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﺑﮕﻪ ﺑﺎراﻻﯾﺪﯨﻜﻪن ﺋﯩﺪۇق‪.‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ۋە ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯧﺖ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻨﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﻲ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﻪﮔﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻣﯘ ﻛﯚپ‬ ‫ﺋﺎددﯨﯿﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺷﯘ ﻛﻮﻧﺎ ﭘﻪدە‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﯘن!‬ ‫ﺋﻪڭ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎرزۇﺳﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﯾﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﺋﺎرزۇﺳﯩﻐﺎ ﺑﺎﻟﺪۇرراق‬ ‫ﯾﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯚز ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﭘﻪن ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎﺗﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ھﻪﺳﺴﯩﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯜد ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن!‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:46 19-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﺎ ۋە ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ﺑﻪك ﻗﯩﻤﻤﻪت دەپ‬ ‫ﺳﯚزﻟﯩﮕﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺳﯚزﻟﯩﺮﯨﺪە ﺑﯘﻻر ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﺋﻪرزان دەپ ﺗﻪﺳﯟﯨﺮﻟﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‬ ‫ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ھﻪزﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮرﻧﯩﯔ ﺧﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻧﯘرﻏﯘن‪ ،‬ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﺎھﺎﺳﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ھﻪم ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن راﯾﯘﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎت ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﯾﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ‪ 50‬ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺷﻪھﻪرﮔﻪ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﺴﺎم‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪم‪،‬‬ ‫ﺑﻪزﯨﺪە ‪ 1‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺋﺎران ‪ 4-5‬ﻣﯩﻨﯘت ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﻟﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ‪ 2-3‬ﻣﯩﻨﯘت ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﻟﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪ 1 ،‬دوﻟﻼرﻏﺎ ‪ 90‬ﻣﯩﻨﯘت ﺳﯚزﻟﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﻤﻪن‪ .‬ﺋﺎۋاز ﺳﯜﭘﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ھﺎﻟﻼردا ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘق‪ ،‬ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ .‬ﺑﻪزﯨﺪە‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪا‪-‬ﺳﺎﻧﺪا ﺳﯜﭘﻪﺗﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺷﺎۋﻗﯘﻧﻤﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﮔﯧﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﯩﻨﻰ ﺋﯜزۈپ ﺋﯧﻠﯩﭙﻼ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﮔﯧﭙﯩﻤﮕﻪ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرﻣﺎﯕﻼر‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻤﯘ ھﺎزﯨﺮ دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪1 ،‬‬ ‫دوﻟﻼرﻏﺎ ‪ 90‬ﻣﯩﻨﯘت ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪاق ﯾﯧﺮﯨﮕﻪ ھﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯘﺳﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﻪرزان ﺳﯚزﻟﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﺋﯘرۇﻟﻐﺎن ﺗﯧﻠﯧﻔﻮن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﯘرۇﻟﻐﺎن ﺗﯧﻠﯧﻔﯘﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪرزان‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭙﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪(.‬‬ ‫‪: Tedbirkar‬‬ ‫‪-38‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﻪﺳﯩﭙﯩﻲ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪردە ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎر؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪڭ‬ ‫ﭼﻮڭ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ دەپ ﺋﯧﯿﺘﺴﺎق ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫‪: Bbmbird‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪58‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ - 39‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﯾﯩﻐﻘﺎن ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ھﺎﻟﻼردا ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ ؟‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺳﺎﯾﺎھﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪،‬ﭘﺎﯾﭽﯧﻜﻰ ‪،‬ﭘﺮوۋوت ﺳﻮدﯨﺴﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ‪،‬ﺋﻮﻗﯘش ‪،‬ﺋﯩﺌﺎﻧﻪ ‪،‬ﺋﯚي ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﻧﯩﯔ ﺑﻪك ﻛﯚپ ﻗﻪرزى ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﺋﯘﻻر ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ‬ ‫ﻗﯩﻼﻣﺪۇ؟‬ ‫‪: Aldanish‬‬ ‫‪ -40‬ﺳﯘﺋﺎل ‪:‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟ )ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ(‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ھﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪڭ ﯾﯘﻗﯩﺮى‬ ‫ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ‪ Toefl, Gre‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﺪەك ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼر‬ ‫ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎراﯾﺴﯩﺰ؟ ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻘﺮاق ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺮەك ﺑﯩﺮەرﺳﯩﮕﻪ ھﺎۋاﻟﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﺎق ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﯾﺴﻰ ؟‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ‪ ،‬ﺋﻪﯾﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﺎۋۇ دەرﺳﻨﻰ ﺑﯘرۇﻧﻼردا ﺑﻪﻛﺮەك ﺋﯜﮔﻪﻧﺴﻪم ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪن ‪،‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮەر ھﯩﺴﺴﯩﯿﺎﺗﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺗﻮر ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺗﯧﻠﻔﯘن ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺳﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰﯨﯿﻪ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺳﯩﺰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﺷﯩﺮﻛﻪت‪ ،‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت‬ ‫ۋە ﺳﯩﺰ ﺟﺎﯾﻼﺷﻘﺎن ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺳﯩﺰ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘل ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﻪھﯟال‪ .‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ‬ ‫‪ 15‬دوﻟﻼر ﺗﯜﻟﯩﺸﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ‪ 50‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﯩﺸﯩﻢ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟال‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯩﻨﯩﻘﻼ ﺑﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ﺋﯜﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮرﻏﺎ ﺑﺎج ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯘﺷﯘپ ھﻪر ﺋﺎﯾﺪا ‪ 29.99‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯩﻨﯩﻢ‬ ‫‪ Time-Warner‬ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ‪ .‬ﻗﻮل ﺗﯧﻠﻔﯘﻧﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﻰ ‪ 39.99‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﺑﺎج ﻗﻮﺷﯘﻟﺴﺎ ھﻪر‬ ‫ﺋﺎﯾﺪا ‪ 52‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪادوﻟﻼر ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﯧﻠﯟﯨﺰورﻏﺎ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 50‬دوﻟﻼردەك ﺗﯚﻟﻪﯾﻤﯩﺰ‪ 300 ،‬دەك ﻗﺎﻧﺎل ﭼﯩﻘﯩﺪۇ ) ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪك‬ ‫ﺋﺎز ﻛﯚرﯨﻤﯩﺰ(‪ .‬ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﻠﯟﯨﺰورﻧﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﯾﺎﺗﺎﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﯾﯧﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﯜﻟﻪﯾﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰ ﺗﯚﻟﻪۋاﺗﻘﯩﻨﻰ ﺳﻪل ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺮاﻗﻰ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﻗﻮل ﺗﯧﻠﻔﯘن ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﻤﻪي ﻣﯘﻗﯩﻢ ﺗﯧﻠﻔﯘن ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯖﯩﺰ ھﻪم ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﯩﻨﺘﯧﺮﻧﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﯾﯜرۈش ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﯩﺮﺳﯩﯖﺰ ﻛﯚپ ﺋﻪرزان ﺗﻮﺧﺘﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﯾﯩﺪە ﯾﺎﺗﻤﺎﯾﻤﻪن‪ .‬ﺋﯘ‬ ‫ﯾﻪردە ﯾﺎﺗﻘﺎﻧﻼر ﺗﻮر ۋە ﺗﯧﻠﯩﯟﯨﺰور ) ‪ 16‬ﻗﺎﻧﺎل ﭼﯩﻘﯩﺪۇ( ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﯾﺪا ‪ 15‬دوﻟﻼر ﺗﯜﻟﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎن ﺋﯚﯾﯘﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎرﯨﺴﻰ ‪ 600‬دوﻟﻼر‪ ) .‬ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ‪ 300‬دوﻟﻼر(‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﭼﻮڭ ﯾﺎﺗﺎق ﺋﯚي ﺑﺎر‪ ،‬ﺟﻪﻣﺌﻰ ‪ 100‬ﻛﯘۋادﯨﺮات ﻣﯩﺘﯩﺮدەك ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪59‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﺗﻮك ﭘﯘﻟﻰ ﯾﺎزدا ‪ 30-20‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﻗﯩﺸﺘﺎ ‪ 120‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺗﻮﻛﺘﺎ ﺋﯩﺘﯩﻤﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﺗﻮﻛﺘﺎ ﺋﯩﺴﺴﯩﯿﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺖ ﺷﻪھﻪرﭼﯩﺴﯩﺪە ﺋﯜي ﺋﻪرزان‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﯚﯾﻨﻰ ﯾﯧﻨﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﯩﺌﺎﺗﯩﻠﺪا ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ 1300‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﻛﺎﻟﯩﻔﻮرﻧﯩﯿﻪﻧﯩﯔ ﭘﺎﻟﻮ ﺋﺎﻟﺘﻮ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﯾﻪرﻟﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫‪ 2500‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺋﯩﺠﺎرە ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﻣﻪن ﻧﻮرﻣﺎل ﺗﺎﻣﺎق ﯾﯩﺴﻪم ‪ 8‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮ ۋاخ ﺗﺎﻣﺎق ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪرزان ﻧﻪرﺳﻪ ﯾﯩﺴﻪم ‪ 5‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﻧﻮرﻣﺎل‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ 8‬دوﻟﻼر‪ .‬دەﺳﻠﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﻗﯩﻼﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺑﻪك ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﻤﻪن‪.‬ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎق ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﯚزﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜزى ﺗﯜﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬ھﻪرﻗﺎﻧﺪا ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎق ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم‬ ‫ﺋﯜزﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜزى ﺗﯚﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻗﯩﺰﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﻘﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق‪ .‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻠﻪﺷﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜزى ﺗﯜﻟﻪپ‬ ‫ﻣﺎﯕﯩﺪۇ‪ ) .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪﺗﻠﯩﺸﯩﺶ ﺋﻪرزاﻧﻜﻪن‬

‫( ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯩﮫﻤﺎن ﻗﯩﻠﻐﯘﺳﻰ ﻛﻪپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺑﯜﮔﯜن ﻣﻪن‬

‫ﻣﯩﮫﻤﺎن ﻗﯩﻼي ) ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ ﺋﯘدۇﻟﻼ ﻣﻪن ﺳﺎﯕﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەي دەﯾﺪۇ‪ ،‬ﻣﯩﮫﻤﺎن ﻗﯩﻼي دﯨﻤﻪﯾﺪۇ( دەپ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﺎﻣﻨﯩﯔ ھﻪر ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﺳﻮﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ‪ 30‬ﻧﻪﭼﭽﻪدوﻟﻼر‪ ) ،‬ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﯾﯩﯖﯩﺮاق ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﯘﻟﯩﺪۇ(‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﮔﺎﻟﻮن ﮔﺎزﻧﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ‪ 4‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﺎم ‪ 13‬ﮔﺎﻟﻮن ﮔﺎزدا ﻟﯩﻖ ﺗﯘﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ‪ 9‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەش ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎرﺳﯩﻼ ﺑﯩﺮ ھﻪﯾﺪەﺷﻨﻰ‬ ‫ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﯧﻨﯖﯩﺰدا ‪ 5‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەش ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎ ھﻪﯾﺪەﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭼﻮﻗﯘم ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺶ ھﺎﺟﻪت‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯘﻧﯘﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯘﻧﺪاق ‪ 5‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻻر ﺑﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯘﻧﯘﻣﺎﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﺳﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮەر‪ -‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﺸﻜﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﺎرﻻرﻧﻰ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﯟەردۇق‪ ،‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼرﻣﯘ ﻛﯜﻧﯜﻛﻜﻪن‪ ،‬دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر دەپ ﻗﻮﯾﯘپ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻰ ۋاﺧﺘﯩﺪا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ ﻗﻮﯾﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر ﯾﻮق‪ ،‬ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ ﻛﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﺘﯩﺶ ﻣﻪﯾﺪاﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﻛﯿﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﻛﯜﻧﺪۈزدە ﯾﻮﻟﺪا ﺋﯜﮔﻪﻧﺪۇق‪ .‬ﻛﻪم دﯨﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﻪ ۋە ﯾﻮل ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯜﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﯾﯧﺰﯨﻘﭽﻪ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎن ﺋﯜﭼﯜن ‪ 20‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﯾﻮل‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜن ‪ 20‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺋﯜﭼﯜن ‪ 30‬دوﻟﻼر ﺟﻪﻣﺌﻰ ‪ 70‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯜﺗﻪﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﯾﻪﻧﻪ ﭘﯘل ﺗﯜﻟﻪپ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺑﯩﺮﯨﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫دەرﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎپ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ‪ 70‬دوﻟﻼردﯨﻦ ‪ 200‬دوﻟﻼرﻏﯩﭽﻪ‪ .‬ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯜﭼﯜن ھﻪر ﻣﺎۇﺳﯘﻣﺪا ‪400-300‬‬ ‫دوﻟﻼرﻟﯩﻖ ﻛﯩﺘﺎپ ﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ھﻪر ﻣﻪۋﺳﯘم ﺋﺎﺧﺮﯨﺪا ﻛﯩﺘﺎﭘﻼرﻧﻰ ﺋﻪرزان ﺑﺎھﺎدا ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﯘرۋاﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﯾﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼرﻏﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺳﺎﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ‪ 130‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﯖﻰ ﻛﯩﺘﺎپ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪۋﺳﯘم ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ‪ 70‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﻗﺎﯾﺘﯘرۋەﺗﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 90‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺋﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯜزى‬ ‫دەرﯨﺴﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﺶ ۋە ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﻻﺷﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﺎ ﻣﺎﯕﺪۇرﻣﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﻣﺎﯕﺪۇرﯨﺪۇ‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻰ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﻧﻤﯧﻦ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪەك ﺑﺎر‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﺰەﻟﮕﻪن‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪60‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﻪي ﻛﯚﻛﺘﺎت‪ ،‬ﯾﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎم ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﺋﻪرزان‪ .‬ﯾﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﺳﻪل‬ ‫ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﺑﻪك ﺋﻪرزاﻧﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎم ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺑﺎج‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪرزاﻧﺮاق‪ .‬ﻛﺎﻻ ﮔﻮﺷﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎداق ) ‪ 450‬ﮔﯿﺮام( ﻧﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ‪ 2‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯘﺷﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﻪرزاﻧﺮاق‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﯾﺎ ﺋﯩﻜﻜﯩﻼ ﯾﻪردە ﻗﻮي ﮔﻮﺷﻰ ﺳﺎﺗﯩﺪۇ‪،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎداق ‪ 4‬دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﺷﯘﺧﻼ ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎراپ‬ ‫‪ 50‬ﺳﯩﻨﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮﯨﻢ دوﻟﻼرﻏﯩﭽﻪ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺳﻪﯾﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﻗﺎﺗﻨﺎش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯜزﻟﯩﺮى ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەﭘﻼ ﺑﺎرﯨﺪۇ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼﻧﻐﺎ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﺎھﺎس‬ ‫ﭘﻪﺳﯩﻠﮕﻪ‪ ،‬ھﯩﯿﺖ ﺑﺎﯾﺮاﻣﻐﺎ‪ ،‬دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﺎراپ ﺋﯜزﮔﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﻪڭ ﺋﻪرزان ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﯾﻪردﯨﻦ ۋاﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﻐﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﻏﻪرﺑﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪڭ ﺷﻪرﻗﯩﮕﻪ ‪ 215‬دوﻟﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺑﯩﻠﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎي ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﯜﺳﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪرزان ﺑﯩﻠﻪت ھﺎزى ﯾﻮق‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ‪ 350‬دوﻟﻼر‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﯘﻟﯘۋاﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﯩﺴﯩﺪا ۋەزﯨﭙﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﻤﻪن‬ ‫) ﺳﺎﯾﻼﻣﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺳﺎﯾﻼﻧﻐﺎن‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ‪ 3500‬دەك ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪت ﺗﺎﺷﻼپ ﺳﺎﯾﻼﯾﺪۇ‪ ،‬ﻣﻪن‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﺷﯩﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ‪ %80‬ﺋﯜﺳﺘﯜﻧﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﺗﻘﺎن( ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﺪا ‪ 250‬دوﻟﻼر ﯾﺎردەم‬ ‫ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ ) ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﯩﺖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﺟﯩﻖ ﯾﻮق‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎز ﺋﺎﻟﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرﺳﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ‬ ‫ﺟﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ‪ 2000‬دوﻟﻼر ﺋﺎﻟﯩﺪۇ( ‪ .‬ﻣﻪۋﺳﯘﻣﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ‪ -‬ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻻر ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﻛﯩﺮاﺳﻰ‪ 3 ،‬ۋاخ ﺗﺎﻣﺎق‪ ،‬ﯾﺎﺗﺎق‪ ،‬ﺑﺎرﻏﺎن ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺋﯩﺠﺎرە ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼرﻧﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺗﯚﻟﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎي ﺑﯘرۇن ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻐﺎ دەپ ﻗﻮﯾﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺗﺎﻣﺎﻗﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﻤﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺗﺎﻣﺎق‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﻗﺎﭼﯩﻠﯩﻐﺎن ﮔﺎز دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ھﯩﺴﺎۋاﺗﯩﻨﻰ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﻪرﺳﻪم ﺋﺎﺗﭽﯘت ﻗﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﯩﺪەك ﺗﺎﻟﯘن ) ﻓﺎﭘﯩﯿﺎۋ ( ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ھﻪﻣﻤﻪ‬ ‫ﯾﻪردە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻧﻪرﺳﻪ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺳﯩﺰ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻜﻰ ۋە ﺑﺎھﺎﺳﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪،‬‬ ‫ﭼﻮڭ ‪ -‬ﻛﯩﭽﯩﻚ دوﻛﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﺪە ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﺗﭽﯘت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ھﻪر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﯾﯧﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪم ﺋﺎﺗﭽﯘت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﭘﯘﻟﻰ ﻣﻪن ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺧﻪﺟﻠﯩﮕﻪن ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﺟﯩﻘﺮاق ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ۋە ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﺘﯩﻜﻰ روﻟﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﯩﮕﻪ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن دۇﻧﯿﺎ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﭘﺎرﻻﻣﯩﻨﯩﺘﻰ ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﻣﻪرﻛﻪزﮔﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﯾﻰ ﺗﯘرﻏﯘزۇپ‬ ‫ﺷﯩﺘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﻟﯩﺸﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬دەل ﻗﺎﻧﯘن ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺖ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﺧﺴﯘس ‪ 4 -3‬ﺋﺎدەم ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎرﻻﻣﯩﻨﯩﺖ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ دۈﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﻗﯘرۇپ ﺑﯘﻻر ﭘﺎﯾﺘﻪﺧﯩﺖ‬ ‫ۋاﺷﯩﻨﮕﺘﻮﻧﺪە ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎ ﺗﻪﺳﯩﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﯾﻰ ﺋﺎدەم ﺗﯘرﻏﯘزۇپ دۈﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﻧﯘن‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎرﻟﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ‪ 400‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر‪ .‬ﻣﻪن ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﻪن ﯾﺎﻗﻰ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻲ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮى‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺷﯘﻧﺪاق ﯾﻪرﻟﻪردە ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﯩﺴﺎم ﺑﯘ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﻟﻐﯘم ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺗﻮر ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪن ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯚﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﻰ ﯾﯘرﺗﻘﺎ ﻗﺎﯾﺘﻘﺎﻧﺪا‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪا‪ ،‬ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺧﯧﻠﻰ ﺗﻮر ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺳﯜرﺋﯩﺘﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﭘﻪرﯨﻖ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ھﻪﻣﻤﻪ‬ ‫ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ھﻪﻣﻤﻪ ﺑﯩﻨﺎدا ﺳﯩﻤﺴﯩﺰ ﺗﻮر ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﻧﯘﻣﯘرﯨﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺴﯩﺰ‪Office, Windows, Matlab, Mathematica, Adobe .‬‬ ‫‪ products, Norton‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯨﺘﺎﻟﻼرﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪61‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ‪ % 30-20‬ﻟﯩﻚ ﺑﺎھﺎدا ﺗﺎرﻗﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯘﻣﺸﺎق‬ ‫دﯨﺘﺎﻟﻼر ) ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯘزﯨﻜﺎ‪ ،‬ﻓﯩﻠﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪش‪ ،‬ﺑﻮﻏﺎﻟﺘﯩﺮﻟﯩﻖ‪ ،‬ﭘﯘل ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻢ‪ ،‬ﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻜﺎ ﻻھﯩﯿﻠﻪش‪ ...‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك(‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺘﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﻤﯩﺰ ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ ‪ 70‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﻣﺎﯕﺪۇرۇﻏﻠﯘق‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪردە ‪20‬‬ ‫دەك ﻛﯘﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺑﺎر‪ 8-7 ،‬ﺋﺎدەم ﻣﺎﺋﺎش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﻛﯩﻢ ﻗﺎﻧﺪا دﯨﺘﺎﻟﻐﺎ ﺋﯩﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺴﺎ‬ ‫ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﺎرﺗﯩﺴﯩﻨﻰ ﺳﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺮﯨﭗ ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‬ ‫) ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ(‪ ،‬ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯨﺘﺎل ﺋﯜﭼﯜن ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ ‪ 15‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﻤﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﭘﯘل ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎل ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﺮﯨﺸﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮڭ‬ ‫ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﭘﯩﺮﯨﻨﯩﺘﯩﺮ ‪ ،‬ﻧﯘﺳﻘﺎﻟﻐﯘ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻗﻮﯾﯘﻏﻠﯘق‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﺎۋﺳﯘﻣﺪا ‪ 300‬ﺑﻪت ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎل‬ ‫ﺑﺎﺳﺴﺎ‪ ،‬ﻧﯘﺳﻘﺎﻟﻐﯘﻧﻰ ‪ 500‬ﺑﻪﺗﻜﯩﭽﻪ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺘﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯚز ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﺪا ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪﺗﻼر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺧﺎم ﭼﻮﺗﯩﻤﯩﺰدا ﻣﻪن ﺑﯘ‬ ‫ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﺰﻧﻰ ۋە ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﻗﺎپ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﯾﯩﻠﺪا ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ‪ 70‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼرﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﯾﻠﻰ‪ ،‬ﺋﺎز ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪر ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﻖ ﺋﻮرﻧﺎﺗﻘﺎن ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎن‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﯩﻠﺴﯘن‪،‬ﺑﯩﺰ ﺋﺎﺗﭽﯘت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻠﻰ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﯩﻜﺎر ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﻪﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ دەپ ﻻھﯩﯿﻪ ﺳﯘﻧﺴﺎم‬ ‫ﭘﺎرﻻﻣﯩﻨﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪي ﻗﺎﻟﺪى ) ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﭘﺎرﻻﻣﯩﻨﯩﺘﻰ ﺑﺎر(‪ ،‬ھﺎ ھﺎ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼردﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻻرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﮕﻪ ۋﯨﻨﺪوۋس ﻗﺎﭼﯩﻼﻗﻠﯩﻖ‪ .‬ﻟﯩﻨﯩﻜﯩﺲ‬ ‫ﺳﯩﺴﯩﺘﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ۋە ﺋﯩﻨﺠﯩﻨﯩﺮﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﻛﯚپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﯩﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﺎﻣﺪا ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﻰ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﯾﯘﺷﻤﯩﺴﯩﺪا ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﯾﺪە ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎر‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ھﻪر ۋاﻗﯩﺖ ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻮﭼﯘق ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺋﯜﭼﯜرﻣﻪي ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎم ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻪ ﺋﻮﭼﯘق ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە چ‬ ‫چ ‪ MSN ،‬ﻻرﻣﯘ ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ) ھﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪن ﻛﯜرﮔﻪن ﯾﻪرﻟﻪردە ( ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن دەﺳﻠﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۋﯨﺘﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﭼﯩﻼر ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۋﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﯩﺘﯩﮕﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻏﺎن‪ ،‬ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ دەپ ﺋﺎدەم ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ‬ ‫ﺋﯩﺘﯩﮕﻠﯩﻚ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﺎدەم ﻣﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻻرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜرﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜرﯨﻤﯩﺰ دﯨﺪى‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪،‬ھﻪم‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﺋﯜزەﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮى ﯾﻮق ۋاﺧﺘﯩﺪا ﻛﯜﻧﺪە ‪ 4-3‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜرۈﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺧﻮش ﯾﯧﻘﯩﭗ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ﺋﯜﭼﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ‬ ‫ﺋﯜﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜرﻣﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ‪ 6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﻗﯘﯾﯘﻟﻐﺎن ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻻرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ‪ Dell‬ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻻر‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪن ﺳﺎﺋﻪت ‪ 6‬دﯨﻦ ﻛﯩﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯩﻜﻜﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﺎﭼﯩﺪۇ‪ ) .‬ﻗﺎﭼﺎن ﺋﯧﭽﯩﺸﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﺮﻟﯩﺸﯩﭗ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯾﺪۇ( ‪ .‬ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﺋﺎﻣﻤﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ‬ ‫ﻗﯘﯾﯘﻟﻐﺎن‪ ،‬ﻣﻪن ﯾﯩﯖﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜزەﻣﻨﯩﯔ ﻛﯘﻣﭙﯘﺗﯩﺮى ﯾﻮق ۋاﻗﯩﺘﻼردا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺷﯘﻻرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺑﯩﻜﺎر‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎن ۋاﺧﺘﯩﻢ ﯾﻮق‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪62‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ﯾﻪر ﻛﯩﭽﯩﻜﻼ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺖ ﺋﯜﭼﯜن ﻗﯘرۇﻟﻐﺎن ﺷﻪھﻪر‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى‬ ‫‪ 28‬ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ ،‬ﺟﻪﻣﺌﻰ ﻧﯘﭘﯘس ‪ 35‬ﻣﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺑﯩﺨﻪﺗﻪر‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺋﯩﻜﻜﻪﯾﻠﻪن ﻛﯚپ ﺋﯩﭽﯩﯟﯨﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﯘﺷﺘﻼﺷﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﮔﯩﺰﯨﺘﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪۇق‪ ،‬ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ‬ ‫ﯾﺎﺗﻘﺎن ﺋﯚﯾﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﻻ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﻰ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﺋﺎﭼﻘﯘ ﯾﺎﺳﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ) ﺑﯩﺰ ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﯾﻪردە ﯾﺎﺳﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪر‬ ‫ﯾﻮﻗﻘﻪن‪ ،‬ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺷﻪھﻪردە ﺑﺎر‪ 20 ،‬ﻣﯩﻨﯘت ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ھﻪﯾﺪەﯾﻤﯩﺰ( ﯾﺎﺳﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺧﻮﺷﯿﺎﻗﻤﺎي ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﺎﻟﻤﺎﯾﺘﺘﯘق‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ‬ ‫ﯾﺎﺗﻘﺎن ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﯾﺎﺗﺎﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﯾﯜﺗﯜرۋەﺗﺘﯘق‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯿﯩﻦ ﺋﯜﯾﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﻤﯩﺪۇق ) ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى( ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ۋﯦﻠﯩﺴﯩﭙﺘﯩﻢ ﺑﺎر‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﻗﯘﻟﭙﯩﺴﯩﻤﯘ ﯾﻮق‪ .‬ﻛﯜﻧﯜپ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق ھﺎﻟﻪت ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎ داﺋﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪدەﭘﻠﻪپ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق ھﻪم ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ھﻪم ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن‬ ‫ﺗﯜزۈﻣﯩﺪە ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﯩﻤﯘ ﯾﻮق‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺑﯩﺮدەﻣﺪە ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻮﭼﯩﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺟﺎﯾﻼپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ‪ 3‬ﺋﺎي ﺑﯘرۇن‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪرﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯜﻟﯜم ۋە ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺖ ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﯾﯩﯖﻰ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘدا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﺎراﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﻗﯘش ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﯾﯘﺷﺘﯘرۈپ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن ‪-‬‬ ‫ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﺑﯘرۇن ﺑﯘ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪا ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﯾﯩﯖﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯜﺗﻜﯘزۇش ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﺳﯜزﻟﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺧﭽﺎق ﺑﻪك ﺋﯩﺴﯩﺪە ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪،‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻧﯘش ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪر ‪ Toosoon's Joke‬دەﯾﺪۇ‪) .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺗﯘرﺳﯘن‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯾﯩﻠﯩﻼ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ‬ ‫ﻗﯩﺰزﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ Toosoon‬دەپ ﺋﺎﺗﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﯩﯟاﻟﻐﺎن(‪.‬‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﻟﻪپ ﺟﺎۋاپ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎي ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﻼ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﺪۇم‪.‬‬ ‫‪: DELL‬‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ﺗﻪﭘﺴﻠﯩﻲ ﯾﯧﺰﯨﭙﺴﯩﺰ‪ GoogleMap .‬ﺗﯩﻜﻰ ﻛﻮردﯨﻨﺎت ﺋﻮردﯨﻨﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﯾﯩﯖﻪ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯚﯾﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻼﯾﻠﻰ‪.‬‬ ‫‪: Shash‬‬ ‫ﺑﯘرﻛﯘت‪،‬ﺟﯧﻚ‪....‬ﺋﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟‬ ‫‪MBA‬دا ﺋﯘﻗﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ؟‬ ‫رھﻤﻪت ﺳﯩﯩﻠﻪرﮔﻪ‪....‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪63‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Alipanwar‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪16:54 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ) ھﯩﭻ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻣﻪن ﻛﯜرﮔﻪن ﯾﻪرﻟﻪردە ( ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن دەﺳﻠﻪپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮەر ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻤﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۋﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻓﺎﻛﻮﻟﺘﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﭼﯩﻼر‬ ‫ﻣﻪﺷﻐﯘﻻﺗﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۋﯨﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺋﯩﺘﯩﮕﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻏﺎن‪،‬‬ ‫ﺑﯘزۇﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ دەپ ﺋﺎدەم ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺘﯩﮕﻠﯩﻚ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯜچ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﺋﺎدەم ﻣﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﺗﯩﭗ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻻرﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜرﻣﯩﺴﻪﯕﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜرﯨﻤﯩﺰ دﯨﺪى‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯜﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪،‬ھﻪم ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﺋﯜزەﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮى ﯾﻮق ۋاﺧﺘﯩﺪا ﻛﯜﻧﺪە‬ ‫‪ 4-3‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯩﺮﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۈﻟﮕﻪﻧﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺧﻮش ﯾﯧﻘﯩﭗ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮ ﺋﯜﭼﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﯜﯾﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯘﺗﯧﺮﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜرﻣﯩﮕﯩﻠﯩﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ‪ 6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ‬ ‫ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﺋﯜﭼﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‬ ‫ﻛﯩﻨﻮﻻردا ﺧﺎﻛﻜﯧﺮﻻر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﻛﻮﻣﯩﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺋﻮﻏﯩﺮﻻپ ﯾﯜرﺳﻪ؛ ﻣﻪن‬ ‫ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯘﻧﻰ رﯦﮋﯨﺴﻮرﻧﯩﯔ ﻗﻪﺳﺘﻪن ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﻏﯩﻨﻰ‪ ،‬ھﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮى‬ ‫ﺋﯩﺘﯩﻚ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪۇ دەپ ﺋﻮﯾﻼﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻜﻪﻧﺪە‪...‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tedbirkar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:28 20-9-2008 :‬‬ ‫‪-38‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tedbirkar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:28 20-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﻪﺳﯩﭙﯩﻲ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﻠﻪردە ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎر؟‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‪ ،‬ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ دەرﺳﻠﻪردە ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻻ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﯘش‪TOEFL, GRE ،‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ‪.‬‬ ‫‪ GRE Computer Science Subject Test‬ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ‪،‬‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ داﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردﯨﻦ ‪MIT, Berkeley, UIUC‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪64‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tedbirkar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:28 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﻞ ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ دەپ ﺋﯧﯿﺘﺴﺎق ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tedbirkar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:28 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪۋەﻟﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺖ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دۆﻟﯩﺘﻰ ۋە ﺧﻪﻟﻘﻰ‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﻣﻪﻧﭙﻪت‪ ،‬ﭘﺎﯾﺪا )ﺑﯩﻠﯩﻢ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ‪ ،‬ﻣﺎددى ﺑﺎﯾﻠﯩﻖ( ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ۋاﻗﯩﺖ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫‪ -40‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫)ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﻮﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ(‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻤﯩﺴﻰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﻛﻪﺳﭙﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜﻧﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘڭ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘڭ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎن ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﻰ ھﺎزﯨﺮﻟﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪڭ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﻐﺎ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻻﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﯘش‪ TOEFL, GRE ،‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردا ﯾﯘﻗﯘرى‬ ‫ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ‪ Toefl, Gre‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺧﯩﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ‪ ،‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﯩﺪەك ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردﯨﻦ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﺎﻣﯩﺪا‬ ‫‪ 1000‬دﯨﻦ ﺋﺎﺷﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯨﮕﯜدەك ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ‬ ‫ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﻣﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪65‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻗﯘﺷﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼر‬ ‫ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋاﻛﺎﻟﯩﺘﻪن ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎراﯾﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﺳﯩﺰ دﯨﮕﻪن »ﺑﻪزى ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼر« ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ؟ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻤﯘ؟ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﻼرﻧﯩﻤﯘ؟ ﻣﻪن ﺑﯘﻧﺪاق ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻗﺎرﯨﺸﯩﻢ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚزى ﻗﯩﻠﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ .‬ﺑﯩﺰدە »ﺋﯚزەﯕﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻐﺎ ﺋﯚزەﯕﺪﯨﻨﻤﯘ ﻗﺎﺑﯩﻞ‪ ،‬ﻛﯚﯾﯜﻧﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﻤﺎس« دەﯾﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻣﻪزﻣﯘﻧﺪا ﻣﺎﻗﺎل‪-‬ﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻠﻪر ﺑﺎرﻏﯘ دەﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫ۋاﻗﺘﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ۋاﻛﺎﻟﻪﺗﭽﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻘﺮاق ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻠﯩﻜﺮەك ﺑﯩﺮەرﺳﯩﮕﻪ ھﺎۋاﻟﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺴﺎق ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎرى‪ .‬ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﭘﯘﻟﺪﯨﻦ ﻗﯩﺴﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺳﯩﻨﺎپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻨﯩﯔ زﯨﯿﯩﻨﻰ ﯾﻮﻗﺘﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ‪ .‬ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘﻻر ﻗﯩﻠﻐﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎن ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﻗﯩﻼﻻﯾﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Aldanish :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:12 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﺑﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎن ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﯾﺴﻰ ؟‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ‪ ،‬ﺋﻪﯾﻨﻰ ﭼﺎﻏﺪا ﻣﺎۋۇ دەرﺳﻨﻰ ﺑﯘرۇﻧﻼردا ﺑﻪﻛﺮەك ﺋﯜﮔﻪﻧﺴﻪم ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪن ‪،‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮەر ھﯩﺴﺴﯩﯿﺎﺗﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻤﯘ؟‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻢ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚپ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚز ﻛﯚزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﻪن‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‪ ،‬ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﻧﻪرﺳﻪم ﺷﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﻛﯚﭘﻪﯾﮕﻪﻧﺴﯧﺮى‪ ،‬ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە »ھﻪي ﺋﯧﺴﯩﺖ‪ ،‬ﺑﯘرۇن‬ ‫دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدا ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا‪ ،‬ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ ﻣﯩﻨﯘت‪-‬ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻨﻰ‪ ،‬ﺷﻪﻧﺒﻪ‪ ،‬ﯾﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ‪،‬‬ ‫ﺑﺎﯾﺮام‪-‬ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪرﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪرﻣﻪي ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺘﯩﻢ« دەپ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە‬ ‫دەرﺳﻠﻪرﮔﻪ ﯾﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪي ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎي‪ ،‬ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ ،‬ﻧﯘرﻏﯘن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪك ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪66‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، shash :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 06:32 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﻪ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، shash :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 06:32 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى ﭼﯩﻘﯩﻤﻼرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﻛﯚﺗﯩﺮەﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﯾﺎﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﯾﻪﻧﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، shash :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 06:32 20-9-2008 :‬‬ ‫‪MBA‬دا ﺋﯘﻗﯘﺷﺘﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎر ﺑﻪرﺳﻪ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪڭ داﯕﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ .‬ﺑﯘﻻر‪:‬‬ ‫‪ ...Stanford, MIT, Berkeley, Columbia, UCLA ,Harvard‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر‪.‬‬ ‫دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰ »]ﺑﯜرﻛﯜت[ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘش« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ .‬ﺋﯘﻻﻧﻤﯩﺴﻰ‪:‬‬ ‫‪http://bbs.bilik.cn/viewthread.php?tid=8776‬‬ ‫‪: Bidar-Qutlan‬‬ ‫‪ -41‬ﺳﯘﺋﺎل‪:‬‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎي‪ TOEFL, GRE ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯾﯘﻗﯘرى‬ ‫ﻧﯘﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﻛﯘرۇس ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ﻧﯚﻟﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ‪ 2‬ﯾﯩﻠﺪا ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﻛﯚزﻟﮕﻪن ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﯾﯧﺘﻪﻟﻪرﻣﯘ؟ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﯘﻣﯘر)»ﯾﯘﻗﯘرى‬ ‫ﻧﯘﻣﯘر«ﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯚۋەن ﭼﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ؟( ﺋﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرۇﺳﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bidar-Qutlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:41 20-9-2008 :‬‬ ‫‪ -41‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎي‪TOEFL, GRE ،‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﯘﻣﯘر)»ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﯘﻣﯘر«ﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺗﯚۋەن ﭼﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ؟( ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯩﻞ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﻛﯘرۇس ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ‪ ،‬ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ ﻧﯚﻟﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﺎن ﺋﺎدەم ‪ 2‬ﯾﯩﻠﺪا ﺋﯩﭽﻜﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﻛﯚزﻟﮕﻪن ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻜﻪ ﯾﯧﺘﻪﻟﻪرﻣﯘ؟ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﯘﻣﯘر ﺋﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪67‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯩﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرۇﺳﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‬ ‫ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟‬ ‫‪ 2‬ﯾﯩﻞ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﺴﺎ‪ 0 ،‬دﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﺋﯚﮔﻪﻧﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردا ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﯩﺶ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﻗﻪرز ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﯾﺎردﯨﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﻛﻰ دەرﺳﺘﯩﻦ ﺳﯩﺮت ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ‬ ‫ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻏﻠﻰ دﯨﻠﺸﺎﺗﺠﺎﻧﻤﯘ ﺑﯧﺮﻛﯧﻠﯧﯿﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﯾﯩﻠﺪا ‪ 30‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر‬ ‫ﺗﯚﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرﺳﺘﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺧﺎرۋارد ھﻪم ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻪرﻛﯩﺴﻰ ﻗﯘدرەﺗﺠﺎن‬ ‫ﯾﺎﻗﯘﭘﺘﻪك ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺷﯩﺠﺎﺋﻪت ﻛﯚرﺳﯩﺘﻪﻟﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻤﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ‬ ‫ﭘﯘﺳﻪت ﺑﻪﻛﻤﯘ‪ ،‬ﺑﻪﻛﻤﯘ‪ ،‬ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﺎز‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎۋال ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻛﯚپ ﺋﻪۋزەل‪) .‬ﺑﯘ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚز ﻗﺎرﯨﺸﯩﻢ‪(.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻮﻏﻠﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﻮﻗﯘۋﯦﻠﯩﺶ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﻪڭ ﺋﺎﻗﯩﻼﻧﻪ‬ ‫ﭼﺎرﯨﺪۇر‪.‬‬ ‫‪: Musicfan‬‬ ‫ﯾﺎﻣﺎن ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼر ﺳﻮرﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‬

‫‪ - 42‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪر ﺑﺎر ؟ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ھﺎزﯨﺮ ﻣﻮدا ﺑﯘﻟﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﺋﯧﻘﯩﻤﻰ‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﻰ ؟ ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎﭼﻘﺎﻧﺪا ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮرۇﻧﻼرﻏﺎ ﺑﺎرﯨﺴﯩﻠﻪر ؟‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Musicfan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪23:35 20-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﺎﻣﺎن ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼر ﺳﻮرﯨﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‬

‫‪ - 42‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯩﻤﻠﻪر ﺑﺎر ؟ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪ ‪...‬‬ ‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪدە ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻞ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر‬ ‫ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻠﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮەر ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻣﯘزﯨﻜﺎ ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ھﺎزﯨﺮ ﯾﺎﺷﻼر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺋﻪڭ ﻣﯘدﯨﺴﻰ ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻠﯩﻜﻪرﻧﯔ ﺧﯩﭗ‪-‬ﺧﻮپ‪ ،‬رەپ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻣﯘزﯨﻜﯩﺴﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻻﺗﯩﻨﻮ ﻣﯘزﯨﻜﻼرﻣﯘ ﻛﯚپ‪ .‬ﭼﻮﯕﻼر ﺟﻪز ﻣﯘزﯨﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚﭘﺮاق ﺋﺎﯕﻼﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، tavlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:55 19-9-2008 :‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪68‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-34‬ﺳﻮﺋﺎل ‪:‬‬ ‫‪...‬‬ ‫ﮔﯩﭙﯩﻤﻨﻰ ﺋﻮﭼﯘق دەۋﯨﺮەي ‪،‬ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﻗﺎﻧﯘﻧﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﻮرﺳﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرەي دەپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻮﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻻرﻣﯘ ؟ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎر ؟‬ ‫ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺟﺎۋاﺑﯩﻤﺪا ﺑﯩﺮ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻛﺎم دەپ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘرۇن ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪Political Science ،‬‬ ‫)ﺳﯩﯿﺎﺳﻰ ﺋﯩﻠﯩﻢ؟( ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎن‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪) Criminal Justice‬ﺟﯩﻨﺎﯾﻰ ﺋﯩﺸﻼر ﺋﻪدﯨﻠﯩﯿﻪﺳﻰ؟( ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻤﯘ ﯾﯘﻗﯘرى ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﻤﯘ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ‪ 2‬ﻛﻪﺳﭗ‬ ‫ﺳﯩﺰﮔﯩﻤﯘ ﺑﻪك ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﺷﻼرﻏﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺷﻪرﺗﻠﻪر ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘش‪TOEFL, GRE ،‬‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر‪.‬‬ ‫‪: Musicfan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪22:37 20-9-2008 :‬‬

‫ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪدە ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻞ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻤﻼﺷﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر‬ ‫ﺋﺎﻧﺴﺎﻣﺒﯩﻞ ‪...‬‬ ‫ﺑﯩﺰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎق ﺑﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﯘدەك ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﺎرﻣﯘ ؟ ﺑﯩﺮە ﺳﻮرۇﻧﻠﯘق دەﯾﻤﯩﻨﺎ ؟‬

‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ‪-‬‬

‫ﺗﯜﻛﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪرﺗﯩﭙﺘﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ ؟ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻜﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﻣﺪا ؟ ﺳﺎز ‪ -‬ﭘﺎز ﭼﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺑﺎرﻣﯘ ؟‬ ‫ﺗﻮﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮپ ﻗﺎﻟﺴﺎ دۇﺗﺘﺎر ﭼﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮەي دﯨﮕﻪن‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tedbirkar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:28 20-9-2008 :‬‬ ‫‪-38‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﺶ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ‪...‬‬ ‫‪ Michael Scofield‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ MIT‬دە ﺑﯩﻨﺎﻛﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻨﮋﯦﻨﯧﺮﻟﯩﻘﯩﺪا ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫‪ Michael Scofield‬ﻧﯩﯔ ﺳﺎدﯨﻖ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﯩﺰ‪ MIT ،‬ﻏﺎ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘ دەرس ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ دەرس ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﺎﺗﻘﺎن ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﯾﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﯘ ﻣﺎﯕﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ھﻮﯾﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﯾﻮﻟﻼردا ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ھﻪﻗﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﻻﯾﯩﻖ ﻣﻪﺳﺘﺎﻧﻪ ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﯖﯩﺰدە‪.‬‬ ‫‪: Tugh‬‬ ‫‪ -43‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت )دۇﻛﺎن( ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺧﻪت ﺋﯘرۇش‪ ،‬ﻛﯚﭘﻪﯾﺘﯩﺶ ‪ ......‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن(‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼر دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك »ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ« ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘراﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪69‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Bihlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tugh :‬ۋاﻗﺘﻰ‪14:15 21-9-2008 :‬‬ ‫‪ -43‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت )دۇﻛﺎن( ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ‪...‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﯩﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻼردا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪر ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﺧﻪت ﺋﯘرﻏﯘزۇپ‪ ،‬ﻓﯘﯾﯩﻦ ﻗﯩﻠﺪۇرۇﺷﻘﺎ ھﺎﺟﯩﺘﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺶ رەﺳﻤﯩﯿﻪت ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﺮى ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﯩﺪەك‬ ‫ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﻰ ﺧﻪت ﺋﯘرۇش‪ ،‬ﻓﯘﯾﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻰ ﺷﯘ ﯾﯩﻐﯩﻦ‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯘرۇش‪ ،‬ﺋﻪرزﯨﯿﻪت ﻣﻪزﻣﯘﻧﯩﻨﻰ ﺋﯘرۇش‪ ،‬ﻛﯩﻤﻠﯩﻚ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻓﯘﯾﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬رەﺳﻤﯩﯿﻪت‬ ‫ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﺸﺘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ھﻪرﺧﯩﻞ ﺟﻪدۋەل‪ ،‬ﺋﺎﻧﻜﯩﺘﻼرﻧﻰ ﻻﯾﯩﮫﯩﻠﻪش ﯾﺎﻛﻰ ﻓﯘﯾﯩﻦ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ....‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪۋﺟﯘد ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪك ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ ﯾﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺗﻮﻏﺮا ﺟﺎۋاﭘﻨﻰ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺟﯧﻚ ۋە ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪر ﺋﯚزى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﯘن ھﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻗﺴﺎﻗﺎﻟﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪۇم‬

‫‪ Musicfan‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪﺗﻠﻪردە ﻛﻪم ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺳﺎھﻪﻧﻰ ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‬ ‫‪: Darah‬‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﭘﯩﺘﯩﻜﻪن ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ دەﻣﺴﯩﺰ دەل ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﻛﻮﯾﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ‪.....‬‬

‫‪-44‬ﺳﻮﺋﺎل ‪ :‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﯩﻠﻜﺘﯩﺮون ﺋﯘﭼﯘر )‪(电子信息科学与工程‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ‪-6‬ﺋﺎﯾﺪا‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﯨﻤﻪن ﻣﻪن ‪-2009‬ﯾﯩﻠﻰ ﯾﯩﻞ ﺑﯧﺸﯩﺪا ‪ TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ ‪،‬ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺑﺎر ﺋﻪﻣﺪى ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪن ‪ TOEFL‬دﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﺴﻪم ‪-2009‬ﯾﯩﻠﻰ‬ ‫‪-9‬ﺋﺎﯾﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﻮﻣﭙﯧﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ ؟ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪك‬ ‫ﺋﺎز دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ راﺳﯩﺖ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯩﺪۇ ؟؟ ﯾﺎﻛﻰ ﭼﻮﻗﯘم ‪ GRE‬ﺑﯩﺮﺷﯩﻢ ﻛﯩﺮەﻛﻤﯘ ؟؟‬ ‫‪: Bihlan‬‬ ‫‪-44‬ﺳﻮﺋﺎل‪) :‬ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﻮﭼﯘﻗﯩﻨﻰ دەۋﯨﺮەي( ﻣﻪن ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﻧﻮﻗﯘل ھﺎﻟﺪا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻧﯩﻼ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﭘﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﻤﺎي‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﻗﻰ ھﯧﺴﺎﺑﺘﺎ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﻧﺎﭼﺎر ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﺎدەم‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش دﯦﭙﻠﻮﻣﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﺎﻛﻼۋﯨﺮﻟﯩﻖ ﺋﯜﻧﯟان ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﻪم ﯾﻮق )ﻣﺎۋزﯦﺪۇڭ ﺋﯩﺪﯨﯿﯩﺴﻰ‪ ،‬ﻣﺎرﻛﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ‪،‬‬ ‫دﯦﯖﺸﯿﺎۋﭘﯩﯔ ﻧﻪزەرﯨﯿﯩﺴﻰ‪ ،‬ﻣﺎرﻛﺴﯩﺰﻣﻠﯩﻖ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﻲ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ‪ ....‬دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﭘﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﺎم‬ ‫دﯦﮕﻪﻧﺪە ‪ 2‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﻪردﯨﻢ‬

‫(‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ھﻪرﻗﺎﯾﺴﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردە ﺋﯩﺸﻠﻪش ۋە ھﯚﻛﯜﻣﻪت‬

‫ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺑﺎﻛﻼۋﯨﺮﻟﯩﻖ ﺋﯜﻧﯟاﻧﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪70‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪﻣﻨﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻧﺎﭼﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﯾﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺗﯘرﻣﯘﺷﯘﻣﻐﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﻣﺎﻧﺎ ﺋﻪﻣﺪى ﺋﻮﯾﻼپ ﺑﺎﻗﺴﺎم‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﺎﻏﺪەك ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻛﯘرﺳﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﻟﯘﻏﻪت ﻛﯚرۈش ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﺎدﯨﺘﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺳﯚزﻟﯜﻛﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮﻗﻪدەر ﻛﯚپ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﺪار ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ‪ MSDN‬ﻻردﯨﻜﻰ ﯾﺎردەم ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﺴﻰ( ﻟﻪرﻧﻰ ‪ 80%-70%‬ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﯾﺘﯩﻢ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺎﻟﻤﯩﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺳﯚزﻟﯜك ﺋﺎﻣﺒﯩﺮﯨﻢ ﺧﯧﻠﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﻧﺘﯘپ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﭘﯘرﺳﻪت ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ(‪ ...‬ﻧﺎۋادا‬ ‫ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎر دﯨﯿﯩﻠﺴﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺴﺎ ﺋﻪڭ ﺗﯧﺰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﻪڭ ﺋﺎز ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫)ﯾﻪﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪا ﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﯩﻼن ﺗﯜزەر ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺘﯩﯖﯩﺰ؟(‬ ‫‪: Nasin‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، darah :‬ۋاﻗﺘﻰ‪22:38 21-9-2008 :‬‬ ‫ﺧﯧﻠﻰ ﺑﻮﭘﯩﺘﯩﻜﻪن ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻠﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ دەﻣﺴﯩﺰ دەل ﻣﯘﺷﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﻛﻮﯾﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ ‪... ...‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ‪،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪت ﺑﻪك ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﺳﺮەك‬ ‫‪: ALIP-ER‬‬ ‫‪-45‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟ ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯘرﻏﯘزۇﺷﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﯟار ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎن؟ ﺋﻮﻗﯘﺷﺴﯩﺰ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻣﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟ دەرﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼر ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯘ؟ دەرﺳﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ دەپ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪ -46‬ﺳﻮﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك ‪ 10-8‬ﺋﺎدەم ﺑﯩﺮ ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﯾﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟال ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺗﻮي ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﺮاﯾﻰ‪:‬‬ ‫ ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪدﺑﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﺗﯚۋەن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﯘ‬‫ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪-‬‬

‫‪: Eagle‬‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، darah :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:38 21-9-2008 :‬‬

‫‪-44‬ﺳﻮﺋﺎل ‪ :‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺋﯩﻠﻜﺘﯩﺮون ﺋﯘﭼﯘر )‪(电子信息科学与工程‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ‪-6‬ﺋﺎﯾﺪا‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﯨﻤﻪن ﻣﻪن ‪-2009‬ﯾﯩﻠﻰ ﯾﯩﻞ ﺑﯧﺸﯩﺪا ‪ TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﯟەﺗﺘﯩﻢ ‪،‬ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﯩﺸﻪﻧﭽﯩﻢ ﺑﺎر ﺋﻪﻣﺪى ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪن ‪ TOEFL‬دﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﺴﻪم ‪-2009‬ﯾﯩﻠﻰ‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪71‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-9‬ﺋﺎﯾﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﻛﻮﻣﭙﯧﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻼﻟﯩﺸﯩﻢ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ ؟‬ ‫ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ‪ TOEFL‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﯾﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪GRE‬‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻤﯘ ﻻزﯨﻢ‪ .‬ﻧﺎۋادا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە داﯕﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ۋە\ﯾﺎﻛﻰ ﯾﯘﻗﯘرى ﺳﻮﻣﻤﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯩﻼﻧﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ GRE ،‬ﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ‪GRE Subject Test - Computer Science‬‬ ‫ﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯚرﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، darah :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:38 21-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪك ﺋﺎز دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ راﺳﯩﺖ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯩﺪۇ ؟؟‬ ‫ﯾﺎق‪ ،‬ﺧﺎﺗﺎ ﺋﺎﯕﻼﭘﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪك ﻛﯚپ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، darah :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:38 21-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﭼﻮﻗﯘم ‪ GRE‬ﺑﯩﺮﺷﯩﻢ ﻛﯩﺮەﻛﻤﯘ ؟؟‬ ‫ ﺷﯘﻧﺪاق‪ .‬ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪ GRE General Test‬ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﻮﻟﺴﺎ‪GRE Subject Test - ،‬‬‫‪ Computer Science‬ﻧﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﯧﺮەﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tugh :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:15 21-9-2008 :‬‬ ‫‪ -43‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت )دۇﻛﺎن( ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺧﻪت ﺋﯘرۇش‪ ،‬ﻛﯚﭘﻪﯾﺘﯩﺶ ‪ ......‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن(‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼر دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك »ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ« ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘراﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ ،‬ﺑﻪك ﻛﯚﭘﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪا‪-‬ﺳﺎﻧﺪا‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﻣﯘﻧﺪاق ‪ 2‬ﺗﯜرﮔﻪ ﺑﯚﻟﯜﻧﮕﻪن‪:‬‬ ‫]‪ [1‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯦﺘﺎﻟﻰ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘﻻر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫ﺧﯧﺮﯨﺪارﻻرﻧﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎل ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ رﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪ ،‬ۋﯨﺮۇس ﺗﺎزﯨﻼش‪ ،‬ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﺎ‬ ‫ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻼرﻧﻰ ﻗﺎﭼﯩﻼپ ﺑﯧﺮﯨﺶ ‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﯩﭽﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫]‪ [2‬ﺑﯧﺴﯩﺶ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‪ .‬ﺑﯘﻻردا ﭼﻮڭ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﭘﯜرﻛﯜﻟﻤﻪ رەﯕﻠﯩﻚ ﭘﺮﯨﻨﺘﯧﺮ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯚزى ﻻﯾﯩﭽﻪﻟﻪپ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺧﯧﺮﯨﺪارﻻر ﻻﯾﯩﭽﻪﻟﯩﮕﻪن ﭼﻮڭ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ 2-1‬ﺑﻪت ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫‪ 20-10‬ﺑﻪت ﺑﯩﺮەر ﺋﻮرۇﻧﻨﯩﯔ ﺗﻪﺷﯟﯨﻘﺎت ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻻﯾﯩﮫﻪﻟﻪش ۋە\ﯾﺎﻛﻰ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻣﯘﻻزﯨﻤﯩﺘﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪72‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺧﻪت ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪردە ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪ ،1‬ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن‬ ‫ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻼر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻼردا ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻻرﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﻪﭘﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﯘﻗﯘرى‪،‬‬ ‫ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯘرى ﺳﯜرﺋﻪﺗﺘﻪ ﺗﻮرﻏﺎ ﺋﯘﻻﻧﻐﺎن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻻر‪ .‬ﺑﯘﻻر ﺋﺎﻣﻤﯩﻐﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﯾﻪﻧﻪ ﭘﺮﯨﻨﺘﯧﺮﻻرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﭘﯘل ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﻻزﯨﺮﻟﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺘﯧﺮدا ‪ A4‬ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ ‪ 10‬ﺳﯧﻨﺖ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻧﯘﺳﻘﺎ ﺋﺎﻟﻐﯘ )ﻛﯚﭘﻪﯾﺘﻜﯜچ‪ ،‬ﻓﯘﯾﯩﻨﺠﻰ( ﻣﯘ ﻛﯚپ ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭼﻮڭ‪-‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ‪،‬‬ ‫ﻛﯚﻛﺘﺎت دۈﻛﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﺎي ﻗﺎﭼﯩﻼش ﭘﻮﻧﻜﯩﺘﻰ ‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎدەم ﻣﻪﺧﺴﯘس‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘرﻣﺎﯾﺪۇ‪) .‬ﮔﯘڭ ﻛﯚﺗﻪرﻣﻪﯾﺪۇ‪ (.‬ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﯜﭼﯩﻠﻪر ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﺎﺷﻘﯘرۇپ‪ ،‬ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﭘﯘل ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ‪ ،‬ﻣﺎﺗﯩﺮﯾﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚﭘﻪﯾﺘﯩﯟاﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 11:02 21-9-2008 :‬‬ ‫‪-44‬ﺳﻮﺋﺎل‪:‬‬ ‫‪...‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﭘﯘرﺳﻪت ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﯚزﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺋﯩﺶ(‪ ...‬ﻧﺎۋادا‬ ‫ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎر دﯨﯿﯩﻠﺴﻪ ﺋﯩﺶ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘچ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﺎﻣﺎﻣﻠﯩﺴﺎ ﺋﻪڭ ﺗﯧﺰ ۋە ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﺋﻪڭ ﺋﺎز ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫)ﯾﻪﻧﻰ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪا ﺳﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﯩﻼن ﺗﯜزەر ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺘﯩﯖﯩﺰ؟(‬ ‫ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎر‪ ،‬ﺑﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻤﯘ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﯚپ‪.‬‬ ‫ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪڭ ﺟﯩﺪدى ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺟﯩﺪدى‪ ،‬ﭼﯩﯔ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ‪TOEFL, GRE ،‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردا ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ دەرﺳﻠﻪردﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﯚۋەن ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﯾﯧﭙﯩﺸﻘﺎ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﭼﻮڭ روﻟﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ دەرﺳﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ دەرﺳﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻢ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دەرﺳﻠﯩﺮﯨﺪە ‪ 60-70‬ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ دەرﺳﻠﯩﺮﯨﺪە ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﯾﻪﻧﯩﻼ‬ ‫ﯾﺎراﻣﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻻﻻﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎدەم ﻣﺎﯾﻤﯘﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن دەﯾﺪﯨﻐﺎن ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دەرﺳﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻻﻗﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺟﯘﯕﮕﯘ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﯚﺗﯜﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دەرﺳﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﻮڭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪) .‬ﻣﯧﻨﯩﯖﻤﯘ ﺳﯩﯿﺎﺳﻪت دەرﺳﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮﯨﻢ ﺗﯚۋەن ﺋﯩﺪى‪(.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺑﺎش ﺋﺎﻏﺮﯨﺘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘرﺳﻪﺗﻠﯩﺮى ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪك ﻛﯚپ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﺶ رﯨﻘﺎﺑﯩﺘﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟاﻟﺪا‪،‬‬ ‫ﻣﻪن ﯾﯘﻗﯘردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺟﺎۋاﺑﯩﻤﺪا ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪەك‪ GRE Subject Test - Computer Science ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ‪ ،‬ﺗﯚۋەن ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﯾﯧﭙﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺸﻜﻪ ﭼﻮڭ روﻟﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﻼ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻦ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﻪك ﻛﯚپ ﯾﺎردﯨﻤﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﯘﭼﯘر‪ ،‬ﺗﻪﻗﻠﯩﺪى ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻰ‪:‬‬ ‫‪http://www.ets.org/Media/Tests/GRE/pdf/CompSci.pdf‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪73‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫‪-45‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎﻧﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﭽﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯘرﻏﯘزۇﺷﻘﺎ ﺋﯧﺘﯩﯟار ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺎل ﺑﯩﻠﯩﻢ‪) .‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﻨﯩﯔ ﺗﯜرﻟﯩﺮى ﻛﯚپ‪ (.‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺎل ﺑﯩﻠﯩﻢ ۋە ﺳﺎﭘﺎ ﯾﯧﺘﯩﺸﺘﯜرۈﺷﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪) .‬ﺋﻪدەﺑﯩﯿﺎت ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ‪ 1-2‬ﻣﻪۋﺳﯘم ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ‪ ،‬ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺧﯧﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯩﻠﯩﻤﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك دەرﺳﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﻪﺑﻰ ﭘﻪن ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ]‪...[American Politics‬‬ ‫دﯨﮕﻪدەك دەرﺳﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪۇ‪(.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎن؟‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﭽﻪ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﺴﯩﺰ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻣﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ ،‬ﺑﻪك ﺋﺎز‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫دەرﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼر ﻣﻪﻣﻠﯩﻜﻪت ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻤﯘ؟‬ ‫ﯾﺎق‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‪ ،‬دەرﺳﻠﯩﻜﻜﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ )ﻣﻪﻛﺘﻪپ راﯾﯘﻧﻰ(‬ ‫ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬دەرس ﺋﯚﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﯾﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪74‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫دەرﺳﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻗﻮﺷﯘﻣﭽﻪ دەپ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ۋە ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ دەرﺳﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﺴﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﺎﻟﻼپ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن دەرﺳﻠﻪردە ﻗﺎﯾﺴﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼش ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎرى‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫‪ -46‬ﺳﻮﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك ‪ 10-8‬ﺋﺎدەم ﺑﯩﺮ ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﯾﺎﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟال ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟال ﯾﻮق‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن‪ .‬ﺋﯘ ﺑﯘرۇن ‪ 1‬ﻣﻪۋﺳﯜم‬ ‫ﺑﯧﯿﺠﯩﯖﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ زﯨﯿﺎرەﺗﭽﻰ ﺧﻪﻟﻘﺎرا )ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻚ( ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ۋاﻗﺘﯩﺪا‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰۇ‬ ‫دوﺳﺘﯩﻨﯩﯔ ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺘﻰ‪-‬ﺋﯜﺳﺘﻰ ﻗﻮﯾﯘﻟﻐﺎن ‪ 8‬ﻛﺎرۋاﺗﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﻪك ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ‪-1‬ﯾﯩﻠﯩﺪا‪ ،‬ﺋﯚﯾﯩﯖﯩﺰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘم ﺋﺎرﯨﻠﯩﻖ ﯾﯩﺮاق ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪا ﯾﺎﺗﯩﺴﯩﺰ‪1 .‬‬ ‫ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ‪ 2‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﯾﺎﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﺎﺗﺎق ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻛﺎﻣﯩﺪا ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ )ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻪﻣﻪس( ھﺎﺟﻪﺗﺨﺎﻧﺎ‪ ،‬ﻣﯘﻧﭽﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﯾﯩﻠﻼردا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪا ﯾﯧﺘﯩﺶ‪-‬ﯾﺎﺗﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎر‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﯾﺎﺗﯩﻤﻪن دﯨﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﯾﺎﺗﺎق ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﺗﯩﻘﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەك ۋە ﻗﻮﻻﯾﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘس‬ ‫ﯾﺎﺗﺎق )‪ (Apartment‬ۋە ﺋﯚي )‪ (House‬ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻟﯩﻜﺘﻪ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﭼﯩﻘﯩﻤﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﺗﯩﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻛﯚﻟﯩﻤﻰ ﭼﻮڭ ۋە ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪﻟﯩﺮى ﺗﻮﻟﯘق )ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ‪ ،‬ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﭼﺎق‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﻛﯩﺮ ﺋﺎﻟﻐﯘ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﭼﺎ ﯾﯘﯾﻐﯘچ( ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﯾﯩﻠﻠﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪا ﯾﺎﺗﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﻪزى ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﻣﻪﺧﺴﯘس ﯾﺎﺗﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﻪﻻﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﺎﺗﺎق‬ ‫ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﺎﺗﺎق ﺑﯩﻨﺎﺳﻰ‪ ،‬ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﻟﺘﯘراق راﯾﯘﻧﻰ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، ALIP-ER :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 10:48 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى ﺗﻮي ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﺪا ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﯩﮕﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﻣﻪﻟﯘم ﺳﻪۋەﭘﻠﻪردﯨﻦ ﺟﻪﻣﯩﯿﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼر‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯧﺴﯩﻤﻰ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼرﻧﻰ ﺋﻮﯾﻼﺷﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯩﺮەﻟﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ‪.‬‬ ‫‪: tanha03‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪75‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪-47‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ‪西南交通大学土木工程‬دا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﻤﻪن ‪2009.‬ﯾﯩﻠﻰ ‪.6‬ﺋﺎﯾﺪا ﭘﯘﺗﯩﺪۇ‪.‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ‪.‬ﺑﯘﻛﻪﺳﯩﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎﺗﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‪.‬‬ ‫‪: DIL-UZ‬‬ ‫ﺗﯘﻏﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻤﯘ؟ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، tanha03 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 04:06 22-9-2008 :‬‬

‫‪-47‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ‪西南交通大学土木工程‬دا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﻤﻪن ‪2009.‬ﯾﯩﻠﻰ ‪.6‬ﺋﺎﯾﺪا ﭘﯘﺗﯩﺪۇ‪.‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ‪.‬ﺑﯘﻛﻪﺳﯩﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎﺗﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ‪ www.petersons.com‬ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋە‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺋﯘﭼﯘرﻻرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯩﻜﻪن‪ TOEFL, GRE ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺑﻪزى ﺋﺎز ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ داﯕﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر ‪ GRE Subject Test‬ﻣﯘ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪» .‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﯩﭗ ﺗﻪرەﻗﻘﯩﯿﺎﺗﻰ ﻗﺎﻧﺪاق« دﯨﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﯩﯟاﺗﯩﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:03 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺗﯘﻏﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺧﯩﻼپ‪ .‬ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:03 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﻰ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﯖﯩﺰدا‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮەر ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﺎراپ ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺗﯜرﯨﻨﻰ )ﺋﯧﻨﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯘرۇش‬ ‫ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ( ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﺎۋال ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪت ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﮕﻰ )‪ (Department of State‬ۋە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘدا‬ ‫ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺑﺎش ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻜﻰ ۋﯨﺰا ﺗﯜرﻟﯩﺮى ۋە ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﺎﻣﯩﺪا ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮى ۋە ﺑﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫دﯨﭙﻠﻮم ۋە ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪت ﮔﯘۋاھﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﯜزۈپ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ۋە ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻻش‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪ TOEFL‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﯿﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋە ﺋﯚﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯚز‪-‬ﻗﯘﻻق ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇﺷﻤﯘ ﻣﯘھﯩﻢ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى‪ ،‬زۆرۈر ھﯚﺟﺠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﯾﯿﺎرﻻش ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼر ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﯘپ ﻗﻮﯾﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪76‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﯩﺰدەك ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرس ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﯘﻣﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘش‪ ،‬ﺑﻪزى ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻮڭ ﻣﻪرﻛﻪز‪ ،‬ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮەر‬ ‫ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ۋە ﺗﻪﻟﯩﯿﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﺎﻣﯩﺪا ﺑﯩﺮەر ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘۋﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﯾﻼﺷﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ‪،‬‬ ‫ﻗﻮﻻﯾﻠﯩﻘﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪: Ogen‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ :‬ﺋﻪﻟﺮاﯾﻰ ‪ ،‬ۋاﻗﺘﻰ‪12:03 22-9-2008 :‬‬ ‫‪ -47‬ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪدﺑﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﺗﯚۋەن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﯘ‬ ‫ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، tanha03 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪16:06 22-9-2008 :‬‬ ‫‪-47‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ‪西南交通大学土木工程‬دا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﻤﻪن ‪2009.‬ﯾﯩﻠﻰ ‪.6‬ﺋﺎﯾﺪا ﭘﯘﺗﯩﺪۇ‪.‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ئ ‪...‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DIL-UZ :‬ۋاﻗﺘﻰ‪17:03 22-9-2008 :‬‬ ‫ﺗﯘﻏﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺸﻠﯩﺴﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﻐﺎ ﺧﯩﻼﭘﻤﯘ؟ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪17:08 22-9-2008 :‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، tanha03 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪16:06 22-9-2008 :‬‬ ‫‪-47‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ھﺎزﯨﺮ ‪西南交通大学土木工程‬دا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﻤﻪن ‪2009.‬ﯾﯩﻠﻰ ‪.6‬ﺋﺎﯾﺪا ﭘﯘﺗﯩﺪۇ‪.‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﯩﻤﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ئ ‪...‬‬ ‫ﻣﻪن ‪ www.petersons.com‬ﺗﻮر ﺑﯧﺘﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋە‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮەﻟﻪي ‪...‬‬ ‫ﺳﻮﺋﺎل ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺳﻮﺋﺎﻟﻨﯩﯔ رەت ﻧﻮﻣﯘرﯨﻐﺎ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر‪ ،‬ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﯿﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺴﯘن‪.‬‬ ‫‪: Tugh‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪77‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ -49‬ﻣﻪن )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ھﻪ‬

‫( ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯦﺘﺎل )ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯨﺘﺎﻟﺪﯨﻨﻤﯘ ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ھﺎﺟﻪﺗﺘﯩﻦ‬

‫ﭼﯩﻘﺎﻻﯾﻤﻪن( ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ‪ 3~2‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ دەپ ﻗﺎراپ‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺳﻪۋﯨﯿﻪم ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮەر ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯦﺘﺎل رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎل ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯩﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫‪: Zulyar‬‬ ‫‪-50‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﯾﻤﻪن‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎزﯨﺮ ﺋﯩﻘﺪﯨﺰاد‬ ‫ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ھﻪﻣﺪە ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻘﺪﯨﺴﺎد ‪ ،‬ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ۋە ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻘﺘﯩﺰادﻗﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺷﯘ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Tugh :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:41 22-9-2008 :‬‬ ‫‪ -49‬ﻣﻪن )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ھﻪ ( ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯦﺘﺎل )ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯨﺘﺎﻟﺪﯨﻨﻤﯘ ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ھﺎﺟﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﻻﯾﻤﻪن(‬ ‫ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ ‪ 3~2‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ دەپ ﻗﺎراپ‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺳﻪۋﯨﯿﻪم ﯾﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮەر ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ دﯦﺘﺎل رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎل ﻛﺎﺷﯩﻠﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ رﯦﻤﯘﻧﯩﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺶ ﺗﯩﭙﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺑﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎۋال ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼردﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪا‪،‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻر ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‪ ،‬ﺷﯚھﺮەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻠﻪر ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﯾﺪۇ( ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻر ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪا )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻼردا ﻗﺎﭼﺎ‬ ‫ﯾﯘﯾﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﺰﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺑﺎﻏﻼردا ﻛﯚﻛﺘﺎت‪ ،‬ﻣﯩﯟە‪-‬ﭼﯩﯟە ﺋﯜزﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪۇ(‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮ‪ ،‬دوﻛﺘﯘر ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرۈﭘﻤﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎﯾﯟاﺗﻘﺎن ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﯾﻪردە‪ ،‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﯘرۇق ﺧﯩﯿﺎل‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ۋە ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎل رﯦﻤﻮﻧﺖ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن »ﺷﯩﺮﻛﻪت« ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺋﯘﻻر ‪ 1-2‬ﺋﺎدەم‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﯟاﻟﻐﺎن »دۇﻛﺎن«‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق »دۇﻛﺎن« ﻻرﻧﯩﯔ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﺘﯩﯿﺎزى ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻛﯚﻟﻪﻣﻠﻪﺷﻜﻪن‪ ،‬ﭼﻮڭ ﺗﯩﭙﺘﯩﻜﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻜﻪ »ﻣﻪن ﺑﯘﻧﻰ ﻗﯩﻼﻻﯾﻤﻪن« دەﭘﻼ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﺎﻣﯩﺪا‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرس دﯨﭙﻠﻮﻣﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ۋە ‪ Microsoft, Cisco, Oracle‬ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻐﺎن‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻰ ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﻼر ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، zulyar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:54 22-9-2008 :‬‬ ‫‪-50‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﻣﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘر ﻗﯘرۇﻟﯘﺷﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﯾﻤﻪن‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎزﯨﺮ ﺋﯩﻘﺪﯨﺰاد‬ ‫ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ھﻪﻣﺪە ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺘﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺳﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﻘﺪﯨﺴﺎد ‪ ،‬ﻛﺎرﺧﺎﻧﺎ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ۋە ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯩﻘﺘﯩﺰادﻗﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻣﻜﯩﻨﻤﯘ؟ ﺷﯘ‬ ‫ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻪﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪78‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﻠﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯧﺮﯨﻠﺪى دﯨﮕﻪن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﺳﯩﺰدەك ﻛﻪﺳﭗ ﺋﺎﺗﻠﯩﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ‬ ‫دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﯖﯩﺰ ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪) .‬ﻧﺎۋادا ﯾﯩﻠﺪا ‪ 200-300‬ﻣﯩﯔ ﯾﯜﺋﻪن ﭘﯘﻟﻨﻰ ‪ 2-3‬ﯾﯩﻞ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻻﯾﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﯾﻮﻟﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‪(.‬‬ ‫‪: Chushtash‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، darah :‬ۋاﻗﺘﻰ‪22:38 21-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪن ‪ TOEFL‬دﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚﺗﺴﻪم ‪-2009‬ﯾﯩﻠﻰ ‪-9‬ﺋﺎﯾﻐﯩﭽﻪ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ‪... ...‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯖﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰ ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﯜﻟﮕﯜرﻣﻪﺳﺴﯩﺰﻣﯩﻜﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ‪-2009‬ﯾﯩﻞ ﻛﯜزﻟﯜك ﺋﻮﻗﯘش ﻣﻪۋﺳﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺑﯘ ﯾﯩﻞ ‪-9‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﺑﻪزى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ۋاﻗﺘﻰ ‪-12‬ﺋﺎﯾﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻼ ﺗﯜﮔﻪﯾﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪-1‬ﺋﺎي ﯾﺎﻛﻰ ‪-2‬ﺋﺎﯾﺪا ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ۋاﻗﺘﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺳﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم‬ ‫ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯩﺰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪۋەرﺗﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ‪ GRE‬ﺑﻪرﻣﻪي ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻤﺎﻗﭽﯩﺘﯩﻢ دﯦﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻣﯘ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫‪ GRE‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﯩﺮى ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﯩﺮاق ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﺘﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘراي‪ ،‬ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻮر ﺑﯧﻜﯩﺘﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺋﯘﭼﯘر ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪:‬‬ ‫‪Dayton University of‬‬ ‫‪) Southern Illinois University Carbondale‬ﺑﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ‪ GRE‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ھﻪم ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﻤﯘ‬ ‫ﺗﯚۋەن‪ ،‬ﺑﯩﺮاق دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼر ﭼﻮﻗﯘم ‪ GRE‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﻗﺎراپ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪،‬‬ ‫ﺳﯩﺰ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﭙﻰ ﻗﺎﻧﺪاﻗﻜﯩﻦ(‬ ‫ﻧﯧﻤﯩﻼ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯘن‪ ،‬ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﯘﺳﺘﺎز دﯦﮕﻪﻧﺪەك ‪ GRE‬ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ‬ ‫ﯾﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺳﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ‪ ،‬ۋە ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس‬ ‫ﻗﯩﻼﻻﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﻪزى ۋاﻗﯩﺘﻼردا ‪ GRE‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ TOEFL ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﭘﯩﺮاﻓﻔﯩﺴﻮرﻻر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ‪ TOEFL ،‬ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺸﻰ ھﻪﻗﻘﯩﻨﻰ ) ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫‪ 30$‬دﯨﻦ ‪ $80‬ﮔﯩﭽﻪ( ﺗﺎﭘﺸﯘرﻣﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر »ﻗﯩﻠﯩﻨﺮاق« ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﯾﺮۇﭘﯩﻼن ﺑﯩﻠﻪت ﭘﯘﻟﯩﻨﯩﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻧﯧﻤﯩﻼ دﯦﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن »ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻖ ﯾﯧﺮﯨﻢ دۇﻧﯿﺎ« ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ!‬ ‫‪: Qabil‬‬ ‫‪ -51‬ﺳﯘﺋﺎل‪ TOEFL, GRE ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯖﭽﯘ؟)»ﯾﺎﺷﻠﯩﻘﯩﯖﺪا ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺗﺎﺷﻘﺎ ﻣﻮھﯜر ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪەك‪،‬‬ ‫ﻗﯩﺮﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻗﯘﻣﻐﺎ ﻣﯚھﯜر ﺑﺎﺳﻘﺎﻧﺪەك« دەپ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻗﺎﻧﭽﯩﻜﻰ ﯾﺎش ۋاﻗﺘﯩﻤﯩﺰدا ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻﯾﻠﻰ‪(.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Qabil :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 10:24 22-9-2008 :‬‬ ‫‪ -51‬ﺳﯘﺋﺎل‪ TOEFL, GRE ،‬ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ ﻛﻮﻧﻜﯩﺮﯨﺖ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻨﯩﯖﭽﯘ؟‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪79‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Bihlan‬‬ ‫ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﻗﺎرا ﯾﺎﻣﻐﯘردﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮەك ﯾﺎﻏﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬ﺟﺎۋاب ﺑﻪرﮔﯜﭼﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ زﯦﺮﯨﻜﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫‪ chuxtash‬ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﻣﺪۇ؟ ‪ ....‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﯾﺎﺧﺸﻰ‪.‬‬ ‫ﺗﻮرداﺷﻼرﻏﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﻪﺳﻜﻪرﺗﯩﭗ ﻗﻮﯾﺴﺎم‪ :‬ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪرﺗﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮراش ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﺎزراق دﯨﻘﻘﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﯩﻠﻰ‪.‬‬ ‫‪: Aldanish‬‬ ‫‪-52‬ﺳﯘﺋﺎل ‪:‬‬ ‫ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ‪،‬دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪر ﻛﯩﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﺳﯘﺋﺎل ‪:‬‬‫ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ‪،‬دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن دوﻛﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪرﺗﻠﻪر ﻛﯩﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺑﺎﻛﻼۋوردﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﺳﺘﯧﺮ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﺳﺘﯧﺮﻟﯩﻘﻘﺎ‪ ،‬دوﻛﺘﻮر ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ‬ ‫ﺷﯘ ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮۋﯨﺘﯩﻠﮕﻪن‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺋﻮﺧﺸﺎش‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪22:50 22-9-2008 :‬‬

‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻤﯘ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﻪﻟﯩﯟى ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﯧﺸﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﻣﺎﯕﻐﺎﻧﺴﯩﺮى رﯨﻘﺎﺑﻪت‬ ‫ﻛﯜﭼﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﺸﯩﺪۇ‪ 25 .‬ﯾﺎش ﺑﯩﻠﻪن ‪ 30‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎۋال ‪ 25‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎۋال ﺷﯘﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﻤﯩﺰ دﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫‪: Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 08:28 23-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﺎﻛﻼۋوردﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﺳﺘﯧﺮ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻣﺎﺳﺘﯧﺮﻟﯩﻘﻘﺎ‪ ،‬دوﻛﺘﻮر ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪80‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺷﯘ ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮۋﯨﺘﯩﻠﮕﻪن‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺋﻮﺧﺸﺎش‪.‬‬ ‫ﺑﻪزى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر‪ ،‬ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ﻛﺎﻣﯩﺪا ‪» 30‬ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ ﺳﺎﺋﻪﺗﻰ؟« ) ‪Graduate Credit‬‬ ‫‪ (Hour) (研究生学分‬ﯕﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر‬ ‫ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘﻗﺘﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﺎ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﻠﻪر ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﯩﺪە ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺧﻪت ﯾﯧﺰﯨﭗ‬ ‫ﺳﻮرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 08:31 23-9-2008 :‬‬ ‫‪ 25‬ﯾﺎش ﺑﯩﻠﻪن ‪ 30‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎۋال ‪ 25‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﺗﺎﻟﻼﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ‪) Age Discrimination‬ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﻼرﻧﻰ ﯾﻪﻛﻠﻪش‪ ،‬ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ( ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﯾﺎزﻣﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎۋال ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﻤﯩﺰ دەﯾﺪﯨﻐﺎن؟(‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪز ﯾﯜزﯨﺪە ھﯚﺟﺠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯾﻪڭ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺋﯩﺠﺮا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﺪە‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪر ﯾﯜزﯨﺪە ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺗﯘرﻏﺎن ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ داﯕﻠﯩﻖ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن ﺋﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺘﻮﺗﻰ ﺑﯘرۇن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺋﻪھﯟاﻟﻰ ﺋﻮﭘﻤﯘ‪-‬ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﻮﻟﻐﺎن ‪ 2‬ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮى ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى‬ ‫ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻚ )ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ( ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن‪) .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯘﻻرﻏﺎ‬ ‫ﯾﺎردەم ﻗﯩﻼﯾﻠﻰ دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ (.‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﺎدۇۋﻛﺎت ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﻪﯕﮕﻪن‪) .‬ﯾﻪﻧﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻜﻜﻪ ﯾﺎن ﺑﺎﺳﺘﻰ دﯨﮕﻪن ﮔﯘﻧﺎھ ﺑﯩﻠﻪن‪ (.‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﯘ‬ ‫ﺋﺎق ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻐﺎ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯜز ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪم ﺗﯚﻟﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﺑﯘ ‪) Age Discrimination‬ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﻼرﻧﻰ ﯾﻪﻛﻠﻪش‪ ،‬ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ( ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﯾﺎزﻣﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎۋال ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﻤﯩﺰ دەﯾﺪﯨﻐﺎن؟(‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪز ﯾﯜزﯨﺪە ھﯚﺟﺠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯾﻪڭ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺋﯩﺠﺮا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﺪە‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪر ﯾﯜزﯨﺪە ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘن‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯾﻮق‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﯾﺎش ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻪزﯨﺪە ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﻮﯾﯘپ ﭼﻮﯕﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﯾﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺳﯘپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪81‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﻟﯩﻤﻼر ‪ ،‬ﺋﻨﯩﺴﺘﯘﺗﻼر ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﮔﻪر ﯾﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯕﻨﯩﯔ ﯾﺎﺷﺘﺎ‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻜﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﯾﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻨﯩﺴﺘﯘﺗﺘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﯩﺖ ﺑﺎر‪ ،‬ﯾﯧﺸﻰ ‪ 32‬دﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪا ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﻼر ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯩﺘﺎﺗﺴﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﭼﺎي ۋاﻗﺘﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﺎﻟﯩﻤﻼرﻧﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﻟﯩﻤﻼرﻣﯘ ﺋﯜز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎن ﺧﯘﺟﺎﯾﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻣﯘ‬ ‫ﺋﯚزى ﺟﯩﻘﺮاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺟﻪﻣﯿﻪﺗﻜﻪ ﺟﯩﻘﺮاق ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﺗﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻛﺎﺗﯩﭙﺘﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺳﻮراپ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﺸﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﯕﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﻟﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﯾﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﺑﯩﺮەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯩﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ دەل ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﺎﻟﻼش‪ .‬ﺟﯩﺪدى ﺷﯘﻧﺪا ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯩﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻر ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﯾﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻠﯘق ﻣﻪﻟﯘم ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﮕﻰ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻤﻪن دﯨﺴﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ‪ No way, let me see‬دەﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﺎﻟﯩﻢ ﭘﯘل ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯜزﯨﯖﯩﺰ ﭘﯘل ﺗﯚﻟﻪپ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮاق ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ‪MBA‬‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪردە ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرۇﭘﻼ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ‪) Age Discrimination‬ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﻼرﻧﻰ ﯾﻪﻛﻠﻪش‪ ،‬ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺶ( ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﮕﻪن ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﯾﺎزﻣﺎ ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟ )ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎۋال ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﻤﯩﺰ دەﯾﺪﯨﻐﺎن؟(‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﯾﯧﺸﻰ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮڭ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪز ﯾﯜزﯨﺪە ھﯚﺟﺠﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﭘﯜﺗﯜﻟﮕﯩﻨﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺗﯧﺨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﯾﻪڭ ﺋﯩﭽﯩﺪە‬ ‫ﺟﯩﻤﺠﯩﺘﻼ ﺋﯩﺠﺮا ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﺪە‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪر ﯾﯜزﯨﺪە ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘن‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﯾﻮق‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺪﯨﻦ ﯾﺎش ﻛﻪﻣﺴﯩﺘﯩﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﻪزﯨﺪە ﻛﯩﭽﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﻮﯾﯘپ ﭼﻮﯕﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﯘﻟﺴﺎ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﯾﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﯘﺳﯘپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎﻟﯩﻤﻼر ‪ ،‬ﺋﻨﯩﺴﺘﯘﺗﻼر ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﮔﻪر ﯾﺎﺷﺘﺎ ﭼﻮﯕﻨﯩﯔ ﯾﺎﺷﺘﺎ‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻜﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﯾﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﻨﯩﺴﺘﯘﺗﺘﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﺳﭙﺮاﻧﯩﺖ ﺑﺎر‪ ،‬ﯾﯧﺸﻰ ‪ 32‬دﯨﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎﻧﺪا ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﻼر ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯘﻧﻰ ﺳﯩﺘﺎﺗﺴﻜﺎ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﭼﺎي ۋاﻗﺘﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﺎﻟﯩﻤﻼرﻧﻰ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﻟﯩﻤﻼرﻣﯘ ﺋﯜز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎن ﺧﯘﺟﺎﯾﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻣﯘ‬ ‫ﺋﯚزى ﺟﯩﻘﺮاق ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺳﺎﻻﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ۋە ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺟﻪﻣﯿﻪﺗﻜﻪ ﺟﯩﻘﺮاق ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﺗﯩﮕﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻛﺎﺗﯩﭙﺘﺎ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺳﯩﺘﺎﺗﯩﺴﻜﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺳﻮراپ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯚرۈپ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﺸﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﯕﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻣﺎﻟﯩﻢ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﻨﻰ ﺳﯩﺰ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺷﯘﻧﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﮕﻪ ﯾﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‬ ‫ﺑﯩﺮەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎﻟﯩﻢ ﺑﯩﺮ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯩﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ دەل ﺳﯩﺰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﺗﺎﻟﻼش‪ .‬ﺟﯩﺪدى ﺷﯘﻧﺪا ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯩﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻر ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪﻏﻪزﮔﻪ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﯾﯧﺰﯨﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮﯕﻠﯘﻗﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﺎ ﭼﯜﺷﻠﯘق ﻣﻪﻟﯘم ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﮕﻰ ﺑﯘﻟﯩﺸﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﺎﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﻤﻪن دﯨﺴﯖﯩﺰ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ‪ No way, let me see‬دەﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﺎﻟﯩﻢ ﭘﯘل ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯜزﯨﯖﯩﺰ ﭘﯘل ﺗﯚﻟﻪپ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﯩﺮاق ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ‪MBA‬‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪردە ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرۇﭘﻼ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪82‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪: Qabil‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪21:31 20-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘرۇن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻢ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﭘﯘﺧﺘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚپ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚز ﻛﯚزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﻪن‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‪ ،‬ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﻧﻪرﺳﻪم ﺷﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﻛﯚﭘﻪﯾﮕﻪﻧﺴﯧﺮى‪ ،‬ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻤﻨﻰ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎن ۋە »ھﻪي ﺋﯧﺴﯩﺖ‪ ،‬ﺑﯘرۇن‬ ‫دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدا‬

‫ﺋﺎﻟﻰ‬

‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‬

‫ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن‬

‫ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﯩﻤﯘ‬

‫ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا‪،‬‬

‫ﻣﯩﻨﯘت‪-‬ﺳﯧﻜﯘﻧﺘﻨﻰ‪،‬‬

‫ﺷﻪﻧﺒﻪ‪،‬‬

‫ﯾﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ‪،‬‬

‫ﺑﺎﯾﺮام‪-‬ﺗﻪﺗﯩﻠﻠﻪرﻧﯩﻤﯘ ﻗﻮﻟﺪﯨﻦ ﺑﻪرﻣﻪي ﺋﯚﮔﻪﻧﻤﯩﮕﻪن ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺘﯩﻢ« دەپ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻼﻧﻐﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﻠﯘق ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە‬ ‫دەرﺳﻠﻪرﮔﻪ ﯾﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪي ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎي‪ ،‬ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ ،‬ﻧﯘرﻏﯘن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪك ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫‪ - 53‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺑﯘرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ۋەﺗﻪن ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﺎزا ﺋﯩﺘﯩﺒﺎر‬ ‫ﺑﯩﺮەﻟﻤﯩﮕﻪن‪ ،‬دۆﻟﻪت ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ »ھﻪﺟﻪپ ﺋﯜﮔﻪﻧﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻪن« دەپ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﭘﺴﯘﺳﯘﻟﯘق ھﯧﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﺪۇرﻏﺎن ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ۋە ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﺘﯜرۈپ ﺳﯚزﻟﻪپ‬ ‫ﺑﯩﺮەﻟﻪرﺳﯩﺰﻣﯘ؟ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﻗﻮﯾﯘﺷﯘم‪ ،‬ۋەﺗﻪن ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪە ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎرزۇﺳﯩﺪﯨﻜﻠﻪر ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻛﯜﭼﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﻛﻪﺳﯩﭙﻨﯩﻤﯘ ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﯩﺪۇ)ﻣﯘﺷﯘ ﺗﯩﻞ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﻧﯘرﻏﯘن ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﮕﻪﻟﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ(‪ ،‬ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪرەﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺗﺎزا ﺋﯩﺘﯩﺒﺎر ﺑﯩﺮەﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪).‬ﺑﯘ ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻛﯚز ﻗﺎرﯨﺸﻰ(‬ ‫‪: Yolbar‬‬ ‫ﺗﻮرداﺷﻼردﯨﻦ ﺋﯜﻣﯜد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ‪ ،‬ﺷﻪﺧﺴﻰ ﺳﯘﺋﺎل ﺋﻪﻣﻪس ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ‬ ‫ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر‪.‬‬ ‫‪.54‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ھﺎزﯨﺮ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰوردا ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﻪك ﺋﻪرﻛﯩﻦ ‪ ،‬ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ‬ ‫‪ ،‬ﺋﯘﻻر راﺳﻼ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ‪ ،‬ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻜﻤﯘ؟‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﻛﯩﻨﻮﻻردا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯘرﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﻨﻮﻻردا ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺷﻪرﻧﻰ ھﺎﯾﺎ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﯩﺮى‬ ‫ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﺎﻟﺘﺎ ‪ ،‬ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﭼﯘق ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ‪ ،‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ھﺎﻻﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﻛﻮﭼﯩﻼردا ﺳﯘﯾﯘﺷﯘپ ﯾﯘرﯨﯿﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺷﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘرﺗﯘپ ﺗﯘراﻣﺴﯩﺰ؟ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ھﺎزﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻗﻮل ﺗﯩﻠﻔﯘن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﻪك ﻣﻮدا ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪا ﺋﯘﭼﯩﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ‬ ‫ﻣﺎي ﻗﯘﯾﻐﯩﻠﻰ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎر ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﻪزى ﺷﻪﻛﻠﻰ‬ ‫ﺋﯚزﮔﻪرﮔﻪن ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ)ﭘﺎھﯩﺸﻪﺧﺎﻧﺎ( ‪ ،‬دﯨﺴﻜﻮﺧﺎﻧﺎ ‪ ،‬ھﺎراق ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﻪك ﺋﺎﺷﻜﺎرە ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘرﻣﺎﯾﯟاﺗﯩﺪۇ ‪ .‬ﺋﯘ ﯾﻪردە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻏﺎ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ؟ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺑﻪزى‬ ‫ﺟﺎﯾﻼردا‪ ،‬ﭘﯘل ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﺘﯜرۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﯘ؟‬ ‫دﯨﻦ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﯦﻜﯩﺪا دﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﯾﻮل ﻗﯘﯾﯩﻠﯩﺪۇ؟ ﺋﯘﻻر دﯨﻨﻐﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﺗﯘراﻣﺪۇ؟ ﺑﻪك ﻛﯚپ ﺳﯘﺋﺎل ﺳﻮراپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ ‪ .‬ﻛﻪﭼﯜرﺳﯩﻠﻪر‬ ‫‪: NAZARY‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪83‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ -55‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﻰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯾﻤﻪن )ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ‪ ،‬ھﻪم ﺗﯘرﻣﯘش‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫راﺳﺨﯘﺗﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻر ؟ ( دﯨﮕﯜﭼﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﻮﯾﯩﻠﯩﺪۇ ؟ ﺳﻪل ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯿﯩﺮاق ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻛﯩﻼر ‪.‬‬ ‫‪: Jeck‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪15:42 23-9-2008 :‬‬ ‫‪ -55‬ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﻰ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﯾﻤﻪن )ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ ‪ ،‬ھﻪم ﺗﯘرﻣﯘش‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫راﺳﺨﯘﺗﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ب ‪...‬‬ ‫ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈڭ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﺒﺒﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ‬ ‫· ﺗﺼﺒﺒﺺ ﻛﺔﺳﺼﭙﺘﺔ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﺻﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ‪05-10-2006‬‬ ‫·‬

‫دوﻛﺘﯘر ﻣﺔﻣﺔت ﺋﺼﻤﺼﻦ ﺋﺔﭘﺔﻧﺪص ﯾﺎزﻏﺎن ﻣﯘﻧﯘ ﺗﺼﻤﺎ ﺗﺼﺒﺒﺺ ﻛﺔﺳﺼﭙﺘﺔ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﺻﻜﺼﻐﺎ‬ ‫ﻛﺼﻠﺼﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺗﺔﯾﯿﺎرﻟﺼﻖ ﻗﺼﻠﺼﯟاﺗﻘﺎن دوﺳﺘﻼرﻏﺎ ﻛﯜپ ﭘﺎﯾﺪﺻﺴﺺ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﻮﻗﯘپ ﻗﻮﯾﻐﺎي‪ .‬ﻣﺔرﺻﭙﺔت‬ ‫ﺗﻮرﺻﺪﺻﻦ ﺋﯧﻠﺼﻨﺪص‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘﺋﻮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺶ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى‬ ‫ﯾﺎزﻏﯘﭼﻰ‪ :‬ﻣﻪﻣﻪت ﺋﻪﻣﯩﻦ‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺗﯜزۈﻣﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ )ﻣﻪدﯨﻜﺎل ﺳﭽﻮﺋﻮل( دا ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ‪ 4‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺑﺎﻛﺎﻻۋرﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘم ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮەﻟﻪﯾﺪۇ دەﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻤﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪە ﭼﻮﻗﯘم ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪﻧﺪە‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﻠﻪردە ﯾﻪﻧﻰ ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‪،‬‬ ‫ﺧﯩﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺌﻮﺧﯩﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬ﻣﯩﻜﺮوﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﻠﯩﻘﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﯾﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ )ﻣﻪدﯨﻜﺎل ﺳﭽﻮﺋﻮل( ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 4‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﺎﺷﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ‪ 4‬ﯾﯩﻠﻨﻰ‬ ‫ﻗﻮﺷﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺟﻪﻣﻰ ‪ 8‬ﯾﯩﻞ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪84‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ دوﻛﺘﻮرﻟﯘق ﯾﻪﻧﻰ ﻣﺪ )دوﻛﺘﻮر ﺋﻮف ﻣﻪدﯨﻜﯩﻨﻪ‪ (医学博士 ،‬ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻛﺎﻻۋرﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﭼﯩﻘﺴﯩﻼ‬ ‫ﭘﮫﺪ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﺎراۋەر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺋﯧﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ )ﺋﯘﻧﯩﺘﻪد ﺳﺘﺎﺗﻪس ﻣﻪدﯨﻜﺎل ﻟﯩﻜﻪﻧﺴﻪ‬ ‫ﺋﻪﺧﺎﻣﯩﻨﺎﺗﯩﺌﻮن‪ (美国医生执照考试 ،‬دەپ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺗﯧﭙﯩﭗ‪ 3 ،‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ‪ 4‬ﯾﯩﻠﻐﯩﭽﻪ رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ )زھﯘ ﯾﯘﺋﺎن ﯾﻰ ﺷﻰ‪،‬‬ ‫‪ (住院医生‬ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ رەﺳﻤﯩﻲ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻼﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺑﯩﺮ ﺗﯘﺗﺎش ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﺎﺗﻰ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﻮزى ﺗﺎﭘﯩﺪۇ‪ .‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‬ ‫رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﯩﭗ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﺋﯚزى‬ ‫ﺗﯧﭙﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﻠﻪن دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻻﻻﻣﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﯾﻪﻧﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮەر‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 5~3‬ﯾﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﭘﮫﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﭼﺎﻏﺎ ﺑﯘ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮش دوﻛﺘﻮر ﺋﯘﻧﯟاﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ﻣﺪ‪ ،‬ﭘﮫﺪ ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاﻗﻼر ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھﺎﻟﻼردا ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪،‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﻛﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﯩﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎن‬ ‫ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘن دۆﻟﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ دوﻛﺘﻮر ﯾﻪﻧﻰ ﻣﺪ )دوﻛﺘﻮر ﺋﻮف ﻣﻪدﯨﻜﯩﻨﻪ‪医学博 ،‬‬ ‫‪ (士‬دەپ ﺗﻮﻧﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪە ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ﺷﻪرت ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺪا دەپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﭽﯩﻼرﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺸﻰ ۋە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺗﯧﭙﯩﭗ ‪ 3‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ‪ 4‬ﯾﯩﻞ رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ )‪ (住院医生‬ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮدا‪ ،‬ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن‬ ‫ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﯾﻼ ﺋﻪﺳﻠﻰ دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻜﻰ دﯨﭙﻠﻮم ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﻪزى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘﻏﯘﻟﯘپ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﻐﺎن ھﯩﻨﺪﯨﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ ۋە‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪85‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻘﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪس ۋە ﻗﯩﻤﻤﻪت ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرۈﭘﻼ ﺋﻪﺳﻠﻰ دۆﻟﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﭗ‪ 4 ،‬ﯾﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ‪ 2 ،1‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻐﺎ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ‪8‬‬ ‫ﯾﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘپ ‪ 300‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼرﻏﺎ ﯾﯧﻘﯩﻦ ﭘﯘل ﺧﻪﺟﻠﻪپ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ‪ 4‬ﯾﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﯔ‬ ‫دوﻟﻼر ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﻤﺎﻗﺘﺎ‪.‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺗﯩﻞ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺳﻪل ﻗﯩﻨﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ‬ ‫دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪن ۋاﻗﯩﺖ ﺳﻪل ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ‪ 10- 5 ،‬ﯾﯩﻞ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﯩﻞ‬ ‫ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ ﮔﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﭗ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ﻣﻪن‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻗﯩﺰ ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﻰ ‪-1996‬ﯾﯩﻠﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﯾﻼ ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﻪﻻ ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ )‪ (住院医生‬ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﻛﺘﻪ‪ .‬ﺋﺎﻟﻼ ﺑﯘﯾﺮﯨﺴﺎ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 3‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﯩﻨﯩﯔ دﯨﭙﻠﻮﻣﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا رەﺳﻤﯩﻲ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯘﻧﺠﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺟﯘﯕﮕﻮﻧﯩﯔ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﺗﺎرﯨﺨﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن دﯦﮕﻪن ﻗﺎراﺷﺘﺎ‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺟﯩﻤﻪل ﻗﺎراش‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺗﯜزۈﻣﻰ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻣﯘﻛﻪﻣﻤﻪل ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﺴﯘن ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق دۆﻟﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﺴﯘن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻻﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ دوﻛﺘﻮرﻟﯘك‬ ‫ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﯾﻪﻧﻰ ﻣﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﯘ ﻛﯩﺸﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺪا دەپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪەك‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ دﯦﮕﻪن ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‪ 4 ،3 ،‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ )‪ (住院医生‬ﻧﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﺴﻪ‪،‬‬ ‫ﯾﻪﻧﯩﻼ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻨﯩﯔ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪى دﯦﮕﻪﻧﺪە‪،‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻛﯩﺸﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎي ﺗﯘرۇپ‪ ،‬دوﺧﺘﯘر‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺋﯘﻧﯟان ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ‬ ‫ﺋﯘﻧﯟان ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﯧﺘﯩﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﭘﻪﻗﻪت ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻻ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯘﻧﯟان ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﭘﺎﯾﺪﯨﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن دەپ ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬

‫ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ‬

‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪86‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬

‫ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﻐﺎن‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﮔﻪر ﺟﯘﯕﮕﻮدا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك دﯦﮕﻪن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ ،‬دەﺳﻠﻪﭘﺘﻪ‬ ‫دەپ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪەك ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﯾﻮق‪ .‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم دوﻛﺘﻮر ﯾﻪﻧﻰ ﻣﺪ ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻛﻪﺳﭙﻰ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﻪڭ ﻗﯩﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﻤﻤﻪت ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻪﺳﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻧﺎھﺎﯾﺘﻰ ﻗﯩﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺟﯘﯕﮕﻮ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪاﻗﺘﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮدا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك دﯦﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎﻛﺎﻻۋرﻟﯘق دﯨﭙﻠﻮﻣﯩﻨﻰ ﻣﺪ دەپ ﻗﺎراپ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ )ﺑﯩﺌﻮﺳﻜﯩﺌﻪﻧﻜﻪ ﺋﻮر ھﻪﺋﺎﻟﺘﮫ ﺳﻜﯩﺌﻪﻧﻜﻪ‪ (生物科学 ،‬ﭘﻪﻧﻠﻪر داﺋﯩﺮﯨﺴﯩﺪە ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﭘﮫﺪ ﮔﻪ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﺑﯩﻠﻤﻪﺳﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻨﭽﻪ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻣﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﭼﯧﻜﯩﯖﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪزى ﺟﯘﻧﯖﻮﻟﯘﻗﻼر ﺟﯘﯕﮕﻮدا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ دورﯨﮕﻪرﻟﯩﻚ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺮﺳﯩﯿﻪت ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪردە ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮاق ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﻣﺪ دەپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮ ﻣﺪ دﯨﻦ ﺗﯚۋەن‬ ‫ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﯩﻤﯘ ﻣﺪ دﯨﻦ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪر‬ ‫ﺷﻪرت‪-‬ﺷﺎراﺋﯩﺘﻰ ﺗﻮﺷﻘﺎن ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‪ ،‬ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﺪ دەپ ھﯧﺴﺎﺑﻼپ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﭘﮫﺪ ﻏﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬

‫ﺧﯩﺰﻣﻪت‬

‫ﺋﺎﺳﺎن‬

‫ﺗﯧﭙﯩﺶ‬

‫ﺑﻮﻟﻐﺎن‬

‫دوﺧﺘﯘرﻟﯘق‬

‫ﺑﯩﻠﻪن‬

‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ‬

‫ﻛﻪﺳﭙﻠﻪر‬

‫ﺑﯩﺌﻮﭼﻪﻣﯩﺴﺘﺮي )‪ ،(生物化学‬ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ)‪ ،(生物学‬ﮔﻪﻧﻪﺗﯩﻜﺲ ‪ ،遗传学‬ھﯩﺴﺘﻮﻟﻮﮔﻲ )‪،(组织学‬‬ ‫ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﻮﻟﻮﮔﻲ‬

‫)‪،(免 疫 学‬‬

‫ﻣﯩﻜﺮوﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪ ،(微 生 物 学‬ﺑﺎﻛﺘﻪرﯨﺌﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪،(细 菌 学‬‬

‫ۋﯨﺮوﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ،(病毒学‬ﻣﻮﻟﻪﻛﯘﻻر ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪ ،(分子生物学‬ﻣﻮﻟﻪﻛﯘﻻر ﺑﯩﺌﻮﭘﮫﯿﺴﯩﻜﺲ )‪分子生‬‬ ‫‪ ،(物物理学‬ﭘﺎﺗﮫﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ، (病理学‬ﭘﺎﺗﮫﻮﭘﮫﯿﺴﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ،(病理生理学‬ﭘﮫﺎرﻣﺎﻛﻮﻟﻮﮔﻲ )‪药理‬‬ ‫‪ ،(学‬ﭘﮫﯿﺴﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪.(生理学‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﻮدا ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘپ ﭘﮫﺪ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﺋﺎﺳﺎﻧﻐﺎ‬ ‫ﺗﻮﺧﺘﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪردە ﭘﮫﺪ ﺋﻮﻗﯘﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﯾﻪﻧﻰ ﮔﺮەﺋﻪن ﻛﺎرد )ﻟﯜ ﻛﺎ( ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻗﯩﯿﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪87‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﻮدا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﺪە ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻪﻟﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯘﻣﯘ ﺗﺎﻣﺎﻣﻪن ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﯾﻮﻟﻰ ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺮى ج‪ 1‬ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ۋﯨﺴﯩﺘﯩﯔ‬ ‫ﺳﭽﻮﻻر )ﺟﯩﺌﺎﺋﻮ ھﯘﺋﺎن ﺧﯘﺋﻪ زھﻪ‪ (交换学者 ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك )‪ (博士后‬ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى‬ ‫ھ‪1-‬ب ۋﯨﺰا ﯾﻪﻧﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺶ‪ .‬ﺑﯘﻻردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﻪرﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮى ﺋﻪﻧﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪە ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﯘش )ﺑﯩﺮاق ﺗﻮﺋﻪﻓﻞ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ(‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺟﯘﯕﮕﻮدا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن‪ ،‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼن‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﯩﺮەر ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﺪە ج‪ 1‬ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺋﺎﺳﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼر ﺳﺎن ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش ﺗﯚۋەن‪ .‬ھ‪1-‬ب ۋﯨﺰا ﺳﻪل ﺗﻪس ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺳﺎن ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ج‪ 1‬ﻏﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺳﻪل ﯾﯘﻗﯩﺮى‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻣﯘ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﻣﯘﺷﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﮔﺎﻧﻠﯩﺮى ﻧﯧﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﻪردە ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﻣﺪ ﯾﺎﻛﻰ ﭘﮫﺪ ﻻرﮔﺎ ﻣﯘھﺘﺎج؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﯘﻧﯟان ۋە ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎﺷﺘﺎ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﯚﻟﭽﻪم ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﺎﻛﺎﻻۋر ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 30‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ‪50‬‬ ‫دوﻟﻼر ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯧﺮﻟﯩﻖ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 50‬ﻣﯩﯔ‬ ‫دوﻟﻼردﯨﻦ ‪ 80‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﭘﮫﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺶ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪70‬‬ ‫ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 120‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼر ﺋﯘﺳﻤﻠﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ ‪4 ،3‬‬ ‫ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ رەﺳﯩﺪەﻧﻜﻲ )‪ (住院医生‬ﺑﻮﻟﯘش ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 40‬ﻣﯩﯖﺪﯨﻦ ‪ 60‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﻣﺎﺋﺎش ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫رەﺳﻤﯩﻲ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ دەﺳﻠﻪﭘﻜﻰ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 120‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﻪزى ﻛﻪﺳﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ دوﺧﺘﯘرﻟﯩﺮى ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻣﯩﻠﯿﻮﻧﺪﯨﻦ ‪ 1‬ﻣﯩﻠﯿﻮن ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﯩﺪا‬ ‫ﻣﺎﺋﺎش ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﯿﻮن ﻣﺎﺋﺎش ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن دوﺧﺘﯘرﻻرﻣﯘ ﺋﺎز ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺷﯩﺘﺎت‬ ‫ۋە ﺷﻪھﻪرﻟﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﭘﻪرﻗﻠﻪر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ج‪ 1‬ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪە ﻣﺪ ﯾﺎﻛﻰ ﭘﮫﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 18‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼردﯨﻦ ‪ 24‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھ‪1-‬ب ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪە ﻣﺪ ﯾﺎﻛﻰ ﭘﮫﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 34‬ﻣﯩﯔ‬ ‫دوﻟﻼردﯨﻦ ‪ 55‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﺎدەم ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرﮔﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﻣﻪﯕﯜﻟﯜك ﺗﯘرۇش ھﻮﻗﯘﻗﻰ ﺑﺎرﻻرﻧﻰ ﯾﻪﻧﻰ »ﮔﺮەﺋﻪن ﻛﺎرد«ﺋﻰ ﺑﺎرﻻرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻨﻰ ﯾﺎﻟﻼپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮى ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت‪ (1) .‬ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺳﻪۋﯨﯿﻪﻟﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪88‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺗﯚۋەن ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﭽﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﻪﻟﯘﻣﺎﺗﻠﯩﻖ‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ (2) .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﻪم ﺋﯘﭼﺮاﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﻮل‬ ‫ھﯜﻧﻪرۋەن ﯾﺎﻛﻰ ﯾﻮﻗﺎپ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺋﯧﮫﺘﯩﻤﺎﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻛﻪﺳﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﺎﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼر‪ (3) .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯧﻐﯩﺮ‪ ،‬ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺧﻪﺗﻪرﻟﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﯘﭼﯩﻼر‪ (4) .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺷﯘ ﻛﻪﺳﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﯾﯧﺘﯩﺸﻤﻪﯾﯟاﺗﻘﺎن ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﯩﻠﻪر‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺳﯧﺴﺘﯩﺮاﻻر‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﯾﺎﻛﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﭘﮫﺪ ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺪا دەپ ﺋﯚﺗﻜﻪن ﭼﻪت ﺋﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺗﯚۋەن ﻣﺎﺋﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻼر ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﮔﺎﻧﻠﯩﺮى ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ‬ ‫ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎدەم ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﯘﺧﺘﺎج‪ .‬ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﮔﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ھﻪم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪت ﻏﻪزﯨﻨﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرﮔﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﭽﻘﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎر‪،‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻر ﺗﯚۋەن ﻣﺎﺋﺎﺷﻠﯩﻖ ﭼﻪت ﺋﻪل ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﯩﺴﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﯾﺎﻟﻼپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ھﻮﻗﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻻھﯩﺪە‬ ‫ﺑﻪھﺮﯨﻤﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼر ھﯧﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرﮔﺎﻧﻼر‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎزارﻟﯩﻖ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻣﺎﺋﺎش ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺧﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻛﯚپ‪ ،‬رﯨﻘﺎﺑﻪت ﻛﯜﭼﻠﯜك‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﻮرﮔﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﭼﻪت ﺋﻪﻟﺪﯨﻦ ﺋﺎدەم ﯾﺎﻟﻼپ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ھﺎﺟﯩﺘﻰ ﯾﻮق‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﯘﻻر ﺑﻪرﻣﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚﭘﻠﻪپ ﺋﺎدەم ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﻪ ﻣﯘھﯩﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎن ۋﯨﺰا ﺗﯜرﻟﯩﺮى‬ ‫ف‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﭽﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻮﺋﻪﻓﻞ‪ ،‬ﮔﺮە ﻻردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﻨﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ‬ ‫‪ 1‬ﯾﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﻰ‪ 20-‬ﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﺎۋەﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﻰ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇن ﺗﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر‪ ،‬ھﻪﭘﺘﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪20‬‬ ‫ﺳﺎﺋﻪت ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺋﯩﺸﻠﻪش ھﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﻪﮔﻪر ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﻛﻪﺳﭗ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻏﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ف‪ 2-‬ۋﯨﺰا ف‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ ۋە ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋﯨﺰا ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش ۋاﻗﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ف‪ 1-‬ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ف‪ 1-‬ۋﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺗﻮﺷﺴﺎ ﺑﯘ‬ ‫ۋﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ج‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﯾﻪﻧﻰ ۋﯨﺴﯩﺘﯩﯔ ﺳﭽﻮﻻر" )‪ (交换学者‬ﮔﻪ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰﯨﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﯩﻤﯘ ‪ 6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ‪ 1‬ﯾﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘراﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﺘﻰ ﺋﻰ‪66-‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪89‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫دﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺋﻪڭ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ‪ 3‬ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ 3 .‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭼﻮﻗﯘم ﺋﻪﺳﻠﻰ‬ ‫دۆﻟﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺶ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺗﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﻰ دۆﻟﯩﺘﻰ‬ ‫)ھﻮﻣﻪ ﻛﻮﺋﯘﻧﺘﺮي( دﯨﻦ "ﻛﻪﭼﯜرۈم" )ج‪ 1-‬ۋاﺋﯩﯟەر( ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺑﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ﺋﻰ‪ 66-‬ﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻼ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﻮﻗﯘﻗﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەپ ﺑﯘ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﺪﯨﻦ ج‪ 1-‬ۋﯨﺰا‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﺎﺷﻘﺎ ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﭼﯜرۈم‬ ‫)ج‪ 1-‬ۋاﺋﯩﯟەر( ﻗﯩﻠﯩﺸﻰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ج‪ 2-‬ۋﯨﺰا ج‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺟﯚرﯨﺴﯩﮕﻪ ۋە ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋﯨﺰا ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش ۋاﻗﺘﻰ ج‪ 1-‬ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ج‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﻛﻪﭼﯜرۈم ﻗﯩﻠﯩﻨﺴﺎ ﺑﯘ‬ ‫ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﻤﯘ ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ھﺎﻟﺪا ﻛﻪﭼﯜرۈم ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ‬

‫ﻛﯚﭼﻤﻪﻧﻠﻪر‬

‫ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪﯨﻦ‬

‫ﺧﯩﺰﻣﻪت‬

‫ﻗﯩﻠﯩﺦ‬

‫ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﯩﺴﯩﮕﻪ‬

‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس‬

‫ﻗﯩﻠﯩﭗ‬

‫ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﻼﻧﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﺪا ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ھ‪1-‬ب ۋﯨﺰا ﺧﯩﺰﻣﻪت ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﭘﻪن‪-‬ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى‪ ،‬ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﻗﻮل‬ ‫ھﯜﻧﻪرۋەن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﻪم ﺋﯘﭼﺮاﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﭙﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﮔﻪ )ﻗﻮل ھﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪرﮔﻪ‪،‬‬ ‫ﺳﯧﺴﺘﯩﺮاﻻرﻏﺎ(‪ ،‬ﻣﯘﺗﻪﺧﻪﺳﺴﯩﺴﻠﻪرﮔﻪ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺑﻪزى دﯨﻨﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﯕﯜﻟﯜك ﺗﯘرۇش ھﻮﻗﯘﻗﯩﻐﺎ )ﮔﺮەﺋﻪن ﻛﺎرد( ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش ۋاﻗﺘﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ‪ 3‬ﯾﯩﻞ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﯘزۇن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ‪ 6‬ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ‪ 6‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﭼﻮﻗﯘم »ﮔﺮەﺋﻪن ﻛﺎرد«ﻗﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﺘﯩﺶ‬ ‫ﻛﯧﺮەك‪ 6 .‬ﯾﯩﻞ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﯘ ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ھ‪ 4-‬ۋﯨﺰا ھ‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺟﯚرﯨﺴﻰ ۋە ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ۋﯨﺰا ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش ۋاﻗﺘﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ھ‪ 1-‬ۋﯨﺰا ﺋﺎﻟﻐﯘﭼﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻞ ۋﯨﺰا ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ در_ﻣﻪﻣﻪت@‪ yahoo.com‬ﻏﺎ ﺧﻪت ﯾﯧﺰﯨﯔ‪.‬‬

‫ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘش ﯾﻮﻟﻠﯩﺮى‬ ‫ﯾﺎزﻏﯘﭼﻰ‪ :‬ﻣﻪﻣﻪت ﺋﻪﻣﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺗﯜزۈﻣﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ دوﻛﺘﻮرﻟﯘق )ﻣﺪ ﯾﺎﻛﻰ ﭘﮫﺪ( ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪە ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘ‪-‬ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﻗﯩﻠﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﮕﻪ ﺋﺎﺳﺎس ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮەر ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﺪا‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪90‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوﻛﻨﯩﯔ ۋاﻗﺘﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺋﻪڭ ﻛﯚپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ‪ 3‬ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﻮرۇن ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 3‬ﯾﯩﻞ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺮاق ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوﻛﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﺑﯩﺮ ﻗﺎرار ﯾﻪﻧﻰ ‪ 3‬ﯾﯩﻞ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ رەﺳﻤﯩﻲ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺸﻨﯩﯔ ﯾﻮﻟﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮەر ﭘﺮوﺟﻪﻛﯩﺘﻨﻰ ﭼﯚرﯨﺪﯨﮕﻪن ھﺎﻟﺪا ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﺳﺎھﺎدە ﻣﯘﻧﺘﯩﺰﯨﻢ ﺗﻪرﺑﯩﯿﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ )ﮔﻪت ﺋﺎ ﺳﭙﻪﻛﯩﺌﺎل ﺗﺮاﺋﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﻦ ﺋﺎ ﺳﭙﻪﻛﯩﻔﯩﻚ‬ ‫ﻓﯩﺌﻪﻟﺪ(‪.‬‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﯩﺴﻘﯩﭽﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﻰ‬ ‫ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﻠﯩﺮﯨﺪا )رەﺳﻪﺋﺎرچ ﻻب(‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼر ‪ 3‬ﺧﯩﻞ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﯜردﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺷﯩﺘﺎت ۋە ﺷﻪھﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﺗﺎرﻗﺎﻟﻐﺎن ﺷﻪﺧﺴﯩﻲ ۋە‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻓﻪدﯨﺮال ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼش ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ )ﻧﺎﺗﯩﺌﻮﻧﺎل ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻪ ﺋﻮف ھﻪﺋﺎﻟﺘﮫ ﺋﻮر ﻧﯩﮫ(‬ ‫ﻗﺎرﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯜﭼﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬دورا ۋە ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ‬ ‫ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻠﻪر ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮى ﻗﺎرﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼردﯨﻦ ﺋﯩﺒﺎرەت‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻘﻰ ﺋﯜچ ﺧﯩﻞ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﺎﻗﻠﯩﻘﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼش ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ )ﻧﺎﺗﯩﺌﻮﻧﺎل ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻪ ﺋﻮف ھﻪﺋﺎﻟﺘﮫ ﺋﻮر ﻧﯩﮫ( دﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﮕﻪ )رەﺳﻪﺋﺎرچ ﮔﺮاﻧﺖ( ﺗﺎﯾﯩﻨﯩﭗ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻛﻪﻟﺘﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭘﯜﺗﯜن ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﻪت‬ ‫ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﻰ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن‪،‬‬ ‫ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوﻛﻼرﻏﺎ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺗﯚۋەن‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن‬ ‫ﺋﺎﺳﺎن‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼردا ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ دۇﻧﯿﺪا ﺋﻪڭ‬ ‫داﯕﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﯩﻼر ۋە ﺋﺎﻟﯩﻤﻼر ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺑﯧﻐﯩﺸﻠﯩﯟەﺗﻜﻪﻧﻠﻪر‪ .‬ﺗﺎرﯨﺨﺘﺎ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼردا ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻼﻧﻐﺎﻧﻼر‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﭘﯘل ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯘ ﺧﯩﻞ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﻼر‪.‬‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪت ﻗﺎرﯨﻤﯩﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﻤﻰ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﯩﺨﺘﯩﺴﺎدى ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻼر‬ ‫ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ھﺎﻟﻼردا ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن ﻣﻪﺑﻠﯩﻐﯩﺪﯨﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﻪﺳﺴﻪ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪91‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﯘﻗﯩﺮى ﭘﺎﯾﺪا ﻛﻪﻟﺘﯜرﯨﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺋﺎش ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﯾﯘﻗﯩﺮى‪ ،‬رﯨﻘﺎﺑﻪت‬ ‫ﻛﯜﭼﻠﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺳﻪل ﻗﯩﯿﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ‪-‬ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﯩﻜﻰ ﺷﯘ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮرﻧﯩﯔ ﻧﯩﮫ دﯨﻦ ﺋﺎﻟﻐﺎن ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎز‪-‬ﻛﯚﭘﻠﯜﻛﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﯟاﺳﯩﺘﻪ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ھﻪر ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪا ‪ 3‬ﺗﯩﻦ ‪ 20‬ﮔﻪ ﻗﻪدەر ﺋﺎدەم ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﺧﺎﻧﯩﻼردا ‪ 7 ،6‬ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﯧﺮﯨﻤﻰ دﯦﮕﯜدەك ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮر‪ ،‬دوﺗﺴﯧﻨﺖ‪ ،‬ﯾﺎردەﻣﭽﻰ ﭘﺮوﻓﻪﺳﺴﻮر)ﻟﯧﻜﺘﻮر(‪ ،‬ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺪﯨﺪات ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ‪،‬‬ ‫ﯾﺎردەﻣﭽﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎﺗﭽﻰ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻨﯩﻚ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼرﻧﻰ ﺋﯚز ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﺪا ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ‬ ‫ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﺷﻪرت ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﯩﺮاق ﻛﻪم دﯦﮕﻪﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮى ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮر ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫دوﺗﺴﯧﻨﺖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﯩﻼر ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﻮرﮔﺎن ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ﺋﺎدەم ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ‪ ،‬ﺷﯘ‬ ‫ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮر ﺗﻮﻟﯘق ھﻮﻗﯘﻗﻘﺎ ﺋﯩﮕﻪ‪ .‬ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﻪﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﻪﺳﺘﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ھﺎﺟﻪﺗﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﯾﺎرﯨﻐﺎن ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ ھﻮﻗﯘﻗﻠﯘق‪ .‬ﺑﯘ‬ ‫ﭘﺮوﻓﯧﺴﺴﻮرﻻر ﺋﻪﮔﻪر ﺑﯩﺮەر ﺳﻪۋەﺑﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﯾﯚﺗﻜﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺗﻪۋە ﺑﻮﻟﻐﺎن‬ ‫ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪.‬‬

‫ﺗﯧﺒﺒﯩﻲ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ دوﻛﺘﻮرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﺎ‬ ‫ھﺎزﯨﺮﻻﺷﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺷﻪرﺗﻠﻪر‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك )‪ (博 士 后‬ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯧﺪﯨﺘﺴﯩﻨﺎ ﺳﺎھﻪﺳﯩﺪە‬ ‫دوﻛﺘﻮرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ )ﻣﺪ‪ ،‬دوﻛﺘﻮر ﺋﻮف ﻣﻪدﯨﻜﯩﻨﻪ‪ (医 学 博 士 ،‬ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ﺑﯩﺌﻮﭼﻪﻣﯩﺴﺘﺮي )‪ ،(生物化学‬ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ)‪ ،(生物学‬ﮔﻪﻧﻪﺗﯩﻜﺲ )‪ ،(遗传学‬ھﯩﺴﺘﻮﻟﻮﮔﻲ )‪،(组织学‬‬ ‫ﺋﯩﻤﻤﯘﻧﻮﻟﻮﮔﻲ‬

‫)‪،(免 疫 学‬‬

‫ﻣﯩﻜﺮوﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪ ،(微 生 物 学‬ﺑﺎﻛﺘﻪرﯨﺌﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪،(细 菌 学‬‬

‫ۋﯨﺮوﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ،(病毒学‬ﻣﻮﻟﻪﻛﯘﻻر ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪ ،(分子生物学‬ﻣﻮﻟﻪﻛﯘﻻر ﺑﯩﺌﻮﭘﮫﯿﺴﯩﻜﺲ )‪分子生‬‬ ‫‪ ،(物物理学‬ﭘﺎﺗﮫﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ، (病理学‬ﭘﺎﺗﮫﻮﭘﮫﯿﺴﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ ) ‪ ،(病理生理学‬ﭘﮫﺎرﻣﺎﻛﻮﻟﻮﮔﻲ )‪药理‬‬ ‫‪ ،(学‬ﭘﮫﯿﺴﯩﺌﻮﻟﻮﮔﻲ )‪ (生理学‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﭘﻪﻧﻠﻪر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ دوﻛﺘﻮرﻟﯘق )ﭘﮫﺪ( ﺋﯘﻧﯟاﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﺪە ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺳﻪۋﯨﯿﻪﮔﻪ ﯾﯧﺘﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﮔﻪرﭼﻪ ﺗﻮﺋﻪﻓﻞ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﻨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮاق‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ۋە‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﻛﻪم ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﯘھﯩﻢ ۋاﺳﯩﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺳﻪۋﯨﯿﻪﮔﻪ ﯾﻪﺗﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ۋﯨﺰا ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﻰ ۋە ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ھﯚددﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﻗﯩﯿﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪92‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﭘﻮﺳﺖ‪-‬دوك ﺑﻮﻟﯘش ﺋﯘﭼﯘن ﺗﻮۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻪﺧﻨﯩﻜﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﻮپ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ھﯩﭻ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﻤﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻧﯘش ﺑﻮﻟﯘش ﻛﯩﺮەك‪.‬‬

‫‪: Boghlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪16:54 20-9-2008 :‬‬ ‫ﺧﻮﺷﯿﺎﻗﻤﺎي ﻗﯘﻟﯘپ ﺳﺎﻟﻤﺎﯾﺘﺘﯘق‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﯾﺎﺗﻘﺎن ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﯾﺎﺗﺎﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮ‬ ‫ھﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﯾﯜﺗﯜرۋەﺗﺘﯘق‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯿﯩﻦ ﺋﯜﯾﻨﻰ ﺗﺎﻗﯩﻤﯩﺪۇق ) ﻛﯚﭼﯜپ ﻛﯩﺮﮔﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى( ‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ۋﯦﻠﯩﺴﯩﭙﺘﯩﻢ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯘﻣﯘ ﺋﯩﺸﯩﻜﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﻗﯘﻟﭙﯩﺴﯩﻤﯘ ﯾﻮق‪ .‬ﻛﯜﻧﯜپ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق‬ ‫ھﺎﻟﻪت ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪردە ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪرﻟﯩﻜﻠﻪر ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎ داﺋﯩﻢ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺋﻮﻏﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﻪدەﭘﻠﻪپ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق ھﻪم ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ھﻪم ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن‬ ‫ﺗﯜزۈﻣﯩﺪە ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﯩﯔ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرۇش ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﺘﯩﻤﯘ ﯾﻮق‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺑﯩﺮدەﻣﺪە ﺑﯘﻧﺪاق ﻧﻮﭼﯩﻼرﻧﻰ‬ ‫ﺟﺎﯾﻼپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻛﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ‪ 3‬ﺋﺎي ﺑﯘرۇن‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪرﻗﺎﯾﺴﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺑﯜﻟﯜم ۋە ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼردﯨﻦ ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻠﻪﻧﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺖ ﻗﯘرۇﻟﯘپ ﯾﯩﯖﻰ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘدا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯩﻞ ﺑﯘ ﻛﻮﻣﯩﺘﯩﺘﻨﯩﯔ ﺋﻪزاﺳﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺧﻪﻟﻘﺎراﻟﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯩﻢ‪ .‬ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﻮﻗﯘش ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﯾﯘﺷﺘﯘرۈپ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن ‪-‬‬ ‫ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺗﺎرﻣﺎﻗﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﺑﯘرۇن ﺑﯘ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯜﺗﯜۋﯨﻠﯩﺶ ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﺪا ﻛﻮﻧﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ۋەﻛﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﯾﯩﯖﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﺎﺳﻠﯩﺸﯩﺶ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ھﻪر ﺧﯩﻞ ﻣﻪﻧﺒﻪﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯜﺗﻜﯘزۇش ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﺳﯜزﻟﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﯾﯩﯖﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﻰ ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﭼﺎﺧﭽﺎق ﺑﻪك ﺋﯩﺴﯩﺪە ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪،‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﺋﯘﻧﻰ ﺗﯘﻧﯘش ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪر ‪ Toosoon's Joke‬دەﯾﺪۇ‪) .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺗﯘرﺳﯘن‪ ،‬ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﯾﯩﻠﯩﻼ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻠﯩﺮﯨﻢ‬ ‫ﻗﯩﺰزﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ‪ Toosoon‬دەپ ﺋﺎﺗﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﯩﯟاﻟﻐﺎن(‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﯜﭼﯩﯿﯩﻢ ﺋﯜزﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻻي دﯨﺪى‪....‬‬ ‫ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺳﯚزﻟﻪﯾﺴﯩﺰ ﺟﯘﻣﯘ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ‪ Toosoon's Joke‬ﻣﺎۋۇ ﮔﻪپ ﺋﺎﻻﻣﻪت ﻣﺎس ﻛﻪﭘﺘﯘ‬ ‫ﺳﯩﺰﮔﻪ‪...‬‬ ‫‪NAZARY‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪17:01 23-9-2008 :‬‬

‫ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈڭ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﺒﺒﻰ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪93‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯚپ رەھﻤﻪت ﺑﯘرادەر ﺟﯧﻚ ﻛﺎ ‪.‬‬ ‫‪-54‬ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺴﯩﺰ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎل ﺳﻮراي ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﯧﺴﻤﯩﯖﯩﺰ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﻤﯘ ﯾﻪ ﻣﻪن ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﺎﻟﺒﯧﺮت دەپ‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪەك ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﭽﻪ ﺋﯘﺳﻠﯘﺑﻤﯘ ؟ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ھﯚرﻣﻪﺗﻠﯩﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎﻣﯩﻨﻰ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻟﻪﻗﻪم ﻧﺎم ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻤﯘ ﯾﺎﻣﺎن ﺋﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪس ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﯾﯩﯖﻰ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺗﯩﺨﻰ ‪ DELL and JECK‬ﻧﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻛﺎﺷﻼر دەپ ﺋﻮﯾﻼپ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ رەﺳﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚرۈﭘﻼ ﺳﺎﻗﺎل ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻪن دەپ ﯾﯜرۈپ‬ ‫ﺷﯿﺎوﻧﯧﻲ ﻻردا ﻛﯚرۈپ ﯾﯜرۈپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻛﯩﻤﯩﺰ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﻜﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ‪.‬‬ ‫ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ ؟ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺟﻮﯕﮕﻮدا ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﻜﻪن ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚز ﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەﯾﻤﻪن ‪.‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ ﯾﻪﻧﻪ ‪吐尔‬‬ ‫‪逊‬ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﻣﺴﯩﺰ ﯾﻪ ؟‬ ‫‪Boghlan‬‬ ‫‪-56‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﯿﻪت ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﯩﺪا )ﯾﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻦ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﯩﭽﻪ( ﯾﺎش‪-‬ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺟﯩﻨﺴﯩﻲ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﺑﯧﺮﯨﺸﻰ ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯘﻣﯘﻣﯿﯜزﻟﯜك ھﺎدﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻣﻪﺧﺴﯘس ﭘﻪن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜﻟﻪﻣﺪۇ؟‪،‬‬ ‫ﺋﻪﮔﻪر ﻗﺎﻧﺎت ﯾﺎﯾﺪۇرۇﻟﺴﺎ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﺘﺎ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا( ﺳﻪل ﻛﯚﭘﺮەك ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﻗﺎراﺗﻤﯩﻠﯩﻖ ھﺎﻟﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ؟ راﯾﯘﻧﯩﻤﯩﺰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﯩﺪا ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪرﺑﯩﯿﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﯩﯔ رﯦﺌﺎل ﺋﻪھﻤﯩﯿﺘﯩﮕﻪ‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎراﯾﺴﯩﺰ؟‬ ‫‪-57‬ﺳﯘﺋﺎل‪ 18 :‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﺋﯚﺳﻤﯜرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪۇق‪،‬‬ ‫ﻛﯩﻨﻮﻻردﯨﻦ ﻛﯚردۇق‪ 18 .‬ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺗﺎﯾﯩﻨﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻣﯘ ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻤﯩﻜﻪن؟‬ ‫‪-58‬ﺳﯘﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا دﯨﯟاﻧﯩﻠﻪر ﻛﯚﭘﻤﯘ؟ ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﻣﻪن ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯜچ ﯾﯩﻞ‪،‬‬ ‫ﻛﺎﻧﺎدادا ﯾﯧﺮﯨﻢ ﯾﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﺪﯨﻦ »ﺋﯘ ﺟﺎﯾﺪا ﺋﺎچ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﯾﻮق‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاﻗﻼرﻧﻰ ﯾﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻢ‪-‬ﻛﯧﭽﻪك ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﯘرۇﻧﻼر ﺑﺎر‪ ،‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﺪاق ﺟﺎﯾﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﯩﻤﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﻗﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪڭ ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ‪ $10‬ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪ $4 .‬ﻏﺎ ﺑﯩﺮ داﻧﻪ ﭘﯜﺗﯜن ﺗﻮﺧﯘ ﮔﯚﺷﻰ‪،‬‬ ‫‪ $2‬ﻏﺎ ‪ 1‬ﻛﯩﻠﻮﮔﺮام ﺳﯜت ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﭘﯘل ‪ $10‬ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜن ﻗﻮرﺳﺎق ﺑﺎﻗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ«‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎن ‪ 5‬ﯾﯩﻠﺪەك ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ .‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن )ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﺪا ﺳﻮرﯨﻐﺎﻧﺪەك( ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ )ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ( ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﻰ ﻣﯘﺳﺘﻪﻗﯩﻞ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻚ ﺗﯩﻜﻠﻪﺷﻜﻪ رﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرﻣﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻏﺎ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﺎراﯾﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻢ ﻛﯚپ ﺑﻮپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ﻣﯘﺷﯘﻻرﻧﻰ ﺳﻮراپ ﺗﯘراي‪ ...‬ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇم‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪94‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫دﯨﻦ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﯦﻜﯩﺪا دﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﯧﺸﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻼپ ﯾﻮل ﻗﯘﯾﯩﻠﯩﺪۇ؟‬ ‫دﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺸﺘﺎ ﯾﺎش ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﯾﻪرﻟﯩﻚ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﺋﺎﯾﯩﻘﻰ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻗﯩﺰ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯧﺮﻛﺎۋﻻرﻏﺎ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن‪ .‬ﭼﯧﺮﻛﺎۋﻻردﯨﻤﯘ دﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪﻟﻪش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮى ھﻪر داﺋﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪرﻧﯩﯔ ﻛﺎﻣﯩﺪا ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ‪ 2‬ﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ‪ 2‬ﻗﻪۋەت ﺳﯧﻠﯩﻨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯩﺮ ﯾﯚﻟﯩﻨﯩﺸﺘﻪ‬ ‫ﻛﯚرۈﻧﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﯾﻨﻪك ﺗﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺮﯨﯟﯦﺘﯩﻠﮕﻪن‪ .‬ﺋﻪر‪-‬ﺋﺎﯾﺎﻟﻼر ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﯾﯧﺘﻪﻛﻠﯩﺸﯩﺪە ﺑﯩﺮﻻ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎﻣﺎز‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﯾﺎﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺋﺎﯾﯩﻘﻰ ﺋﻪﻣﺪى ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﻰ ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ‬ ‫ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ‪ ،‬ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﻣﻪﺳﺠﯩﺪﻟﻪردﯨﻤﯘ ﺷﻪﻧﺒﻪ‪-‬ﯾﻪﻛﺸﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى دﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ‬ ‫ﺳﯩﻨﯩﭙﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ ،‬ﭼﻮﯕﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻛﯩﭽﯩﻜﻠﻪرﻣﯘ ﺋﺎزادە‪ ،‬ﺋﻪرﻛﯩﻦ دﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﺋﺎﻻﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯘﻻر دﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﭘﻪﻧﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪپ ﺗﯘراﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﻪش ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﻗﺎﻧﯘن ۋە ﻓﯧﺪﯦﺮاﺗﺴﯩﯿﻪ ﻗﺎﻧﯘﻧﯩﺪا‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە دﯨﻨﻰ دەرﺳﻠﻪر ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن‪) ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە دﯨﻨﻰ دەرﺳﻠﻪر‪ ،‬ﺗﻪﻟﯩﻢ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﺗﻪﺳﯩﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺷﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺑﻪزى ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺑﻪزى دﯨﻨﻰ دەرﺳﻠﻪر ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ دەرﺳﻠﯩﻚ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﯨﻐﯩﻤﯘ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﻟﮕﻪن( ﺋﺎدەم ﻣﺎﯾﻤﯘﻧﺪﯨﻦ ﭘﻪﯾﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎن دﯨﮕﻪن دارۋﯨﻨﻨﯩﯔ‪ ،‬ﻣﺎرﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﻤﺎﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ‬ ‫ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ھﺎﯾﺎﺗﺘﺎ‪ ،‬ۋەﺗﻪﻧﻨﻰ ﺳﯚﯾﯜش‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﻟﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘش‪ ،‬ﺧﯘداﻧﻰ ﺳﯚﯾﯜش ﺗﻪﻛﯩﺘﻠﯩﻨﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫دۆﻟﻪت ﺑﺎﺷﻰ ﺑﯘﺷﻤﯘ ھﻪر ﻗﯧﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﻧﯘﺗﻘﯩﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ‪) God Bless America‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺧﯘدا ﺳﺎﻗﻠﯩﺴﯘن( دەپ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﻻﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ‪) In God We Trust‬ﺑﯩﺰ ﺧﯘداﻏﯩﻼ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ]ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ[(‬ ‫دەپ ﺧﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯘش ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ دۆﻟﻪت ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﮕﻰ )ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼر ﻣﯩﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﮕﻰ( ھﻪر ﯾﯩﻠﻰ راﻣﯩﺰان ﺋﯧﯿﯩﺪا‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺋﯩﭙﺘﺎر زﯨﯿﺎﭘﯩﺘﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪) .‬ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻣﯘ ﺑﯘ ﺋﯩﭙﺘﺎر زﯨﯿﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ داﺧﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ (.‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدى‪ ،‬ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﯩﻤﯘ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯘﯾﯘﺷﻤﯩﺴﻰ ﺗﻪﺳﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‪ .‬راﻣﯩﺰان ﺋﺎﯾﻠﯩﺮﯨﺪا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺋﯩﭙﺘﺎرﻟﯩﻘﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺷﻪھﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺷﻪھﻪر ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺷﯘ ﺷﻪھﻪردﯨﻜﻰ‬ ‫ﺷﻪھﻪرﻟﯩﻚ ھﯚﻛﯜﻣﻪت‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪر‪ ،‬ﺳﻮدا‪-‬ﺳﺎﻧﺎﺋﻪت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى‪ ،‬ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ دﯨﻨﺪﯨﻜﻰ دﯨﻨﻰ ﺟﻪﻣﯩﯿﻪﺗﻠﻪر ﭼﻮڭ‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪95‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯚﻟﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﭙﺘﺎر زﯨﯿﺎﭘﯩﺘﻰ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ھﻪﭘﺘﻪ ﻣﺎﯕﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﻨﺎﻣﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬اﻟﻠﻪ‬ ‫ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯜﮔﯜن ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﭙﺘﺎر زﯨﯿﺎﭘﯩﺘﯩﮕﻪ داﺧﯩﻞ ﺑﻮﻟﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫‪.54‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ھﺎزﯨﺮ ﺗﯩﻠﯩﯟﯨﺰوردا ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﻪك ﺋﻪرﻛﯩﻦ ‪ ،‬ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪۇ‬ ‫‪ ،‬ﺋﯘﻻر راﺳﻼ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ‪ ،‬ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻜﻤﯘ؟‬ ‫ﻗﺎﻧﯘن‪-‬ﺗﯜزۈﻣﻠﻪر ﯾﻮل ﻗﻮﯾﻐﺎن ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻜﻪ ﭼﻪﻛﻠﯩﻤﻪ ﯾﻮق‪ .‬ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘش ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻪڭ‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﻗﺎﻻﯾﻤﯩﻘﺎن ﺋﯘدۇل ﻛﻪﻟﮕﻪن ﯾﻪرﮔﻪ ﺗﯜﻛﯜرﻣﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﺎﺳﺮاﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯩﺶ‪-‬ھﻪرﻛﻪﺗﺘﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﻮﻧﯘﺷﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﮔﯩﻤﯘ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪،‬‬ ‫ھﻪﺗﺘﺎ ﺳﺎﻻم ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯘﺷﯘﻻرﻣﯘ ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﭙﺎدﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزى ﻛﯩﻨﻮﻻردا ﻣﻪﻛﺘﻪپ ھﺎﯾﺎﺗﻰ ﺋﻪﻛﯩﺲ ﺋﻪﺗﺘﯘرﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﻨﻮﻻردا ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺷﻪرﻧﻰ ھﺎﯾﺎ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﯩﺮى‬ ‫ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﺎﻟﺘﺎ ‪ ،‬ھﻪﻣﺪە ﺋﯘﭼﯘق ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ‪ ،‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ھﺎﻻﺗﺘﻪ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪردە ﺋﯩﭻ ﻛﯩﯿﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﯜرۈﺷﻜﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﺴﯩﻐﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎر‪ .‬ﺋﻮﭼﯘق ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯩﯿﻪﻣﺴﯩﺰ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ھﯩﺠﺎپ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜرﻛﯩﻨﯩﭗ ﯾﯜرەﻣﺴﯩﺰ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎر‪ .‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت ﺷﻪﻛﻠﻰ دﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﻪ دﯨﯿﻪﻟﻤﻪﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻠﯩﺮى‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﯾﯘﻗﯘرى ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻗﯩﺰ‪-‬ﺋﻮﻏﯘﻟﻼر ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﯩﮕﻪ ﯾﻪﻧﯩﻼ‬ ‫ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﻛﯚرۈﻧﺪى ﻣﺎﯕﺎ‪ .‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﻘﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ ھﻪرﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪزﯨﺪە‬ ‫ژورﻧﺎﻟﻼردا ﯾﺎﻛﻰ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰورﻻردا ﻛﯚرۈﻧﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ ﺋﯚز ﻛﯚزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈپ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘراي‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﻛﻮﭼﯩﻼردا ﺳﯘﯾﯘﺷﯘپ ﯾﯘرﯨﯿﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﺧﻼﻗﺴﯩﺰ ﻗﯩﻠﻤﺎﺷﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﯘرﺗﯘپ ﺗﯘراﻣﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﯾﺎق‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯘﭼﺮاﺗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﯩﺶ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﻪﺗﺴﯩﺰﻟﯩﻜﺘﻪك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ھﺎزﯨﺮ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪا ﻗﻮل ﺗﯩﻠﻔﯘن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﻪك ﻣﻮدا ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻗﯘﻟﯩﺪا ﺋﯘﭼﯩﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻦ ﻣﺎي ﻗﯘﯾﻐﯩﻠﻰ ﭘﯘﻟﻰ ﺑﺎر ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﺎﺷﯩﻨﻰ ﺑﯘﻟﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﻪرەﭘﺘﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪96‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﯾﺎﻧﻔﻮن ﺑﻪك ﺋﻮﻣﯘﻣﻼﺷﻘﺎن‪ .‬ﺋﺎﻻھﯩﺪە ﭼﻮڭ ﺷﻪھﻪرﻟﻪرﻧﻰ ھﯩﺴﺎﭘﻘﺎ ﺋﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺷﻪﺧﺴﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻗﻮﻻﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﯾﺎﻧﻔﻮن‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼر ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﻪﻣﮕﻪك‪ ،‬ﻛﯩﺮﯨﻢ ﺳﻪۋﯨﯿﻪﺳﯩﺪە ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮڭ‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪا ﻗﺎﭼﺎ‪-‬ﯾﯘﯾﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﻛﻪڭ‪-‬ﻛﯘﺷﺎدە ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﯩﻼﻻﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﻪزى ﺷﻪﻛﻠﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﮔﻪن ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ)ﭘﺎھﯩﺸﻪﺧﺎﻧﺎ( ‪ ،‬دﯨﺴﻜﻮﺧﺎﻧﺎ ‪ ،‬ھﺎراق ﺋﯩﭽﯩﺶ ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﻪك‬ ‫ﺋﺎﺷﻜﺎرە ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ﺗﯘﺳﺎﻟﻐﯘﺳﯩﻐﺎ ﺋﯘﭼﯘرﻣﺎﯾﯟاﺗﯩﺪۇ ‪ .‬ﺋﯘ ﯾﻪردە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻏﺎ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ؟‬ ‫ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﭘﺎھﯩﺸﺨﺎﻧﻪ دەپ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭗ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﻤﻪن دﯨﺴﻪ‪،‬‬ ‫رۇﺧﺴﻪﺗﻨﺎﻣﻪ‪ ،‬ﻛﯧﻨﯩﺸﻜﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﯧﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ ﺋﻪر‪-‬ﺋﺎﯾﺎل ﺑﯩﺮﮔﻪ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮي ﺧﯧﺘﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬دﯨﺴﻜﻮﺧﺎﻧﺎ‪ ،‬ﻗﺎۋاﻗﺨﺎﻧﺎ‪ ،‬ﻗﯩﻤﺎرﺧﺎﻧﯩﻼر ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﭼﻮﯕﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﻮرۇﻧﯩﻐﺎ ‪18‬‬ ‫ﯾﺎﺷﺘﯩﻦ ﺗﯚۋەﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﯩﺮﯨﺸﻰ ﻗﺎﻧﯘن ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﭼﻮﯕﻼر ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺋﯩﺨﺘﯩﯿﺎرى ﺋﯚزﯨﺪە‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﻧﺪاق ﺳﻮرۇﻧﻼر ﯾﻪﻧﯩﻼ ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇﺷﻰ‪ ،‬ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﻧﺎزارﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪-‬ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﺗﯘراﻻﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﻪردە ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎت ﺋﻪرﻛﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻼر ﺋﺎۋاﻣﻨﯩﯔ ﻧﺎزارﯨﺘﻰ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫ﭘﺎرﯨﺨﻮرﻟﯘﻗﻘﺎ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮرۇن ﯾﻮق ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻗﺎﻧﯘن ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﻗﻮﻏﺪﯨﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯩﺠﺮا ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﻨﯩﯔ ھﯚرﻣﯩﺘﻰ‬ ‫ﭼﻮڭ ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘن ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺑﺎپ‪-‬ﺑﺎراۋەر ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، yolbar :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 11:13 23-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮى ﺑﻪزى ﺟﺎﯾﻼردا‪ ،‬ﭘﯘل ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﺘﯜرۋەﺗﺴﯩﻤﯘ ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﯘ؟‬ ‫ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﺑﺎﯾﻘﯩﻤﺎي ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻗﯘﺗﯘﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺮەر ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﯾﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎت ﺋﻪرﻛﯩﻦ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺟﯩﻨﺎﯾﻪﺗﻨﻰ ﯾﯧﭙﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﺘﯜرﮔﻪن ﻗﺎﺗﯩﻠﻠﯩﻖ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﻮڭ‬ ‫ﺟﯩﻨﺎﯾﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﯾﻮﺷﯘرۇﺷﻨﯩﯔ ﺋﺎﻗﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﺎﯾﻘﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭼﺎﭘﺎن‬ ‫ﯾﺎﭘﻘﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﯜﮔﻪﺷﻜﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ‪ ،‬ﺋﺎۋاﻣﻨﯩﯔ ﭘﯩﻜﺮى ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻖ ۋاﻗﺘﻰ‬ ‫ﻛﻪﻟﺴﻪ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﭼﻮڭ ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻏﺪۇرﯨﯟﯦﺘﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺑﯘرۇن ﻛﺎﻟﯩﻔﻮرﻧﯩﯿﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎت‬ ‫ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺧﻪﻟﻖ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﻐﺎچ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﻣﯘددﯨﺘﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن »ﺗﻪﺧﺘﻰ« دﯨﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﭼﯜﺷﯜرﯨﯟەﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى‪ ،‬ھﺎزﯨﺮﻗﻰ‬ ‫ﺷﯩﺘﺎت ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬داﯕﻠﯩﻖ ﻛﯩﻨﻮ ﺋﺎرﺗﯩﺴﻰ ﺋﺎرﻧﻮﻟﺪ ﺷﯩﯟارﯨﺰزﯦﻨﯧﮕﯧﺮ )‪ (Terminator‬ﺧﻪﻟﻘﻨﯩﯔ ﺋﺎۋازى ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﺧﺘﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺪى‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪97‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪Bihlan‬‬ ‫ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﻣﯧﻨﯩﯔ دەﺳﻠﯩﭙﯩﺪە ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺳﻮﺋﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر‪ ،‬ﺑﯩﺮﻗﯩﺴﯩﻢ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺗﯧﺨﻰ‬ ‫ﺟﺎۋاپ ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪-59‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ »ﻛﯧﺮەﻣﺒﺎغ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ« ﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ ۋە ﻣﻪﯾﻨﻪت‪ ،‬ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇڭ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﻘﻤﺎي ﺳﺎق ﺋﺎدەم ﻛﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﻛﯧﺴﻪل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺑﺎرﻣﯘ؟‪ ....‬ﺑﯩﭽﺎرە ﻗﯩﺰﯨﻢ ‪ 30‬ﻛﯜﻧﮕﻪ‬ ‫ﺗﻮﻟﻐﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﻣﯩﺠﻪزى ﯾﻮق ﺷﯘ ﺟﺎﯾﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎرﻏﺎن‪ 4 ،‬ﻛﯜن ﺗﯘرﻏﺎﻧﻐﺎ ﭘﯘﺷﺎﯾﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﯜﮔﯜن »ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﻻﯾﺘﯩﯔ« دەپ‬ ‫ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺋﻪﻣﮕﻪن ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﯾﯩﻐﻠﯩﻐﺎﻧﺪا ﺗﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﯾﻮﻗﻼپ ﺑﺎرﻏﯩﻨﯩﻤﺪا‪ ،‬ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﻛﺎﻟﭙﯘك ﭼﻮﺟﯘپ ﯾﯩﻐﻠﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻢ ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﻼ‬ ‫»ﺟﯧﻨﯩﻢ دادا‪ ،‬ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇڭ ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن ﻣﻪﯾﻨﻪت دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻧﻪﮔﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﯟەﺗﺴﻪڭ‬ ‫رازﯨﺘﯩﻢ« دەۋاﺗﻘﺎﻧﺪەﻛﻼ ﺗﯘﯾﯘﻟﯘپ‪ ،‬ﯾﯜرۈﻛﯜﻣﮕﻪ ﭘﯩﭽﺎق ﺗﯩﻘﻘﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﺎﯾﺎﺗﯩﻦ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﯩﻨﻰ ﭼﺎﻻ‬ ‫ﺳﯚزﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﻧﯩﯔ ﺗﻮﺳﯘﺷﯩﻐﺎ ﭘﻪرۋا ﻗﯩﻠﻤﺎي ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫دەپ ﺑﻪرﺳﻪم ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﯾﺴﯩﻠﻪر‪ ،‬ﺑﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺳﯘ ﻣﺎﯕﻤﺎي ﻛﺎرﯨﺪوردا ﺑﻪش ﺳﺎﻧﺘﯩﻤﯧﺘﯩﺮ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺴﺎ‬ ‫ﭘﻮق‪-‬ﺳﯜﯾﺪۈك ﯾﺎﻣﺮاپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ )‪ 3‬ﺋﺎي ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﭼﺎﻣﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﻮﻗﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﻜﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺗﺎ ﺑﯜﮔﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺗﺎزﯨﻼﻧﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘرﯨﺪۇ(‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻢ ﯾﺎﺗﻘﺎن ﯾﺎﺗﺎﻗﻨﻰ ھﻪرﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮەر ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯜﯾﺪۈك‬ ‫ﭘﯘراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺗﻮﺑﺎ )ﯾﻪر ﺳﯜرﺗﻜﯜچ( ﺑﯩﻠﻪن ﺗﺎزﯨﻼپ دﯦﺮﯨﺰﯨﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬زاﻛﯩﺴﯩﻨﻰ ﯾﯘﯾﯘپ ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ‬ ‫ﺳﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﺎي ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ )ھﻪﻣﻤﻪ ﺟﺎي دوﺧﺘﯘرﻻر ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺧﺎﻻﺗﻼر ۋە ﯾﯘﻗﯘﻣﻠﯘق ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﻘﺎ ﺳﺎﻟﻐﺎن ﻛﯩﯿﯩﻢ‪-‬ﻛﯧﭽﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯩﻜﺎر ﺟﺎي ﯾﻮق‪ ،‬ھﻪر ﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪاق(‪ ،‬ﺗﻪرﯨﺘﯩﻢ ﻗﯩﺴﺘﯩﺴﺎ‬ ‫ﭘﻮق ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى‬ ‫ﺋﻮﺑﯩﺮﻧﯩﻼرﻏﺎ ﺑﺎردﯨﻢ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ دوﺧﺘﯘرﻻر ﺋﯚزﯨﻼ ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن »ﭘﻪﭼﻪت ﺧﺎﻻ« ﻻر ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﺑﯩﺰدەك ﺑﯩﻤﺎرﻻر ۋە ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺗﺎۋاﺑﯩﺌﺎﺗﻠﯩﺮى ﺋﯘﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﯩﺪۇق )ﺋﺎﯾﺎﻟﻼرﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﺋﻪرﻟﻪرﻧﯩﯔ ﯾﻮق(‪،‬‬ ‫دوﺧﺘﯘر ۋە ﺳﯧﺴﺘﺮاﻻرﻧﯩﯔ ﺳﺎﭘﺎﺳﻰ ﺗﯚۋەن‪ ،‬ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﻰ ﻗﻮﭘﺎل‪ ،‬ﺧﯘددى »ﺑﯩﻜﺎرﻏﺎ داۋاﻻپ ﻗﻮﯾﺴﯩﻼ« دەپ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎﻧﺪەك‪.‬‬ ‫ﺋﯜﻟﯜﺷﻜﯜﻧﻜﻰ ﯾﯜرەك ﺳﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮەي‪ :‬ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺋﯚزى ﯾﺎﻟﻐﯘز ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻤﺎرﻻر‬ ‫ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪا ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘر ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯚﻛﺮەﻛﻨﻰ‬ ‫رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻨﮕﻪ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﺎﭘﯩﻼﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘق ﻣﺎدارى ﯾﻮق ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ‬ ‫ﯾﯚﮔﻪپ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯚﺗﯜرﮔﻪﻧﭽﻪ ﭘﯩﯿﺎدە ‪ 300‬ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﻛﯩﺸﻰ‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮدﯨﻦ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي‪» ،‬ﻣﺎۋۇ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ دﯨﯿﻪﻧﻨﺎۋدا ﭼﯩﻘﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘرﻏﺎ‬ ‫دﯦﺴﯩﻠﻪ‪ ،‬دﯨﯿﻪﻧﻨﺎۋﻏﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼپ ﻗﻮﯾﺴﯘن« دەﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺳﻠﯩﺪە ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ‪ 300‬ﻣﯧﺘﯩﺮ‬ ‫ﯾﻮﻟﻨﻰ ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ »ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺑﯚﻟﯜم« ﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘرﻏﺎ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼپ »ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼر ﺑﯘ؟‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزﻣﻪي ﺗﯘرۇپ ﻣﯧﻨﻰ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯘﯾﺮۇﭘﺴﯩﻠﻪر‪ ،‬ﻣﺎﯕﻐﯘدەك ھﺎﻟﯩﻢ ﯾﻮق ﺋﺎران ﺗﯘرﺳﺎم ﻣﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟«‪ ...‬دەپ ﻛﺎﯾﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘر ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮراپ‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ‪-‬دە‪» ،‬ﺋﻪﻣﺪى ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﻗﻮﯾﺪۇم‪ ،‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﺎرﺳﯩﻼ ﺋﻪﻣﺪى« دەﭘﺘﯘ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺋﻮﻣﺎق ﻗﯩﺰﯨﻨﯩﯔ ﻣﯧﮫﯩﺮ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﻪﻧﻪ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺳﻪﯾﻨﺎﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ‪ 300‬ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ‬ ‫ﺋﻪﮔﺮى‪-‬ﺑﯜﮔﺮى ﯾﻮﻟﻼرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ ،‬ﻗﺎرﯨﺴﺎ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﻛﯩﺸﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪98‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫»دﯨﯿﻪﻧﻨﺎۋﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﭘﺘﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﺠﯿﺎۋ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﭗ دﯦﺴﯩﻠﻪ‪ ،‬ﺗﯩﺠﯿﺎۋ ﻗﯩﻠﯩﯟەﺗﺴﯘن« دەﭘﺘﯘ )ھﯘ *** ﻣﻪﺳﺌﯘل‬ ‫دوﺧﺘﯘر دﯦﮕﻪن ﭘﺎﺳﻜﯩﻨﺎ‬

‫‪ ،‬ﺋﯚزۈﯕﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯘﭼﯘر ﻛﯩﺮﮔﯜزۈپ ﺋﻮن ﻗﯧﺘﯩﻢ »ﺗﯩﺠﯿﺎۋ«‬

‫ﻗﯩﻼر ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺘﯩﯔ!( ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜپ ﻣﺎﯕﻐﯘدەك ھﺎﻟﻰ ﯾﻮق‪ ،‬رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﯩﯔ ﻛﯜﺗﯜش‬ ‫زاﻟﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗﺘﺎ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ‪ ،‬ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﯾﺎش ﺗﺎراﻣﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﯾﻪﻧﻪ ﺋﻮﻣﺎق ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯧﮫﺮى‪-‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻏﻪﯾﺮەﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪» ،‬ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺳﺎﻗﯩﯿﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﻮن ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﺎﯕﺴﺎﻣﻤﯘ‬ ‫ﻣﻪﯾﻠﻰ« دﯦﮕﻪن ﻏﻪﯾﺮەت ﺑﯩﻠﻪن ﯾﻪﻧﻪ ‪ 300‬ﻣﯧﺘﯩﺮﭼﻪ ﯾﻮﻟﻨﻰ ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ »ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺑﯚﻟﯜم« ﮔﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘرﻏﺎ دەﭘﺘﯘ‪» :‬ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎران ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﺴﺎم ﻧﯧﻤﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﻠﻪر؟ دﯨﯿﻪﻧﻨﺎۋﻏﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜزۈﭘﺘﯘ‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺗﯩﺠﯿﺎۋ ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺘﯘ دەﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼر« دەپ ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن دوﺧﺘﯘر ﻗﯩﺰ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯧﺸﻪﻣﻠﯩﻚ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻏﯘدۇﯕﺸﯩﻐﺎن ھﺎﻟﺪا ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﭙﺘﯘ‪-‬دە‪» ،‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻼ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺘﯘپ‬ ‫ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪى ﭼﺎﺗﺎق ﭼﯩﻘﻤﺎﯾﺪۇ!« دەﭘﺘﯘ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ۋاﻗﯩﺘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮﯾﻪرﮔﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﻨﻰ ﺳﯧﺰﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﺎﺳﺘﯩﻨﻼ ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﯾﺘﺎ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﯧﻠﯩﻘﻰ ‪) ...‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺑﯘزﻣﺎي‬ ‫ﺑﻮﻟﺪى( ‪ ...‬ﯾﻮﻟﺪاش ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮدﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘرۇﭘﺘﯘ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺖ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻐﺎ »ﺋﻪﺗﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜن ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﻮك ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺗﯚۋەن‪ ،‬رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻨﮕﻪ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﯜﺳﻜﯜﻧﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪۇق« دەپ ﺗﯘرۇۋاﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ دەپ ﺑﯧﺮﯨﺸﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﯚﭼﺮەﺗﺘﻪ ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﻗﯧﺮى ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮۋاﻗﻼر ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﭼﯜﺷﯜپ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺳﯧﭙﻰ ﺋﯚزﯨﺪﯨﻦ‬ ‫ﯾﺎﻟﻐﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ »ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﻮك ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺗﯚۋەن‪ ،‬ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﻨﻰ ﻗﻮزﻏﯩﺘﺎﻟﻤﯩﺪۇق« دەﭘﺘﯩﻤﯩﺶ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯧﻨﯩﻘﻼ‬ ‫ﯾﺎﻟﻐﺎن ﮔﻪپ! ﺑﻪش ﻣﯩﻨﯘت ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﺴﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﺎرﻧﯩﯔ ﺋﯩﺸﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﺋﯘزۇن‬ ‫ﯾﺎﺗﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻠﯜك ﺧﯩﺮاﺟﻪت ﺗﯧﺠﯩﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺴﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﯜن‬ ‫ﺑﺎﻟﺪۇر ﺑﻮﻟﯘش ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺋﻮن ﯾﯩﻞ ھﺎﯾﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ...‬ﺑﯘ ﯾﺎﻟﻐﺎن ﺑﺎھﺎﻧﻪ ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺋﺎران ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ‬ ‫ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪردﯨﻦ ﻧﻮﻣﯘس ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻨﯩﭽﻪ ﺋﺎۋازﯨﻨﻰ ﻗﻮﯾﯘۋﯦﺘﯩﭗ ﯾﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﻪر‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﺘﯘق‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯚزﻟﯩﺮى ﻏﯘۋاﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﯩﻤﯘ زورﯨﻐﺎ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﮔﻪپ‪-‬ﺳﯚز ﻗﯩﻠﻤﺎي ﻛﯜﺗﯜش زاﻟﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﺪۇﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮدەم ﺋﺎراﻣﯩﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﯾﺎﺗﺎﻗﻘﺎ ﻗﺎﯾﺘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ھﯧﺴﺎﭘﻼپ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪،‬‬ ‫ﻛﺎرﯨﯟاﺗﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﻤﻪي ﯾﯧﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈپ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻠﻮﻣﯧﺘﯩﺮدﯨﻦ ﺋﺎرﺗﯘق ﯾﻮﻟﻨﻰ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﭙﺘﯘ ھﻪﻣﺪە ﺳﻮﻏﯘق ۋە ﭘﻪرۋاﺳﯩﺰ‪ ،‬ﻗﻮﭘﺎل ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاپ ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚرﮔﯜم ﻛﯧﻠﯩﭗ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯧﺴﻠﯩﭗ‪» :‬ﻣﻪن ﺑﯘ ﺋﻪﭘﺘﯩﻤﺪە ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎم ﺑﯩﺮ ﺋﯚﻣﯜر‬ ‫ﻛﯧﺴﻪل ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﯾﻪﻧﻪ رۇﺧﺴﻪت ﺳﻮراﯾﻤﻪن دەپ‪ ،‬ﺗﯜﻧﯜﮔﯜﻧﻜﯩﺪەك ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ﺗﯩﻞ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﺴﯘن دەپ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺋﯚزۈم ﻛﯚﺗﯜرۈپ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﺑﯚﻟﯜﻣﮕﻪ ﺋﺎﭘﺎرﻏﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻣﺎﯕﻐﯩﻨﯩﻤﻐﺎ ﺗﻮﯾﻐﯘزﯨﯟەﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﺎﻟﯩﺪا ﭼﻮڭ ﻛﯧﺴﻪل‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪﯾﻠﻰ«‪ ...‬دەپ ھﺎل ﺋﯧﯿﺘﯩﭗ ﯾﯩﻐﻼپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ‬ ‫ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻣﺎق ﺑﻮۋﯨﻘﯩﻤﻤﯘ ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﯩﻨﻰ ﭼﻮﺟﯘپ ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎراپ ﺋﯧﺴﻪدەپ ﯾﯩﻐﻼپ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘ ﭘﻪﯾﺘﺘﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪزاﻟﯩﺮﯨﻤﻨﯩﯔ ھﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻗﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﯾﺎش ﺗﻮﺷﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺋﺎران ﺗﯘﺗﯘۋاﻟﺪﯨﻢ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻤﻨﻰ زورﯨﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬ﻣﯘﺷﺘﯘﻣﻨﻰ ﺗﯜﮔﯜپ ﻣﻪﺳﺌﯘل دوﺧﺘﯘرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﭼﯩﻘﺴﺎم ﺗﻪﻟﯩﯿﻰ ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ‬ ‫ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﺑﯘ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺋﯩﺸﺘﺎ ھﯧﭽﻜﯩﻤﻨﯩﯔ ﭼﻮڭ ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎدەم دﯦﮕﻪن‬ ‫ھﯧﺴﯿﺎﺗﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﯾﺎﺗﺎق ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﯾﺎق‪-‬ﺑﯘﯾﺎﻗﻘﺎ ﻣﯧﯖﯩﭗ ﺑﻪك ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﯩﻨﭽﻼﻧﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺋﺎران ﺋﯚزۈﻣﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‬ ‫ﺗﯘرﺳﺎم ﯾﻪﻧﻪ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺋﻪﻣﮕﻪن ﺳﯜﺗﯩﻨﻰ ﯾﺎﻧﺪۇرۇۋەﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ۋە ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺳﯧﺴﺘﺮاﻣﯘ ﯾﺎﻛﻰ دوﺧﺘﯘرﻣﯘ ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻏﺎ ۋارﻗﯩﺮاﭘﺘﯩﻤﻪن‪» :‬ﻗﺎﻧﺪاق ﮔﻪپ ﺑﯘ؟ ﻗﯩﺰﯨﻢ ‪ 3‬ﻛﯜﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪99‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻮﺑﺪان ﺗﯘراﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪر داۋاﻟﯩﻐﺎﻧﺴﯧﺮى ﺋﻪﻣﮕﻪن ﺳﯜﺗﻰ ﺳﯩﯖﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﺎرﻏﺎﻧﺴﯧﺮى ﭼﯩﯖﻘﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرەﻛﻨﻰ ﺋﻪزﮔﯜدەك‬ ‫ﯾﯩﻐﻼﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﻛﯧﭽﯩﺴﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﯾﯩﻐﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪﺗﺌﯩﻲ ﻛﺎرﯨﯖﻼر ﯾﻮﻗﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﯖﻼر ﺑﯘ؟«‪ ...‬دەپ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻼپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﭘﺮﯨﻨﺴﯩﭙﻘﺎ ﺧﯩﻼﭘﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﻻر ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﺋﻪﺧﻼﻗﻘﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺑﻪك ﺧﯩﻼپ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺗﯧﺨﻰ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪﻛﺮەك ﭼﻮڭ ﺋﺎۋازدا ﺳﯚزﻟﯩﺪى‪:‬‬ ‫»ﻗﺎﯾﺴﯩﻼ ﺋﺎﻛﺎ ﺷﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ دﯦﮕﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻗﯘﺳﯘۋەﺗﺴﻪ دورا ﺑﯧﺮﯨﭗ داۋاﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺗﯘرﺳﺎ« دەﯾﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻢ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﮔﻪپ ﺗﺎﻻﺷﻤﺎي دەپ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﻛﻪﯾﻨﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺋﯘ ﻗﺎﯾﺘﺎ‬ ‫ﺳﯧﺴﺘﺮا ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ »دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪە ﺑﯘﻧﭽﯩﯟاﻻ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻰ‪ ،‬ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇﯕﺪا ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯧﺮى ﺗﯜزۈك ﺋﯘﺧﻠﯩﯿﺎﻟﻤﺎﯾﯟاﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﯘل ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻛﻪﺗﺴﯘن‪ ،‬ﺋﯘدۇﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎۋۇ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ ﺟﺎي‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯖﻼر« دﯦﺴﻪ‪» ،‬ﻗﺎﯾﺴﯩﻼ ﺷﯘ ﺋﺎۋۇ ﺧﻮﺗﯘﻧﻨﯩﯔ ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﻰ ﯾﺎﻣﺎﻧﻜﻪن )ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﻚ ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﯾﺎﺗﻘﺎن ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺑﯩﻤﺎر‬ ‫ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ(‪ ،‬ﺑﺎﻻﯕﻼر ﯾﯩﻐﻠﯩﺴﺎ ﺑﯘ ﺧﻮﺗﯘن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪرز ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎرام ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ھﻪم ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﯾﺎﺗﺎق‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﯟەرﺳﻪﯕﻼر ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ« دەﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ »ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﺎﻻ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻤﯩﺰ ﺑﺎﻻ ﺋﺎدەم ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟« دﯦﺴﻪ‪،‬‬ ‫دوﺧﺘﯘر ﻗﯩﺰ »ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﻤﯩﺪۇق ﺋﻪﻣﺪى« دەپ ﭘﻪرۋاﺳﯩﺰﻻرﭼﻪ »ﻧﯧﻤﻪ ﻗﯩﻼﻻﯾﺘﯩﯔ« دﯦﮕﻪن ﻣﻪﻧﯩﺪە ﺟﺎۋاب ﻗﺎﯾﺘﯘرۇﭘﺘﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﻗﯘﭼﺎﻗﻠﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﯾﯩﻐﻼﻣﺴﯩﺮاپ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺗﺎس ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ﺳﯧﺴﺘﺮا ﻗﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘ ﺟﺎﯾﺪﯨﻼ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ‬ ‫ﺑﯘزۇپ ﺗﯩﻠﻠﯩﯟەﺗﻜﯩﻠﻰ‪ ،‬ﺋﻪزەﻟﺪﯨﻦ ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﻮﭘﺎل ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯚزۈم ﻣﯘﺷﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﻰ‬ ‫»ﯾﺎﺧﺸﻰ« دەپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﺋﯚزۈﻣﺪﯨﻦ ﻛﯚردۈم‪.‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺗﯘﻏﯘﺗﺘﯩﻦ ﻗﻮﭘﯘپ ﺑﯩﺮ ﺋﺎي ﺑﻮﻻ‪-‬ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﻼ ﺑﯘ ﺟﺎﭘﺎﻻرﻧﻰ ﺗﺎرﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﺎﭘﯩﺴﻰ )ﻗﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺎم( ﻧﯩﯔ ﻣﯩﺠﻪزى ﯾﻮق‬ ‫ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ۋە ﻧﻪۋرﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺋﯩﻼﺟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى‪ ،‬ﻛﯜﻧﯩﮕﻪ ‪ 20‬ﯾﯜەن ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻻ ﺑﺎﻗﺘﯘراﯾﻠﻰ دﯦﺴﻪﻣﻤﯘ‬ ‫ﺋﯩﺰدەپ‪-‬ﺳﻮراپ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﺎدەم ﺗﯧﭙﯩﻠﻤﺎﯾﯟاﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯚزۈﻣﭽﻪ ﺗﻪﻏﺪﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﺴﻤﻪت ﻣﺎﯕﺎ ﺧﻮرﻟﯘق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ھﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫»ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯚزۈم ﺋﯩﮕﻪ« دەپ ﺧﻪت ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﯾﺎﺗﯩﻦ ﻗﯩﺰﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻨﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﺎﯾﺘﯘرۇپ‬ ‫ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﯟاﺗﻘﯘﭼﻪ ﺋﻮﻣﺎق ﺑﻮۋﯨﻘﯩﻤﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪» ،‬ﺟﯧﻨﯩﻢ دادا‪ ،‬ﺳﺎﯕﺎ ﻛﯚپ رەھﻤﻪت! ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘ‬ ‫ﺳﯧﺴﯩﻘﭽﯩﻠﯩﻖ )ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺑﯚﻟﯜﻣﻨﻰ دﯦﻤﻪﻛﭽﻰ( ﻗﺎﭘﻠﯩﻐﺎن ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﯚﯾﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﯩﻨﯩﯖﻐﺎ‬ ‫رەھﻤﻪت«‪ ...‬دەۋاﺗﻘﺎﻧﺪەﻛﻼ‪ ،‬ﻛﺎﻟﭙﯘﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﯘددى ھﺎزﯨﺮﻻ ﯾﯩﻐﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﭼﻮﺟﯘپ‪ ،‬ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻣﯚﻟﺪۈرﻟﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﻗﺎراﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﯾﯜرۈﻛﯜم ﺳﯘ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪» ...‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎ ﻗﯩﺰﯨﻢ‪ ،‬ﯾﯩﻐﻠﯩﺸﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻣﯩﺠﻪزى ﯾﻮق ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‬ ‫دەپ ﺋﻪﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺳﻪن ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﻧﺎﭼﺎر ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﯩﻜﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ‪ 4‬ﻛﯜن ﯾﯧﺘﯩﭗ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯨﯔ‪«...‬‬ ‫ﺧﯘدا ﺷﯜﻛﺮى‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯧﺮى ﺋﯜچ ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺋﯘﯾﻘﯘﻧﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﻐﺎﻧﺪەك‬ ‫ﺋﯘﺧﻼپ‪ ،‬ﺋﻮﯾﻐﯩﻨﯩﭗ ھﻪرﺧﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻗﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎﻣﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻨﯩﯔ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪا ﺑﯧﻠﯩﻘﺘﻪك‬ ‫ﭘﯩﻠﺘﯩﯖﺸﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﺎپ ﻗﯧﭙﻘﺎﻟﺪى‪ ،‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯩﻠﺘﯩﯖﺸﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﯩﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪن ‪ 4‬ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻣﺎۋۇ ﻗﻮﭘﺎل‪ ،‬ﭘﻪرۋاﺳﯩﺰ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﻻردﯨﻦ ﺗﺎﻣﺎ ﻗﯩﭙﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ دوﺧﺘﯘر ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺗﯩﻨﭻ ﻣﯘھﯩﺖ ۋە ﺋﯩﻠﻠﯩﻖ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻜﻪن‪...‬‬ ‫ﺑﺎﯾﺎم ﺋﯘﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺧﻮﺷﻠﯩﺸﯩﭗ‪» ،‬ﺋﯘھ !« دﯦﮕﯩﻨﯩﻤﭽﻪ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ھﻪي ﺑﯘ ﻗﻪﺷﻘﻪر‪ ،‬ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻜﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ ﭘﯘل ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺑﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬داۋاﻟﯩﻐﺎﻧﺪا ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﻠﻤﯩﺸﻰ ﻗﺎﭼﺎﻧﻤﯘ ﺗﯜﮔﻪر؟ ﺑﯩﺮ ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﺎ ﯾﺎﺗﻘﺎن ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻣﯘ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮﯾﻼپ ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇڭ ﻗﯩﻠﯩﺸﻤﺎي‬ ‫ﺗﯩﻨﭻ ﺋﺎرام ﺋﺎﻟﺴﺎ ﻛﯧﺴﻪﻟﻤﯘ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺗﺎﭘﺎﺗﺘﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪ ،‬ﻛﻮﭼﯩﻼردﯨﻜﻰ ﻗﺎﻻﯾﻤﯩﻘﺎن ﺗﻮۋﻻۋاﺗﻘﺎن ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪر‪ ،‬ﯾﻮﻟﺪا‬ ‫ﺋﯚﺗﯜﺷﯜۋاﺗﻘﺎن ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺷﺎۋﻗﯘﻧﻰ‪ ،‬ھﻪﻣﺪە ﺑﯩﻤﺎرﻧﻰ ﯾﻮﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ھﺎﻟﯩﺪﯨﻦ ﺧﻪۋەر ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن‬ ‫ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻏﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻗﻮﻧﺎﻗﻠﯩﻘﺘﺎ ﺗﻮۋﻟﯩﻐﺎﻧﺪەك ﭼﻮڭ ﺋﺎۋازدا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﯾﯧﻨﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﺋﯘﺧﻠﯩﯿﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﻛﺎرى ﯾﻮق ﺋﻮﻟﺘﯘرۇﺷﻠﯩﺮى‪.......‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪100‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ رﯦﻨﺘﯩﮕﯩﻦ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﻰ ﭼﯩﻘﺘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ دەپ ﺑﺎرﺳﺎم‪ ،‬ﻛﺎرﯨﺪور ﺋﺎدەم دﯦﯖﯩﺰﯨﻐﺎ ﺋﺎﯾﻠﯩﻨﯩﭙﺘﯘ‪،‬‬ ‫ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﻰ ﺑﯩﺮدﯨﻦ ﺑﻮۋاق ﻛﯚﺗﯜرۈۋاﻟﻐﺎن‪ ،‬ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺷﯘ »ﺳﻪﻧﻠﯘ« ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜت ﭘﺎراﺷﻮﻛﻰ ﺋﯩﭽﻜﯜزﮔﻪن‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﯾﻐﯘر‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰۇ‪ ....‬ﺋﺎرﯨﻼش‪ ،‬ﻛﺎرﯨﺪوردا ﺋﯘﺷﺸﺎق ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻗﯩﯿﺎ‪-‬ﭼﯩﯿﺎﻟﯩﺮى ۋە ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﻼرﻧﯩﯔ‬ ‫ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇﯕﻠﯩﺮى‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﻔﻮﻧﺪا ۋارﻗﯩﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﯘۋاﻟﻐﺎن ﺷﺎۋﻗﯘن‪-‬ﺳﯜرەﻧﻠﯩﻚ ‪ MP3‬ﻧﺎﺧﺸﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎۋازى‪....‬ۋاي‪-‬ۋۇي!‬ ‫ﻛﺎرﯨﺪوردﯨﻦ ﻗﯩﺴﺘﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﯾﯜرﯨﻜﯩﻢ ﺳﯩﻘﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻏﻪۋﻏﺎﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﯘﻻق ﺳﺎﻟﺴﺎم‪،‬‬ ‫»ﺳﻪﻧﻠﯘ ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜت ﭘﺎراﺷﻮﻛﻰ ﺋﯩﭽﻜﻪن ﺑﺎﻟﯩﻼر ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﻟﯩﺪۇ« دەﯾﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ ،‬ﺑﯩﭽﺎرە‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎرﻻ ﺑﯩﺮەر ﯾﯜز ﯾﯜەن ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا »ﺳﻪﻧﻠﯘ« ﻣﺎرﻛﯩﻠﯩﻖ ﺳﯜت‬ ‫ﭘﺎراﺷﻮﻛﻰ ۋەﻗﻪﺳﻰ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼرﻧﻰ ﺧﯧﻠﻰ ﻛﯚپ ﻛﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﺪۇرۇپ ﻗﻮﯾﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻣﻪن دﯦﮕﻪن ﺋﯩﺸﻼر ﺋﻮﻣﯘﻣﻐﺎ ۋەﻛﯩﻠﻠﯩﻚ ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻛﯚزۈم ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﻪﻧﻨﻰ ﯾﯧﺰﯨﯟاﺗﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﻗﻪﺷﻘﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻤﯩﺶ »ﭼﻮڭ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ« ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﺎزﯨﺮ ﻗﺎرﯨﺴﺎم دوﺧﺘﯘرﻻرﻧﯩﯔ ‪80%-70%‬‬ ‫ﺗﻰ ﯾﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﻘﺎن »داﺷﯚﺳﯧﯔ« ﻟﻪر ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺗﻪﺟﯩﺮﯨﺒﯩﺴﻰ ﻛﺎﻣﭽﯩﻞ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ‪ ،‬ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﺴﯩﻤﯘ‬ ‫ﺧﯘددى ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﺎﻗﺴﺎﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﻛﯚپ ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﯾﺎﺗﻘﯘزﻏﺎن ﯾﺎﺗﺎﻗﺘﯩﻜﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎزراﻗﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ دوﺧﺘﯘرﻻر ﯾﻪﻧﻪ ﻛﻮﻧﺎ ﻣﯘﻗﺎم ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﯧﺴﯩﭗ‪ ،‬دورا ﺑﯧﺮﯨﺸﻨﻰ ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻤﺎﭘﺘﯘدەك‪ ،‬ﺑﺎﻟﯩﻨﯩﯔ دادﯨﺴﻰ‬ ‫دﯦﮫﻘﺎن ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﯧﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﻼ »ﻛﺎدﯨﺮ ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ« دەپ ھﺎل ﺋﯧﯿﺘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪» :‬ﻗﺎﯾﺴﯩﻼ ﺑﯩﺰ دﯦﮕﻪن دﯦﮫﻘﺎن‪ ،‬ﭘﯘﻟﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺗﺎﭘﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﺎﻻﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﺴﯩﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ھﯧﭽﻘﺎﻧﺪاق ﯾﺎﺧﺸﯩﻼﻧﻤﯩﺪى‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ‬ ‫ﺋﺎﭘﯩﺮاي دﯦﺴﻪم ﺋﻪﻣﺪى ﻛﯩﺮاﻏﺎ ﺟﯩﻖ ﭘﯘل ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻨﻰ ﻗﺎﯾﺘﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬داۋاﻻﺗﻤﺎﯾﻤﻪن دﯦﺴﻪم ﻣﺎۋۇ دوﺧﺘﯘرﻻر ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﻗﻮﯾﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ داۋاﻻﯕﻼر دﯦﺴﻪم ھﻪرﻛﯜﻧﻰ ﺷﯘ‬ ‫ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﺎﺳﺘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻛﯘل‪-‬دورا ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪ ،‬ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇﯕﺪا ﻣﻪﻧﻤﯘ ھﻪم ﺑﺎﻻﻣﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯘﺧﻠﯩﯿﺎﻟﻤﯩﺪۇق )ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪڭ‬ ‫ﺟﯩﺪەﻟﺨﻮر ﺑﺎﻻ ﻣﯘﺷﯘ دﯦﮫﻘﺎﻧﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺋﯩﺪى(‪ ،‬ﻧﯧﻤﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻜﻪن دەپ دوﺧﺘﯘردﯨﻦ ﺳﻮرﯨﺴﺎﻣﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ دەپ ﺑﻪرﻣﯩﺪى‪،‬‬ ‫‪ 30‬ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﺳﺎﻗﺎﯾﺘﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﺎﻧﺪاق ﻛﯧﺴﻪل ﺑﯘ دﯦﺴﻪم ‪ 100‬ﻛﯜن ﯾﯧﺘﯩﭙﻤﯘ ﺳﺎﻗﺎﯾﻤﯩﻐﺎﻧﻼر ﺑﺎر دەۋاﺗﯩﺪۇ« ‪....‬‬ ‫دﯦﮕﻪن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﺪى‪ ،‬ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﻛﯜﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻣﺎۋۇ دوﺧﺘﯘرﻻر »‪ 100‬ﻛﯜن ﯾﯧﺘﯩﭙﻤﯘ ﺳﺎﻗﺎﯾﻤﯩﻐﺎﻧﻼر‬ ‫ﺑﺎر« دەپ ﭘﻮ ﺋﯧﺘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺗﯘﯾﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇن ﯾﯧﺘﯩﺸﻰ ﺷﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺑﯩﺮ ﻧﻮﻣﯘس ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯩﻤﺎرﻧﻰ ﺑﯩﻜﺎرﻏﺎ داۋاﻟﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﻛﯧﺴﻪل ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯘزۇﻧﻐﺎ ﺳﻮزۇﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﯘل‬ ‫دوﺧﺘﯘر ۋە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚپ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﭘﺎﯾﺪا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫ﻛﯧﺴﻪﻟﻨﻰ ﺋﯘزۇﻧﺮاق ﯾﯧﺘﯩﺸﻘﺎ دەۋەت ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ داۋاﻟﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﭘﯩﻨﺴﯩﯿﯩﮕﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎن‬ ‫ﻛﺎدﯨﺮﻟﯩﺮى ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺗﯧﺰرەك ﺳﺎﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺸﻨﯩﯔ ﻛﻮﯾﯩﺪا ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎﻛﻰ ﻛﯧﺴﻪﻟﺪە‬ ‫ﺋﺎزراق ﯾﺎﺧﺸﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﯩﻼ »ﺳﺎﻗﺎﯾﺪﯨﯖﯩﺰ« دەپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﯟﯦﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻻردﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﻢ »ﻧﻪق« ﺋﻪﻣﻪﺳﺘﻪ‪.‬‬ ‫‪ .....‬ﺑﻮﻟﺪﯨﻼ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺗﻪﻟﯩﯿﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺑﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎزﯨﻠﯩﻘﻰ ﺋﺎﺟﺎﯾﯩﭗ ﻧﺎﭼﺎر !‬ ‫ﺋﺎﻟﻼ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﮕﻪ ﺷﯩﭙﺎﻟﯩﻖ ﺑﻪرﺳﯘن!‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا داۋاﻟﯩﻨﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪101‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪Alip‬‬ ‫ﺑﯩﺨﻼن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪھﯟال ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺑﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼردﯨﻤﯘ ﻣﻪۋﺟﯘد‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪت ﺳﻮرۇﻧﯩﺪا ﭘﻪس ﺋﺎۋازدا ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘدەك ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘڭ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯔ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ‪ ،‬ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻛﻠﯘق‬ ‫ھﺎرۋﯨﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘزﯨﻜﯩﻼرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﯾﯩﯟﻟﻐﺎن‪ ،‬ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﻧﺎﺧﺸﺎ‬ ‫ﻣﯘزﯨﻜﯩﻼرﻧﻰ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﯕﻼۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ‪-‬ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﯾﺎﻗﺘﯘرۇش‪-‬ﯾﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن زادﯨﻼ ﻛﺎرى ﯾﻮق‪ .‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە ﺳﺎق ﺋﺎدەﻣﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ دﯨﺴﻪ‪ .‬ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺷﻪﺧﺴﯩﯿﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻣﺪۇ؟ ھﯩﭻ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺨﻼن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﻪھﯟال ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺑﯘ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻼ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼردﯨﻤﯘ ﻣﻪۋﺟﯘد‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﺑﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﺳﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﺟﺎﻣﺎﺋﻪت ﺳﻮرۇﻧﯩﺪا ﭘﻪس ﺋﺎۋازدا ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯘدەك ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﺘﺎ ﺑﻮﻟﯘڭ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﯔ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﯔ‪ ،‬ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎن ‪ ،‬ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻗﻪدەﻣﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮﻛﻠﯘق‬ ‫ھﺎرۋﯨﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﻧﺎﺧﺸﺎ ﻣﯘزﯨﻜﯩﻼرﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﯩﻐﺎ ﻗﻮﯾﯩﯟﻟﻐﺎن‪ ،‬ﻛﻮﭼﯩﺪا ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺗﯧﻠﻔﻮﻧﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﺎۋازدا ﻧﺎﺧﺸﺎ‬ ‫ﻣﯘزﯨﻜﯩﻼرﻧﻰ ﻗﻮﯾﯘپ ﺋﺎﯕﻼۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﺎﻧﭽﻪ‪-‬ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯚرۈپ ﺗﯘرﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﯾﺎﻗﺘﯘرۇش‪-‬ﯾﺎﻗﺘﯘرﻣﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن زادﯨﻼ ﻛﺎرى ﯾﻮق‪ .‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪە ﺳﺎق ﺋﺎدەﻣﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ دﯨﺴﻪ‪ .‬ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺷﻪﺧﺴﯩﯿﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﻣﺪۇ؟ ھﯩﭻ ﺑﯩﻠﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪Alipanwar‬‬

‫ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﯾﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻧﺪە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﯾﯜرﺳﻪم‪ ،‬ﻛﺎرﯨﺪوردا ۋاراڭ‪-‬ﭼﯘرۇك ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﺎﻣﺎﻧﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﻮﻏﺪﯨﻐﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﺎﻟﻨﻰ ﺗﺎﺗﻘﯘﺷﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﺎﯾﺎل ﭘﯘل دﯨﺴﻪڭ ﺑﯩﺮﯨﯟاﺗﺴﺎم ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺮۋﯦﺘﯩﺴﻪن‪،‬‬ ‫ﻗﯩﺰﯨﻤﻨﻰ ﭼﺎﻻ ﺋﯜﻟﯜك ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﺘﯩﯔ ﻗﺎﺳﺴﺎﭘﻼر‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻢ ھﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯘﭼﻪ ﻧﻪۋرەﻣﻨﻰ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮزﻏﯩﻤﺎي‬ ‫ﺑﯧﻘﯩﯟاﻻي دﯨﺴﻪم ﻧﻪﮔﻪ ھﻪﯾﺪەﯾﺴﻪن؟‪ ...‬دﯨﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬دوﺧﺘﯘرﻻر ﺑﯘ دﯨﮕﻪن ﺗﯘﻏﯘت ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ‪ ،‬ﺗﯘﻏﯘﺗﻠﯘق ﺋﺎﯾﺎﻟﻨﻰ‬ ‫ﺟﯩﺪدى ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﺑﯜﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺑﯜﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﭼﯩﻖ دﯨﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬ﯾﯧﻘﯩﻨﺮاق ﺑﯧﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺘﻰ؟ دﯨﺴﻪم‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﺎﯾﺎل ﯾﺎﻣﻐﯘردەك ﺗﯜﻛﯜﻟﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎي ﻛﯜﻧﻰ ﺗﯘﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺗﯘﻏﯘت ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﯾﯧﯖﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﻣﻪﺳﺌﯘل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﯘﯾﯘﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯚزى ﺗﯘﻏﺎﻟﻤﯩﺪى‪ ،‬ﺋﻮﭘﺮاﺗﺴﯩﯿﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ دﯨﺴﻪ ﻣﺎﻗﯘل دەﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﯩﺴﯩﺰ دوﺧﺘﯘر ﺑﺎﻻ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎﯾﯟاﺗﻘﺎن ﯾﻪرﻧﻰ ﺗﺎۋۇزﻧﻰ ﺋﻮﯾﻐﺎﻧﺪەك ﺋﯘﯾﯘپ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﻼﻧﺪۇرۇپ ﮔﯜﺷﯩﻨﻰ ﻛﯩﺴﯩﭗ ﺋﯧﻠﯩﯟﯨﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎن ﻛﯚپ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺟﯩﺪدى ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﻻر ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺳﺎق ﺋﺎﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﺑﯧﺮى ھﯘﺷﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯘ‪ .‬ﺋﯘ ﺋﺎﯾﺎل‬ ‫»ﺟﯧﻨﯩﻢ ﺑﺎﻻم‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﯩﺮى ﻗﺎرﭼﯘﻏﯩﻨﯩﯔ ﻛﯚزﯨﺪەك ﯾﯧﻘﯩﻦ ﻛﻪﻟﻤﻪي ﺗﯘردۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﺪى ﺋﯩﺮى ﻛﯚﯕﯜﻟﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﻮﭘﺮاﺗﺴﯩﯿﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﺎرﻣﯘ؟« دەﭘﺘﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﻨﯩﻢ ﺷﯜرﻛﯜﻧﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼر ﯾﯧﯖﻰ ﺋﯘﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯩﻤﺎرﻻرﻧﻰ ﻣﺎرۇدا‪ ،‬ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪ ﺑﯘﯾﯘﻣﻰ‬ ‫ھﯩﺴﺎﺑﯩﺪا ﺗﺎﺷﻼپ ﺑﯧﺮدﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼر ﯾﻮﻗﺘﯘ؟!‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪102‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪Jeck‬‬

‫ﺋﺎﻟﻼ‪ ،‬ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺋﻪﺟﻪپ ﻛﯜﯕﻠﯘم ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﺋﻪﺟﻪپ ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﭙﺴﯩﻠﻪر‪ .‬ﺳﯩﻠﻪر ﺑﺎر ﯾﻪردﯨﻜﻰ‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼر ﺑﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻪت ﯾﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ دوﺧﺘﯘرﻻر ﻗﺎﻧﺪاﻗﺘﯘ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ھﻪﭘﺘﻪ ﺑﯘرۇن‬ ‫ﯾﻪﯕﮕﯩﮕﻪن‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎﻣﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﻰ ﯾﻮﻗﻼپ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﻰ ﺑﺎرﺳﺎم ﯾﯧﺰﯨﻼردﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﻪ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن دﯨﮫﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻛﺎدﯨﺮﻻردەك ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﭘﺎﯾﺪﯨﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﻼردا‬ ‫دﯨﮫﻘﺎﻧﻼر ﺧﯧﻠﻰ ﺧﻮﺷﺎل ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺘﻰ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺧﻮش ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯩﭽﯩﺪە دوﺧﺘﯘر ۋە ﺋﺎدۇۋﻛﺎت ﺑﻮﻟﻤﺎق ﺋﻪڭ ﻗﯩﯿﯩﻨﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪.‬دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﯘش‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎۋال ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﻪﺳﯩﭙﺘﻪ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺧﯧﻤﯩﯿﻪ دﯨﮕﻪﻧﺪەك( ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﯩﺪەك ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘردﯨﻨﻼر ﯾﺸﯚﯾﻪﻧﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق‪ .‬ﺑﺎﻛﻼۋوردﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ دوﺧﺘﯘرﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎﻧﺪا ﺑﻪك ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﺎﻟﻼرﻣﯩﺶ‪ .‬ﻣﻪن دوﺧﺘﯘر ﺑﯘﻟﯩﻤﻪن دەپ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪﯾﻠﻪﻧﻨﻰ ﺗﯘﻧﯘﯾﻤﻪن‪ GPA ،‬ﺳﻰ ‪ )3.9‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﭽﻪ ﻧﯘﻣﯘرى ‪ ( 90-85‬دﯨﻦ ﭼﻐﯜپ ﻛﻪﺗﺴﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺶ‪ .‬ﺋﯘﯾﻪردە ﺧﯧﻠﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫‪ 3‬ﻣﯘ‪4 ،‬ﻣﯘ دەرﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ‪ 4‬ﯾﯩﻞ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﯾﺎردەﻣﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪش ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎدەم داۋاﻟﯩﯿﺎﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫رەﺳﻤﻰ دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﯾﻪﻧﻪ ﭼﻮﯕﻼرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪ .‬دوﺧﺘﯘر ﺑﻮﻻﻟﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺑﻪك ﭼﻮڭ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر‪ ،‬ﺟﻪﻣﯿﻪﺗﺘﻪ ھﯚرﻣﯩﺘﻰ ﭼﻮڭ‪ ،‬دوﺧﺘﯘر ﺗﯘﻧﯘﺷﻰ ﺑﺎرﻻرﻣﯘ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﯾﯩﻘﯩﻦ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم دوﺧﺘﯘر دەپ‬ ‫دەپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ ﺑﻪزﯨﺪە‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى ھﯩﺴﺎﭘﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﺎردەﻣﭽﻰ ﭘﺮاﻛﺘﯩﻜﺎ ۋاﺧﺘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‬ ‫رەﺳﻤﯘ دوﺧﺘﯘر ﺑﯘﻻﻟﯩﺴﯩﻼ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ ﯾﯩﻠﯩﻐﺎ ‪ 120‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼردﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﺎرﻣﯩﺶ‪ 3-2 ،‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ‪200‬ﻣﯩﯖﮕﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﺎرﻣﯩﺶ‪ .‬ﭼﯩﺶ دوﺧﺘﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺮاق ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﺎﻏﺮﯨﺴﺎ ﺋﺎﻏﺮﯨﻤﯩﺴﺎ ﻗﻪرەﻟﻠﯩﻚ‬ ‫ھﺎﻟﺪا ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻜﯩﻦ‪ .‬ﺳﯩﺴﺘﯩﺮاﻻرﻧﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﺮاق ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ۋاﺧﺘﻰ ﺳﻪل ﺋﺎزراق ﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم ﺳﯩﺴﯩﺘﯩﺮا ﺑﯘﻟﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻮﻗﯘپ ﯾﯜرۈپ ‪ 6‬ﯾﯩﻠﺪەك ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﻣﯘش ﯾﺎزدا ﺳﯩﺴﺘﯩﺮا ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯩﺮﯾﻪرﮔﻪ‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ)‪ (Bonus‬ﯾﯩﻐﺴﺎﻣﻤﯘ ﻣﯧﺮﺳﯩﺪﯨﺲ ﺑﯩﻨﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﺎﻻﻻﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن‬ ‫دەپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺳﯩﺴﯩﺘﯩﺮا ﯾﯩﺘﯩﺸﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﯘدا ‪ 6-5‬ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺳﯩﺴﺘﯩﺮاﻻر ‪ TOEFL‬ۋە ﯾﻪﻧﻪ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻰ ﺑﺎرﻣﯩﺶ‪ ،‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﯧﺸﯩﻞ ﻛﺎرﺗﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرۇپ ﺋﯩﺸﻠﯩﯿﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە دﯨﯿﯩﻠﮕﻪﻧﺪەك ﺳﻪل ﻗﺎراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﯾﻮﻗﻘﯘ دەﯾﻤﻪن‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ ھﻪم ﺋﯘﭼﺮاپ‬ ‫ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻗﺎﻧﯘن ﺗﯜزۈﻣﯩﺪە ۋە ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎڭ ﺳﻪۋﯨﯿﺴﯩﺪە ﺑﯩﺮدەﻣﺪە ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺗﯚﻟﻪﻣﮕﻪ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺋﯩﻨﯩﻖ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﻠﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻼ ﺋﯘ دوﺧﺘﯘرﻧﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ھﯩﭽﻜﯩﻢ‬ ‫ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎرﻣﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻣﯘ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﻗﻪﺳﺘﻪن ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﻤﯘ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا ﺧﺎﺗﺎ داۋاﻻپ ﻗﻮﯾﯘش‪ ،‬ﺳﻮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﺎر ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ دوﺧﺘﯘرﻻر‬ ‫ﺋﺎدەم داۋاﻻش ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم ﺋﯘﻻرﻣﯘ ﻣﻪﺟﺒﯘرى داۋاﻻش ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ﺋﯩﻠﯩﺶ ﻛﯩﺮەﻛﻜﻪن‪ ،‬ھﻪم ﺑﯘ ﺑﻪك‬ ‫ﻗﻤﻤﻪﺗﻤﯩﺶ) ﻣﺎﺋﺎﺷﯩﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺘﻰ دەﻣﺪۇ( ‪ .‬دەۋاﻏﺎ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﺗﺘﯘرۇپ ﻗﻮﯾﺴﺎ ﭘﯘل ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪103‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯚزى ﺗﯜﻟﯩﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﭘﺎرﭼﻪ ﭘﯘرات ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﻪرﮔﻪ دورا ۋە ﺋﻮﻛﯘﻟﻨﻰ ﺑﻪك ﺋﺎز ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﺴﺎﯕﻤﯘ ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ زۇﻛﺎم دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﺋﺎدەم ﺑﻪك ﺟﺎﭘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯧﻐﯩﺮ زوﻛﺎم ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎۋازﯨﻤﻤﯘ ﺋﯜزﮔﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﯧﺸﯩﻤﻤﯘ ﺋﺎﻏﺮﯨﯿﺪۇ‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎردﯨﻢ‪ 2 ،‬ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪك ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪرﮔﻪ ﺋﻪﻛﯩﺮپ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜردى‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ھﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﺑﻪرﻣﻪي ﻣﯘﻧﺪاق ﺗﺎﻣﺎق ﯾﯩﻤﻪ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺪا ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎ‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎرام ﺋﺎل دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن دورﯨﻤﯘ ﺑﻪرﻣﻪي ﭼﯩﻘﯩﺮۋەﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯩﺮەر ھﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﻗﺎراپ ﺑﺎﻗﯩﻠﻰ دەﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺑﻪك ﺋﻪدەپ ﻛﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﺪﯨﯿﺎﻟﻤﺎي ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﺳﻤﺎ ﺋﻮﻛﯘﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﺴﺎڭ دﯨﺴﻪم ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﻪس دەپ ﯾﻪﻧﻪ ﭼﯩﻘﯩﺮۋەﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﭼﭽﯩﻐﯩﻢ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮرﻻردﯨﻦ ﺋﯩﺰدەپ ﯾﯜرۈپ ﺗﯘﻧﯘﺷﻼرﻏﺎ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرۈپ ﺷﻮرﭘﯩﻼرﻧﻰ ﺋﯩﭽﯩﭗ ﯾﯜرۈپ ﺋﯚزەم‬ ‫ﺳﺎﻗﺎﯾﺪﯨﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﺎﺗﯩﯟى ﻛﯜﻧﺪە ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎرﻻر ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ھﻪم ﺑﻪك‬ ‫دادﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻻ ﭘﺎرﭼﻪ ﭘﯘرات ﺋﺎﻏﺮﯨﻘﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻻ دوﺧﺘﯘرﻏﺎ ﺑﺎرﻣﯩﺴﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻤﯩﺶ‪ ،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻗﯩﺰزﯨﭗ ﻗﯩﻠﯩﺶ‪،‬‬ ‫زۇﻛﺎم دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺋﯘﻛﯘل ﺳﯧﻠﯩﭗ داۋاﻟﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﺎﻻ ﯾﯩﻐﻼپ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺑﻪك ﺋﺎۋارە ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﻤﻮﻧﯩﺖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﻦ ﺗﯜۋەﻧﻠﯩﺘﯩﯟەﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘ ﺋﯘﻛﯘﻟﻼرﻧﻰ ﺗﻮﻻ‬ ‫ﺳﺎﻟﺴﺎ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺋﯘ ﺋﯘﻛﯘﻟﻤﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪس ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻرﻣﯩﺶ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ دوﺧﺘﯘرﻏﺎ ﻛﯚرۈﻧﯘش زەھﻪردەك ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ھﯜﻛﯜﻣﻪت ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﯩﺸﯩﺸﻘﺎ‬ ‫دەۋەت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻻرﻧﯩﯖﻜﯩﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم داۋاﻟﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ﺑﯘﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮەك ) ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺷﯘﻧﺪاﻗﻤﯘ ﺋﯘﺧﻤﯩﺪﯨﻢ(‪ .‬ھﯩﭻ‬ ‫ﯾﻪردە ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﯚزى ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼرﻧﯩﯔ ﺳﻮﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ﯾﻮق‪ .‬ﺳﻮﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ‬ ‫ﯾﻮﻗﻼر ﻛﯩﭽﯩﺪە ﺟﯩﺪدى ﻗﯘﺗﻘﯘزۇﺷﻘﺎ ﺑﺎرارﻣﯩﺶ‪ ،‬ﺟﯩﺪدى ﻗﯘﺗﻘﯘزۇﺷﻘﺎ ﺑﺎرﺳﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰﻣﯩﺶ‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺗﯜۋەن‬ ‫ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻐﺎن ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﺑﺎر ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺑﺎﻟﯩﺲ ﺟﯩﻖ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯘﻻر داۋاﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﻛﯜﺗﯜرەرﻣﯩﺶ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﻛﻪﭼﯜرۈپ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻜﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻼرﻣﯩﺶ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪاﺋﺎۋال داۋاﻻپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﭘﯘل ﺗﯜﻟﻪﯾﺪۇ ) ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﯩﺮﯨﺪە‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق(‪ .‬ﺋﺎۋال ﺑﯩﻤﺎر دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﺎرﯨﺪۇ‪ ،‬ﭼﻮڭ زاﻟﺪا ﻛﯜﺗﯜۋﯦﻠﯩﺶ ﺋﻮرﻧﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺋﻪھﯟال ﺳﻮراپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﻰ‪ ،‬ﺋﺎدﯨﺮﺳﻰ‪ ،‬ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﻛﯩﺴﻪﻟﻠﯩﻚ ﺧﺎﺗﯩﺮﺳﻰ ‪ ،‬ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺟﻪدۋەﻟﻠﻪرﻧﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻦ دوﺧﺘﯘردﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﻛﯜرۈپ داۋاﻻﯾﺪۇ ۋە ﯾﯧﻨﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋاﺧﺘﯖﯩﺰدا ﭘﯘﻟﻨﻰ ھﯩﺴﺎﭘﻼپ ﻣﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﭘﯘل ﺑﻮﻟﺪى‪ ،‬ﺑﯘﻻردﯨﻦ ﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﯩﻨﯩﯔ‪ ،‬ﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻨﯩﯔ دەﯾﺪۇ ۋە ﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﯜﻟﻪﺷﻜﻪ ﺗﯩﮕﯩﺸﻠﯩﻜﻨﻰ‬ ‫ھﯩﺴﺎۋﯨﯖﯩﺰﻏﺎ ﭘﯜﺗﯜپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ 5-4 .‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﭘﻮﭼﺘﯩﺪﯨﻦ داۋاﻟﯩﻨﯩﺶ ﭘﯘﻟﻰ ﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺗﯚﻟﻪش ﻣﯘھﻠﯩﺘﻰ ﻣﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫) ﻧﻮرﻣﺎل ﺑﻮﻟﺴﺎ ‪ 2-1‬ﺋﺎي ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪۇ(‪ ،‬ﻣﯜھﻠﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚﻧﯩﮕﻪ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﺳﻪت ﻗﻮﺷﯘﻟﯩﺪۇ دەپ ﺧﻪت‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪپ‪ .‬ﺗﯜﻟﯩﻤﯩﺴﻪ ﺑﯘ ﺧﻪت ﻛﯩﻠﯩﯟﯨﺮﯨﺪۇ‪ ،‬ﭘﯧﺮﺳﻪﻧﺘﯩﻤﯘ ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﺎرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺋﯧﺸﯩﭗ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻏﺎﻧﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺗﯚﻟﯩﻤﯩﺴﻪ ﺑﯘﻻر ﭘﯜل ﺳﯜﯾﻠﻪش ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺪﯨﺖ ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﯖﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﮔﻪ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎرﺧﯩﭗ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻧﺎﭼﺎر ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮەر ‪-‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻼ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺸﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻤﯩﺸﯩﺸﯩﯖﺰ‪ ،‬ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﻛﺎرﺗﺎ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﺸﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﯚي‪،‬‬ ‫ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﺎﻧﻜﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘددەﺗﻜﻪ ﺑﯚﻟﯜپ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻗﻪرﯨﺰ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﯜي ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺸﯩﯖﯩﺰ‬ ‫) ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﻟﻮس ﺋﺎﻧﺠﯩﻠﯩﺴﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ‪ 3‬ﺋﺎي ﺗﯘرﻣﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﯘﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﯜزى ﯾﺎﻗﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﻜﻜﻰ ‪ -‬ﺋﯜچ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﯩﻨﻰ ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﺎرﺳﺎﺋﯘﻻر ﻛﺮﯦﺪﯨﺖ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﯚرۈپ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪104‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﻪرﻣﻪﭘﺘﯘ‪ ،‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﺪا ﺷﯘﻧﺪا ﻧﺎﭼﺎر ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﺎرﻛﻪﻧﺪۇق‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯘﻻﻟﻤﺎي ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر‬ ‫ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن راﯾﯘﻧﺪا ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻐﯩﺰ ﺋﯚﯾﯩﮕﻪ ﺋﯜچ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺎرﯨﻨﻰ ھﻪﻣﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮﯨﭙﺘﯘ(‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮاﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﮔﻪر ﯾﻪﻧﻪ ﺗﯚﻟﯩﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﯾﺎ ﺑﻮﻟﺪى ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﺎرى ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ ﯾﺎ ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺳﯘﻧﯘپ ﻗﻮﯾﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﻮﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﯜﻟﻪش ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ھﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺷﯘﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻪرەپ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻣﯩﺶ‪ ،‬ﺷﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﯚرۈپ‬ ‫راس ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﯩﻼرﻣﯩﺶ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯜﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﻰ ﭼﯩﺶ داۋاﻻﺗﻘﺎن‪ ،‬داۋاﻟﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ۋەﺗﻪﻧﮕﻪ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﯾﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺴﻪ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ‪2000‬‬ ‫دوﻟﻼردەك ھﻪق ھﯩﺴﺎﭘﻼپ ھﻪر ھﻪﭘﺘﯩﺪە ﺑﯩﺮ ﺋﻪۋەﺗﯩﯟﯨﺮﯨﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺧﻪت ﺳﺎﻧﺪۇﻏﯘم ﺷﯘﻻر ﺋﻪۋەﺗﻜﻪن ﺧﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﺷﯘپ‬ ‫ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﻣﻪﻟﯘم ھﻪﻗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ ﺗﯚﻟﯩﮕﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﻣﯩﻨﯩﯔ ھﯩﺴﺎۋﯨﻤﻐﺎ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻐﺎ‬ ‫ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ‪ 1200‬دوﻟﻼردەك ﺗﯚﻟﯩﺪى‪ .‬ﺋﺎﺷﻘﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪا ﻗﯩﻼرﻣﻪن دەپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎم ﺋﯜزﻟﯩﺮى ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻣﻪن ‪ 180‬دوﻟﻼر ﺗﯚﻟﻪپ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ دوﺧﺘﯘرﻏﺎ ﺑﺎرﺳﯩﯖﯩﺰ ﺋﯜزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﺗﯜرۈﭘﻼ ﺑﺎرﯨﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ۋە ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﯖﯩﺰﻧﻰ دەپ ﺑﻪرﺳﯩﯖﯩﺰﻻ‬ ‫ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻐﯩﻤﯘ ﺋﯘﻻر ﺋﯜزﻟﯩﺮى ﯾﻮﻟﻼپ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﺋﯜزى ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﯩﺪۇ‪.‬ﺳﯩﺰ ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺋﯧﺸﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯩﺮەر‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﯾﻐﯩﭽﻪ ﺗﯚﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘ ﺗﯜﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﭘﯘﻟﻨﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻼ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺗﯜﻟﯩﻤﻪي ‪ 5-1‬ﯾﯩﻠﻐﺎ ﺑﯚﻟﯘپ‬ ‫ﺗﯜﻟﯩﺴﯩﯖﺰﻣﯘ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺷﯘ ﻧﻪرﺳﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ ﯾﯩﯖﻰ ھﻪﯾﺪەﺷﻨﻰ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪن ۋاﺧﺘﯩﻤﺪا ﺗﻮﺧﺘﺎﺗﻘﺎن‬ ‫ﯾﻪردﯨﻦ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﯾﻮﻟﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﻼ ﺑﯩﺮ ﺳﻮﻟﻐﺎ ﻗﺎﯾﺮﯨﻠﯩﻤﻪن دەپ ﺑﻪك ﻗﺎراپ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺋﻮﯕﺪﯨﻦ ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚرﻣﻪي ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺑﯩﺮﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﯾﺎﻧﺪاپ ﺋﯜﺗﺘﻰ‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﻨﻪ ﺳﯜرﻛﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﻛﻪﺗﺘﻰ ۋە ﺋﯘ‬ ‫ﯾﺎﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﻗﺎرﯨﯟﯨﺘﯩﭗ ﺳﺎﻗﭽﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮدى‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﻰ ‪ 3-2‬ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﯩﭽﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ‬ ‫ﯾﻪر ﺑﯘ ﯾﻪرﻧﻰ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ھﯩﭻ ﺋﯩﺶ ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ ،‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻐﺎ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﯖﻼر‪،‬ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻣﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەﯕﻼر دەپ ﻧﯘﻣﯘرﯨﻨﻰ‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻤﯘ ﻣﻪن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻣﻪن ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ دەپ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎﻣﻨﻰ ۋە ﺗﯧﻠﭙﯘن‬ ‫ﻧﯘﻣﯘرﯨﻤﻨﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ 3 .‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎﻣﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﺟﻪدۋەل‬ ‫ﺗﺎﭘﺸﯘرۋاﻟﺪۇق‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻤﯘ دﯨﺪى ھﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺑﯘﻻردﯨﻦ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺧﻪۋەر‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﯩﺪﯨﻢ ھﻪم ﻣﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﯩﺰدﯨﻤﯩﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯘ ﺑﺎﻻ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘﭼﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﺪا ﺑﻮﻟﺪى‪ ،‬ﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺰدﯨﻤﯩﺪﯨﯖﻐﯘ دﯨﺴﻪم‪ ،‬ﺋﯩﺰدەﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻤﯘ ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﺴﺎ ﻣﯘﻧﺪاق رﯨﻤﯘﻧﯩﺘﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎر دﯨﺪى‪،‬‬ ‫رﯨﻤﻮﻧﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ‪ 10‬ﻛﯜﻧﺪە ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﺎرﻟﯩﻘﺘﺎ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺪﯨﻦ ‪ 10‬ﻛﯜﻧﻠﯘك ﯾﯩﯖﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﻠﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪردى‪ ،‬ﺷﯘﻧﻰ ھﻪﯾﺪەپ ﺗﯘردۇم‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﯕﺸﺎﻟﻐﺎﻧﺘﻰ ﯾﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ دەﯾﺪۇ‪ .‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻨﻰ ﺷﯘ‬ ‫رﯨﻤﻮﻧﯩﺘﺨﺎﻧﺎ ﻗﯩﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻜﻪن دەﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫دورﯨﻼرﻣﯘ ھﻪم زەھﻪردەك ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻪڭ ﭘﺎﯾﺪﯨﻨﻰ ﺟﯩﻖ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺷﯘﻻر‪ .‬دورﯨﻨﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘس دورا‬ ‫دۇﻛﺎﻧﻠﯩﺮى ﯾﺎﻛﻰ ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎزارﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ دورا ﺑﯜﻟﯜﻣﻠﯩﺮى ﺳﺎﺗﯩﺪۇ‪ .‬دورا ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﻗﯘم دوﺧﺘﯘر ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺑﻪرﮔﻪن‬ ‫رﯨﺘﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻻر دورا ﺳﺎﺗﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ دورﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺸﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪ .‬ﻣﯘﻧﺪاﻗﻼ‬ ‫ﺑﯩﺮ دورا ﺋﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ 2000‬دوﻟﻼر ﭼﯩﻘﯩﺸﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎم ﯾﯩﻠﯩﻐﺎن ‪ 1700‬دوﻟﻼر‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ‬ ‫ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪105‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ‪ 20‬ﻣﯩﻠﯿﯘﻧﺪەك ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ﯾﻮق ) ﺋﯩﻨﯩﻖ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯩﺮﺳﻪﻧﺖ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ( ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘﻻر‬ ‫ھﯚﻛﻪﻣﻪﺗﻜﻪ ۋە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ‪ ،‬ﺷﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯜزﯨﮕﯩﻤﯘ ﺑﯧﺴﯩﻢ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﭘﯘﻟﻰ ﯾﯘﻗﻘﻪن دەپ داۋاﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬داۋاﻟﯩﺴﺎ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻣﯘ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﻨﯩﺸﻜﯩﺴﻰ ﯾﻮق دوﺧﺘﯘرﻻرﻧﻰ ﺋﯩﺰدەپ ﺧﺎﺗﺎ داۋاﻟﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺳﯘﻏﯘرﺗﺎ‪ ،‬دورا ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﻗﯩﻤﻤﻪت‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﯩﻖ ﻧﺎرازﯨﻠﯩﻘﻼر ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﺑﯘ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﯿﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﻧﻮﻗﺘﺎ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﯾﻠﻰ ھﯩﻼرى ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ‪ ،‬ﻣﻪﻛﻜﯧﯩﻦ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺋﯜزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺎر ﺑﯘﻻرﻧﻰ ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﯾﺎﺧﺸﯩﻼش‬ ‫ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﺎﻗﭽﻰ‪.‬‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻼردا ۋاراڭ ﭼﯘرۇڭ ﯾﻮق‪.‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﻟﯩﻼر داۋاﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﻪرﻟﻪردە ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺗﻮﻻ ﯾﯩﻐﻼپ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ۋاراڭ‬ ‫ﭼﯘرۇڭ ﺑﺎر‪ .‬ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻐﻠﯩﻨﻰ ﻛﯜرﯨﻤﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﯘﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯩﺮى‬ ‫ﺋﺎۋازدا ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﻣﯘھﯩﺘﻘﺎ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﺋﺎﺳﺮاﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﯾﻮﻟﻼردا ﺗﺎﻣﺎﻛﺎ ﻗﺎﻟﺪۇﻗﻠﯩﺮى‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﻛﻪچ ﺗﻪرەﭘﺘﻪ ﺑﻪزﯨﺪە ﻣﻪﺳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺑﯜرﺟﻪﻛﻠﻪردە ‪،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﯾﻮﻟﻨﯩﯔ‬ ‫ﯾﺎﻗﯩﺴﯩﺪا ﺳﯩﯿﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ‪ 4-3‬ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﯜردۇم‪ .‬ﭘﺎرﭼﻪ ﭘﯘرات ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﻤﯘ ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﺎﺷﻼﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ﻛﯚپ‬ ‫ﻗﺴﯩﯩﻢ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘھﯩﺘﻨﻰ ﺑﻪك ﺋﺎﺳﺮاﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر رﯨﺌﺎﯾﻪ ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎ ﺗﺎزﯨﻼﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﯘﻻرﻧﻰ‬ ‫ۋاﺧﺘﻰ ۋاﺧﺘﯩﺪا ﺗﺎزﯨﻼپ ﺗﯘرﻏﺎﭼﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺳﯩﺰ ھﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﺎﻛﯩﺰ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘھﯩﺖ‬ ‫ﺗﺎزﯨﻼش ھﻪﻗﻘﻰ ﺗﺎﭘﺸﯘرﯨﺴﯩﺰ‪ .‬ھﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻤﯘ ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ﺷﯘ ﭘﯘﻟﻼرﻧﻰ ﺟﺎﯾﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﭗ ﺗﺎزﯨﻼپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻣﻪﺳﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﯾﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﻛﯜردۈم‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﯩﺸﺘﺎ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯩﭽﯩﺪە ﺳﻮﻏﯘﻗﺘﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪا ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﯚﯾﯜﻣﺪە ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﺎرﺳﺎم ﺋﯚﯾﮕﻪ ﯾﯩﻘﯩﻨﺮاق ﯾﻪردە ﺑﯩﺮ ﻣﻪس‬ ‫ﺋﯜزﯨﮕﻪ ﺋﯜزى ﺳﯜزﻟﻪپ ﯾﻪردە ﯾﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﺴﺎم ﺑﯩﺰ ﺑﺎرﻏﯘﭼﻪ ﺳﺎﻗﻼپ ﺗﯘرﺳﺎڭ دﯨﺪى‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ دەس ﺗﯘرۇپ ﻣﻪن ﻣﻪس ﺋﻪﻣﻪس دەپ ﺗﯘرۋاﻟﺪى‪ .‬ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﺋﯘﻧﯩﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﯚﯾﯜڭ ﻗﻪﯾﻪردە دەپ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﺳﯘﻻپ ﺋﻪﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﻤﯩﯟى ﺳﻮرۇﻧﻼردا ﺳﯚﯾﯜﺷﯜش ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﯾﻮﻟﻼردا دﯨﮕﻪﻧﺪەك‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺳﯜﯾﯜﺷﯜش‬ ‫ﻣﯘﻧﺪاﻗﻼ ﺳﯜﯾﯜپ ﻗﻮﯾﯘﺷﻰ‪ .‬ﺷﻪھﯟاﻧﯩﻼرﭼﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘﺗﻘﺎ ﺳﻮزۇﻟﻐﺎن ﺳﯚﯾﯘﺷﯘش ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫‪Richard‬‬ ‫ﻣﻪن ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻻﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘرﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘراﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮم ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻨﻐﺎن‬ ‫‪،‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻮﯕﻼرﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺋﻤﯩﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﭗ ‪6‬ﯾﯩﻠﺪا ) ‪ 函授‬ﺋﯘﻗﯘپ( ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرس‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس دﯦﭙﻠﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم‪،‬ﻣﺎﯕﺎﺋﻮﺧﺸﺎش )‪(函授‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪106‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪن ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻻﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘرﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘراﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮم ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻨﻐﺎن‬ ‫‪،‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻮﯕﻼرﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺋﻤﯩﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﭗ ‪6‬ﯾﯩﻠﺪا ) ‪ 函授‬ﺋﯘﻗﯘپ( ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرس‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس دﯦﭙﻠﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم‪،‬ﻣﺎﯕﺎﺋﻮﺧﺸﺎش )‪(函授‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬دﯨﭙﻠﻮﻣﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯩﺘﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﯖﯩﺰ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪.‬‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻨﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺗﺎﺷﻼپ ﻗﻮﯾﯘپ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺸﻰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺷﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﻗﺎﯾﯩﻞ ﻗﯩﻼﻟﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﮔﻪپ ﺷﯘﻻرﻧﻰ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻗﺎﯾﯩﻞ ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﺎ‪ .‬ﯾﺎﻟﻐﯘز دﯨﭙﻠﯘم ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻐﯩﻼ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺳﯘﺋﺎﻟﻼر ﺑﻪك ﺟﯩﻖ ﺳﻮراﻟﺪى‪ .‬ﻧﯘرﻏﯘن ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻣﻪن‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺑﯜرﻛﯜت ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﻮﻟﺴﯘن ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘﻟﻤﺎﯾﺪۇ دەپ ﺋﯩﻨﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﻪ دﯨﯿﻪﻟﻤﻪﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﭼﯘﻧﻜﻰ ﺑﯩﺰ ﺋﯜزﯨﻤﯩﺰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﯘﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﻤﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺑﻪرﻣﻪﯾﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دﯨﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﯾﻪﻧﻰ‬ ‫ﺑﻪزى ﯾﻪرﻟﻪردە ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﻰ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘﻧﺪا ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻐﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاپ ﺋﯜزﯨﮕﻪ ﻣﺎس ﻛﯩﻠﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ‬ ‫ﺗﺎﭘﺎﻟﯩﺸﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ﺷﯘﻻر ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دﯨﺴﻪ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﺴﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻧﯩﯿﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﺎدەم ﻛﯜﻧﺪە ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺗﻪﻟﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪاپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﻧﯩﺸﺎﻧﻰ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ‪ 4-3‬ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ۋاﻗﯩﺖ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺗﻮردا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﺧﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﯾﺎزﻏﯩﻠﻰ ﺗﯘرﺳﺎ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرﺳﺎ ﺑﯩﺮ ﯾﻪردﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺟﺎۋاپ ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯘﭼﯘق دﯨﺪﯨﻢ‪ .‬ﺗﺎ ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن دەپ ﺧﯩﯿﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫) ﯾﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻧﺎﭼﺎرﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر( ‪ TOEFL, GRE, IELTS‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺋﯜﺗﯜپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼردﯨﻦ‬ ‫ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﻧﺪاق ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﯘﺳﯘﻟﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﯾﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﭼﯩﻘﺘﻰ‪ .‬ﺋﻪڭ ﻣﯘھﯩﻤﻰ ھﻪرﯨﻜﻪت ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺶ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺷﯘ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻜﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﯩﺰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ‪ 8‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ‪ 2‬ﯾﯩﻠﻐﯩﭽﻪ ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯩﺘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯘﻻﻣﺪۇ ﺑﯘﻟﻤﺎﻣﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﻤﯩﺴﺎﯕﻼر‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﮕﻪن ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﮔﯩﭙﯩﻤﯩﺰ ﻛﯜﭼﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯩﻞ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ۋﯨﺰا ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪۇ دﯨﮕﻪن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪردە ﺋﺎﯕﻼپ ﻛﻪﻟﺪۇق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﯩﻞ‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻧﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺟﺎﯾﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ۋﯨﺰﯨﻐﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻛﯩﺮدﺳﻪ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪107‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎزارﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﺴﺎم دەپ ﺋﻮﯾﻼپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﮕﻪ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﺴﺎ ﺑﯩﻜﺎردﯨﻦ ﺑﯩﻜﺎر ﻛﯜرۈپ ﻛﯩﺘﯩﻤﻪن دﯨﺴﻪڭ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﺳﺎﯕﺎ ﺗﺎﻣﻐﺎ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﺑﻪرﻣﻪﯾﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دەﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﻮﻣﯘ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺷﻪھﻪردە ﺑﯘرۇن ﺋﺎﯕﻼپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﯘﺳﯘﻟﭽﻰ ﺋﺎﯾﺎل ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﯚﯾﯩﺪە ﻛﯩﭽﯩﻚ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼرﻏﺎ ﺋﯘﺳﯘل ﺋﯜﮔﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﯧﭽﯩﯟاﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاﺷﭽﯩﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﺑﻪرﺳﯩﻤﯘ ﻣﻪن ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﺎﯾﺘﯘراي دەپ‬ ‫‪ 6-5‬ﺳﻪﺋﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻗﺎﯾﺘﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻗﻪﺷﻘﻪردە ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻻ ﺋﻮرۇن ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻪرﯨﺰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜرۈپ ‪ 7-6‬ﺋﺎﯾﻐﺎ‬ ‫ﯾﻪﺗﻜﯜدەك ﭘﯘل ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺋﺎۋال ﺷﯘﻧﻰ ﺧﻪﺟﻠﻪپ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻣﺎﻟﯩﻤﯩﻨﻰ ﻗﺎﯾﯩﻞ ﻗﯩﻠﻰ ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﭗ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﯩﺖ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﺋﺎش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﻛﻪم دﯨﮕﻪﻧﺪە ﺋﯜچ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﺎﻟﻼ ) ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﺗﯧﺨﻰ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻗﯩﺰ ( ﺑﯘﯾﯩﻞ ‪ -7‬ﺋﺎﯾﺪا ﺑﯧﺠﯩﯖﺪا ۋە ﺷﺎﯕﺨﻪﯾﺪە ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﻨﻰ‬ ‫ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ‪ -8‬ﺋﺎﯾﺪا ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﺎﺷﻼپ ﺑﻮﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﯜﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﻰ ﻣﻪن ﺑﯩﻠﭗ ‪ 6‬ﺑﺎﻻ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘﻧﻰ ﺋﯘﺧﻤﺎﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻردﯨﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘش ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﯾﯧﺮﯨﻢ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯜزى ﭘﯘل ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﯩﻨﻰ ﺋﯜزى ﺗﯚﻟﻪپ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ھﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯩﻤﺘﺎھﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﭘﯘل ﺗﯜﻟﻪپ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﻪۋەﺗﻜﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدﯨﻜﻰ ﺋﺎدەم ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﯩﺮﯨﮕﻪ ﭘﯘل ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺗﯩﮕﯩﺪە ﯾﯧﺘﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻏﯘرﻟﯘﻗﭽﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﯩﺮﯨﺪە ﺳﻪرﺳﺎن ﺳﻪرﮔﻪردان ﺑﻮﻟﯘپ ﯾﯜرۈپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ ﺋﺎﭼﻘﺎن ﺧﻪﻧﺰۇﻻر ﺋﺎﺷﭙﻪزﻟﯩﻜﻜﻪ ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﻮﯾﯘن ﻗﻮﯾﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﻮﯾﯘن ﻗﻮﯾﯘش ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮى‬ ‫ﺋﻪﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﯩﮕﯩﭗ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺷﺎﯕﺨﻪي‪ ،‬ﺷﯧﻨﺠﯩﻨﻼردا ﺑﻪزﻣﯩﺨﺎﻧﯩﻼردا‬ ‫ﺋﯘﺳﯘل ﺋﻮﯾﻨﺎپ ﺟﺎن ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺋﻮﺳﯘﻟﭽﻰ ﻗﯩﺰﻻرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎۋﻏﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪا ﺋﻮرۇﺷﻘﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﺗﯘپ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎ‬ ‫ﺳﯘﻻپ ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﻮدﯨﮕﻪرﻟﻪرﮔﻪ ﭘﯘل ﺑﯩﺮﯨﭗ ﯾﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﻮرۇﻧﻘﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎن ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﺑﯩﯟاﺳﺘﻪ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘﭼﺘﯩﻦ دوﻛﺘﯘرﻟﯘﻗﻘﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﻜﻪن ﯾﯩﻠﯩﻼ ) ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻤﻤﯘ ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎي‬ ‫ﺗﯘرۇپ ( ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﺘﯩﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﯜز ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺗﻪﺟﺮﯨﺒﯩﺨﺎﻧﺎ ﻗﯘرۇپ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‬ ‫ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﻟﻪردە ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﯾﯜرۈپ ﺷﯩﺮﻛﻪت ﯾﻮﻟﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش‪ ،‬ﺋﺎﻏﺮﯨﻖ‬ ‫ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺶ‪ ،‬ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﺴﻨﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈش ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﯩﺶ‪ ،‬ﺳﺎﯾﺎھﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺗﻮردﯨﻦ ﯾﯩﻠﺪا ﻛﯜرﻣﯩﯔ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ھﻪر ﺧﯩﻞ ﻛﯜرﮔﻪزﻣﻪ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪا ﻣﯘﻧﺪا ﯾﯩﻐﯩﻦ‪ ،‬ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪت دﯨﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ‬ ‫ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪108‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻮﻗﯘش ﺗﺎرﯨﺨﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺑﯧﯿﺪا‪ ،‬ﭼﯩﯖﺨﯘاﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯜزﻟﯜﻛﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘپ دﯨﭙﻠﯘم ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺴﯩﻘﺎ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺗﯘرﻏﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘزۇن ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯩﻠﯩﻢ ﺗﻪﺗﻘﯩﻘﺎت ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺪا‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺷﯩﺘﺎﺗﻠﯩﻖ ھﯜﻛﯜﻣﻪﺗﻠﻪردەﻛﺎدﯨﺮ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬دوﺧﺘﯘر ﺳﯩﺴﯩﺘﯩﺮا ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬دۇﻧﯿﺎ ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﯩﺪەك‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻦ ﻣﺎل ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪە ﺳﺎﺗﻘﺎﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭼﯩﯿﻰ ﺑﺎر ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭘﺎرﭼﻪ ﭘﯘرات‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺑﺎزارﻣﯘ ﺑﺎزار ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻧﻪرﺳﻪ ﻛﯩﺮەك ﺳﯧﺘﯩﭗ ﻣﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺷﻮﭘﯘر ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘ ﻗﯩﺮﻏﯩﻐﯩﭽﻪ ﯾﯜك ﺗﯘﺷﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺳﺎﯾﺎھﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﯩﺮﯨﺪە ﯾﻮل ﯾﯩﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﯩﺪا ﻗﺎزان ﻗﯘﻣﯘچ ﯾﯘﯾﯘپ ﺟﺎن ﺑﯧﻘﯩﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺮۇدۇرۇﻣﺪا ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﯜﻛﯜﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﮔﯘۋاﻧﺘﺎﻧﺎﻣﯘﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺗﯘﺗﻘﯘن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺳﻮراق ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺗﯩﺮرورﭼﯩﻠﯩﻘﺎ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﻮرۇﻧﻼردا ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﯘﻻﯕﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻮرﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‬ ‫) ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎم ﺗﯘرﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﺎرﻣﯩﺶ‪ ،‬ﺑﻪك ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﯨﻢ( ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﯾﯘرﺗﺘﺘﯩﻦ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﭼﯩﻘﯩﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻧﯩﻜﺎھﯩﻨﻰ ﺗﯧﻠﭙﯘﻧﺪا ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﭗ ﺗﻮي‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺗﯜرك‪ ،‬ﺋﯩﺮاﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ‪ ،‬ﯾﺎۋرۇﭘﺎﻟﯩﻖ‪ ،‬ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺧﻪﻧﺰۇ‪ ،‬ﯾﺎﭘﯘﻧﻠﯘﻗﻘﻪ ﺗﻪﮔﻜﻪن ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﺮى ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯧﭙﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺟﺮاﺷﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻣﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯜزى‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﯾﯩﺪﯨﻜﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﻪﻟﻤﻪي ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯘزۇن ﯾﯩﻞ ﺗﯘرۇپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ ‪ 2-1‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﯾﯩﻠﺪا ﻣﺎﻧﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﭽﻪ ﻛﯩﺘﻪﻟﻤﻪي ﻣﻪﯕﮕﯘ ﺗﯘرۇپ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻧﯘﻧﻠﯘق ﺗﯘرﻏﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻛﯩﻠﯩﭙﻼ ﻛﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺗﯘرﻏﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰ‬ ‫ﺑﯩﻠﺪۈرﻣﻪي ﺗﯘرۇۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺟﻪﻣﯿﯩﺘﯩﺪە ‪ 5‬ۋاخ ﻧﺎﻣﺎزﻧﻰ ﭼﯜﺷﯜرﻣﻪي ﺋﻮﻗﯘپ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ ﭘﻪرزﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﻗﺎﻟﺪۇرﻣﺎي ﺋﺎدا ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪،‬‬ ‫ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚپ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺎز ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯜزﯨﻨﻰ ﺋﺎﺷﻜﺎرا‬ ‫ﺧﯩﺮﯨﺴﺘﯩﯿﺎن دەپ ﭼﯩﺮﻛﺎۋﻏﺎ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺋﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﺋﯚﺗﯜپ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرﻏﯩﻠﻰ ‪ 8-7‬ﯾﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﺎﻛﺴﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮاﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﻣﯘ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎرﻻﺷﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ھﻪم ﺋﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻐﯩﻨﻰ ھﯩﭽﻜﯩﻢ ﺋﯘﺧﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪﻧﻤﯘ ﺋﺎرﻻﺷﻤﺎي ﺧﻪﻧﺰۇﻻر ﺑﯩﻠﻪﻧﻼر‬ ‫ﺋﺎرﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ‪ ،‬ﺳﯩﯿﺎﺳﻰ ﺟﯩﻨﺎﯾﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻣﯘ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﯩﯟﯨﺪە ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺑﯩﺮﻟﻪﺷﻤﯩﺴﻨﯩﯔ رەﺋﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻗﯩﯩﺴﻘﺴﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎرﻗﺎ ﻛﯜرۈﻧﯩﺸﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر‪ ،‬ﺋﯩﺶ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﻪر ﺑﺎر‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﯾﻪﻧﻪ ھﯜﻧﻪرۋەﻧﻠﻪر‪ ،‬ﺑﺎﯾﻼر‪ ،‬ﻛﺎرﺧﺎﻧﯩﭽﯩﻼر‪ ،‬ﻣﯩﻠﻠﻰ ﺗﯩﯟﯨﭙﻼر ﻛﻪﻣﻜﻪن ﯾﺎﻛﻰ ﻣﻪن ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﯘ ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دەپ ﭘﯜﺗﯜپ ﻗﻮﯾﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﻼ ) ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎر( ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﯘ ھﯜﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯩﺘﺮاپ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﺎﻛﻼۋور‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪109‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫دﯨﭙﻠﯘﻣﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻤﯘ ﺋﯩﺘﺮاپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ ۋە ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى ﺋﯚرﻟﻪپ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺴﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ دﯨﮕﻪن‬ ‫ﯾﻪرﻟﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻪرﺗﯩﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯧﻘﯩﭗ ﭼﯜﺷﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، richard :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:09 25-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﻪن ﺗﯘﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﺋﻪﻻﻧﻪﺗﯩﺠﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﻧﯘﻣﯘرﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘراﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮم ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﻨﻐﺎن‬ ‫‪،‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻮﯕﻼرﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﻰ ﺋﻤﯩﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﯩﺸﭗ ‪6‬ﯾﯩﻠﺪا ) ‪ 函授‬ﺋﯘﻗﯘپ( ﺷﯩﻨﺠﺎڭ ﺋﯘﻧﯟﯨﺮﺳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻛﯘرس‪،‬ﺗﻮﻟﯘق ﻛﯘرس دﯦﭙﻠﯘﻣﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﺪۇم‪،‬ﻣﺎﯕﺎﺋﻮﺧﺸﺎش )‪(函授‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﻮﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺋﯘﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯘﻗﯘش ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﺑﯩﺨﻼن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﺑﯩﻤﻨﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘڭ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺳﻪۋﯨﯿﻪرﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﯾﻤﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻮﻣﯘﻣﯩﯿﻠﯩﻘﻨﻰ‬ ‫ﻧﻪزەرﮔﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاپ ﺑﻪرﮔﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪە ﺗﻮﻟﯘق ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﺑﻪك ﺋﺎز ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ‪General Test, GRE Computer Science Subject Test TOEFL, GRE‬‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردا ﭘﻪۋﻗﯘﻟﺌﺎددە ﯾﯘﻗﯘرى ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﯟەﺗﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰﻻ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ دﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﯾﺴﯩﺰ دﯨﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻢ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﻪزى‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﻠﻪر‪ ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ‪ ،‬ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺧﯧﻠﻪ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻛﯚپ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻛﻪﺳﻜﯩﻦ رﯨﻘﺎﺑﻪت ﯾﻮق‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا‪،‬‬ ‫ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﯾﯧﻘﯩﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮى )ھﯩﺴﺎﭘﻼش ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﯩﺴﻰ‪ ،‬ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﺸﭽﺎن ﻣﺎﺗﯧﻤﺎﺗﯩﻜﺎ ‪ (...‬ﮔﻪ‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﻣﻪۋﺳﯘﻣﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﻐﺎ ﯾﯚﺗﻜﯩﻠﯩﯟاﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﻨﻰ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪا ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ .‬ﺧﯘﻻﺳﻪ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﮕﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎي ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﻧﺎﺗﺎﯾﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺑﯩﺮەر ﺋﺎرزۇ‪-‬ﺋﺎرﻣﺎﻧﻨﻰ ﭘﯜﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﺎۋال اﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﻪۋەﻛﻜﯜل ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﻮﻟﯩﯖﯩﺰدﯨﻦ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪ .‬ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪزى ﺋﺎﯾﻪﺗﻠﻪردە »اﻟﻠﻪ ﺋﺎراﯕﻼردﯨﻜﻰ‬ ‫ﺗﻪۋەﻛﻜﯜل ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ دوﺳﺖ ﺗﯘﺗﯩﺪۇ« دەﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪزﻣﯘﻧﻤﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ »ﯾﺎﭘﺴﺎم ﭘﯩﺸﺎرﻣﯘ‪ ،‬ﻛﯚﻣﺴﻪم ﭘﯩﺸﺎرﻣﯘ«‬ ‫دەپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻣﺎي‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﺋﻪﻣﯩﻠﻰ ھﻪرﻛﻪﺗﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﺶ ﻛﯧﺮەك‪ .‬ﺗﻮرﻏﺎ ﻣﯘراﺟﻪت ﻗﯩﻠﯩﯔ‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼرﻧﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘڭ‪ ،‬ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﯔ‪ .‬ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﻪﺟﺮﯨﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﺎﻣﺎن‬ ‫ﻛﯚرﯨﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘش ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﯾﯧﺘﻪرﻟﯩﻚ ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ‪ ،‬ﻛﺎﻧﺎدا‪ ،‬ﯾﺎۋروﭘﺎ ۋە ﺋﺎۋﺳﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ دەﯾﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﺶ ﻧﯩﯿﺘﻰ ﺑﺎرﻻر ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ ﻗﯘﻣﺪەك ﺧﻪت ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺋﯜزﯨﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻪ‬ ‫ﺋﺎۋال ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪل ﺗﯩﻠﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼر ﺑﺎرﻛﻪن‪ ،‬ﺷﯘﻻردﯨﻦ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﻰ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺗﻮردﯨﻦ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﺎﻗﺴﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼر ﺑﺎر‪ ،‬ﺷﯘﻻرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ھﻪﻣﻤﻪ ﻧﻪرﺳﻪ ﺋﯜزﯨﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪110‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﯾﺪﯨﯔ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺳﯘﺋﺎﻟﻠﯩﺮى ﺟﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻻزﯨﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﯜز ﻛﻮي‬ ‫ﺑﯩﺮﯨﭗ ‪ 2‬ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﺳﯜزﻟﻪﺷﺴﻪ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ دەپ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﯾﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﯩﻘﯩﻨﺪﯨﻜﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪،‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﯾﺎﺗﺎ ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﺘﻪ ﻛﯜرﺳﻪﺗﻜﻪن ﯾﻮﻟﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﺳﺎ ﺑﯩﺮﯨﻨﭽﻰ ﻗﻮل‬ ‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﯩﻖ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﻠﻪر ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﯕﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻠﺨﻪت ﯾﺎزﻏﺎﻧﻼر‬ ‫ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺋﯩﺰدﯨﻨﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺗﻮﻟﯘق ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﭘﯘﻟﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﻪﻣﻪس ﺑﻪﻟﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﻛﯩﻠﻪﻟﯩﺸﯩﮕﯩﻤﯘ ﺋﯩﺸﻪﻧﻤﻪﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎۋال ﻛﯩﺘﺎپ ﺳﯧﺘﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﻛﯚرﺳﻪﯕﻼر‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺷﺎﯕﺨﻪي ﻗﺎﺗﻨﺎش ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﻰ ﺗﯜزﮔﻪن " ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﯩﻰ " ﻧﻰ ﻛﯚرﺳﻪﯕﻼر‪ .‬ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪرﯨﭙﻪت ﺑﻠﻮﮔﯩﻨﻰ ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯘرۇن ﯾﺎزﻏﺎن‬ ‫"ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘش" دﯨﮕﻪن ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﻠﻮﮔﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚرﺳﻪﯕﻼر‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺷﯘﻻرﻏﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ ﺳﯘﺋﺎل ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﺳﻮرﯨﺴﺎﯕﻼر‪ .‬ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎرﻗﯩﻤﯘ ﺋﺎرﻗﺎ ﺟﺎۋاپ ﺑﯩﺮﯨﯟﯨﺮﯨﭗ ﻣﻪن زﯨﺮﯨﻜﺘﯩﻢ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﯘرۇن ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﭘﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪم ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯩﻤﺎي ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮراﯾﺪﯨﻜﻪن‪" .‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﯩﻰ " ﻧﻰ ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ‬ ‫ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺑﯧﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘڭ‪ ،‬ﺷﯘ ﯾﻪردە ﺑﺎر دﯨﺴﻪم ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﯩﻤﺎي ﺳﻮراﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪھﯟاﻟﻰ‪ ،‬ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﻰ ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜﻧﯜش ﺋﯜﭼﯜﻧﻼ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﻪك‪.‬‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﺳﯘﺋﺎﻟﻼر ﺳﻮراﻟﻤﺴﺎ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:07 25-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﺎﯕﺎ ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﺎرﻗﯩﻤﯘ ﺋﺎرﻗﺎ ﺟﺎۋاپ ﺑﯩﺮﯨﯟﯨﺮﯨﭗ ﻣﻪن زﯨﺮﯨﻜﺘﯩﻢ‪ .‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﭘﻨﻰ ﻛﯚﭼﯜرۈپ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪم ﺷﯘﻧﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯩﻤﺎي ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺳﻮراﯾﺪﯨﻜﻪن‪ " .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻗﻮﻟﻼﻧﻤﯩﯩﻰ " ﻧﻰ ﺋﯩﻠﺨﻪﺗﺘﻪ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺘﺎﭘﻨﯩﯔ ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ ﺑﯧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎﻧﭽﯩﻨﭽﻰ‬ ‫ﺑﯧﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﻮﻗﯘڭ‪ ،‬ﺷﯘ ﯾﻪردە ﺑﺎر دﯨﺴﻪم ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘﻧﻰ ﺋﯘﻗﯩﻤﺎي ﺳﻮراﯾﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬

‫ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻠﻪر ﯾﯩﻠﻼردﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﻤﻐﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪى؟‬ ‫ﺋﺎزراق ﺳﻪﺑﯩﺮ‪-‬ﺗﺎﻗﻪﺗﻠﯩﻚ ﺑﻮﻻﯾﻠﻰ‪ .‬ﺑﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﯿﺘﯩﭗ ﺑﻪرﺳﻪك‪ ،‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﺗﯧﭙﯩﭗ‪ ،‬ﯾﻮﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﯾﯜرۈﺷﺘﯜرۈپ ﻛﯧﺘﻪر‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﯘ‬ ‫ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﻛﯚپ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻻر ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺋﺎزدۇر‪-‬ﻛﯚﭘﺘﯜر ﺳﯩﺰ‪-‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﺎردﯨﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ﻣﯘھﺘﺎج‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪111‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ۈرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ‪،‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﻛﯚپ رەھﻤﻪت ‪،‬ﻣﻪن ﺑﯩﺨﻼن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﺑﯩﯖﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻲ ﻛﯚرﮔﻪن ‪،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﻧﻠﯜك ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﺘﺎ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻠﻪﻧﮕﻪﻧﻠﻪرﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﯾﻨﻰ‬ ‫ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدﯨﻲ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﺗﺘﻮراﺗﯧﺨﻨﯩﻜﻮﻣﺪاﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺋﯘﻗﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻰ‬ ‫ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ دﯦﭙﻠﯘم ﺋﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﻐﺎن ﻣﯘﻣﺎﺋﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪،‬ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ‪،‬ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﯾﺪۇم‪ .‬ﺋﺎﻟﻼھ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯧﻨﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺳﺎﻻﻣﻪت ﻗﯩﻠﺴﯘن !رەھﻤﻪت‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﻗﺎراﯾﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪت ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺳﯩﺰ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﻧﻮﭼﯩﺮاق ﭘﯜﺗﯜن ﻛﯜﻧﻠﯘك ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﺑﺎﻟﯩﻼردﯨﻦ ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺮاق ﺗﯘرۇﺷﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﯨﯖﯩﺰ‬ ‫ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺑﺎﺷﻘﯩﻨﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ .‬ﻧﻮﭼﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﺎۋال ﻗﺎراﯾﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺋﯘﻧﻰ ﯾﯩﯖﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻟﯩﺴﻪ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﺋﺎﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﻠﯩﺶ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼردﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق‪ .‬ﺋﯩﺘﺮاپ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﺴﺎق ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻰ ﻧﻮﭼﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺋﻮﭼﯘق‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯜﺳﺘﯜرۈش دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺸﻼردا ﺋﻪﻣﻪﻟﻰ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻏﺎ ﻗﺎراﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، richard :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:24 25-9-2008 :‬‬ ‫ﺷﯘﯕﻼﺷﻘﺎ ﺳﻮرﯨﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪۇم‪.‬‬ ‫ﺳﻮراپ ﺗﻮﻏﺮا ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪا ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺋﯚﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﯾﺘﺎ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺋﯚﺗﻪي‪:‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﮕﻪ ﺑﯘ ﯾﯩﻞ ‪ 20‬ﺋﺎﺳﭙﯩﺮاﻧﺖ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺑﻪﺷﯩﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ دەپ ﭘﻪرەز ﻗﯩﻠﺴﺎق )ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﻼر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ(‪ ،‬ﺑﯘ ‪ 20‬ﺋﻮرۇﻧﻐﺎ‪،‬‬ ‫دۇﻧﯿﺎﻧﯩﯔ ﺟﺎي‪-‬ﺟﺎﯾﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪەك ﻗﯩﺰﯨﻖ ﻛﻪﺳﭙﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺳﺎﻧﻰ ﺑﺎر ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻤﯩﺰ ﯾﻮق ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ھﻪﺗﺘﺎ ﺑﺎﻛﻼۋۇر ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘﻣﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺧﻪت ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯧﺸﻰ ﭼﻮڭ ﺋﯩﻜﻪن‪ ...‬ﻣﯘﺷﯘ‬ ‫ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ‪ 20‬ﺋﻮرۇن ۋە ‪ 5‬ﺋﻮرۇن ﺋﯜﭼﯜن ﻣﻪﻛﺘﻪپ ۋە ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺖ ﻛﯩﻢ‪-‬ﻛﯩﻤﻠﻪرﻧﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﺪۇ؟‬ ‫ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎزارﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‪-‬رﯦﺴﺘﯘراﻧﺪا ﺗﺎﻣﺎق ﯾﻪپ ﻗﺎﻟﺴﺎﯕﻼر‪ ،‬ﻣﯘھﯩﺘﻰ ﺋﻪڭ ﭘﺎﻛﯩﺰ‪ ،‬ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ﺋﻪڭ ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﺑﺎھﺎﺳﻰ ﺋﻪڭ ﺋﻪرزان ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‪-‬رﯦﺴﺘﯘرﻧﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺗﺎﻣﺎق ﯾﯧﯿﯩﺸﻨﻰ ﺋﻮﯾﻼﯾﺴﯩﻠﻪر‪ .‬ﺧﯘددى ﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ‪ ،‬ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﻤﯘ ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼر ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼپ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ھﻪم ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺗﺎﻟﻼپ ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫دﯨﻤﻪك ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ ۋە ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪڭ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻼرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪112‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪن ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻣﯩﺴﺎل ﺋﺎﻻي‪:‬‬ ‫‪----------‬‬‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯧﻼﻧﻰ‬ ‫ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ‪ 1‬ﻧﻪﭘﻪر ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﭘﺮوەراﻣﻤﺎ ﺧﺎدﯨﻤﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ ،‬ﺷﻪرﺗﻰ ‪ VB 6.0‬ﮔﻪ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫‪----------‬‬‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺰدەپ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻰ ﺋﺎ‬ ‫ﻣﻪن ‪ VB 6.0‬ﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫‪----------‬‬‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺰدەپ ﻛﻪﻟﮕﯜﭼﻰ ب‬ ‫ﻣﻪن ‪ VB 6.0‬ﻧﻰ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮت‪ VB.NET 2003, 2005, 2008 ،‬ﻟﻪرﻧﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن‪ C++ .‬ۋە ‪ C#‬ﻻرﻧﯩﻤﯘ ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘرۇن ﺗﯜزﮔﻪن ﭘﯘل‪-‬ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘ‬ ‫ﺑﺎﻧﻜﯩﺴﻰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ ،‬ﺗﯚﻣﯜر ﯾﻮل ۋاﻗﯩﺖ ﺑﺎﺷﻘﯘرۇش ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﻰ ﺗﯚﻣﯜر ﯾﻮل ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﺪە ‪ 4‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘﯾﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ‪ ...‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘﻻر ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻰ ‪ ...‬ﺑﯘﻻر ﻣﻪن ﯾﯧﻘﯩﻨﺪا ﺗﯜزﮔﻪن ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﻼر ‪ ...‬ﺑﯘ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻣﻪن‬ ‫ﯾﯧﻘﯩﻨﺪا دۆﻟﻪﺗﻠﯩﻚ ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﺮﻻر ﻣﯘﺳﺎﺑﯩﻘﯩﺴﯩﺪە ﺋﯧﺮﯨﺸﻜﻪن ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت‪ ،‬ﮔﯘۋاھﻨﺎﻣﯩﻠﻪر ‪...‬‬ ‫‪----------‬‬‫ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺧﻮﺟﺎﯾﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﻗﻮﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺑﯧﺮﯨﺸﻤﯘ ﺧﯘددى ﯾﯘﻗﯘردﯨﻜﯩﮕﻪ ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪھﯟال‪ .‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺷﻪرﺗﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﻛﯩﻢ ﺋﺎۋال ﺋﯜزۈپ ﭼﯩﻘﺎﻟﯩﺴﺎ ﺷﯘ ﺗﺎﻟﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﭼﯜﺷﻪﻟﯩﮕﯜدەك ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﯿﻪت‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻢ‪ ،‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﻠﻪر ﺳﯩﺰدە ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻨﯩﺶ ۋە ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺋﯩﻤﻜﺎﻧﯩﯿﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﯾﯘﻗﯘرى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﻪﻛﯩﺴﭽﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺗﯚۋەن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪113‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﻟﺮاﯾﻰ‬ ‫‪ -94‬ﻗﻪۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎل ﺟﺎۋاپ ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻟﺪﯨﻤﯘ ﻗﺎﻧﺪاق؟‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ :‬ﺋﻪﻟﺮاﯾﻰ ‪ ،‬ۋاﻗﺘﻰ‪12:03 22-9-2008 :‬‬ ‫‪ -47‬ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪدﺑﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﺗﯚۋەن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﯘ‬ ‫ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪Batush‬‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻼھ ﺗﯧﻨﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺳﺎق‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻤﯩﯖﻼرﻧﻰ زﯨﯿﺎدە ‪ ،‬دۈﺷﻤﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼرﻧﻰ ﭘﯩﯿﺎدە‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎي‪.‬‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ زﯨﺮﯨﻜﻤﻪي ‪-‬ﺗﯩﺮﯨﻜﻤﻪي ‪،‬ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻣﻪﺳﻠﯩﮫﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮا‬ ‫ﯾﻮﻟﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ ‪ ،‬ﺑﯘرﻏﯘن ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﻛﯚﭘﻠﯩﮕﻪن ﺑﯩﻠﯩﻤﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر‪ .‬ﻣﻪﻧﯩﯟى ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ‬ ‫ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯜﻟﮕﻪ ‪ .‬ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﮫﺎم ﺑﻮﻟﺪۇﯕﻼر‪.‬‬ ‫ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﯩﺰﻛﻰ ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﯩﻠﻪر ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎﻗﻘﯘزﻏﺎن ﺗﻪرﻟﯩﺮﯨﯖﻼر ھﻪرﮔﯩﺰ ﺑﯩﻜﺎرﻏﺎ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻼھ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻠﻪردە دﯨﺪارﻟﯩﺸﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﻗﯩﻠﻐﺎي ‪.‬‬

‫‪-60‬ﺳﯘﺋﺎل‪:‬‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﻛﯜﻧﻠﯜك ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﻪھﯟاﻟﯩﯖﻼردﯨﻦ ﺧﻪۋەردار‬ ‫ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﺎﻗﺴﺎق ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟‬ ‫)ﺗﯘرﻣﯘش‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪت‪ ،‬ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ‪،‬ﺋﺎرام ﺋﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﻪر‪(...‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر ‪...‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪڭ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﻗﺎﯾﺴﻰ؟‬ ‫‪NAZARY‬‬ ‫ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ ؟ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺟﻮﯕﮕﻮدا ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﻜﻪن ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚز ﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەﯾﻤﻪن ‪.‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﯾﻪﻧﻪﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ‪艾买提。买买提‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﻣﺪۇ ؟‬ ‫‪Bihlan‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻼﻏﺎ ﺷﯜﻛﺮى‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ رۇﺧﺴﻪﺗﺴﯩﺰ ھﺎﻟﺪا ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﯚزۈم »ﺋﻮﻏﯘرﻻپ« ﺋﯚﯾﮕﻪ ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺎ ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن‪-‬ﺑﯜﮔﯜن ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻟﻪن ﺋﯘﺧﻼپ‪ ،‬ﻣﯩﺠﻪزى ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ .‬ﺑﯜﮔﯜن‬ ‫دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﺶ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚﺗﯩﯟەﺗﺘﯘق‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪114‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪت ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﻪن ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮﻗﺎﻧﭽﻪ ﺳﻮﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯩﻠﻪر ﺟﺎۋاب‬ ‫ﺑﯧﺮەﻟﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﯖﻼرﻣﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮاپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪-‬دە‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ‬ ‫ﯾﯜرۈپ‪ ،‬ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺳﻮﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﺟﺎۋاب ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎﯕﻼر‪:‬‬ ‫‪-61‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﯾﻪرﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻘﺎ )ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا( ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫)ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎي ﺑﺎﯾﭽﻪ‪ ،‬ﻧﺎﻣﺮات ﻧﺎﻣﺮاﺗﭽﻪ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻤﺎﻗﭽﻰ(‬ ‫‪-62‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘت ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫‪-63‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺑﻮۋاق ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺟﺎﯾﻼردا ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ۋە‬ ‫ﺋﯧﺘﯩﺒﺎر ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻠﻪردﯨﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ‪) ....‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﯾﻪﯕﮕﯩﮕﻪﻧﺪە ﻣﻪن ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯜﻧﻠﯜك رۇﺧﺴﻪﺗﻨﻰ ﺋﺎران ﺋﺎﻟﻐﺎن‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ‪ 4‬ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ رۇﺧﺴﻪت ﺋﺎﻟﺪى(‬ ‫‪-64‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯩﻢ ﺑﺎﻗﯩﺪۇ؟‬ ‫)ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﺗﻪرەﭘﻠﻪردە ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺑﻪك ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺑﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪم ﮔﻪپ ﺑﻪك ﺟﯩﻖ‪ ،‬ﺋﯚزۈﯕﻼر‬ ‫ﺋﻮﯾﻼپ ﺑﯧﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﺗﻮﻧﯘش‪-‬ﺑﯩﻠﯩﺸﻠﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ﺑﺎﻻ ﺑﯧﻘﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر(‬ ‫‪-65‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺑﺎﻻ ﺗﻪرﺑﯩﯿﯩﻠﻪش ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺳﯚزﻟﻪﺷﺴﻪك ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﺳﻮﺋﺎل ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯚزﻟﻪپ ﺗﯜﮔﻪﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪،‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاﻗﺘﯩﻤﯘ ﺋﯚزۈﯕﻼر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻛﯚرﮔﻪن‪-‬ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﯖﻼردﯨﻦ ﺋﯜزۈﻧﺪە ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎﻻ ﭼﻮڭ ﻗﯩﻠﯩﺶ ۋە ﺗﻪرﺑﯩﯿﯩﻠﻪﺷﻜﻪ‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺋﯩﺶ‪-‬ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﯕﻼر؟‬ ‫‪DELL‬‬ ‫ﯾﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻼر؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت دﯨﯿﺎرﯨﻤﺰدﯨﻼ ﺑﺎر‪،‬‬ ‫ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼر ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ دەﯕﻼر‪ ،‬ﺗﻮرداﺷﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺳﻠﯩﮫﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﭗ ﺋﻪڭ ﻧﻮﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮەﯾﻠﻰ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر‪.‬‬

‫ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻜﻰ دوﺳﺘﻼر ﺋﯧﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺋﻮﯾﻠﯩﻤﺎي ﺑﯧﺮﺷﯩﻨﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼﯾﻠﻰ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫‪ -7‬ﺋﯩﺸﺴﯩﺰﻟﯩﻖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ھﻪل ﻗﯩﻠﯩﺸﺘﯩﻜﻰ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺗﻪدﺑﯩﺮى ﻗﺎﻧﺪاق؟ ﺗﯚۋەن ﺗﯘرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺷﯘ‬ ‫ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻣﯘ؟‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪115‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯘﺧﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن ھﻪم ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪﻣﺪﯨﻜﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺗﻮرﻣﯘش ﻛﺎﭘﺎﻟﯩﺘﻰ ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻤﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﯘ ﻣﯘﺷﯘﻻردﯨﻦ ﺋﯜﮔﻪﻧﮕﻪﻧﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ ؟ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺟﻮﯕﮕﻮدا ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﻜﻪن ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚز ﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەﯾﻤﻪن ‪.‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﯾﻪﻧﻪﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪەك ‪艾买提。买买提‬دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﻣﺪۇ ؟‬ ‫ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯩﯩﺴﻢ ﺋﯜزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼرﻧﻰ ﯾﺎزﻏﺎن‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯜزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺗﯘﺋﯩﺮﺷﯜﻧﺠﯩﯿﺎڭ‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﯾﯘرﺗﺘﯩﻜﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﯖﻼر؟ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﭘﻪﻗﻪت دﯨﯿﺎرﯨﻤﺰدﯨﻼ ﺑﺎر‪،‬‬ ‫ﻛﯚﯕﻠﯜﯕﻼر ﺗﺎرﺗﻘﺎن ﻗﺎﻧﺪاق ﻧﻪرﺳﻪ ﺑﻮﻟﺴﺎ دەﯕﻼر‪ ،‬ﺗﻮرداﺷﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﺳﻠﯩﮫﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﭗ ﺋﻪڭ ﻧﻮﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ‬ ‫ﺑﯧﺮەﯾﻠﻰ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯜﭼﯜن ﻛﯚپ ﺋﻪﺟﯩﺮ ﻗﯩﻠﺪﯨﯖﻼر‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﻪك ﺳﯧﻐﯩﻨﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ دﯨﺴﻪ ﺷﯘ ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎ دوﺳﺘﻼرﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ دﯨﺴﻪك‬ ‫ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﯾﯩﻘﯩﻦ دوﺳﺘﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﺷﺎش‪ ،‬ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﻗﻪۋﻣﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﯾﺎﺷﺎش ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ھﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻛﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘش ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻼردا ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﺗﺎرﺗﻤﯩﺴﯩﯖﺰﻣﯘ ﯾﻪﻧﯩﻼ‬ ‫ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﯧﻘﯩﻤﺪا ﯾﺎﺷﯩﻤﺎﯾﻤﯩﺰ‪ .‬ﺟﻪﻣﯿﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﯥ ﺋﯧﻘﯩﻤﯩﺪا ﯾﺎﺷﺎش ﻛﯚز ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻪﺧﯩﺘﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻗﯩﺰﻻرﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺶ ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺋﻪڭ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺗﻪرەﭘﻠﯩﺮى ﻗﺎﯾﺴﻰ؟‬ ‫ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﯩﻨﻰ ﺑﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻗﺎﻧﺪا ﺋﺎدەم ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﮕﯩﻨﻰ‪ ،‬ﮔﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ‪ ،‬ﯾﯜرۈش ﺗﯘرۇﺷﯩﺪﯨﻦ‪،‬‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﯿﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ دﯨﮫﻘﺎﻧﻤﯘ‪ ،‬رﯨﻤﻮﻧﯩﺘﭽﯩﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺋﯩﺸﭽﯩﻤﯘ ﭘﻪرﯨﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ Bar .‬ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯾﯧﻨﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﻧﻮﭼﻰ ﻛﯩﯿﻨﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺳﺎﺋﻪت ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻧﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﺴﻪن دﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎ رﯨﻤﻮﻧﯩﺘﭽﻰ ﯾﺎ ﭘﯩﺰﯨﭽﻰ‪ ،‬ﯾﺎ دﯨﺨﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﭼﯩﻘﺴﺎ ﻣﻪن ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻧﯩﯔ ﻛﻪﯾﮕﻪن ﻛﯩﯿﯩﻤﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‪ ،‬ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎن ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻗﺎراپ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ‬ ‫ﺋﯘﻗﯘﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻘﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﻗﺎراﻣﺪﯨﻐﺎﻧﺪۇ دەﯾﻤﻪن‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯜﻧﯜپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪116‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ھﻪر ھﻪﭘﺘﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﭘﺸﯘرۇﻗﻼرﻧﻰ ۋاﺧﺘﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯩﺸﻠﯩﯿﻪﻟﻤﯩﺴﻪ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻠﺨﻪت ﯾﻮﻟﻼپ ﺳﻮراﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﯩﻜﻜﻰ دۇﻧﯿﺎ‪ ،‬ﺑﯩﺰدە ﻣﺎﺑﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻻر‪ ،‬ﺳﻮرۇﻧﻠﯩﺮى ﺟﯩﻘﻼر‪ ،‬ﺗﻮﻻ ﺋﯘ ﯾﻪر ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ﻗﯩﺴﻘﺎ ﯾﻮﭘﻜﺎ‬ ‫ﻛﯩﯿﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪،‬ﺋﯜﻟﮕﯘدەك ﮔﯩﺮﯨﻢ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ﺳﯩﺮﺗﺘﺎ ﺋﻮﺳﯘل ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﻼرﻏﺎ ھﻪﻣﺮا ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪،‬‬ ‫ﯾﺎﻟﯩﯖﺎچ ﺋﻮﺳﯘل ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ‪ ،‬ﺋﯜزﯨﻨﻰ ﺑﻪك ﯾﺎﺳﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ھﺎراﻗﻜﻪﺷﻠﻪر‪ ،‬ﺑﻪﯕﮕﯩﻠﻪر‪ ،‬ﺳﻮﻗﯘﺷﻘﺎﻗﻼر ﺋﺎدەﺗﺘﻪ ﯾﺎﺧﺸﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ھﻪم ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺋﻮﻗﯘش‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﯾﻪﻧﻪ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ‬ ‫ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻰ ‪.‬ﺋﺎﺳﺎﻧﻤﯩﻜﯩﻦ دﯨﺴﻪك ﺑﯘﻻر ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﺑﯘﻻرﻏﺎ ﻗﻮﯾﻐﺎﻧﺪەك ﺗﻪﻟﻪپ ﺑﯩﻠﻪن ﺷﯩﻨﺠﺎڭ‬ ‫داﺷﯚدە ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎرﺳﺎق ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻠﺪا ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﺑﻪزﯨﺪە ﺷﯘﻧﺪااق‬ ‫ﺋﻮﯾﻼپ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﯾﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪڭ ﺑﯩﭽﺎرە ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﯾﺎ ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﻮﯾﯩﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﯾﯩﻨﻰ ﯾﻮق‪ ،‬ﯾﺎ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫‪-62‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﭘﯩﻼﻧﻠﯩﻖ ﺗﯘﻏﯘت ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﺎرﻣﯘ‬ ‫ﯾﻮق‪ .‬ھﻪم ھﺎﻣﯩﻠﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرﺳﻪ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺗﯩﺮﯨﻚ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺋﯜﻟﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ دەپ ﻗﺎراپ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺑﻪزى ﺷﯩﺘﺎﺗﻼردا‬ ‫ﺗﯘرﻣﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﺸﯩﯖﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺗﻪدﺑﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻜﻪ رﯨﻐﺒﻪﺗﻠﻪﻧﺪۈرﯨﺪۇ ھﻪم‬ ‫ﺗﻪرﺑﯩﯿﻠﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺑﺎﻻ ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎﻧﺪا ﺑﻮۋاﻗﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻛﯩﻢ ﺑﺎﻗﯩﺪۇ؟‬ ‫ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراپ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ھﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪۋاﺗﻘﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮەر ﯾﯩﻞ‬ ‫ﺗﻮﺷﻘﯘﭼﻪ ﻗﺎراﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﯾﻪﺳﻠﯩﻠﻪرﮔﻪ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻠﯩﺮى ﯾﺎردەﻣﻠﯩﺸﯩﺪۇ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎدەم ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎراﺗﻘﯘزﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘﻧﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯜﯾﯩﺪە ﺑﯩﺮﺳﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪي ﺑﺎﻻ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺷﯜھﺮەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭙﻨﯩﯔ ﺋﺎﯾﺎﻟﻰ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﯩﻦ ﭼﯩﻜﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﻜﻪن‪ ،‬ﺗﺎ ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﭼﻮﯕﺮاق ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ‬ ‫ﻗﺎراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﯩﺮى ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﺎ ﺋﯜزى ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪچ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺷﯘﻻرﻏﺎ ﺑﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﻛﻪﭼﺘﻪ‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼر ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﯧﺸﯩﻐﺎ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﻣﺎﺋﺎرﯨﭙﺘﯩﻦ ﺑﻪھﺮﯨﻤﺎن ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺧﺴﯘس ﺋﺎﭘﺘﯘۋۇزى ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﭘﯜﺗﯜن ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺳﯧﺮﯨﻖ رەﯕﺪە ﺑﯘﯾﺎﻟﻐﺎن‪ .‬ﻗﺎﺗﻨﺎش‬ ‫ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﯩﺪە ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻪھﯟال ﺋﺎﺳﯩﺘﺪا ﺋﯘﻻرﻏﺎ ﯾﻮل ﺑﯩﺮﯨﺶ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺷﯩﺘﺎﺗﺘﺎ ﺗﺎق ﯾﻮل ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰدا‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺗﻮﺧﺘﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﻮﻗﯘم ﺳﯩﺰﻣﯘ ﺗﻮﺧﺘﺎپ ﺳﺎﻗﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﻛﯩﺮەك‪ .‬ﯾﺎﻧﺪاپ ﺋﯚﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﻗﺎﻧﯘﻧﺴﯩﺰﻟﯩﻖ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎق ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﺴﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ) ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼر ﺋﯜﭼﯜن ﭼﻮﺷﻘﺎ‬ ‫ﮔﻮﺷﻰ( دەپ ﻗﻮﯾﺴﯩﯖﯩﺰ ﺋﯘﻻر دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘﺷﺘﺎ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﯩﯖﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺋﺎﯾﺮﯨﻢ ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﺶ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪117‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺧﯩﺮاﺟﯩﺘﯩﮕﻪ ﯾﺎردەم ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﯾﺪا ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﯩﻠﻪﺗﻜﻪ ﭘﻪﻗﻪت ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﯾﯩﻤﻪﻛﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﻮﯾﯘﻧﭽﯘق‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻢ ﻛﯩﭽﻪﻛﻠﻪرﻧﯩﻼ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم ) ﻗﯩﺰ ﺑﺎﻻ‪ ،‬ﺋﯩﺮى ﺋﯜﻟﯜپ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪن‪ 22 ،‬ﯾﺎش‪ 3 ،‬ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎر‪ ،‬ﺗﯩﺰ ﺗﺎﻣﺎﻗﺨﺎﻧﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ( ﻗﯿﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻰ ﺑﺎر دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﭗ ھﯜﻛﯜﻣﻪت ‪2‬‬ ‫ﺋﯧﻐﯩﺰﻟﯩﻖ ) ﺑﯩﺮ ﻣﯩﮫﻤﺎﻧﺨﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﯾﺎﺗﺎق ﺋﯚي‪ 90 ،‬ك ۋ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ( ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯘ ﺋﯜي ﻣﻪن‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺋﯚﯾﺪﯨﻦ ﯾﯩﯖﻰ‪ 660 ،‬دوﻟﻼر ﺋﯩﺠﺎرﯨﺴﻰ‪ ،‬ﺋﯜزى ‪ 220‬ﺗﯜﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﯾﻪﺳﻠﯩﮕﻪ ﺑﺎرﯨﺪۇ‪ ،‬ﯾﻪﺳﻠﯩﮕﯩﻤﯘ‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﻤﯘ ‪ 600‬دوﻟﻼردەك‪ ،‬ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺗﯜﻟﻪپ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺋﺎﻧﯩﻼرﻏﺎ ﻗﺎراﺗﻘﺎن ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش‬ ‫ﭘﺎراۋاﻧﻠﯩﻖ ﺳﯩﯿﺎﺳﻪﺗﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺗﯘرۋاﺗﻘﺎن ﺷﯩﺘﺎت ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﺑﺎي‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮى ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻧﯩﯿﻮﯾﯘرك دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﻧﺎﻣﺮاﺗﻼر ﺟﯩﻖ ﭼﻮڭ ﯾﻪرﻟﻪردە ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯘﻧﻰ ﺋﯘﺧﻤﺎﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯧﻘﯩﺶ ۋە ﻗﺎراش ﻣﻪﺳﻠﯩﺴﻰ ﺑﻪك ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﯩﻤﺎ‪ ،‬ﺑﻪك ﺟﯩﻖ ﺗﯜزۈﻣﻠﯩﺮى ﺑﺎر‪ ،‬ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﺎﻗﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ‬ ‫ﺗﯜرﻣﯩﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﻛﯩﯿﯩﻦ ۋاﺧﯩﺖ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪا ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﺎرﻣﻪن‪ .‬ﺑﯩﺨﻪﺳﺘﻪﻟﯩﻚ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺗﯧﺨﻰ‬ ‫ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﻣﻪﺟﺒﯘرى ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎرﺗﯩﯟﯨﻠﯩﭗ ﺋﯜزﯨﻨﯩﯔ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﺋﻮرۇﻧﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﭘﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﯨﭗ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ رەﺳﻤﯩﯿﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﯾﺪا ﺋﺎران ﺑﺎﻟﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﯾﺎﻧﺪۇرۇپ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﺴﺰ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮەر ﺋﺎﯾﻼر ﺑﯘرۇن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم ﺋﯜچ ﯾﺎﺷﻠﯩﻖ ﺋﻮﻣﺎق ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ھﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﻜﻪن‬ ‫ﻣﻪن ﺳﻪن ﺑﯩﺮدەم ﺋﯘﺧﻠﯩﯟال ﻣﻪن ﺑﺎﻻﯕﻨﻰ ﺋﯜﯾﻨﯩﯔ ﻗﯧﺸﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪا ﺋﻮﯾﻨﯩﺘﯩﭗ ﺗﯘراي دﯨﺴﻪم ﻣﺎﻗﯘل دەپ ﺋﯘﺧﻼپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﺑﺎﻟﯩﺴﻰ ﺑﺎﻏﭽﯩﺪا ھﻪﻣﻤﻪ ﯾﻪردە ﯾﯜﮔﺮەپ ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘردى‪ .‬ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺋﯘ ﯾﺎﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺑﺎﻟﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺋﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ ﺷﯘﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘردى‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ‪ 10‬دەك ﺋﺎﺗﺎ ﺋﺎﻧﯩﻼر ﭘﺎراﯕﻠﯩﺸﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن‬ ‫ﺋﻮﯾﻨﯩﯟاﻟﺴﯘن دەپ ﯾﯧﻨﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻣﺎي ﻗﺎراپ ﺗﯘردۇم ) ‪ 15‬ﻣﯩﺘﯩﺮدەك ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﻘﺘﺎ(‪ .‬ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﺎﻻ ﯾﯧﻨﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﻰ‬ ‫ﮔﻪﭘﻜﻪ ﺳﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﺳﺎم ﺳﺎﻗﭽﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺑﺎﻻ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ دەپ ﺳﻮراﻗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻧﯩﻤﻪ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ‬ ‫دﯨﺴﻪم ﺑﺎﻻ ﺋﯘ ﺑﯩﺮ ﺗﻮپ ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﯾﻨﯩﺴﺎ ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﺗﯘرﻏﺎن ﭼﻮﯕﻼر ﺑﯘ ﺑﺎﻟﯩﻐﺎ ﻗﺎراﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەم ﯾﻮﻗﻜﻪن‪ ،‬ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﺪۇ دەپ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎ ﺗﯧﻠﭙﯘن ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺳﺎﻗﭽﯩﻼر ﻛﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﻗﯧﺸﯩﺪا ﻗﺎراپ ﺗﯘرۋاﺗﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻣﯩﻨﯘﺗﻤﯘ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﻤﯩﺪﯨﻢ دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻧﯩﻤﺎي ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ دادﯨﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺳﻮراﻗﻘﺎ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ ،‬ﺷﯘ‬ ‫ﺋﯩﺶ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯘ ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻗﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ﻛﯩﻠﻪر ﺋﺎﯾﺪا ﺳﻮﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﺴﭙﺎت ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺸﻤﯩﺰ‪ ،‬ﯾﯩﯖﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎق ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺟﻪرﯨﻤﺎﻧﻪ ﺗﯜﻟﻪپ ﺗﯧﺨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪزﮔﯩﻞ ﺋﯧﻠﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺗﯘﻧﯘﺷﯘم ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺑﺎﻻﻣﻨﻰ ﺋﻪﻛﻪﺗﺴﻪ ﻗﺎﻧﺪا ﻗﯩﻠﺴﺎم ﺑﯘﻻر دەپ ﺑﯧﺸﻰ ﻗﯧﺘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﻪك ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫‪6‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫‪-1‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﯾﻪرﻟﯩﻚ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﻘﺎ )ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﻪھﯟاﻟﺪا( ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻛﯧﺘﯩﺪۇ؟‬ ‫)ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﺑﺎي ﺑﺎﯾﭽﻪ‪ ،‬ﻧﺎﻣﺮات ﻧﺎﻣﺮاﺗﭽﻪ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ﺋﻪھﯟاﻟﻼرﻧﻰ ﻛﯚزدە ﺗﯘﺗﻤﺎﻗﭽﻰ(‬ ‫ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯜزﯨﮕﻪ ﻻﯾﯩﻖ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﻼ ﺑﯩﺮ ﺋﯜﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﺴﻰ ﺋﯜزى ﯾﺎﻟﻐﯘز ﭼﯩﺮﻛﺎۋﻏﺎ ۋە ﺳﻮﺗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﻼ ﺧﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﻐﺎ ھﯩﺴﺎپ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺑﺎر‪ .‬ﻣﯩﻠﯿﯘن‬ ‫ﺧﻪﺟﻠﻪپ ﺗﻮي ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼرﻣﯘ ﺑﺎرﻛﻪن‪ .‬ﻧﻮرﻣﺎل ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻚ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻮﯾﻰ ﺋﯜﭼﯜن ‪ 15-10‬ﻣﯩﯔ دوﻟﻼر‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪118‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﻪﺗﺮاﭘﯩﺪا ﻛﯩﺘﻪﻣﺪﯨﻜﻰ‪ .‬ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪرﻣﯘ ﻣﻪﻟﯘم ﺳﻮﻏﯩﻼرﻧﻰ ﺑﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺟﯩﻖ ﭘﯘل ﻗﻮﯾﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ‬ ‫ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﺗﻮﯾﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﭘﯘل ﻗﻮﯾﺪۇڭ دﯨﺴﻪم ﻣﻪن ﯾﯩﻘﯩﻨﺮاق دوﺳﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ‪ 20‬دوﻟﻼر ﻗﻮﯾﺪۇم‬ ‫دﯨﮕﻪﻧﺘﻰ ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺘﯩﻢ )ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﺎﺋﺎﺷﻰ ‪ 1500‬دوﻟﻼر(‪ .‬ﺑﯘﻻرﻏﯘ ﺑﯩﺰدەك ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻼر‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪر ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاﻗﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻟﻪر ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﻻﻗﯩﺪار ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﯾﺎﺧﺸﯩﺮاق ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﺮﯨﺘﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺗﺎزا ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺋﯘھ‪،‬‬

‫ﺋﺎﺧﺸﺎﻣﺪﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﺑﯩﺮ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺟﺎۋاپ ﺑﯩﺮﯨﯟەﺗﺘﯩﻢ‪،‬ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜن ﺋﺎرام ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﯜزەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﻨﻰ‬

‫ﻗﯩﻼي‪.‬‬ ‫‪Vadarih‬‬

‫‪ - 66‬ﺳﯘﺋﺎل ‪:‬‬ ‫ھﺎزﯨﺮ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻛﯩﻢ ﺑﻮﻟﺴﯘن ‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەت ۋە ﻣﻪﺧﺴﻪت ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﺴﺎ ‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻗﺎﯾﺴﻰ دۆﻟﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﺸﯩﺪﯨﻦ ﻗﻪﺗﺌﯩﯿﻨﻪزەر ﺋﯚزى ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺷﯘ دۆﻟﻪﺗﻨﯩﯔ ھﺎۋا راﯾﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺷﯘ ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﻣﻮھﯩﺘﯩﻐﯩﭽﻪ ‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﻣﯩﺠﻪز ‪ -‬ﺧﯘﻟﻘﻰ ﻣﻪدەﻧﯩﯿﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺗﻮﺧﺘﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ‪ ،‬ﺋﯚزى ﭼﯩﻘﻘﺎن‬ ‫ﺷﯘ ﯾﻪرﻟﻪرﻧﻰ ﻣﺎﺧﺘﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ھﺎﻟﻪت ﻣﻪۋﺟﯘت ‪.‬‬ ‫ﺳﻮراﯾﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ ‪ :‬ﺳﯩﻠﻪرﭼﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪل راﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﻪﻧﻨﻪت ﻣﺎﻛﺎﻧﻤﯘ ؟ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯘرﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻧﻪرى ﺋﺎرﺗﯘق ؟‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪل ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﯾﺎﻧﻼر راﺳﺘﻤﯘ ؟‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺳﯩﻠﻪرﭼﻪ ﭼﻪﺗﺌﻪل راﺳﺘﻼ ﺷﯘﻧﺪاق ﺟﻪﻧﻨﻪت ﻣﺎﻛﺎﻧﻤﯘ ؟ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯘرﺗﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻧﻪرى ﺋﺎرﺗﯘق ؟ ﭼﻪﺗﺌﻪل‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﺷﯘ ﺑﺎﯾﺎﻧﻼر راﺳﺘﻤﯘ ؟‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪل دﯨﮕﻪن ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺧﻪﻟﻘﺎرادﯨﻜﻰ ‪ 200‬دەك دۆﻟﻪت ۋە راﯾﻮﻧﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﻪزﯨﺴﻰ‬ ‫ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻪزﯨﺴﻰ ﻧﺎﭼﺎر‪ .‬ﺳﯩﺰ ﯾﺎﺧﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜرۈپ ﻧﺎﭼﺎرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜرﻣﻪي ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺴﯩﺰ‪ afify .‬ﻧﯩﯔ ﺳﺎﯾﺎھﻪت‬ ‫ﺧﺎﺗﯩﺮﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻗﯘڭ‪ .‬ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﺸﻨﯩﯔ ‪ 2‬ﯾﯩﻞ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﺎرﺧﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﺧﺘﯘرﺳﯩﯖﯩﺰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻨﯩﯔ ﻧﺎﭼﺎر ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯾﺎزﻏﺎن‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻣﯘ ﺑﺎردەك ﺋﯩﺴﯩﻤﺪە‪.‬‬ ‫ﺑﺎﯾﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ راﺳﺖ ﯾﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻐﯩﻨﻰ ﺋﯜزﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﯾﺮﯨﯿﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺋﯜزﯨﻤﯩﺰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﻨﻨﻰ دەپ ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﻪر‪،‬‬ ‫ﻛﯜرﮔﻪﻧﻠﻪر ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺑﯩﺰﻻ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻣﯩﻠﯿﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﯾﯜزﻟﯩﮕﻪن ﻛﯩﺘﺎﭘﻼرﻧﻰ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﺧﺘﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎردۇ‪ ،‬ﻣﺎﺧﺘﯩﻤﯩﻐﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎردۇ‪ ،‬ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻛﯚرۈڭ ﺋﯜزﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﯾﺮﯨﯔ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪119‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، NAZARY :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:26 23-9-2008 :‬‬ ‫ﭼﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﻼر ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪۇ ؟ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺟﻮﯕﮕﻮدا ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻪﺳﻜﻪن ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﭼﻪﺗﻜﻪ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﯘﭼﯩﻼر ﺧﺎﻟﯩﻐﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚز ﮔﻪرﺗﯟاﻟﺴﺎ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ دەﯾﻤﻪن ‪.‬ﺋﻪﮔﻪر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭼﯩﮕﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯩﺮﺳﯩﯖﯩﺰ ﯾﻪﻧﻪ ‪吐尔‬‬ ‫‪逊‬ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻﻣﺴﯩﺰ ﯾﻪ ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻣﯩﺴﺎل ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯚزﻟﯩﺴﻪك‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﯩﺸﯩﯖﯩﺰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش‬ ‫ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇش ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻪن ‪ 3‬ﺗﯜرﻟﯜك ﺑﻮﻟﯘپ ﺑﯘﻻر‪:‬‬ ‫]‪ [1‬ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯘرۇش ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﻰ‬ ‫]‪ [2‬ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺗﯘرۇش ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﻰ‬ ‫]‪ [3‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﯘﻗﺮاﺳﻰ ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﻰ‬ ‫ﻣﻪﻟﯘم ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘش‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﻪش‪ ،‬ﺗﯘﻗﻘﺎن ﯾﻮﻗﻼش‪ ،‬ﺳﺎﯾﺎھﻪت ‪ ...‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻘﻼر ‪-1‬ﺗﯜرﮔﻪ ﻛﯩﺮﯨﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﯜردە ﺳﯩﺰ‬ ‫ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻰ ۋە ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘددﯨﺘﻰ ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﻪﻧﮕﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﻟﯘم‬ ‫ﻣﯘددەت ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯘرۇش ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﻣﯘددەﺗﻠﯩﻚ ﺗﯘرۇش ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﺗﻮﺷﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘزارﺗﯩﺴﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘرۇش ﺷﻪﻛﻠﯩﮕﻪ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺴﯩﺰ‪) ،‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ۋﯨﺰﯨﺴﯩﻨﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت‬ ‫ۋﯨﺰﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇش( ﯾﺎﻛﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫‪-2‬ﺗﯜردە ﺳﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﯕﮕﯜﻟﯜك ﺗﯘرۇش ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫»ﯾﯧﺸﯩﻞ ﻛﺎرﺗﺎ« ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﻰ دەﭘﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻗﯘردﯨﻜﻰ ‪ 2‬ﺧﯩﻞ ﺋﻪھﯟاﻟﺪا‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ دەپ ﻗﺎرﯨﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﺎۋال ﺟﯘﯕﮕﯘ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزەەرﺗﯩﺶ رەﺳﻤﯩﯿﯩﺘﻰ ﺋﯚﺗﻪﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ‬ ‫ۋاﻗﺘﯩﺪﯨﯖﯩﺰدﯨﻼ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﺎ‪،‬‬ ‫ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﺪا ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻨﻰ ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﮔﻪپ ﻧﻪزﯨﺮﯨﯿﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎددى ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﻪﺗﺘﻪ ﺑﻪﻛﻤﯘ‬ ‫ﻣﯘرەﻛﻜﻪپ‪ .‬ﺑﯘ ﺑﺎﺳﻘﯘﭼﻼر ﺋﻮرۇﻧﻼﻧﻤﺎي ﺗﯘرۇپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرۇﺷﻠﯘق ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻪﻟﻤﻪﯾﺴﯩﺰ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺑﯘ ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰدا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﭗ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﯩﺪا ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﺎرﺧﯩﭙﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﯘﻻر ﺋﺎۋال ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﯖﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﻪﻟﻪپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ‪-3‬ﺗﯜرﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺟﯘﯕﮕﯘ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ ﺳﺎﻻھﯩﯿﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﻪرەپ ﺑﯩﻠﻪﻧﻼ ﺑﯧﺠﯩﺮﯨﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﺋﺎﺳﺎن‬ ‫ھﻪم رەﺳﻤﯩﯿﯩﺘﻰ‪ ،‬ﭼﯩﻘﯩﻤﯩﻤﯘ ﻛﯚپ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪120‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ »ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘش« ﻧﺎﻣﻠﯩﻖ ﺗﯧﻤﺎﻣﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯚرﺳﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺑﻪزى ﺋﯘﭼﯘرﻻر‬ ‫ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، batush :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 05:03 25-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪك ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﺳﻪﯕﻼر ‪...‬‬ ‫ﺋﯘزۇن ﯾﯩﻠﻼردﯨﻦ ﺑﯘﯾﺎن ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺗﯩﻼپ‪ ،‬ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮراپ ﻗﺎﻟﺪﯨﯖﯩﺰ‪ .‬ﻧﺎۋادا‬ ‫ﺳﻮرﯨﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﯘ ﺳﯚھﺒﻪت داۋاﻣﯩﺪا ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ ﺋﯚزەم ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﯚزەم ﺟﺎۋاپ ﺑﻪرﮔﻪن ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﮔﻪپ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ‪ 20‬ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﻼر ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﻜﻰ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭼﯩﻘﻘﺎن ۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻗﺎﯾﺘﯩﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﯧﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻗﯧﻨﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ ﺑﺎﺷﻼي‪:‬‬ ‫ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﻪﻣﺪﯨﻼ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﻛﯜز ﭘﻪﺳﻠﻰ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﯜﻣﯩﺰ ﺟﻪﻧﯘﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻧﺎھﯩﯿﻪ ﺑﺎزﯨﺮﯨﺪا‬ ‫ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﯾﯧﺰﯨﺪا ﺗﻮﻟﯘﻗﺴﯩﺰﻧﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﻪن ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﻧﺎھﯩﯿﻪ ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﮕﻪ ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﻐﺎ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﯚﯾﻰ ﯾﯩﺮاﻗﻠﯩﺮى ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﯾﺎﺗﯩﻘﯩﺪا ﯾﺎﺗﺎﺗﺘﻰ‪ ،‬ﺋﯚﯾﻰ ﯾﯧﻘﯩﻨﻠﯩﺮى ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻪﺗﯩﮕﯩﻨﻰ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﮔﻪپ ﻣﯘﺷﯘ ﻗﺎﺗﻨﺎپ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﯘ ﻛﯜﻧﻰ ﻧﯚۋەﺗﭽﻰ ﺋﯩﺪﯨﻢ )ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺗﺎزﯨﻼپ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺗﺎﻗﺎپ‪ ،‬دوﺳﻜﺎ ﺋﯚﭼﯜرۈپ دﯨﮕﻪﻧﺪەك(‪ .‬ﭼﯜﺷﺘﻪ‬ ‫دەرﺳﻠﻪر ﺗﯜﮔﻪپ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺑﯩﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﺎﭼﻘﯘﭼﯩﻨﻰ ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ‬ ‫ﻗﯘﻟﯘﭘﻼﺷﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼۋاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺑﯘﻟﯘﯕﺪا ﯾﯧﺰﯨﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ ،‬ﺗﯜﮔﯜﻟﯜپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﯾﯘۋاش ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬دەﭘﺘﻪر‪،‬‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﻐﺎ ﺳﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺟﯩﻤﻤﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼپ‪ ،‬ﮔﻪپ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪﯨﻢ‪:‬‬ ‫ ﻣﻪن ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ ،‬ﭼﺎﻗﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘﯕﻪ‪.‬‬‫ ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻣﺎﯾﻤﻪن‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﯨﻤﻪن‪.‬‬‫ ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎق ﯾﯩﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟‬‫ ﻣﻪن ﯾﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﻪﻣﻨﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﺪە ﺋﯚﯾﯜﻣﺪﯨﻦ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﻐﺎن‪ ،‬ھﯩﭻ ﯾﻪرﮔﻪ ﺑﺎرﻣﺎي‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﻮرﻧﯘﻣﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﯾﻪي‬‫دﯨﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن؟ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﺎﻟﺴﯘﻧﻤﯘ؟‬‫ ﯾﺎق‪ ،‬ﺗﺎﻗﺎپ ﻗﻮﯾﯘڭ‪.‬‬‫ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﺎﻗﺎﯾﻤﻪن؟ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ؟‬‫ ھﻪﺋﻪ‪.‬‬‫ ﺑﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎم ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ؟ ﺳﯩﺰ ﺳﯩﺮﺗﻼرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻤﺎﻣﺴﯩﺰ؟‬‫ ﺳﯩﺰ ﻛﻪﻟﮕﯩﭽﻪ ﭼﯩﻘﻤﺎي ﺋﻮﻟﺘﯘراي‪ .‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﻮﭼﯘق ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﯾﯜﺗﯜپ ﻛﯧﺘﻪﻣﺪۇ‪،‬‬‫ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﻣﯧﻨﻰ ﺋﺎۋارە ﻗﯩﻼﻣﺪۇ ‪...‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪121‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ ھﯩﻢ‪ ...‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ‪.‬‬‫ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺗﻮﺧﺘﺎپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎچ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎﺷﻘﺎ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﯘ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ زاﻏﺮا‬ ‫ﻧﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻛﯩﭽﯩﻚ ﺗﻮڭ ﺳﻮﯾﻤﺎ ﻗﻮﻏﯘﻧﻨﻰ ۋە ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﻮﻧﺎ ﺑﯩﺮ ﺑﻪﻛﻪ )ﻛﯩﭽﯩﻜﺮەك ﭘﯩﭽﺎق( ﺳﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‪،‬‬ ‫ﭘﺎرﺗﯩﺴﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ﻗﻮﯾﯘپ‪» ،‬ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ« ﻧﻰ ﯾﯩﯿﯩﺸﻜﻪ ﺗﻪﻣﺸﻪﻟﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻦ ﺗﺎﻗﺎپ‪ ،‬ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ‬ ‫راۋان ﺑﻮﻟﺪۇم‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻤﯩﺰ ھﺎﻟﻠﯩﻖ ﺳﻪۋﯨﯿﻪدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﭼﯜﺷﺘﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭙﻼ‪ ،‬ﺳﻮﻣﻜﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﯾﻪرﮔﻪ ﻗﻮﯾﯘپ‪ ،‬ﻗﻮﻟﯘﻣﯩﺰﻧﻰ ﯾﯘﯾﯘپ‪ ،‬داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﯩﻼ ﺋﺎﻧﺎم ﺋﻪﺗﻜﻪن ﻣﯩﺰﯨﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺋﻮﺧﺸﯩﻐﺎن ﺗﺎﻣﺎﻗﻼر‬ ‫داﺳﺘﯩﺨﺎﻧﺪا ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯜﭼﯜن ﻟﻪﻏﻤﻪن‪ ،‬ﭘﻮﻟﻮ‪ ،‬ﻣﺎﻧﺘﺎ‪ ،‬ﭼﯚﭼﯜرە‪ ،‬ﻗﻮرداﻗﻼر‪...‬‬ ‫ﺋﯜزۈﻟﻤﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﺎﻣﺮاق ﺗﺎﻣﺎﻗﻼردﯨﻦ ﻟﻪﻏﻤﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻪزﯨﺪە ‪ 2‬ﺗﻪﺧﺴﻪ ﯾﻪپ ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﭼﯚﭼﯜرﯨﺪﯨﻦ ‪ 2‬ﭼﯩﻨﻪ ﺋﯩﭽﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﻮرﺳﺎﻗﻘﺎ ﺋﺎﻣﺮاق ﺋﯩﺪۇق‪ .‬ﺗﺎﻣﺎﻗﻨﻰ ﯾﻪپ‪ ،‬ﺑﯩﺮەر ﭘﯩﯿﺎﻟﻪ ﭼﺎﯾﻨﻰ ﺋﯩﭽﯩﯟﯦﺘﯩﭗ‪ ،‬ﻗﻮل‪ ،‬ﺋﺎﻏﺰﯨﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ‬ ‫ﺋﯧﯿﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺳﻮﻣﻜﺎﻣﻨﻰ ﺋﯧﺴﯩﭗ ﯾﻪﻧﻪ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻧﯚۋەﺗﭽﻰ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮى ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺋﺎﭼﻤﯩﺴﺎم‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﻮﻻپ ﻗﻮﯾﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﯩﻤﯘ ﻛﻪﻟﻤﻪي‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﭘﺎرﺗﯩﺴﯩﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯘ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺪى‪ .‬ﺑﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘ‬ ‫»ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ« ﻧﻰ ﯾﻪپ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﻗﺎﻟﺪۇق ﻗﻮﻏﯘن ﺷﺎﭘﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯜش ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﯩﯔ‬ ‫ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻤﻨﻰ ﺳﺎﻗﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘ ﺋﻮرﻧﯩﺪﯨﻦ ﻗﻮﭘﯘپ‪ ،‬ﺋﻪﺧﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ‬ ‫ﻣﺎﯕﺪى‪ .‬ﻣﻪن ﺳﯩﺮﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﭼﯩﻠﻪك ﺳﯘ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮﭘﺎ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﭽﯩﮕﻪ ﻧﯧﭙﯩﺰ ﺳﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﭼﯜﺷﺘﯩﻦ‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻨﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘﺷﻼر ﺑﺎﺷﻼﻧﺪى‪...‬‬ ‫ﺋﯘ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ‪ 1-2‬ﺋﺎﯾﻼردﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﯾﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﺟﺎﭘﺎﻛﻪش‪ ،‬ﯾﯘۋاش‪ ،‬ﺋﺎق‬ ‫ﻛﯚﯕﯜل دﯨﮫﻘﺎﻧﻼر ﺳﯧﭙﯩﮕﻪ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻼر ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﺗﯧﺰﻻ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯚﺗﯩﺮﯨﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ﺋﻮﻗﯘدۇم‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﺋﺎددى ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ‪ ،‬ﺗﯧﺰﻻ ﺋﯘﻧﺘﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﻛﻪﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻛﻪﯾﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎچ‪ ،‬ﯾﯧﯖﻰ ﻣﯘھﯩﺘﻘﺎ‪،‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ زوﻗﺴﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎراﯾﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﻪﺗﺮاپ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﯾﺎپ‪-‬ﯾﯧﺸﯩﻠﻠﯩﻖ‪ ،‬ﭘﺎﻛﯩﺰە‪ ،‬ﺋﺎزادە‪ ،‬رەﺗﻠﯩﻚ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﻪﻣﺪى ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﭘﺎرﻗﯩﺮاپ‪ ،‬ﻛﯚزﻧﻰ ﻗﺎﻣﺎﺷﺘﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ھﻪر ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻼرﻧﻰ ھﻪﯾﺪەپ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯩﺠﺎرە ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺗﯘرﻏﺎن ﺋﯚﯾﯜم ﺑﯘ ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﺷﺎراﺋﯩﺘﯩﺪا ﻛﻮﻧﯩﺮاق ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻛﻪﯕﺮى‪ ،‬ﺋﺎزادە‪،‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪﻟﯩﺮى ﺗﻮﻟﯘق ھﻪم ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﺪﯨﻼ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﭘﯩﯿﺎدە ﻣﺎﯕﺴﺎم‪ 5 ،‬ﻣﯩﻨﯘت ﻗﺎﻟﻤﺎي‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﯩﯔ ‪ 4‬ﻗﻪۋەﺗﻠﯩﻚ‬ ‫ﭼﻮڭ‪ ،‬ﺋﺎزادە‪ ،‬ﺋﻪﺳﻠﯩﮫﻪﻟﯩﺮى ﺗﻮﻟﯘق ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪە ﺋﻪﺗﯩﮕﻪن ﺳﺎﺋﻪت ‪ 6‬دﯨﻦ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﻪ ‪ 2‬ﮔﯩﭽﻪ ﺋﺎﭼﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻪڭ‬ ‫ﺋﯧﺴﯩﻞ ‪ 200‬داﻧﻪ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻟﯩﺮى ﺑﺎر‪ 24 ،‬ﺳﺎﺋﻪت ﺋﯧﭽﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﭼﻮڭ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﺧﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﺎر‬ ‫ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬دەرﺳﺨﺎﻧﺎﻣﻐﯩﻤﯘ ‪ 7-8‬ﻣﯩﻨﯘت ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻼ ﯾﯧﺘﯩﭗ ﺑﺎراﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪122‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻰ ﺗﯚﻟﯩﻤﻪﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﻗﻮﻟﯘﻣﻐﺎ ﺋﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن »ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت« ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻢ ﯾﯩﻤﻪك‪-‬ﺋﯩﭽﻤﻪك‪ ،‬ﺗﯘراﻟﻐﯘ ۋە‬ ‫ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﻐﺎ ﯾﯧﺘﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎپ ﺋﯩﺸﻜﺎﭘﻠﯩﺮى ﺗﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮى ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬دﯨﻨﻼر‬ ‫ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼر ﺗﯩﺰﯨﻘﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ھﻪر ﻗﺎﯾﺴﻰ دﯨﻨﻼرﻧﯩﯔ ﻣﯘﻗﻪددەس دەﺳﺘﯘرﻟﯩﺮى ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻨﯩﺶ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﭘﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﻛﯚپ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯔ ﺋﺎرﯨﺴﯩﺪا ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﻪرەب ﺗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻧﯘﺳﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ‬ ‫ﻧﯘﺳﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﻪ‪ ،‬ﺋﯩﺴﭙﺎﻧﭽﻪ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻧﯘﺳﻘﯩﻠﯩﺮى‪ ،‬ھﻪدﯨﺴﻠﻪر ﺗﻮﭘﻠﯩﻤﻰ‪ ،‬ﻗﯘرﺋﺎن ﻛﻪرﯨﻢ ﺗﻪﭘﺴﯩﺮﻟﯩﺮى‪ ،‬ﺋﯩﺴﻼم‬ ‫دﯨﻨﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺷﻪرق ۋە ﻏﻪرﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﻟﯩﻤﻼرﻧﯩﯔ ﯾﺎزﻏﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﻛﯩﺘﺎپ‪-‬ﺋﻪﺳﻪرﻟﯩﺮى ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ﻣﻪزﮔﯩﻠﻠﻪردە‪ ،‬ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﻰ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﺎچ‪ ،‬ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ۋاﻗﺘﯩﻤﻨﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﯚﺗﻜﯜزەﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‬ ‫ﺗﻪﺟﯩﺮﺑﻪﺧﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﻛﯚﭘﺮەك ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ‪-1 .‬ﻣﻪۋﺳﯜﻣﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﺳﭙﻰ دەرﺳﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻣﻪن ﭘﯩﺸﺸﯩﻖ‬ ‫دەرﺳﻠﻪر ﺑﻮﻟﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬دەرﺳﻠﻪر ھﯩﭻ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯜﺗﯜﭘﺨﺎﻧﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻏﺎ‪ ،‬ﺗﻮرﻏﺎ‬ ‫ﻏﻪرق ﺑﻮﻻﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺗﻮﺧﺘﯩﻤﺎي ﺋﯩﺰدەﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﯾﺘﯘم‪ ،‬ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻛﯜﻧﻠﻪردە‪ ،‬ﺋﺎﺧﺸﯩﻤﻰ ﺋﯘﺧﻼﺷﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن‪ ،‬ﻛﺎرۋاﺗﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺋﻮﯕﺪا ﯾﺎﺗﻘﺎن ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪا‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻤﻰ‪ ،‬ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە‪ ،‬ﺗﯘﯾﯘﻗﺴﯩﺰ ﺋﯘزۇن ﯾﯩﻞ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻜﻰ ﺷﯘ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺧﯩﯿﺎﻟﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﺮﯨﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ زاﻏﺮا ﻧﺎﻧﻨﻰ ﻏﺎﺟﺎۋاﺗﻘﺎن‪ ،‬ﻛﻮﻧﺎ ﭘﯩﭽﯩﻘﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻮڭ ﺳﻮﯾﻤﯩﻨﻰ ﻗﯩﺮﯨﭗ ﯾﻪۋاﺗﻘﺎن ھﺎﻟﯩﺘﻰ ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟاﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺗﯩﻜﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺋﯜﻣﯩﺖ ﻗﯩﻠﻐﺎﻧﺪەك ﻣﺎﯕﺎ ﻗﺎراپ ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﻪﻛﻤﯘ ﻛﻮﻧﺎ ۋﯦﻠﺴﯩﭙﯩﺘﯩﻨﻰ ﯾﯧﺘﯩﻠﻪپ ﻣﯧﯖﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا‪ ،‬ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ ﺑﯘرۇﻟﯘپ ﻣﺎﯕﺎ‬ ‫ﻗﺎراپ ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﻰ ‪ ...‬ﺑﯘ ﻛﯚرۈﻧﯜش ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺗﯩﻼپ‪ ،‬زادﯨﻼ ﺋﺎرام ﺑﻪرﻣﻪﯾﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﻪدەپ‪-‬ﺋﻪﺧﻼق‪ ،‬ﻛﯚﯾﯜﻣﭽﺎﻧﻠﯩﻖ‪،‬‬ ‫ھﯚرﻣﻪت‪ ،‬ﺋﯚز‪-‬ﺋﺎرا ﯾﺎردەم ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﯩﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﭽﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﺗﯩﻼۋاﺗﻘﺎن ﺷﯘ »ﺗﯩﻜﻪن«‬ ‫ﻧﯩﯔ زادى ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﯾﻪﺗﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺑﯘرۇن ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻜﻰ ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا ﺑﯩﻠﯩﭗ‪-‬ﯾﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪن‪ ،‬ﺗﻮﻧﯘﯾﺎﻟﻤﯩﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‪ ،‬ﺳﯩﻨﯩﭙﻨﻰ ﺗﺎﻗﺎپ‪ ،‬ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﯾﻮل ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﻮﻣﻜﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ‬ ‫زاﻏﺮا ﻧﺎن ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺗﻮڭ ﺳﻮﯾﻤﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ‪» ،‬ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ« ﻧﻰ ﯾﯧﯿﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺗﻪﻣﺸﯩﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن‬ ‫ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا‪» ،‬ﯾﯜرە ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﭼﯜﺷﺘﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﺑﺎراﯾﻠﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻧﺎم ﺋﻮﺧﺸﯘﺗﯘپ ﺋﻪﺗﻜﻪن ﻣﯧﺰﯨﻠﯩﻚ‪،‬‬ ‫ﺋﯩﺴﺴﯩﻖ ﺗﺎﻣﺎﻗﻼرﻧﻰ ﺑﯩﺮﮔﻪ ﯾﻪﯾﻠﻰ« دﯨﯿﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯚﯾﺪە ﺋﺎش‪-‬ﺗﺎﻣﺎﻗﻼر ﻛﻪﯕﺮى ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺋﯘ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪،‬‬ ‫ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺋﯚﯾﯜﻣﮕﻪ ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎﺷﻼپ ﻛﻪﻟﺴﻪم‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎم ﻛﺎﻣﯩﺪا ﻗﺎرﺷﻰ ﭼﯩﻘﻤﺎﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﺷﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﻗﯩﻞ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﻛﻪﻟﻤﻪﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯚردۈم‪ .‬ۋەﺗﻪن‪ ،‬ﯾﯘرت‪ ،‬ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻼردﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ﺑﻮﻟﯘپ ﯾﯜرۈﭘﺘﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد‪،‬‬ ‫ﺋﯩﻤﺎن‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﯩﺰدﯨﻨﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯚرﮔﻪن‪-‬ﺑﯩﻠﮕﻪﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺗﻮﻟﯘﻗﻼپ‪ ،‬ﯾﯧﯖﯩﻼپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮ ھﺎﯾﺎﺗﺘﺎ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﻗﻪﯾﻪرﮔﯩﻼ ﺑﺎرﻣﺎﯾﻠﻰ‪ ،‬ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻼرﭼﻪ‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ‬ ‫ﻗﻪدﯨﺮ ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ھﯚرﻣﻪﺗﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪۇق‪ .‬ﺋﺎﯾﺎﻟﯩﻢ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎت ۋاﻗﯩﺘﻼردا‪ ،‬ﯾﻪﯕﮕﯩﯿﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻼردا‪،‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪123‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﺎﻻم ﺋﺎﻏﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪە دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺟﯩﺪدى ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﺑﯚﻟﯜﻣﻠﯩﺮﯨﺪە )ﺋﻪﻧﺴﯩﺮەپ ﻛﻪﺗﻤﻪﯕﻠﻪر‪ ،‬ﭼﻮڭ‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﯾﻮق‪ ،‬ﺷﯘ ﺋﺎزراق ﻗﯩﺰﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻼر‪ ،‬ﯾﯧﺮﯨﻢ ﻛﯧﭽﯩﺪە ﺑﺎﺷﻘﺎ دوﺧﺘﯘرﻻر ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪﭼﻜﻪ‪ ،‬ﺟﯩﺪدى‬ ‫ﻗﯘﺗﻘﯘزۇش ﺑﯚﻟﯜﻣﯩﮕﻪ ﺑﺎردۇق( ﯾﯜرﮔﻪن ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﭼﯩﻠﯩﻘﺘﺎ‪ ،‬ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﺗﯘرﻏﺎﻧﻼر‬ ‫ﺗﻪرﯨﭙﯩﺪﯨﻦ ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪۇق‪ .‬ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻼرﭼﻪ‪ ،‬ﻗﯩﺰﻏﯩﻦ ﻗﺎرﺷﻰ ﺋﯧﻠﯩﻨﺪۇق‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼر ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﻮﻧﯘپ ﯾﻪﺗﺘﯘق‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﻪن ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﯾﯜزدﯨﻦ ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺷﯘ ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﯾﯘرﺗﺪﯨﺸﯩﻤﻐﺎ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ‬ ‫ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﺗﯘرﻏﺎن ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﺮﯨﻤﺪا‪ ،‬ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺋﻪﯾﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزەﻣﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﯾﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن‬ ‫ﻗﺎدﯨﺮ اﻟﻠﻪ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻣﯘﺳﺎﭘﯩﺮﻟﯩﻖ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺗﺎﺷﻼپ‪ ،‬ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﭘﯩﺸﺎﻧﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﯩﻼپ ﺑﯧﻘﯩﺶ ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ .‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻖ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻪﻟﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺑﯧﺮﯨﭙﺘﯘ‪ .‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن‪ ،‬ﻗﺎدﯨﺮ اﻟﻠﻪ ﻏﺎ ﺗﯜﻣﻪن ﻣﯩﯔ‬ ‫ﻣﻪرﺗﯩﯟە ﺷﯜﻛﺮى‪ ،‬رەھﻤﻪت‪ .‬ﺋﻰ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﯾﯘرﺗﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ۋەﺗﻪﻧﺪﯨﺸﯩﻢ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﯾﺎردەﻣﮕﻪ‬ ‫ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎﺟﻠﯩﻖ ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰدا ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﯾﺎردەم ﻗﻮﻟﯘﻣﻨﻰ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺳﯘﻧﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﭼﻮﯕﻘﯘر‪ ،‬ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﻛﻪﭼﯜرۈم‬ ‫ﺳﻮراﯾﻤﻪن‪ .‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﺳﻪۋەﻧﻠﯩﻜﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘ دۇﻧﯿﺎ ۋە ﺋﯘ دۇﻧﯿﺎدا ﻛﻪﭼﯜرﯨﯟەﺗﺴﯩﯖﯩﺰ‪ .‬ﺳﯩﺰ ﻣﺎﯕﺎ ھﺎﯾﺎﺗﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺋﻪڭ ﺋﯘﻟﯘق‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪﻟﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﺸﯩﻤﻐﺎ ﺳﻪۋەپ ﺑﻮﻟﺪﯨﯖﯩﺰ‪ .‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺑﻪﻛﻤﯘ ھﯚرﻣﻪﺗﻠﻪﯾﻤﻪن‪،‬‬ ‫ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺷﯘ ﺗﻮڭ ﺳﻮﯾﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ‪ ،‬ﻛﻮﻧﺎ ﭘﯩﭽﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺳﯧﻐﯩﻨﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﯩﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردە ﺋﺎﺧﯩﺮﻟﯩﺸﯩﺶ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎن‪-‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش‪ ،‬ﺟﺎن‪-‬ﺟﯩﮕﻪر ھﻪﻣﺮا‪ .‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ ھﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﯾﺎردەﻣﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎق‪،‬‬ ‫ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﯿﻪﺗﭽﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ .‬ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪت ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ‪ ،‬ﺑﯘ دۇﻧﯿﺎدﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا‬ ‫ﯾﯜزﯨﻤﯩﺰ ﯾﻮرۇق ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘ دۇﻧﯿﺎدا اﻟﻠﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﯾﯜزﯨﻤﯩﺰ ھﻪم ﯾﻮرۇق ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪ .‬ﯾﺎردەم‪ ،‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﺑﯩﺮ ﻗﺎراﺷﻤﯘ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯜرى‪ .‬ﯾﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ۋە ﯾﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺳﺎۋاﻗﺪاش‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاش‪ ،‬ﺳﻪﭘﻪرداش‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮرداﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﺎق‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﺎردەم ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺳﯘﻧﺎﻟﯩﺴﺎق‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺰزەت‪ ،‬ھﯚرﻣﻪت ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻗﻪدﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﯾﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫‪Xjdxwhx‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪03:52 26-9-2008 :‬‬

‫ﺑﯩﺮ ﭼﺎﻏﺪا ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯩﯩﺴﻢ ﺋﯜزﮔﻪرﺗﯩﺶ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼرﻧﻰ ﯾﺎزﻏﺎن‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯜزﮔﻪرﺗﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ھﯜﻛﯜﻣﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺗﯘﺋﯩﺮﺷﯜﻧﺠﯩﯿﺎڭ‬

‫‪...‬‬

‫ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟﯦﻠﯩﯔ‪ .‬ﺗﻪﺳﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻤﻪن دﯦﺴﻪم ﺋﯘﻻر ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯦﮕﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﮔﯘۋاھﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﯿﯩﺠﯩﯖﺪا‪150‬ﻛﻮﯾﻐﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ھﻪﭘﺘﻪﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ ﺑﻪرﺳﻪم" ‪5‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪124‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯜﻧﺪە ﭼﯩﻘﯩﺪۇ" دﯦﺪى‪ .‬ﭼﺎرﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ ‪ 13‬ﯾﺎۋرۇ ﺋﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﻨﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯾﺎزﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪.‬‬ ‫ﻧﺎۋادا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ‬ ‫ھﺎﻣﺎن ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، xjdxwhx :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:28 26-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ھﻪﭘﺘﻪﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ ﺑﻪرﺳﻪم" ‪ 5‬ﻛﯜﻧﺪە ﭼﯩﻘﯩﺪۇ" دﯦﺪى‪ .‬ﭼﺎرﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ‬ ‫ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ ‪ 13‬ﯾﺎۋرۇ ﺋﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺋﯩﺶ ﻗﯩﻠﯩﭙﺴﯩﺰ‪ .‬ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻣﯘﺑﺎرەك ﺑﻮﻟﻐﺎي‪.‬‬

‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯘ دۆﻟﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺑﻮﻟﺪۇق‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﺷﻨﯩﻤﯘ ﺑﺎﺷﻼپ ﺑﻮﻟﺪۇق دەڭ‪ .‬ﺑﯩﺰﮔﻪ ﺗﯩﻨﻤﺎي ﻛﯧﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﯖﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﻗﺎرﯨﻤﺎﻣﺪﯨﻐﺎن‪ .‬ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﯘزﯨﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﯘق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ؟‬ ‫‪Boghlan‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪12:42 26-9-2008 :‬‬ ‫‪ ...‬ﺋﺎﺧﯩﺮﯨﺪا ﺳﯩﻠﻪردﯨﻦ ﺳﻪﻣﯩﻤﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯩﺰ ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰ ﻗﺎن‪-‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش‪ ،‬ﺟﺎن‪-‬ﺟﯩﮕﻪر ھﻪﻣﺮا‪ .‬ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﮔﻪ‬ ‫ھﻪر ۋاﻗﯩﺖ ﯾﺎردەﻣﺪە ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ ،‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﯿﻪﺗﭽﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎق‪ .‬ﺑﯩﺰ ﭘﻪﻗﻪت ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻼ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫دۇﻧﯿﺎدﯨﻤﯘ ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻼر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﯾﯜزﯨﻤﯩﺰ ﯾﻮرۇق ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘ دۇﻧﯿﺎدا اﻟﻠﻪ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻤﯘ ﯾﯜزﯨﻤﯩﺰ ھﻪم ﯾﻮرۇق ﺑﻮﻻﻻﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﯾﺎردەم‪ ،‬ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﭼﯧﻜﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯚز ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻏﺎ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﺑﯩﺮ ﻗﺎراﺷﻤﯘ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎﻧﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺗﯜرى‪ .‬ﯾﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ۋە ﯾﯩﺮاﻗﺘﯩﻜﻰ ﺳﺎۋاﻗﺪاش‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺪاش‪ ،‬ﺳﻪﭘﻪرداش‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاش‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻮرداﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯧﮫﺮﯨﺒﺎن‬ ‫ﺑﻮﻻﻟﯩﺴﺎق‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﯾﺎردەم ﻗﻮﻟﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺳﯘﻧﺎﻟﯩﺴﺎق‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺋﯩﺰزەت‪ ،‬ھﯚرﻣﻪت ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼر ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا‬ ‫ﻗﻪدﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﺎﭘﺎﻻﯾﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﯩﻲ ﻗﻪدﯨﺮ‪-‬ﻗﯩﻤﻤﻪت‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﯿﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻣﯩﮫﯩﺮ‪-‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت‪ ،‬ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﻖ‪ ،‬ﯾﯘرﺗﺪاﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻣﯧﮫﺮى ﺑﺎﺷﻘﺎ ﻛﯜن‬ ‫ﭼﯜﺷﻜﻪﻧﺪە ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﺪۇ‪ .‬ﺋﯘﻟﯘغ ﺋﺎﻟﻼھ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮڭ‪ ،‬ﯾﻮﻟﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﻪڭ‪ ،‬ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺑﺎﯾﺎﺷﺎت‪ ،‬دوﺳﺘﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎۋات‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﯘﺗﯘﻗﻠﯘق ﻗﯩﻠﻐﺎي‪....‬‬ ‫ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺋﯧﺴﯩﻞ‪ ،‬ﺋﺎﺟﺎﯾﯩﭗ ﭼﻮﯕﻘﯘر ﻣﻪﻧﯩﻠﯩﻚ ﺳﺎۋاق ۋە ﺋﯩﺒﺮەت ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ .‬ھﻪﻣﻤﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﯩﻨﺴﺎپ‪-‬دﯨﯿﺎﻧﻪت‪،‬‬ ‫ﻣﯧﮫﯩﺮ‪-‬ﻣﯘھﻪﺑﺒﻪت‪ ،‬ھﺎﯾﺎ‪ ،‬ﺋﯩﻤﺎن ﯾﺎر ﺑﻮﻟﺴﯘن‪...‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪125‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، xjdxwhx :‬ۋاﻗﺘﻰ‪15:28 26-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟﯦﻠﯩﯔ‪ .‬ﺗﻪﺳﻤﯘ ﺋﻪﻣﻪﺳﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﻤﻪن دﯦﺴﻪم ﺋﯘﻻر ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯦﮕﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪە ﺑﯩﺮ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﮔﯘۋاھﻠﯩﻘﻰ ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﭗ ﺑﯧﯿﯩﺠﯩﯖﺪا‪150‬ﻛﻮﯾﻐﺎ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻣﻐﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﺎﺳﺘﯘرۇپ ﻛﻪﻟﮕﻪن‪ .‬ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ھﻪﭘﺘﻪﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﻐﺎ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ ﺑﻪرﺳﻪم" ‪5‬‬ ‫ﻛﯜﻧﺪە ﭼﯩﻘﯩﺪۇ" دﯦﺪى‪ .‬ﭼﺎرﺷﻪﻧﺒﻪ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻨﻰ ﺋﻪﻛﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ ‪ 13‬ﯾﺎۋرۇ ﺋﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﻨﭽﻪ ﻣﺎﻗﺎﻟﻪ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﯾﺎزﻏﯩﻨﯩﻤﯩﺰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪.‬‬ ‫ﻧﺎۋادا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﯾﻪﻧﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﺘﯩﻦ ﺑﯩﺮﺳﻰ‬ ‫ھﺎﻣﺎن ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻻﻣﺪﯨﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺑﯩﺠﯩﺮﯨﯟاﻟﻐﺎن ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯘ‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻣﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﭘﺎﺳﭙﻮرت ﺋﺎﻻﻟﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ ﻧﯩﺴﯩﭗ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼرﻏﺎ ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺗﻪﺳﺘﻪ ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻢ‬ ‫ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺶ دﯨﮕﻪن ﮔﻪﭘﻤﯘ‪ ...‬ﮔﻪرﭼﻪ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺗﻪﻗﺪﯨﺮدﯨﻤﯘ ﺳﺎﻗﭽﯩﻐﺎﻧﺎ‪ ،‬ﺋﯩﺪارﯨﻠﻪر ﺋﺎرا ﻗﺎﺗﺮاپ ﺋﺎﯾﺎﻏﻨﯩﯔ‬ ‫ﭼﻪﻣﻰ ﺋﯘﭘﺮاپ ﺗﯩﺸﯩﻠﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Nasimy‬‬ ‫‪ -67‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯩﺰﮔﻪ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺋﻪڭ ﭼﻮڭ ﻗﯧﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻖ ﻧﯧﻤﻪ ؟‬ ‫‪Bihlan‬‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﺟﺎۋاﺑﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﺗﻪرﺑﯩﯿﯩﯟى ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻜﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺋﻪﺳﻪر ﺑﻮﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻗﯩﺮﯨﺪا ﻧﯘرﻏﯘن ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺋﺎرﻗﯩﻠﯩﻖ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﺎرا ﺋﻪدەپ‪-‬ﺋﻪﺧﻼق ۋە ﺗﯘرﻣﯘش ﺋﯘﺳﯘﻟﻠﯩﺮى‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘش‪ ....‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯧﻤﯩﻼردا ﺳﻮﺋﺎﻟﻼر ﺳﻮراﻟﺪى ۋە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﻠﯩﻚ ﺟﺎۋاﺑﻼر ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻮرداﺷﻼر ﻧﯘرﻏﯘن‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ ﺑﻮﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﺋﺎﺳﺎﺳﯩﻲ ﺗﯩﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎھﻪﮔﻪ ﺑﯘرﯨﺴﺎق ﻗﺎﻧﺪاق؟‪....‬‬ ‫‪-69‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۇﻧﯿﺎ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﻪڭ ﺋﯩﻠﻐﺎر دۆﻟﻪت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﯾﺎن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ھﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ھﯜﺟﻪﯾﺮﯨﺴﻰ دﯨﯿﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﯾﻪر ﺷﺎرﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﯿﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﯩﻠﻼردا ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن راﯾﻮﻧﻼرﻧﻰ ﯾﺎﺷﺎﯾﻠﻰ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺷﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯩﺌﺎرام ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﻪ »ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ« ﻻرﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪا‪ ،‬ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﻼر ﻛﻪم ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﺎﻟﻼ ﺋﺎﺗﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺖ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ۋاﻗﺘﯩﻢ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻢ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪۋﺟﯘد ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ ،‬ﺋﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻤﻨﻰ ﻗﯩﺴﯩﭗ ﺗﯘرۇپ‬ ‫ﺧﻪﺟﻠﯩﺴﻪﻣﻤﯘ ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﺋﯚي ﺋﺎﻻﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻻﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﻪرﯨﺒﯩﺮ ﺋﯚز ﺋﺎﺋﯩﻠﻪﻣﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﯾﺎﺷﺎد ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯜرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ھﻪرۋاﻗﯩﺖ ﻛﺎﻟﻼﻣﺪﯨﻦ ﻧﯧﺮى ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯚي ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺸﺘﺎ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪126‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﯾﺎردﯨﻤﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯩﺸﭽﻰ‪-‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ‪ 60-50‬ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ )ﺗﻪﺧﻤﯩﻨﻪن ‪7-6‬‬ ‫ﯾﯩﻠﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻰ( ﻏﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯚي ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰور‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺗﻮﯕﻼﺗﻘﯘ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪ 4‬ﺋﺎﯾﻠﯩﻖ ﻣﯘﺋﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ‪ .....‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ھﯧﺴﺎﺑﻼپ ﻛﻪﻟﺴﻪك ﺑﯩﺮ ﺋﯚﯾﻨﻰ‬ ‫ﺳﻪرەﻣﺠﺎﻧﻼﺷﺘﯘرۇش ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺗﻪس ﺋﯩﺶ‪ ....‬ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﺪەك ھﻪرﺧﯩﻞ ﺧﯩﯿﺎﻟﻼر ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﻰ ﺗﻮرﻣﯘزﻟﯩﯟﯦﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺋﺎدەﺗﺘﯩﻜﻰ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻢ ۋە ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻤﮕﻪ ﺑﻪﻛﻼ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻤﻨﻰ ﯾﯩﻐﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻣﺎﻧﺎ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼرﻏﺎ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟‬ ‫‪polat1971‬‬ ‫ﺳﯚھﺒﻪت ﻣﻪن ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻨﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ‪ ،‬ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﻨﻤﻪي ﺟﺎۋاپ ﯾﯧﺰﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﻟﺪﯨﺮاش ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻠﻪرﮔﻪ‬ ‫ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ﻛﯚپ رەھﻤﻪت !!!‬

‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎﻧﺎدا ﺗﯚۋەﻧﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻨﻰ ﺳﯩﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮرﺗﺎﻗﻼﺷﻘﯘم ﻛﻪﻟﺪى ‪.‬‬ ‫‪ - 71‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﭘﯘﺗﯘن دۇﻧﯿﺎﻧﻰ زﯨﻞ ‪ -‬زﯨﻠﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ‪.‬‬ ‫» ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﻐﺎ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ؟ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪى ؟‬ ‫‪ - 72‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘرۇﻧﻼر ﻣﻪﻟﯘم ﺋﯩﺪارﯨﮕﻪ ﯾﺎﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮەر ﯾﻪرﮔﻪ ‪،‬ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯘرﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﺘﯘرۇش ﻗﯩﻼﻣﺪۇ ؟‬ ‫‪DELL‬‬

‫ﺑﻪزى ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﯾﺎش ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫‪bagzada1‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺳﯘﺋﺎﻟﻨﻰ ﺳﻮرﯨﻐﯘم ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪ :‬ﻣﻪن ﻛﯩﭽﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا ﯾﯧﺰﯨﺪا رەھﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ﭼﻮڭ ﺋﺎﻣﺎﻣﻨﯩﯔ ﯾﯧﻨﯩﺪا ﺗﯘراﺗﺘﯩﻢ‬ ‫‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯘﻗﯘپ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﺎﻛﻰ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﺗﻮﺷﻘﯩﭽﻪ ﯾﯧﺰﯨﺪا ﺋﻮﯾﻨﺎﯾﺘﯩﻢ ‪.‬ﺋﯩﯩﺴﻤﺪە ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﺪە ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎن ﭼﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯚﯾﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﯾﯧﭙﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻜﻜﻪ ﺗﺎش‪ ،‬ﺳﯜﭘﯜرﮔﻪ‪ ،‬ﻛﻪﺗﻤﻪن دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﯾﯜﻟﻪپ ﻗﯘﯾﯘپ) ﺋﻮﭼﺎﻏﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﺴﻰ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﺋﯧﭽﯩﻼﺗﺘﻰ ( ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﻪ ﺋﯘﻧﺪاق‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﯩﺰ دﯨﺴﻪم ‪ ،‬ﻗﯘي ﻛﺎﻟﯩﻼر ﺋﯧﻐﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪ ﺋﯚﯾﮕﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ‪ ،‬ﻗﺎﻻﯾﻤﯩﻘﺎن ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﯾﯜﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯘﯾﺴﺎق ﺋﺎﭼﺎﻟﻤﺎﯾﺪۇ دەﯾﺘﺘﻰ ‪ ،‬ھﻮﯾﻠﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﻪزﯨﺪە ﭘﯩﭙﻼ ﻗﯘﯾﺎﺗﺘﯘق‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﯘزاﻗﺮاق ھﺎﯾﺎل ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﻮﯾﻨﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﭼﯩﮕﯩﭗ ﻗﯘﯾﺎﺗﺘﯘق‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﯾﺪە ﯾﺎﻟﻐﯘز ﻗﯧﻠﯩﭗ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺋﻮﯾﻨﯩﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎم ﭼﻮڭ‬ ‫ﺋﺎﻧﺎﻣﻨﻰ دورۇپ ﻗﻮي ﻛﺎﻟﯩﻼردﯨﻦ »ﻣﯘداﭘﯩﺪە ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ «‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﺎﻟﻼﻣﻐﺎ ﻛﯩﭽﯩﻜﯩﻤﺪﯨﻨﻼ ﺋﺎدەﻣﻠﻪردﯨﻦ‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس ‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﻠﺴﯩﺰ »ﻗﻮي ﻛﺎﻟﯩﻼردﯨﻦ ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ ﻛﯚرۈش ﺋﯧﯖﻰ« ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﻛﯩﯩﯿﯩﻦ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻤﯘ ‪.‬ﺋﯘﻗﯘدۇم‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﭼﯩﻘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺗﺎﻛﻰ ‪ -2004‬ﯾﯩﻠﯩﻐﯩﭽﻪ ۋﯨﻼﯾﻪت ﺋﺎﺗﻼپ ﺳﯩﺮﯨﺘﻘﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﻧﯩﺴﯩﭗ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺪى ‪ -2005.‬ﯾﯩﻠﻰ زۇر ﺋﺎزۇﻻر ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺋﯜرۇﻣﭽﻰ ﺋﺎﺗﯩﻠﯩﻖ ﺑﯘﺷﻪھﻪرﮔﻪ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﺷﯘرۇش‬ ‫ﭘﯘرﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﺘﯩﻢ ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘ ﯾﻪرﮔﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﮔﺎﯕﮕﯩﺮاپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪ ،‬ﺑﯘﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺋﺎدەﻣﻠﻪر‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪127‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫دﯨﻜﻰ ﺋﺎڭ ﻣﺎﯕﺎ ﺳﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎڭ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯜﭘﺘﯩﻦ ﭘﻪرﯨﻘﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻜﻪن ‪ ،‬ﺋﯘﻻر ھﻪرداﺋﯩﻢ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەﻣﺪﯨﻦ ﻣﯘداﭘﯩﺌﻪ‬ ‫ﻛﯚرۇﭘﻼ ﯾﯜرﯨﯿﺪﯨﻜﻪن ‪ .‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺶ ﭘﻪﻗﻪت ﺋﯩﺪﯨﯿﻪﻣﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﻮﯾﻠﯩﺴﺎﻣﻼ ﺋﭽﯩﻢ ﺋﺎﭼﭽﯩﻖ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪،‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯘﭼﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﺴﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎﻣﻼ ‪ ،‬ﺟﯘدۇﻧﯘم ﺗﯘﺗﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘﻟﯩﯟاﻟﺪى‪ ،‬ﻧﯩﻤﯩﺸﻘﺎ دﯨﺴﻪﯕﻼ ‪،‬ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﺘﺎ ﺷﯘﻧﭽﻪ ﺟﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎدەم ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﻗﯩﺴﺘﺎﻟﻪﯾﻤﻪن‪ ،‬ﻗﯩﺴﺘﺎﻟﻤﯩﻐﯩﻨﯩﻤﻐﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ‪» ،‬ﺋﯘﻻر« ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻣﺎل‬ ‫ﺑﺎر ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﺎﭼﯩﺪۇ ‪ ،‬ﻣﺎﯕﺎ ﯾﯧﻘﯩﻦ ﯾﯘﻻﺷﺘﯩﻦ ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎت ﻗﯩﻠﺸﯩﺪۇ‪ .‬ﯾﯧﻨﯩﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺗﯘرﺳﺎم دەرھﺎل ﯾﺎﻧﭽﯘﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ‪،‬‬ ‫ﺳﻮﻣﻜﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﺘﯘرﺷﯘپ ‪ ،‬ﻣﺎﯕﺎ ﺑﯩﺮﺧﯩﻞ ﻏﻪﯾﺮى ﻧﻪزەردە ﺋﺎﻟﯩﯿﯩﭗ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەم ﻛﻪﯾﻨﯩﮕﻪ داﺟﯩﯿﺪۇ‪ .‬ﻣﻪن دەﺳﻠﻪپ‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺗﯘرﻗﯩﻢ ﺋﻮﻏﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ‪ ،‬دەپ ﻛﺎﺳﺘﯩﯿﯘم ‪ -‬ﺑﻮرۇﻟﻜﺎ ﻛﯩﯿﯩﭗ ‪ ،‬ﮔﺎﻻﺳﺘﯘق ﺗﺎﻗﺎپ ﭼﯩﻘﯩﭗ‬ ‫ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ ‪ ........‬ﺋﻪھﯟاﻟﺪا ﭼﻮڭ ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺶ ﺑﻮﻟﻤﯩﺪى‪ .‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯘﻻۋەرﮔﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪە ﺑﻪك ﺧﻮرﻟﯘق ھﯧﯩﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﻮرﺗﺘﺎ ھﺎﯾﯟاﻧﻐﯩﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺘﺘﯩﯘق‪ .‬ﺑﻪزى ﭼﺎﻏﻼردا ﺋﺎﭼﭽﯩﻘﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺳﺎﻟﻤﺎي ‪» ،‬ﺋﯘﻻر«ﺑﯩﻠﻪن ﺳﯘﻗﯘﺷﻘﺎﻧﻤﯘ ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺳﻮرﯨﺴﺎم ﺋﯘﻻرﻣﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ داﺋﯩﻢ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮاپ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻜﻪن ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺧﻮرﻟﯘق ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﻤﺎي دەپ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ‪ ،‬ﻛﻮﭼﺎ ﺋﺎﭘﺘﯘﺑﯘﺳﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﻤﺎي ﭘﯩﯿﺎدە‬ ‫ﻣﺎﯕﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘﺧﯩﻞ ﺑﯩﻨﻮرﻣﺎل ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﺗﺎ ھﺎزﯨﺮﭼﻪ ﻣﯩﻨﻰ ﻗﺎﺗﺘﯩﻖ ﺋﺎزاﭘﻼ پ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ‪.........‬ﺑﻮﻟﺪى ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﺋﯩﭽﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﮔﻪﭘﻠﯩﺮﯨﻤﻨﻰ دەۋﯦﻠﯩﭗ ﺧﯧﻠﻰ ﯾﯩﻨﯩﻜﻠﻪپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ ‪،‬‬ ‫دەۋەرﺳﻪم ﮔﻪپ ﺗﯜﮔﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫‪ -73‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﺳﯩﻠﻪر ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﯾﻪرﻟﻪدﯨﻤﯘ ‪ ،‬ﺋﻮﻏﺮى ﯾﺎﻧﭽﯘﻗﭽﯩﻼر ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﻛﯩﺸﻠﻪر ﺑﯘﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك ﺋﺎﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ‪-‬‬ ‫ھﻪددﯨﻦ زﯨﯿﺎدە ﺋﯧﮫﺘﯩﯿﺎت ﻗﯩﻠﯩﺸﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، polat1971 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 06:21 27-9-2008 :‬‬ ‫‪ - 71‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﭘﯘﺗﯘن دۇﻧﯿﺎﻧﻰ زﯨﻞ ‪ -‬زﯨﻠﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ‪.‬‬ ‫» ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﻐﺎ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ؟ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪى ؟‬ ‫‪-11‬ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺸﺘﺎ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯘﭼﺮﯨﻐﺎﻧﻼر ﯾﺎﻟﻐﯘز ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻻ ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺷﯘ دەۋردە‪،‬‬ ‫ﻓﯩﺰﯨﻜﺎ‪ ،‬ﺧﯧﻤﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺌﻮﻟﻮﮔﯩﯿﻪ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ »ﺳﻪزﮔﯜر« ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﺎﻛﻰ ﺷﯘﻏﯘﻟﻠﯩﻨﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻤﯘ ﭼﯩﯖﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺑﯘ ﻛﻪﺳﭙﻨﯩﯔ ﺗﯧﺮورﻟﯘﻗﻘﺎ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﯾﯧﻘﯩﻦ دەپ ﻗﺎرﯨﻼﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﯘﺷﯘ ﻛﻪﺳﭙﺘﻪ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ﻧﯘرﻏﯘن ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘق ﺧﻪﻧﺰۇ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻣﯘ ﺗﻪﺗﯩﻠﺪە ﺟﯘﯕﮕﯘﻏﺎ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻗﺎﯾﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﯩﺪە ۋﯨﺰا ﺋﺎﻻﻟﻤﺎي‪ ،‬ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻛﯩﺮەﻟﻤﻪي ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻪھﯟال ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ھﻪﻣﻤﻪ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻏﺎ ﺗﯘﺗﻘﺎن ﭘﻮزﯨﺘﺴﯩﯿﻪﺳﻰ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﻗﯩﺴﻘﯩﺴﻰ‪ ،‬دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﻻر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯧﺮورﯨﺴﺖ ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﯟاﻟﻤﯩﺪى‪.‬‬ ‫‪-11‬ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮدﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻨﻤﯘ ﺧﺎﺗﯩﺮﺟﻪم ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﯾﻪﻧﯩﻼ ﺧﯧﻠﻪ ﻛﯚپ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﯩﻞ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ھﻪر‬ ‫ﺧﯩﻞ ﺳﻪۋەپ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻣﯘ ﺑﯩﺮ ﻗﻪدەر ﻛﯚپ ﺋﯩﻜﻪن‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻗﯩﯿﯩﻨﭽﯩﻠﯩﻘﻼرﻏﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮﯨﻤﺎﭘﺘﯘ دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ھﯚﻛﯜﻣﯩﺘﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ دۈﺷﻤﯩﻨﻰ دەپ ﻗﺎرﯨﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯨﮕﯜدەك ھﻪر ﺧﯩﻞ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﺴﯩﻤﯘ‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈﺷﻨﻰ‬ ‫ﭼﯩﯖﯩﺘﻘﺎن ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺋﻮﺑﯧﻜﺘﯩﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﯩﺮﺗﯩﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺷﻪرﻗﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪128‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻧﻰ ﻛﯚرﺳﻪﺗﺴﻪ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫‪-11‬ﺳﯧﻨﺘﻪﺑﯩﺮ ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن‪ ،‬ۋﯨﺰا ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺶ ھﺎزﯨﺮﻗﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎددﯨﺮاق‪ ،‬ﺋﺎﺳﺎﻧﺮاق ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺷﻪرﻗﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﯩﯔ ﺗﻪﻛﺸﯜرۈپ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺘﺘﻰ‪ .‬ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ﺑﻪزى ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎﺷﻜﺎرە ﯾﺎﻛﻰ ﯾﻮﺷﯘرۇن ﻧﺎزارەت ھﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﻧﺎزارەت ﺋﺎﺳﺘﯩﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪.‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، polat1971 :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 06:21 27-9-2008 :‬‬ ‫‪ - 72‬ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﺪا ﯾﯘﻗﯩﺮى دەرﯨﺠﯩﻠﯩﻚ ﺋﯘرۇﻧﻼر ﻣﻪﻟﯘم ﺋﯩﺪارﯨﮕﻪ ﯾﺎﻛﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮەر ﯾﻪرﮔﻪ ‪،‬ﻣﻪﻟﯘم ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺸﻨﻰ‬ ‫ﺗﻪﻛﺸﯘرﮔﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ دۆﻟﯩﺘﯩﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻜﯩﺪەك ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻦ ﺋﯘﺧﺘﯘرۇش ﻗﯩﻼﻣﺪۇ ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻦ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻪﻛﺸﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﯾﻮق دﯨﯿﻪرﻟﯩﻚ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﻪﻟﻖ ھﻪر داﺋﯩﻢ ھﻪر‬ ‫ﻗﺎﻧﺪاق ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﺋﺎدﯨﻞ ﻧﺎزارەﺗﭽﯩﺴﻰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎت )رادﯨﺌﻮ‪-‬ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰﯨﯿﻪ‪ ،‬ﮔﯧﺰﯨﺖ‪-‬ژورﻧﺎل( ﺋﻪرﻛﯩﻦ‪،‬‬ ‫ھﯚﻛﯜﻣﻪﺗﻨﯩﯔ ﻛﻮﻧﺘﺮوﻟﻠﯩﻘﯩﺪا ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻜﻪن‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻨﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﯿﻪﺗﻨﻰ‪ ،‬ﻣﻪﺟﺒﯘرﯨﯿﻪﺗﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدا‬ ‫ﻗﯩﻼﻟﻤﯩﻐﺎن ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺷﻪﺧﺲ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮرﮔﺎﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﻼ ﻣﻪﺗﺒﯘﺋﺎت ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﻟﻪﯾﻠﻪپ ﻗﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫دۆﻟﻪت ﺑﺎﺷﻰ ﻛﻠﯩﻨﺘﻮﻧﻨﻰ ﺳﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻜﻰ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺴﭙﺎت ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﭼﯜﺷﯜﺷﻜﻪ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﺎن‪ ،‬ﺋﺎق ﺳﺎراي‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬دۆﻟﻪت ﺑﺎﺷﻰ ﺑﯘﺷﻨﻰ ﺋﻪرﻛﯩﻦ‪-‬ﺋﺎزادە ﺗﯩﻠﻠﯩﯿﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺧﻪﻟﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﯩﻨﻰ ﺋﺎدەﺗﺘﻪ‬ ‫ھﯩﭽﻨﯩﻤﻪ ﺗﻮﺳﯘپ ﻗﺎﻻﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ »ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻦ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﻪﻛﺸﯜرﮔﯩﻠﻰ ﻛﯧﻠﯩﺶ« دﯨﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺴﺘﯩﻤﺎﻟﯩﺪا ﻣﻪۋﺟﯘت ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫‪osman_mamat‬‬ ‫‪-73‬ﺳﯘﺋﺎل‪.‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺴﺘﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯧﺮۇن ﺋﯘﭼﯘر ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﺗﺘﯜرﮔﻪن‬ ‫)ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻤﻤﯘ ﺑﺎر(‪.‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق ﯾﯧﺰﯨﺪا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﻮﺗﯧﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم ھﻪم‬ ‫ﺧﻪﻧﺰۇﺗﯩﻠﻰ دەرﺳﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪن)ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى(‪.‬داﺷﯚدﯨﻜﻰ ﭼﯩﻐﯩﻤﺪا ‪-4‬دەرﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎﺋﺎززراق‬ ‫ﻧﯘﻣﯘرۇم ﻛﻪم ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ‪،‬ھﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن ‪.‬ﻣﻪن ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﺪا ‪3‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن‪.‬ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻢ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ‪،‬ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزەم ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟ ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎ ﯕﺎ ﻣﺎس‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎرە ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻤﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻛﻪﻟﺴﻪك دەﯾﻤﻪن‪.‬ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ ﭘﯘرﺳﻪت ﻛﯚپ ‪،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﯾﯧﺰا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼر ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪،‬ﺋﻮﻗﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘھﯩﻢ ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻛﯚپ‬ ‫‪،‬ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺗﻮﻻ‪.‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەپ ﯾﺎزﯨﭽﻪ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯾﻮق‪.‬ﺗﻮرﻻردا ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮر ﺋﺎدرﯨﺴﻠﯩﺮى‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﯾﺴﺎﯕﻼر ‪،‬رەﺧﻤﻪت‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 02:00 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﻣﺎﻧﺎ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺑﯧﺴﯩﻤﻼرﻏﺎ دۇچ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜن ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺘﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق‬ ‫ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ؟‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪129‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﻛﺎرﻧﯩﮓ ﺋﯩﺴﯩﻤﻠﯩﻚ ﺑﯩﺮ ﯾﺎزﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ »ﺋﯩﻨﺴﺎن ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﺎرﺗﯘﻗﭽﯩﻠﯩﻘﻼر ۋە ﺋﺎﺟﯩﺰﻟﯩﻘﻼر« دﯨﮕﻪن‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﯩﺪا »ھﻪرە ﻛﯧﭙﯩﻜﯩﻨﻰ ھﻪردﯨﻤﻪﯾﻠﻰ« دەﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﺷﮫﯘر ﺑﯩﺮ ﺟﯜﻣﻠﻪ ﺋﻪﻗﻠﯩﯿﻪ ﺳﯚزى ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯘ ﻛﯩﺘﺎپ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻏﺎ‬ ‫ﺑﻪﻛﻤﯘ ﺗﻮﻧﯘﺷﻘﯘ دەﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﯚي ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎدى ﺑﯧﺴﯩﻢ ھﻪر ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮڭ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯘ ﯾﻪدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭘﺎﻛﯩﺖ ﺷﯘﻛﻰ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺑﯘ‬ ‫ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺗﻮﻻ ﺋﻮﯾﻼپ ﻛﯧﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺗﻪﺳﯩﺮ ﯾﻪﺗﺴﻪ‪ ،‬ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﯖﯩﺰدﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﭘﯘﻟﺪﯨﻨﻤﯘ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﺴﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺑﯘ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻨﻰ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﮕﻪﭼﻜﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﯜﻧﻠﯜك ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ‪ ،‬ﺳﯜﭘﻪﺗﻠﯩﻚ ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﯩﻼ ﺋﻮﯾﻼﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ﺧﻪۋﯨﭙﻰ ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯘ دۆﻟﻪﺗﺘﻪ »ﺗﯚﻣﯜر ﺗﺎۋاق« ﻟﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت )ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن( ﻣﻪۋﺟﯜت ﺋﻪﻣﻪس‪،‬‬ ‫ھﻪﺗﺘﺎ دۆﻟﻪت ﺑﺎﺷﻰ ﺑﯘﺷﻤﯘ ﺑﯩﺮەر ﺧﺎﺗﺎﻟﯩﻘﻰ ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﺧﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘددەﺗﺘﯩﻦ ﺑﯘرۇن ﺋﺎﯾﺮﯨﻠﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫)ﻛﻠﯩﻨﺘﻮن زاﻣﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﯾﯜز ﺑﻪرﮔﯩﻠﻰ ﻗﯩﻞ ﻗﺎﻟﻐﺎن‪(.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﭘﯩﺴﺨﯩﻜﺎ ﺑﯧﺴﯩﻤﯩﻨﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ دورﯨﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯜﮔﯜﻧﻜﻰ‪ ،‬ﻧﯚۋەﺗﺘﯩﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﻪك ﺋﻮﺑﺪان ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﯾﻪر ﺗﺎزﯨﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎزﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺸﭽﯩﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺘﯧﺖ ﻣﯘدﯨﺮﻟﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ‪ ،‬ﺷﯩﺘﺎت ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ‪ ،‬ﺷﯩﺮﻛﻪت ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻐﯩﭽﻪ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺷﯘ ﻛﯜﻧﻠﯜك‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﻟﯜﻣﺴﯩﺮەپ ﺗﯘرۇپ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪۇ ۋە ﺋﯩﺸﻠﻪﺷﻜﻪ ﻣﻪﺟﺒﯘر‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﯾﯧﯖﻰ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﺑﻪزى ﺧﯩﯿﺎﻟﻼرﻧﯩﻤﯘ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯚرﮔﻪن‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺑﻪرﮔﻪن ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﯾﻪﺗﻜﯜزەﻟﻪرﻣﻪﻧﻤﯘ‪ ،‬ﺋﺎﯾﺪا ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯩﻘﺘﯩﺴﺎد ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺴﺎم ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ۋاﻗﯩﺘﺘﯩﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﭘﯘل ﻗﯩﻤﻤﯩﺘﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫‪-2‬ﻗﻮل ﻛﻮﻧﺎ ﻣﺎﺷﯩﻨﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟاﻻﻻﯾﻤﻪن ‪ ...‬ﻣﻪن ﺋﯘزۇن ﺋﯚﺗﻤﻪي ﺷﯘﻧﻰ ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﺪﯨﻤﻜﻰ‪ ،‬ﻧﺎۋادا ﻣﻪن ﺑﯘﻧﺪاق ﺧﯩﯿﺎﻟﻨﻰ ﺗﻮﻻ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺴﻪم‪ ،‬ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺸﯩﻢ ﺗﻪﺳﯩﺮﮔﻪ ﺋﯘﭼﺮاپ‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﺪﯨﻦ ﻗﯘرۇق ﻗﺎﻟﺴﺎم‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﻟﻠﯩﺮى ۋە ﺗﯘرﻣﯘش‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﺎﻣﺪﯨﯿﺎﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ ﭼﯧﻜﯩﻨﺪۈرۈش ﺧﻪۋﯨﭙﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻦ‬ ‫ﭼﯧﻜﯩﻨﺪۈرۈﻟﺴﻪم‪ ،‬ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜﻧﯜم ﭼﯧﮕﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﻮﻏﻼپ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﺸﻼ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ...‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪن ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺧﯩﯿﺎﻟﻨﻰ ﺋﺎز ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬زﯦﮫﻨﯩﻤﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ دەرﺳﻠﻪرﮔﯩﻼ ﻣﻪرﻛﻪزﻟﻪﺷﺘﯜرﮔﻪن ھﻪم ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﯩﺸﻘﺎ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻼ ﻣﻪﺟﺒﯘر‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻤﯘ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﯾﯘﻗﯘرﻗﻰ ﺋﻪھﯟاﻟﯩﻤﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﺪا ﺗﯘرﯨﯟاﺗﻘﺎن ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺋﺎدەم‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﺎۋال ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺧﯩﯿﺎل‪ ،‬ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﻗﺎﯾﺮﯨﭗ ﻗﻮﯾﯘپ‪ ،‬ﻛﯚز‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﺷﯘ ﻛﯜﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﯩﺶ ﯾﻮﻟﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻼﯾﺪۇ ۋە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺗﺎﻟﻼﺷﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺑﯘﻧﺪاق ﭘﯩﺴﺨﯩﻚ ﺑﯧﺴﯩﻤﻨﻰ ﺑﻪك ﺋﻮﯾﻼپ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﻮﯾﻼپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺴﯧﺮى ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﺷﯘﻧﭽﻪ‬ ‫زﯨﯿﺎﻧﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﺧﯘددى ﻛﺎرﻧﯩﮓ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯧﯿﺘﻘﺎن »ھﻪرە ﻛﯧﭙﯩﻜﯩﻨﻰ ھﻪرﯨﺪﯨﮕﻪن« ﮔﻪ ﺑﺎراۋەر‬ ‫ﺋﯩﺶ‪) .‬ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﯾﺎزﻣﯩﺴﯩﺪﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺑﻪزى ﺑﺎﯾﺎﻧﻼر ﺑﺎر‬ ‫ﺋﯩﺪى‪(.‬‬ ‫ۋاﻗﯩﺖ ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرۇش ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪك‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺋﯘﺳﯘﻟﺪا ﺋﻮرۇﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﻣﯘﺋﺎﺷﯩﺪﯨﻦ رازى ﺋﻪﻣﻪﺳﻠﻪر ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎچ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪130‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﯩﺰدەﺷﻨﯩﯔ ﻛﻮﯾﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﮕﻪ ﯾﯧﺘﯩﺸﻪﻟﻤﻪﯾﯟاﺗﻘﺎﻧﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺑﯩﻠﯩﻢ‪-‬ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ‬ ‫ﺋﯚﺳﺘﯜرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﻛﯚﭘﺮەك ﻣﻪﺷﻐﯘل ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ رازى ۋە ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﺘﻪ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﭼﻮڭ ﺑﯧﺴﯩﻢ ھﯩﺲ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯚزﻟﯩﺮى ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﯩﺸﻼرﻏﺎ ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ ﺳﯘﺋﺎل ‪ :‬ﭘﯘﺗﯘن دۇﻧﯿﺎﻧﻰ زﯨﻞ ‪ -‬زﯨﻠﮕﻪ ﺳﺎﻟﻐﺎن » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﯩﻐﺎ ﺑﺎرﻣﺎﻗﭽﻰ‬‫ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﺪﯨﻜﻰ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ دەپ ﺋﺎﯕﻠﯩﻐﺎﻧﺘﯩﻢ ‪.‬‬ ‫» ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎرﺧﯩﯟﯨﻐﺎ » دﯨﻨﻨﻰ ﺋﯩﺘﯩﻘﺎدى « دﯨﮕﻪن ﮔﯩﺮاﭘﯩﻜﻘﺎ » ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﻰ « دەپ‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻠﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯩﺮﻛﺎ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﯩﺪﯨﻦ ﺋﯩﺠﺎزەت ﺋﯧﻠﯩﺸﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻤﯘ ؟ ﺗﻪﺳﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ » ‪ - 11‬ﺳﯩﻨﺘﻪﺑﯩﺮ « ۋەﻗﻪﺳﯩﺪﯨﻦ ﺑﯘرۇن ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﺪى ؟‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻮﻧﺴﻮﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯔ ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ‪ 3‬ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﺪە ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻼر ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﯾﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﯾﺴﻰ دﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﺴﯩﺰ دەپ ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﺎﺗﯩﻜﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪدۋەﻟﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﺎﺗﻪك ﯾﻮق‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻨﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪزى ﯾﻪرﻟﻪردە ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ‬ ‫ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮى ﺑﺎر‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، osman_mamat :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 01:02 27-9-2008 :‬‬ ‫‪-73‬ﺳﯘﺋﺎل‪.‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺴﺘﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯧﺮۇن ﺋﯘﭼﯘر ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯘﺗﺘﯜرﮔﻪن‬ ‫)ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻤﻤﯘ ﺑﺎر(‪.‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق ﯾﯧﺰﯨﺪا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﻮﺗﯧﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪۇم ھﻪم‬ ‫ﺧﻪﻧﺰۇﺗﯩﻠﻰ دەرﺳﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪن)ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى(‪.‬داﺷﯚدﯨﻜﻰ ﭼﯩﻐﯩﻤﺪا ‪-4‬دەرﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎﺋﺎززراق‬ ‫ﻧﯘﻣﯘرۇم ﻛﻪم ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ‪،‬ھﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن ‪.‬ﻣﻪن ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﺪا ‪3‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن‪.‬ﻟﯩﻜﯩﻦ ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻢ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ‬ ‫ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ‪،‬ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزەم ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟ ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎ ﯕﺎ ﻣﺎس‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎرە ﺑﺎرﻣﯘ؟‬ ‫ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪ .‬ﺳﯩﺰ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭽﯩﻤﯘ؟‬ ‫ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘش ﺋﺎرزۇﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺋﻪﺳﻠﻰ‬ ‫ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰدە داۋاﻣﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯩﻼﻧﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﻤﺎﯾﺴﯩﺰ؟‬ ‫‪-4‬دەرﯨﺠﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﺷﻜﻪ ﺋﺎزﻻ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺳﻪۋﯨﯿﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎﻣﺎن ﺋﻪﻣﻪس ﺋﯩﻜﻪن ﺋﯩﺪۇق‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ‬ ‫‪ 6‬ﺋﺎﯾﺪﯨﻦ ‪ 1‬ﯾﯩﻞ ﺟﯩﺪدى ﺗﻪﯾﯿﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﺴﯩﻼ ‪ TOEFL, GRE‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﻼردﯨﻦ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻧﻮﻣﯘر ﺋﯧﻠﯩﺶ‬ ‫ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯘرۇﻧﻘﻰ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن ﺗﯩﻞ ﺳﻪۋﯨﯿﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪131‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺳﺎﻗﻼپ ﻗﺎﻻﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰدا‪.‬‬ ‫‪Alipanwar‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪14:04 27-9-2008 :‬‬

‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻮﻧﺴﻮﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯔ ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ‪ 3‬ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﺪە ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻼر ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﯾﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﯾﺴﻰ دﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﺴﯩﺰ دەپ ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﺎﺗﯩﻜﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪدۋەﻟﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﺎﺗﻪك ﯾﻮق‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻨﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪزى ﯾﻪرﻟﻪردە ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ‬ ‫ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮى ﺑﺎر‪..‬‬ ‫ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﻨﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪررﯨﻔﻮر ﺗﺎﻟﻼ ﺑﺎزﯨﺮﻧﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﻰ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪدﯨﯟﯨﻠﻨﻰ‬ ‫ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪا »ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ« دﯨﮕﻪن ﺗﯜرﻧﯩﯔ ﯾﻮﻗﻠﯘﻗﯩﺪﯨﻦ ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﺟﻪدﯨﯟەل‪ ،‬ﺋﺎرﺧﯩﭗ‪ ،‬ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﮫﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﻰ دەپ ﯾﯧﺰﯨﺶ‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﻮدﯨﻼ ﺑﺎرﻣﯩﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:08 27-9-2008 :‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﻟﻐﯩﻨﯩﭽﯘ؟‬ ‫ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺳﯩﻤﯘ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ ﯾﻪﻧﯩﻼ ۋەﺗﻪﻧﺪە ﯾﯜز ﺑﻪرﮔﻪن‪ ،‬ﺑﯘ ھﻪﻗﺘﻪ ﺋﻮﯾﻠﯩﻨﯩﺶ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ‬ ‫ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﯾﯜز ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘ ۋەﻗﻪﻟﯩﻚ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﺋﯘزۇﻧﺮاق‪ ،‬ھﻪم ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﭼﺎرﭼﯩﻐﺎن ۋاﻗﺘﯩﺪا ﻣﻪﻗﺴﻪﺗﻨﻰ‬ ‫دەل ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪپ ﯾﯧﺰﯨﺶ ﻗﯩﯿﯩﻨﺮاق ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻧﻰ ﯾﯧﺰﯨﺶ‪-‬ﯾﺎزﻣﺎﺳﻠﯩﻖ‪ ،‬ﻗﺎﭼﺎن‪ ،‬ﻗﺎﻧﺪاق ﯾﯧﺰﯨﺶ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫ﺗﯧﺨﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬اﻟﻠﻪ ﺧﺎﻟﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻤﯘ ﺑﯩﺮەر ۋاﻗﺘﻰ‪-‬ﺳﺎﺋﻪﺗﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻻر‪.‬‬ ‫‪Boghlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، osman_mamat :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:02 27-9-2008 :‬‬ ‫‪-73‬ﺳﯘﺋﺎل‪-73.‬ﺳﯘﺋﺎل‪.‬ﻣﻪن ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﯨﺴﺴﺘﯩﺘﻨﻰ ﺋﯩﻠﯩﻜﺘﯧﺮۇن ﺋﯘﭼﯘر ﺋﯩﻠﻤﯩﻲ ۋە ﺗﯩﺨﻨﯩﻜﯩﺴﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺋﻮﻗﯘش‬ ‫ﭘﯘﺗﺘﯜرﮔﻪن )ﺑﺎﻛﻼۋۇرﻟﯘق ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻤﻤﯘ ﺑﺎر(‪.‬ھﺎزﯨﺮ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق ﯾﯧﺰﯨﺪا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﻮﺗﯧﺮ ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪۇم ھﻪم ﺧﻪﻧﺰۇﺗﯩﻠﻰ دەرﺳﻨﻰ ﺋﺎﺳﺎس ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﺗﯩﻤﻪن)ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﻟﺪى(‪.‬داﺷﯚدﯨﻜﻰ ﭼﯩﻐﯩﻤﺪا ‪-4‬دەرﯨﺠﻪ‬ ‫ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎﻧﯩﻐﺎﺋﺎززراق ﻧﯘﻣﯘرۇم ﻛﻪم ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ‪،‬ھﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺋﯜزﻟﯜﻛﺴﯩﺰ ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن ‪.‬ﻣﻪن ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ‬ ‫ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﭼﻪت ﯾﯩﺮاق ﯾﯧﺰﯨﺪا ‪3‬ﯾﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن‪.‬ﻟﯩﻜﯩﻦ‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﯩﮕﯩﻨﯩﻢ ﻛﻪﺳﭙﯩﻢ ﺗﻪﺑﯩﺌﯩﻲ ﭘﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ‪،‬ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﯩﭙﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯚزەم ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﻪرﺳﻪم ﺑﻮﻻﻣﺪۇ؟‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎ ﯕﺎ ﻣﺎس ﻛﻪﻟﮕﯜدەك ﺑﺎﺷﻘﺎ ﭼﺎرە ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﺑﯩﻠﯩﻤﻤﯩﺰﻧﻰ ﺋﺎﺷﯘرۇپ ﻛﻪﻟﺴﻪك دەﯾﻤﻪن‪.‬ﻣﯩﻨﯩﯖﭽﻪ‬ ‫ﭘﯘرﺳﻪت ﻛﯚپ ‪،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﯘﺷﯘ ﯾﯧﺰا ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﯘچ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮى ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﺎﻗﻘﺎﻧﻼر ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪،‬ﺋﻮﻗﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻣﯘھﯩﻢ‬ ‫ﺗﯘرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪر ﻛﯚپ ‪،‬ﺗﻪﻛﺸﯜرۈش ﺗﻮﻻ‪.‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن دەپ ﯾﺎزﯨﭽﻪ ﺗﻪﺗﯩﻞ ﯾﻮق‪.‬ﺗﻮرﻻردا ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺰﭼﻪ‬ ‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮر ﺋﺎدرﯨﺴﻠﯩﺮى ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻗﺎﻟﺪۇرۇپ ﻗﻮﯾﺴﺎﯕﻼر ‪،‬رەﺧﻤﻪت‪.‬‬ ‫ﺳﯩﺰ دﯨﮕﻪن ﮔﻪپ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ "ﻓﻮرد ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ " ]‪ [Ford Foundation Scholarship‬ﺑﯩﻠﻪن ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﮕﻪ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪132‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭼﯩﻘﯩﺶ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﺳﯩﺰ ﭼﻮﻗﯘم ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ ﺋﻮﻗﯘش ﺗﺎرﯨﺨﯩﻐﺎ‪ ،‬ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﯩﺘﺎژﯨﻐﺎ )ﺋﻪڭ ﻗﯩﺴﻘﺎ ﺋﯚﻟﭽﯩﻤﻰ ‪ 3‬ﯾﯩﻠﻤﯘ ‪ 5‬ﯾﯩﻠﻤﯘ ﺋﯧﻨﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﻟﻤﺎﭘﺘﯘ( ۋە ‪ TOEFL‬ﻧﻪﺗﯩﺠﯩﯖﯩﺰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻛﯧﺮەك‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺗﯩﭙﯩﻚ ﺋﯜﻟﮕﯩﺴﯩﺪﯨﻦ زۇﻟﭙﯩﻘﺎر ﺑﺎرات ﺋﯚزﺑﺎش ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯘ ھﺎزﯨﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ھﺎۋاي ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﺪﯨﻜﻰ ھﺎۋاي ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯩﺘﯩﺪا )ﺧﺎﺗﺎ دەپ ﺳﺎﻟﻤﯩﻐﺎﻧﻼ ﺑﻮﻟﺴﺎم( "ﺟﻪﻣﺌﯩﯿﻪﺗﺸﯘﻧﺎﺳﻠﯩﻖ" ﭘﻪﻧﻠﯩﺮى ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺴﺘﯩﺮﻟﯩﻘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﯩﺪۇ‪ .‬ﺗﻮردا ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻼرﻧﯩﻤﯘ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﻐﺎن‪ .‬ﻣﺎﻗﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﯩﯟﯨﻠﯩﻜﻰ‪ ،‬ﺋﻪﻗﻠﯩﻲ‬ ‫ﺗﯩﺮەﻧﻠﯩﻜﻰ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﺋﻮﯾﻐﺎ ﺳﺎﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 02:04 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻮﻧﺴﻮﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯔ ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ‪ 3‬ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﺪە ۋە ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﯩﺰدﯨﻦ ﺑﯩﻠﻠﻪ ﺋﺎﻟﻐﺎچ ﻛﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪپ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺗﯩﺮﯨﯿﺎﻟﻼر ﺋﯩﭽﯩﺪە ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﯾﯩﺮﯨﺪا ﻗﺎﯾﺴﻰ دﯨﻨﻐﺎ ﺋﯩﺸﯩﻨﺴﯩﺰ دەپ ﺗﻮﻟﺪۇرﯨﺪﯨﻐﺎن ﻛﺎﺗﯩﻜﻰ ﯾﻮق‪.‬‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺟﻪدۋەﻟﻠﻪردﯨﻤﯘ ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﺎﺗﻪك ﯾﻮق‪ .‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ دﯨﻨﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻠﻠﯩﺘﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ ﺑﯩﺮ ﻛﺎﺗﻪﻛﭽﯩﻨﻰ ﺗﻮﻟﺪۇرۇپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﭘﻪﻗﻪت ﺑﻪزى ﯾﻪرﻟﻪردە ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ دەپ‬ ‫ﺗﻮﺷﻘﯘزﯨﺪﯨﻐﺎن ﯾﯩﺮى ﺑﺎر‪.‬‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪا ﺋﯧﯿﺘﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي راﺳﺖ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮا‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫دﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدى دﯨﮕﻪن ﯾﻪر ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪) .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺑﻪزى ﺟﻪدۋەﻟﻠﯩﺮﯨﺪە ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻮرۇﻧﻨﻰ ﻛﯚردۈم‪ .‬ﺋﯘﻻر‬ ‫دورا ﺑﯧﺮﯨﺶ ۋە ﺗﺎﻣﺎق ﺑﯧﺮﯨﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺋﯩﺸﻼردا ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﻨﯩﯔ ﺋﯘ ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﮕﻪ ﺋﯘ ﺗﯜرﻧﻰ‬ ‫ﻗﻮﺷﺘﯩﻤﯩﻜﯩﻦ دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﺪﯨﻢ‪(.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﺪارﯨﺴﻰ دۇﻧﯿﺎدﯨﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪ دۆﻟﻪﺗﻨﻰ ﺗﻪﺗﻘﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺗﯜزۈپ ﭼﯩﻘﻘﺎن‬ ‫‪) Factbook CIA's Country‬ﻣﻪرﻛﯩﺰى ﺋﺎﺧﺒﺎرات ﺋﯩﺪارﯨﺴﯩﻨﯩﯔ دۇﻧﯿﺎدﯨﻜﻰ دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﺗﻮﭘﻠﯩﻐﺎن ﭘﺎﻛﯩﺖ‬ ‫ﻛﯩﺘﺎﺑﻰ؟( ۋە ﺋﺎ ق ش دۆﻟﻪت دﯦﭙﺎرﺗﻤﯧﻨﺘﻰ )‪ (Department of State‬ﻧﯩﯔ ‪Travel State Department‬‬ ‫‪) Guide‬دۆﻟﻪت دﯦﭙﺎرﺗﻤﯧﻨﺘﯩﻨﯩﯔ ﺳﺎﯾﺎھﻪت ﯾﯧﺘﻪﻛﭽﯩﺴﻰ؟( دﯨﮕﻪن ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮﯨﺪا دۇﻧﯿﺎدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯚرپ‪-‬ﺋﺎدﯨﺘﻰ‪ ،‬دﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدى‪ ،‬ﻣﻪدﯨﻨﯩﯿﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺷﯘ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮﮔﻪ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﻧﯩﻤﯩﻠﻪرﮔﻪ دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﺋﯘﭼﯘرﻻر ﺑﺎر‪ .‬ﺑﯘ ﺋﯘﭼﯘرﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺮەر ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﻪﻟﭽﯩﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻐﺎ ۋﯨﺰا ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﻟﺴﻪ‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﺟﻪدۋەﻟﺪە دﯨﻨﻰ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدى‬ ‫دﯨﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮى ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ۋﯨﺰا ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﻪھﯟاﻟﻰ ﺧﯧﻠﻪ ﺗﻮﻧﯘش‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﺑﺎھﺎﻧﯩﺪا ﺑﯩﺮ ﺋﺎددى ﺋﯩﺸﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﯧﺮەي‪:‬‬ ‫ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﻼر ﺋﯩﻠﮕﯩﺮى ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﺎم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‪ ،‬ﻣﻪن داداﻣﻨﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ ﺧﻮﺷﻨﺎ ﺷﻪھﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﭼﻮڭ‬ ‫ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻨﻐﺎ ﺋﺎﭘﺎردﯨﻢ‪ .‬داداﻣﻨﯩﯔ ﺑﯧﺸﯩﺪا ﭼﯩﻤﻪن دوﭘﭙﺎ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘ ﯾﻪردە ﻣﺎﮔﯩﺰﯨﻦ ﺋﺎﯾﻠﯩﻨﯩﭗ ﯾﯜرﺳﻪك‪ ،‬ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﯩﮕﯩﺰ‪ ،‬ﺑﻪﺳﺘﻠﯩﻚ‪ ،‬ﻛﯩﯿﯩﻨﯩﺸﻰ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ رەﺗﻠﯩﻚ‪ ،‬ﭘﺎﻛﯩﺰ‪ ،‬ﻣﻪدﯨﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻓﺮﯨﻘﯩﻠﯩﻖ‪-‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ )ﻗﺎرا ﺗﻪﻧﻠﯩﻚ( داداﻣﻨﯩﯔ‬ ‫ﻣﯜرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﻪﯾﻨﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﻘﯩﭗ‪ ،‬ﺳﺎﻻم )‪ (Hello‬دﯨﻤﻪﺳﻤﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﺎرﻗﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﺋﯚرۈﻟﯜپ‪ ،‬ﺳﺎﻻم )‪ (Hello‬دەپ ﺟﺎۋاپ‬ ‫ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺑﯘ ﻧﺎﺗﻮﻧﯘش ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺗﻪﺋﻪﺟﺠﯜپ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎرﯨﺪۇق‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن دﯨﺌﺎﻟﻮگ ﺑﺎﺷﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎۋال ﺋﯘ ﮔﻪپ‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪133‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى‪:‬‬ ‫ ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯘﯾﻐﯘرﻣﯘ؟‬‫ ھﻪﺋﻪ )ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﯘﯾﻐﯘرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ‪ ،‬ﯾﯜزﯨﻤﯩﺰﮔﻪ دەرھﺎل ﺗﻪﺑﻪﺳﺴﯘم ﻛﻪﻟﺪى(‪.‬‬‫ﺳﯩﺰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﻠﺪﯨﯖﯩﺰ؟‬ ‫ داداﯕﻨﯩﯔ دوﭘﭙﯩﺴﯩﺪﯨﻦ ﺑﯩﻠﯩﯟاﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻪن‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘرۇن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﮔﯘاﯕﺠﻮدﯨﻜﻰ‬‫ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﺴﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪن‪ .‬ﺷﯘ ﯾﻪردە ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن‪ .‬ﮔﯘاﯕﺠﻮدا ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺧﯧﻠﻪ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺷﺨﺎﻧﺎ‪،‬‬ ‫ﻧﺎۋاﯾﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﺎر‪ .‬ﻣﻪن داﺋﯩﻢ ﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻧﺎۋاﯾﺨﺎﻧﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎن ﺋﯧﻠﯩﭗ ﯾﻪﯾﺘﯩﻢ‪ .‬ﺳﯩﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻧﯧﻨﯩﯖﻼر ﺑﻪك ﺗﻪﻣﻠﯩﻚ‬ ‫ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ ﺳﯩﺰ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﯘرت‪ ،‬دﯨﯿﺎرﻻرﻏﺎ ﺑﺎرﻏﺎﻧﻤﯘ؟‬‫ ﯾﺎق ﺑﺎرﻣﯩﻐﺎن‪ .‬ﺑﯧﺮﯨﺶ ﺋﺎرزۇﯾﯘم ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ۋاﻗﯩﺖ ﯾﺎر ﺑﻪرﻣﯩﺪى‪.‬‬‫ ھﻪ‪ ...‬ﻣﯘﻧﺪاق دەڭ‪ .‬ﺑﯩﺰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺴﯩﺰ؟‬‫ ﻛﯩﺘﺎﭘﻼرﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘپ‪ ،‬ﺧﯧﻠﻪ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن‪.‬‬‫ ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﺑﯩﺰﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ؟‬‫ ﻣﻪن ۋﯨﺰا ﺋﻪﻣﻪﻟﺪارى ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﻏﺎن ﻣﻪزﮔﯩﻠﺪە‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺟﯜپ ﺋﻪر‪-‬ﺋﺎﯾﺎل ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜپ‬‫ﺋﻮﻟﺘﯘراﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ ۋﯨﺰﯨﺴﻰ ﺋﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ﻛﻪﭘﺘﯘ‪ .‬ﺑﯘﻧﺪاق ۋﯨﺰﯨﻨﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘدا ﭘﻪﻗﻪت ﮔﯘاﯕﺠﻮدﯨﻜﻰ ﻛﻮﻧﺴﯘﻟﺨﺎﻧﯩﻼ‬ ‫ﺑﯧﺠﯩﺮەﺗﺘﻰ‪ .‬ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﯩﻐﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﺟﯘﯕﮕﯘ ﭘﺎﺳﭙﻮرﺗﻰ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﭼﯩﺮاﯾﻰ ﺟﯘﯕﮕﯘﻟﯘﻗﻘﺎ ﭘﻪﻗﻪﺗﻼ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﭼﯩﺮاي‪ ،‬ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯘزۇﻧﻠﯘﻗﯩﻐﯩﻤﯘ ھﻪﯾﺮان ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪن ﺑﯘﻧﺪاق ﻛﯩﺸﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯘﻧﺠﻰ ﻛﯚرۈﺷﯜم ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺑﯘرۇن ﺗﯩﺒﻪت‬ ‫ﻛﯩﺸﯩﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯘرۇن ﻗﻪﺗﺌﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن ھﻪم ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯩﺮ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﯾﻼﭘﻤﯘ ﺑﺎﻗﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻘﯩﭗ‪ ،‬ﻛﯩﺘﺎپ‪-‬ﻣﺎﺗﯩﺮﯾﺎل ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯩﻠﺪﯨﻢ‪ ... .‬ﺋﯩﺴﻼم‬ ‫دﯨﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﺘﯩﻘﺎد ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺗﯜرﻛﻰ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺳﯚزﻟﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺋﺎﺳﯩﯿﺎ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﺗﯜرﻛﯩﯿﻪ ﺑﯩﻠﻪن ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟﯨﺘﻰ ﺑﺎر ﻣﯩﻠﻠﻪت ‪ ...‬ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻗﯩﺰﯨﻘﺎرﻟﯩﻖ ﺗﯘﯾﯘﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪى‪ .‬دەم ﺋﯧﻠﯩﺶ ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﺪە ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪر‬ ‫ﮔﯘاﯕﺠﻮ ﺷﻪھﺮﯨﺪﯨﻤﯘ ﺑﺎرﻣﯩﺪۇ دەپ ﺳﯜرۈﺷﺘﯜرۈپ‪ ،‬ﺋﯩﺰدەپ‪ ،‬ﮔﯘاﯕﺠﻮدﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻣﻪھﻪﻟﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪...‬‬ ‫ ھﻪ‪ ...‬ﻣﯘﻧﺪاق دەڭ‪.‬‬‫)ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺋﺎز ﺳﯜﻛﯜت ﺑﺎﺳﺘﻰ‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯘ ﮔﻪﭘﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘردى‪(.‬‬ ‫ ﺳﯩﺰ ﺑﯘ ﯾﻪدە ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﺎﻣﺴﯩﺰ؟‬‫ ھﻪﺋﻪ‪.‬‬‫ ﺑﯘ دادﯨﯖﯩﺰﻣﯘ؟‬‫ ھﻪﺋﻪ‪.‬‬‫ دادﯨﯖﯩﺰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﻘﺎ ﻛﻪﭘﺘﯘ؟‬‫)ﻣﻪن داداﻣﻐﺎ ﺑﯘرۇﻟﯘپ(‬ ‫ ﺳﻪﻧﺪﯨﻦ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪﺳﯩﺮاﺗﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﻠﯩﻜﯩﯖﻨﻰ ﺳﻮراۋاﺗﯩﺪۇ؟‬‫)دادام( ‪ -‬ﻧﯩﻤﻪ دﯨﺴﻪم ﺑﻮﻻ؟‬ ‫ ﻧﯩﻤﻪ دﯨﮕﯜڭ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺷﯘﻧﻰ دﯨﺴﻪڭ ﺑﻮﻟﯩﯟﯦﺮﯨﺪۇ‪.‬‬‫)دادام( ‪ -‬ﺑﻮﻟﺪى‪ ،‬ﺋﯚزەڭ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﻜﯩﻨﻪ‪.‬‬ ‫)ﻣﻪن ﺋﯘ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻘﺎ ﺑﯘرۇﻟﯘپ(‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪134‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ دادام ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭘﺎﻛﯩﺰ‪ ،‬ﺋﺎزادە‪ ،‬ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ﺋﺎز‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﺟﻪھﻪﺗﺘﯩﻦ ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﻐﺎن دۆﻟﻪﺗﻜﻪن دﯦﺪى‪.‬‬‫ ھﻪ‪...‬‬‫)ﺋﺎرﯨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺑﯩﺮ دەم ﺳﯜﻛﯜت ﺑﺎﺳﺘﻰ‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯘ ﮔﯧﭙﯩﻨﻰ داۋاﻣﻼﺷﺘﯘردى‪(.‬‬ ‫ ﺧﻮش ﺋﻪﻣﯩﺴﻪ‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪر ﺳﻮداﯕﻼرﻧﻰ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺮﯨﯖﻼر‪.‬‬‫ ﺧﻮش‪ .‬ﺳﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن ﻛﯚرۈﺷﯜپ ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺧﯘرﺳﻪن ﺑﻮﻟﺪۇق‪ .‬ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺷﺎراﺋﯩﺖ‪ ،‬ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﯾﺎر ﺑﻪرﺳﻪ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬‫دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰﻏﯩﻤﯘ ﺑﯧﺮﯨﯔ‪ .‬ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻣﯧﮫﻤﺎن ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯜﺗﯩﯟاﻟﯩﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ رەھﻤﻪت‪ .‬ﺋﺎﻣﺎن ﺑﻮﻟﯘﯕﻼر‪ .‬ﺧﻮش‪.‬‬‫‪osman_mamat‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪14:04 27-9-2008 :‬‬

‫ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﯖﯩﺰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﻜﺴﯩﺰ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪ .‬ﺳﯩﺰ ھﺎزﯨﺮﻗﻰ ﻛﻪﺳﭙﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﺋﯩﻤﺘﯩﮫﺎن ﺑﯧﺮﯨﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮﻣﻪﻛﭻ ‪...‬‬ ‫ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪرﺳﻪم ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﯾﺎردﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟ ﻣﻪن‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ دەپ ﺋﺎﯕﻼپ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎي دﯨﮕﻪن‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، osman_mamat :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 04:04 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﯚزەﻣﻨﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﯩﺪﯨﻦ ﺑﻪرﺳﻪم ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﺎﻣﯩﺮﯨﻜﺎ ﻓﻮﻧﺪﯨﻨﯩﯔ ﯾﺎردﯨﻤﯩﮕﻪ ﺋﯩﺮﯨﺸﻜﯩﻠﻰ ﺑﻮﻻرﻣﯘ؟ ﻣﻪن‬ ‫ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ دەپ ﺋﺎﯕﻼپ ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ ﺑﺎﻗﺎي دﯨﮕﻪن‪.‬‬ ‫ﻓﻮرد ﺋﻮﻗﯘش ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﭘﻪن ﺳﺎھﻪﺳﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﺘﯩﭙﺘﯘ ھﻪم ﺗﻪﻟﯩﭙﯩﺪﯨﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﺳﭗ ﺋﺎﺗﻼپ ﺋﻮﻗﯘﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪﻧﺪەك ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎۋال ﺷﯘ‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎت ھﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ رەﺳﻤﻰ ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺷﻪرﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯧﻘﯩﯔ‪ .‬ﺑﯘ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻨﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻠﯩﻖ ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺷﻪرﺗﻰ ﺋﯚز ﯾﯘرﺗﯩﺪا ﺑﯩﺮەر ﭘﺎﯾﺪﯨﻠﯩﻖ ﺋﯩﺠﺘﯩﻤﺎﺋﻰ ﺋﯜﻧﯜم ﯾﺎرﯨﺘﺎﻻﯾﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘش دﯨﮕﻪن ﯾﯧﺮى ﺑﺎردەك ﻗﯩﻼﺗﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ‬ ‫»ﯾﯧﺰا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﯩﺮﯨﺪە ﺋﻮﻗﯘ‪-‬ﺋﻮﻗﯘﺗﯘش ﺳﯜﭘﯩﺘﯩﻨﻰ ﯾﯘﻗﯘرى ﻛﯚﺗﯜرۈش« دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺑﯩﺮەر »ﻗﺎﻟﭙﺎق« ﻧﻰ ﻛﻪﯾﮕﯜزۈپ‬ ‫ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﻗﯩﻠﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬اﻟﻠﻪ ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﯖﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺋﻮﯕﯘﺷﻠﯘق ﻗﯩﻠﺴﯘن‪.‬‬ ‫‪Bihlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪15:36 27-9-2008 :‬‬

‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪا ﺋﯧﯿﺘﻘﯩﻨﻰ ﭘﯜﺗﯜﻧﻠﻪي راﺳﺖ‪ ،‬ﺗﻮﻏﺮا‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺟﻪدۋﯨﻠﯩﺪە ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن‬ ‫دﯨﻨﻰ ‪...‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪135‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ »ﻗﺎﻣﯘس« ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎﻟﻠﯩﺮى ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪن‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﺷﯩﺮﻛﻪت ﺑﯩﻠﻪن »ھﻪﻣﻜﺎرﻟﯩﺸﯩﭗ«‪ RSS ،‬ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﯾﯩﻐﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﯾﯘﻣﺸﺎق‬ ‫دﯦﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪ ﯾﯜزﯨﻨﻰ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻣﻪن ﺑﯘ دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻛﻮﻧﺎ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﺪﯨﻢ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻛﻮﻧﺎ ﯾﯧﺰﯨﻘﻰ ﺑﯩﻠﻪن »ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻻﺗﯩﻦ ﯾﯧﺰﯨﻘﻰ« ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ‬ ‫ﺋﯧﻼن ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ھﻪﺗﺘﺎ ﻣﺎﯕﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﯧﻠﺨﻪﺗﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪» ،‬ﺳﻪن ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻪرەب ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻼﻣﺴﻪن ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻻﺗﯩﻦ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﻐﯩﻤﯘ؟ ﯾﺎﻛﻰ ‪ ULY‬ﻏﯩﻤﯘ؟ ۋەﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﯾﯧﯖﻰ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﻐﯩﻤﯘ؟« ‪ ...‬دەپ ﻣﻪﻧﺪﯨﻦ ﺧﯧﻠﻰ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ‬ ‫ﺳﻮراپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﺗﻮۋا دەپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺑﯘ دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺗﯜزﮔﻪن )ﯾﺎﻛﻰ ﻣﺎﯕﺎ ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﯜزۈش‬ ‫ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎﻟﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻪۋەﺗﯩﭗ ﺑﻪرﮔﻪن( ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺑﯩﺰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺧﯩﻞ ﯾﯧﺰﯨﻘﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﺋﯘﯾﻐﯘرﺗﯩﻠﯩﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪي ﺗﯘرۇﭘﻼ‪ ،‬ﻣﻪن ﺗﻪرﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻛﻮﻧﺎ ﯾﯧﺰﯨﻘﻰ )ﺳﯩﺰ ﻛﯚرۈۋاﺗﻘﺎن‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﯾﯧﺰﯨﻖ( ﻧﻰ ﺑﯩﺮﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﻗﺎﻟﻤﺎي ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻻﺗﯩﻦ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇﭘﺘﯘ ۋە ﺗﻮر ﺑﯧﺘﯩﺪە ﺋﯩﻜﻜﻰ ﺧﯩﻞ ﺋﯘﯾﻐﯘر‬ ‫ﯾﯧﺰﯨﻘﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮاﻗﻼ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺸﺘﯩﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻣﻪن ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪ دۇﻧﯿﺎ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﻪڭ‬ ‫ﭼﻮڭ ﻗﺎﻣﯘس )ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻪڭ زور ﺑﯩﻠﯩﻢ ﺋﺎﻣﺒﯩﺮى( ﺗﯩﻦ ﭘﺎﯾﺪﯨﻼﻧﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ‬ ‫ﺋﯧﻨﮕﻠﯩﺰ ﺗﯩﻠﻰ ﺑﯩﻠﺴﻪك ﺗﻮردﯨﻦ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﻣﻪزﻣﯘﻧﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﻠﯩﻤﻨﻰ ﺗﺎﭘﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﯘﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ »ﺋﺎﺗﺎﯾﯩﻦ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﯾﻮق« دەپ ھﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜن ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻼي‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯖﻼر‪:‬‬ ‫ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮر ﺋﺎدﯦﺮﯨﺴﻰ‪http://www.snarfer.com :‬‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش ﺋﺎدﯦﺮﯨﺴﻰ‪) http://www.snarfware.com/language.htm :‬ﺑﯘ‬ ‫ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺳﻮل ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ 23‬ﺧﯩﻞ ﯾﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرەﻟﻪﯾﺴﯩﺰ(‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى‪ RSS :‬ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯾﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪ .....ebay‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﯾﯿﺎر ﺋﯩﺰدەﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻛﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪرﺳﯩﻠﻪر‪.‬‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻛﻮﻧﺎ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﻛﯚرۈﻧﻤﻪ ﯾﯜزى ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ‬ ‫ﻛﯚرۈﻧﯩﺪۇ‪ Windows ،‬ﻧﯩﯔ ﺧﻪت ﻧﯘﺳﺨﯩﺴﻰ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎزراق ﺳﻪﺗﺮەك ﻛﯚرۈﻧﯜﺷﻰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ ،‬ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﻻﺗﯩﻦ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﺴﯩﯖﯩﺰﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Jewlaniy‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪21:44 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ »ﺋﺎﺗﺎﯾﯩﻦ ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﯩﻠﯩﻜﻰ ﯾﻮق« دەپ ھﯧﭽﻜﯩﻤﮕﻪ ﺗﯩﻨﻤﯩﻐﺎن‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ﺑﯘ ﺋﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻞ ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯜﮔﯜن ﺋﯧﻼن ﻗﯩﻼي‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯖﻼر‪:‬‬ ‫ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﻰ ﺗﯜزﮔﯜﭼﻰ ﺷﯩﺮﻛﻪﺗﻨﯩﯔ ﺗﻮر ﺋﺎدﯦﺮﯨﺴﻰ‪http://www.snarfer.com :‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪136‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرۈش ﺋﺎدﯦﺮﯨﺴﻰ‪) http://www.snarfware.com/language.htm :‬ﺑﯘ‬ ‫ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ ﺳﻮل ﺗﻪرەﭘﻜﻪ ﻗﺎرﯨﺴﯩﯖﯩﺰ ‪ 23‬ﺧﯩﻞ ﯾﯧﺰﯨﻘﺘﯩﻜﻰ ﺗﯩﻞ ﺑﻮﺧﭽﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯜﺷﯜرەﻟﻪﯾﺴﯩﺰ(‪.‬‬ ‫ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺘﺎﻟﻨﯩﯔ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى‪ RSS :‬ﺋﯘرۇﻗﯩﻨﻰ ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﯩﮕﻪن ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻨﯩﯔ ﺋﯘﭼﯘرﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﯾﯩﻐﯩﭗ ﺳﺎﻗﻠﯩﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ‪ .....ebay‬ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻧﯘرﻏﯘﻧﻠﯩﻐﺎن ﺗﻮر ﺑﯧﻜﻪﺗﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺗﻪﯾﯿﺎر ﺋﯩﺰدەﯾﺪﯨﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻠﯩﺮى ﺑﺎرﻛﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺑﻪك ﻛﯚپ‪ ،‬ﻻزﯨﻢ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﻼر ﭼﯜﺷﯜرۈپ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﻪرﺳﯩﻠﻪر‪.‬‬ ‫ﺋﻮﺑﺪان ﻧﻪرﺳﯩﻜﻪن ﻣﺎۋۇ‪ ،‬ﺑﺎﻟﺪۇرراق ﺋﺎﺷﻜﺎرﻟﯩﻤﺎي ﺑﯘﻧﻰ‪ .‬ﻣﺎﯕﺎ ﺋﻮﺑﺪاﻧﻼ ﯾﺎﻗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪ Google‬ﻧﯩﯔ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻣﺎۋۇﻣﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬ ‫‪FinalFantasy‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 09:44 27-9-2008 :‬‬

‫ﭼﻪﺗﺌﻪﻟﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﯩﯔ »ﻗﺎﻣﯘس« ﺧﺎراﻛﺘﯧﺮﻟﯩﻚ ﻣﺎﺗﯧﺮﯨﯿﺎﻟﻠﯩﺮى ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﻮﻟﯘق ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﮕﻪ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﻤﻪن‪ ،‬ﭼﯜﻧﻜﻰ‪،‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻖ ‪...‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻪﻟﯩﯿﻪﺗﺘﻪ‪ ،‬ﺋﯘ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ‪) Wikipedia‬ۋﯨﻜﯩﻘﺎﻣﯘس؟( دﯨﻦ ‪ Uyghur Language‬دەپ ﺋﯩﺰدﯨﺴﯩﻼ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﯩﻨﯩﯔ ھﻪر ﺗﯜرﻟﯜك ﯾﯧﺰﯨﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﯩﻠﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪:‬‬ ‫‪http://en.wikipedia.org/wiki/Uyghur_language‬‬ ‫‪Lion‬‬ ‫ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺳﻮرﯨﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻏﺎ ﻗﯩﻤﻤﻪﺗﻠﯩﻚ ۋاﻗﺘﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻪﺗﺮاﭘﻠﯩﻖ ﺟﺎۋاب ﺑﯩﺮﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﻼرﻏﺎ ﻛﯚﭘﺘﯩﻦ ‪-‬ﻛﯚپ‬ ‫ﺗﻪﺷﻪﻛﻜﯜر ﺋﯧﯿﺘﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر )ﺋﯘﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر(‬ ‫ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻪر؟ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﻠﻪرﻣﯘ ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﻪي دەﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮرﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻤﯘ؟‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺎۋروﭘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‪ ،‬ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﯾﻼرﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﯘﺋﺎل‪-‬ﺟﺎۋاﻧﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Lion :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 03:59 28-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﻠﯩﭗ ﺑﺎﻗﻤﺎﻗﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر )ﺋﯘﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر(‬ ‫ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻪر؟ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﻠﻪرﻣﯘ ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﻪي دەﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﻮرﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻤﯘ؟‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪137‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮﯨﺸﻜﻪ ﺳﻪۋﯨﯿﻪرﯨﻤﯩﺰ ﯾﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺋﯘﻧﯟاﻧﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﻗﺎﻟﭙﯩﻘﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﺘﺎژﯨﻤﯩﺰ ﺗﻮﺷﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺳﻮراپ‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﻰ ﻗﯩﯿﻨﯩﻤﺎي‪ ،‬ﺋﺎددﯨﺮاق‪ ،‬ﺑﯩﺰ ﺑﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺳﯘﺋﺎﻟﻼرﻧﻰ ﺳﻮرﯨﺴﺎﯕﻼر ﺑﻮﻟﻤﺎﻣﺪۇ؟‬

‫ﺑﯘ ﺳﯘﺋﺎﻟﻐﺎ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﺟﺎۋاپ ﺑﯧﺮەﻟﻤﯩﮕﯜدەﻛﻤﯩﺰ‪ .‬ﻛﻪﭼﯜرﺳﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Lion :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 03:59 28-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺎۋروﭘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‪ ،‬ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﯾﻼرﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﯘﺋﺎل‪-‬ﺟﺎۋاﻧﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﺴﺎﻗﻘﯘ ﺑﻪك ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯘ ﺗﯩﻠﻪﻛﻨﯩﯔ ﺋﻪﻣﻪﻟﮕﻪ ﺋﯧﺸﯩﺸﻰ ﻧﯘرﻏﯘن ﺋﺎﻣﯩﻠﻼرﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻖ‪ .‬ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺗﻮرداﺷﻼر ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﺋﺎۋاز ﻗﻮﺷﺎﻣﺪۇ؟‬ ‫ھﺎزﯨﺮﻣﯘ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﺪا ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪن ﭼﺎرﭼﺎپ ھﺎﻟﯩﻤﯩﺰدﯨﻦ ﻛﯧﺘﻪﯾﻼ دەپ ﻗﺎﻟﺪۇق‪ .‬ﺋﯚزەﯕﻼر ‪ 5‬ﻣﯩﻨﯘت ۋاﻗﯩﺖ‬ ‫ﺳﻪرپ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺳﯘﺋﺎل ﺳﻮراپ ﻗﻮﯾﯘپ‪ ،‬ﺑﯩﺰﻧﻰ ‪ 5‬ﺳﺎﺋﻪت ﺟﺎۋاپ ﯾﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﯩﺴﯩﻠﻪر‪...‬‬ ‫‪Alipanwar‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Lion :‬ۋاﻗﺘﻰ‪03:59 28-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر )ﺋﯘﻗﯘش ﯾﺎﻛﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺳﻪۋەﺑﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر( ﺋﯩﻨﺎق ﺋﯚﺗﻪﻣﺴﯩﻠﻪر؟ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﯩﻨﯩﻢ‪ ،‬ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﻠﻪرﻣﯘ ﯾﻪﻧﻪ ﺷﯘ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﻪي دەﯾﻤﯩﺰ‪ ،‬ۋە ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺳﻪۋەﺑﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮرﯨﻐﺎ ﺋﯩﺘﺘﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر ﻣﻪۋﺟﯘﺗﻤﯘ؟‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺋﺎرﺳﯩﺪﯨﻤﯘ ﺑﯩﺮ‪-‬ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرەﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﭘﯧﺘﯩﺸﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺸﻼر‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﭘﯧﺘﯩﺸﻤﺎﺳﻠﯩﻖ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻧﯩﯔ ﮔﯧﻨﯩﻐﺎ ﺋﯜﺗﯜپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ﻣﻪﻧﻐﯘ ﯾﯘرﺗﯘﻣﺪا ﺋﻪﻣﻪل ﺳﻮرۇﻧﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪردە‬ ‫ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫‪Boghlan‬‬

‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Lion :‬ۋاﻗﺘﻰ‪03:59 28-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺎۋروﭘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‪ ،‬ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﯾﻼرﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﯘﺋﺎل‪-‬ﺟﺎۋاﻧﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻧﺎھﺎﯾﺘﯩﻤﯘ ﺋﯘرۇﻧﻠﯘق ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺑﻮﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺋﺎﺷﯘﻻرﻧﯩﻤﯘ "ﺳﯚرەپ ﺋﻪﻛﯩﺮﮔﻪن" ﺑﻮﻟﺴﺎق ﻧﺎھﺎﯾﺘﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﯩﺶ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ھﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﺎرﭼﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪۇق‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪138‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺑﯘ ﺗﯧﻤﯩﻨﯩﯔ ﻛﯩﯿﯩﻨﻜﻰ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻠﯩﺮﯨﺪا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﺎۋروﭘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﯩﺮﯨﮕﻪ‪ ،‬ﺋﺎۋﯨﺴﺘﯩﺮاﻟﯩﯿﻪ ۋە ﺋﻪﻧﮕﯩﻠﯩﯿﻪ‬ ‫ﻗﺎﺗﺎرﻟﯩﻖ ﺟﺎﯾﻼرﻏﺎ ﺋﺎﺋﯩﺖ ﺳﯘﺋﺎل‪-‬ﺟﺎۋاﻧﻼر ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﯿﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﺴﯩﺪا ‪ HelloLife‬ﺋﯩﺠﺎدﯨﯿﻪت ﺗﻮرﯨﺪا ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﯿﻪدﯨﻜﻰ رەﭘﻐﻪت ﻏﺎزى ﺑﯩﻠﻪن ﻧﺎھﺎﯾﺘﻰ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺳﯜھﺒﻪت ﺧﺎﺗﯩﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﻼن ﻗﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﺑﯩﻜﺎر ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪپ ﻗﺎﻟﺴﺎ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﭼﺎﻻ ﭘﯘﻻ ﻛﯚرۈپ ﯾﯜرۈپ ‪10‬‬ ‫ﻗﯩﺴﯩﻤﺪەك ﻛﯚرۈپ ﺑﻮﻟﺪۇم‪ .‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﯩﻜﻪن‪ .‬ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﻪزﻣﯘﻧﻼر ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﯩﺪەك ﻛﯜﻧﺪﯨﻠﯩﻚ ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﺗﯩﻤﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ ﻟﯧﻜﯩﻦ ﮔﯩﺮﻣﺎﻧﯩﯿﻪ ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻖ ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻرﻧﯩﯔ ﺋﺎﻏﺰﯨﺪﯨﻦ ﺗﻪﭘﺴﯩﻠﻰ ﺋﻮﻣﯘﻣﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﭽﯩﮕﻪ ﺋﯩﮕﻪ‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﯘﻟﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﯾﺎۋرۇﭘﺎدﯨﻜﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ دۆﻟﻪﺗﻠﻪر ﺗﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﻮﭼﯘرﻻر ﺑﺎرﻛﻪن‪.‬ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯚرۈپ‬ ‫ﺑﯧﻘﯩﯖﻼر‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Boghlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:21 28-9-2008 :‬‬ ‫‪ ...‬ھﺎﻟﯩﻤﯘ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻤﻨﻰ ﺧﯧﻠﯩﻼ ﭼﺎرﭼﯩﺘﯩﭗ ﻗﻮﯾﺪۇق‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Boghlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 12:59 28-9-2008 :‬‬

‫ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﯩﭽﯘ ﺟﯧﻚ ﻗﺎرى؟ ﺋﺎدﯨﺮﯨﺴﯩﻨﯩﻤﯘ ﺑﯩﺮﯨﯟەﺗﻤﻪﻣﺴﯩﺰ؟‬ ‫»ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﺟﯧﻚ ﻗﺎرى«‪» ،‬ﺟﯧﻚ ﻣﻮﻟﻼم« دەۋاﻟﺴﺎﯕﻼرﻻر ﺳﯩﻠﻪرﮔﻪ ﻗﯩﺰﯨﻖ ﺗﯘﯾﯘﻻﻣﺪۇ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﺳﻪۋەپ‬ ‫ﺑﺎرﻣﯘ؟ ﺑﯘ ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺗﻪﻧﻘﯩﺘﻤﯘ ﯾﺎﻛﻰ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺑﯩﺮ ﻧﯩﻤﯩﻤﯘ؟ ﺳﯩﻠﻪر ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺋﯩﻨﻜﺎس ﯾﺎزﻏﺎﻧﺪا ﻧﯩﻤﯩﻨﻰ ﻣﻪﻗﺴﻪت‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﺎزﯨﺴﯩﻠﻪر؟ ﻗﯩﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﺴﯘن دەﭘﻤﯘ؟‬ ‫ﻣﻪن ﭘﻪﻗﻪت ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ‪ ،‬ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻤﯩﻜﯩﻦ دەپ ﻛﯜﻟﯜپ ﺑﺎﻗﺎي دﯨﺴﻪﻣﻤﯘ‬ ‫ﻛﯜﻟﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻛﯘﻟﯘﺑﺘﺎ ﺋﺎﻧﺪا‪-‬ﺳﺎﻧﺪا ﺗﻪﻛﺮار ﺋﯘﭼﺮﯨﺘﯩﭗ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ .‬ﺑﯩﺮەر ﺋﯩﺰاھﺎت ﺑﯧﺮﯨﯟەﺗﻤﻪﻣﺴﯩﻠﻪر؟‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Boghlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 01:20 28-9-2008 :‬‬

‫ﭼﺎﻗﭽﺎق ﻗﯩﻠﯩﭗ‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺋﯚز ﻛﯚرۈپ دﯨﮕﻪن ﮔﻪپ‪ ،‬ﺋﻪﮔﻪر ﻛﯚﯕﻠﯩﯖﯩﺰﮔﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺗﻪھﺮﯨﺮﻟﯩﯟﯦﺘﻪي‪ .‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎڭ‪...‬‬ ‫ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﮕﻪ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯘ ﺋﯩﺶ ﻣﯧﻨﻰ ﻣﯘﻧﺪاق ﻧﯘﻗﺘﯩﻼردﯨﻦ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪:‬‬ ‫]‪ [1‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ھﯩﭻ ﻗﺎﭼﺎن »ﻗﺎرى«‪» ،‬ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﻣﻮﻟﻼم« دەپ ﺋﺎﺗﺎپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﯕﻼر ﺋﺎۋال ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪139‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫]‪» [2‬ﻗﺎرى«‪» ،‬ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﻣﻮﻟﻼم« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮى دﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯟان ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاق ﺳﻪۋﯨﯿﻪﮔﻪ ﯾﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫»ﺋﯘﻧﯟان« ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﺗﺎش ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬دﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬ ‫]‪ [3‬ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻜﻰ ‪-2‬ﺳﻪۋەپ ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ ھﻪم ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚز ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬ ‫ﻛﻪﭼﯜرۈﯕﻼر‪ ،‬ﺗﻪﺑﯩﺌﻰ ﭘﻪن ﺋﻮﻗﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ‪ ،‬ﺋﯩﺸﻼرﻧﻰ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻧﯩﻨﭽﯩﺴﯩﮕﻪ ﺋﺎﯾﺮﯨﭗ ﺋﻮﯾﻼپ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﭼﺎﺧﭽﺎق ﻗﯩﻠﯩﺶ ﻣﯘددﯨﺌﺎرﯨﻤﯩﺰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﻨﻰ ﻛﯜﻟﺪۈرەﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ھﻪر‬ ‫ﺋﯩﺴﯩﻞ ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻘﺎ ﺑﺎي ﺧﻪﻟﻖ‪ ،‬ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﭼﺎﺧﭽﺎﻗﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯖﻤﯘ ﻛﯘرﺳﯩﻨﻰ‬ ‫ﭼﯜﺷﯜرﯨﯟەﺗﻤﻪﯾﻠﻰ‪.‬‬

‫)ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻠﻪر راﺳﺖ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ‪ ،‬ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ راﺳﺖ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ دەپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻗﺎرﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ‬ ‫ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺑﺎﻗﺴﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬

‫(‬

‫‪Jeck‬‬ ‫ﺋﺎدﯨﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﯩﺰدەش ﺧﻮﺷﯿﺎﻗﻤﯩﺪى‪ bookmarks .‬ﻗﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم ﯾﻮق ﺗﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺋﯩﺠﺎدﯨﯿﻪت ﺗﻮرى دەپ ﺋﯩﺰدەپ ﺑﯧﻘﯩﯖﻼر‬ ‫ﺋﯘﻧﺪا ﻣﻪﻧﺪەي ھﻮرۇن ﺑﯘﻟﯘۋاﻟﻤﺎي‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫»ﻗﺎرى«‪» ،‬ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﻣﻮﻟﻼم«‬ ‫ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺑﯘرۇن ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺑﯜرﻛﯜت ﻗﺎرﯨﻢ ﯾﺎزﻏﺎن‪ ،‬دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﻤﺎﭘﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮا‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دەپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪا دﯨﺴﻪ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ‬ ‫ﺑﻪك ﯾﯩﺮاﻗﺘﻪك ﺗﯘﯾﻐﯘ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ رەﺳﻤﻰ ﯾﯘﺳﯘﻧﻠﯘق ﯾﻪر ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى دﯨﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘ‪ .‬ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ‪ ،‬ﺋﯜز ﻛﯜرﮔﻪﻧﺪە ﺋﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻛﻪن‪ .‬ﺧﯘﺗﻪﻧﺪە ﺳﻪل ﻣﻮﯾﺴﯩﭙﯩﺖ ﭼﯩﺮاي‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘم دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﯩﺴﯩﻤﺪە‪ .‬ﻛﻮﭼﺎدا ھﻪﻣﻤﯩﺪە ﻗﺎرى دەﯾﺪۇ‪ .‬ﻗﻪﺷﻘﻪردە‬ ‫ھﺎﺟﯩﻢ دەﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪرﻟﻪردﯨﻜﯩﻨﻰ دەﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن دﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫ﯾﺎ ﺑﯜرﻛﯜت دەﭘﻼ ﭼﺎﻗﯩﺮﻏﯩﺴﻰ ﻛﻪﻟﻤﯩﮕﻪن ﺗﻮرداﺷﻼرﻧﯩﯔ‪ ،‬ھﻪر داﺋﯩﻢ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﯘﺳﺘﺎز‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دەپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎن‪ .‬ﺳﯩﺰ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺑﯩﺮ ﯾﯩﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﭘﻤﯩﺴﯖﯩﺰ ﺑﻮﻟﻤﺎﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﻰ ‪ oversensitive‬دەك ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﻣﯩﺠﻪزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪن‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻪك ھﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪140‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، DELL :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 07:30 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﻪزى ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﻼرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻛﯚزﻟﯩﺮﯨﻤﮕﻪ ﯾﺎش ﻛﻪﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺑﯘ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻤﺪەك ﻧﺎﻣﺮات ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼرﻏﺎ ﺋﻮﻗﯘﯾﻤﻪﻧﻼ دﯨﺴﻪ ھﯩﭽﻘﺎﻧﺪاق ﺗﻮﺳﺎﻟﻐﯘ ﯾﻮق‪ 18 .‬ﯾﺎﺷﻘﺎ‬ ‫ﻛﯩﺮﮔﯜﭼﻪ ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺑﯩﺮ ﺗﯩﯿﯩﻦ ﺋﺎﻟﻤﺎي‪ ،‬داۋاﻟﯩﻨﯩﺶ ﺳﯘﻏﯘرﺗﯩﺴﯩﻐﺎ ﻗﺎﺗﻨﺎﺷﺘﯘرﯨﺪۇ‪ .‬ﺗﻮﻟﯘق ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻨﻰ ﭘﯜﺗﺘﯜرﮔﯩﭽﻪ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺋﻪﺗﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻚ ۋە ﭼﯜﺷﻠﯜك ﺗﺎﻣﯩﻘﻰ ھﻪﻗﺴﯩﺰ‪ .‬ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻛﯧﻠﯩﺸﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﺎﭘﺘﻮﺑﯘﺳﯩﺪا ھﻪﻗﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﻰ ﺑﯧﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﺎﺗﺎ‪-‬ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯘرۇق‪-‬ﺗﯘﻗﻘﺎﻧﻠﯩﺮى ﻧﺎﻣﺮات ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﻗﻮﻟﯩﻐﺎ ﻧﻪق ﭘﯘل ﺗﯘرﻣﯘش ﯾﺎردەم‬ ‫ﭘﯘﻟﻰ ﺑﯧﺮﯨﺪۇ‪ .‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﯾﺎﻛﻰ ﺋﯩﻨﺘﺎﯾﯩﻦ ﺗﯚۋەن ﺋﯩﺠﺎرە ھﻪﻗﺘﯩﻜﻰ ﺗﯘراﻟﻐﯘ ﺋﯚﯾﻠﻪر ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﻮﻗﯘﺷﺘﺎ‪ ،‬ھﯚﻛﯜﻣﻪت ﺗﯚۋەن ﺋﯚﺳﯜﻣﻠﯜك ﻗﻪرز ﺑﯩﻠﻪن ﺗﻪﻣﯩﻨﻠﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﻗﻪرزﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘش ﭘﯜﺗﺘﯜرۈپ‪،‬‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﻪ ﭼﯩﻘﯩﭗ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﻗﺎﯾﺘﯘرﺳﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻧﺎﻣﺮاﺗﻠﯩﻖ ﺷﯘ ﻧﺎﻣﺮات ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ داۋاﻟﯩﻨﯩﺸﻘﺎ‪ ،‬ﯾﯧﺘﯩﭗ‪-‬ﻗﻮﭘﯘﺷﯩﻐﺎ‪ ،‬ﯾﯩﻤﻪك‪-‬ﺋﯩﭽﻤﯩﻜﯩﮕﻪ‪،‬‬ ‫ﺋﻮﺗﺘﯘرا ۋە ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘﺷﯩﻐﺎ ھﯩﭻ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻮﺳﻘﯘﻧﻠﯘق ﻗﯩﻼﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘ ﯾﯧﺰﯨﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﻧﺎۋادا ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‬ ‫ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﺎﺋﺎرﯨﭗ ﺗﻪرﺑﯩﯿﻪ ﺋﺎﻻﻟﯩﺸﯩﺪا ھﯩﭻ ﻣﻪﺳﯩﻠﻪ ﯾﻮق ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻧﺎﻣﺮاﺗﻠﯩﻖ دەﺳﺘﯩﺪﯨﻦ ﺋﯘ ﯾﯘرﺗﯩﺪا‬ ‫دﯦﮫﻘﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﯧﻠﯩﺸﻘﺎ ﻣﻪﺟﺒﯘر ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻟﺪﯨﻨﻘﻰ ﯾﯩﻠﻰ ﻛﯘﻟﯘﺑﺘﺎ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﻟﯩﻤﻰ دوﻛﺘﯘر ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﻣﯘۋەﭘﭙﯩﻘﯩﯿﻪت ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺴﻰ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫ﺗﺎﻻش‪-‬ﺗﺎرﺗﯩﺸﻼر ﺑﻮﻟﯘﻧﺪى‪ .‬ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺗﻪﯕﻠﯩﻤﯩﺪە‪ ،‬ﻣﯘۋەﭘﭙﯩﻘﯩﯿﻪت ﻗﺎزﯨﻨﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن ﭘﯜرﺳﻪت‪ ،‬ﺗﻪﻟﻪي‪ ،‬ﺷﺎراﺋﯩﺘﻼرﻧﯩﯖﻤﯘ‬ ‫ﺑﻪﻟﮕﯩﻠﯩﻚ دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻪﺳﯩﺮى ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ﺑﻪزﯨﻠﻪر ﻗﺎرﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮدە ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺑﯘ ﻣﻪﺳﻠﯩﻨﻰ ﺑﻪزﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ دەﭘﻼ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﺸﯩﻤﯩﺰ ﻣﯘﻣﻜﯩﻦ‪ .‬ﺋﺎﻟﻰ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎن ۋاﻗﺘﯩﻤﺪا‪ ،‬ﻣﺎرﻛﯩﺴﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻖ‬ ‫ﭘﻪﻟﺴﻪﭘﻪ دەرﺳﯩﺪە‪ ،‬دەرﺳﻠﯩﻚ ﻛﯩﺘﺎﭘﺘﺎ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ﺋﯘﻗﯘﻣﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎر ﻗﯩﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﯩﺰﮔﻪ دەرس ﺑﻪرﮔﻪن ﺋﻮﻗﯘﺗﻘﯘﭼﻰ‬ ‫»ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ ھﻪﻗﻘﯩﺪە ﻣﺎرﻛﯩﺴﻤﯘ ﺧﺎﺗﺎﻻﺷﻘﺎن دەپ ﻗﺎراﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﯩﯔ روﻟﻰ ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ‪ ،‬ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﺗﯜزﻟﻪﯕﻠﯩﻜﺘﻪ‪ ،‬ﺳﯧﺮﯨﻖ‬ ‫ﺗﻮﭘﯩﻠﯩﻖ ﺋﯩﮕﯩﺰﻟﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﮔﻪﻣﻪ ﺋﯚﯾﻠﻪردە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﻛﯧﯿﯩﻨﻠﯩﻜﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﻮﯕﻨﻪﻧﺨﻪﯾﺪە ﺗﯘﻏﯘﻟﻐﺎن ﺑﯩﺮ‬ ‫ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﻛﯧﯿﯩﻨﻠﯩﻜﯩﻨﯩﯔ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﻣﺎرﻛﯩﺲ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈپ ﺑﺎﻗﺴﯘن« دەپ دەرس ﺳﯚزﻟﻪﯾﺘﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ »ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ« ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‪-‬ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﺪا‪ ،‬ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﺎت ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ‪ 9‬ﺋﺎي ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﯩﻠﯩﻖ‬ ‫ﺋﺎﯾﺎﻟﻼر‪ ،‬ﺋﯚز ﺑﺎﻏﺮﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﻮۋﯨﻘﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ »ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى« ﺋﯜﭼﯜن‪ ،‬ﺋﯚز ھﺎﯾﺎﺗﯩﻨﻰ ﺋﺎﻟﻘﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮﯾﯘپ‪ ،‬ﺗﻮﻟﻐﺎق‬ ‫ﺗﯘﺗﻘﺎن ﻛﯜﻧﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﯩﻐﺎ ﺋﻮﻏﺮﯨﻠﯩﻘﭽﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬داﻻ‪-‬ﺗﯜزدﯨﻼ ﺋﯚزى‬ ‫ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻖ ﻛﯚرﺳﯩﺘﯩﭗ‪ ،‬ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯚزى ﺗﯘﻏﯩﺪۇ‪ .‬ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﯩﺪا‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺗﯘﻏﻤﺎي‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ‬ ‫ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﺰات ﯾﻮق‪ ،‬داﻻ‪-‬ﺗﯜز ﺟﺎﯕﮕﺎل‪-‬ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚزى ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺗﯘﻏﯩﺪۇ؟ )ﺑﯘ ﺟﺎﯕﮕﺎل‪-‬ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻖ‬ ‫»ﺗﯜرﻣﯩﺪﯨﻦ ﻗﯧﭽﯩﺶ« ﻓﯩﻠﯩﻤﻰ ‪-4‬ﺑﯚﻟﯜﻣﻰ ‪-1‬ﻗﯩﺴﯩﻤﺪا ‪ T-Bag‬ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﻛﺎﻟﯩﻔﻮرﻧﯩﯿﻪ ﺷﯩﺘﺎﺗﯩﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﺎن دﯨﺌﺎﮔﻮ ﺷﻪھﺮﯨﮕﻪ ﺳﻪﭘﻪر ﻗﯩﻠﯩﺶ ﺟﻪرﯾﺎﻧﯩﺪا‪ ،‬ﺋﯚز ﺳﻪﭘﻪردﯨﺸﯩﻨﯩﯔ ﮔﯚﺷﯩﻨﻰ ﭘﯘﺷﯘرۇپ ﯾﻪۋەﺗﻜﻪن ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻖ ﺷﯘ‪(.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪141‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﯩﻤﻪ ﺋﯜﭼﯜن ﻣﯧﻜﺴﯩﻜﯩﺪا‪ ،‬دوﺧﺘﯘرﺧﺎﻧﯩﺪا ﺗﯘﻏﻤﺎي‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﭼﯧﮕﺮﯨﺴﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻤﯩﺰات ﯾﻮق‪ ،‬داﻻ‪-‬ﺗﯜز‬ ‫ﺟﺎﯕﮕﺎل‪-‬ﻗﺎﻗﺎﺳﻠﯩﻘﺘﺎ ﺋﯚزى ﯾﺎﻟﻐﯘز ﺗﯘﻏﯩﺪۇ؟ ﺳﻪۋەپ ﺑﯩﺮﻻ‪ ،‬ﺑﻮۋاﻗﻨﯩﯔ ﻛﯩﻨﺪﯨﻚ ﻗﯧﻨﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺗﯘﭘﺮﯨﻘﯩﻐﺎ ﺗﯚﻛﯜﻟﺴﻪ‪ ،‬ﺑﯘ‬ ‫ﺑﻮۋاق ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﮔﯩﺮاژداﻧﻰ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﻰ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮى ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ...‬ﻣﺎﻧﺎ ﺑﯘ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮ‪ ،‬ﭘﯘرﺳﻪت‪ ،‬ﺗﻪﻟﻪي‪.‬‬ ‫‪Boghlan‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:33 28-9-2008 :‬‬

‫]‪.... [1‬ﺳﯩﻠﻪر ﺋﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺗﯩﺴﺎﯕﻼر ﺋﺎۋال ﺟﯧﻚ‬

‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬ ‫]‪ [1‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ھﯩﭻ ﻗﺎﭼﺎن »ق ‪...‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﯩﺪﯨﻨﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﻰ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاق ﯾﺎﻛﻰ ﺑﯘﻧﺪاق ﺋﺎﺗﯩﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰ ﻛﯧﺮەﻛﺘﻰ‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯩﻠﮕﯩﺮﯨﻤﯘ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎﺗﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎم )ﺑﯩﺮ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﺎﺗﯩﻐﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە( ﭼﯩﻦ دﯨﻠﯩﻤﺪﯨﻦ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﺪﯨﻦ ﺗﯚۋەﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﻛﻪﭼﯜرۈم ﺳﻮراﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:33 28-9-2008 :‬‬

‫]‪» [2‬ﻗﺎرى«‪» ،‬ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﻣﻮﻟﻼم« ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻟﯩﺮى‬

‫دﯨﻨﻰ ﺋﯘﻧﯟان ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪاق ﺳﻪۋﯨﯿﻪﮔﻪ ﯾﯧﺘﻪﻟﻤﯩﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪاق »ﺋﯘﻧﯟان« ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻮﺷﯘپ ﺋﺎﺗﺎش ﺋﯩﺴﻼم دﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻧﻰ‬ ‫ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ‪ ،‬دﯨﻨﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯖﭽﻪ "دﯨﻨﻨﻰ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﻪﺷﺘﯜرۈش" دەپ ﺋﺎﺗﯩﺴﺎق ﺳﻪل ۋەزﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﻛﯧﺘﻪرﻣﯩﻜﯩﻦ؟ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن دﯨﻨﯩﻲ ﺋﯩﺸﻼردا‬ ‫ﻛﯚﭘﺮەك ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻤﯩﺰ‪ ،‬راﯾﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰدا ﺋﺎزﯨﺮاﻗﻼ ﻗﺎرى ﻗﯘرﺋﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﺳﺎۋادى ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﻤﯘ ھﯚرﻣﻪﺗﻠﻪپ "ﻗﺎرى"‪،‬‬ ‫"ﻗﺎرﯨﻢ" دەپ ﺋﺎﺗﺎﯾﺘﯘق‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﮕﻪ ۋۇﺟﯘدۇﻣﺪا‪ ،‬ﺋﯧﺘﯩﻘﺎدﯨﻤﺪا "دﯨﻨﻨﻰ ﺧﯘﻧﯜﻛﻠﻪﺷﺘﯜرۈش" )ﻣﺎۋۇ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﮕﻪ ﻗﺎرﯨﺘﺎ( دﯨﮕﻪن ﮔﻪپ ﻣﻪۋﺟﯘت‬ ‫ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ‪ ،‬ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯖﻤﯘ ﺋﺎﺗﺎق ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﯩﺸﯩﺪا ﺋﻪﭘﯘ ﻗﯩﻠﯩﯟﯦﺘﯩﺸﯩﯖﻼرﻧﻰ ﺋﯚﺗﯜﻧﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:33 28-9-2008 :‬‬

‫]‪ [3‬ﯾﯘﻗﯘرﯨﺪﯨﻜﻰ ‪-2‬ﺳﻪۋەپ ﺗﯜﭘﻪﯾﻠﯩﺪﯨﻦ ھﻪم‬

‫ﺑﯘﻧﺪاق ﺗﯩﻞ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺋﺎدﯨﺘﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﺧﯘﻧﯘﻛﻠﻪﺷﺘﯜرﮔﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬ﺋﯚز ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻏﺎ ﻗﯩﻠﯩﻨﻐﺎن‬ ‫ھﺎﻗﺎرەت‪.‬‬ ‫ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻗﻪدﯨﺮﻟﻪش‪ ،‬ﻣﯘۋاﭘﯩﻖ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺶ ﺑﯘرﭼﯩﻤﯩﺰ ۋە ﻣﻪﺳﺌﯘﻟﯩﯿﺘﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺑﯩﺮەر ﺳﻮرۇن ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﺋﺎﻻﻗﯩﻠﻪردە ﺋﻪڭ ﯾﻮﻗﯩﺮى ﭼﻪﻛﺘﻪ ﺋﺎﻧﺎ ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﺎﺗﺎﻟﻐﯘﻻرﻧﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭗ ۋە ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻏﺎ ﺗﻪﺷﻪﺑﺒﯘس ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن‪ .‬ﺋﻪﭘﺴﯘس ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻢ "ﺷﻮﺧﻠﯘﻗﺘﯩﻦ ﺗﻮﻗﻠﯘق ﭼﯩﻘﺘﻰ"‪" ،‬ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﺘﯩﻦ ﺟﺎق‪-‬ﺟﺎق ﭼﯩﻘﺘﻰ" دﯨﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﺶ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪى‪ .‬ھﯧﻠﯩﻤﯘ ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﯿﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﺗﺘﯘرﻏﺎ ﻗﻮﯾﯘﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ زاﻣﺎﻧﻼرﻏﯩﭽﻪ ﺗﯩﺮﯨﻜﺘﯜرۈپ‬ ‫ﯾﯜرەرﻛﻪﻧﻤﯩﺰ‪.‬‬

‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﻛﻪﭼﯜرﯨﯟﯦﺘﯩﯖﻪ‬

‫‪........‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪142‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:55 28-9-2008 :‬‬ ‫ﺑﺎﻟﯩﻼرﻧﯩﯔ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪۈرۈﺷﻰ ﺗﻮﻏﺮا‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺪﯨﻦ ﻛﻪﭼﻜﯩﭽﻪ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دەپ ﺑﻮﻟﻐﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺋﯘﻧﺪا دﯨﺴﻪ ﺋﺎدەﻣﮕﻪ‬ ‫ﺑﻪك ﯾﯩﺮاﻗﺘﻪك ﺗﯘﯾﻐﯘ ﺑﯩﺮﯨﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ رەﺳﻤﻰ ﯾﯘﺳﯘﻧﻠﯘق ﯾﻪر ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى دﯨﮕﯜﺳﻰ ﻛﻪﻟﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ‪،‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯩﯖﻤﯘ ﺷﯘ‪ .‬ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﺋﺎﻏﯩﻨﻪ‪ ،‬ﺋﯜز ﻛﯜرﮔﻪﻧﺪە ﺋﯩﺴﯩﮕﻪ ﻛﯩﻠﯩﺪﯨﻐﯩﻨﻰ ﺷﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪرﻛﻪن‪ .‬ﺧﯘﺗﻪﻧﺪە ﺳﻪل ﻣﻮﯾﺴﯩﭙﯩﺖ ﭼﯩﺮاي‬ ‫ﺑﯩﺮﺳﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻘﺎ ﺗﻮﻏﺮا ﻛﻪﻟﺴﻪ ﺋﺎﺧﯘﻧﯘم دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﯩﺴﯩﻤﺪە‪ .‬ﻛﻮﭼﺎدا ھﻪﻣﻤﯩﺪە ﻗﺎرى دەﯾﺪۇ‪ .‬ﻗﻪﺷﻘﻪردە‬ ‫ھﺎﺟﯩﻢ دەﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﺎﺷﻘﺎ ﯾﻪرﻟﻪردﯨﻜﯩﻨﻰ دەﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﯘﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻠﻪر ﺋﺎﻟﻠﯩﻘﺎﭼﺎن دﯨﻨﻰ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﺘﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﺎ ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﯩﻤﯘ ﺗﻪرەﻗﻘﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪.‬‬ ‫دﯨﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق‪ ،‬ﺋﺎداش‪ ،‬ﺋﺎﻏﯩﯿﻨﻪ دەﯾﻠﻰ دﯨﺴﻪك )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن ﻣﻪن( ﺳﻪل ﻛﯚزﮔﻪ ﺋﯩﻠﻤﯩﻐﺎﻧﺪەك ﺑﻮپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻜﻪﻧﻤﯩﺰ‪،‬‬ ‫ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دﯨﺴﻪك ﺑﻪك ﭼﻮڭ ﺳﯜﭘﻪت‪ ،‬ﯾﺎﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪەك‪ ،‬ﻗﯧﺘﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘﯾﻐﯘ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻜﻪن )ﯾﺎش ﻗﯘراﻣﯩﻤﯩﺰﻏﺎ‬ ‫ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن(‪ ،‬ﺋﺎﻛﺎ دﯨﺴﻪك ﺗﯧﺨﻰ )ﯾﯧﺸﯩﻤﯩﺰﻣﯘ ﺑﻪك ﭘﻪرﻗﻠﻪﻧﻤﻪﯾﺪﯨﻐﯘ‪ ، (...‬ﺷﯘﯕﺎ ﺗﯜز ﻛﯚﯕﯜﻟﻠﯜك‪ ،‬ﯾﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻖ‪ ،‬ﺋﺎﻣﺮاﻗﻠﯩﻖ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﭗ دﯨﮕﻪن ﮔﻪپ ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺟﯧﻜﻨﯩﯔ ﺋﯚزﯨﻤﻰ ﺷﯘﻧﺪاق ﭼﺎﻗﭽﺎﻗﭽﻰ‪ ،‬ﺋﻮﭼﯘق ﺗﯘرﺳﺎ‪ ...‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﻠﯩﻖ ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮى‬ ‫‪ Toosoon's Joke‬دﯨﻤﻪس ﺑﻮﻟﻐﯩﯿﺪى‪...‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Eagle :‬ۋاﻗﺘﻰ‪13:33 28-9-2008 :‬‬

‫)ﻣﯧﻨﻰ ﺑﯘﻧﺪاق ﮔﻪﭘﻠﻪر راﺳﺖ ﺑﯩﺌﺎرام ﻗﯩﻠﻐﺎﭼﻘﺎ‪،‬‬

‫ﻛﯚﯕﻠﯜﻣﺪﯨﻜﻰ راﺳﺖ ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﻰ دەپ ﺑﺎﻗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻗﺎرﺷﻰ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺑﻮﻟﺴﺎ ﭘﯩﻜﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﺷﺘﯘرۇپ ﺑﺎﻗﺴﺎق ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪.‬‬

‫(‬

‫دﯨﯿﯩﻠﮕﯩﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﻮﻟﺪى‪ ،‬ﭘﯩﻜﯩﺮﻟﻪرﻧﻰ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﺴﯩﺰ ﻗﯘﺑﯘل ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻼرﻏﯩﻤﯘ "ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺑﯩﺮ دﯨﯿﯩﺶ" ﻗﺎﺋﯩﺪﯨﺴﻰ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺳﻪﻣﯩﻤﯩﻲ‪ ،‬ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ھﻪر ﺑﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺷﯘﻧﺪاق‬ ‫ﺋﺎﺗﺎش ﺗﻪﻛﻠﯩﭙﯩﻨﻰ ﺑﯧﺮﯨﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻼ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﯧﺘﯩﺸﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺗﯧﻤﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺑﯘرﯨﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﻤﻪﺳﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﺋﯜﻣﯩﺪ‬ ‫ﻗﯩﻠﯩﻤﻪن‪....‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 01:55 28-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﻰ ‪ oversensitive‬دەك ھﯩﺲ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺑﻪزى ﻣﯩﺠﻪزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯜﮔﯩﻨﯩﺸﻜﻪ‬ ‫ﺗﻪﻛﻠﯩﭗ ﺑﯩﺮﯨﻤﻪن‪ .‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﺎ ﺑﻪك ھﯧﺮﯨﭗ ﻛﯩﺘﯩﺴﯩﺰ‪.‬‬ ‫ﺳﯩﺰ ﺧﻮﺗﻪﻧﺪﯨﻦ ﺑﻮﻟﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ‪ ،‬ﻗﺎرى‪ ،‬ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻼم دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﻣﺎي‪ ،‬ﻏﻮﺟﺎم دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﯾﻮﻟﻰ ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎﺷﻘﯩﭽﻪ‬ ‫ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ ﺟﯧﻚ ﻏﻮﺟﺎم دەپ‪.‬‬

‫ﺋﺎﺗﯘﺷﺘﯩﻜﻰ ھﺎﺟﯩﻢ‪ ،‬ﻛﯘﭼﺎردﯨﻜﻰ ﻗﺎرﯨﻤﻼردﯨﻦ ﺧﻪۋﯨﺮﯨﻢ ﺑﺎر‪ .‬ﺋﯩﺸﻘﯩﻠﯩﭗ ﻣﺎﯕﺎ‬

‫»ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻢ«‪» ،‬ﺟﯧﻚ ﻣﻮﻟﻼم«‪» ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﻗﺎرﯨﻢ« دﯨﮕﻪن ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﻼر ﺋﺎﻧﭽﻪ ﺑﻪك ﯾﯧﻘﯩﻤﻠﯩﻖ ﺗﯘﯾﯘﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن‪،‬‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ‪:‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪143‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪?What is your name‬‬ ‫‪Tom Thomas. Call me‬‬

‫)ﺗﻪرﺟﯩﻤﯩﺴﻰ(‬ ‫ ﺋﯩﺴﻤﯩﯖﯩﺰ ﻧﯩﻤﻪ؟‬‫ ﺗﻮﻣﺎس‪ .‬ﺗﻮم دەﭘﻼ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﯔ‬‫دﯨﮕﻪﻧﺪەك دﯨﺌﺎﻟﻮﮔﻨﯩﯔ ﺗﻪﺳﯩﺮﯨﻤﯩﻜﯩﻦ دەﭘﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼﯾﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻐﺎ ﭼﺎﺧﭽﺎق ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺸﻨﻰ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰﻧﻰ ﻛﯚﭘﭽﯩﻠﯩﻜﻜﻪ‬ ‫»ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻢ ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻢ« دەپ ﺗﻮﻧﯘﺷﺘﯘرﻏﺎن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰﻧﻰ »ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻢ« دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻐﺎ‬ ‫ﭘﻪرۋاﯾﯩﻢ ﭘﻪﻟﻪك ﺋﯩﺪى‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺑﺎﺷﻘﯩﻼرﻧﯩﯔ ﺳﯩﺰ ﺋﯚزﯨﯖﯩﺰ ﻗﻮﻟﻼﻧﻐﺎن ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺑﯘزۇپ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺸﯩﻨﻰ ﻣﻪن ﺳﻪل ﻗﻮﺑﯘل‬ ‫ﻗﯩﻼﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪.‬‬

‫ﺑﯘﻧﻰ ﻣﻪن زﯨﯿﺎدە ﺳﻪزﮔﯜرﻟﯜك دەپ ﻗﺎرﯨﻤﺎﯾﻤﻪن‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎﺳﯩﯟەﺗﺘﻪ ﻗﺎرﺷﻰ ﺗﻪرەﭘﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻪڭ ﺗﻮﻏﺮا رەۋﯨﺸﺘﻪ ﺋﺎﺗﺎش‪ ،‬ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﺶ ﺑﯩﺮ ﺋﻪﻗﻪﻟﻠﻰ ﺳﺎۋات دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﺪﯨﻢ‪.‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺋﯧﯿﺘﻘﺎن ﮔﯧﭙﯩﯖﯩﺰ ﺋﻮرۇﻧﻠﯘق‪ ،‬ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺗﯩﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺋﯚز‪-‬ﺋﺎرا ﯾﯧﻘﯩﻨﻠﯩﻘﻨﻰ ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن‬ ‫ﺋﯩﺒﺎرﯨﻠﻪرﻧﻰ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺶ زۆرۈرﻛﻪن‪ .‬ﻧﺎۋادا ﺳﯩﺰ ‪ Tursun‬دەپ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪن ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﻣﻪن ھﯩﭻ‬ ‫ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﻪﻧﻤﻪﯾﻼ ﺳﯩﺰﻧﻰ ﺗﯘرﺳﯘﻧﺠﺎن دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮاﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎۋۇ ﺟﯧﻚ دﯨﮕﻪن ﻏﻪرﭘﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎرى‪ ،‬ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻼم‬ ‫دﯨﮕﻪن ﺷﻪرﻗﭽﻪ ھﯚرﻣﻪت ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎي ﺑﻪك ﻗﯩﯿﻨﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬

‫ﺟﯧﻚ ﻗﺎرى‪ ،‬ﺟﯧﻚ ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﺟﯧﻚ‬

‫ﻣﻮﻟﻼم ‪ ...‬ھﯩﭻ ﻗﺎﻣﻼﺷﻤﯩﻐﺎﻧﺪەﻛﻼ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﻐﺎ ﻗﺎرﯨﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺗﯘرﺳﯘﻧﺠﺎن‪ ،‬ﺗﯘرﺳﯘن ﻗﺎرى‪ ،‬ﺗﯘرﺳﯘن ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﺗﯘرﺳﯘن‬ ‫ﻣﻮﻟﻼم ‪ ...‬ﻻر ﺧﯧﻠﻪ ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﻮﯾﯩﺪﯨﻜﻪن‪.‬‬

‫)ﺗﯘرﺳﯘن ﻗﺎرى دﯨﮕﻪن ﺑﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﯾﯧﺰﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا‪» ،‬زﯨﻨﺎ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا‬

‫ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ﻗﯩﺰ« دﯨﻜﻰ ﺳﯧﯿﯩﺖ ﻗﺎرى ﺑﯩﻠﻪن زۆھﺮە ﻗﯩﺰ ﺋﯧﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪپ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﯖﯩﺰدا‪ ،‬زۆھﺮە ﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﯩﻼ ﺋﻪۋەﺗﯩﯟﯦﺘﯩﯖﻼر‪ ،‬ﻣﻪن ﺋﺎﻻي دﯨﮕﻪن ﺋﯩﺪﯨﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺗﯘرﺳﯘن ﻗﺎرى دﯨﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺑﯩﻠﻪن زۆھﺮە ﻣﯘ ﺧﯧﻠﻪ‬ ‫ﻗﺎﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻗﺎﻻﻣﺪۇ ﻧﯩﻤﻪ؟‬

‫(‬

‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪم‪ ،‬ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﯘﭘﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪي دەپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺴﺎم‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن دەپ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮەر ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﺗﯘرﺳﺎم‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا‬ ‫ﺑﯘش ﺳﯚزﻟﻪۋﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﯘﻧﺒﻪردە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯜرﻛﯜﺗﻨﯩﯔ رەﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ رازى‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎي‪ ،‬دەرﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯩﺮاﻗﻠﯩﻖ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﺎ دوﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﯾﻮل ﺗﺎﺧﺘﯩﯿﯩﺪﯨﻜﻰ ‪Eagle‬‬ ‫‪ Avenue‬دﯨﮕﻪن ﺧﻪت ﯾﻪﻧﻪ ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪا ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪144‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﯾﯜرۈپ ﻗﺎﻟﺪۇق‪.‬‬

‫ﻧﺎۋادا‬

‫ﺑﯩﻠﯩﻚ ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪا ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎي ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ‪ ،‬ﺋﻮﺑﺪاﻧﺮاق ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪە‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮەرﻛﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯘۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻤﯘ ﺗﻪس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪى‪ ،‬ﻛﻪﭼﯜرﯨﯟﯦﺘﯩﯖﻪ ‪........‬‬ ‫ﺋﯘﻧﺪا ﺋﺎﺳﺎن ﻛﻪﭼﯜرۋﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق ﺟﯘﻣﯘڭ‪ .‬ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻼن ﭼﻪﻛﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‬

‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﻟﯧﻜﯩﻦ ﻣﺎۋۇ ﺟﯧﻚ دﯨﮕﻪن ﻏﻪرﭘﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻗﺎرى‪ ،‬ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﻣﻮﻟﻼم دﯨﮕﻪن ﺷﻪرﻗﭽﻪ ھﯚرﻣﻪت ﺳﯚزﯨﻨﻰ ﻗﻮﺷﯘپ ﺑﻮﻻﻟﻤﺎي‬ ‫ﺑﻪك ﻗﯩﯿﻨﯩﻠﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﺑﯩﺮ ﻣﻪﺳﭽﯩﺖ ﺑﺎر‪ ،‬ﺋﯩﻤﺎﻣﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﻰ ﺟﻮن‪ ،‬ﺋﯩﻤﺎم ﺟﻮن دەﯾﺪﯨﻜﻪن ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﺎدەم‪ .‬دەﺳﻠﻪپ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە‬ ‫ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﺗﯘﯾﯘﻟﯘپ ﻛﻪﺗﻜﻪﻧﺘﻰ‪ .‬ھﯩﯧﯿﺖ ﻧﺎﻣﯩﺰﯨﺪا ﺑﺎرﺳﺎم ﺧﺎﺗﯩﭗ ‪ ،‬ﺋﯩﺴﻤﻰ ۋﯨﻠﯿﺎﻣﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺋﯩﺮاق‪ ،‬ﺋﺎﻓﻔﺎﻧﯩﺴﺘﺎﻧﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻗﯘرﺑﺎن ﺑﻮﻟﻐﺎن ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎﻧﻼرﻧﻰ ﺋﻪﺳﻠﻪپ ﺋﯚﺗﯜپ ﺑﻮﺷﻨﻰ ﺗﯩﻠﻠﯩﻐﯩﻠﻰ ﺗﯘرۇﭘﺘﯘ‪ ،‬ﺑﯩﺮﺳﻰ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﻰ ﺗﯘﺗﯘپ‬ ‫ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺑﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن‪ .‬ﺋﯘﻻر ﺟﯘﯕﮕﯘدﯨﻤﯘ ﻣﯘﺳﯘﻟﻤﺎن ﺑﺎرﻛﻪن ﺧﯘداﯾﯩﻢ دەپ ﯾﺎﻗﯩﺴﯩﻨﻰ ﭼﯩﺸﻠﻪپ ﻗﺎﭘﺘﯩﻜﻪن‪.‬‬ ‫ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﻧﻪﭼﭽﻪ ھﻪﭘﺘﯩﮕﯩﭽﻪ ﺋﯘ ﻣﻪﺳﭽﯩﺘﻜﻪ ﺑﺎرﻣﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺗﯘﻧﯘﺷﯘپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﻪرەﭘﻠﻪر ﻛﯩﯿﻦ ﯾﻮﻟﺪا ﺋﯘﭼﺮاپ ﻣﯩﻨﻰ‬ ‫ﺳﻪن ﺑﺎش ۋاخ ﻧﺎﻣﺎز ﺋﻮﻗﯘﻣﺎﯾﺪﯨﻜﻪﻧﺴﻪن ﺋﯘﻧﺪاق ﻗﯩﻠﻤﺎي ﺋﯘﻗﯘﺳﺎڭ ﺑﯘﻟﯩﺘﺘﻰ دﯨﺪى‪ .‬ﺷﻨﺠﺎڭ ﭘﻪدﯨﺴﯩﺪە ﺑﯩﺰدەك ﭼﺎﻻ‬ ‫زﯨﯿﺎﻟﯩﻼر ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯚﻧﻤﯩﮕﻪﭼﻜﻪ ﺋﻮﻗﯘپ ﺑﯘﻻﻟﻤﺎي ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﺴﺎم ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻪﮔﯩﭙﺮاق‪ ،‬ﺋﯩﻼﺟﻰ ﺑﻮﻟﺴﺎ‬ ‫ﺋﯘﭼﺮاﺷﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎﻧﺮاق ﻗﯩﻠﯩﭗ ﯾﯜردۈم‪ .‬ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺑﺎﻟﻼ ﺑﯩﻠﻪن دﯨﺒﺎﻏﺎ ﻛﯩﺮﺳﻪم ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ دﯨﺒﺎدا ﯾﯜرۈﯾﺪۇ‪ .‬ﻣﺎﯕﺎ ﺑﻪك‬ ‫ﻏﻪﻟﯩﺘﻪ ﺗﯘﯾﯘﻟﺪى‪ .‬ﺋﯘﻻر ﻣﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﺧﯩﺠﯩﻞ ﺑﻮﻟﯘﭘﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﯩﺪى‪ .‬ﺗﯧﺨﻰ ‪ whats up‬دەپ ﻗﯧﺸﯩﻤﻐﺎ ﻛﯩﻠﯩﭗ ﺑﯩﻠﻠﻪ‬ ‫دﯨﺒﺎﻧﻰ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﺪۇق‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻨﻤﯘ ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻗﺎﻟﺴﺎق ﻗﺎﭼﺎن ﺑﺎرﺳﺎق ﺷﯘ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺋﯘﻻرﻧﻰ ﻛﯚرﯨﻤﻪن‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﯘﻻر داﺋﯩﻢ‬ ‫ﺑﺎرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺧﺸﺎﯾﺪۇ دەپ ﺋﻮﯾﻠﯩﺪﯨﻢ‪ .‬دﯨﻘﻘﻪت ﻗﯩﻠﺴﺎم ﺋﯘﻻر ﭘﯩﯟا‪ ،‬ھﺎراق ﺋﯩﭽﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ ،‬ﻛﻮﻻ دﯨﮕﻪﻧﺪەك‬ ‫ﺋﯩﭽﯩﻤﻠﯩﻜﻠﻪرﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ دﯨﺒﺎﻧﯩﯔ ﺋﻮﺳﯘل ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎن ﯾﻪرﻧﯩﯔ ﺋﯚﭘﭽﯜرﯨﺴﯩﺪە ﺋﻮﯾﻨﯩﻐﺎﻧﻼرﻧﯩﯔ ﺋﻮﯾﯘﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈپ ﯾﺎﻛﻰ‬ ‫ﻣﯘزﯨﻜﯩﻼرﻧﻰ ﺋﺎﯕﻼپ ﺗﺎﻣﺎﺷﺎ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻗﯩﺰزﯨﻖ ﺋﯩﺸﻼرﻛﻪن ﺑﯘ دەپ ﺋﻮﯾﻼپ ﻗﻮﯾﺪۇم‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﺴﻪم‪ ،‬ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯩﻠﯩﻜﻜﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﺎ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﻗﻮﯾﯘﭘﻼ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﻪي دەپ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺴﺎم‪ ،‬ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﯘﻧﻐﺎن دەپ ﭼﯩﻘﯩﯟاﻟﺪى‪ .‬ﺑﯩﺮەر ۋاﻗﯩﺘﻠﯩﻖ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﺗﯘرﺳﺎم‪ ،‬ﺗﯧﻠﯧﯟﯨﺰوردا‬ ‫ﺑﯘش ﺳﯚزﻟﻪۋﯦﺘﯩﭙﺘﯩﻜﻪن‪ ،‬ﻣﯘﻧﺒﻪردە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺳﯩﻤﯟوﻟﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺑﯜرﻛﯜﺗﻨﯩﯔ رەﺳﯩﻤﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﺪى‪ ،‬ﺑﯘﻧﯩﯖﻐﯩﻤﯘ رازى‬ ‫ﺑﻮﻟﻤﺎي‪ ،‬دەرﯨﺰﯨﺪﯨﻦ ﺳﯩﺮﺗﻘﺎ ﻗﺎرﯨﺴﺎم‪ ،‬ﻗﯩﺰﯨﻞ ﭼﯩﺮاﻗﻠﯩﻖ ﺗﯚت ﻛﻮﭼﺎ دوﻗﻤﯘﺷﯩﺪﯨﻜﻰ ﯾﻮل ﺗﺎﺧﺘﯩﯿﯩﺪﯨﻜﻰ ‪Eagle‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪145‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫‪ Avenue‬دﯨﮕﻪن ﺧﻪت ﯾﻪﻧﻪ ﻛﯚزۈﻣﮕﻪ ﭼﯧﻠﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺪى‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯩﺴﯩﻤﺪا ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻗﺎﭘﺘﯩﻤﻪن‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺑﯩﺮ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﺮﮔﻪﻧﭽﻪ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﺎي ﻗﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﯾﯜرۈپ ﻗﺎﻟﺪۇق‪ .‬ﻧﺎۋادا ﺑﯩﻠﯩﻚ‬ ‫ﻛﯘﻟﯘﺑﯩﺪا ﺑﯘﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﯘرﯨﺸﯩﻤﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم‪ ،‬ﺋﺎﻟﺪﯨﺮﯨﻤﺎي ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ‪ ،‬ﺋﻮﺑﺪاﻧﺮاق ﺋﯩﺴﯩﻤﺪﯨﻦ ﺑﯩﺮﺳﯩﺪە ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ‬ ‫ﻛﯩﺮەرﻛﻪﻧﻤﻪن‪ .‬ﺋﻪﻣﺪى ﺑﯘۋاﻗﯩﺘﻘﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪە ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﺸﻤﯘ ﺗﻪس ﻛﯧﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪەك ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫‪ 10‬ﯾﯩﻞ ﺑﯘرۇن ﺋﯩﭽﻜﯩﺮدﯨﻜﻰ ۋاﻗﯩﺘﻼر‪ ،‬ﺗﯩﺘﺎﻧﯩﻚ دەپ ﺑﯩﺮ ﻛﯩﻨﻮ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﻮدا ﺑﻮپ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪.‬ﯾﺎﺗﺎﻗﺪﯨﻜﻰ ﺧﻪﻧﺰۇﻻر ﺑﯩﻠﻪن‬ ‫ﯾﯩﻐﯩﻠﯩﭗ ﺋﯜﺳﺘﻰ ﺋﻮﭼﯘق ﻛﯩﻨﻮﺧﺎﻧﯩﺪا ﮔﯩﺰﯨﺘﻨﯩﯔ ﺋﯜﺳﺘﯩﺪە ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﮔﺎزﯨﺮ ﭼﯧﻘﯩﭗ ﺋﻮﻟﺘﯘۇرۇپ ﻛﯚردۇق‪.‬ﻛﯩﻨﻮ ﺑﻪك‬ ‫ﺗﻪﺳﯩﺮ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﭙﺘﯘ‪ ،‬ﯾﯧﻨﯩﭗ ﺑﯩﺮﻣﯘﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﻗﯩﻠﯩﺸﯩﭙﺘﯘق‪ .‬ﺋﻪﺗﯩﺴﻰ ﺗﻮرﻏﺎ ﭼﯩﻘﯩﭙﺘﯘق‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﯾﻪرﮔﻪ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﺎي‬ ‫دﯨﺴﻪم ﺋﯘﻧﻰ ﯾﺎزﺳﺎﻣﻤﯘ ﺑﺎر‪ ،‬ﺑﯘﻧﻰ ﯾﺎزﺳﺎﻣﻤﯘ ﺑﺎر دەپ ﺗﯘرۋﯦﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺗﯩﺘﺎﻧﯩﻜﺘﯩﻜﻰ ﺟﯧﻚ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪپ ﻗﺎﭘﺘﯘ‪.‬‬ ‫‪ Jack‬دەپ ﯾﺎزﺳﺎم ﯾﻪﻧﻪ ﺑﺎر دەﯾﺪۇ‪ .‬ﺋﯜزﮔﻪرﺗﯩﭗ ‪ Jeck‬دەپ ﺧﺎﺗﺎ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺴﺎم ﺋﺎﺳﺎﻧﻼ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﺑﯘرۇﻧﻤﯘ ‪ 成龙‬ﻧﯩﯔ ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﺎﻣﺮاﻗﺘﯩﻢ ۋە ﺟﯩﻖ ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺴﭽﻪ ﺋﯩﺴﻤﯩﻤﯘ ‪ Jacky chan‬ﺋﯩﺪى‪.‬‬ ‫ﺑﯘرۇﻧﻤﯘ ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻧﭽﻪ ﻣﯘﻧﭽﻪ ‪ Jack‬دەپ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﭗ ﻛﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن‪ .‬ﺋﯘۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺗﻮرﻧﯩﯔ ھﻪﻣﻤﯩﺴﻰ ﯾﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺴﭽﻪ ﯾﺎ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪن ﺋﺎدەﻣﻤﯘ ﯾﺎ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺴﭽﻪ ﯾﺎ ﺧﻪﻧﺰۇﭼﻪ ﭘﯩﻨﯿﻨﭽﻪ ﺑﯩﺮ ﮔﻪپ ﺗﯧﭙﯩﭗ ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ھﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺧﻪﻧﺰۇ ﯾﯧﺰﯨﻘﯩﺪﯨﻤﯘ ﺗﯩﺰﯨﻤﻼﺗﻘﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ۋاﻗﯩﺘﻼر ﺋﯩﺪى‪ .‬ﺷﯘ ﺑﯩﺰﻣﯘ ﺋﯩﻨﮕﻠﯩﺰﭼﯩﻼ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﯾﺎﺗﺘﯘق‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ‬ ‫ﻛﯩﯿﯿﻦ ھﻪر ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻮر ﺑﻪﺗﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﺋﯩﺸﻠﻪﺗﻜﻪﻧﺪە ﺑﺎﺷﻘﺎ ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﻛﻪﻟﮕﻪن ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﺴﺎم ﺑﺎر ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻣﯘﺷﯘ ﺋﯜزەم ﺋﯚزﮔﻪرﺗﯩﯟاﻟﻐﺎن ﺧﺎﺗﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﻨﻰ ﺳﯩﻨﯩﺴﺎم ﺑﺎر ﭼﯩﻘﺎﺗﺘﻰ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺋﯘدۇﻟﻼ ﻣﯘﺷﯘﻧﯩﻼ‬ ‫ﺗﯩﺰﯨﻤﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘﻧﯩﯔ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎﺧﯩﺮى ﺑﯧﺮﯨﭗ ﺟﯧﻚ ﺑﯘﻻپ ﻗﺎﻟﻐﯩﻠﻰ ‪ 10‬ﯾﯩﻠﺪﯨﻦ ﺋﯧﺸﯩﭙﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﯩﺪا ﺑﯘﻧﺪا ﺋﻮﻣﯘﻣﻠﯩﺸﯩﭗ ﻛﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻨﻰ ﺑﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎم ‪ 10‬ﻛﯜن ﺋﻮﯾﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯩﺴﯩﻢ ﻗﻮﯾﺎرﻛﻪﻧﻤﻪن‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 02:00 27-9-2008 :‬‬ ‫‪-69‬ﺳﻮﺋﺎل‪ :‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ دۇﻧﯿﺎ ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﺋﻪڭ ﺋﯩﻠﻐﺎر دۆﻟﻪت ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﮕﻪ ﺋﺎﯾﺎن‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺋﯜﭼﯜن‬ ‫ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ھﻪرﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺑﯩﺮ ھﯜﺟﻪﯾﺮﯨﺴﻰ دﯨﯿﯩﺸﻜﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‪ ،‬ﯾﻪر ﺷﺎرﯨﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﺋﺎدەﻣﻠﻪرﻧﯩﯔ ﻓﯩﺰﯨﻠﻮﮔﯩﯿﯩﻠﯩﻚ ﺋﺎﻻھﯩﺪﯨﻠﯩﻜﻰ ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺷﯘﯕﺎ ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن ﺗﯩﻠﻼردا ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﯾﺎﻛﻰ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﯩﻐﺎن راﯾﻮﻧﻼرﻧﻰ ﯾﺎﺷﺎﯾﻠﻰ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎﺷﻼ ﺧﯘﺷﺎل ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺧﺎﭘﺎ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن‪ ،‬ﺑﻪزﯨﺪە ﺷﺎﺗﻠﯩﻨﯩﭗ‬ ‫ﺑﻪزﯨﺪە ﺑﯩﺌﺎرام ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎدەﻣﻠﻪر ھﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﯩﻤﯩﺰ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﻪ »ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ« ﻻرﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ‬ ‫ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪا‪ ،‬ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﻼر ﻛﻪم ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﺎﻟﻼ ﺋﺎﺗﺎ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺖ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪن‪ ،‬ﺋﻪﻣﻤﺎ‬ ‫ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ۋاﻗﺘﯩﻢ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻢ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪۋﺟﯘد ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪...‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﺪﯨﻦ رازﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﺎزادە ﯾﺎﺷﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا‪،‬‬ ‫ﺟﻪﻣﯩﯿﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺋﺎدﯨﻞ‪ ،‬ھﻪﻣﻤﻪ ﻛﯩﺸﯩﮕﻪ ﺑﯧﺮﯨﻠﮕﻪن ﭘﯘرﺳﻪت ﺑﺎپ‪-‬ﺑﺎراۋەر‪ .‬ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻗﯩﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﻨﻰ‬ ‫رازﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺧﻮﺷﺎﻟﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯩﻠﯩﺪۇ‪ .‬ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﯩﺪﯨﻦ ﻧﺎرازى ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺋﯚزﯨﮕﻪ ﻻﯾﯩﻖ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺗﯧﭙﯩﺶ‬ ‫ﭘﯘرﺳﯩﺘﻰ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ ﻛﯚپ‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﺎ ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﺪە‪ ،‬ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪر ﭼﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ھﺎﻟﻪت ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺋﻮرۇﻧﺪا ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪146‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﭘﺎرﯨﺨﻮرﻟﯘق‪ ،‬ﺗﻪﺧﺴﯩﻜﻪﺷﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺧﻮﺷﺎﻣﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺧﯩﯿﺎﻧﻪﺗﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪھﯟاﻟﻠﯩﺮى ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﯾﻮق‪ .‬ﺟﺎﭘﺎﻟﯩﻖ‪ ،‬ﺗﯩﺮﯨﺸﯩﭗ‬ ‫ﺋﯩﺸﻠﯩﮕﻪﻧﻠﻪر ﺋﺎﺳﺎﺳﻪن ﺗﯧﮕﯩﺸﻠﯩﻚ ھﻪﻗﻘﯩﮕﻪ ﺋﯧﺮﯨﺸﻪﻟﻪﯾﺪۇ‪ .‬ﺑﯘ ﯾﻪردە ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘﺷﻘﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﺶ ﺋﯜﭼﯜن‪،‬‬ ‫ﺟﯧﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺑﯘرۇن ﺋﯧﯿﺘﻘﺎﻧﺪەك »ﺑﺎﺷﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﯨﻨﻰ ﺋﺎﻟﻤﯩﺴﯩﻤﯘ ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ «.‬ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬ﻣﯘﺗﻠﻪق ﻛﯚپ ﺳﺎﻧﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر‬ ‫ﺋﯚزﯨﻨﯩﯔ ﺧﯩﺰﻣﯩﺘﻰ‪ ،‬ﺗﯘرﻣﯘﺷﯩﺪﯨﻦ رازﯨﻤﻪﻧﻠﯩﻚ ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎﺷﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼر ﺋﯚزﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺑﻮﻟﯘپ‬ ‫ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪﯨﻦ ﭘﻪﺧﯩﺮﻟﯩﻨﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯚز دۆﻟﯩﺘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﺟﻪﻣﯩﯿﯩﺘﯩﻨﻰ‪ ،‬ﻣﻪۋﺟﯘت ﺑﻮﻟﻐﺎن ﺋﺎداﻟﯩﺘﯩﻨﻰ ﺳﯚﯾﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻧﻰ ﺟﺎن ﺗﯩﻜﯩﭗ‬ ‫ﻗﻮﻏﺪاﺷﻘﺎ رازى ﺑﻮﻟﯩﺪۇ‪ .‬ھﻪم ﺑﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﻣﯘھﯩﺘﻰ )ﻣﻪﺳﯩﻠﻪن‪ ،‬ﺳﯩﻠﻪر ﮔﯘﮔﯩﻞ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﯩﻨﯩﯔ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ‬ ‫رەﺳﯩﻤﻠﯩﺮى ﯾﻮﻟﻼﻧﻐﺎن ﺗﯧﻤﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﻪن ﺋﯩﺪﯨﯖﻼر‪ (.‬ﺋﯘ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﭽﯩﻨﯩﯔ ﺋﺎﻛﺘﯩﭙﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﯘرﻏﯘﺗﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯘرۇن ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯩﻨﯩﻢ ﺋﯧﺴﯩﻤﺪە‪ 1 ،‬ﺳﺎﺋﻪﺗﻠﯩﻚ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺶ ﭘﯩﺮاﻛﺘﯩﺴﻰ ﺑﺎﺷﻼﻧﻐﺎﻧﺪا‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﺋﺎﻟﺪﯨﻐﺎ ﻛﻪﻟﺴﻪم ﭼﺎﭼﻘﺎن ﺋﯩﺸﻠﯩﻤﻪﯾﺪۇ‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺷﺎرﯨﻜﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﯩﺮﯨﭗ ﺋﻮﯕﺸﺎﺷﻘﺎ ‪ 10‬ﻣﯩﻨﯘت ﻛﯧﺘﯩﺪۇ ‪...‬‬ ‫دەپ‪ ...‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﯜﻣﻨﻰ ﺳﯚزﻟﻪپ ﺑﻪرﺳﻪم‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘۋاﺗﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ ﯾﯧﺰﯨﺸﻘﺎ ھﯧﺮﯨﺴﻤﻪن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯩﺮ ﯾﻪردە‬ ‫ﯾﯩﯖﻨﯩﻠﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺘﯧﺮ ﺳﻪﭘﻠﻪﻧﮕﻪن ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮدا‪ ،‬ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﺴﺎم‪ ،‬ﺳﺎﺋﻪﺗﯩﮕﻪ ‪ 15‬ﯾﯜﺋﻪن ﺗﯚﻟﻪﯾﺘﺘﯩﻢ‪ ،‬ﺑﯩﺮ ﺑﻪت ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ‬ ‫ﺑﺎﺳﺴﺎم‪ 3 ،‬ﯾﯜﺋﻪن ﺗﯚﻟﻪﯾﺘﺘﯩﻢ‪ .‬ﺷﯘ ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﻨﻰ ﯾﯧﺰﯨﯟاﺗﻘﺎﻧﺪا‪ ،‬ﻛﺎﻟﻼﻣﻨﯩﯔ ﯾﯧﺮﯨﻢ ﺋﯩﻘﺘﯩﺪارى ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ ھﻪﻗﻘﯩﺪە‬ ‫ﺋﻮﯾﻼﻧﺴﺎ‪ ،‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﯾﯧﺮﯨﻤﻰ‪ ،‬ھﺎزﯨﺮ ۋاﻗﯩﺖ ﺗﻮﺷﯘﺷﻘﺎ ﻗﺎﻧﭽﻪ ﻣﯩﻨﯘت ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺪۇ‪ ،‬ﯾﯧﻨﯩﻤﺪﯨﻜﻰ ﺑﯘ ﭘﯘﻟﻨﻰ ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﻐﺎ ﭼﯩﻘﯩﺸﻘﺎ‬ ‫ﺗﯚﻟﯩﯟەﺗﺴﻪم‪ ،‬ﯾﺎﻧﭽﯘﻗﺘﯩﻜﻰ ﺋﺎﺷﻘﺎن ﭘﯘﻟﯘﻣﻐﺎ ﺑﯜﮔﯜن ﭼﯜﺷﺘﻪ ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺧﯩﻠﺪﯨﻜﻰ‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺗﺎﻣﺎق ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻗﻮرﺳﯩﻘﯩﻤﻨﻰ‬ ‫ﺗﻮﻗﻠﯩﯿﺎﻻﯾﻤﻪن ‪ ...‬دﯨﮕﻪﻧﻠﻪرﻧﻰ ھﯩﺴﺎﭘﻼپ ﺋﻮﻟﺘﯘراﺗﺘﻰ‪.‬‬ ‫ﻛﯧﯿﯩﻨﻜﻰ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﯩﻤﺪە‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﯧﺴﯩﻞ ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮﻻر‪ ،‬ﺋﻪڭ ﺋﯧﺴﯩﻞ ھﻪﻗﯩﻘﻰ ﻧﻪﺷﯩﺮدﯨﻜﻰ ﯾﯘﻣﺸﺎق‬ ‫دﯦﺘﺎﻟﻼر‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪە ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت‪ ،‬ھﻪﻗﺴﯩﺰ‪ ،‬ﻻزﯨﺮﻟﯩﻖ ﭘﺮﯨﻨﺘﯧﺮﻻر‪ ،‬ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺑﺎﺳﺴﺎ ھﻪﻗﺴﯩﺰ‪ ،‬ﺑﻪزﯨﻠﻪر ‪ 1000‬ﺑﻪﺗﻠﯩﻚ‪ ،‬ﺑﯩﺮ‬ ‫ﻏﯧﺮﯨﭻ ﻗﯧﻠﯩﻨﻠﯩﻘﺘﯩﻜﻰ ﻧﻪرﺳﯩﻠﻪرﻧﻰ ﺑﯧﺴﯩﭗ ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﯩﻐﺎ ﻗﯩﺴﺘﯘرۇپ ﯾﻮﻟﯩﻐﺎ ﻣﺎﯕﻐﺎن‪ ،‬ﯾﯜك ﺗﻮﺷﯘﯾﺪﯨﻐﺎن ﻣﺎﺷﯩﻨﻼر ﺑﯧﺴﯩﺶ‬ ‫ﻗﻪﻏﻪزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮە ﻣﺎﺷﯩﻨﯩﺪﯨﻦ ﯾﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﯟاﺗﻘﺎن ‪ ...‬ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﯨﻨﻰ ﻛﯚرۈپ‪ ،‬ﺋﺎﻏﺰﯨﻤﻨﻰ ﺋﯧﭽﯩﭗ‪ ،‬ﯾﺎﻗﺎﻣﻨﻰ‬ ‫ﭼﯩﺸﻠﻪي دەﭘﻼ ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺑﯘﻧﯩﯖﺪەك ﺷﺎراﺋﯩﺘﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﻼر ﭘﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ ﯾﺎزﺳﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻟﯟەﺗﺘﻪ ﻧﺎھﺎﯾﯩﺘﻰ‬ ‫ﺋﯜﻧﯜﻣﻠﯜك ﺑﯩﻠﻪن ﯾﺎزاﻻدي‪-‬دە‪.‬‬ ‫دﯨﻤﻪك ﺑﯘ ﺳﯧﻠﯩﺸﺘﯘرۇﺷﻼردﯨﻦ‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ دﯨﻤﻪﻛﭽﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎن ﮔﯧﭙﯩﻤﻨﯩﯔ ﻣﻪﻗﺴﯩﺪﯨﻨﻰ ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺰ ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ‪.‬‬ ‫ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﯘ ﯾﻪردە ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ‪ 1‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﺘﯩﯖﯩﺰ ﺑﯩﻠﻪن‪ ،‬ﻣﯧﻨﯩﯔ ﺑﯘ ﯾﻪردە ﻛﻮﻣﭙﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا‬ ‫ﺋﻮﻟﺘﯘرﻏﺎن ‪ 1‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﺘﯩﻢ ﺋﻮﺧﺸﯩﻤﺎﯾﺪۇ‪ ،‬ھﻪر ﺋﯩﻜﻜﯩﻠﯩﺴﻰ ﺷﻪﻛﯩﻠﺪە ‪ 1‬ﺳﺎﺋﻪت ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﻣﺎھﯩﯿﻪﺗﺘﻪ‬ ‫ﺗﻪﯕﻠﻪﺷﻤﻪﯾﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺷﯘﯕﺎ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﺘﻪك ﺋﯜﻧﯜم ﯾﺎرﯨﺘﺎﻟﻤﺎﺳﻠﯩﻘﯩﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺳﻪۋەپ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺑﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰدا ﺋﻪﻣﻪس‪،‬‬ ‫ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘھﯩﺘﺘﺎ‪ .‬ﯾﻪﻧﻰ‪ ،‬دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ھﺎل ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪﯨﻜﻰ ﺋﻮﺗﺘﯘرا ھﺎل‬ ‫ﺑﯩﺮ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻖ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﯩﺪﯨﻦ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ دۆت ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺋﯘﯾﻐﯘرﻻر ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﺘﯩﻦ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ دۆت ﺋﻪﻣﻪس‪ .‬ﺑﯘﻧﻰ‬ ‫ﺋﺎﻟﻠﯩﺒﯘرۇن ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺋﻪرﻛﯩﻦ ﺳﯩﺪﯨﻖ ۋە ﺋﺎﻟﯩﻢ ﺷﯚھﺮەت ﻣﯘﺗﻪﻟﻠﯩﭗ ﺋﺎﻛﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﯩﻠﯩﯿﯩﺘﯩﺪە ﺋﯩﺴﭙﺎﺗﻼپ ﺑﻮﻟﻐﺎن‪ .‬ﮔﻪپ‬ ‫ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﻣﻪﺳﯩﻠﯩﺴﻰ‪ ،‬ﻛﯚﯕﯜل ﺋﺎزادﯨﻠﯩﻜﻰ‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪147‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﻣﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﯘﯾﻐﯘر ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﻨﻰ ﺋﯘﭼﺮاﺗﻘﺎن‪ .‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮ ﭘﻪرزەﻧﺘﻰ ﺋﻪﺳﻠﻰ ﺋﯜرۈﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﻪ ﺳﯩﻨﯩﭙﯩﺪا ﺋﻮﺗﺘﯘرا‬ ‫ھﺎل ﺳﻪۋﯨﯿﻪدە ﺋﻮﻗﯘﯾﺪﯨﻜﻪن ﺋﯩﺪۇق‪ .‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﻪﻟﮕﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ‪ ،‬ﺗﯩﻠﻐﺎ ﯾﯧﺘﯩﺸﯩﯟﯦﻠﯩﺸﻘﺎ ‪ 6‬ﺋﺎي ۋاﻗﯩﺖ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺋﯘﻧﯩﯖﺪﯨﻦ ﻛﯧﯿﯩﻦ ﺳﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﯾﯩﭽﯩﻼ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﭘﺎراﻟﻠﯩﻠﻼر ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ‪-1‬ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ‪ .‬ﯾﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ‪ ،‬دﯨﯿﺎرﯨﻤﯩﺰدا‬ ‫ﺋﻪﻻﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ﺋﯘﯾﻐﯘر ﭘﻪرزەﻧﺘﻰ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ‪ ،‬دۆﻟﻪت ﺑﻮﯾﯩﭽﻪ ﻣﯘﻧﻪۋۋەر ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ‪ ،‬دۆﻟﻪت ﺑﺎﺷﻰ‬ ‫ﺑﯘﺷﻨﯩﯔ ﺋﯚز ﻗﻮﻟﯩﺪﯨﻦ ﺗﻪﻗﺪﯨﺮﻧﺎﻣﻪ ۋە ﻣﯧﺪال ﺗﺎﭘﺸﯘرۇپ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘۋﯦﺘﯩﭙﺘﯘ‪.‬‬ ‫ﺋﺎدەم ﺋﺎﻣﯩﻠﻰ ﻣﯘھﯩﻢ ﺋﺎﻣﯩﻞ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ‪ ،‬ﺷﺎراﺋﯩﺖ ﺋﺎﻣﯩﻠﯩﮕﯩﻤﯘ ھﻪرﮔﯩﺰ ﺳﻪل ﻗﺎراﺷﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪۇ‪ .‬ﺷﯘﯕﺎ ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﻣﻪﯾﻠﻰ‬ ‫ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﻣﻪﯾﻠﻰ ﺧﯩﺰﻣﻪت ﺋﻮرﻧﯩﺪا ﺑﻮﻟﺴﯘن‪ ،‬ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘھﯩﺖ ﺋﺎﻣﺎل ﺑﺎر ﺷﯘ ﻛﯩﺸﯩﻨﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ‬ ‫ﻗﺎﺑﯩﻠﯩﯿﯩﺘﯩﻨﻰ ﺋﻪڭ زور دەرﯨﺠﯩﺪە ﺟﺎرى ﻗﯩﻠﺪۇراﻻﯾﺪﯨﻐﺎن دەرﯨﺠﯩﺪە ﺳﻪرەﻣﺠﺎﻧﻼﺷﺘﯘرﯨﻠﯩﺪۇ‪ ،‬ﺑﯧﺰﯨﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﻣﻪن ﺷﯘﯕﺎ ﺳﯩﺰﮔﻪ ﺑﯘرۇﻧﺪﯨﻦ دەپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻐﺎ ﻛﯧﻠﯩﭗ ﺋﻮﻗﯘڭ دەپ‪ .‬ﺗﯩﻞ ﺋﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻨﻼ‬ ‫ﺋﯚﺗﯜۋاﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪ ،‬ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻪﺳﭙﻰ ﺳﺎھﻪدە ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﺪا ﺋﻪڭ ﺋﻪﻻﭼﻰ ﺋﻮﻗﯘﻏﯘﭼﻰ ﺑﻮﻟﯘپ ﺋﻮﻗﯘپ ﻛﯧﺘﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﯖﯩﺰﻏﺎ‬ ‫ﺑﯘرۇﻧﺪﯨﻦ ﺗﺎرﺗﯩﭗ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﻤﻪن‪ ،‬ﮔﻪرﭼﻪ ﻣﻪن ﺳﯩﺰﻧﻰ رﯨﺌﺎل دۇﻧﯿﺎدا ﻛﯚرۈپ ﺑﺎﻗﻤﯩﻐﺎن ﺑﻮﻟﺴﺎﻣﻤﯘ‪.‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 02:00 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻣﯧﺮﯨﻜﯩﻠﯩﻘﻼرﻧﯩﯔ ﺑﯘﻧﭽﻪ »ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ« ﻻرﻧﻰ ﻗﯩﻼﻟﯩﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻨﻰ ﺋﻮﯾﻠﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪا‪ ،‬ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺗﯩﺮﯨﺸﭽﺎﻧﻠﯩﻘﯩﺪا ﯾﻪﻧﻪ‬ ‫ﻗﺎﯾﺴﻰ ﺟﺎﯾﻼر ﻛﻪم ﺋﯩﻜﻪﻧﻠﯩﻜﯩﻨﻰ ﭘﻪﻗﻪت ﺗﺎﭘﺎﻟﻤﺎي ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪... ،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﺪى ﺗﯧﭙﯩﯟاﻟﻐﺎﻧﺴﯩﺰ؟‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Bihlan :‬ۋاﻗﺘﻰ‪AM 02:00 27-9-2008 :‬‬ ‫ﺋﺎﻟﻼ ﺋﺎﺗﺎ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﺪﯨﻜﻰ ‪ 24‬ﺳﺎﺋﻪت ۋاﻗﯩﺖ ھﻪرﻗﺎﻧﺪاق ﺋﯩﻨﺴﺎﻧﻐﺎ ﻧﯩﺴﺒﻪﺗﻪن ﺋﻮﺧﺸﺎش‪ ،‬ﺋﺎدﯨﻞ ﺗﻪﻗﺴﯩﻤﻠﻪﻧﮕﻪن‪،‬‬ ‫ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻣﯧﻨﯩﯔ ﻛﯚﭘﯩﻨﭽﻪ ۋاﻗﺘﯩﻢ دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﻢ ﭼﯧﭽﯩﻠﻐﺎن ھﺎﻟﻪﺗﺘﻪ ﻣﻪۋﺟﯘد ﺑﻮﻟﯘپ ﺗﯘرﯨﺪۇ‪...‬‬ ‫دﯨﻘﻘﯩﺘﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭼﯧﭽﯩﻠﯩﺸﻰ ھﻪرﮔﯩﺰﻣﯘ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﻣﯧﯖﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﺳﻪۋەﺑﻰ ﺋﻪﻣﻪس‪ ،‬ﺑﻪﻟﻜﻰ ﺋﻪﺗﺮاﭘﺘﯩﻜﻰ ﻣﯘھﯩﺘﻨﯩﯔ‬ ‫ﺳﻪۋەﺑﻰ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﻧﻪﻗﯩﻞ‪:‬‬ ‫ھﻪي ﺟﯩﻚ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت!‬ ‫ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ‬‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪148‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫ﺟﯩﻚ ﻗﺎرﯨﻢ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜت ﻗﺎرﯨﻢ‬‫ﺟﯩﻚ ﻏﻮﺟﺎم ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜﺗﺠﺎن‬‫ﺟﯩﻚ؟ ‪ ،‬ﺑﯜرﻛﯜﺗﻜﺎ؟‬‫ ؟؟؟؟‬‫زادى ﻗﺎﻧﺪاق ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﺋﻪﻣﺪى‬ ‫؟‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜﺗﻨﻰ ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ دەﯕﻼر‪ .‬ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﺗﻤﺎي ﻧﯩﻤﻪ دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﯕﻼر ﻣﻪﯾﻠﻰ‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:35 28-9-2008 :‬‬ ‫ﻣﯩﻨﻰ ﺗﯩﻠﻼﯾﺪﯨﻐﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﻰ ﻗﺎﺗﻤﺎي ﻧﯩﻤﻪ دەپ ﭼﺎﻗﯩﺮﺳﺎﯕﻼر ﻣﻪﯾﻠﻰ‪.‬‬ ‫ﻣﺎ ﮔﻪپ ﺑﯘرۇﻧﺮاق دﯦﯿﯩﻠﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ‪ ،‬ﻣﻪن ﺑﻮﻏﻼن ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﮕﻪ ﯾﯘﻗﯘردﯨﻜﻰ ﺋﯩﻨﻜﺎﺳﯩﻤﻨﻰ ﯾﺎزﻣﺎﯾﺘﺘﯩﻢ‪.‬‬ ‫‪Jeck‬‬ ‫ﺗﯜﻧﯜﮔﯜن ﻛﻪﭼﺘﻪ ﺋﻮﻟﺘﯘرۇپ ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻣﻪﻛﻜﻪﯾﯩﻦ ﻧﯩﯔ ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﺎ ﭘﺮﯦﺰدﯨﻨﺘﻠﯩﻖ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚرۈﭘﺘﯩﻤﻪن‪90 .‬‬ ‫ﻣﯩﻨﯘت ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪﺷﺘﻰ‪ .‬ﺷﯘﻧﺪاق ﺗﯧﺘﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ‪ .‬ﺑﯩﺮدەﻣﺪﯨﻦ ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯩﻜﻜﯩﻨﭽﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻗﺎﯾﺘﯩﻼپ ﻗﺎﯾﺘﺎ ﺑﻪردى‪ .‬ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە‬ ‫دﯨﮕﻪن ﺑﻮﻟﺴﺎ ﺷﯘﻧﺪاق ﺑﻮﻟﺴﺎ دەپ ﻛﻪﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺑﻪك ﺑﯩﺮ ھﯜرﻣﻪت ﺳﯜزﻟﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﭙﻤﯘ ﻛﻪﺗﻤﻪﯾﺪﯨﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﻛﻜﻪﯾﯩﻦ‬ ‫ﻛﻪم دﯨﮕﻪﻧﺪە ‪ 10‬ﻗﯧﺘﯩﻢ »ﺋﻮﺑﺎﻣﺎ ﺑﯘﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﻤﻪﯾﺪۇ« دﯨﺪى‪ .‬ﺑﯘ ﻗﯧﺘﯩﻤﻘﻰ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻨﯩﯔ ﻓﻮﻛﯘس ﻧﻮﻗﯩﺘﯩﺴﻰ‬ ‫ﺋﺎﻣﺮﯨﻜﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﺷﻘﻰ ﺳﯩﯿﺎﺳﯩﺘﻰ ﺑﻮﻟﻐﺎچ ﻣﻪن ﺗﯧﺨﯩﻤﯘ ﯾﺎﻗﺘﯘردۇم‪ .‬ﺋﯩﺮاق‪ ،‬ﺋﯩﺮان‪ ،‬ﭼﺎۋﺷﯩﯿﻪن‪ ،‬روﺳﯩﯿﻪ‪ ،‬ﺋﺎﻓﻔﺎﻧﯩﺴﺘﺎن‪،‬‬ ‫ﭘﺎﻛﯩﺴﺘﺎن ﮔﻪﭘﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﺎﺳﺎﺳﻰ ﺗﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﻮﻟﺪى‪ -10 .‬ﺋﺎﯾﺪا ﯾﻪﻧﻪ ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮە ﺑﯘﻟﯩﺪۇ‪ ،‬ﺋﯩﻨﮕﯩﻠﯩﺴﭽﻪ‬ ‫ﭼﯜﺷﯩﻨﻪﻟﻪﯾﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺗﻮردﯨﻦ ﻛﯚرۈﯕﻼر‪.‬‬ ‫‪Eagle‬‬ ‫ﺋﻪﺳﻠﻰ ﯾﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ‪ ، Jeck :‬ۋاﻗﺘﻰ‪PM 03:15 28-9-2008 :‬‬

‫ﺋﯘﻧﺪا ﺋﺎﺳﺎن ﻛﻪﭼﯜرۋﯨﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﯩﺶ ﯾﻮق ﺟﯘﻣﯘڭ‪ .‬ﻛﯜﻧﺪە ﺑﯩﺮ ﻗﯧﺘﯩﻢ ﺋﯩﻼن ﭼﻪﻛﻤﯩﺴﯩﯖﯩﺰ‬

‫ﻣﺎﻧﺪا ﮔﻪپ ﺑﻮﻟﺴﯩﻤﯘ دەپ ﺗﯘرﯨﻠﻰ‪ ،‬ﺋﯧﻼﻧﯩﯖﯩﺰﻧﻰ ﭼﯧﻜﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﺸﺘﻪ ﭼﺎﺗﺎق ﯾﻮق‪.‬‬

‫ﺗﻮﯾﯩﯖﯩﺰﻧﯩﯔ ﭘﺎرﭼﻪ‪-‬ﭘﯘرات ﭘﯘﻟﻠﯩﺮى‬

‫ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻗﺎﻟﺴﯩﻤﯘ ﺋﻪﺟﻪپ ﺋﻪﻣﻪس‪.‬‬

‫ﺋﯚﺗﻜﻪﻧﺪە دﯦﯿﯩﺸﻜﻪن ھﯧﻠﯩﻘﻰ ﺋﯧﻼﻧﻨﻰ راﺳﺖ ﯾﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﻗﺎﯾﻠﯩﻤﯘ؟ ﺋﯚزﯨﻨﻰ ﻣﻪﻟﯘم ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻼر ﺑﻠﻮﮔﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﭘﺎﺗﻤﺎي‬ ‫ﻗﺎﻟﺴﺎ‪ ،‬ﺑﯩﻠﯩﻜﻤﯘ ﺑﺎر‪.‬‬

‫ﺋﺎزﻏﯘن ﺋﯧﻠﻜﯩﺘﺎﺑﻠﯩﺮى‬

‫‪149‬‬

‫‪dewir.blogbus.com‬‬


‫دەۋر ﺑﻠﻮﮔﻰ ﺳﯩﺰﻧﯩﯔ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺑﯩﻠﯩﻢ ﻣﻪﻧﺒﻪﯾﯩﯖﯩﺰ ﺑﯘﻟﯘپ ﻗﺎﻟﻐﯘﭼﻰ !!‬

‫)ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ھﺎزﯨﺮ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻐﺎن ﯾﯧﺮى ﯾﻮﻗﻜﻪن دەﭘﻤﯘ ﺋﻮﯾﻼپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ‪ .‬ﺧﯘددى ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻠﻪرﮔﻪ ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺳﯘﻧﻐﺎﻧﺪەك‬ ‫ﺋﯩﻠﺘﯩﻤﺎس ﺳﯘﻧﯘپ ﻛﻪﺗﺴﻪ‪ ،‬ﺳﯩﺰ ﺋﻪڭ ﯾﺎﺧﺸﯩﺴﯩﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﯟاﻟﺴﯩﯖﯩﺰ‪...‬‬

‫ھﻪي‪ ،‬ﺋﯩﭻ ﺗﺎرﻟﯩﻖ ﻗﯩﻠﻐﯘم ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﯩﺪۇ ﺟﯘﻣﯘ‬

‫ﺳﯩﺰﮔﻪ‪ .‬ﻣﻪن ﺋﻪﯾﻨﻰ ۋاﻗﯩﺘﺘﺎ ﺑﯘ ﺋﯘﺳﯘﻟﻨﻰ ﻗﻮﻟﻠﯩﻨﺎي دﯨﺴﻪم ﺗﻮرﻣﯘ‪ ،‬ﺑﻠﻮﮔﻤﯘ ﯾﻮﻗﺘﻰ‪.‬‬

‫(‬

‫‪Batush‬‬ ‫ﻣﺎۋۇ ﺗﯩﻤﯩﺪﯨﻨﻰ ﻛﯜﻧﺪە ﻧﻪﭼﭽﻪ رەت ﺋﺎﭼﯩﻤﻪن‪ ،‬ﺋﻮﻗﯘﻏﺎﻧﺴﯩﺮى ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻘﯩﻐﺎ‪ ،‬ﺋﻪﻗﯩﻞ‬ ‫ﭘﺎراﺳﯩﺘﯩﮕﻪ ﺑﯘرۇﻧﻘﯩﺪﯨﻨﻤﯘ ﺑﻪﻛﺮەك ﺋﺎﭘﺮﯨﻦ ﺋﯩﯿﺘﻤﺎي ﺗﯘراﻟﻤﺎﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺟﯩﻚ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻤﻨﯩﯔ ﻛﻪڭ ﻗﻮرﺳﺎق ‪ ،‬ﺧﯘﺷﭽﺎﻗﭽﺎق ‪،‬‬ ‫ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﻨﻰ ﺋﯚز ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺋﻪﻗﯩﻞ ۋە ﭘﻪزﯨﻠﻪت ﺟﻪھﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺰﻟﻪرﮔﻪ ﺋﯜﻟﮕﻪ ﺑﻮﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﻮﺑﺮازى ﻛﯚز ﺋﺎﻟﺪﯨﻤﻐﺎ‬ ‫ﻛﯩﻠﯩﺪۇ‪.‬‬ ‫ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﺎﻛﺎﺷﻨﯩﯔ ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ھﻪﻣﻤﻪ ﺋﯩﻨﻜﺎس ‪ ،‬ﺗﯩﻤﯩﻼرﻏﺎ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﻣﯘﺋﺎﻣﯩﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻧﻠﯩﻘﯩﻐﺎ ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻗﺎﯾﯩﻞ‬ ‫ﺑﻮﻟﺪۇم‪ ،‬ﺋﯘﻧﯩﯔ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﻧﻪﻗﯩﻠﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪزﯨﺪە ﺋﯩﺰدەپ ﺗﯩﭙﯩﭗ ﺳﯩﻠﯩﺸﺘﯘرۇپ ﻗﺎﻟﯩﻤﻪن‪ ،‬ھﻪﻗﯩﻘﻪﺗﻪن ﻛﯩﺸﯩﻨﻰ ﻗﺎﯾﯩﻞ‬ ‫ﻗﯩﻠﻐﯘدەك دەرﯨﺠﯩﺪە ﺗﻮﻏﺮا ‪ ،‬ﺑﻮﻟﻤﯩﺴﯩﻐﯘ ﺑﻪزى ﻧﻪﻗﯩﻞ ﻛﻪﻟﺘﯜرﮔﻪن ﺳﯚز ﺟﯜﻣﻠﯩﻠﻪر ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﻠﮕﻪن ﺗﯩﻤﯩﻼرﻧﻰ ﻣﻪﻧﻤﯘ‬ ‫ﺧﯩﻠﻰ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﻠﯩﻖ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﻮﻗﯘﻏﺎن ‪ ،‬ﻟﯩﻜﯩﻦ ﻣﻪن دەﻣﺎﻟﻠﯩﻘﻘﺎ ﺋﯩﺴﯩﻤﮕﻪ ﺋﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮﻻﻟﻤﯩﺪﯨﻢ‪ ،‬ﻣﯘﺷﯘﻧﺪاق ﻣﻪۋھﯘم‬ ‫دۇﻧﯿﺎدا ﺷﯘﻧﺪاق ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻞ ﺋﺎدەم ‪ ،‬رﯨﺌﺎل دۇﻧﯿﺎدا ﻗﺎﻧﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﻪﺳﺘﺎﯾﯩﺪﯨﻠﺪۇر ھﻪ !‪..‬‬ ‫ﻣﯘﺷﯘ ﻛﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﯩﯔ ﯾﺎﺧﺸﻰ ﺋﺎدەپ ‪ -‬ﭘﻪزﯨﻠﻪﺗﻠﯩﺮى ھﻪﻣﻤﻪﯾﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﺋﯜﮔﯜﻧﯩﺸﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺋﻪرزﯨﯿﺪۇ!‪..‬‬ ‫‪Alipanwar‬‬ ‫ﺟﯧﻚ دﯨﮕﻪن ﺋﯩﺴﯩﻢ ﺗﯩﺘﺎﻧﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﻪﻟﮕﻪن دەڭ‪.‬‬

‫‪-97‬ﯾﯩﻠﯩﻐﯘ دەﯾﻤﻪن‪ ،‬ﺋﺎﻗﺴﯘدﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮﺧﺎﻧﯩﺪا ھﻪﻗﺴﯩﺰ ﺋﯩﺸﻠﻪپ ﺑﯩﺮﯨﺶ ﺑﻪدﯨﻠﯩﮕﻪ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮ ﺋﯚﮔﻪﻧﮕﻪن‬ ‫ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﺷﯘ ﯾﻪردﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮدا ﻏﻪﯾﺮەت ﺗﻮﺧﺘﻰ ﻛﻪﻧﺠﻰ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﯨﻢ ﺋﺎﺳﺴﯧﻤﺒﯧﻞ ﺗﯩﻠﯩﺪا ﺗﯜزﮔﻪن ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﺧﻪت‬ ‫ﯾﺎﺳﺎش ﭘﯩﺮوﮔﯩﺮاﻣﻤﯩﺴﻰ ۋە ‪ UHK213‬ﻧﺎﺑﻮر ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺴﻰ ﺑﺎر ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ﻣﻪﻧﻤﯘ ﺷﯘﻧﺪاق ﭘﯩﺮوﮔﺮاﻣﻤﺎ ﺗﯜزۈﺷﻨﻰ‬ ‫ﺋﯚﮔﯩﻨﯩﻤﻪن دەپ‪ ،‬ﻛﯜﻧﺪە ﺋﯘ ﭘﯩﺮوﮔﺮاﻣﻤﯩﻨﯩﯔ ‪ 16‬ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻮدﯨﻨﻰ ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ‪ .‬ﺋﺎﺧﯩﺮى ‪ 16‬ﺳﯧﺴﺘﯩﻤﯩﺪﯨﻜﻰ‬ ‫ﻛﻮدﻧﻰ ﺋﺎزراق ﭼﯜﺷﯩﻨﯩﭗ‪ DOS ،‬ﻣﯘھﯩﺘﯩﺪا ﺋﯩﺸﻠﻪﯾﺪﯨﻐﺎن ‪ Foxpro‬ﻧﯩﯔ ﺑﺎرﻟﯩﻖ ﺑﯘﯾﺮۇﻗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ‬ ‫ﭼﯩﻘﻘﺎن ﺋﯩﺪﯨﻢ‪ .‬ﻣﻪﺳﻠﻪن‪ :‬ﺳﺎﻧﻠﯩﻖ ﻣﻪﻟﯘﻣﺎت ﻗﯘرۇش ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯩﺸﻠﯩﺘﯩﺪﯨﻐﺎن ‪ Create‬دﯨﮕﻪن ﺑﯘﯾﺮۇﻗﻨﻰ ﺑﯩﺮﯨﺶ‬ ‫ﺋﯜﭼﯜن ‪ DOS‬ﺑﯘﯾﺮۇق ﻗﯘرﯨﻐﺎ »ﻗﯘر« دەپ ﺋﯘﯾﻐﯘرﭼﻪ ﯾﺎزﺳﯩﻼ ﺑﻮﻻﺗﺘﻰ‪ .‬ﻛﯩﯿﯩﻦ ﺋﯘ ﯾﻪردﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯨﻐﺎﻧﺪا ﺋﯘ‬ ‫ﭘﯩﺮوﮔﯩﺮاﻣﻤﯩﻼرﻧﻰ ﻛﯚﭼﯜرۋاﻻي دﯨﺴﻪم‪ ،‬ﺋﯘ ﺋﻪﺑﺠﻪق ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮﻧﯩﯔ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺴﻜﺎ ﻗﻮزﻏﺎﺗﻘﯘﭼﯩﺴﻰ ﯾﻮق ﺋﯩﻜﻪن‪ .‬ھﻪم‬ ‫ﻛﻮﻣﭙﯩﯿﯘﺗﯧﺮﯨﻢ ﺑﻮﻟﻤﯩﻐﺎﻧﺪﯨﻜﯩﻦ ﯾﯘﻣﺸﺎق دﯦﺴﻜﯩﻐﺎ ﻛﯚﭼﯜرۋاﻟﻐﺎن ﻧﻪرﺳﯩﻨﻰ ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰ ﺑﻮﻟﻤﺎﯾﺪﯨﻜﻪن دەپ‪ ،‬ﺋﯘﻻرﻧﯩﯔ ‪16‬‬ ‫ﻟ